«ئاسپىرانتلىرىمىز نېمە ئويدا؟» غا جاۋاب…
(«شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2010- يىللىق 1- سانىغا بېسىلغان غالىب مۇھەممەد قارلۇقنىڭ «ئاسپىرانتلىرىمىز نېمە ئويدا » نامىلىق ماقالىسىگە يانداشما مۇلاھىزىلەر)
ئاسپىرانتلىرىمىز نېمە ئويدا؟…
قوۋۇزىنى لىق تولدۇرۇپ ئېيتىلغان بۇ جۈملىنىڭ ماھىيىتىگە نېمە يوشۇرۇنغاندۇر دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاسپىرانىتلىق ئىمتىھانىغا بولغان ھىرىسمەنلىك ھەم ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئىش قىلىپ بېقىش، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەمىيەتتە چىقىش يولى تېپىشىدىكى «ئۈمىد يۇلتۇزى»گە ئايلانغىنىنىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايىتتى. يەنە كېلىپ بۇ يۈزلىنىش ئادەمنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلاتتى. مەيلى كېم قانداق تۈستە باھا بېرىپ ئالقىشلىسۇن، ياكى كۆزگە سىغمىغان ھەجۋىيلىك تۈسىدە مەسخىرە قىلىپ ئۈلگۈرسۇن، ئالدى بىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئىلىم ساھەسىگە كۆز تىكىپ ئۆز ھاياتىغا مەنزىل بىكىتىشلىرى ۋە نېسىۋە ئىزدەشلىرى، ئومۇمىي مىللىي ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ يارقىن كۆرۈنىشلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك بىر ئىش ئىدى. شۇڭىمىكىن دىققەت تارىتقىدەك يوغان ھەم ئەھمىيەتلىك بۇ تېمىغا ياندىشىش ئىستىكىدە، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2010- يىللىق 1- سانىغا بېسىلغان «ئاسپىرانتلىرىمىز نېمە ئويدا » نامىلىق ماۋزۇ ئاستىدىكى ماقالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. ماقالىنى ئوقۇشتىكى مەقسىتىم، نۆۋەتتىكى ئىلىم ساھىبلىرى سانىلىۋاتقان ئاسپىرانىتلىرىمىزنىڭ ئۆز تەقدىر-كېلىچىكىنى يارىتىش يولدىكى تەۋەككۇلچىلىكى، ئارزۇ ئىستەكلىرى، ئوقۇش ھاياتىدىن چىقىرىلغان يەكۈنلىرى، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجىربە-ساۋاقلىرى، ھەتتا ئۇلارغا تاپ بېسىپ كېلىۋاتقان كېيىنكىلەرگە يول كۆرسىتىشلەر ھەم كېيىنكىلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلەر ھەققىدە توغرا نىيەت بىلەن ئېيتىلغان، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق بولغان ئىلمىي يەكۈنگە ئىرىشىش ئىدى.
لېكىن ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاپتۇرنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن، قايسى بىر ئىشنىڭ تۈرىتكىسىدە بۇ ماقالىگە قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى ئىلغا قىلالمىدىم. بەلكىم بىر پارچە ماقالىنىڭ مۇددىئاسى ئۈستىدە بىلىش، بىلىنىش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماسلىقىدا ئىككى سەۋەب بولسا كېرەك. بىرسى، ماقالىنىڭ ئىلمىي سەۋىيىسى بىلەن ئوقۇرمەن بىلىم قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەۋقۇللادە چوڭ بوشلۇقنىڭ شەكىللىنىپ قىلىشى. يەنە بىرسى، ماقالىنىڭ شەرھىيلىمەكچى بولغان نوقتىنى ئىلمىي، پاكىتلىرى تولۇق، باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك يورۇتۇپ بېرەلمىگەنلىكىدۇر. چۈنكى سۆزنى تىزىپ قويساقلا، بىر قېتىم گېپىمىزنى دەپ قورساق كۆپۈكىمىزنى چىقىرۋالساقلا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋال داستىخاندارچىلىقىمىزغا ياراشسىمۇ، مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئىگە ئىجدىمائىي ھادىسىلەرگە باپ كەلمەيدۇ.
قېنى ئۇنداق بولسا غالىب مۇھەممەد قارلۇقنىڭ ئېڭىدىكى «ئاسپىرانتلىرىمىزنىڭ نېمە ئويى بار»لىقىغا قاراپ باقايلى:
ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا «ئاجايىپ ئۆزگىرىشچان ۋە كەسكىن رىقابەت» بىلەن تولغان دۇنيادا ياشاپ، بۇ دۇنيانى ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن ئازراق بولسىمۇ بىلگىنىدىن ئۆزىنى كاتتا ئامەت ئىگىسى چاغلايدۇ. ئارقىدىنلا پىكىرىنىڭ ھەيۋىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن «مىللەت ئوپىراتىسىيسى»نىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي تەخىرسىزلىكىنى ئەيتىپ، بۇ ئىشتا «بەدەل تۆلەش لازىملىقىنى، قاخشاشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئەمەسلىكىنى» مەردانىلىق بىلەن جاكارلايدۇ. بىز بۇ گەپلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاڭقىراپ بولغىچە، ئۇ «قاخشىماسلىق» توغرىسىدىكى «باياناتنامىسى» گە خىلاپ ھالدا قاخشاشنى باشلايدۇ. «بىر چاغلاردا» دەپ گېپىنى باشلاپ، گېپىنىڭ «قۇيرىقىنى» ھازىرغا ئەكىلىپ تۇتاشتۇرىدۇ. ئۆتمۈش بىلەن ھازىر ئوتتۇرىسىدىكى كەڭرى كەتكەن ۋاقىت قانىلىدا، ئۇنىڭ كۆزىگە دەسلەپتە چوڭ بىلىنىپ، ئاخىرىدا خاسىيىتىنى يوقاتقان بولۇپ كۆرۈنگەن رەڭسىز تېلېۋىزور، چاقىرغۇ، يانفۇن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش دولقۇنى، ئاسپىرانتلار قاتارلىق ئالتە خىل ئۆزگىچىلىكنى، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ باش-ئاخىرىنى ئويلاشمايلا سىلىشتۇرۇپ چىقىدۇ. ئاپتۇر بىر تېلېۋىزۇر بىلەن، ئەدناسى بىر پۇچۇق يانفۇن بىلەن ئۆز تەقدىر-قىسمىتى ھەققىدە كەسكىن تاللاشقا تۇتۇنغان بىر ئادەمنى، ئادەمنىڭ دەرد-ھەسرىتىنى، ئادەمنىڭ تراگىدىيىسىنى سىلىشتۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق لوگىكىسىز مەمەدانلىق يەتمىگەندەك، قەلەم ئىگىسىنىڭ قىزىتمىسى تېخىمۇ ئۆرلەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قارا-قويۇق تىللاشقا باشلايدۇ. ئاپتۇرنىڭ تۇرۇپلا «قىزىقتۇرغۇچىلىقى قالمىدى»، «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇقلار كۆپ چىقىدۇ»، «جەمىئەتكە چىققاندىن كېيىن ئىقتىدارسىز بولۇپ قالىدۇ»، «سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان بۇزۇلۇش يولىغا كىرىپ قالدى»، «ئاسپىرانىتلارمۇ كونىراشقا باشلىدى دېگەن گەپ»…….دېگەندەك سېسىق گەپلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ «مەلۇم مەنىدىن جەمىيەتنىڭ ئۇلارغا بولغان تويۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ چىقارغان يەكۈنىدىن غالىب مۇھەممەد قارلۇققا ئىچىمىز ئاغرىپ قالىدۇ. ھىلىغۇ دوستىمىزكەن، دۈشمىنىمىزگىمۇ بېرىپ ئېشىپ قالغۇدەك مېھرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى بېسىپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى سۇئاللارنى ئالدىغا تاشلاشقا مەجبۇر بولىمىز.
1. ئۇيغۇر جەمىيىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تويۇندىمۇ؟ ئۇيغۇرلار «ئاسپىرانتلارمۇ كونىراشقا باشلىدى » دېگۈدەك دەرىجىدە تۇيۇنۇپ، كېكىرىپ كەتكۈدەك بىر رىئاللىققا قەدەم قويدىمۇ؟
2. سىز بۇ يەكۈننى چىقارغاندا قايسى سان-سىفىرلارغا تاياندىڭىز؟ ياكى ھۆكىمەت بۇنى سىتاستىكا قىلىپ قىزىل باشلىق ھۆججەت سۈپىتىدە سىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا سۇنغانمۇ؟ زادى سىزنىڭ ئاساسىڭىز نېمە؟
3. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىش تاپالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلار ئىقتىدارسىز بولۇپ قالغانمۇ ياكى ئىقتىدارسىزلىقى سەۋەبىدىن ئىش تاپالمىغانمۇ؟ ئۇنداق بولسا ئىقتىدارلىق بولۇشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ بالىلار ئالىي مەكتەپدە ئوقۇسا ئىقتىدارسىز بولامدۇ؟
4. ئۇنداقتا ھەر يىلى يۈزلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىقتىدارسىز بولىۋەرسە بۇنىڭغا كىم ئىگە؟
… … … …
ئاپتۇر يازمىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ بولغىچە ئاسپىرانىتلارنىڭ نېمە ئويدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماستىن، تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «ئالتۇندەك» ئەقلى بىلەن، بىچارە بېشىنى خالىغان يەرگە ئۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى خورلايدۇ. ئاپتۇر ھىلى ئىسمى نامالۇم خالىغان بىر ئادەمدىن ئاڭلىغان بىرئىغىز گېپىنى شېپى كەلتۈرسە، بىر دەم تۇرۇپ قايسىدۇر بىر گېزېتتە كۆزگە چىلىقىپ قالغان خەۋەر ئاخباراتنى دەبدەبىلىك نەسىھەتلىرىگە ئاساس قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. ئاسپىرانتلارغا توقۇغان توقۇملىرىنى تېخىمۇ كونكىرىتلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى تەبىئىي پەن ساھەسىدە تەربىيە كۆرۈپ كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارنى ھەم ئوقۇۋاتقانلارنى مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، قەلەم ئىگىسىنىڭ «قورسىقىنى ئاغرىتقان» نەرسە، «بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرىستا باشقا كەسىپنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشقا ئاسان يولنى تاللاپ، پاقىدەك بىر سەكرەپلا تىل- ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىشىدۇر». قەلەم ئىگىسىنىڭ چىقارغان يەكۈنى بولسا، « ئەمەلىيەتتە ئۇلار تىل-ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغۇدەك ھەقىقىي سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس… …. ئۆز ئانا تىلىدىكى كەسپى ئىمتىھاندىن <ئۇرۇپ-سوقۇپ>ئۆتۈپ كەتكەن… …بۇنداق ئادەمدىن ھىچنىمە كۈتكىلى بولمايدۇ….. بۇ تىل- ئەدەبىيات پېنى ئۈچۈن بىر ھاقارەت…..».
دەرھەقىقەتكى، غالىب مۇھەممەد قارلۇقنىڭ چەكتىن ئاشقان پىكىر مۇستەبىتلىكى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئېڭى ماقالىسىگە دەبدەبە ۋە ئەسئەسە بىلەن ھەيۋەتلىك لىباسلارنى كىيدۈرۈشكە شۇنداق ئالدىراۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ماقالىدىن بىز ساغلام بولمىغان مۇددىئا ۋە ئىددىۋىي خائىش سەۋەبلىك «ئۆز ئىڭىكىگە ئۆزى ئۇرىۋاتقان» قەلەم ئىگىسىنىڭ غۇۋا سىيماسىنىلا كۆرىمىز، خالاس. قەلەم ھەرگىزمۇ بىراۋنىڭ باش ئۈسىتىدە پىرقىرىتىپ ئوينىتىدىغان قامچا ئەمەس. ئىدىيە ئادەمنىڭ كاللىسىغا مەجبۇرىي كېيدۈرىدىغان خالتا ھەم ئەمەس. تەپەككۇر جەھەتتە ئىزدىنىشكە موھتاج بولىۋاتقان بىر جەمىيەتتە، نورمال ئېقىننى بويلاپ مېڭىۋاتقان جەمىئيەت ئەزاسىنىڭ ئىلىم ئېلىش يولىغا تەرەددۇت قىلىشى ئالدى بىلەن ئالقىشلىنىشى كېرەك. يەنە كېلىپ ئەدەبىيات ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق ئادەمىزات ئۈچۈن باغرى كەڭرى بىر دۇنيا. بىز ئەدەبىيات دەرىسلىكىمىزدىكى تەھلىل قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئېڭىمىز بىلەن ئاتالمىش «سەلبىي پىرسۇناژ» ، «ئىجابىي قەھرىمانلار» نىلا ئەدەبىيات دەپ تۇنۇيدىغان، بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنى مەجبۇرىي ھالدا يا سەلبىي بولۇشقا، ياكى بولمىسا ئىجابىي بولۇشقا قىستاپ، سەلبىيلەرنى تىللاپ پۇخادىن چىقىدىغان، ئىجابىيلارنى چوقۇنىدىغان مەبۇدقا ئايلاندۇرىۋالىدىغان پىكىر مەنتىقىسىنىڭ ھازىر ۋاقتى ئۆتتى. ئەدەبىياتنى پۈتكۈزگەنلەرلا ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىش كېرەك دەيدىغان ئۇنداق بىمەنە ئۆلچەممۇ دۇنيانىڭ ھىچبىر يېرىدە بولمىسا كېرەك. ناۋادا غالىب مۇھەممەد قارلۇقنىڭ دېگەن ئۆلچىمى بويىچە بولسا بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پىشۋا سانىلىۋاتقان ئەختەم ئۆمەر، مۇھەممەت باغراش قاتارلىق ئەل سۆيەر يازغۇچىلىرىمىزنىمۇ ئالتە مىليارىدقا يېقىن ئادەم نەپەس ئېلىپ ياشاش ھوقۇقى بار بۇ يەر شارىدىن باشقا پىلانىتلارغا ھەيدەپ چىقىرىشقا مەجبۇر بولىمىز. تەبىئىي پەن ساھەسىدە تەربىيلىنىپ ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشى تولىمۇ خاسىيەتلىك بىر ئىش. ئۇنى تەنقىدلەش ئەمەس تەبرىكلەش كېرەك. شۇنىمۇ ئۇنتىماسلىق كېرەككى، بىر ئادەم كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇلارنى پۈكۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى يۆنىلىشى بويىچە ئاسپىرانىتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئوقۇشقا قەدەم بېسىشى، ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ھاقارەت ئەمەس، شەرەپ. قەلەم ئىگىسىنىڭ «يېقىندا تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقان بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم….. مەن ئەتەي ئەڭ ئەقەللىي بىر قانچە سۇئاللارنى سوراپ باقتىم…… تۈزۈك بىر نەرسىنى بىلمەيدىكەن…….ئۇنىڭ تەپەككۇردىن يىراق <ئۈگىنىش موللىسى> ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم» دەپ ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولىشىنى توغرا چۈشەنگەن تەقدىرمۇ، ئۇنىڭ شۇنچە «بىلەرمەن» تۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئازراق بولسىمۇ چامى يېتىدىغان بىر ئىشنى قىلىش ھوقۇقىنىڭ، ئاددىيسى ئىنساننىڭ تەربىيلىنىشدىن ئىبارەت ئەقەللىي بىر ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بولسىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويىشىنى ھىچنىمە قىلىپ چۈشەنگىلى ھەم چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.
ئاپتۇرنىڭ باشقىلارغا قەستەن «ئاچچىقلىنىپ» قانائەت تاپىدىغان بىنورمال پىسخىكىسى ئازراق تەسكىن تاپقاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا ماقالىسىنى ئاياغلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايقايدۇ-دە، بىر قاتار دەبدەبىلىك سۇئاللارنى قويۇپ ئاسمانغا قاراپ ھەسرەتلىنىشكە باشلايدۇ. «ئاسپىرانىتلارنىڭ دەستىكى» بولمىش ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ قىممىتى، ئاسپىرانىتلارغا بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ئاتالمىش دۇنياۋىي تەتقىقات مېتودى، ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى (بەلكىم مەركىزىي ئىددىيىسى بولسا كېرەك)، ئارقا كۆرىنىشى، بەدەل تۆلەش روھى، ئاسپىرانىتلىق بۇرچى…………..ۋەھاكازالار ھەققىدىكى «ئاھ-ۋايجانلىرى»دىن زادى موشۇ ماقالىدە «ئاسپىرانىتلارنىڭ نېمە ئوي-خىيالدا» ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا ئالقاندا توختىغۇدەك بىرەر ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئۇچۇرغا ئىگە بولالمايمىز.
ماقالىنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىنى ئوقۇۋىتىپ ئويلىنىپ قالدىم. ئاپتۇر ماقالىنى يېزىش جەريانىدا سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانمىدۇر؟ قانچە ئاسپىرانىت بىلەن كۆرۈشكەندۇر؟ قانچە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشكەندۇر؟ ھەمسۆھبەتلەردىكى تېمىلار نېمىلەرنى چۆرىدىگەندۇر؟ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارغا يۈرگۈزىۋاتقان قائىدە-نىزاملىرىدىن خەۋىرى بارمىدۇر؟ قۇرۇق جۆيلۈپ، ئۇھسىنىپ تۇرغان ۋاقتىنى بىرەر ئاسپىرانىتنىڭ ئوقۇش پۈتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇشقا سەرىپ قىلىشنى ئويلۇشۇپ باقسا قانداق بولار؟……….
دەرھەقىقەتكى، تولۇق كۇرۇسنى تاماملاپ ئاسپىرانىتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆتۈش ھەر قانداق بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن بەك زور بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ئېغىزىمىزدىن چىقىشى بەك ئاسان بولغان بىلەن، ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئوقۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلاپ بولغىچە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىدىغان گەپ. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار يىللاپ تەييارلىق قىلىشقا، تەكرار-تەكرار ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىرىشىپ، ئۇستازلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە ئۈچ يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى تاماملاش جەريانىدا، ئاسپىرانىتلار ئۆزى ئۈگىنىۋاتقان، تەتقىق قىلىۋاتقان ساھەنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىركى ئاڭ-چۈشەنچىلىرىدە بۇرۇلۇشلار بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاخىرقى بىر يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىش جەريانى ئۇلار ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ چىنىقىش پۇرسىتى، قىينىلىش مەزگىلى، كېيىنكى تەتقىقات يۆنىلىشى ئۈچۈن نىشان بىكىتىدىغان مۇھىم دەۋرى بولۇپ قالىدۇ. ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇش قىزغىنىلىقى بىخ ھالىتىدە تۇرىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، بىز ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا، نېمە ئوي-خىيالدا ئىكەنلىكىگە ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرۇپ، ئايرىملىقنى ئومۇملۇقنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىپ ھاپىلا-شاپىلا بىر پارچە ماقالە بىلەنلا «تىرە تاراقشىتىپ» قويساق ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز.
«ئاسپىرانىتلىرىمىز نېمە ئويدا» دېگەن بۇ سۇئال، ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشنىڭ تۇنجى مەۋسۇملىرى ھىسابلىنىۋاتقان مۇشۇ ھاياتىمدا مېنىمۇ نۇرغۇن ئوي-خىيالغا پاتۇرغان مەسىلىنىڭ بىرىدۇر. لېكىن ساۋاقداشلىرىم بىلەن دەرىسلەرگە قاتنىشىش، پىكىرلىشىش، ئۇلار بىلەن ھايات غەنىمەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا، غالىب مۇھەممەد قارلۇقنىڭ دەل ئەكسىچە مەندە بىر خىل ئۈمىدلىك كەلگۈسى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇشقا باشلايدۇ. ئەجەبا ئۇلارنىڭ دەرىسخانا موھىتىدىكى باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا ئۈگۈنۈش نەتىجىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىشى، ئۇلارنىڭ ئاددىي تۇمۇش غەملىرىدىن ھالقىپ ئومۇمىي مەۋجۇتلۇق ئىستەكلىرىمىز ئۈستىدە ئەھمىيەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىغا ياندىشىشلىرى ۋە ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن ئۇرۇنۇشلىرى، لايىقىدا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىلىرى، گەرچە پىشانىسىگە قەدەمدە بىر تېگىپ تۇرىشى ئېنىق بولغان ئىشسىزلىق، ئائىلىۋى بېسىملارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، ئۆزىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاتا-ئانىلىرىغا. ئۇستازلىرىغا، جەمىيەتكە قانداق يۈز كېلىش………..قاتارلىق تالايلىغان بېسىملار ئىچىدە چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا مىلىنىپ قالماي، ئۆزىنى تاۋلاپ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇق ۋە غەلبە ئۈچۈن بېلىنى باغلىشى ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى غەلبىسى ئەمەسمۇ؟!……
ئۇلار ھەرگىزمۇ غالىب مۇھەممەد قارلۇق ئىيىتقاندەك چۈشكۈن، ياكى ساپاسىز ئەمەس. ئۇلار ئالدى بىلەن تۇرمۇشتىكى رىئالنى ئادەم. نورمال ئادەمگە ئوخشاش ئۆز تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئويلايدۇ. شۇڭىمۇ ئۇلار مەكتەپتىكى ئېغىر چارچاشلىرى يېتىپ-ئېشىپ تۇرسىمۇ، ھەتتا زور كۆپ ساندىكىلىرى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشتىن ئىبارەت ئازابلىق بىر قىسمەتكە دۇچار بولسىمۇ، چىدامچانلىق بىلەن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر. دىپلۇم ئالمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ……
ئاسپىرانىتلىرىمىز غالىب مۇھەممەد قارلۇق ئويلىغاننى ئويلىيالمايدىغان سەۋىيەدە ئەمەس. ئۇلار جەمىيەت دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئالدى بىلەن ئويلانغۇچىدۇر. ئۇلار قىسمەتلىرىمىزنىڭ تىرىك گۇۋاھ-شاھىتىلا ئەمەس، زىيالىيلىق ۋىجدانى بىلەن مەسىلىلىرىمىزگە جاۋاب ئىزدىگۈچىلەردۇر. ئۇيغۇر ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلىرىدا (قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇشتىن قەتئىي نەزەر) ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر خاھىش مەۋجۇتكى، ئۇلار ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشى دەپ قارىمايدۇ. ھەر دائىم ئوقۇش ھاياتىنى ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى نوقتىسىدا ئويلاپ، تەتقىقات تېمىلىرىنى ئومۇمىي مىللىي ھاياتىمىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ساھەلىرىگە ماسلاشتۇرىدۇ. بەزىدە ئاسپىرانىتلىرىمىزنىڭ سانسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چەتئەلگە ئوقۇش سەپىرىگە ئاتلانغىنىدا ۋۇجۇدىمىز ھاياجانغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ غەيرىتىگە ئاپرىن ئوقۇپ يىغلاپ سالىمىز. ئۇلارنىڭ قەدەملىرىگە خەيىرلىك تىلەيمىز……
ئاخىرىدا غالىب مۇھەممەد قارلۇققا شۇنداق دەيمەنكى، ئاسپىرانىتلىرىمىزسىز ئېيىتقاندەك ئوي- خىيالدا ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت ئۈستىدە. ئۇلار ئەھمىيەتلىك ئەمگەك ئۈستىدە. ئۇلار مەدەنىيەت پرامىدايىمىزنىڭ ئەبەدىيلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى، ئىقتىسادىنى،چەكلىك زىھنىنى ئاتىغۇچىلاردۇر. تارىخىمىزنىڭ ھەر قايسى بۇرۇلۇش نوقتىلىرىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئومۇمىي مىللىي گەۋدىمىزگە توغرا يول كۆرسەتكەنلەر بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزدۇر. ئۇلار دەۋرنىڭ ئاشقازىنىدا ئىزىلىپ تۇزۇپ كەتمىگەن، بەلكى تىرىك روھ بىلەن كېيىنكىلەرنىڭ ھاياتلىق مەنزىللىرىنى يورۇتقان. ھاياتىمىز سىزنىڭ «فورمىلالىشىپ، ھەممە نەرسىنى تەنقىد قىلمىسا بىر يېرى كام قالىدىغان» ئاتالمىش ماقالىڭىزغا ئوخشىمايدۇ. موشۇ كۈنلەردە خەلقىمىز ھەممىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئاسپىرانتلىرىمىزمۇ ھەم مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، يۈرىكىنى قايتىدىن بىر تۇتىۋاتىدۇ. شۇنداق بىر نەرسە ھەممەيلەنگە ئورتاق بولسۇنكى، پىشانىمىزگە نېمە پۈتۈلگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارايلى. مومكىن بولسا سىزمۇ «كۆتۈمدە ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۈۋى» دېگەندەك ھە دېسە باشقىلارغا بۇيرۇق كالتىكى كۆتۈرمەي ئەمەلىي ئىش قىلىڭ. كۈچىڭىز يەتسە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇڭ، مەنمۇ ئوقۇياي، يەنە باشقىلارمۇ ئوقۇسۇن…… ھاياتىمىزغا مەرىپەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر دەۋرنىڭ ئىللىق سالامىنى كەلگۈسىگە تەڭ يەتكۈزەيلى……..
مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلارمۇنبىرى