كىتاب سۆيگۈسى

كامىل ئىسمايىل
«ئىز» بېسىپ كەلدى ئوغلان ئات چاپتۇرۇپ ،
«ئويغانغان زىمىن» ئىشقى يۈرەگىدە .
قولىدا «جاللات خېنىم» ھالسىرايدۇ ،
«بەختسىز سەئىدىيە» قان رەڭگىدە .
«سەرسان روھ» ئىزتىراپى قىينار ئۇنى ،
«لېيىغان بۇلاق» سۈيى ئىچتى بەلكىم .
سۆزلەيدۇ «سەئىدىخان» قىسمىتىنى ،
«ئانا يۇرت» سېغىنچىدا يۈرەر ھەر كىم .
«نوزۇگۇم» ماكان ئەتكەن قومۇشلۇققا ،
ئېھتىمال تۇتاشقاندۇر «سادىر يولى» .
ئەركىنلىك ئارزۇسىدا قەھرى بىلەن ،
قىنىدىن تاشتى «ئىلى دولقۇنلىرى».
سەگىتەر يەنە «ئاۋرال شاماللىرى» ،
«داغ» چۈشكەن «كۆڭۈل» لەرنى زوقلاندۇرۇپ .
«مەن كەچكەن كېچىكلەر» نى كۆرمىدىڭ ، بەس !
«قۇم باسقان شەھەر» قالدى ، ئاھ ! ئۇنتۇلۇپ .
«تۈركىي تىللار دىۋانى» سەمەرىمىز .
«تەڭرىنىڭ ھۆكمى» بىلەن بولغان نېسىپ .
«ئامەت ۋە ئاپەت» مۇ يار ئېقىنلاردىن ،
«سالچىلار» بېلىقلاردەك ئۆتتى كېسىپ .
ئەسلىدە «كىرورانلىق بالىلار» بىز ،
ئوخشايمىز «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» گە .
ھەيرانە «تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار»،
چىن پۈتمەس «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» گە .
«ئالتۇن كەش» تۇيغۇمىزنى غىدىقلايدۇ ،
«بەدۆۋلەت» زامانىسى قالدى ئۇزاق .
«تۈندىكى چاقماق» ئېلىپ كەلگەن ھىسلار ،
«خىرۇستال قىز» يولىغا سالدى توزاق .
«ئىزدىنىش» روھىغا باي ئەجداتلىرىم ،
تىنىمسىز ئۆتكەن «قاينام ئۆركىشى» دەك .
«كۈرەشچان يىللار» بىلەن ئازات زامان ،
يۈرمەمدۇ «ناتىۋانلار» ھۆر كىشىدەك .
2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى