You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ئات» بىلەن «ئات مىنگەن كىشى»

«ئات» بىلەن «ئات مىنگەن كىشى»

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن

ئىنسان جىسمانى جەھەتتە بىر ھايۋان بولۇپ، ئۇنى «ئات»قا، مەنىۋى جەھەتتەبىر كامالەت مۇمكىنلىكىدىكى زات بولۇپ، ئۇنى «ئات مىنگەن كىشى»گە تەمسىل قىلش مۇمكىن.
ئىنسان ماددى جەھەتتىن ھايات ۋە مەنىۋى كامالەت ناتەكشىلىكىدە ھەركەتلىندىغان شەيئى. ئەگەر ئات مىنگەن كىشى نادان بولسا، ئاتنى كامالەتكە يېتەكلەيدۇ، نادان بولسا،ئات ئۇنى ئوقۇرغا باشلايدۇ. ئىنسان روھىيتى ھايۋان ئوزۇقنىڭ-ئات يېمىنىڭ «ئىنكاسى»، «ئىپادىسى» ئۈچۈن ئشلىگۈچى قۇلغا ئايلىندۇ.
كامالەتتىن خالىي ئىنسان- مۆتىۋەر ياكى گۈزەل، نازاكەتلىك ياكى قەيسەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزلۈكتىن بىخەۋەر بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە غەم يىمەيدۇ، بەلكى ئات يېمى غېمىدە پايپىتەك بولىدۇ. سېنىڭ شېرىن خىياللىرىڭغا يوشۇرۇنغان، سەن ئۈچۈن جانىجان بولغان نىيەتلىرىڭنى تارتىنماي ئۆز ئالقىنىڭغا تۆكۈپ كۆرچۇ! قاراپ باق، ئۇلارنىڭ قانچىسى ئىنسان ماھىيەتلىر ى غېمىدە ۋە قانچىسى ئات بوغۇزى غېمدىكىن! خۇسراۋ دېھلىنىڭ مۇنۇ شېئىرلىرىنى ئوقۇ:
«پەقەت ھۆسىنى بىلەن گۈزەل ئەمەستۇر ئادەم،
گۈزەلدۇر ئۇ يەنە ئىنسانىيلىق جەۋھىرى بىلەن ھەم.»
سەن ئاسمان- زېمىن ھەققىدە يېتۈك بىلىمدان، ئەمما «ئۆزلۈك» ھەققىدە بىر تەلۋە نادان! بىلىمدان بىلەن ئاقىلنى، ئاقىل بىلەن دىل قەلبى كامىلنى پەرىق ئېتىشنى بىل. ئابدۇقادىر بېدىل مۇنداق دەيدۇ:
«ھاياتلىق گۈلىستانىدۇر دىل ھىممىتىدىن،
باسقان ئىزىڭ بوستانىدۇر قول- قۇدىرىتىدىن.»
بىلىملىك، ئاقىل، تەدبىرلىك-ئىقتىدارلىق كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئارىفنى – قەلبى ئۆزلۈك تېڭىدا ئويغانغان پەرقلەندۈر:
بىلىم-ئوزۇقتۇر.ئۇنى ئۆزۇڭ ئۈچۈن رىزىق قىلشىڭ،ئاۋام ئۈچۈن مەئىشەت قىلشىڭ مۇمكىن. ئوزۇق يەنىلا ۋاستە ۋە بايلىق.
ئەقىل-چىراغدۇر، دىلى كور كىشى ئۈچۈن چىراغ بەلكى ناشايان بىر ۋاستە.
ئىقتىدار-كۈچتۇر. ئىزگۈسىز قۇدرەت جاللات پالتىسىنى ئەسلىتىدۇ. بىلىم-ئەقىل-ئىقتىدارنى ئىپتىخارنى خەزىنىسىگە سالماي، «ئۆزلۈك»ئەينىكى ئالدىغا قويۇپ،ئۇنى تەلقىن قىل!
«ئۆزلۈك» ئەينىكىدە ئاتقا مىنگەن كىشى ئۆلمەس چەۋاندازدۇر. ئات ئۇنىڭ تېنى ۋە تۇرمۇش پائالىيىتى. بۇ پائالىيەت ئۇنىڭ فىزىئولوگىيسى، پىكىر-تۇيغۇلىرى، تۇرمۇش مەشغۇلاتى بولۇپ، بىر قاراشتا ئۇ پېرسوناژنىڭ بارلىقى.
ئات بىلەن ئات مىنگۇچى ئارسىدا بىر چاك مەۋجۇتكى، ئۇلارمۇ ئالەمنىڭ «ئىككىگە پارچىلىنىش قانۇنى»نىڭ ئىلكىدە، ئادەم قېرىپ، خۇددى ئاتتەك ھالسىرايدۇ. بۇ دەل ئات مىنگەن كىشىنىڭ پىشقان، ئاتنى ئۆزى ماھىيەتلىرىگە كۆندۇرگەن ۋە كامالەت ماقامىسىنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىنلاشقان چېغى سادىر بولدىغان «ھىجران»دۇر. مانا بۇ ئات سۈپىتىدىكى ئىنساننىڭ ئۆمرىنى باللىق بىلەن قېرىلىق ئارسىدىكى يېرىم ئەسىرلىك مۇساپە قىرقىيدۇ، پۇچۇلدۇرىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ بەدىلى مەنىۋى يېتىلىشتۇر. ئەتتەڭ! «ناۋا مۇقامى» ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندە، چالغۇ تارىسى«تارس» قىلىپ ئۈزۈلىدۇ! تارا ئالماشتۇرالمايسەن. بۇ خۇددى ئات يەڭگۇشلىيەلمىگەنگە ئوخشاش.
ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما مۇتلەق مەنىدە ئەمەس.
ئابدۇلھەسەن ھەرەكانى:«يەر يۈزىدە يۈرگەن بەزى ئادەملەرنى بىز تىرىك دەيمىز، ئەسلىدە ئۇلار ئۆلۇك. يەر ئاستىدا ياتقان بەزى زاتلارنى بىز ئۆلۇك ھېساپلايمىز. ئەسلىدە ئۇلار تىرىك» دېمىگەنمىدى؟!
ئىنسان قىممىتى-ئاتنىڭ سۈرىتىنىڭ باھاسى ئەمەس، بەلكى ئات مىنگۇچىنىڭ ماھىيەت ۋەزنى! ئۆزۇڭگە ئات باھاسىدا، ئويناقلاپ تۇرغان ياكى پۇشۇلداپ تۇرغان ئات نەخىدە قاراپ تەمەننا ياكى غەمكىنلىك يولاتما! بەلكى ئات مىنگۇچى قىممىتىدە قاراپ نەپرەتلەن! ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشىنى بىلمىگەن ئىنسان ئۆزىنى بارغانسىېرى نەپرەتلىك سېيماغا ئايلاندۇرۇۋاتقان غاپىل ئىنساندۇر.ئات چەيلەپ پېتىقلىۋەتكەن بۇ ئىنسانىي قىممەتتىن ساڭا يەنە قانداق تەقدىر نېسىپ بولاتتى، ئەي نادان!
مەنبە:زىلقۇت مۇنبىرى
http://alnure.hk50.wg8.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1089

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top