بۈركۈتنىڭ خارابىلىققا قونۇشى
بۈركۈتنىڭ خارابىلىققا قونۇشى
(بۇ ھېكايە ھەبىبۇللا ئابلىمىت تۇزگەن «مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.)

بىر زامانلاردا ئادىل بىر پادىشاھنىڭ بىر كور بۈركۈتى بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بۈركۈت يولىدىن ئېزىقىپ قېلىپ، ھۇقۇشلار ماكان قىلغان بىر خارابىلىققا كېلىپ قونۇپتۇ. كور بۈركۈت بۇ خارابىلىققا قونۇشى بىلەن ھۇقۇشلار ئۇنىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ، يولىنى تېخىمۇ تاپالماس قىلىپ قويۇپتۇ. تەرەپ–تەرەپتىن كېلىپ ھەممىسى بۈركۈتكە ھۇجۇم قىپتۇ، قانات–قۇيرۇقلىرىنى يۇلماقچى بوپتۇ.
ھۇقۇشلار «بۇ بۈركۈت بىزنىڭ ماكانىمىزغا يەرلىشىش ئۈچۈن كەلدى» دەپ ۋارقىرىشىپتۇ.
ئۇلار دەھشەت قورقۇش ئىچىدە، غالجىرلاشقان لالما ئىتلاردەك غېرىپ بۈركۈتنىڭ پەيلىرىنى يۇلماقچى بولۇپ، تەرەپ–تەرەپتىن كېلىپ ئەتراپىنى ئورۇۋاپتۇ. بۇ ئەسەبىيلىكنى كۆرگەن مۇساپىر بۈركۈت ئۇلارغا قاراپ:
_ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار ماڭا راۋا ئەمەس. ئەگەر ھەقىقەتەن مېنىڭ نىيىتىم توغرا بولمىسا، بۇ جېنىم سىلەرگە پىدا بولسۇن. مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش نىيىتىم يوق. مەقسىتىم بىر ئادىل پادىشاھنىڭ ماكانىغا كېتىش. مەقسىتىم ئېنىق ئىكەن، سىلەرنىڭ بