نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «تېررورىست» لار
خەلقارا «تېرورىست» دەپ ئېلان قىلىنىپ، كېيىن دۆلەت رەئىسى بولغان، ھەتتا نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى
1- ياسېر ئارافات
تۇلۇق ئىسمى — مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئابدۇرائۇف ئەل قۇدۋا ئەل ھۇسەيىن ئارافات. مۇھەممەت ئابدۇراخمان ئوزىنىڭ، ئابدۇرائۇف دادىسىنىڭ، ئارافات چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىدۇر. ئارافات 1929- يىلى8- ئاينىڭ 24- كۇنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە پەلەستىنلىك بىر كۆچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى (بەزىلەر ئۇنى قۇددۇستا توغۇلدى دەپمۇ يېزىشىدۇ). ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا (قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى) 1948- يىلى ئەرەپ-ئىسرائىل ئۇرۇشىغا، 1949- يىلى غەززە ئۇرۇشىغا قاتناشتى. 1952-1956-يىللىرى ئارىسىدا ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى بولدى. «ياسەر» ئىسمىنى بۇ يىللاردا ئىشلەتتى. ئۇ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ «ئابۇ ئاممار» تەخەللۇسىنى قوللاندى. ياسىر ئارافات 1957- يىلى قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى سۈپىتى بىلەن كۇۋەيىتكە كەلدى. كۇۋەيىتتە 1958- يىلى «ئەل پەتىھ» (پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى) نى قۇردى. ھېچبىر ئەرەب دۆلىتىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئارافات، پەلەستىن خەلقىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۇچۇن قۇراللىق كۇرەش قىلىشقا باشلىدى ۋە 1964-يىلى ئىئوردانىيەگە كۆچۈپ كەلدى.
ئىئوردانىيەدىن ئسرائىلىيەگە قارشى شىددەتلىك قۇراللىق ھۇجۇملارنى قوزغىدى. پەلەستىن ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى بارلىق پائالىيەتچىلەر ئىئوردانىيەگە سەلدەك ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى، ئىئوردانىيەنىڭ پادىشاھى ھۇسەيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ 1969- يىلى ئارافاتنى باش مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلدى. ئارافات «مۇستەقىل پەلەستىن» غايىسى ئۇچۇن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.
1970- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئارافات دۇنيانىڭ بىر قانچە نوقتىسىدىن ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئۇممانغا 50 كىلومېتىر يىقىنلىقتىكى داۋسۇن ئايرىدۇرۇمىدىن بەش ئايرۇپىلاننى بۇلىدى ۋە يولۇچىلارنى چۈشۈرىۋېتىپ ئايرۇپىلانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوت قۇيىۋەتتى. ياسىر ئارافات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب دولەتلىرى تەرىپىدىن «خەلقئارالىق تېرورىست» دەپ ئىلان قىلىندى.
1970- يىلى يىل ئاخىرىدا ئىئوردانىيە ئارمىيىسى ئارافاتنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قاخشاتقۇچ زەربە بەردى. ئارافاتنىڭ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى. بەش مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يارىلاندى. ئۇ قالغان ئەسكىرى كۈچلىرىنى ئىلىپ لىۋانغا قېچىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئەسكىرى زەربە ئۆز مىللىتى بولغان ئەرەبلەردىن كەلدى.
1972- يىلى ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋىينا شەھرىگە كېتىۋاتقان بىر يولۇچى ئايرۇپىلاننى گۆرۈگە ئېلىپ، ئسرائىلىيىنىڭ لۇد شەھرىگە قوندۇردى. 24 نەپەر يولۇچىنى ئۆلتۇردى. بارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئارافاتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
1972- يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئولىمپىك يىغىنىدا ئارافاتنىڭ ئادەملىرى 11 نەپەر ئسرائىلىيىلىك تەنھەركەتچىنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ھەممىسىنى ئۆلتۇرۇۋەتتى، لىۋان ئسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئارافات تۇنىسقا يەرلەشتى.
1988- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىغىنى جاكارلىدى ۋە دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بىرىنچى قېتىملىق قۇلتۇق ئۇرۇشىدا سادام ھۇسەيىننى قوللىدى.
1994- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۇنى 27 يىل ئاياق باسالمىغان ئەزىز يۇرتى غەززەگە ئاياق باستى.
1994- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى «نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
2004- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۇنى 75 يېشىدا پارىژ شەھرىنىڭ ئەتىراپىدىكى بىر ھەربى دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى. بىر «خەلقئارالىق تېرورىست» دۆلەت باشلىقى بولدى، نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ياسىر ئارافات، بۈگۈن ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەرەب-مۇسۇلمان خەلقلىرى ئۇچۇن پارلاق ۋە قەھرىمان ئۈلگە سۇپىتىدە ئىلھام ۋە جاسارەت مەنبەسى بولماقتا.
2- نېلسون ماندېلا
نېلسون ماندېلا 1918- يىلى توغۇلدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كىيىن فورت ھارې ـ نىۋەرسىتي كوللەگېگە ئوقۇشقا كىردى. بىر قېتىملىق ئۇقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتتىن قوغلىنىپ ترانسۋائالغا كەلدى، ھەمدە بۇ يەردىكى ئالتۇن كانىدا كان ئىشچىلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدى. بۇ جەرياندا يېرىم قالغان ئۇنىۋېرسىتېتىنى خەت-مەكتۇپ مائارىپى يولى بىلەن ئۇقۇدى ۋە دىپلومىنى 1952- يىلى ئالدى. ۋىتۋاتېرستراند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئادۋۇكاتلىق قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبى ئافرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر ئادۋۇكاتى بولۇپ قالدى. ئېرقى كەمسىتىشكە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولدى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ياشلار ئىتتىپاقى رەئىسى بولدى.
1961- يىلى ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيى قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ باشلىقى بولدى.
1962- يىلى نېگىرلارنىڭ ئازادلىقى ئۇچۇن قوراللىق كۈرەشكە ياردەم ئىزدەپ چەتئەل ساياھىتىگە چىقتى. ئەنگىلىيە ۋە بىر قاتار ئافرىقا دۈلەتلىرىنى زىيارەت قىلدى. سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىن قىسمەن قورال ياردىمىگە ئىگە بولدى. ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن قولغا ئېلىندى. دۆلەت چېگرىسىدىن رۇخسەتسىز چىقىش، ھاكىمىيەتكە قوراللىق پاراكەندىچىلىك سېلىش، خەلقنى ھۆكۇمەتكە قارشى قۇتۇرۇتۇش جىنايىتى بىلەن سوتلاندى.
نېلسون ماندېلا، خەلقنىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقى بولمىغان بىر پارلامىنتى (خەلىق قۇرۇلتىيى) چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى يوقلىغىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىدى ۋە خەلقنى ھۆكۈمەت قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇ ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. نېلسون ماندېلا تۈرمىدىكى يىللىرىدا ئافرىقىدىكى ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق سىموۋىلىغا ئايلاندى.
نېلسون ماندېلا 1979- يىلى نىھرو مۇكاپاتىغا، 1981-يىلى برۇنو كرىسكى ئىنسان ھوقۇقى مۇكاپاتىغا، 1983-يىلى UNECO نىڭ سىمون بولىۋار مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.
1992- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى بولغان ئاتاتۈرك تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەمما، ماندېلا «مىللى تەڭسىزلىك داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بېرىلگەن مۇكاپاتلارنى ئالمايمەن» دەپ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئالى مۇكاپاتىنى رەت قىلدى.
نېلسون ماندېلا 40 يىل ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق خەلقئارا مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى.
1990- يىلى جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ف . ۋ . دې كلەرك ئافرىقا مىللى قۇرۇلتىيى 30 يىلدىن بېرى يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسىتىنى مەنئى قىلىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە ئومۇمى كەچۈرۈم ئېلان قىلدى.
نېلسون ماندېلا 1990- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى 28 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشتى. ئۇ ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئوخشاش ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن مىليۇنلىغان نېگىر ئاھالىسىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈردى. جەنۇبى ئافرىقىدا ئېرقى كەمسىتىشكە قارشى خەلق كۈرىشى يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى.
1992- يىلى نېگىرلارنىڭمۇ سايلاش، سايلىنىش ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى قانۇن خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلدى ۋە قۇبۇل قىلىندى. نېلسون ماندېلا 1993- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۇنى «نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى.
1994- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى نېگىر دۈلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
2008- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى پۈتۈن ھەپتە بويىچە لوندوندىكى ھيدې پاركتا مىللى كەمسىتىلىشكە قارشى كۈرەشنىڭ بايراقدارى نېلسون ماندېلانىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىگىنى تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرىزدىنتى بىل كىلىنتون، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋن، مەشھۇر كىنو ئەرتىستى ۋىل سمىت، مەشھۇر مۇزىكانت ئاننى لېننوخ قاتارلىق يۈزلىگەن داڭلىق شەخىسلەر ۋە يۇزمىڭلىغان ئىشتىراكچىلار قاتناشتى.
2008- يىلى 6- ئاينىڭ 28-كۇنى ماندېلانىڭ تۇغۇلغان كۇنى، ئامېرىكا ساناتورى جوھن كەررى نېلسون ماندېلانىڭ «تېرورىست» لار تېزىملىكىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ساناتور Sheldon Whitehouse مۇخبىرلار بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە «نېلسون ماندېلانىڭ تېرور جىنايەتچىلىرىنى كۈزىتىش تىزىملىكىدە يېرى بولماسلىغى كېرەك ئىدى. ساناتونىڭ بۈگۇنكى قارارى، جەنۇبى ئافرىقا رەھبىرىگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىكنى، ئامېرىكىنى قىيىن ئەھۋالدا قۇيۇۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا پۇرسەت ياراتتى»دېدى.
رونالد رېگان دەۋرىدىن باشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان نىيو-يوركتىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىگە بېرىش نېلسون ماندېلا ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىدى.
تارىختىكى «جىنايەتچى»، «تېرورىست» ماندېلا، بۈگۈن دۇنيادا ئىزىلىۋاتقان، كەمسىتىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئورتاق بايراقدارى، مەشئىلى سۈپىتىدە دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئىنسانىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان بىر گىگانت شەخىسكە ئايلانماقتا.
3- ھاشىم تاجى
ھاشىم تاجى 1968- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى كوسوۋونىڭ دىرانىجا رايونىنىڭ بروجنا ناھىيىسىدە توغۇلدى. درانىجا ئالبانلارنىڭ سىرب ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك قەلئە ھېسابلىنىدىغان رايونى. ئۇ پىرىشتىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقان 1989-1991 – يىللىرىدا يۇگۇسلاۋىيەدىن كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىغىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.
ھاشىم تاجى مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن قوراللىق كۈچ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە مەخپى «كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى» تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئىشىغا كىرىشتى.
1993- يىلى «كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى» تەشكىلاتى قۇرۇلدى.
ھاشىم تاجى ئاشكارا پائالىيەتلەردىن قول ئۈزۈپ، مەخپى پائالىيەتكە ئۆتتى. تەشكىلاتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىۋىتسارىيەگە كۆچۈپ باردى، ئۇ يەردە سىياسى بىلىم بويىچە ماگىستىرلىق ئۇقىدى. كوسوۋوغا قايتىپ كېلىپ 1996-1997- يىللىرى سىرىب يوقىرى قاتلام كادىرلىرىغا، سىربلار ئۈچۈن ئىشلىگەن خائىن ئالبانلارغا قارشى كۆپ قېتىم سۇيقەست ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. سىرب ئەسكىرى ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا كۆپ قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قوزغىدى.
يۇگۇسلاۋىيە ھۆكۈمىتى ھاشىم تاجىنى خەلقارالىق «تېرورىست» دەپ ئېلان قىلدى ۋە مىلوشوۋىچ ھۈكۇمىتى 1998- يىلى ئالبان ئىسيانچىلىرىغا قارشى كەڭ كۈلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى.
1998- يىلى كوسوۋو خەلقى زور كۈلەمدە مىللى قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. بۇ كۈنلەردە يۇگۇسلاۋىيە ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كوسوۋولۇق ئالبانلار ھاشىم تاجىنى مىللەتنى قىرغىن قىلىشقا سەۋەبچى بولغان «خائىن» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنى كۆرگەن يەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چىقاردى.
شىددەتلىك ئىچكى ئۇرۇش كوسوۋونىڭ ھەممە يېرىگە تۇتۇشۇپ كەتتى. بۇ يىللاردا ھاشىم تاجى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ سىياسى يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە كۆتۈرۈلدى.
1999- يىلى 2- ئايدا فرانسىيەنىڭ Rambouillet شەھىرىدە كوسوۋو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا كوسوۋو ئالبانلىرىغا ۋاكالىتەن كوسوۋا مەسىلىسىنى دېموكراتىك يول بىلەن ھەل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئىبراھىم رۇگوۋا قاتناشتى.
ھاشىم تاجى ۋە «كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى» «تېرورىست» دەپ ئېلان قىلىنغاچقا دەسلەپتە يىغىنغا قاتنىشىشى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، كېيىن ھاشىم تاجىنىڭ فرانسىيەگە كېلىشىغا ۋىزا بىرىلدى.
يىغىن سىربلارنىڭ كېلىشىم ئىمزالاشنى رەت قىلىشى بىلەن 1999- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
بەش كۈندىن كېيىن يەنى 3- ئاينىڭ 24- كۈنى ناتو (شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) ھاۋا ئارمىيىسى بىلگىرادنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. ناتونىڭ يۇگۇسلاۋىيەگە قويغان «كوسوۋودىن ئەسكىرى ۋە ساقچى قىسىملىرىنى شەرتسىز ئېلىپ چىقىپ كېتىش» تەلىپىگە 1999- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى يۇگۇسلاۋىيە ھۆكۈمىتى ئىمزا قويدى.
78 كۈن داۋام قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئاخىرلاشتى ئۇرۇش توختىدى.
50 مىڭ ناتو ئەسكىرى كوسوۋوغا يەرلەشتى. ناتو «كوسوۋو ئازادلىق ئارمىيىسى» نىڭ دەرھال قورال تاپشۇرۇپ تارقىلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ھاشىم تاجى 2000- يىلى «كوسوۋو خەلق دېمۇكراتىيىسى پارتىيىسى» نى قۇردى.
2001- يىلىدىكى ئومۇمى خەلق سايلىمىدا كوپ سانلىق ئاۋازنى ئىبراھىم رۇگوۋا ئالدى.
ھاشىم تاجىنىڭ پارتىيىسى 26 ۋەكىل بىلەن پارلامىتتا ئاز سانلىق ئورۇندا قالدى.
2004- يىلدىكى سايلامدا 30 ۋەكىل بىلەن قالدى، ھۆكۈمەتتە يەر ئالالمىدى.
2008- يىللىق ئومۇمى سايلامدا ھاشىم تاجى «ئەگەر باش مىنىستىر بولسام كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىغىنى جاكارلايمەن» دەپ خەلىققە ۋەدە بەردى. تاجىنىڭ پارتىيىسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن غەلبە قازاندى.
ھاشىم تاجى كوسوۋونىڭ باش مىنىستىرى بولدى ۋە 2008- يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىغى ئېلان قىلىندى.
ھاشىم تاجى موستەقىل كوسوۋو دۆلىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا بولسا ئۇنى «تېرورىست» دەپ ئېلان قىلغان يۇگۇسلاۋىيە دۆلەت رەئىسى سىلوبودان مىلوشوۋىچ خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتىدا سوتلىنىپ ئۆلۈپ بولغان ئىدى. كوسوۋولىق بۇ «خەلقئارالىق تېرورىست» بۈگۈن مۇستەقىل كوسوۋو دۆلىتىنىڭ باش مىنستىرى بولۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەكتە.