كۆرەش ئۇيغۇر!

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
يىگانە بولدۇم سەنسىز ئەي ۋەتەن،
بىگانە بولدۇم سەنسىز ئەي ۋەتەن،
ھۆرلۈك ۋەسلىڭگە يەتمەي ئەي ۋەتەن،
ئۆرتەندى پىغاندىن بۇ يۈرەك ۋەتەن!
بولدى خار بۇ جان ئەرزىمەس ۋەتەن!
بولدۇق بىز سەك پارە ساڭا قانماي،
ياشايمىز سەندىن مەڭگۈگە تانماي،
ماڭىمىز بىز ئالغا يولدىن يانماي،
قۇتقۇزۇش بۇرچىمىز سېنى ۋەتەن،
قەرزىمىز قوغداش سېنى ئەي ۋەتەن!
ئۆتمەكتە ئۆمرىمىز ساڭا قىيماي،
كۆرەشچان ئەۋلادمىز سەپتىن قالماي،
ئاھىڭغا بۇ جان قانداق چىدىغاي؟
بولايلى يانارغا گۈلخان ۋەتەن،
بولايلى ياۋغا ئوق ئېتىلىپ ۋەتەن!
سەن ئۈچۈن بولايمەن بىر پەرۋانە،
كۆيەي ئوتۇڭدا بولۇپ غەمخانە،
نە بول دېسەڭ بولايمەن پىدانە،
تەسەددۇقتۇر بۇ جان ساڭا ۋەتەن!
تەقدىمدۇر بۇ جان ساڭا ئەي ۋەتەن!
بىزنى بارچە دەر “ئۇيغۇر” ئاتىنى،
ئوغۇزخان دەپ مىللىتىم زاتىنى،
ئېيتىڭ ئۆملۈك بىزدە زادى قېنى؟
بولسۇن بىرلىك ئۇيغۇرغا بۇ ۋەتەن!
كۈلسۇن دىللار، ياشنا جانىم ۋەتەن!
بولدۇڭ كىملىكىڭدىن مەھرۇم ئۇيغۇر،
مەۋجۇتلۇقۇڭ بەك خەتەردە ئۇيغۇر،
يەتتە ئىقلىمغا سەن سەرسان ئۇيغۇر،
ئەمدى سەن دەس تۇر كۈرەشكە ۋەتەن!
كۆيمىسۇن روھلار خۇمداندا ۋەتەن!
ئۇيغۇچە گەپمۇ قىلالماس ئۇيغۇر،
كوچىسىدا يول يۈرەلمەس ئۇيغۇر،
يىغلايدۇ ئانا تۇرمىدە، ئۇيغۇر …
چەيلەندى سۇمبۇل گۈللىرى ۋەتەن،
قايدا سەن شىر- يولۋاسلىرى ۋەتەن؟!
بولمايدۇ ھېيت- ئۇيغۇر خوشلۇقى،
نەغمە-ناۋادىن كۆڭۈل توقلۇقى،
كۆپ يەتتى ياۋنىڭ خورلۇق-شۇملۇقى،
قىساسى تاشقىن بولدى بۇ ۋەتەن،
پەرزىدۇر پاكلاش سېنى ئەي ۋەتەن!
ياشىمايمىز بىز خورلۇقتا ئەمدى،
يوقالسۇن بۇ زۇلۇم بىزدىن ئەمدى،
ئۇيغۇرمۇ ياشىسۇن ئادەمدەك ئەمدى،
ئاتلان بۇ كۈرەشكە ئەھلى ۋەتەن!
بۇ تەن مەۋجۇتتۇر سەن بىلەن ۋەتەن!
ئىستىقلال كۈتكەن ئارمانىمىز بار،
جەڭگاھقا ھازىر ئوغلانىمىز بار،
قىساسقا تولغان ھېسابىمىز بار،
يېشىڭنى سۈرتەي قولۇمدا ۋەتەن،
نۇرلىناي يېنىپ باغرىڭدا ۋەتەن!
كۆرەشتە مەۋجۇت ئۇيغۇر بۇ نۆۋەت،
كەلمەيدۇ تەكرار ئۇيغۇرغا پۇرسەت،
قەھرىڭنى دۈشمەنگە ئۇيغۇر كۆرسەت!
دەرگاھى ئىمان مەككەدۇر ۋەتەن!
قۇتقۇزۇش بۇرۇچ ئۇيغۇرغا ۋەتەن!
باش ئەگمە بۇ زۇلۇمغا ئۇيغۇرۇم!
تۇر ئورنىڭدىن يۈرۈشكە ئۇيغۇرۇم!
تۈر مۇشتنى بۇ كۈرەشكە ئۇيغۇرۇم!
قۇرايلى مۇقەددەس ئۇيغۇر ۋەتەن!
كۆك بايراق ئاسماندا جەۋلان ۋەتەن!
27-ئىيۇن 2018- يىلى، لوندون.