You Are Here: Home » ئومۇمى » زىددىيەت (ھىجرىيە كالېندارى توغرىسدا)

زىددىيەت (ھىجرىيە كالېندارى توغرىسدا)

nik-aziz2[1]ئابلىمىت غۇجابدۇللا (قاراقاش)

مەزكۇر ماقالىدىكى مۇددىئا : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ مىسلىسىز تىزلىشىشى نەتىجىسىدە جۇڭگۇ تەۋەلىگىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا رۇزى-رامىزان ئايلىرىنى باشلاش-ئاخىرلاشتۇرۇشتا ياكى قۇربان ھېيت نامىزى ئۇقۇشتا مەككىدىكى ھېيت-ئايەم كۈنلەرنى ئاساس قىلىش ئەھۋاللىرى كۈرۈلىۋاتىدۇ، بۇ خىل بۈلۈنۈش،گاگىراش ئەھۋاللىرى بۇلۇپمۇ رۇزى-رامىزان ئايلىرىدا ئىنتايىن ئېغىر.

جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيىتى ھىجرىيە كالېندارىنى ئالدىغا نەچچە يۈز يىللىق تۈزىۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىلمىدىم، خەلق ئارىسىدىكى بۇ نىداغا  ھەقىقەتەن قۇلاق سالمىدى، ھەل قىلىدىغان ياكى قايىل قىلىدىغان جاۋابنىمۇ بەرمىدى.

شىنجاڭ تەۋەلىگىدىكى مەن بىلىدىغان  ئۇقۇمۇشلۇق ئالىم كىشىلەرمۇ نىمە ئۈچۈن بۇ ئىككى رايۇنىدىكى بۇ ھېيت-ئايەم كۈنلەرنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىغا  «ۋاقىت پەرقىدىن شۇنداق بولغان،مەككىدە بىزدىن بىر كۈن بۇرۇن ئاي كۈرۈنىدىكەن» دەپ « يېرىمى راست-يېرىمى گۇمانلىق»جاۋابنى بىرىپ كىشىلەرنى ئەللەيلىدى…. خەلق يەنىلا بۈلۈنۈش ئىچىدە قېلىۋەردى….گاڭگىرىدى…

شۇنىڭ بىلەن مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئاز-تۇلا بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن قايتىدىن بۇ مەسىلىگە تۇتۇش قىلىپ باقتىم ، ئاللاھنىڭ شەپقىتى بىلەن ئاخىرى بۇ مەسىلىنىڭ توغرا جاۋابى تېپىپ چىقىلدى:

بۇنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز تۈۋەندىكىلەر دىققىتىڭىزدە بولسۇن!

(مەن پەقەت  ئاددى بىر ئاستىرونومىيە ھەۋەسكارى مۇسۇلمان ئۇيغۇرمەن، بىلىم سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىدىن يازغانلىرىمدا بەزىبىر خاتالىقلارنىڭ بۇلىشى تەبىئى، ئەزىزلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ماڭا تۈزىتىش تەنقىدىي پىكىر بىرىشىنى ئۈمىت  قىلىمەن!)

ئېلخەت ئادىرىسىم:

1843487071@qq.com

چ چ: 1843487071

بىرىنچى باپ

بىرىنچى خىل زىتلىق

جۇڭگۇ ئىسلام جەمىيىتى تۈزگەن ھىجرىيە كالېندارىدا مىلادى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى   شەۋۋال ئايغا بىر يەنى رۇزى ھېيت نامىزى ئۇقۇلىدىغان كۈن دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى.ئۇنداقتا 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر كۈن تۇلۇق رۇزا تۇتىلاتتى،ئەپسۇس 30-چىسلا ئازساندىكى كىشىلەر رۇزىسىنى سۇندۇرۇپ بۇ بىر كۈندە رۇزا تۇتۇشنى ھارام دەپ بىلىپ كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئۆز ئەتراپىغا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. بۇ خىل كىشىلەر گەرچە ئازساندا بولسىمۇ بىراق يىلدىن – يىلغا بۇلارنىڭ سانى خېلىلا كۈپەيدى، خاراكتىرى ئېغىر بولدى.

سەۋەبى :بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە «مەككە مۈكەررەمدە 30-چىسلا رۇزا ھېيت نامىزى ئۇقۇلغان» لىقىدىن بولسا بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە «مەككە مۈكەررىمىدە 29-چىسلا ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنگەنلىكىدىن ياكى بىزنىڭ رايۇنىمىز بىلەن ئۈچ سائەت پەرىق بولغانلىقىدىن» ئىكەن.

ئىككىنچى خىل زىتلىق

نۈۋەتتە بەزى مەسچىتلەردىكى دوسكىلارغا كۈندىلىك  ھىجرىيىنىڭ ئاي- كۈنلىرى يېزىپ قۇيىلىدۇ، قارايدىغان بولساق بۇ جۇڭگۇ ئىسلام جەمىيىتى تۈزگەن ھىجرىيە كالىندارىدىكى كۈنلەر بىلەن تازا ماس كەلمەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەلىگىدىكى بارلىق مەسچىتلەردە  ئىككى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇش- جۇڭگۇ ئىسلام جەمىيىتى تۈزگەن ھىجرىيە كالىندارىغا ئاساسەن ئۇقۇلۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى ئازساندىكى كىچىك مەسچىتلەر ئىككى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتا بۇنىڭغا تازا ئەمەل قىلىپمۇ كىتەلمىدى.

سەۋەبى : ھىجرىيە كۈنلىرىنىڭ بۇنداق ئۆز-ئارا ماس كەلمەسلىكى  ھىجرىيە كالېندارىغا مۇناسىۋەتلىك كومپىيۇتىر يۇمشاق دىتاللاردا ھەم تور دۇنياسىدا مۇشۇنداق مەلۇماتنىڭ بولغانلىقىدىن ياكى بولمىسا « مەسچىتتىكى دوسكىغا ھىجرىيە كۈنلىرىنى يازغان كىشىنىڭ سەۋەنلىكىدىن »بولغان بولسا ئىككى ھېيت نامىزىنى جۇڭگۇ ئىسلام جەمىيىتنىڭ تۈزگەن ھىجرىيە كالېندارىغا ئاساسەن ئۇقۇش- ئۇلارنىڭ يۈكسەك «ۋەتەنپەرۋەر»لىكلىكىدىن بولغان ئىكەن.

ئۈچىنچى خىل زىتلىق

ئەمدى بىز نەزىرىمىزنى خەلىقئارادىكى باشقا ئەللەرگە قارىتىپ باققىنىمىزدا  بۇ توغرىسىدا تور دونياسىدا مۇنداق مەلۇماتلار بىرىلگەن:

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى رۇزاھېيىت نامىزى ئۇقۇلغان دۆلەتلەر تۈۋەندىكىچە:

مالايسىيا، ياپۇنىيە، پاكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان، تۈركمەنىستان، كۈۋەيىت، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى، بەھرەيىن، سەئۇدى ئەربىستان، ئىئۇردانىيە، پەلەستىن، سۈرىيە، لىۋان، تۈركىيە، رۇسىيە، ئوكرائىنا، ئىتالىيە، مونتىنگىرو، سىلوۋنىيە، بوسىنىيەگىرىتسىگوۋىنا، سىربىيە، ماكىدونىيە، ئالبانىيە، مىسىر، سودان، ئالجىرىيە، تونىس .

8-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇزا ھېيت نامىزى ئۇقۇلغان دۆلەتلەر تۈۋەندىكىچە :

لىۋىيە، ئومان ، ئىران ، جۇڭگۇ .

سەۋەبى: يۇقارقى ئەللەرنىڭ  مۇناسىۋەتلىك  تەشكىلاتلىرى بىر تۇتاش ئۇقتۇرغان ياكى يولغا قويغۇزغان.

رۇزا ھېيت نامىزى نىمە ئۈچۈن جۇڭگۇغا قارىغاندا مەككىدە بىر كۈن بۇرۇن ئۇقۇلدى دىگەن سۇئالغا كۆپ سانلىق ئۈلىمالار ۋە بۇنىڭغا قىزىققۇچى كىشىلەر «مەككەھ بىلەن جۇڭگۇنىڭ ۋاقىت پەرقى بولغاچقا   2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ جۇڭگۇدا يېڭى ئاي كۈرەنمىگىنى بىلەن مەككىدە يېڭى ئاي كۈرىنىدىكەن » دەپ خۇلاسىلىدى.

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىسلام جەمىيىتى تۈزگەن ھىجرىيە كالېندارىدا 8-ئاينىڭ31-كۈنى رۇزا ھېيت دەپ بەلگىلەنگەن ھەم بۇ كالېنداردا «…بۇنىڭدىكى رۇزا تۇتۇشنىڭ باشلىنىش ئاخىرلىشىش ۋاقتى ھەدىستىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يېڭى ئاي چىقىش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ» دەپ ئىزاھات بىرىلگەن.

ئۇنداقتا ئەمىلىيەتنىڭ ئۈزىدە 2011-يىلى8-ئاينىڭ29-كۈنى كەچ شىنجاڭ تەۋەسىدە يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق، كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى:بۇ كۈنى ئۆرۈمچى شەھرىدە ئاي 18:28:32 دە، قۇياش بولسا 18:47:06 دە غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ. دىمەك ئاي غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا قۇياشتىن 18مىنۇت 34 سىكىنۇت بۇرۇن پېتىپ كەتسە يېڭى ئاينى قانداقمۇ كۆرگىلى بولسۇن؟!

خوتەننى مىسالغا ئالساقمۇ بۇ كۈنى خوتەن شەھرىدە ئاي 18:58:10 دە، قۇياش بولسا 19:10:00 دە غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ. دىمەك ئاي قۇياشتىن 11مىنۇت 49 سىكىنۇت بۇرۇن پېتىپ كەتسە يېڭى ئاينى كۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس؟!  (شىنجاڭ ۋاقتى ئاساس قىلىندى)

 نىڭشىيا تەۋەسىدە يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق، كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى: بۇ كۈنى نىڭشىيانىڭ يىنچۈەن شەھرىدە ئاي 19:10:26 دە، قۇياش بولسا 19:25:56 دە غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ. دىمەك ئاي غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا قۇياشتىن 15مىنۇت 30 سىكىنۇت بۇرۇن پېتىپ كەتسە يېڭى ئاينى قانداقمۇ كۆرگىلى بولسۇن؟! (بېيجىڭ ۋاقتى ئاساس قىلىندى)

 ياكى جۇڭگۇنىڭ پايتتەختى بېيجىڭدا يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق ، كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى:بۇ كۈنى بېيجىڭ شەھرىدە ئاي 18:29:38 دە، قۇياش بولسا 18:47:17 دە غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ. دىمەك ئاي قۇياشتىن 17مىنۇت 39 سىكىنۇت بۇرۇن پېتىپ كەتسە يېڭى ئاينى قانداقمۇ كۆرگىلى بولسۇن؟!(بېيجىڭ ۋاقتى ئاساس قىلىندى)

30-كۈنىچۇ؟

بۇ كۈنى كەچتە يۇقارقى جايلاردا ئاينى بۇلۇت تۇسىۋالمىسلا يېڭى ئاينى كۈرگىلى بۇلىدۇ.

سەۋەبى : بۇ كۈنى خوتەن شەھرىدە  ئاي قۇياشتىن 23مىنۇت41 سىكىنۇت ، ئۆرۈمچى شەھرىدە 12مىنۇت 19 سىكىنۇت ، يىنچۈەن شەھرىدە 19مىنۇت 8 سىكىنۇت ، بېيجىڭدا 16مىنۇت1 سىكىنۇت كېيىن پاتىدۇ.

دىمەك ئاي قۇياشتىن كېيىن پاتقانلىقى ئۈچۈن يېڭى ئاينى كۈرۈش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بۇلىدۇ.

ئۇنداقتا «يېڭى ئاينى كۈرۈش» پىرىنسىپى بۇيىچە جۇڭگۇ تەۋەلىگىدە 2011-يىلى 8-ئاينىڭ31-كۈنى رۇزا ھېيت نامىزى ئۇقۇلغىنى توغرىغۇ.

ئەمدى يەنە 2012-يىلىدىكى رۇزى-رامىزانغا قاراپ باقايلى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىسلام جەمىيىتى تۈزگەن ھىجرىيە كالېندارىدا مىلادى 2012-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى رامىزان ئايغا بىر، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى رۇزا ھېيت دەپ  بەلگىلەنگەن ھەمدە «…بۇنىڭدىكى رۇزا تۇتۇشنىڭ باشلىنىش ئاخىرلىشىش ۋاقتى ھەدىستىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يېڭى ئاي چىقىش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ» دەپ ئىزاھات بىرىلگەن.

ئۇنداقتا ھەقىيقى ئاي ھەركىتىگە قاراپ باقايلى : 7-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ شىنجاڭ تەۋەسىدە يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق، كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى: خوتەن شەھرىدە  ئاي قۇياشتىن 7 مىنۇت 48 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھرىدە  ئاي قۇياشتىن 14 مىنۇت 3 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

نىڭشىيا تەۋەسىدە يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق، كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى: يىنچۈەن شەھرىدە ئاي قۇياشتىن 11 مىنۇت 32 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

 ياكى جۇڭگۇنىڭ پايتتەختى بېيجىڭدا يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى: بېيجىڭ شەھرىدە ئاي قۇياشتىن 13 مىنۇت 37 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

ئۇنداقتا 19-چىسلا كەچ يېڭى ئاي كۈرۈنمىسە 20-چىسلا رامىزانغا بىر بولغىنى توغرىمۇ؟!

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى رۇزا ھېيت دەپ  پۈتۈلگىنىگە ئاساسەن 8-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ شىنجاڭ تەۋەسىدە يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق، كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى: خوتەندە  ئاي قۇياشتىن 3 مىنۇت 45 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ لېكىن قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن تۇلۇق پاتقان ۋاقتىدا ئايمۇ پەقەت بىر مىنۇتتىن كىيىنلا ئۇپۇق سىزىقىغا بېشىنى قۇيىدۇ بۇ بىر مىنۇت ئىچىدىكى ئالەمنىڭ يۇرۇقلىقىدا بۇلۇپمۇ قۇرۇقلۇقتا تۇرۇپ بۇنداق ئۇپۇق سىزىقىغا پېتىپ قالاي دىگەن  يېڭى ئاينى كۈرۈش يەنىلا مۇمكىن ئەمەس.

ئۈرۈمچى شەھرىدە ئاي قۇياشتىن 4 مىنۇت 42 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

نىڭشىيا تەۋەسىدە يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق، كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى: يىنچۈەن شەھرىدە ئاي قۇياشتىن  8 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

 ياكى جۇڭگۇنىڭ پايتتەختى بېيجىڭدا يېڭى ئاي كۈرىنەمدۇ؟

ياق كۈرۈنمەيدۇ.

سەۋەبى: بېيجڭ شەھرىدە ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 38 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

ئۇنداقتا 18-چىسلا يېڭى ئاي كۈرۈنمىسە 19-چىسلا رۇزا ھېيت نامىزى ئۇقۇش توغرىمۇ؟!

