You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » پادىشاھ بىلەن شەيخ

پادىشاھ بىلەن شەيخ

پادىشاھ بىلەن شەيخ

زاماننىڭ زامانىسىدا پەزىلەتلىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھ بىر كۈنى بىر شەيخكە مۇنداق دەپتۇ: » ئەي شەيخىم! سەن مەندىن بىرنەرسە تىلە. نېمە تىلىسەڭ شۇنى بېرىمەن

شەيخ بۇ پەزىلەتلىك پادىشاھنىڭ سۆزىگە مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:

_ ئەي ئادالەتلىك پادىشاھ! سەن ماڭا بۇنداق دېيىشتىن نومۇس قىلمامسەن؟ مېنىڭ ئىككى قۇلۇم بار. سەن ئۇ ئىككى قۇلۇمدىن بەتەر پەس ئىكەنسەن. پۇتقولۇڭ باغلاقلىق ئەسىر ئىكەنسەن.

پادىشاھ بۇ ھاقارەتكە تولغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، دەرھال:

_ئۇ ئىككى قۇلۇڭ زادى كىم؟ _ دەپ سوراپتۇ.

شەيخ: _ بىرسى غەزەپ، يەنە بىرسى شەھۋەت، _ دەپتۇ.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

ھەقىقى پادىشاھ بولسا پادىشاھلىق تەختىگە ئالدانمىغاندۇر.

قۇياشسىز، ئايسىز ئۇ نۇر پەيدا بولغان يەردۇر.

دۆلەت شۇكى زاتى يوشۇرۇن بولغاندۇر. بار بولغان، بارلىقىغا دۈشمەن بولغاندۇر.

يۈرىكىڭ خىيالدەك يول يۈرىدۇ. ھالىڭنىڭ سىرلىرىنى ئۇ بىلىدۇ.

ھەقنىڭ سىرلىرىدىن خەۋەردار بولغان، مەخلۇقاتنىڭ سىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

ئۆلۈم ۋاقتىدا دەرتلەر مەيدانغا چىقىدۇ. سەن ئۇلار بىلەن مەشغۇل چاغدا جېنىڭنى ئالىدۇ.

كۆڭۈلمۇ بىر پىكىر بىلەن مەشغۇل بولغاندا، سېنىڭدىن مەخپى بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ ماڭىدۇ.

نېمە تاپساڭ تاپ، ئۇنى تىقىپ ساقلىغان يېرىڭدىن ئوغرى ئالىدۇ.

مالمۈلكۈڭ بەرىبىر ساڭا ئەسقاتمىغاندىكىن، پەس نەرسىلەرگە كۆز سالماي، ئەڭ ياخشى نەرسەڭنى قوغدا. يەنى ئىمانىڭنى قوغدا. شۇندىلا، قىيامەتتە ھەق ئالدىدا خىجالەتتە قالمايسەن.

ھەر خىل گۇناھلاردىن ساقلانساڭ، نەپسىڭ بىلەن شەيتان سېنىڭدىن بىر نەرسە تاما قىلالمايدۇ.

شۇڭا قىممىتى يۇقىرى بولغان نەرسە بىلەن ھەپىلەش.

ھەسەت كۆزىگە ئەبەدى تۇپراق چاچ. چۈنكى ھەسەت ئەقىلنىڭ دۈشمىنى.

مېۋىنىڭ پىشىشى ئۈچۈن كۈن نۇرى بىلەن يامغۇر كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن چاقماق بىلەن بۇلۇت كېرەك.

كۆڭۈل چاقمىقى ۋە كۆز بۇلۇتلىرى بولمىغىچە، تەھدىت ۋە ئازاب ئوتلىرى ئۆچمەيدۇ.

مەينىڭ تەمىنى مەي ئىچكەن بىلىدۇ. مەي ئىچمىگەن تەمدىن خەۋەرسىزدۇر.

تىكەن تېرىغۇچى

ئېغىزىدىن شېرىن سۆزلەر چۈشمەيدىغان، ئەمەلىيەتتە ئىچىدىن ئوغا قاينايدىغان، ئىنتايىن يامان خۇيلۇق بىر ئادەم بار ئىكەن. بىر كۈنى بۇ ئادەم يولغا تىكەن تىكىشكە باشلاپتۇ. يولدىن ئۆتكەنكەچكەنلەر ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا نارازى بولۇپ مۇنداق دەپتۇ: «ھەي ئىچى تار! نېمە قىلىۋاتىسەن؟ بۇ تىكەنلىرىڭنى دەرھال يۇل ھەمدە تىكەن تىكىشتىن قولۇڭنى تارت

بۇ ئادەم، كۆپچىلىكنىڭ نەسىھەتىنى نەدە ئاڭلايدۇ دەيسىز. كۆپچىلىكنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئۇنىڭ بىر قۇلىقىدىن كىرىپ يەنە بىرسىدىن چىقىپ كېتىپتۇ ۋە داۋاملىق تىكىۋېرىپتۇ. يول ئۈستى تىكەنگە تولۇپتۇ. يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشى تەسلىشىپتۇ. يولۇچىلارنىڭ پۇتلىرىغا تىكەن كىرىپ قاناپ كېتىپتۇ. كىيىمكېچىكىنى تىكەن ئىلىۋېلىپ، يىرتىۋېتىپتۇ. بولۇپمۇ ئاياغلىرى يوق كەمبەغەللەرنىڭ پۇتلىرىنى يارا قىلىۋېتىپتۇ. ئاخىرى بۇ ئەھۋال شۇ يەرنىڭ ۋالىيسېنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ ۋە ۋالىي ئۇنىڭغا «بۇ تىكەنلەرنىڭ بىرنى قويماي دەرھال يۇل» دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. ئۇ خۇيى يامان : «بولىدۇ، بىر كۈنى يۇلۇۋېتىمەن» دەپلا قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئۇ داۋاملىق: » ئەتە چوقۇم يۇلۇۋېتىمەن» دەپ ئىشنى ئارقىغا سۆرەۋېرىپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يول ئۈستىدىكى تىكەنلەرمۇ چوڭىيىپ، شاخپۇتاق چىقىرىپ ئاۋۇپتۇ.

بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ۋالىي بىر كۈنى:

«ئەي سۆزىدە تۇرمايدىغان. ئالدىمغا كېلىپ سۆزۈمنى ئوبدان ئاڭلا ! مەن دېگەن ئىشنى ئارقىغا سۆرەۋەرمە«

_ بولىدۇ بۈگۈن بولمىسا، ئەتە چوقۇم قىلىمەن.

_ بولمايدۇ. دەرھال قىل. ئىشنى ئارقىغا سۈرمە. سەن داۋاملىق «ئەتە قىلىمەن» دەيسەن. ئەمما، شۇنى بىلگىنكى كۈننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ تىكەنلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ، بوي تارتىپ يوغىناۋاتىدۇ. سەن بولساڭ ئۇنىڭ ئەكسچە بارغانسېرى قېرىپ، كۈچقۇۋۋىتىڭ قالمايۋاتىدۇ. تىكەن بولسا ياشىرىۋاتىدۇ. سەن ئاجىزلاۋاتىسەن. تېز بول ۋاقىتنى قولدىن بەرمە.

ۋالى ئاخىردا يەنە: «يا پالتىنى قولۇڭغا ئال، ئوغۇل بالىدەك چاپ. ھەزرىتى ئەلىدەك خەيبەر قەلئەسېنىڭ دەرۋازىسىنى قومۇر. يا بولمىسا بۇ تىكەنلەرنى گۈل كۆچەتلىرىگە ئۇلاپ، مۇرادىغا يەتكۈز

دېمەك يامان خۇيلار تىكەنگە ئوخشايدۇ. بۇ تىكەنلەر سېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئاياغلىرىنى يارا قىلىدۇ. بۇ يامان مىجەزلەرنىڭ كاساپىتىدىن كۆڭلۈڭ دەرتكە تولىدۇ. بىراق بەزى ئىنسانلارنىڭ قۇلاقلىرى نەسىھەتنى ئاڭلىسا گاس بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا بۇ يامان خۇيلار بىلەن باشقىلارغا قانچە قېتىم ئازار بەرگەنلىكىنى ئۆزىمۇ تۇيماي قالىدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئۆزىمىزنى ئايايلى، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئازار بەرمەيلى!

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

سەن دوزاخقا ئوخشىساڭ، نۇر ياخشى بەندىلەرگە ئوخشايدۇ. مۇئمىن ئوتنى ئۆچۈرىدۇ.

ئۇنىڭ نۇرى سېنىڭ ئوتۇڭنى ئۆچۈرسۇن. مەشۇقۇڭ بولسا تىكەنلىكىڭنى ئۆزىنىڭ گۈل باغچىسىغا ئايلاندۇرسۇن.

ياخشى ئىنسانلار_ مەرھەمەت سۈيىنىڭ بۇلىقى. ئابىھايات بولسا ئېھسان ئىگىلىرىنىڭ روھىدۇر.

نەپسىڭ ئوت بولسا، ھەق ھېكمىتى سۇدۇر. ئوت ھەر ۋاقىت سۇدىن قاچىدۇ. چۈنكى سۇ ئوتنى ئۆچۈرۈپ، يوق قىلىدۇ.

سېنىڭ ھېستۇيغۇلىرىڭ ۋە ئويپىكىرلىرىڭ ئوتتىن بولسا، ۋەلىلەرنىڭ پىكرى ۋە ھېسلىرى ئۇ يورۇق نۇردىن كەلدى.

ئەي يولۇچى، ۋاقىت ئۆتۈۋاتىدۇ. ھوشۇڭغا كەل. ئۆمۈر قۇياشىڭ پېتىشقا باشلىدى.

كۈچقۇۋۋىتىڭ بار ۋاقىتتا، ھاياتىڭدىن ياخشى پايدىلان.

» ئەتە قىلىمەن» دېمە. ئەتىلەر كېتىدۇ. ئۆمرۈڭ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

نەسىھەتنى ئاڭلا. تەن چىداملىق بىر يىپقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا ئارتىلغان ياماننى تاشلاپ، ياخشىنى ئارت.

خەسىسلىك ئاغزىنى ياپ، مەرتلىك قولىنى ئاچ.

مەرت بول. لەززەت ۋە شەھۋەتتىن يىراق تۇر. شەھۋەتنىڭ كەينىگە كىرسەڭ ھالاك بولىسەن.

سەن يۈسۈپتەك بولساڭ، بۇ ھايات قۇدۇقتەك. ھاياتتا ئۆتكەن ئىشلارغا چىداملىق يىپتەك بول.

ئەي يۈسۈپ! يىپنى ئىككى قولۇڭ بىلەن تۇت.

ھەققە يۈز مىڭ شۈكرى. يىپ ساڭگىلىدى. مەرھەمەت بىلەن ياخشىلىق بىرلەشتى.

ئەسلىدە بۇ دۇنيا يوق، پەقەت كۆرۈنۈشىلا بار. ئەسلى بار بولغان دۇنيا يوشۇرۇن.

بىربىرىگە ئاشنا بولسا ئات ئاتنى تونۇيدۇ. ئات مىنگەننىڭ ھالىنى مىنگەن بىلىدۇ.

ھېس كۆزى ئات. ھەقنىڭ نۇرى بولسا ئات مىنگۈچىدۇر. مىنىۋالسىڭىزلا ئات ھېچ نېمە قىلالمايدۇ.

ئاتلىرىڭ يامان خۇيلۇق بولمىسۇن. ياخشى كۆندۈرۈپ، ئېسىل تەربىيەلە . بولمىسا مەنزىلگە يېتەلمەيسەن.

ئاتقا يول كۆرسەتكەن سېنىڭ كۆزۈڭدۇر. سېنىڭ كۆزۈڭ بولمىسا ئاتنىڭ كۆزى كارغا كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاتنىڭ كۆزى پەقەت ئوتلاقنى كۆرىدۇ . نەگە بارسا كۆزى ئوتلاق تەرەپتە.

ھېس نۇرىغا ھەقنىڭ نۇرى مىنسە جان ئىختىيارسىز ھەق يولىغا ماڭىدۇ.

ئات ئۆزلۈكىدىن يول تاپالمايدۇ. بەلكى ئاتقا مىنگەن يولغا باشلايدۇ.

ھېسلار مىنگۈچىنىڭ نۇرىدۇر. نۇر بولسا ئۇ ھېسقا ماسلاشقان يولداشتۇر.

ھېس نۇرىنىڭ خاسىيىتى ھەقنىڭ نۇرىدىن كەلگەن. بۇ «نۇر ئۈستىگە نۇر» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىدۇر.

ھېس نۇرى ئىزدىگەن يەر تۆۋەندە. ھەقنىڭ نۇرى بولسا داۋاملىق ئېگىزدىكى يەرلەرنى كۆرىدۇ.

ئىخلاسمەن كىشىلەر داۋاملىق نەپسىنى تەربىيەلىمىسە، خەتەر ئىچىدە قالىدۇ.

يولدا سانسىزلىغان قاراقچىلار بار. پەقەت ھەقنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغانلارلا ئامان قالىدۇ.

بەزىلەر ئىخلاسمەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، قەلبىدە ئىخلاس يوق. ھەقىقى ئىخلاسمەن كۆڭلى پاك بولغاندۇر.

پىشىپ كۆڭلۈڭنىڭ كىرلىرىدىن قۇتۇل. ماڭ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇرھاندەك بىر نۇر بول. بارلىقتىن قۇتۇلساڭ بۇرھان بولىسەن. قۇللۇقتىن قۇتۇلساڭ سۇلتان بولىسەن.

ھەقنىڭ نۇرى ئايدەك. شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنداق ھەيۋەتلىك سىنا تاغلىرىنىڭ تىلى تۇتۇلدى.

كىمدە شەپقەت بولسا ئۇ جازالانمايدۇ. چۈنكى بۇ ياخشىلىقى بىلەن ئۇنىڭ گۇناھى يۇيۇلىدۇ.

ھەق كۈپىنىڭ رەڭگى ھەقنىڭ بويىقىدۇر. ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە پەقەت بىرلا رەڭدە بويىلىدۇ.

نېمە بىلمەكچى بولساڭ ئۇ كۈپنىڭ ئىچىدە . ئەسلى مەسىلە «مەن كۈپمەن» داۋاسىدۇر.

«مەن كۈپمەن» دېگەنلىك «مەن ھەقمەن» دېگەنلىكنىڭ بىر ئىشارىتىدۇر. ئوتنىڭ ئىچىدىكى تۆمۈرمۇ «مەن ئوت» دەيدۇ ئەمەسمۇ؟

ئەمدى ئوت نېمە، تۆمۈر نېمە دىققەت قىل. دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئۆزەڭنى ئاتماي، قىرغاقتا جىم تۇر.

ماكانىدا بولغان ئەدەپسىز، ماكانىدا بولمىغاندىن ياخشىدۇر. ھالقا ئەگرى. ئەمما، ئىشىككە مىخلاقلىق.

كۆڭۈل كۆلچەككە ئوخشايدۇ. دېڭىزغا ئۇنىڭدىن بىر مەخپى يول بار.

بۇ كۆلچەك پاكىزدۇر. ۋۇجۇدىنىڭ پاكلىقى ئۇنىڭ بىلەن قىممەتلىكتۇر.

پاكىز سۇ پاسكىنا ئادەمگە مېنىڭ يېنىمغا كەل» دەيدۇ.

پاسكىنا ئادەم: «سەندىن ئىزا تارتىمەن» دەيدۇ.

سۇ دەپتۇكى: «ھەي تارتىنچاق. سېنى مەندىن باشقا كىم پاكىزلىيالايدۇ؟«

بەدەن، كۆڭۈل كۆلچىكىنى كىرلەشتۈرگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا كۆڭۈل كۆلچىكىنىڭ سۈيى بەدەننى پاكىز يۇيىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل كۆلچىكىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۈز. نەسىھەتنى ئاڭلاپ بەدەن كۆلچىكىدىن يىراقلاش.

ئىشلىرىڭنى مەيلى توغرا قىل مەيلى خاتا، زىنھار ھەقنىڭ يولىدىن ئايرىلما.

ئىچىمىز ئىشىق بىلەن ئوچاقتەك يانماقتا. كىم بۇنداق بولمىسا ئۇ ئاشىق ئەمەس.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top