يېڭى دەۋىر قوشاقلىرى

ئابدۇلھەكىم كاشغەرىي
*
دېدى« ئەمدى كەڭچىللىك
ھەر ئىشقا مۇمكىنچىلىك
چىگرانى ئېچىۋەتتۇق
يوق رەسمىيەت قىيىنچىلىق
*
ئالغىن مانا پاسپورتۇڭ
ساغلام بولسا باش -پۇتۇڭ
چىقىپ چەتكە ھەركەت قىل
قوغدۇلىدۇ ھوقۇقۇڭ
*
پۇل تاپ ، يول تاپ زېرىكمە
سەبىرلىك بول تېرىكمە
سەرمايە قىل پۇلۇڭنى
يەرگە كۆمۈپ چىرىتمە»
*
دېگەنلىرى توزاقكەن
كۆرۈنمىگەن توساقكەن
يالغانچىلىق ھۈنىرى
دۇرۇسلۇقتىن ئۇزاقكەن
*
يەنە كەتتۇق ساختىغا
چۈشۈپ ئالدام خالتىغا
ئىبرەت ئالماي تارىختىن
تۇتقۇن بولدۇق ساقچىغا
*
تەھدىد سېلىپ ھەممىگە
(چوماق بېرىپ تەلۋىگە)
دەرھال تاپشۇر پاسپورتنى»
دېدى كىرىپ ئۆي -ئۆيگە
*
سولىۋالدى لاگىرغا
دەرس بېرەرمىش «جاھىلغا»
ئۈچ يىل بەش يىل ياتارسەن
گەپ ياندۇرساڭ كادىرغا
*
ئىسمى تەلىم -تەربىيە
ئىشىكتە ساقچى -ئارمىيە
«ئىقرار قىلساڭ كەڭچىللىك»
ئاكتىپ بولساڭ غەم يېمە
*
«ھاجىم» بولدۇق مەككىدە
يېتىپ رۇبات -تەككىدە
ئەمدى سۇئال -سوراق بار
كۆڭۈل دەككە -دۈككىدە
*
«تۈركىيەگە باردىڭىز
قەيەرلەردە قالدىڭىز؟
سۆزلەڭ ئەمدى بارىنى
ئويلاشقا كۆپ ۋاختىڭىز…»
*
دۈشمەن بولدى دوست -ئاداش
ھەتتا تۇققان-قېرىنداش
شۇم سىياسەت روھى بۇ
يوق ساۋاقداش، كەسىپداش
*
«قېنى پاش قىل داداڭنى
تۇغۇپ باققان ئاناڭنى
تۇتۇپ بېرىپ قۇتۇلغىن
ئاكا -ئىنى، تاغاڭنى…»
*
باينى قاماپ زىندانغا
تويغۇزدى پۇل تاپقانغا
زىيالىمۇ تۈرمىدە
تارىخ، كىتاب يازغانغا
*
خوتۇن بالا قەيەردە؟
ئۇلار بىلمەس سەن نەردە؟
مۇنداق زۇلۇم بارمۇ ھېچ
مۇشۇ ئەسىر-دەۋىردە
*
يېتىم قالدى بالىلار
يىغلار ئاتا -ئانىلار
«بۆك ئال» دېسە كاللىنى
كېسىپ كېلەر غالچىلار
*
زىندان بولدى ھەممەيەر
قامالغاندىن يوق خەۋەر
تەمتىلەيمىز ئەمادەك
ھەرقەدەمدە بىر خەتەر
*
دەيدۇ قوشماق تۇققان بول
بىر چۈشەكتە ياتقان بول
«ئىتتىپاقلىق» دېگەن شۇ
سەنمۇ ھەسسە قاتقان بول
*
دادام ئالغانمۇ ئاناڭنى
تاغام ئالغانمۇ ھامماڭنى
قانداق قوشماق تۇققان بىز
ئاكام ئالغانمۇ ئاچاڭنى
*
ئوخشىمايدۇ ئېرقىمىز
يا رەڭگىمىز تىلىمىز
قايناتساڭمۇ قازاندا
قوشۇلمايدۇ قېنىمىز
*
دەرت تۈگىمەس يازغانغا
سانىغانغا -ئېيتقانغا
دىلدا نەپرەت ئۆچمەنلىك
خىتاي مەلئۇن شەيتانغا
*
بۇ قارا كۈنمۇ پۈتەر
بىزگىمۇ بەخىت كۈلەر
«بۇ بوتۇڭلارمۇ ئۆلەر
بىزنىڭ بالىلارمۇ كۈلەر» [1]
*
2018-يىلى ئاۋغۇست، ئىستانبۇل
[1] خەلق قوشاقلىرىدىن