ئەمدى بىز يۇقارقى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن خەلىقئارادىكى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى رۇزا ھېيت نامىزى ئۇقۇلغان ھەرقايسى ئەللەرنىڭ 29-چىسلا كەچتىكى يېڭى ئاينىڭ چىقىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى:

مالايسىيا-كۇئالالومپۇردا : قۇياش پېتىپ 5 مىنۇت 1 سېكۇنتتىن كېيىن ئاي پاتىدۇ.

ھىندىنوزىيە – جاكارتادا  :  قۇياش پېتىپ 8 مىنۇت 21 سېكۇنتتىن كېيىن ئاي پاتىدۇ.

سەئۇدى ئەربىستان-رىياددا : قۇياش پېتىپ 5 مىنۇت 1 سېكۇنتتىن كېيىن ئاي پاتىدۇ.

سودان-قارتۇمدا : قۇياش پېتىپ 8 مىنۇت 9 سېكۇنتتىن كېيىن ئاي پاتىدۇ.

ياپۇنىيە-توكىيودا : ئاي پېتىپ 16 مىنۇت 44 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

پاكىستان-ئىسلامئابادتا : ئاي پېتىپ 8 مىنۇت 29 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

تاجىكىستان-دۈشەنبىدە : ئاي پېتىپ 11 مىنۇت 58 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

قىرغىزىستان-بىشكەكتە : ئاي پېتىپ 16 مىنۇت 31 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

قازاقىستان-ئاستانىدە : ئاي پېتىپ 26 مىنۇت 3 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

ئۆزبىكىستان-تاشكەنىتتە : ئاي پېتىپ 14 مىنۇت 31 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

تۈركمەنىستان-ئاشغاباتتا : ئاي پېتىپ 10 مىنۇت 26 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

كۈۋەيىتتە: ئاي پېتىپ 2 مىنۇت 32 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

قاتار-دوھادا : ئاي پېتىپ 11 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى-ئەبۇزەبىيدە : قۇياش بىلەن ئاي تەڭ پاتىدۇ.

بەھرەيىن-مانامادا : ئاي پېتىپ 41 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

ئىئۇردانىيە-ئامماندا: ئاي پېتىپ 3 مىنۇت 9 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

پەلەستىن-ئىرۇسالىمدا: ئاي پېتىپ 2 مىنۇت 57 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

سۈرىيە-دەمەشىقتە: ئاي پېتىپ 4 مىنۇت 29 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

لىۋان-بىيروتتا : ئاي پېتىپ 4 مىنۇت 42 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

تۈركىيە-ئەنقەرەدە : ئاي پېتىپ 9 مىنۇت 49 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

رۇسىيە-مۇسكىۋادا : ئاي پېتىپ 31 مىنۇت31 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

ئوكرائىنا-كايىۋدا: ئاي پېتىپ 22 مىنۇت 10 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

ئىتالىيە-رومدا: ئاي پېتىپ 9 مىنۇت 59 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

مونتىنگىرو-پودگورىكادا : ئاي پېتىپ 11 مىنۇت 29 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

سىلوۋنىيە-لىيوبلىيانادا : ئاي پېتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

بوسىنىيەگىرىتسىگوۋىنا-سارايىۋدا: ئاي پېتىپ 12 مىنۇت 40 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

سىربىيە-بىلگىراددا: ئاي پېتىپ 13 مىنۇت 58 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

ماكىدونىيە-ئىسكوپىيەدە: ئاي پېتىپ 10 مىنۇت 55 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

ئالبانىيە-تىرانادا  : ئاي پېتىپ 10 مىنۇت 3 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

مىسىر-قاھىرەدە : ئاي پېتىپ 1 مىنۇت 14 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

ئالجىرىيە-ئالگىرىستا : ئاي پېتىپ 3 مىنۇت 54 سېكۇنتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

تونىستا: ئاي پېتىپ 2 مىنۇتتىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ.

خۇلاسە: يۇقارقى 32 دۆلەت ئىچىدىن 28 دۆلەتتە ئاي شارى ئۇپۇق سىزىقىغا قۇياشتىن بالدۇر پاتقانلىقى ئۈچۈن يېڭى ئاي ئەسلا كۈرۈنمەيدۇ ھەم كۈرۈنىشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەمما بۇدۆلەتلەردە 29-چىسلا يېڭى ئاي كۈرۈنمىسىمۇ ئەتىسى رۇزا ھېيت نامىزىنى ئۇقۇۋەرگەن.

بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟!

ئىككىنچى باپ

مەزكۇر ماقالىدىكى قۇياش ۋە ئاينىڭ پېتىشىغا مۇناسىۋەتلىك سان-ساناقلار قەيەردىن كەلگەن؟

بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئالەم تەتقىقات ئورگىنى ۋە  شۇ كەسىپتىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئالىملارنىڭ جەمگاھى بولغان بىر ئۇرۇن يەنى ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە-ئالەم ئىشلىرى مەھكمىسى –(NASA) بىلەن تۇنۇشۇپ ئۈتەيلى:

NASA دىگەن بۇ   سۆز ئېنگىلىزچە(National Aeronautics and Space Administration) دىگەن نامنىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ مەنىسى «ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە-ئالەم ئىشلىرى مەھكمىسى» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. نۈۋەتتە NASA نىڭ يىللىق خام چوتى ئون ئالتە مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى بۇلۇپ باش شىتابى ۋاشىنگىتوننىڭ كولۇمبىيە ئالاھىدە رايۇنىدا.

NASA ئامېرىكا فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى بۇلۇپ ئامېرىكىنىڭ «ئالەم بوشلۇق پىلانى»نى  ئۆز زىممىسىگە  ئالغان. 1958-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا پېرىزدىنتى ئېزىن خاۋىر « ئامېرىكا ئاممىۋى قانۇن لايىھىسى 85-568» يەنى  «ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە – ئالەم بوشلىقى قانۇن لايىھەسى»نى تەستىقلاپ NASA نى قۇرۇپ چىققان.

ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە-ئالەم ئشلىرى مەھكمىسى – دۇنيا مىقياسىدىكى ئالەم ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئەڭ باشلامچى كۆزنەك ئۇرۇن. ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىكى تەۋەلىگىدىكى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلمەيدىغان راكېتا ۋە ئالەم بوشلۇقى پىلانى پېرىزدىنىتنىڭ مەمۇرىي بۇيرىقى بىلەن NASA غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ھازىر يولغا قۇيىلىۋاتقان «ئاۋانگارت پىلانى» ۋە «ئېكىسپېدىتسىيىچى پىلانى» شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى بارلىق سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ پىلانىمۇ NASA غا تەۋە ھىساپلىنىدۇ.

NASA ھەربىي ئىشلارغا ۋە خەلىق ئاۋىئاتسىيىسىگە  ئىشلىتىدىغان ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەملىك ئۇچۇش خىزمەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقتىن ئۇنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە چېتىلىش دائىرسى ناھايىتى كەڭ ، ئۇنىڭ  دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىكىنىڭ« پىلان تەھلىل ۋە تەكشۈرۈپ بىكىتىش باشقارمىسى»ۋە «يۇقۇرى دەرىجىلىك تەتقىقات پىلانلاش ئىدارىسى» بىلەنمۇ ناھايىتى قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار .

قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ، دېڭىز ئارمىيىسى ، ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن ئىزچىل  ھەمكارلىشىپ كەلگەن يەنە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئۇرۇنلىرى مەسىلەن ئېنېرگىيە بايلىق مېنىستىرلىكى ، ھاۋارايى ئىدارىسى ۋە سانائەت مېنىستىرلىكى قاتارلىقلار بىلەن توختاملىق مۇناسىۋىتى بار.

NASAنىڭ تەتقىقات نەتجىلىرى دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىكىگە ، ھەرقايسى ئاۋىئاتسىيىگە لازىملىقلارنى ياساش شىركەتلىرىگە ، فېدىراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىغا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا بىۋاستە ئۈتۈنۈپ بىرىلىدۇ. NASA ھەرقايسى ئاۋىئاتسىيىگە لازىملىقلارنى ياساش شىركەتلىرىگە يېڭى ئايرۇپىلانلارنى لايىھەلەپ بىرىدۇ ، فېدىراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە مەشغۇلاتىغا ماسلىشىش خىزمەتلىرىنى باھالاپ بىكىتىشىنى تېخنىكىلىق ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

NASA نىڭ شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقات ساھەسى – ئاۋىئاتسىيە تەتقىقاتى ۋە ئىزدىنىش، بوشلۇق ئىلمى (قۇياش سېستىمىسى تەتقىقاتى، مارىس تەتقىقاتى ، ئاي شارى تەتقىقاتى ، ئالەم قۇرۇلمىسى ۋە مۇھىتى) يەر شارى ئىلمى تەتقىقاتى(يەرشارى سېستىما ئىلمى ، يەرشارى ئىلمىنىڭ ئىشلىتىلىشى) بىئو-فىزىكا تەتقىقاتى ، ئاۋىئاتسىيە ئىلمى(ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسى) قاتارلىق ساھەلەردە بولغاندىن سىرىت يەنە بەلگىلىك تەربىيلەپ بىرىش ۋەزىپىسىنىمۇ  ئۈز ئۈستىگە ئالغان.

NASA نىڭ باش شىتابىغا قاراشلىق تەتقىقات مەرگىزىدىن ئون نەچچىسى  بار بۇلۇپ ئۇلار تۈۋەندىكىچە: گۇددارد ئالەملىك ئۇچۇش مەرگىزى(Goddard Space Flight Center)

 جونسون ئالەم قاتنىشى مەرگىزى (Lydon B. Johnson Space Center)

كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەرگىزى (John F. Kennedy Space Center)

مارشول ئالەملىك ئۇچۇش  مەرگىزى (George C. Marshall Space Flight Center)

ستېنلىس ئالەم  قاتنىشى    مەرگىزى (John C. Stennls Space Center)

ئامىس تەتقىقات مەرگىزى (Ames Research Center)

جىرايدىن ئالەملىك ئۇچۇش تەتقىقات مەرگىزى (Dryden Flight Research Center)

لاڭلىي تەتقىقات مەرگىزى (Langley Research Center)

گىلەن تەتقىقات مەرگىزى (Glenn Research Center)

 رىئاكتىۋلىق ئىلگىرلىتىش تەجىربىخانىسى (Jet Propulsion Laboratory)

NASA نىڭ 1994 يىلىدىكى خادىمى 24731 نەپەر بۇلۇپ 1999-يىلىغا كەلگەندە 21000 نەپەرگە قالغان ، 1994-يىللىق راسخۇتى ئون تۆت مىلىيارد بەش يۈز مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى 1995-يىللىق راسخۇتى ئون تۆت مىلىيارد ئۈچيۈز مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى، 2001-يىللىق  راسخۇتى ئون تۆت مىلىيارد ئىككى يۈز يىگىرمە بەش مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى بولغان.2002-يىلدىكى NASA نىڭ خادىمى 18800 نەپەردىن ئارتۇق بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە باش شىتاپتا 1200 نەپەردىن ئارتۇق،  جونسون ئالەم قاتنىشى مەرگىزىدە 2900 نەپەردىن ئارتۇق ، كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەرگىزىدە 1800 نەپەردىن ئارتۇق ، مارشول ئالەملىك ئۇچۇش  مەرگىزىدە  2700 نەپەردىن ئارتۇق ، ستېنلىس ئالەم  قاتنىشى  مەرگىزىدە 300 نەپەر ، ئامىس تەتقىقات مەرگىزىدە 1500 نەپەردىن ئارتۇق ، جىرايدىن ئالەملىك ئۇچۇش تەتقىقات مەرگىزىدە 600 نەپەر ، لاڭلىي تەتقىقات مەرگىزىدە 2300 نەپەردىن ئارتۇق ، گىلەن تەتقىقات مەرگىزىدە 1900 نەپەردىن ئارتۇق ، گۇددارد ئالەملىك ئۇچۇش مەرگىزىدە 3300 نەپەردىن ئارتۇق خادىم بار بولغان.

كەسپىي ساھە بۇيىچە  ئىنسانىيەت ئاۋىئاتسىيىسى ۋە ئالەم قاتنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلار 6700 نەپەردىن ئارتۇق ، بوشلۇق ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغانلار 2453 نەپەر ، بىئولۇگىيە ۋە فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلار 1200 نەپەردىن ئارتۇق ، يەرشارى ئىلمى  بىلەن شۇغۇللانغانلار 1800 نەپەردىن ئارتۇق .

يۇقاردا NASA نىڭ قانداق ئورگان ئىكەنلىكىنى ئاددى بولسىمۇ بىلىپ چىقتۇق، ئەمدى NASA تەمىنلىگەن خوتەن ، ئۈرۈمچى ، يىنچۈەن ۋە بېيجىڭ قاتارلىق تۆت ئۇرۇندىكى2000-يىلدىن 2100-يىلغىچە كۈرۈلىدىغان كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسىگە قاراپ باقايلى(كىتاپنىڭ ئاخىرىغا قارالسۇن)

يۇقاردىكى مەلۇماتلارنى بىرىشتىكى مەخسەت مەزكۇر ماقالىغا ئىشلىتىلگەن ئىلمىي سانلىق  قىممەتلەرنىڭ كىلىش مەنبىيىنىڭ ناھايىتى ئىشەنچىلىك ھەم توغرا ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈشتۇر.دىمەك بۈيۈك ئالىملارنىڭ سىياھى بىلەن پۈتۈلگەن NASA نىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىكى كۈن تۇتۇلۇش ،ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىلىرى ئەمىلىيتنىڭ ئۈزىدىمۇ شۇ مەلۇماتتا ئېيتىلغان ۋاقىتتىن بىر مىنۇت بالدۇر ياكى بىر مىنۇت كىچىكىپ يۈز بەرمەستىن بەلكى ئېيتىلغان ۋاقتىنىڭ دەل ئۈزىدە يۈز بىرىپ كىلىۋاتىدۇ. ھەمدە بۇ كۆز يۇمغىسىز ھەقىقەت بۇلۇپ كەلدى.

ئەمىلىيەتتىمۇ قۇياش سېستىمىسىدىكى سەييارىلەرنىڭ ھەركىتى ناھايىتى قانۇنىيەتلىك بۇلۇپ ئالىملار بۇ سەييارىلەرنىڭ بۇ خىل قانۇنىيەتلىك ھەركىتىدىن پايدىلىنىپ بۇنداق ئاستىرونۇمىيىلىك ھادىسىلەرنى قاچان ، قەيەردە يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئالدىن ھىساپلاپ چىققان ئىدى. يەنە شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئالىم – مۇتۇخەسىسىلەر سەييارىلەرنىڭ بۇ قانۇنىيەتلىك ھەركەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاستىرونومىيىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كومپيۇتىر يۇمشاق دىتاللىرىنى تۈزۈپ چىقىپ چەكسىز بۇ سىرلىق ئالەمنى كۆز ئالدىمىزغا يېغىنچاقلاپ ئەكىلىپ بەردى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ بۇ ئالىمىمىزگە تەقلىد قىلىنىپ تۈزۈلگەن ئاستىرونومىيە يۇمشاق دىتال-Stellarium خەلىقئارادا زور ئىناۋەت قازاندى ھەمدە NASA دىكىلەرنىڭمۇ ھەقىيقى ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ كەلدى. بۇ دىتالدىكى كۈن-تۇتۇلۇش ، ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىلىرىدىن باشلاپ تاكى بىزگە كۈرۈنىدىغان ۋە كۈرۈنمەيدىغان يۇلتۇز-سەييارىلەرنىڭ كچە-كۈندۈزدىكى ئورنىغىچە ، كۈن ۋە ئاينىڭ چىقىش – پېتىش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ  ئاينىڭ تۇلۇن، كەمتۇك بۇلىدىغان ۋاقتلىرغىچە ، ئىشقىلىپ ھەممىسى ئەمىلىيەتتىكى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئالەم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بۇلۇپ بۇ دىتالنى ھەقىقەتەن  كۈز ئالدىمىزدىكى ھەقىقى ئالەمنىڭ كۈپەيتمە نۇسخىسى ياكى ئىككىنچى بىر «تەقلىدى ئالەمنىڭ ئۈزى» دىيىش ھەرگىز ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ ئەلۋەتتە.

ئەمدى بىز نەزىرىمىزنى خەلىقئارادىكى نۇپۇزلۇق ئالىم-مۇتۇخەسىسلەرنىڭ تۈزگەن سېتىللارىيوم(stellarium)  كومپىيۇتېر يۇمشاق دىتالىغا قارىتىپ باقايلى:

بۇ دىتال ئاستىرونومىيەدە ئىشلىتىدىغان ئەركىن يۇمشاق دىتال بۇلۇپ تەقلىد قىلىنغان بىر ئاستىرونۇمىيە رەسەتخانىسى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان رايۇن ۋە ۋاقىتنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق شۇ ئۇرۇن ياكى شۇ ۋاقىتتىكى ئاددى كۆز، قوش كۆزلۈك دۇربۇن ياكى كىچىك تىپتىكى ئاسترونومىيە تېلېسكوپى ئارقىلىق كۆرگىلى بۇلىدىغان يۇلتۇزلۇق ئاسماننى يەنى ئالتە يۈزمىڭدىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇز، قۇياش سېستىمىسىدىكى ئاساسلىق پىلانىت-سەييارىلەر ۋە چەكسىز ئالەم بوشلىقىدىكى بىر يۈز توققۇز ئاسمان جىسمى قاتارلىقلارنىڭ شەكلىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئالەم بوشلىقىدىكى ئىلمى توغرا بولغان ھالەت ئورنىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈن چىقىش، كۈن پېتىش، كۈن تۇتۇلۇش، ئاي تۇتۇلۇش قاتارلىق ئاستىرونومىيىلىك ھادىسىلەرنى ئىلمى ھالدا تەقلىد قىلىپ ئىپادىلەشكە بۇلىدۇ.

مەزكۇر دىتال ھەقسىز ئېچىلغان  GPL يۇمشاق دىتالى بۇلۇپ يەنى ئامېرىكىلىق ئاكادىمىك  دوكتۇر رىچارد.سىتولمەن تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئەركىن يۇمشاق دىتاللار فوندى جەمئىتى (Free Software Foundation)نىڭ GNU ھەممەباپ ئورتاق ئىشلىتىش رۇخسەتنامىسىگە ئىرىشكەن كومپىيۇتېر يۇمشاق دىتالىدۇر.

رىچارد.ستولمەننىڭ تۇلۇق ئاتىلىشى(Richard Matthew Stallman) بۇلۇپ 1953-يىلى نىيوۋ يۇركنىڭ  مانخاتتون رايۇنىدىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئامېرىكا ئەركىن يۇمشاق دىتاللار ھەركىتىنىڭ مەنىۋى داھىيسى،«GNU پىلانى»ۋە «ئەركىن يۇمشاق دىتاللار فوندى جەمئىيىتى»نىڭ باش قۇرۇغۇچىسى.

 ئۇ 16 يېشىدىن باشلاپ كومپىيۇتېرغا ئالاھىدە قىززىققان .1971-يىلى خارۋارد ئونۋىرسىتىتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن ھەم شۇ يىلى ماسساچۇسېت تېخنىكا ئىنىستۇتىنىڭ «سۈنئى ئەقلى ئىقتىدار تەجىربىخانىسى»(AI Laboratory)دا تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن. ئۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللنىش جەريانىدا نۇرغۇن تەسىرى زور بولغان يۇمشاق دىتاللارنى تۈزۈپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق بولغانلىرىدىن Emacs نى يەنى بىرخىل كومپىيۇتېر يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچنى تۈزۈپ چىققان.

مۇشۇ سەۋەپلىك ئۇ ئەڭ دەسلەپتە  ئامېرىكىدىكى داڭلىق  مېكارسۇر فوندى جەمىئىيىتى (MacArthur Foundation) نىڭ 240مىڭ دوللارلىق مىكاسور مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىرىشكەن شەرەپلىرى تۈۋەندىكىچە:

1990-يىلى مىكاسور مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

ماكارسور مۇكاپاتى بولسا ماكارسور فوندى جەمئىيتى(John D. and Catherine T. MacArthur Foundation)نىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئوخشىمىغان ياشتىكى «ئۆزلىكسىز يىڭىلىق يارىتىش خاراكتىردىكى خىزمەتلەردە ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدار ۋە ئىستىقبالى بار » بولغان ئامېرىكىلىقلارغا تارقىتىلىدىغان ئالاھىدە بىر مۇكاپاتى. بۇ مۇكاپات شۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى نەتىجىسىگە بىرىلگەن مۇكاپات بولماستىن بەلكى «ئىجادى تەپەككۇرى بار،جاسارەت ۋە پاراسەتكە باي،يۇشۇرۇن كۈچى زور بولغان» كىشىلەرگە بىرىلىدۇ. نۈۋەتتىكى مۇكاپات سوممىسى بەش يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى. ھازىرغىچە بۇ فوندى جەمئىيەت جەمئى ئۈچيۈز ئەللىك مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرىنى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بولغان.

1991-يىلى ئۇنىڭ تۈزگەن  Emacs يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچىسى ئامېرىكا كومپىيۇتېر جەمئىيىتى (Association of Computing Machinery)نىڭ «گرېيىك خاپپىر مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن.

ئامېرىكا كومپىيۇتېر جەمئىيىتى (Association of Computing Machinery, ACM)بولسا بىر خەلىقئارالىق پەن- مائارىپ تەشكىلاتى بۇلۇپ 1947-يىلى قۇرۇلغان، دۇنيادىكى بىرىنچى ئىلىم-پەن خاراكتىرلىك ھەم مائارىپ خاراكتىرلىك كومپىيۇتېر جەمئىيىتىدۇر، باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ نىيويۇرىكتا. ACM بولسا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىشلىتىش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭ يۈز نەچچە دۆلەت ۋە رايۇنلاردىن 83 مىڭ كىشىدىن ئاشقان كەسپىي ئەزاسى بار.

1996-يىلى شىۋېتسىيە خان جەمەتى تېخنىلوگىيە ئېنىستوتىنىڭ دوكتۇرلۇق شەرىپىگە ئىرىشكەن.

خان جەمەتى پەن-تېخنىكا ئونۋېرسىتىتى-شىۋېتسىيەنىڭ پايتتەختى سىتوكھولىمغا جايلاشقان بۇلۇپ 1827-يىلى قۇرۇلغان. 1977-يىلى شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېخنىلوگىيە ئىنىستوتىدىن ھازىرقى تېخنىلوگىيە ئونۋېرسىتىتقا ئۆزگەرگەن..شىۋېتسىيەدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئېنژىنىرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئونۋېرسىتىتىن  يىتىشىپ چىققان.ئۇ شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ قەدىمى پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئالى مەكتەپ بۇلۇشتىن سىرت يەنە خەلىقئارادىكى ئالى  دەرىجىلىك ئۇقۇتۇش ئاپپىراتى ھىساپلىنىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئونۋېرسىتىت ۋە ئېنىستوتلار بىلەن زىچ بولغان تەتقىقات ۋە ئۇقۇتۇش مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان.

1998-يىلى ئېلىكتىرونىك ئالدىنقى سەپ فوندى جەمئىيىتنىڭ

(Electronic Frontier Foundation) ئاۋانگارت مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

1999-يىلى يۇرى روبىنىسكى خاتىرە مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

2001-يىلى شوتلاندىيىدىكى گىلاسگوۋ ئونۋېرسىتىتىنىڭ

 (University of Glasgow)نىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنىۋان شەرىپىگە ئىرىشكەن.

گىلاسگوۋ ئونۋېرسىتىتى بولسا مىلادى1451-يىلى قۇرۇلغان. ئۇ ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ قەدىمى تۆت چوڭ ئونۋېرسىتىتنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ 2006-يىلدىكى ئۇقۇغۇچىسى 19مىڭ بۇلۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە 4 مىڭى تەتقىقاتچى ئۇقۇغۇچى بولغان. ئۇقۇتقۇچى 5800 بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 3400 مەخسۇس تەتقىقاتچى خادىم ھىساپلىنىدۇ.

2001-يىلى ۋۇتىيەن تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2002-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئېنژىنىرلار ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئېنژىنىرلار ئاكادىمىيىسى(National Academy of Engineering)بولسا ئامېرىكا ئېنژىنىرلىق ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئۇرۇنلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ  ئامېرىكا ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى ئەڭ ئالى ئۈچ چوڭ مۇكاپات تۈرىنى مۇشۇ ئاكادىمىيە باھالاپ بىرىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاكادېمىكى بولۇش خەلىقئارا ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى ئەڭ ئالى كەسپى شان- شەرەپلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىل ئاكادېمىك شەرىپىگە ئىرىشكەن كىشىدىن دۇنيادا تەخمىنەن 2220 دەك كىشى بار.

2003-يىلى بېلگىيەدە بىريۇسسېل ئونۋېرسىتىتىنىڭ (University of Brussels) دوكتۇرلۇق شەرىپىگە ئىرىشكەن.

بىريۇسسېل ئونۋېرسىتىتى 1834-يىلى قۇرۇلغان، دۇنيادىكى 69-ئۇرۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئونۋېرسىتىت. ئۇنىڭ ئۈچ نەپەر ئۇقۇش پۈتتۈرگۈچىسى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2004-يىلى ئارگېنتىنانىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شېئارتا ئونۋېرسىتىتىنىڭ دوكتۇرلۇق شەرىپىگە ئىرىشكەن.

2004-يىلى پېرۇنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئېنژىنىرلار ئونۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورلۇق شەرىپىگە ئىرىشكەن.

2007 -يىلى گارسىلېيس دىلاۋىگا  ئىنكا ئونۋېرسىتىتى

(Inca Garcilaso de la Vega)نىڭ پىراففىسورلۇق شەرىپىگە ئىرىشكەن.

بۇ ئونۋېرسىتىت 1962-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ پىرودىكى داڭلىق ئونۋېرسىتىتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ 12 پاكالتۇتى بار بۇلۇپ 2007-يىلدىكى ئۇقۇتقۇچى ھەم ئۇقۇغۇچىسى 35مىڭغا يېقىنلاشقان.

2007-يىلى لوس ئانجىلىس چىمبوت ئونۋېرسىتىتى

 (Universidad de Los Angeles de Chimbote)نىڭ دوكتۇرلۇق شەرىپىگە ئىرىشكەن.

2007-يىلى پاۋىييا ئونۋېرسىتىتى (University of Pavia)نىڭ دوكتۇرلۇق شەرىپىگە ئىرىشكەن.

پاۋىييا ئونۋېرسىتىتى 1361-يىلى ئىتالىيىلىك بىر ئاقسۈڭەك تەرىپىدىن قۇرۇلغان، دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئېلىكتىر كەشپىياتچىسى ۋولت دەل مۇشۇ مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان بۇ ئالىمنىڭ ھەيكىلى ھېلىمۇ مۇشۇ ئونۋېرسىتىتىنىڭ مەكتەپ ھويلىسدا قەد كۈتۈرۈپ تۇرماقتا.

ناۋادا NASA تەمىنلىگەن كۈن – ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىلرىنىڭ يۈز بىرىش ۋاقتى ۋە سالمىقى قاتارلىقلارنى بۇ ئاستىرونومىيە يۇمشاق دىتالى-Stellarium دىكىگە سېلىشتۇرۇپ باقساق بۇ ئىككىسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئوخشاش چىققانلىقىنى ئاندىن ئەمىلىيەتنىڭ ئۈزىنى يەنى مۇشۇ ھادىسىلەر يۈز بەرگەن پەيتنى،NASA تەمىنلىگەن ماتىريالغا ھەم  Stellarium دىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بۇ ئۈچىنىڭ كىشىنى چۈچۈتكىدەك دەرىجىدە يەنە بىر قېتىم ئوخشاش چىقىدىغانلىقىنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدۇ.

دىمەك بۇ ماقالىدىكى ھەرقايسى جايلاردىكى ئاي ۋە كۈننىڭ چىقىش-پېتىش ۋاقىتلىرى يۇمشاق دىتال Stellarium دىن كەلگەن بولسا ئاينىڭ يېڭى ئاي ، ئالدىنقى چارەك ئاي ، تۇلۇن ئاي ، كېيىنكى چارەك ئاي بۇلىدىغان كونكىرىتنى ۋاقىتلىرى NASA نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالىدىن كەلگەن.

ئۈچىنچى باپ

مەككىدە نىمە ئۈچۈن 2011-يىلدىكى رۇزا ھېيت نامىزى جۇڭگۇغا قارىغاندا بىر كۈن بۇرۇن ئۇقۇلدى؟

بۇ سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھىجرىيە كالېندارى ئۈستىدە توختىلىپ ئۈتەيلى.

ھىجرىيە كالېندارى – ئىسلام كالېندارى بۇلۇپ ئاي شارىنىڭ يەرشارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدىكى ئاينىڭ فازىسىغا(تۇلۇن كەمتۈكلىكىگە)ئاساسەن تۈزۈلگەن نۇقۇل ئاي كالېندارىدۇر.پۈتكۈل ئالەمنىڭ  نەزىرىيىسى بولغان ئىلاھى كىتاپ «قۇرئان كەرىم » دە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«هُوَ الَّذِي جَعَلَ الشَّمْسَ ضِيَاءً وَالْقَمَرَ نُورًا وَقَدَّرَهُ مَنَازِلَ لِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ مَا خَلَقَ اللَّهُ ذَلِكَ إِلَّا بِالْحَقِّ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ».

(ئاللاھ كۈننى نۇر مەنبەسى، ئاينى نۇر ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلغان ۋە ئايغا مەنزىللەر تەيىن قىلغان زاتتۇر. ئاللاھ بۇنى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلارنىڭ ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ بۇلارنى پەقەت ھەق بىلەنلا ياراتتى. ئاللاھ، ئايەتلىرىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلي بايان قىلىدۇ»- يۇنۇس 10/5)

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ۋاقىتلىرىنىڭ ھېسابلىرى كۈن بىلەن، بىر يىلنىڭ ۋاقىتلىرىنىڭ ھېسابلىرى ئاي بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

بىز يەرشارىدا تۇرۇپ ئايغا قارىغاندا ئاي فازىسىنىڭ تەخمىنەن تۇلۇن ياكى كەمتۈكلۈك دەۋرىرىنىڭ تەخمىنەن 29.5 كۈن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز ئەمىلىيەتتە ئاي شارى يەرشارىنى مەرگەز قىلىپ ئېلىپىس شەكىلدە توختاۋسىز ئايلىنىدۇ.ئۇنىڭ يەرشارىنى بىر ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 27 كۈن7سائەت 43مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ. بىر قېتىملىق تۇلۇن ئايدىن يەنە بىر قېتىملىق تۇلۇن ئايغىچە بولغىچە 29 كۈن 12 سائەت 43 مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ. بىزگە 29.5 كۈندە بىر ئايلىنىپ چىققاندەك بىلىنىشىدىكى سەۋەپ ئاي شارى يەرشارىنى ئايلىنىۋاتقاندا يەرشارىمۇ قۇياشنى مەرگەز قىلىپ ئېلىپىس شەكىلىدە ئايلىنىدۇ.ئاي شارى يەرشارىنى 27.3 كۈندە تۇلۇق بىر ئايلىنىپ چىقىپ بۇلۇپ يەنە تەخمىنەن ئىككى كۈندىن كېيىن ئاندىن قۇياش بىلەن روبىرۇ بىر سىزىققا كىلىدۇ.بىزنىڭ ئاساسى تۇتقا قىلغىنىمىز ئاددى كۈزىمىز بىلەن كۆرگىلى بۇلىدىغان ئاي فازىسى بولغاچقا ئاي شارى29.5 كۈندە يەرشارىنى بىر ئايلىنىپ چىقىدىكەن دىگەن ئۇقۇمغا كىلىمىز.

قۇرئاندا ئالەم جىسمى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئاي(قەمەر) سۆزى تولۇق 27قېتىم ئۇچرايدۇ. ئوخشاشلا ئاينىڭ يەر شارى ئەتراپىدىكى ئىللىپىس شەكىللىك ئايلىنىشى ھەم ئۆز ئۇقىدا ئايلىنىشى ئوخشاشلا27.3 كۈن بۇلۇپ پەقەت قەدىمقى دەۋرلەردە ياشىغان ئىنسانلار بۇنىڭدىن بەك خەۋەردار ئەمەس ئىدى. چۈنكى يەر يۈزىدىن قارىغان ھەر قانداق بىر كىشى تولۇن ئايلار ئارىسىدا 29.5 كۈنلۈك مۇددەت بولغانلىقتىن ئاينىڭ بىر ئايلىنىشىنى 29.5 كۈن دەپ ئويلايتتى. ھالبۇكى، ئاي يەر شارى ئەتراپىدا ئايلانغاندا يەر شارىمۇ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. يەنى يەر شارى ئايلانغانلىقتىن ئاي ئۆزىنىڭ ئايلىنىشىنى تاماملاپ ئىككى كۈندىن كېيىن قۇياش بىلەن بىر سىزىققا كىلىدۇ. ئاينىڭ يەرشارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىدىكى دەۋىرلىك ۋاقىت  ئەسىرلەر ئاۋۋال قۇرئاندا ئورۇن ئالغان.

ئاي شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى بىلەن يەرشارى  ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرىمۇ ئوخشاش يەنى27.3 كۈن، ئۇلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىمۇ ئوخشاش بولغانلىقتىن  ئاينىڭ بىر يۈزى داۋاملىق يەرشارىغا قاراپ تۇرىدۇ ھەمدە بىزگە نىسبەتەن ئاي شارى ئۆز ئۇقىدا ئايلانمايدىغاندەك بىلىنىدۇ.

ھىجرىيە تەقۋىمىدە كۈننىڭ ئولتۇرغان ۋاقتى يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئەتىسى كۈن ئولتۇرغاندا بىر كۈن تاماملىنىپ يەنە بىر كۈن باشلىنىدۇ. بىر كېچە- بىر كۈندۈز قۇشۇلۇپ بىر كۈننى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ھىجرىيەنىڭ كېچە-كۈندۈزىنى ھىساپلاشتا شۇ بىر كۈندىكى كېچىنىڭ بالدۇر باشلىنىدىغانلىقىنى ئىسىمىزدە چىڭ تۈتىشىمىز كىرەك.

ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك يېقىنقى يىللاردىن بىرى يۇرتىمىز شىنجاڭدىكى ئازساندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھېيت نامازلىرىنى ھازىرقى كالىنداردىكى بەلگىلەنگەن كۈنلەردىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇقۇيدىغان بۈلۈنمىچىلىك ئەھۋاللىرى كۈرۈلدى.ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مەككىدە بۇ يەردىكىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇقۇغانلىقى ئىكەن.بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە مەككىدە ئاي بىزگە قارىغاندا بىر كۈن بۇرۇن كۈرىنىدىكەن.

مەككە بىلەن شىنجاڭنىڭ ۋاقىت پەرقى 3 سائەت يەنى بىزنىڭ بۇ يەردە تاڭ ئېتىپ 3 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن مەككىدە تاڭ ئاتىدۇ.ھەقىقەتەن ئاينىڭ كۈرىنىشىدىمۇ بىزنىڭ بۇيەردىكى بىلەن ئوخشىماسلىق يۈز بىرىدۇ.لېكىن بۇ مەككىدە داۋاملىق بىزدىن بىر كۈن بۇرۇن ھېيت نامىزى ئۇقۇيدىغانلىقتىن ياكى بىزدىن بىر كۈن بۇرۇن يېڭى ئاي كۈرىنىدىغانلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ. بەزى ئايلاردا يېڭى ئاينىڭ كۈرىنىشى بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ .

2010-يىلدىكى قۇربان ھېيت نامىزى باشقا ئىسلام ئەللىرىدە بىزنىڭ جۇڭگۇغا قارىغاندا بىر كۈن بۇرۇن ئۇقۇلدى. جۇڭگۇنىڭ قىسمەن ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئازساندىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارمۇ بىزنىڭ شىنجاڭغا قارىغاندا بىر كۈن بۇرۇن قۇربان ھېيت نامىزى ئۇقۇدى.بۇ زادى قانداق ئىش !  جۇڭگۇ بىلەن باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭ ۋاقىت پەرقى پەقەت جۇڭگۇنىلا مۇشۇنداق ئايرىم بىر كۈن كەينىگە سۈردىمۇ؟

بۇنىڭ توغرا جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز ھازىر قوللىنىپ كىلىۋاتقان  ھىجرىيە كالىندارىدىكى بەزى ئەھۋاللارغا قاراپ باقايلى:

جۇڭگۇدا ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ھىجرىيە كالېندارىدىكى بەزى ئەھۋاللار

كۆپ سانلىق ئۇلىمالار ۋە ئىتىقادچى ئامما ھىجرىيە تەقۋىمىدە ھەرقايسى ئايلارنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كىرىشىنى  ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى يېڭى ئاي (ھىلال ئاي) نىڭ  كۈرىنىشى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ بەلكىم «سىلەر رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن رۇزا تۇتماڭلار ، ئاي كۆرۈپ رۇزىنى باشلاڭلار، ئاي كۆرۈپ  رۇزىنى تاماملاڭلار ،ئەگەر ئاينى بۇلۇت تۇسىۋالغان بولسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈن توشقۇزۇڭلار » دىگەن ھەدىسنىڭ تەسىرىدىن بۇلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە ھازىر جۇڭگۇدا قوللىنىپ كىلىنگەن ھىجرىيە كالېندارىدا ھەرقايسى ئايلارنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كىرىشى ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى كەچتە  يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشى  دىگۈدەك تۇلۇق شەرت بولمىغان . بۇ توغرىسىدا تۈۋەندىكىچە توختىلىپ ئۈتىمىز:

(1)

مىلادى 2010 –يىلى 8-ئاينىڭ 11- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى دىيىلگەن. ئاۋامنىڭ قارىشى بۇيىچە بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى يەنى 10-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى.ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى  –

(تۈۋەندىكى رەسىملەر ئوخشىمىغان تۆت خىل رايۇندىكى شۇ كۈن شۇ سائەتنىڭ ئۈزىدىكى ئاي بىلەن قۇياشنىڭ غەربىي ئۇپۇق سىزىق ئۈستىدىكى ھەركىتىنى چۈشەندۈرىدۇ رەسىم ئىچىدىكى  ۋاقىت – خوتەن،ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن شىنجاڭ ۋاقتى . يىنچۈەن،بېيجىڭغا نىسبەتەن بېيجىڭ ۋاقتى ئاساس قىلىنغان بۇلۇپ مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە ئاي ياكى قۇياش غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا تۇلۇق ئولتۇرغان بۇلىدۇ. رەسىم ئاستىدىكى ئىزاھات يەنى ئاي بىلەن قۇياشنىڭ پېتىش ئارلىقىدىكى خۇلاسىلانغان ۋاقىت پەرقى بولسا ئاي بىلەن قۇياشنىڭ ئۇپۇق سىزىقىغا دەل يېرىم نانچىلىك پاتقان چاغدىكى ئالدى-كېيىنلىك ۋاقىتلىرىنىڭ پەرقىدۇر، تۈۋەندىكى تۆت رايۇننىڭ تۆت خىل رەسىمىدە گەرچە  ئاي بىلەن قۇياشنىڭ شۇ كۈندىكى ئېگىزلىك ئورنى قارىماققا ئوخشاشتەك كۈرۈنىشى مۇمكىن بىراق  ئەمىلىيەتنىڭ ئۈزىدە ئوخشاش بولمايدۇ ئۇلارنىڭ پېتىش  پەرقىگە ئاساسەن ئاي بىلەن قۇياشنىڭ ئاسماندىكى ئىگىزلىكىنى ئۈزىمىز قىياس قىلساق بۇلىدۇ، سەھىپىنىڭ بەكلا كېڭىيىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئالدىنقى ئون بەش خىل ئەھۋالنىڭ رەسىمى ئاددىلاشتۇرۇپ كۆرسىتىلدى ،بۇ رەسىمدە 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 19:32:38 تە ئاي غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا تۇلۇق پېتىپ بولغاندا قۇياشنىڭ ئەمدى تېخى ئۇپۇق سىزىقىغا بېشىنى تەككۈزىۋاتقان ھالىتىنى چۈشەندۈرىدۇ)

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:31:11     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:34:06 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 55 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:07:56     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:16:42 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 8 مىنۇت 46 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:44:33     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:51:03 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 6 مىنۇت 30 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:05:04     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:13:32 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 8 مىنۇت 28 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(يېڭى ئاينىڭ كۈرۈنىشى ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئۈچ شەرت ھازىرلىنىشى كىرەك.بىرىنچىسى  ئالدى بىلەن بىزگە  كۈرۈنمەكچى بولغان يېڭى ئاي چۇقۇم قۇياشتىن كېيىن پېتىشى كىرەككى ھەرگىز قۇياشتىن بۇرۇن پاتماسلىقى كىرەك. ئىككىنچىسى ئاي قۇياشتىن كېيىن پاتقان تەقدىردىمۇ قۇياشتىن قۇبۇل قىلغان نۇرنى يەر شارىغا قايتۇرالىغۇدەك دەرىجىدە يانتۇلۇق شەكىللەندۈرۈپ بىزگە كۈرۈنگۈدەك دەرىجىدە مۇۋاپىق «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى-Magnitude-视星等 » گە يىتىشى كىرەك ،ئادەتتە بۇ خىل قىممەت پىلوس قىممەتتە بولسا قەتئى كۆرگىلى بولماستىن بەلكى مىنۇس 3 تىن يۇقىرى بولغاندا ۋە  مۇۋاپىق  يۇرۇقلۇق شارائىتتا ئاندىن كۈرىنىدۇ. ئۈچىنچىسى بىزنىڭ رايۇنىمىزغا نىسبەتەن پاتقان ئاي چۇقۇم قۇياشنىڭ ئۈزىگە نىسبەتەن قۇياشنىڭ پاتقان ئورنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن  پېتىشى كىرەككى سول تەرىپىدىن پاتماسلىقى كىرەك. چۈنكى بىزگە كۈرۈنىدىغان  ھىلال ئاي ئوڭ قۇلىمىز بىلەن ئورغاقنى ئورما ئورغان چاغدىكىدەك ھالەتتە كۈرۈنسە كۈرۈنىدىكى ھەرگىزمۇ ئورغاقنى تەتۈر تۇتقۇنىمىزدەك ھالەتتە كۈرۈنمەيدۇ ھەم بۇ يېڭى ھىلال ئاي كۈرۈنۈشنىڭ مەنتىقىسىگە ئۇيغۇنمۇ ئەمەس)

دىمەك 10-چىسلا يېڭى ئاينى كۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئۇنداقتا 11-چىسلا رامىزانغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(2)

مىلادى 2010 –يىلى 10-ئاينىڭ 9- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا زۇلقەئدىنىڭ بىرىنچى كۈنى دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 8-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:09:13     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:09:47 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 34 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:25:00     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:34:20 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 9 مىنۇت 20 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:18:33     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:23:23 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 4 مىنۇت 50 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

 (ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:34:38     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:42:06 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 7 مىنۇت 28 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 8-چىسلا يېڭى ئاينىڭ كۈرۈنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئۇنداقتا 9-چىسلا زۇلقەئدىگە بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(3)

مىلادى 2012 –يىلى 7-ئاينىڭ 20- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 19-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 7 مىنۇت 48 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:26:56     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:41:00 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 14 مىنۇت 3 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:59:28     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-20:11:00 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 11 مىنۇت 32 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:20:55     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:34:33 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 13 مىنۇت 37 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 19-چىسلا يېڭى ئاينىڭ كۈرۈنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئۇنداقتا 20-چىسلا رامىزانغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(4)

مىلادى 2012 –يىلى 8-ئاينىڭ 19- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رۇزى ھېيت دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 18-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:27:35     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:23:49 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 3 مىنۇت 45 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ لېكىن قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن تۇلۇق پاتقان ۋاقتىدا يېڭى ئاي بىر مىنۇتتىن كىيىنلام ئۇپۇق سىزىقىغا بېشىنى قۇيىدۇ بۇ بىر مىنۇت ئىچىدىكى ئالەمنىڭ يۇرۇقلىقىدا بۇلۇپمۇ قۇرۇقلۇقتا تۇرۇپ بۇنچىلىك ئىگىزلىكتىكى يېڭى ئاينى كۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:59:17     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:03:59 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 4 مىنۇت 42 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:40:11     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:40:19 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن  8 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:59:40     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:02:18 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 38 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 18-چىسلا يېڭى ئاينىڭ كۈرۈنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئۇنداقتا 19-چىسلا رۇزى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇش توغرىمىدۇ؟

(5)

مىلادى 2012 –يىلى 9-ئاينىڭ 17- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا زۇلقەئدىنىڭ بىرىنچى كۈنى دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 16-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:32:26     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:42:09 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 9 مىنۇت 43 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:57:25     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:13:28 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 16 مىنۇت 3 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:43:39     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:57:02 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 13 مىنۇت 23 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:01:42     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:17:10 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 15 مىنۇت 28 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 9-ئاينىڭ 16-كۈنى يېڭى ئاينىڭ كۈرۈنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئۇنداقتا 17-چىسلا زۇلقەئىدىگە بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(6)

مىلادى 2013 –يىلى 7-ئاينىڭ 9- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 8-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:45:43     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:58:11 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 12 مىنۇت 29 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:29:14     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:47:58 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 18 مىنۇت 44 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-20:00:03     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-20:16:22 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 16 مىنۇت 18 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:21:49     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:40:19 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 18 مىنۇت 31 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:04:06     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:03:05 )

مەككىدە : قۇياش پېتىپ 1مىنۇت 1 سكۇنتتىن كېيىن ئاي پاتسىمۇ قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن تۇلۇق چۈشۈپ بولغاندا يېڭى ئاي ئۇپۇق سىزىقىغا يېرىمىدىن ئارتۇق پېتىپ بولغان بۇلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاينىڭ «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 2.3 ئەتراپىدا بۇلىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنى يېڭى ئاينى بىزگە قەتئىي كۆرسەتمەيدۇ.

دىمەك 7-ئاينىڭ 8-كۈنى  يېڭى ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 9-چىسلا رامىزانغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(7)

مىلادى 2013 –يىلى 8-ئاينىڭ 8- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رۇزى ھېيت دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 7-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:32:32     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:37:06 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 4 مىنۇت 34 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:08:36     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:20:27 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 11 مىنۇت 51 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:45:59     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:54:11 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 8 مىنۇت 12 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:06:22     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:16:49 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 10 مىنۇت 27 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 8-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا 8-چىسلا رۇزى ھېيت نامىزى ئۇقۇش  توغرىمىدۇ؟

(8)

مىلادى 2013 –يىلى 9-ئاينىڭ 6- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا زۇلقەئدىگە بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 5-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:37:25     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:59:07 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 21 مىنۇت 42 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:07:48     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:33:55 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 26 مىنۇت 7 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:49:51     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:14:38 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 24 مىنۇت 47 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:09:05     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:35:30 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 26 مىنۇت 25 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:18:55     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:29:41 )

مەككىدە : ئاي قۇياشتىن 10 مىنۇت 46 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 9-ئاينىڭ 5-كۈنى يېڭى ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا 6-چىسلا زۇلقەئىدىگە بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(9)

مىلادى 2013 –يىلى 10-ئاينىڭ 6- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رۇزى ھېيت دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 5-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:16:31     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:13:46 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 45 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ لېكىن قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن تۇلۇق چۇشۇپ بولغاندا ئاي ئۇپۇق سىزىقىغا ئەمدىلا ئولتۇرغان بۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاينىڭ «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 2.5 ئەتراپىدا بۇلىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنى يېڭى ئاينى بىزگە قەتئىي كۆرسەتمەيدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:37:11     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:39:11 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:26:49     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:27:32 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 43 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:43:55     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:46:26 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 31 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 10-ئاينىڭ 5-كۈنى يېڭى ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا 6-چىسلا رۇزى ھېيت نامىزى ئۇقۇش توغرىمىدۇ؟

(10)

مىلادى 2018 –يىلى 5-ئاينىڭ16-كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رامىزانغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 15-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:24:55     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:36:54 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 12 مىنۇت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:04:58     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:22:53 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 17 مىنۇت 55 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:36:30     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:54:19 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 17 مىنۇت 49 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:56:43     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:17:21 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 20 مىنۇت 44 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:50:23     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:48:06 )

مەككىدە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 17 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ لېكىن قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن تۇلۇق چۇشۇپ بۇلاي دىگەن چاغدا ئايمۇ ئاللاقاچان ئۇپۇق سىزىقىغا بېشىنى تىقىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاينىڭ «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 2.03 ئەتراپىدا بۇلىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنى يېڭى ئاينى بىزگە قەتئىي كۆرسەتمەيدۇ.

دىمەك 5-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭى ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا 16-چىسلا رامىزانغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(11)

مىلادى 2021 –يىلى 6-ئاينىڭ11-كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا زۇلقەئىدىگە بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 10-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:59:42     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:55:02 )

خوتەندە : قىسمەن كۈن  تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بىرىدۇ يەنى كۈن تۇتۇلۇش سائەت 18:09:51 دە باشلىنىپ 19:00:44 تە ئاخىرلىشىدۇ، 18:35:48 ئەتراپىدا يۇقىرى باسقۇچقا كۈتۈرىلىدۇ.

بۇ كۈنى قۇياش پېتىپ 4 مىنۇت 40 سېكۇنتتىن كېيىن ئاي پاتقان بولسىمۇ لېكىن ئاينىڭ  «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 4.17 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ئاينى كۈرۈش ئەسلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:50:23     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:45:35 )

ئۈرۈمچىدە : قىسمەن كۈن  تۇتۇلۇش ھادىسىسى خوتەندىكىگە قارىغاندا سالمىقى چوڭ بۇلىدۇ يەنى كۈن تۇتۇلۇش سائەت 17:38:05 تە باشلىنىپ 19:10:36 دە ئاخىرلىشىدۇ، 18:26:01 ئەتراپىدا يۇقىرى باسقۇچقا كۈتۈرىلىدۇ. بۇ كۈنى قۇياش پېتىپ 4 مىنۇت 48 سېكۇنتتىن كېيىن ئاي پاتقان بولسىمۇ لېكىن ئاينىڭ  «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 4.33 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش ئەسلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-20:14:02     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-20:13:18 )

يىنچۈەندە :بۇ كۈنى قىسمەن كۈن تۇتۇلۇش سائەت 19:40:42 دە باشلىنىپ قۇياش قىسمەن  تۇتۇلغان پېتى ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ. ھەمدە ئاينىڭ  «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 6.92 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش ئەسلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:36:45     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:37:23 )

بېيجڭدا : بۇ كۈنى 19:29:47 دە قىسمەن كۈن تۇتۇلۇش باشلىنىپ  قۇياش قىسمەن  تۇتۇلغان پېتى ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ. ئاينىڭ  بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 5.93 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش ئەسلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:06:50     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:58:46 )

مەككىدە : ئاي قۇياشتىن 8 مىنۇت 4 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ لېكىن ئاينىڭ «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 1.8 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش يەنىلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

دىمەك 6-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭى ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا 11-چىسلا زۇلقەئىدىگە بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(12)

مىلادى 2023 –يىلى 11-ئاينىڭ14- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا جەمادىئۇل ئەۋۋەلگە بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 13-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:14:36     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:27:47 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 13 مىنۇت 11 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-16:24:01     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-16:41:32 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 17 مىنۇت 31 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:23:06     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:39:21 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 16 مىنۇت 16 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-16:37:58     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-16:55:47 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 17 مىنۇت 49 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:33:29     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:35:42 )

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 13 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 11-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 14-چىسلا جەمادىئۇل ئەۋۋەلگە بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(13)

مىلادى 2023 –يىلى 12-ئاينىڭ14- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا جەمادىئۇل ئاخىرغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 13-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:20:43     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:18:52 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 1 مىنۇت 51 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ لېكىن قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن تۇلۇق چۈشكەندە ئاي ئاللاقاچان ئۇپۇق سىزىقىغا يېرىمىغىچە پاتاي دەپ قالىدۇ.بۇنداق شارائىتتىمۇ ھىلال ئاينى كۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-16:18:58     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-16:26:56 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 7 مىنۇت 58 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:25:29     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:29:20 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 3 مىنۇت 51 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-16:37:25     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-16:44:35 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 7 مىنۇت 10 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 11-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 14-چىسلا جەمادىئۇل ئاخىرغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(14)

مىلادى 2024 –يىلى 1-ئاينىڭ12- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رەجەب ئېيىنىڭ بىرى دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 11-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:13:18     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:37:26 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 24 مىنۇت 8 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-16:12:28     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-16:46:58 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 34 مىنۇت 30 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-17:17:14     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:48:06 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 31 مىنۇت 2 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-16:28:43     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:03:38 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 34 مىنۇت 55 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-16:48:59     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-17:52:21 )

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن 3 مىنۇت 22 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 1-ئاينىڭ 11-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 12-چىسلا رەجەب ئېيىنىڭ بىرى بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(15)

مىلادى 2024 –يىلى 3-ئاينىڭ11- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رامىزانغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 10-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:41:55     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:38:57 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 58 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ لېكىن ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 0.06 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش ئەسلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:04:48     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:05:14 )

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 25 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:49:46     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:52:43 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 57 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:06:09     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:11:43 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 5 مىنۇت 34 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 3-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 11-چىسلا رامىزانغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(16)

مىلادى 2024 –يىلى8-ئاينىڭ7- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا سەفەر ئېيىنىڭ بىرى دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 6-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە 6-چىسلا ئەمەس 5-چىسلا كەچتىلا :

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن47 مىنۇت 26 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 4.80 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈشكە تازا ماس كىلىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن45 مىنۇت 42 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 4.79 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈشكە يەنىلا ماس كىلىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن45 مىنۇت 15 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 4.60 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈشكە ماس كىلىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن44 مىنۇت 20 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 4.52 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈشكە راسا ماس كىلىدۇ.

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن53 مىنۇت 1 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.06 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈشكە گەپ كەتمەيدۇ.

دىمەك 8-ئاينىڭ 5-كۈنىلا يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش مۇمكىنچىلىگى ناھايىتى يۇقۇرى.ئۇنداقتا 6-چىسلا سەفەر ئايغا بىرمۇ ياكى 7-چىسلا بىرمۇ؟

(17)

مىلادى 2025 –يىلى 12-ئاينىڭ21- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رەجەب ئېيىنىڭ بىرى دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 20-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 4 مىنۇت 36 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 14 مىنۇت 6 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 10 مىنۇت 6 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 13 مىنۇت 19 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 12-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 21-چىسلا رەجەب ئايغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(18)

مىلادى 2026 –يىلى 2-ئاينىڭ18- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رامىزان ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 17-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 6 مىنۇت 4 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن9 مىنۇت 26 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 11 مىنۇت 16 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 13 مىنۇت 38 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن 3 مىنۇت 2 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 3.13 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشى مۇمكىن ئەمەس.

دىمەك 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 18-چىسلا رامىزانغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(19)

مىلادى 2026 –يىلى 4-ئاينىڭ18- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا زۇلقەئدە ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 17-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:17:10     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:12:25 )

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 4 مىنۇت 45 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ بىراق ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس0.98 ئەتراپىدا شۇنداقلا ئاينىڭ پېتىش ئورنى قۇياشنىڭ سول تەرىپىگە  توغرا كىلىدۇ بۇنداق شارائىتتا يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:57:11     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:50:32 )

 ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن 6 مىنۇت 39 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ بىراق ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس0.88 ئەتراپىدا شۇنداقلا ئاينىڭ پېتىش ئورنى قۇياشنىڭ سول تەرىپىگە  توغرا كىلىدۇ بۇنداق شارائىتتا يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-19:28:19     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:28:23 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 5 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:48:19     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:49:52 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 1 مىنۇت 33 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:42:40     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:37:08 )

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن 5 مىنۇت 32 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ بىراق ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس1.42 ئەتراپىدا شۇنداقلا ئاينىڭ پېتىش ئورنى قۇياشنىڭ سول تەرىپىگە  توغرا كىلىدۇ بۇنداق شارائىتتا يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دىمەك 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 18-چىسلا زۇلقەئدىگە بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(20)

مىلادى 2026 –يىلى7-ئاينىڭ17- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا سەفەر ئېيىنىڭ بىرى دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 16-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە 16-چىسلا ئەمەس 15-چىسلا كەچتىلا :

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن59 مىنۇت 20 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.83 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشىگە بەكمۇ  ماس كىلىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن56 مىنۇت 7 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.83 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشىگە بەكمۇ  ماس كىلىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن56 مىنۇت 10 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.63 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشىگە بەكمۇ  ماس كىلىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن44 مىنۇت 44 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.56 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشىگە بەكمۇ  ماس كىلىدۇ.

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن53 مىنۇت 1 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.06 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈشكە ماس كىلىدۇ.

دىمەك 8-ئاينىڭ 5-كۈنىلا يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش مۇمكىنچىلىگى ناھايىتى يۇقۇرى.ئۇنداقتا 6-چىسلا سەفەر ئايغا بىر بولغىنى توغرىمۇ ياكى 7-چىسلا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(21)

 مىلادى 2030 –يىلى 8-ئاينىڭ30- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا جەمادىئۇل ئەۋۋەل ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 29-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 8 مىنۇت 4 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن15 مىنۇت 12 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 11 مىنۇت 36 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 13 مىنۇت 46 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 8-ئاينىڭ 29-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.ئۇنداقتا 30-چىسلا جەمادىئۇل ئەۋۋەل ئايغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

21.مىلادى 2031 –يىلى 8-ئاينىڭ19- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا جەمادىئۇل ئەۋۋەل ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 18-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 15 مىنۇت 11 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن21 مىنۇت 24 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 18 مىنۇت 29 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 20 مىنۇت 27 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن 1 مىنۇت 24 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 8-ئاينىڭ 18-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 19-چىسلا جەمادىئۇل ئەۋۋەل ئايغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(22)

مىلادى 2031 –يىلى 9-ئاينىڭ18- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا جەمادىئۇل ئاخىرى ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 17-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 33 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ قۇياش ئۇپۇق سىزىقىغا تۇلۇق پېتىپ بولغان چاغدا ئايمۇ ئۇپۇق سىزىقىغا ئاللاقاچان يېرىمدىن ئارتۇق پېتىپ بولغان بۇلىدۇ.بۇ چاغدا ھىلال ئاينى كۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن6 مىنۇت 16 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 58 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 5 مىنۇت 6 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 9-ئاينىڭ 17-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 18-چىسلا جەمادىئۇل ئاخىرى ئېيىغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(23)

مىلادى 2031 –يىلى 10-ئاينىڭ17- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رەجەپ ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 16-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 9 مىنۇت 56 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن13 مىنۇت 47 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 13 مىنۇت 14 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 14 مىنۇت 52 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 10-ئاينىڭ 16-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 17-چىسلا رەجەپ ئايغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(24)

مىلادى 2031 –يىلى12-ئاينىڭ15- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رامىزان ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 14-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە14-چىسلا كەچتە  :

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن11 مىنۇت 39 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 0.36 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن11 مىنۇت 59 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 0.65 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن7 مىنۇت 20 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 0.58 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن5 مىنۇت 55 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 0.49 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

دىمەك 12-ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 15-چىسلا رامىزانغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(25)

مىلادى 2034 –يىلى1-ئاينىڭ21- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا زۇلقەئدە  ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 20-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى :

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن10 مىنۇت 54 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 1.31 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن12 مىنۇت 57 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 0.65 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن7 مىنۇت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 1.38 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن6 مىنۇت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 1.45 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

مەككىدە : ئاي قۇياشتىن11 مىنۇت 5 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 1.71 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

دىمەك 1-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 21-چىسلا زۇلقەئدە  ئايغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(26)

مىلادى 2034 –يىلى3-ئاينىڭ21- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا مۇھەررەم  ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 20-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى :

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:50:03     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:47:43 )

خوتەندە : كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بىرىدۇ،سائەت 16:50:06 دە باشلىنىدۇ،بۇ قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇشنىڭ سالمىقى چوڭ بۇلۇپ تۇلۇق كۈن تۇتۇلۇشقا ئاز قالىدۇ. سائەت 17:53:43 دە راسا ئەۋجىگە چىقىدۇ.گەرچە ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 20 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ كۈن تۇتۇلغان ھالەتتە ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ،ھىلال ئاينى كۈرۈش ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:17:53     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:17:03 )

ئۈرۈمچىدە : كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بىرىدۇ،سائەت 16:52:51 دە باشلىنىدۇ،بۇ قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇشنىڭ سالمىقى چوڭ بۇلۇپ تۇلۇق كۈن تۇتۇلۇشقا ئاز قالىدۇ. سائەت 17:50:48 دە راسا ئەۋجىگە چىقىدۇ.كۈن تۇتۇلغان پېتى ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ ، ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:59:16     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-19:02:03 )

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 47 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:16:53     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:21:42 )

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 4 مىنۇت 49 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

(ئاينىڭ پېتىش ۋاقتى-18:37:07     قۇياشنىڭ پېتىش ۋاقتى-18:28:10 )

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن 8 مىنۇت 58 سېكۇنت كېيىن پاتسىمۇ بۇ كۈنى مەككىدىمۇ ئوخشاشلا قىسمەن كۈن تۇتۇلغانلىقتىن ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى »پىلوس 0.81 ئەتراپىدا بۇلۇپ ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

دىمەك 3-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 21-چىسلا مۇھەررەم ئايغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(27)

 مىلادى 2035 –يىلى1-ئاينىڭ10- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا زۇلقەئدە  ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 9-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى :

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن20 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 1.52 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن2 مىنۇت 22 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 1.60 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 2 مىنۇت 51 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 3 مىنۇت 39 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

مەككىدە : ئاي قۇياشتىن27 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 1.23 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

دىمەك 1-ئاينىڭ 9-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 10-چىسلا زۇلقەئدە  ئايغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(28)

مىلادى 2035 –يىلى2-ئاينىڭ9- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا زۇلھەججە  ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 8-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى :

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن8 مىنۇت 12 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 1.05 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن8 مىنۇت 14 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 1.40 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن4 مىنۇت 9 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 1.42 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن2 مىنۇت 44 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » پىلوس 1.38 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

مەككىدە : ئاي قۇياشتىن11مىنۇت35 سېكۇنت كېيىن پاتقان بولسىمۇ بىراق  ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنوس 0.36 ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاي قۇياشنىڭ سول تەرىپىدىن پاتىدۇ.ھىلال ئاينىڭ كۈرىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

دىمەك 2-ئاينىڭ 8-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 9-چىسلا زۇلھەججىگە بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۇقۇش بىر كۈن كەينىگە سۈرىلەمدۇ قانداق؟

(29)

مىلادى 2036 –يىلى 4-ئاينىڭ27- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا رەببىئۇل ئەۋۋەل ئايغا بىر دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 26-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ كۈنى:

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن 3 مىنۇت 45 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن8 مىنۇت 53 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن 9 مىنۇت 6 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن 11 مىنۇت 45 سېكۇنت بۇرۇن پاتىدۇ.

دىمەك 4-ئاينىڭ 26-كۈنى يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ.ئۇنداقتا 27-چىسلا رەببىئۇل ئەۋۋەل ئايغا بىر بولغىنى توغرىمىدۇ؟

(30)

مىلادى 2037 –يىلى11-ئاينىڭ10- كۈنى ھىجرىيە كالېندارىدا شەۋۋال ئايغا بىر يەنى رۇزى ھېيت دىيىلگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى 9-چىسلا كەچتە يېڭى ئاي كۈرىنىشى كىرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە 9-چىسلا ئەمەس 8-چىسلا كەچتىلا :

خوتەندە : ئاي قۇياشتىن56 مىنۇت 17 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.29 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشىگە بەكمۇ  ماس كىلىدۇ.

ئۈرۈمچىدە : ئاي قۇياشتىن54 مىنۇت 44 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.21 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشىگە بەكمۇ  ماس كىلىدۇ.

يىنچۈەندە : ئاي قۇياشتىن52 مىنۇت 59 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.05 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشىگە بەكمۇ  ماس كىلىدۇ.

بېيجڭدا : ئاي قۇياشتىن51 مىنۇت 44 سېكۇنت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 4.95 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشىگە  ماس كىلىدۇ.

مەككىدە: ئاي قۇياشتىن بىر سائەت 3 مىنۇت كېيىن پاتىدۇ شۇنداقلا ئاينىڭ بۇ چاغدىكى «كۈرۈنمە يۇرۇقلۇق قىممىتى » مىنۇس 5.64 ئەتراپىدا بۇلۇپ يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.

دىمەك 11-ئاينىڭ 8-كۈنىلا يېڭى ھىلال ئاينى كۈرۈشكە گەپ كەتمەيدۇ ئۇنداقتا 9-چىسلا رۇزى ھېيت نامىزى ئۇقۇش كىرەكمۇ ياكى 10-چىسلا ئۇقۇش كىرەكمۇ؟!

بۇ يەردىكى «پېتىش» سۈزى قۇياش ۋە ئاينىڭ غەرىبكە ئولتۇرغاندىكى – غەربىي ئۇپۇق سىزىققا يەنى زىمىن بىلەن ئاسمان ئايرىلىپ تۇرىدىغان كۆز ئالدىمىزدىكى توغرا سىزىققا پاتقاندىكى قۇياش بىلەن ئاينىڭ « ئېگىزلىك گىرادۇسى»نىڭ مىنۇس نۆل بولغان چاغدىكى ھالىتى بۇلۇپ مۇنداقچە ئېيتقاندا قۇياش ۋە ئاينىڭ ئۇپۇق سىزىقىغا ئولتۇرۇپ يېرىم نانچىلىك قالغاندىكى ھالىتىدۇر. «ئېگىزلىك گىرادسى» ئاستىرونۇمىيە ئىلمىدىكى بىرخىل  بىرلىك بۇلۇپ مەيلى قۇياش ، ئاي ياكى  باشقا سەييارە يۇلتۇزلار بولمسۇن ھەممىسى شەرىقى ئۇپۇق سىزىقىدىن  كۈتۈرۈلۈپ غەربى ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدۇ ئاددىسى قۇياشنى مىسالغا ئالساق قۇياش شەرقىي ئۇپۇق سىزىقىدىن كۈتۈرۈلمىگەن چاغدا يەنى ئۇپۇقنىڭ ئاستىدا تۇرغان چاغدا بىزگە نىسبەتەن مەنفى (مىنۇس) ئالامەتتە بۇلىدۇ.ئۇپۇقتىن بېشىنىڭ يېرىمىنى چىقىرىپ ناننىڭ يېرىمىدەك بولغان ھالەتتە مىنۇس نۆل گىرادۇستىن پىلۇس نۆل گىرادۇسقا ئالماشقان ھالەتتە بۇلىدۇ. قۇياش كۈتۈرۈلۈپ يۇمىلاق ھالەتكە كىرگەندە پىلۇس 0 گىرادۇس 25-30 مىنۇت ئېگىزلىكتە تۇرغان بۇلىدۇ.ئالاھىزەل 3مىنۇتلاردىن كېيىن قۇياش پىلۇس 1 گىرادۇس ئېگىزلىككە كۈتۈرىلىدۇ بىز بۇ چاغدا ئاساسەن قۇياشنى ئېنىق كۈرەلەيمىز.قۇياشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكى ئادەتتە دەل چىڭقى چۈشتىكى ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قىش يازدا ئوخشاش بولمايدۇ.خۇتەندە 12-ئايدا ۋە 1 – ئاينىڭ باشلىرىدا پىلۇس 29 گىرادۇس ئېگىزلىكتە تۇرىدۇ . يازلىقى ئەڭ ئىسسىق بولغان 6-7 ئايلاردا پىلۇس 76 گىرادۇس ئىگىزلىككە چىقىدۇ. مەككىدە بولسا قۇياش 7-ئايلارنىڭ بېشىدىلا پىلۇس 89 گىرادۇس ئېگىزلىككە كۈتۈرىلىدۇ، بۇنداق دىگەنلىك مەككىدە قۇياش ئادەمنىڭ بېشىغا تىك چۈشىدۇ دىگەنلىك بۇلۇپ قۇياشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكى پىلۇس 90 گىرادۇستىن ئاشمايدۇ. مەككىدە ئەڭ سۇغۇق بولدى دىگەن چاغلار 12-1-ئايلار بۇلۇپ بۇ چاغدىكى قۇياشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكى ئاران پىلوس 45 گىرادۇس بۇلىدۇ بۇ خۇتەننىڭ 10-ئايلىرىنىڭ 11 – كۈنلىرى ئەتراپىدىكى قۇياشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىكى ھالىتى بىلەن تەڭلىشىدۇ.بۇ يەردىكى گىرادۇس قىممىتىنى زاغرا تىلدا ئىپادىلىگەندە بىر دانە يېغىپ ئاچقىلى بۇلىدىغان يەلپۈگۈچنىڭ تۇتىدىغان يىرىنى بىزنىڭ تۇرغان ئورنىمىز دىسەك قۇياشقا ئالدىمىزنى قىلىپ تۇرۇپ قۇياش ئۇپۇقتىن شۇنداق كۈتۈرۈلگەن ھامان بىز يەلپۈگۈچنى ئاران ئاچساق يەلپۈگۈچنىڭ تۇتقۇچىدا شەكىللەنگەن بۇلۇڭ گىرادۇسى ناھايىتى تۈۋەن بۇلىدۇ، قۇياش ئېگىزلىگەنسىرى يەلپۈگۈچنى ئاچساق يەلپۈگۈچنىڭ تۇتىدىغان يىرىدىكى بۇلۇڭنىڭ كەڭىيىشىگە ئەگىشىپ بۇلۇڭ گىرادۇسىمۇ مۇناسىپ كەڭىيىدۇ.بىز حۇتەندە ئاران 76 گىرادۇس ھالەتتە ئاچالايمىز مەككىدە بولسا 90 گىرادۇسلۇق ھالەتتە ئاچقىلى تاس قالىمىز.دىمەك يەلپۈگۈچنىڭ بىر دانە باش تايىقىنىڭ ئۇچچى ئالدىمىزدىكى ئۇپۇقنى كۆرسەتسە يەنە بىر باش تايىقىنىڭ ئۇچچى قۇياشنى كۆرسىتىدۇ.ئۇپۇق ، بىز تۇرغان جاي ، قۇياش بۇ ئۈچى بىر بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ. قۇياش ئۆرلىگەنسىرى بۇ بۇلۇڭ كەڭىيىدۇ ، چىڭقى چۈشتە بۇلۇڭنىڭ كەڭىيىشى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يىتىدۇ تەخمىنەن بىر مىنۇتلاردىن كېيىنلام بۇ بۇلۇڭ يەنە تارىيىشقا يەنى يەلپۈگۈچ يېغىلىشقا باشلايدۇ، قۇياش غەربىي ئۇپۇققا پاتقان چاغدا يەلپۈگۈچمۇ تەدىرجى يېغىلىپ پىلوس 0 گىرادۇس ھالەتكە كىلىدۇ، قۇياش ئۇپۇققا تۇلۇق پاتقاندا مىنۇس 0 گىرادۇس ھالەتكە كىرگەن بۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن مىنۇس سانلىق قىممەتلەر باشلىنىدۇ.

بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان ھىجرىيە كالىندارى 10-ئەسىردە شىنجاڭغا كىرىپ 13-ئەسىرلەرگە كەلگەندە (مىلادى1267-يىلى) ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان . خەلىقئارادىكى ئىسلام ئەللىرى ۋە كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار بۇ خىل كالېندارنى ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن ئىدى لېكىن يېقىنقى يىللار مابەينىدە بۇلۇپمۇ ئىلىم-پەننىڭ كۈچلۈك تۆرتكىسى ئاستىدا ئاي شارى ۋە يەرشارى تەتقىقاتى مىسلىسىز مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى ، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ياردىمىدە ئىلىم-پەننىڭ ۋاستىسى بىلەن  ئايغا چىقالىدى. ئاي شارى ۋە يەرشارى توغرىسىدىكى ئەڭ توغرا بولغان مەلۇماتلارغا ، سان –ساناقلارغا ئىرىشتى.مۇشۇ تەتقىقات نەتىجىلرى ئاساسىدا بىز ھازىر قوللىنىپ كەلگەن ھىجرىيە كالېندارىدىكى بەزى كۈنلەرنى بۇلۇپمۇ ئاي ھەركىتىنى  ئەمىلىيەتنىڭ ئۈزىگە تەتبىقلاپ كۆرگۈنىمىزدە بەزى ئايلارنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ باشلىنىشى ئەمىلىيەتتە ئاسماندىكى يېڭى ئايلارنىڭ(يېڭى ھىلال ئاينىڭ) كۈرىنىشىگە تازا ماس كىلەلمەي قالدى . كالېنداردا ئۆگۈنلىككە رۇزا ھېيت نامىزى ئۇقۇلىدۇ دەپ پۈتۈلگەن بولسا ياكى يېڭى ئاي كىرىدۇ دەپ پۈتۈلگەن بولسا ئەمىلىيەتنىڭ ئۈزىدە ئاسماندىكى يېڭى ئاي بۈگۈن كۈرۈنۈپ قېلىپ  كىشىلەرنى ئەتە ھېيت نامىزى ئۇقۇشقا مەجبۇرقىلغان.ئەمىلىيەتتە ئاي شارىنىڭ يەرشارىنى ئايلىنىشى مىنۇت – سىكۇنىت ئۇيان – بۇيان بولماستىن ناھايىتى قانۇنىيەتلىك ئايلىنىدۇ. يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىشىمۇ شۇنداق قانۇنىيەتلىك، سەييارە – پىلانىتلارنىڭ  كىشىنى ھەيران قالدۇرۇدىغان بۇنداق  قانۇنىيەتلىك ھەركەتلىرى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بۇلۇپ ئەقىللىق كىشىلەر بۇنىڭغا قاراپ قۇدىرەتلىك ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماي تۇرالمايدۇ.

ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئىلغار پەن – تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە ئاي شارىنىڭ ئايلىنىش يۇلى شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەر مىنۇت-سىكىنۇتتىكى تىزلىكىنى ، ئورنىنى ناھايىتى توغرا ھىساپلاپ  چىقىتى.بۇ ئارقىلىق كەلگۈسى نەچچە يۈز يىل ئىچىدە يۈز بىرىدىغان كۈن تۈتۈلۇش، ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىلىرىنى قاچان ، قەيەردە يۈز بىرىدىغانلىقىنى مىنۇت ، سىكىنۇتقىچە توغرا ھىساپلاپ ئالدىن مەلۇمات بەردى. ئۇلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن كۈن ياكى ئاي تۇتۇلىدىغان چاغلاردا ئەمىلىيەتنىڭ ئۈزىگە قارايدىغان بولساق كۈن تۇتۇلۇش ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىلىرى زادى ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك مىنۇت- سىكىنۇت كىچىكمەي يۈز بەردى.

مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ  « ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئۇنى ئىگىلەش لازىم»،   «ئالىملارنىڭ سەھىپە بەتلىرىگە يازغان سىياھى شېھىتلارنىڭ قەبرە تاشلىرىغا ئۇيۇلغان يېزىقلار بىلەن ئوخشاشلا قەدىرلىنىدۇ »« مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشتا باشقا خەلقلەردىن ئارقىدا قالماسلىقى كېرەك » دىگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتە ئىلھامبەخش كۈچىنى يۇقاتقىنى يوق.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئىسلامىيەت ئالىم – ئۈلىمالىرى ھىجرىيە كالېندارىنى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە بۇلۇپمۇ ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى تۇلۇق بىر ئايلىنىپ چىقىش ھەركىتىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن زامانىۋى پەن-تېخنىكىلىق قۇراللاردىن پايدىلىنىپ ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارى ئاساسىدا مەككىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن يىڭىچە بىر خىل مەككەھ ھىجرىيە كالىندارىنى تۈزۈپ چىقتى.بۇ خىل يېڭىچە ھىجرىيە كالېندارىنى

 دۇنيا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (Muslim World League)،

 مىسىر ئەزھەر ئونۋېرسىتىتى (Egyptian General Authority of Survey)

كاراچى ئىسلام ئونۋېرسىتىتى    (University of Islamic sciences Karachi)

مەككەھ (Umm Al- Qura)

قاتارلىق ئۇرۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىم ئۈلىمالار ھەم خەلق بىردەك قوللاپ قۇۋەتلىدى.

دىمەك «مەككىدە نىمە ئۈچۈن 2011-يىلدىكى رۇزا ھېيت نامىزى جۇڭگۇغا قارىغاندا بىر كۈن بۇرۇن ئۇقۇلدى؟» دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى –جۇڭگۇدىكى ھىجرىيە كالېندارى بىلەن مەككىدىكى ھىجرىيە كالېندارنىڭ تۈزۈلىشىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىدىن بولغان.

ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارىدا (ھازىر جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلار قوللىنىۋاتقىنى مۇشۇ ھىجرىيە كالېندارىدۇر)ئاي ناملىرى مۇنداق پۈتۈلگەن ئىدى :

1-ئاي      مۇھەررەم               30 كۈن

2-ئاي      سەفەر                  29 كۈن

3-ئاي      رەبىئۇل ئەۋۋەل        30 كۈن

4-ئاي      رەبىئۇل ئاخىر          29 كۈن

5-ئاي      جەمادىئۇل ئەۋۋەل      30 كۈن

6-ئاي      جەمادىئۇل ئاخىر       29 كۈن

7-ئاي      رەجەب                  30 كۈن

8-ئاي      شەئبان                 29 كۈن

9-ئاي      رامىزان                 30 كۈن

10-ئاي     شەۋۋال                 29 كۈن

11-ئاي     زۇلقەئدە                30 كۈن

12-ئاي     زۇلھەججە               29 كۈن (كەبىسە يىلدا 30 كۈن)

كەبىسە يىلىدىكى 12-ئايغا بىر كۈن قېتىلغان.

يۇقارقىلار بۇ ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈش پېرىنسىپى بۇلۇپ ئالاھىدىلىكى بولسا ئالدىغا تۈزۈش ئاسان، بۇنىڭدىكى ھەرقايسى ئايلارنىڭ كۈن سانى  ئاي شارىنىڭ يەرشارىنى بىر ئايلىنىپ چىقىش جەريانىغا يۈزەكى جەھەتتىن ماس كەلگەن. بۇلۇپمۇ پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلمىغان قەدىمى دەۋىرلەردە ئاي ھەركىتىگە ئاساسەن ماس كەلگەن.

بۇ كالېندارنىڭ ئاساسلىق يىتەرسىزلىكى بولسا كالېنداردىكى بىر ئاينىڭ ۋاقتى ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى تۇلۇق بىر ئايلىنىپ يېڭى ئاي شەكىللەندۈرگىچە بولغان ئارلىقتىكى ئەمىلىي ۋاقىتتىن خېلىلا  ئېشىپ كەتكەن ياكى ئازىيىپ كەتكەن.بۇلۇپمۇ ھازىرقى تەرەققىيات دەۋىردىكى ھەرقايسى قاتلام زىيالىيلىرىنىڭ ،ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ ، ئاستىرونۇمىيە خادىملىرىنىڭ قايىللىقى دىگۈدەك بولمىغان.

ھازىرقى خەلىقئارادىكى  يېڭىچە مەككەھ ھىجرىيە كالېندارىدا بولسا مۇنداق پۈتۈلگەن:

1-ئاي      مۇھەررەم                29 ياكى30 كۈن

2-ئاي      سەفەر                   29 ياكى30 كۈن

3-ئاي      رەبىئۇل ئەۋۋەل         29 ياكى30 كۈن

4-ئاي      رەبىئۇل ئاخىر          29 ياكى30 كۈن

5-ئاي      جەمادىئۇل ئەۋۋەل      29 ياكى30 كۈن

6-ئاي      جەمادىئۇل ئاخىر       29 ياكى30 كۈن

7-ئاي      رەجەب                 29 ياكى30 كۈن

8-ئاي      شەئبان                 29 ياكى30 كۈن

9-ئاي      رامىزان                 29 ياكى30 كۈن

10-ئاي     شەۋۋال                 29 ياكى30 كۈن

11-ئاي     زۇلقەئدە                29 ياكى30 كۈن

12-ئاي     زۇلھەججە               29 ياكى30 كۈن

بۇ يېڭى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ تۈزۈلۈش پىرىنسىپى ۋە ئالاھىدىلىگى بولسا مۇنداق:

 1.بىر قېتىملىق يېڭى ئايدىن يەنە بىر قېتىملىق يېڭى ئاي شەكىللەنگىچە بولغان ۋاقىت زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە  ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەڭ توغرا شەكىلدە ھىساپلىنىپ چىقىلىپ  ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندار ئاساسىدا 29 كۈن ياكى 30 كۈن  بىر ئاي قىلىنغان.ئەمما ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارىدىكىگە ئوخشاش ئالدىنئالا پالانى ئاي چوڭ ،پالانى ئاي كىچىك ئاي دەپ مۇقىم ئايرىلمىغان.كەبىسە يىل يوق بولغان (ناۋادا ئاي بىلەن قۇياش روبىرۇ ئۇچرىشىپ بىر سىزىققا كەلگەندە يەرشارى بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا ئاي بۇ چاغدا تۇلۇن ئاي بولغان بۇلىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئاي شارى- يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بۇلۇپ بۇ ئۈچى دەل روبىرۇ بىر تۈز سىزىققا كەلسە  بۇ  تۈن قاراڭغۇسىدىكى  ئاي- «يېڭى ئاي» دەپ ئاتىلىدۇ)

 2.ھىجرىيە ئايلىرىنىڭ ئالمىشىشى ئۈچۈن يېڭى ئاي بۇلۇشنىڭ تاماملىنىش ھەركىتى(يەر شارى ، ئاي شارى ، قۇياش قاتارلىق بۇ ئۈچ ئاسمان جىسمىنىڭ بىر تۈز سىزىققا روبىرۇ كىلىش ھالىتى) چۇقۇم قۇياش غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا پېتىشنىڭ ئالدىدا تاماملىنىشى شەرت بولغان.

3. ھىجرىيە ئايلىرىنىڭ ئالمىشىشى ئۈچۈن ئاي شارى يېڭى ئاي بۇلۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن چۇقۇم قۇياشتىن كېيىن پېتىشى شەرت  قىلىنغان. گەرچە يېڭى ئاي بۇلۇپ شەكىللىنىش ھەركىتى قۇياش پېتىشنىڭ ئالدىدا تاماملانغان بولسىمۇ لېكىن بۇ يېڭى ئاي قۇياشنىڭ ئالدىدا پېتىپ قالسا ئۇنداقتا ھىجرىيدىكى بۇ ئاي چىكەتمىگەن يەنە بىر ئاي كىرمىگەن ھىساپلانغان.بۇ بەلكىم ھەدىسكە ئاساسەن بولغان بۇلىشى مۇمكىن.

4. ھىجرىيە ئايلىرىنىڭ ئالمىشىش ھارپىسىدا يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۈرۈنىشى شەرت بولمىغان(ئەمىلىيەتتە ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارىدىمۇ بۇ شەرت بولمىغان ئىدى)

5.بۇ خىل كالېندار بەلگىلىك رەسەتخانىلاردا، ئاستىرونۇمىيە تەتقىقات ئۇرۇنلىرىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك پەن –تېخنىكىلىق قۇراللاردىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن بۇلۇپ زامانىۋى ئېلىم-پەننىڭ مەھسۇلىدۇر.بۇنى قىياسقا ئاساسەن تۈزۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

6.بۇ ھىجرىيە كالېندارىدىكى ئايلارنىڭ ئالمىشىش ھارپىسىدا يېڭى ھىلال ئاي كۈرۈنىدۇ ياكى كۈرۈنمەيدۇ ئەمما كونا ھىجرىيە كالېندارىدىكىگە ئوخشاش يېڭى ھىلال ئاي قەتئىي بىر كۈن بۇرۇن كۈرۈنۈپ قالىدىغان ئىش بولمايدۇ.چۈنكى بۇنىڭدىكى ئايلارنىڭ بەلگىلىنىشىدە  ئەڭ ئاساسلىقى بىر قېتىملىق يېڭى ئايدىن يەنە بىر قېتىملىق يېڭى ئاي شەكىللەنگىچە بولغان ۋاقىت زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە ئىنچىكە ھەم توغرا ھىساپلىنىپ ئاندىن بىر ئاي قىلىنغان.مانا مۇشۇنداق شارائىتتا  يېڭى ئاينىڭ بالدۇر كۈرۈنۈپ قېلىشى خۇددى  «شەرىقتىن كۈتۈرىلىۋاتقان قۇياشنىڭ تۇيۇقسىز كەينىگە يانغىنىدەكلا بىر ئىش » ھىساپلىنىدۇ.

7.بۇ كالېندارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ماس كىلىشچانلىقى ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارىغا قارىغاندا خېلىۋەك يۇقىرى ، ھەرقايسى جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇرۇننىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كىلىپ چىقىدىغان يېڭى ئاي كۈرۈنۈش –كۈرۈنمەسلىك ئەھۋالى  ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە توغۇرلانغان. بۇ ھىجرىيە كالېندارىغا نىسبەتەن ئاستىرونۇمىيىدىن مەلۇم دەرىجىدىكى بىلىم سەۋىيەگە ئىگە بولغان ئىلمىي خادىملار بۇلۇپمۇ مۇنتىزىم تەربىيەلەنگەن ھەرقايسى ئەل ھەرقايسى ئىتىقادتىكى زىيالىي كىشىلىرى ھېچقانداق گۇمانلىنىش، گاڭگىراش تۇيغۇسىدا بولماستىن بەلكى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ ئاجايىپ توغرا بولغان، نۇقۇل ئاي ھەركىتىگە ماس كىلىدىغان بىر كالېندار ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ.

دىمەك ئىسلاھات قىلىنغان مەككىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بۇ ھىجرىيە كالېندارىنىڭ ئىلمىلىكى ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇپ بۇنى زامىۋى پەن –تېخنىكىنىڭ بىر مەھسۇلاتى دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ .   قۇرئان ۋە ھەدىسكە شۇنداقلا  ئاي شارىنىڭ يەرشارىنى دەۋىرلىك ئايلىنىپ چىقىش قانۇنىيىتىگە ناھايىتىمۇ بەك ئۇيغۇن بولغان. ئەنئەنىۋى كالېنداردىكى بەزى كەمچىلىكلەرنى پۈتۈنلەي يېپىپ ئىسلام كالېندارىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا تۇنۇتقان .

بۇنىڭ تۆرتكىسىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىسلام ئەللىرى بۇ كالېندارنى يەنى مەككە كالېندارنى شۇ پېتى ئشلەتكەن.«2011-يىلى روزا ھېيت نامىزى ئۇقۇغان 32 دۈلەت» مۇ شەكسىز بۇ كالېندارنىڭ ئۈزىنى قوللانغان.

ئەمما جۇڭگۇدا ھازىر قوللىنىۋاتقان ھىجرىيە كالېندارى- جۇڭگۇ ئىسلام جەمىيىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىلغان «ئۈچ خىل يىلنامىنىڭ سېلىشتۇرما جەدىۋىلى» گە ئاساسەن يەنى ئون نەچچە ئەسىر ئالدىدىكى ھىجرىيە تەقۋىمچىلىك ئاساسىدا تۈزۈلگەن كالېندار بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇر –ئالاقە مىسلىسىز تىزلەشكەن بۇ دەۋىردە كىشىلىرىمىز ئارىسىدا بۇ ھىجرىيە كالېندارىدىكى كۈنلەرگە نىسبەتەن يەنىلا بۈلىنىش،گاڭگىراش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بۇلىۋاتىدۇ، بۇنداق ئىشلارنىڭ ئارىمىزدا كۈندىن-كۈنگە ئەۋىج ئېلىشى دىنىمىزنىڭ  ئەھكاملىرىغا ھەقىقەتەن ئۇيغۇن ئەمەس شۇنداقلا نۈۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان «سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش» شۇئارىغىمۇ پايدىسىز.

تۆتىنچى باپ

بۇ كالېندار بىزگە ماس كەلمەمدۇ؟

 شۇنىمۇ دەپ ئۈتۈش زۈرۈركى مەككىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بۇ  يېڭى ھىجرىيە كالېندارى بىز قوللىنىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارىغا قارىغاندا ناھايىتى كۆپ ئىلغار بولسىمۇ بىز بۇ يېڭى مەككە كالېندارىنى يۇرتىمىزدا قوللانساق يەنىلا ناھايىتى ئاز ساندا ئوخشىماسلىقلار كىلىپ چىقىشى تەبىئىي.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەر رايون خەلقىنىڭ كۆرگەن ئېيى ئۆزىگە ھېساپ» دېگەن مەزمۇندا بىر سۆزى بار. ئاي ھەركىتىنىڭ تەبىئى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ھېيت كۈنلىرىمۇ رايونلارغا نىسبەتەن پەرقلىق بولىشى ناھايىتى تەبىئى ئەھۋال.

يۇقارقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ  مەككە ھىجرىيە كالېندارىنىڭ تۈزۈلۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن NASA نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىريالى ۋە  يۇمشاق دىتالStellarium  دىن پايدىلىنىپ  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن رايۇنىنى ئاساس قىلىپ مىلادى 2010-يىلدىن2040-يىلغىچە بولغان شىنجاڭغا ماس كىلىدىغان 30 يىللىق يېڭىچە ھىجرىيە كالېندارىنى تۈزۈپ چىقتىم.

ئاندىن كىشىلىرىمىزنىڭ« ياق ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئىختىسادى مەرگىزى شەھىرى ئۈرۈمچى شۇڭا ئۈرۈمچى رايۇنى ئاساس قىلىنىشى كىرەك» دەپ تۇرىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگىمۇ 30 يىللىق تۈزدۈم.

ئاندىن كىشىلىرىمىزنىڭ جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلار نۇپۇسىدا  خۇيزۇلارنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ « شۇڭا نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئىختىسادى مەرگىزى شەھىرى يىنچۈەن ئاساس قىلىنىشى كىرەك» دەپ تۇرىۋالماسلىقى ئۈچۈن يىنچۈەن گىمۇ 30 يىللىق تۈزدۈم.

 يەنە كىشىلىرىمىزنىڭ «ياق نىمە بۇلۇشتىن قەتئىي نەزەر جۇڭخۇا خەلق جەمھۈرىيىتىنىڭ پايتتەختى بېيجىڭ شۇڭا بېيجىڭ رايۇنى ئاساس قىلىنىشى كىرەكقۇ- دەيمەن؟! » دەپ تۇرىۋالماسلىقى ئۈچۈن بېيجىڭگىمۇ 30 يىللىق تۈزدۈم.

(خوتەن بىلەن ئۈرۈمچى ياكى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاي ھەركىتىنى بۇلۇپمۇ يېڭى ئاي ۋە قۇياشنىڭ  ئۇپۇق سىزىقىغا پېتىش ئەھۋالىنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ھىجرىيە ئايلىرنىڭ ئاي ئالمىشىش پىرىنسىپىدا ئاساسەن كۈرنەرلىك ئۆزگىرىش يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھىپىنىڭ بەك كېڭىيىپ پايدىلىنىشقا قۇلايسىز بۇلۇپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن شىنجاڭ رايۇنىغا نىسبەتەن خوتەننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى ئاساس قىلىنغان بىرلا كالېندار ئېلىندى ).

 مەزكۇر كالېندارلار مەيلى جۇڭگۇدىكى ياكى خەلىقئارادىكى قايسى رەسەتخانىلارغا بارمىسۇن ئۈزىنىڭ يىتەرلىك دەلىل – ئىسپاتلىرى ۋە قايىل قىلارلىقى بىلەن بوينىنىڭ قىسىلىپ قالماي تۆردىن ئۇرۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم ناھايىتىمۇ كامىل .(مەككە كالېندارىنىڭ تۈزۈلۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بۇ تۆت خىل ھىجرىيە كالېندارى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قۇشۇمچە قىلىپ بىرىلدى)

شۇنداق قىلىپ ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارى، ھازىرقى مەككە كالېندارى شۇنداقلا مەن تۈزگەن شىنجاڭ كالېندارى، نىڭشىيا كالېندارى ، بېيجىڭ كالېندارىنىڭ كەلگۈسى 30 يىللىقىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە تۈۋەندىكىلەرنى خۇلاسىلاش مۇمكىن:

ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا

مەككە ھىجرىيە كالېندارى

شىنجاڭ ھىجرىيە كالېندارى

نىڭشىيا ھىجرىيە كالېندارى

بېيجىڭ ھىجرىيە كالېندارى

ئايلارنىڭ باشلىنىشىدا

210

179

170

162

رامىزاننىڭ باشلىنىشىدا

7

11

10

7

رۇزا ھېيت

20

17

16

15

قۇربان ھېيت

21

17

15

15

ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارى بىلەن ھازىرقى زامان مەككەھ ھېجرىيە كالېندارى شۇنداقلا شىنجاڭ،نىڭشىيا،بېيجىڭ ھىجرىيە كالېندارلىرىنىڭ 30 يىل ئىچىدىكى ئوخشىماسلىقلىرى بەك كۆپ بولغان.

مەككە ھىجرىيە كالېندارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا

ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارى

شىنجاڭ ھىجرىيە كالېندارى

نىڭشىيا ھىجرىيە كالېندارى

بېيجىڭ ھىجرىيە كالېندارى

ئايلارنىڭ باشلىنىشىدا

210

62

83

89

رامىزاننىڭ باشلىنىشىدا

7

6

9

10

رۇزا ھېيت

20

6

8

8

قۇربان ھېيت

21

5

8

8

يۇقارقىدىن كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدىكى مەككە ھىجرىيە كالېندارى بىلەن شىنجاڭ،نىڭشىيا،بېيجىڭ ھېجرىيە كالېندارلىرىنىڭ 30 يىل ئىچىدىكى ئوخشىماسلىقلىرى مەككە ھىجرىيە كالېندارى بىلەن ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارىدىكى ئوخشىماسلىقلارغا قارىغاندا 2ھەسسىدىن 3 ھەسسىگىچە ئازايغان.

شىنجاڭ ھىجرىيە كالېندارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا

ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارى

مەككە ھىجرىيە كالېندارى

نىڭشىيا ھىجرىيە كالېندارى

بېيجىڭ ھىجرىيە كالېندارى

ئايلارنىڭ باشلىنىشىدا

179

62

23

30

رامىزاننىڭ باشلىنىشىدا

11

6

2

3

رۇزا ھېيت

17

6

3

3

قۇربان ھېيت

17

5

3

3

شىنجاڭ ھىجرىيە كالېندارى بىلەن نىڭشىيا، بېيجىڭ ھېجرىيە كالېندارلىرىنىڭ 30 يىل ئىچىدىكى ئوخشىماسلىقلىرى شىنجاڭ ھىجرىيە كالېندارى بىلەن مەككە ھىجرىيە كالېندارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىغاندا تەڭگە-تەڭ ئازايغان.

نىڭشىيا ھىجرىيە كالېندارىغا سېلىشتۇرغاندا

ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارى

مەككە ھىجرىيە كالېندارى

شىنجاڭ ھىجرىيە كالېندارى

بېيجىڭ ھىجرىيە كالېندارى

ئايلارنىڭ باشلىنىشىدا

170

83

23

7

رامىزاننىڭ باشلىنىشىدا

10

9

2

1

رۇزا ھېيت

16

8

3

0

قۇربان ھېيت

15

8

3

0

نىڭشىيا ھىجرىيە كالېندارى بىلەن بېيجىڭ ھېجرىيە كالېندارلىرىنىڭ 30 يىل ئىچىدىكى ئوخشىماسلىقلىرى ناھايىتى  ئاز ساندا بۇلۇپ يەنى ئايلارنىڭ  باشلىنىشىدا 7 يەردە ئوخشىماسلىق كىلىپ چىققان.

يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلۇدىكى شىنجاڭ ، نىڭشىيا ، بېيجىڭ ھىجرىيە كالېندارلىرى ئىچىدىن شىنجاڭ ھىجرىيە كالېندارى – ئەنئەنىۋى ھىجرىيە  كالېندارىغا قارىغاندا مەككە كالېندارىغا ئەڭ يېقىن  بۇلۇپ  30 يىل ئىچىدىكى ھەرقايسى ئايلارنىڭ باشلىنىشىدىكى ئوخشىماسلىق ناھايىتىمۇ زور دەرىجىدە تۈۋەنلىگەن.

شۇنداق بولغان ئىكەن بىز شىنجاڭ رايۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بۇ ھىجرىيە كالېندارىنى جۇڭگۇدا ئورتاق قوللانساق قانداق بۇلار؟ بۇ ھىجرىيە كالېندارى جۇڭگۇدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ماس كىلەرمۇ؟

يۇقاردىكى جەدىۋەلدىن بۇ شىنجاڭچە ھىجرىيە كالېندارنى نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يىن چۈەن شەھرىگە ئۇندىن باشقا  بېيجىڭ شەھرىگە تەتبىقلاپ كۆرگىنىمىزدە يەنە ناھايىتى ئازساندا ھەرقايسى ئايلارنىڭ باشلىنىشىدا پەرىق بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدۇ.چۈنكى يەرشارى ،ئاي شارى قاتارلىقلارنىڭ توختاۋسىز ئايلىنىشى سەۋەبلىك ئاي شارىنىڭ غەربىي ئۇپۇق سىزىقىغا پاتىدىغان ۋاقتىمۇ تۇرغان ئورنىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن ھەرقايسى رايۇنلاردا ئوخشاش بولمايدۇ.ئۇنداقتا مۇشۇ سەۋەپلىك ھەرقايسى رايۇنلار ئۆز ئالدىغا ھىجرىيە كالېندارى تۈزۈپ چىقىشى كىرەكمۇ؟

مىنىڭچە بىر دۆلەتتە ھىجرىيە كالېندارىنىڭ بىر نەچچە خىل بۇلۇپ چىقىشى يەنىلا كىشىلەرنى گاڭگىرتىپ قۇيىشى شۇنداقلا ئىجتىمائى تۇرمۇشتا بەزى قۇلايسىزلىقلارنى ئەكىلىشى تۇرغانلا گەپ .شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن ئاي ھەركىتىنى كۈزىتىدىغان بولساق يەنىلا شىنجاڭدا تۇرۇپ كۈزەتكەندىكى ئاي ھەركىتىنىڭ ھالىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ يەنى شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ھىجرىيە كالېندارىغا ئەڭ يېقىن بۇلۇپ چىقىدۇ ئۇنىڭدىن قالسا مەككىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن مەككەھ ھىجرىيە كالېندارىغا يېقىن بۇلۇپ چىقىدۇ.

ھازىرقى دەۋىردە ئۇچۇر-ئالاقە مىسلىسىز تىزلىشىپ ئېنتىرنىت تورىنى  دۇنيانى كىچىك بىر كەنىتكە ئايلاندۇرۋاتىدۇ.كۆپ ساندىكى ھەرقايسى ئەللەر مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان  مەككىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بۇ مەككىچە يېڭى ھىجرىيە كالېندارىنى قوللىنىۋاتىدۇ(يۇقاردا تىلغا ئالغان 32 دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارمۇ بۇ مەككە ھىجرىيە كالېندارىنى قوللانغان) ئەڭ مۇھىمى ئىسلام دىنى تەشەببۇش قىلىدىغان بىرلىك ، ئىتتىپاقلىق مۇشۇ كالېنداردا بولسىمۇ ئەكىس ئىتىۋاتىدۇ….ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارنىڭ بەزى يىتەرسىزلىككە تولغانلىقىنى ئەمدى بىلەلىگەن بولساقمۇ لېكىن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇ ئەنئەنىۋى ھىجرىيە كالېندارنى ئورتاق قوللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كالېندار ئارىمىزدا ئون نەچچە ئەسىرگىچە ھۈكۈم سۈرەلىگەن ئىدى.ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شەپقىتى بىلەن زامانىۋى ئىلىم-پەننىڭ  ياردىمدە ئۇنىڭدىنمۇ نەچچە ھەسسە توغرا بولغان «مەككەھ ھىجرىيە  كالېندارى» تۈزۈپ چىقىلدى ھەمدە  بۇ خىل يېڭىچە ئىسلام كالېندارى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا  ئورتاق تارالدى .

پارتىيە-ھۈكۈمەتنىڭ يۈكسەك غەمخورلىقى ئاستىدا جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ساپاسىمۇ كۈندىن – كۈنگە يۇقىرلىماقتا، پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش تۈرتكىسىدە كىشىلەرنىڭ ئۇنۋىرسال بىلىم سەۋىيىسى كۈندىن-كۈنگە ئۆرلىمەكتە ، مانا مۇشۇنداق شارائىتتا بىز جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ئون نەچچە ئەسىر ئالدىدىكى كالېندار تەقۋىمچىلىك ئاساسىدا تۈزۈلگەن ھىجرىيە كالېندارىنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ يۈكسەك ئىلمىلىككە تولغان ،ھازىرقى  پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئاساسەن تۇلۇق قوللىنىلىۋاتقان مەككىنىڭ بۇ ھىجرىيە كالېندارىنى قوللانساق قانداق بۇلار؟!

مىلادى 2012-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى

قاراقاش

ئابلىمىت غۇجابدۇللا

ئالاقىلىشىش تېلفۇنى:    18690304949

(سەھىپىنىڭ قىسلىقى سەۋەبلىك ئۈزەم تۈزگەن 30 يىللىق جۇڭگۇ تەۋەلىگىدىكى ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ سېلىشتۇرما كالېندارى بىرىلمىدى، ناۋادا قىززىققۇچىلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا، يەتكۈزۈپ بىرىمەن)

Comments (4)

  • ئايشەم نۇقتا كوم

    اللە رازى بولسۇن سىزدىن ، مۇمكىن بولسا ھەرقايسى رايونلارنىڭ خوتەن ، قاراقاش … ئۈرۈمچى دىگەندەك روزى تۇتۇش ۋاقىتلىرىنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز ، مەن تور بەتنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ بىردەكلىكنى ساقلىساق !

  • يۇلغۇن

    ياپونىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرسىدا جۇڭگۇ بار.ئۇلاردىن بىز بىر كۇن كىيىن ھىيىت قىلىمىزما؟
    جاۋاب :بىز يىسىلەن جاۋ .باشقىلار ئىسلام دىنى بولغانلىقى ئۇچۇن پەرىقلىنىدۇ.

  • مۇھەممەد ئىمىن

    جۇڭگۇ تەۋەلىگىدىكى مۇسۇلمانلارغا قېيىن بولغان بۇ ئېغىر مەسىلىگە تۇنجى بۇلۇپ جاۋاب تاپقان قاراقاشلىق بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
    ئۇلۇغ ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! ھەقىقى ئۇيغۇر مۇسۇلماندەك بىر ماقالا يېزىپسىز…. توغرا بىزمۇ شۇ مەككە كالېندارىنى قوللىنىشىمىز كىرەك ئىدى، چۈنكى بۇ مەككە كالېندارىنى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار قوللىنىۋاتىدۇ، خەلىقئارادىكى كۆپ سانلىق ئىسلام ئالىم -ئۈلىمالىرىمۇ مۇشۇ مەككە كالېندارىنى ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان يەردە بىز جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى نىمىشقا بۇ مەككە كالېندارىنى قوللانمايدىغاندىمىز؟؟؟
    ھەتتا مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلارمۇ، ئەزھەردىكى ئالىم -ئۈلىمالارمۇ مۇشۇ ماقالىدا تەشەببۇس قىلغان مەككە كالېندارىنى قوللىنىۋېتىپتىغۇ!
    بۇ ماقالىنى بىزگە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

  • ئابدۇلئەھەتجان

    دېمەك سىز نېمە دېمەكچى؟گېپىڭىزنى خۇلاسىلىمەپسىز.
    شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ توغرىمۇ ياكى سەئۇدىينىڭمۇ؟ ۋاقت پەرقى ئاران ئۈچ سائەت بولغان شىنجاڭدا، يەنى سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن ئۈچ سائەت بۇرۇن كۈن چىقىدىغان بۇ زىمىندا، ئاي سەئۇدىيدىن بىر كۈن كېيىن، بەزى چاغدا ئىككى كۈن كېيىن چىقىشى(ئېنىق ئېيتساق بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن كېچىكىپ ناماز ئوقۇش) ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ سەئۇدىيدا ئاي كۆرۈپ ناماز ئوقۇيدىغان كۈننى بېكىتىدىكەن، ئەمما بۇ يەردىچۇ؟ ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ئالدىنئالا تۈزىۋېلىنغان 100يىللىق كالىندار ئاساس قىلىنىدۇ.
    بۇنداق بولغان ئىكەن، سىز بۇ گېپىڭىزنى يەنە بىر ئويلىنىپ بېقىڭ. «مەزكۇر ماقالىدىكى مۇددىئا : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ مىسلىسىز تىزلىشىشى نەتىجىسىدە جۇڭگۇ تەۋەلىگىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا رۇزى-رامىزان ئايلىرىنى باشلاش-ئاخىرلاشتۇرۇشتا ياكى قۇربان ھېيت نامىزى ئۇقۇشتا مەككىدىكى ھېيت-ئايەم كۈنلەرنى ئاساس قىلىش ئەھۋاللىرى كۈرۈلىۋاتىدۇ، بۇ خىل بۈلۈنۈش،گاگىراش ئەھۋاللىرى بۇلۇپمۇ رۇزى-رامىزان ئايلىرىدا ئىنتايىن ئېغىر.»
    مەككە ۋاقتىنى ئاساس قىلساق بولاتتى، ئەمما ئاساس قىلالماي بۆلۈنىۋاتىمىز مۇشۇنداق.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top