You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ئىزدىنىش» رومانىدىن تۇغۇلغان ئىزدىنىش روھى

«ئىزدىنىش» رومانىدىن تۇغۇلغان ئىزدىنىش روھى

«ئىزدىنىش» رومانىدىن تۇغۇلغان ئىزدىنىش روھى

(ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇيۇك يازغۇچىسى، ئۇلۇغ ئەدىب زوردۇن سابىر يازغان، ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ سۆيۇپ ئوقۇغان < ئىزدىنىش > ناملىق روماننى بۇندىن 34 يىل ئىلگىرى ناھيىتى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇغان ئېدىم. ئەينى چاغدا ئۆزەمنىڭ شۇ چاغلاردىكى دۇنيا قارىشى، ياشلىق چاغلاردىكى قىزىقىشىم ۋە ئۆز سەۋىيەمنىڭ دائىرىسى ئىچىدىلا چۈشۈنۈپ، شۇ دەۋرنىڭ ياشلىرىغا خاس بولغان بىر خىل جۇشقۇنلۇق ئىچىدە ئاجايىپ زوق ئالغان ئىدىم. مانا بۇ ئىشلارغا توپ-توغرا 34 يىل بوپتۇ. دوپپامنى قولۇمغا ئېلىپ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ قاراپ باقسام، چاپقۇر يىللار ئۆمۈرنى شۇنچىلىپ تىز ئاللاقاياقلارغىدۇ ئاپقىشىپتۇ. پەقەت قالغىنى ئۆكۈنىش، ئىزتىراپ، پۇشايماندىن باشقا يەنە ئۆمۈر شاخلىرىمدا سارغايغان ياپراقلاردىن باشقا بىر نەرسە قالماپتۇ. ياشلىق تۇرنىلىرى يىراق-يىراق قىرلارغا ئۈچۈپ كىتىپتۇ، قارا قىشنىڭ ئاپپاق قارلىرى باشلىرىمغا قونۇپتۇ. ئالدىمغا شۇنداق قارىسام، بۇ غۇربەت ئەللەردە، ئانا يۇرت ئۇزۇق-ئۇزاقلاردا قالسىمۇ، دەردلىك قەلبىم ۋەتەن ئىشقىدا پارە-پارە بولسىمۇ، بۇ دۇنيا ئۈستۈمگە كۆمتۇرلۇپ چۈشسىمۇ، يەنىلا ئۈمىدنىڭ يولى ئالدىمدا كۆرۈلۈپ سوزۇلۇپ يېتىپتۇ. مانا ماشۇ بىغۇبار ئۈمىد مېنى قايتا ئىزدىنىش يولىغا باشلاپ، ئاشۇ 34 يىلنىڭ ئالدىدىكى جۇشقۇن ھاياتقا قايتا باشلىدى. قولۇمغا ئۆزۈم ئوقۇپ بولغان كىتابلارنى قايتا ئالغۇزۇپ، ئىزدىنىش، ئويلىنىش، تەپەككۇر بولشلىغا سۆرەپ كىردى. جۈملىدىن بۇ مەشۇر روماننى سۆيۇنۇش ئىچىدە، ناھايىتى ئىنچىكىلىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئاجايىپ ئىسىل بەدىئىي تەسۋىرلەر، بەدىئىي توقۇلمىلەر ۋە نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەردىن خاتىرە قالدۇردۇم. بولۇپمۇ يازغۇچىنىڭ ئالامەت ئېسىل بەدىئىي ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم. ئۇنىڭ گۈزەل تەبىئەت تەسۋىرلىرى، كىشلىك ھېسيات تەسۋىرى ۋە بۇ تەسۋىرلەرنىڭ شۇ دەرۋدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسى ۋەقەلەر بىلەن ناھايىتى زىچ گارمۇنىك باغنىلىشلىرىدىن ئېستېتىك سوق ئېلىش بىلەن بىرگە ئۆز ۋاھتىدا بۇ روماننى تازا ياخشى چۈشىنىپ كىتەلمىگەنلىگىمدىن ئەپسۇسلاندىم. مەن بۇ روماننى ئەينى چاغدا ئون توغقۇز ياش چاغلىرىمدا ئوغۇغانلىغىم ئۈچۈن پەقەت روماننىڭ بىرىنجى قىسمىدىكى باش قەھرىمان ئەلا بىلەن گۈزەل ئاينىڭ مۇھەببەتلىرىگە ، ئەلا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ غۇلجىدىكى ئەخمەتجان ئەپەندىم نامىدىكى گىمنازىيۇمنى پۇتتۇرۇپ جەنۇپقا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان چاغدىكى جۇشقۇن كەيپىياتلىرىغا، كەڭسايدا گۈزەل ئاي، ئادىلە قاتارلىق قىزلار بىلەن بولغان دالا ئولتۇرۇشتىكى پاراڭلارغا، ناخشىلارغا، ئاندىن لەنجۇدا خۇئاخې دەريا بويىدا رەقىپ، ئەلا، گۈزەل ئاي، ئادىلەلەرنىڭ پاراڭلىرىغا، ئۇلارنىڭ دەرياغا قاراپ قىلغان خىتاپلىرىغا، مۇھەببېتنى ئىپادىلەيدىغان تەسۋىرلەرگە، مەستچىلىكتە ئوقۇغان شېئىر قاتارلىق ياشلىق دەۋرلەرگە خاس بولغان ۋەقە ۋە تەسۋىرلەرگىلا قىزىقىپ، روماننىڭ ئىككىنچى قىسمىدىكى يازغۇچىنىڭ ئەسلى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەخسىتىگە تازا ئېرەڭشىمىگەن ئىكەنمەن.

ئەسلى روماننىڭ ئىككىنچى قىسمى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئاپتور ناھايىتى يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋە ئۆز كۆزى بىلەن شائىت بولغان سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى قەلەم كۈچىگە تايىنىپ ھەر خىل بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىش ئارقىلىق چىنلىق بىلەن بەدىئىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئەلادەك ئىتىقاد مەۋقەسى، ئۆزىنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، پەلسەپەسى، ئۆرىپ ئادىتىدىنى، مۇھەببىتىنى قەدىرلەيدىغان، ئۇلار ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ۋە بۇ يولدا كۈرەش قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوغدايدىغان، ھۈكۈم قىلىش قارىشىدا مەھكەم تۇرىدىغان، پەرق ئىتىش تۇيغۇسى يۇقۇرى جانلىق ئوبرازلارنى ياراتقان. خۇددى تارىرىي رومانلاردەك شۇ دەۋردىكى تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلمىنى ئۆزارا بىرلەشتۇرۇپ، روماندا ئەكس ئەتتۇرگەن دەۋردە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئومۇمى ماھىيىتىنىئى ناھايىتى روشەن جانلىق ھالدا كىتابخانلارغا يورۇتۇپ بەرگەن.

مۇئەيەن تارىي ئاڭغا ئىگە، تارىي بۇرچ تۇيغۇسى كۈچلۇك بولغان مەسئۇلىيەتچان يازغۇچى مەرھۇم زوردۇن سابىر شۇ تارىخقا ئايلانغان مۇرەككەپ ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۇرۇشتە تېخىمۇ يۇقۇرى بەدىئىي ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ھەرخىل بەدىئىي توقۇلمىلار ئارقىلىقم بەدىئىي ئوبازلارنى تېخىمۇ تىپىلەشتۇرۇپ روماننىڭ بەدىلىگىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە روماننىڭ چىنلىقىنىمۇ يۇقۇرى كۆتۇرۇپ ئاجايىپ يۇقۇرى ئىجتىمائىي قىممەت ياراتقان. رومان گەرچە بىر ئىجتىمائىي رومان بولسىمۇ ئەمما شۇ دەۋردىكى چىنلىقنى شۇنچىلىق ئېسىل كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلغانلىغى، روماندىكى پىرسوناجلارنىڭ ھەربىرى خۇددى ئارىمىزدىكى بىرسىدەك تەپەككۇر دۇنيارىمىزدىكى بوشلۇقتا ياشىغانلىغى ئۈچۈن بەزىدە ئادەم بۇ روماننى تارىخىي رومانمىكىنمۇ دەپ قالىدۇ.
روماندا يەنە بۇ ھاياتنىڭ ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىغى بۇنىڭدىن باشقا قىز ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت، ئاغىنە-بۇرادەرچىلىك، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدكى دوستلۇق قاتارلىق مۇناسىۋەتلەردە، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۇنىشى، بىر-بىرىگە ساداقەتمەن بولۇشى ۋە بىرى ئۈچۈن يەنە بىرىنىڭ مەلۇم نەرسىنى قۇربان بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ جۈملىدىن پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەغدىرى ئۈچۈن مىللەتنىڭ سەرخىللىرىدىن باشلاپ تا تۆۋەندىكى دىھقانلارغىچە بولغان ھەر بىر قاتلاملىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى، ئورتاق بەدەل تۆۋلەشكە توغرا كىلىدىغانلىغىنى روماننىڭ باش قەھرىماننى بولغان ئەلانىڭ ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ۋە دوستى ھاشىر قاتارلىقلارنى دار ئالدىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ياخشى ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق ناھايىتىمۇ ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ھەققى كۈچىنى نامايەن قىلغان. يەنە ئاشۇ زۇلمەتلىك دەۋرلەردە بەزى خوشاللىقلارنىمۇ تەسۋىرلەش ئارقىلىق خۇددى قىشنىڭ ئىللىق قۇياشى، بوران-چاپقۇندا ئۈچۈپ يۈرۇيدىغان جەلىپكار ياپراقلارنىڭ بولغىنىدەك بۇ ھاياتتا بارلىق خوشاللىقلارنىڭ ئاشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن گېرەلىشىپ، ئارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىپدىلەپ, ئادەم ياشاشنىڭ قىممىتىنى راھەت پاراغەتلىك تۇرمۇشتا ئەمەس بەلكى ئەنە ئاشۇنداق جاپا مۇشەقەتلىك، تىراگىدىيىگە تولغان ھاياتتا تاپىدىغانلىغىنى, بىزنىڭ ھەرۋاقىت ئۈمىدۋار بولىشىمىزنى، ھەقىقەتنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن ھامان بىر كۈنى يورۇقلۇققا چىقىدىغانلىغىغا ئىشىنىشىمىزگە چاقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنى ھەرۋاقىت تەپەككۇر قىلىشىمىزغا، ئىزدىنىشىمىزگە بولۇپمۇ بىزدەك باشقىلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ تىخىمۇ پىداكار بولۇشىمىزغا، بېشىمىزغا ئەنە ئاشۇنداق “مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى” دەۋرلەردىكىدەك بالا-قازالارنىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگىنىمزدە پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىزنى ئۆتىنىدۇ.

مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ “ئىزدىنىش” ناملىق بۇ رومانىنى بۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: “بۇ كىتابتىكى پېرسوناجلار ھېلىمۇ، ياخشىماقتا، كۈلمەكتە، يىغلىماقتا، لېكىن بىرلا ئىش ئۆزگەرمىدى ئادەملەر ھامان تىرىشماقتا، كۈرەش قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتنى، ئۆزۆزىنى ئۆزگەرتىش كويىدا، شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن، ھاياتتىكى بىز چۈشىنەلمىگەن ئىشلار كەلگۇسىدىكى ئەمەلىيەت بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىزدىنەيلى، بىز ئىزدەڭۈچى.”

بىز ئۇيغۇرلار تا بۈگۈنگە قەدەر نىي-نىي كۈرەشلەرنى، جاپالارنى، دەرد-ئەلەملەرنى، زۇلۇملارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۇزۇپ كەلدۇق. ھەمدە بۈگۈنگىچە ھېچ يوقالماي بېشىمىزنى تىك، قەددىمىزنى رۇسلاپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەنسىز، ماكانسىز، ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانسىز، ئائىلىسىز قالدى. مېڭىۋاتقان يوللىرىمىز تىكەنلەر بىلەن تولدى. بۇ يوللارنى بىز ئاتلاپ-ئاتلاپ ئۆتتۇق. مانا ماشۇ تىكەنلىك يوللاردا ماڭغاندا كىيىملىرىمىزنى يىرتىپ بەدەنلىرىمىزگە سانجىلغان تىكەنلەرنىڭ يارا ئىزلىرى گۈزەل تەنلىرىمىزدە قالدى. ئارقىمىزدىكى يوللاردا قان داغلىرى قالدى. ئاچچىق ئاغرىقلار دەستىدىن چىققان ئاۋازلىرىمىزنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ ئالدىمىزغا قاراپ ماڭدۇق. مانا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ ئارقىمىزغا تاشلاپ ماڭغان قان داغلىرى كۆزىمىزگە روشەن كۆرىنىدىغان، ئاشۇ ئاچچىق ئاۋازلار قۇلۇقىمىزغا بەكرەك ئىنىق ئاڭلىنىدىغان بوپ قالدى. تېخى بۇ ئاۋازلىرىمىزغا ئارقىمىزدا قالغان زۇلۇم ئىچىدىكى مىللىتىمىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرى، نىدالىرى قوشۇلۇپ يۈرەكلەرنى ئەزدى. بىز بولساق خەلقى زۇلۇم ئىچىدە پارا-پارە بولغان بىر قەۋمنىڭ ئەۋلاتلىرى، نېمە قىلارىنى بىلمەي تىڭىرقاپ قاراڭغۇلۇقتا زار يىغلىغان قەۋمنىڭ نەسلى. مانا بۇگۈنكىدەك قىيىن تارىخى شارائىتتا بىرلىرى چىقىپ بىزگە ئۈمىد بېرىشى كېرەك. ئەمما بۇ ئۈمىد ئەمەلىي كۈچنى ئاساس قىلغان مىللىي روھنى خىمىر تۇرۇش قىلىش كېرەك. ئەمدى ئەس-ھوشىمىزنى يېغىۋېلىشقا توغرا كەلسە كېرەك. ئالدى-كەينىمىزگە قاراپ، ئەتراپىمىزغا قۇلاق سېلىپ، ئىلگىركىدەك ئۆزىمىزنى ئەھمەق قىلىدىغان، باشقىلارنىمۇ ئالدايدىغان يالغان ئۈمىد توغرىسىدىكى گەپلەرنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاپ. ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ئىشلار توغرىسىدا ئىزدىنەيلى، بىز ئىزدەڭۈچىلەرگە مۇختاج! ئىزدىنەيلى! يەنە ئىزدىنەيلى!

“ئىزدىنىش” ناملىق روماندىن گۈزەل خاتىرلەر:

تەغدىرگە رەخمەت دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. تەغدىر بەزىدە قۇناق شېخىغا لاچىننى قوندۇرىدۇ. بەزىدە شوخ مارالنى كىگىز ئۆيدە ئۇخلىتىدۇ. بۈگۈن تەغدىر بۇ قىزلار بىلەن سەپەرداش قىلىپ قويۇپتۇ، تەغدىرگە رەخمەت!

بىلىم خۇددى كىيىمگە قۇنغان چاڭدەك كۆرۇنمەي قونىدۇ. ئاستا-ئاستا قېلىنلىشىدۇ. بىر كېچىدىلا بىلىملىك بولۇۋالىدىغان بىرەرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك.

ياخشلىق – ئۆگىنىش، ئىزدىنىش دەۋرى، بۇ چاغدا ئىگەنلىگەن بىلىم، بويىقى ئۆڭمەس، غولى چىرىماس چوكا ئالتۇندەك بىلىم بولالايدۇ.

بىلىم ئەھلى ھالاۋەتكە ئىنتىلمەيدۇ. ئۆمۈر بويى جاپا تارتىدۇ. بۇ تەرىپى دېھقانغا ئوخشايدۇ.

ئىزدىنىش، سېلىشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش پەننى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بىر قانۇنىيېتى.

مۇھەببەت ئىنساننى ھەم بەختلىك، ھەم بەختسىز قىلىدكەن. لېكىن بەختلىكلەرمۇ، بەختسىزلەرمۇ پۇشايمان قىلمايدىكەن، بۇ ئاجايىپ ئىش!

لۇشۈننىڭ مۇنداق بىر گېپى بار:” تالانت ئىئىگىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش كىشىلەرنىڭ كۆنۇپ قالغان ئادىتى بولسا كېرەك. جۇڭگودا خەن ۋە جىن سۇللالىرىدىن كېيىن داڭق چىقارغان ئەدىبلەرنىڭ تولىسى قارلىنىپ كەتتى. يەنە سەركەردىلەر، ۋەزىرلەر مەرتىۋىسى يۇقۇرى بولغانلىقتىن شۆھرەت قازىنىدۇ. ئەدىبلەر مەرتىۋىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن تىل-ھاقارەت ئاستىدا ياشايدۇ”

ئۈمىد بورانلىق كېچىدىكى بىر تال يىڭنە. لېكىن مەن ئۇنى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىمەن.

روھىمىز ئېكەكلەنمەيدىغان كۈن يوق. شۇڭا تىلىمىز ئۆزىمىزگە بېقىنمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىلىمىز بەدىنىمىزگە دۈشمەن.

ئىنسان قېرىغاندا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۆزىگە خاس ئالامەتلەرمۇ، قابىلىيەت، پەزىلەت ۋە يوشۇرۇن گۈزەللىكلەرمۇ بىللە قېرىمدىغاندۇ – ھە؟ ھەۋەس، ئىشتىياق قېرىغىنىغا ئوخشاش، ئىنساننىڭ ھاياتقا بولغان تەلىپىمۇ قېرىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ..

دېھقانمۇ، زىيالىمۇ، كادىرمۇ ئوخشاشكەن، ھەق سۆز ئىگىلىرى ھەممىلا يەردە ئاينىمايدىكەن. يالغانچىلار، ھىلىگەرلەر، ئالا كۆڭۈللەر يۇقىرىغا يامىشىدىكەن، گەپنىڭ توغرىسى خوشاللىق ھەممىگە زۆرۈر، لېكىن ئۇنىڭ مەمبەسى، مەنىسى ھەر خىل بولىدۇ. بىرلىرى ئەمگىكى، ھالاللىقى بىلەن خوش بولىدۇ. بىرلىرى باشقىلارنىڭ مۇۋەپپېقىيىتى، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياردىمى ياكى كۆپچىلىك، ۋەتەن، خەلقنىڭ روناق تېپىشى بىلەن خوشال بولىدۇ. يەنە بىرلىرى بولسا، باشقىلارنىڭ پالاكىتى، ھالاكىتى، ئۆزىنىڭ شۇملىقى، رەزىللىكى بىلەنمۇ خوشال بولىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە بىرلىرى ئۆز راھات-پاراغىتى ، پايدا مەمپەئىتى بىلەن خوشال بولىدۇ.

پاكىز قەلبى بار ئادەملەرمۇ جىنايەت ئۆتكۇزۇپ قويىدۇ. دۇنيادا كىشىلەرنىڭ قەلب ساداسى بىلەن تولۇق ھېساپلىشىدىغان بىر مۈكەممەل قانۇنمۇ بارمىدۇ؟

ئادەم ۋەتەنى، مۇھەببىتى بىلەن قەدىرلىك، چۈنكى بۇلار سىزدىن قۇربان بېرىشنى، مۇھىمى مۇقەددەس نەرسىلەردىن ئادا-جۇدا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادا-جۇدا بولالىسىڭىز، قۇربان بېرەلىسىڭىز، سىز ھاياتنىڭ ئىنسانغا قويىدىغان تەلىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان بولىسىز، ئەكسىچە بولغاندا، سىز ھاياتنى ئالدىغان، ئۆزىڭىزنى، باشقىلارنى ئالدىغان بولىسىز.

ئىنسان مىجەزى غەلىتە نەرسە، نۇرغىنلىغان ياراملىق ئادەملەر مىجەزىدىكى نۇقسانلىرى بىلەن بەھتسىز بولۇپ قالىدۇ. ئوخشاشلا نۇرغۇنلىغان يارامسىز ئادەملەرمۇ مىجەزىدىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن بەختلىك بولۇپ، جەمىيەتتە يۈز-ئابروي، ئورۇن-ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ.

تۇن ھەم قورقۇنچلۇق ھەم سېخىي. ئۇنىڭ قورقۇنچلۇقى، ئۇ سېنى قارغۇ قىلىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ سېخىيلىقى، ئۇ قوينىدا يۈز بەرگەن پاك ۋە ناپاك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يوشۇرالايدۇ.

گۈزەل كەلگۇسى بىز يېشەلمىگەن تۈگۈنچەكلەرنى يېشىپ بېرىدۇ. بىز جاۋاب بېرەلمىگەن مەسىللەرگە جاۋاب بېرىدۇ. ھازىرچۇ؟ ھازىر– پارلاق كېلەكچەكنىڭ ھارپىسى، ئىستىقبال بېغىنىڭ بوسۇغىسى، بۇ ھارپا، بۇ بوسۇغا بىزگە خوشاللىقنى ئازراق، خاپىلىقنى كۆپرەك ھەدىيە قىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىز بوزەك بولىۋاتىمىز، خورلىنىۋاتىمىز لېكىن بىز ھامان غالىپ چىقىمىز……

داڭلىق كىشىلەر قىيىن ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندە، ھامانەم ئۆز ئىشىنى، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى خەلق بىلەن بىرلەشتۇرگەن، ئۆز شەخسىي پاجىئەسىنى خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە بىلەن سېلىشتۇرغان، شۇنداق قىلىپ ئۆز مەسۇلىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. ئادەم ئۆزىنىڭ خەلق ئالدىدىكى مەسۇللىيىتىنى تونۇپ يەتكەندە، ئۇنىڭ شەخسىي پاجىئەسى ئەرزىمەس بىرننېمىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن، بىر ئادەمنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىزلىقىنىڭ بەلگىسى مانا ماشۇ مەسۇللىيەتنى تونۇپ يەتكەن ياكى ياتمىگەنلىكىدە ئىكەن.

ھاياتنى بىر چوڭ بىنا دېسەك. بىز شۇ بىنانىڭ ئەخلەتخانىسى.

دۇنيا مۇرەككەپ سىرلىق بولغىنىدەك، ئىنسانلارمۇ ئادەمزاتسىز چۆلدەك سىرلىق بولىدىكەن. بىرلا قارىساڭ ئۆزى ئاددى، ئەسكى چاپانلىق ئەمما ئىچى-قارنى بىلەن تونۇشساڭ، ئۇ ئادەم ساڭا غەلىتە ۋىنتا، پۇرجىنلىرىدىن قۇرۇلغان ماشىندەك مۇرەككەپ بىلىنىدىكەن.

ھالال ئىش قىلغۇچىلار ئۆز ئەجرى ئۈچۈن قانچىلىك ئاسان جازالانغان بولسا، ھارام ئىش قىلغۇچىلار ئۆز رەزىللىكلىرى ئۈچۈن شۇنچىلىك ئاسان ئىن ئام ئېلىشتى.

مەن ھەرقانداق يول بىلەن بولسىمۇ دوستلىرىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەيلى بۇنىڭ ئۈچۈن غۇرۇرۇم، ئىنسانىي قىممىتىم، ھەتتا ئىسسىق جېنىم سەرپ بولسىمۇ مەيلى.

باشىڭغا كەلگەن بالالاردا ئۆزەڭنىڭ بىر كىشلىك ھەسسى بار، گۈزەللىكلەردە ئاللاھنىڭ ئىھسانى بار.

ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى، ئۇنىڭ ھاياتقا مەنا ۋە خوشاللىق بېغىشلىغۇچى يېقىنلىرىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇ كەينىدە قالغان غۇلجا شەھەرنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك يەرلىرىدە تۇرماقتا. باغلىرى، پاكىز كوچىلىرى، ئازادە ئۆيلىرى، مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل ئادەملىرى بىلەن كىشىلەرگە “جەننەت” بولۇپ تۇيۇلغان بۇ گۈزەل شەھەردىن بۈگۈن ئۇنىڭ دوستلىرى، يېقىنلىرىغا پاناھ جاي تېپىلمىدى. ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى سېپىل چۆرۇپ، باغ ياساپ، ئۆستەڭ چېپىپ ئۆز تەرى بىلەن كۆكلەتكەن بۇ شەھەر، بۈگۈن ئۇلارغا يات. مەنچىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ چىدىغۇسىز زۇلىمى دەستىدىن قولىغا قورال ئېلىپ قوزغىلاڭ كۆتەرگەن سادىر، ئەلاھان ئەۋلادلىرى بۈگۈن پاناھسىز، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان مىللىي زۇلى جېنىغا پاتقانلىغى ئۈچۈن ئىنسانىي ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن قولىغا قورال ئېلىپ جەڭ قىلغان ئەزىمەتلەر بۈگۈن گۇناھكار! بۇنداق ئادالەتسىزلىكنى چەكلەيدىغان بىرەر كۈچنىڭ ئۆز يۇرتىدىن تېپىلمىغانلىقى. ئەلا ئۈچۈن چەكسىز ئازاپ!

بىر قەلبتە بىر ئادەمنىڭ نامى بولۇشى كېرەك. بۇ نام مەڭگۈ سېنىڭ، سەن مەڭگۈ شۇ نامنى يادلايسەن. مانا بۇ نام مەھەببەت قەلبكە تامغا بولۇپ ئورناشقان، بۇ نامنى يادىدىن چىقىرىش، ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتىغانلىق، ئۇ نامنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنىڭ نامىنى يېزىپ قويىش، ئۆز ۋىجدانىنى ئۆزى خورلىغانلىق.

ئۇزۇن يىل بىر-بىرىگە تەلپۈن گەن ئىككى يۈرەكنىڭ ئۇچرىشىشىنى قانداقمۇ قانۇن بىلەن چەكلىگىلى بولسۇن؟

كەلگۇسى – ئۈمىد ۋە ئارمانلارنىڭ ماكانى! بۇ ماكان بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالغان. بۇ ماكان بىزنى يەنىمۇ ياخشىراق، كۆڭۈللۈك ياشاشقا ئىنتىلدۇرمەكتە. كەلگۇسىگە ئىنتىلگەن يۈرەكلەرنىڭ پارلاق تېڭى شۈبھى بىلەن باشلانغۇسى. بىز بايرامنى تەقەززا بولۇپ كۈتكەن گۆدەكلەردەك، شۇ ئاتقۇسى سۈبھى بىلەن خوشاللانماقتىمىز…..

ئەيىبىنى يوشۇردىغان ئازىيىپ، گۈزەللىكىنى يوشۇردىغانلار كۆپەيسە بۇ دۇنيا، ئىنسانيىئەت بۆلەكچە نۇرلانغان بولماسمىدى؟

ئىنسان دۇنيادا يۈز يىل ياشىمايدۇ. ئوتتۇزدىن ئاشتۇق، بىر ئۆمۈر قىلىدىغان ئىشىمىزنىڭ پىلانى بولۇشى كېرەك. يەنە ئون يىل پۇل، راھەت تۇرمۇش بىلەن ھەپىلەشسەڭ خەلققە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەستىن دۇنيادىن ئۆتىسەن. بۇنداق ھاياتنىڭ مەقسەتسىز قىمىرلايدىغان كۆك قۇرۇتنىڭ ھاياتىدىن قانداق پەرقى بار؟

ھايات مېنى ئالدىدى، خورلىدى، ئاخىرىدا بەزلىدى. لېكىن مەن ھاياتنى ئالدىمايمەن، خورلىمايمەن، ئۇنىڭغا ساداقىتىم، ساپ قەلبىم بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن.

ھاياتلىق ئۆز قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، پاكلىق بىلەن رەزىللىك، گۈزەللىك بىلەن ۋەھشىلىك، ھەقىقەت بىلەن ساختىلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋېرىدۇ. ھاياتلىق ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، لېكىن ئادەملەر ھايات قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئىھ، سېخىي تەبىئەت! كۈلپەت ئىچىدىكى مۇنۇ دىلى سۇنۇق بالىلىرىڭنىمۇ ئۇنۇتماپسەن، ئۇلۇغ تەبىئەت، گۈزەل باھار، بىزنى ئۇنۇتما، بىزمۇ خوشاللىق، بەخت ئۈچۈن تۇغۇلغان، شۇڭا بىز ساڭا يېلىنماقتىمىز!

ئىھ، ئەركىنلىك ! سەن قانداق سىرلىق ۋە ئەزىز ھە؟ ۋەھىمىسىز ياشىغان ئادەمگە كۆك ئاسمانمۇ، ئادەمزاتسىز چۆلمۇ كۈلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

15.08.2018
گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top