خاتىرات

(5-ئىيۇل قەتلىئامىنى ئەسلەپ)
ئابدۇلھەكىم كاشغەرى
*
ئۇنۇتما باغرى قان ئۇيغۇر ، ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى،
ۋەسىيەت قىل، كېلەچەك ئەۋلادىڭ ئالسۇن ئىنتىقامىنى.
*
ئۇنۇتما ئۇ كۈنكى ۋەھشەتنى، نى جانلار كەتتى ئارماندا،
ئادالەت، ھەق – تەلەپنىڭ بەدىلى ئۇ قىپقىزىل قاننى.
*
ھۆكۈمەت، ساقچى -ئەسكەر ۋە پۇقراسى باشلىدى قىرغىن ،
كۆرۈڭ! ئۇيغۇرغا قارشى پۈتۈن «خەن» نىڭ ئىتتىپاقىنى.
*
«بېشىنى كۆتۈرسە ئات، رەھىم-شەپقەت قىلما ئۇيغۇرغا!»
ئەمىر بەردى ئۇ ۋاڭ جاللات، نۇر بەكرى «شىڭ » دەپ قويدى ئىمزانى.
*
چاناپ چەيداۋدا تۇرغاننى، ئېتىپ ئۆلتۈردى قاچقاننى،
گۇناھى ئۇيغۇر بولغانلىق، كىم ئاڭلار دەرت-پىغانىنى؟
*
كىچىك بالا، ئوغۇل -قىز ئايرىماي ئۇردى، ئۆلتۈردى،
تۇتۇپ باغلاپ ئېلىپ كەتتى بېسىپ كەچتە ماكانىنى.
*
قىيىن قىستاقتا جان بەردى نىچە ياش، تۈرمە -زىنداندا ،
چېكىپ ئىسسىقتا ئاچ -ئۇسسۇز، جەھەننەمنىڭ ئازابىنى.
*
«بالام نەدە؟» دېبان يىغلار ئانا پەرياد ئۇرۇپ كۈن-تۈن،
مۇسىبەت، بۇ قارا ماتەم، قاناتتى دىل ياراسىنى.
*
خازان بولدى مىسال گۈلباغ ۋاقىتسىز جۇت -شىۋىرغاندىن،
ئۆچۈردى شۇم قارا بوران، ئۆيۈمنىڭ شام -چىراغىنى.
*
قېنى «ئىنسان ھەق -ھوقۇقى » دەپ ئالەمگە جەھرە سالغانلار؟
ئۈنى چىقماس ئىمىش، مەنپەت يېغىدا ياغلىسا گالىنى،
*
بىلىپ قوي مىللىتىم، كىم دوست، ئېغىر كۈندە ئۇزاتتى قول؟
ئەنە تارىخ گۇۋاھ، كۆردۈڭ قېرىندىشىڭ «ۋاپاسىنى».
*
ئادالەت بولمىغان يەردە، بولمىغاي ئابادىلىق ئەسلا،
كۆرەش قىل، بول پىدائىي-جان، يوقاتما ئىتىقادىڭنى.
*
ئۇنۇتما ھەم ئۇنۇتتۇرما، ئۇ قانلىق پاجىئەنى ھېچ،
كلۇر پۇرسەتكى بەرگەيمىز ئۇ مەلئۇنلار جازاسىنى.
*
ئازاتلىق يولى مۈشكۈلدۇر، زەپەر دائىم مەردى-مەيداننىڭ،
ھالاۋەت بولمىغاي ھەرگىز، چەكمىسەڭ جەۋرۇ -جاپاسىنى.
*
يېزىلغاي قان بىلەن تارىخ، كۆرەشسىز ھېچ نىجاتلىق يوق،
ئەجىرسىز بەخىت – تەلەينىڭ سۈرەلمەسسەن سافاسىنى.
*
ئۈمۈدۋار بول كېلەچەكتىن، نىجاتلىق بەرگۈچى ئاللاھ ،
شۇ سەۋدايى شائىرنىڭ، ئىجابەت قىل دۇئاسىنى.
*
2017-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىستانبۇل