You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » بەدەۋى بىلەن پەيلاسوپ

بەدەۋى بىلەن پەيلاسوپ

بەدەۋى بىلەن پەيلاسوپ

بىر بەدەۋى ئىچى لىق تولدۇرۇلغان خورجۇننى تۆگىسىگە ئارتىپتۇ ۋە ئۆزى  ئۈستىدە ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپتۇ.  يولدا ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىم، ئەدەپلىك، پىيادە بىر كىشى ئۇچراپتۇ. بۇ كىشى شۇ زاماننىڭ دانىشمەنلىرىدىن بىرى ئىكەن. بۇ دانىشمەن بىلەن بەدەۋىنىڭ يولىمۇ بىر ئىكەن.
دانىشمەن بەدەۋىدىن سوراپتۇ:
_ يول ئۇزاق، ئازراق مۇڭدىشىپ ماڭايلى. سەن يۇرتۇڭ ۋە تۆگىگە نېمىلەرنى ئارتىپ كېتىۋاتقىنىڭ توغرىسىدا بىر ئاز سۆزلە. سەن ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغان خۇرجۇننىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىغا قىزىقىپ قالدىم. بۇ خۇرجۇننىڭ ئىچىدە زادى نېمە بار؟
بەدەۋى بۇ ئۇشتۇمتۇت سورىغان سوئالغا:
_ بۇ خورجۇننىڭ بىر تەرىپىدە بۇغداي بار، يەنە بىر تەرىپىدە قۇمدىن باشقا نەرسە يوق.
_ بۇ خورجۇننىڭ ئىچىگە قۇم قاچىلىشىڭنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
_ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن.
بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ، ھەيران قالغان دانىشمەن:
_بۇنداق بىر تەرىپىگە قۇم قاچىلاپ يۈرگۈچە، ئاۋۇ بۇغداينى تەڭ ئىككىگە بۆلۈپ، خۇرجۇننىڭ ئىككى خالتىسىغا ئوخشاشلا بۇغداي قاچىلىساڭ تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھەم يۈكۈڭ ئازلايدۇ، ھەم تۆگىمۇ راھەت ماڭىدۇ .
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بەدەۋى ئەرەب :
«ئاپىرىن! كۆزۈڭ ئۆتكۈر، ئەقلىڭ زىيادە ئىكەن. لېكىن پىيادە ۋە يالغۇز قاپسەن» دەپ پەيلاسوپقا ئىچ ئاغرىتقاندەك بوپتۇ ۋە ئۆز ئىچىدە ئۇ كىشىنى  تۆگىسىگە مىندۈرۈۋېلىشنى ئويلاپ:
_ سەنمۇ ماڭا ئۆز ئەھۋالىڭنى ئېيتقىن. بۇنداق ھازىر جاۋاب، ئاقىلانە پىكرىڭگە قارىغاندا سەن پادىشاھمۇ ياكى ۋەزىرمۇ؟ راست گەپنى قىلساڭ، _ دەپ سوراپتۇ.
دانىشمەن:_مەن يا سۇلتان يا ۋەزىر ئەمەسمەن. قاراپ باق ئۈستى-بېشىمغا. ھالىم، تۇرقۇمنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن.
_ئۇنداقتا قانچە تۇياق ئۆكۈز، تۆگەڭ بار زادى ؟
دانىشمەن: «ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق. كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان بەدەۋى يەنە جىم تۇرماي مۇنداق سوئال سوراپتۇ: «ئۇنداقتا دۇكانلىرىڭدا قانداق ماللار بار؟»
دانىشمەن:»مەندە دۇكانمۇ يوق، ئۆيمۇ يوق»
بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ، قانائەتلەنمىگەن بەدەۋى يەنە سوراپتۇ: «ئۇنداقتا پۇلۇڭدىن سۆز ئاچايلى. چۈنكى سەن مۇشۇ زاماننىڭ تەلەيلىك  بايلىرىدەك قىلىسەن. سەن ھەم ئەقىللىق ھەم بىلىملىك بىرسى.»
بۇ ئۈزۈلمەي سورالغان سوئاللاردىن زېرىككەن دانىشمەن دەپتۇ:
_ ئەي بەدەۋى، پۇل تۇرماق، ئاخشاملىققا يەيدىغان بىر نەرسىمۇ يوق مەندە. يالاڭ-ئاياق يۈرۈيدىغان، نەرسە-كېرەكلىرىم يوق بىر ئادەممەن. كىم بىر بۇردا نان بەرسە شۇ يەردە مەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان بەدەۋى دەپتۇ: «يېنىمدىن يىراقراق ماڭ. پېشانەڭ تەتۈر بىر نېمە ئىكەنسەن. پىشكەنلىكىڭ ماڭىمۇ يۇقمىسۇن. مەندىن نېرى تۇر. مەن بۇياققا ماڭىمەن، سەن ئۇ ياققا ماڭ. ئەگەر سەن بۇياققا ماڭساڭ، مەن ئۇياققا ماڭىمەن. بۇ بۇغداي قاچىلانغان خۇرجۇننى قۇم بىلەن تەڭشەش، سېنىڭدەك دانىشمەن بولغاندىن مىڭ ئەۋزەل.»
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان دانىشمەن بەدەۋىدىن يولىنى ئايرىپ باشقا تەرەپكە مېڭىپتۇ ۋە مۇنداق ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئويلاپتۇ:

پىكىر دېگەن ئىنساننى بىر يولغا باشلايدۇ.
ئەي ھېچبىر نەرسىسى بولمىغانلار! كۆڭۈل ئىگىلىرى بىلەن بىللە بولغاندا شۈبھىگە چۈشمەسلىك كېرەك.
كامىل كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىك قىلساڭ، ۋۇجۇدۇڭ شەھۋەت ئوتىغا ئوتۇن بولىدۇ.
ھەقنىڭ نۇرى  بىلەن يورۇمىغانلار ئۆزىنى ئەمالارغا چىرايلىق دەپ تونۇشتۇرىدۇ.
كۆزنىڭ نۇرى مۇھەببەتنى ئاشۇرىدۇ. مۇھەببەت كۆز كۆرگەن نەرسىنى تېخىمۇ پەيزى قىلىدۇ.
دۇرۇسلۇق، ھېس-تۇيغۇلارنى ئويغىتىدۇ. ۋىسال ئىشتىياقى  ھېسلارغا مايىل بولىدۇ.
بىر قوي دەرياغا ئۆزىنى ئاتسا، ئارقىدىن بارلىق قويلار ئۆزىنى دەرياغا ئاتىدۇ.
تۇيغۇلار تۇيغۇغا خىزمەت قىلسا، كۆكلەرمۇ يولۇڭغا قارايدۇ.
بەدەن ئاشكارا، روھ يوشۇرۇن بولىدۇ. بەدەن چاپاننىڭ يېڭىدۇر. روھ يەڭنىڭ ئىچىدىكى قولدۇر.
ھەرىكەت قىلغانلىقىڭغا قاراپ مەن ھايات دەيسەن. بىراق ئەقلىڭگە دائىر بىر ئېنىق بىر ھۆكۈم بېرەلمەيسەن. ئىش-ھەرىكەتلىرىڭنى ئوبدان ئويلىمىغىچە مىسمۇ ياكى ئالتۇنمۇ بىلەلمەيسەن.
كىمنىڭ ئاقىلانە پىكىر ۋە ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇنىڭدا ساپ بىر ئەقىلنىڭ بارلىقىنى بايقايسەن.
بىر ئادەم يىراقنى كۆرەلمىسە، شاختىن-شاخقا قونىدىغان بىر تەنتەك بولسا، ئۇ توپىغا مىلىنىپ ياشايدىغان چاشقانغا ئوخشايدۇ. پەقەت چاشقاننىڭ ياشايدىغان يېرى يەردۇر. چاشقان پەقەتلا  يەرنىڭ ئاستىدىكى يولنى ئوبدان بىلىدۇ. چاشقاننىڭ يەيدىغىنىمۇ شۇ يامان-تۈسكى نەرسىلەردۇر. چۈنكى ئۇنىڭ يەيدىغىنى ئەقلىگە چۇشلۇقتۇر.
ھەق ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا كۆرە بەرگەن.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top