تۇرسۇنجان بىلگە ئەپەندىم بىلەن YY سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى (بەكتۇر)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ،
بەكتۇر YY دەرىسخانىمىزنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق سۆھبىتىدە ئامېرىكا ۋايومىڭ شىتاتى لارامىي شەھىرىدىكى ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە ھاياتلىق ئىلىمى كەسپى كۆپىيىش فىزىئولوگىيىسى يۆنىلىشىدە دوكتۇرلۇقنى تاماملاش ئالدىدا قېرىندىشىمىز تۇرسۇنجان(بىلگە) ئەپەندىم ئامېرىكىدا ئوقۇش ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن ھەمسۆھبەت بولماقچى .
چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا ئىزدىنىۋاتقان ، مۇشۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ، قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ بېرىشىنى ، ئۆز-ئارا خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كونكرىت ۋاقتى : 2013-يىلى 2-ئاينىڭ15-كۈنى(جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 .
ئورنى : بەكتۇر yy دەرسخانىسى
دەرىسخانا(قانال)ID نومۇرى: 15256230
http://yy.com/15256230
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ، بۇندىن كېيىنكى سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىق نورمال ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن سۆھبەتكە قاتناشقانلارنىڭ دەرىسخانىمىزنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى ، قالايماقان گەپ-سۆزلەرنى قىلماسلىقىنى ، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ، چەك باسمايدىغان سۇئاللارنى سوراپ دەرىسخانا تەرتىپىنى قالايماقان قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
بەكتۇر توربېكىتى
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=916
بىلگار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مومكىن بولسا ماۋۇ ئۇقتۇرۇشنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىدا چىقىرىپ قويسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىز خەۋەردار بولۇپ قالاتتى .
خەلچىگۈل بىلەن ئىتالىيەدە ئوقۇش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ
http://bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1071
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيلۇم بىلگار قېرىندىشىم، ئاللاھ رازى بولسۇن! يوللاپ قويدۇم. رەخمەت سىزگە! https://ug.uyghuracademy.org/?p=2377
ئەمما زىيارەتتىن كېيىنكى رەتلەنگەن ئاۋاز ھۆججىتىنىمۇ يوللاپ بىرەسىز، بۇ تىمىنى خەۋەرگە ئايلاندۇرۇپ قىستۇرۇپ قويساق، نەخمەيداندا بولمىغانلارمۇ پايدىلانسۇن! ئۆتكەنكى تۇرسۇنجان بىلگە ئەپەندىم بىلەن بولغان سۆھبەتمۇ بەك ياخشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. تىرىشىۋاتىسىلەر، بەك تۇرۇۋاتىسىلەر!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بىلگار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
سۆھبەت بىرەر قۇر رەتلىنىپ تورغا يوللاندى . قىزىققانلار چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ باقسا بولىدۇ .
سۆھبەتنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن ، مەزمۇنى كۆپ بولغاچقا ئىككىگە پارچىلىنىپ يوللاندى . بەيدۇ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈپ ئاڭلىغايسىلەر .
1-بۆلەك
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=364770&uk=1161128405
2-بۆلەك
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=364747&uk=1161128405
http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=975
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەخمەت سىلەرگە، كۆپ جاپا چەكتىڭلار.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
بەكتۇر ۋاي-ۋۇي دەرسخانىسى قىزىپ كېتىۋاتىدۇ… دەرھال كىرىپ ئاڭلاڭلار…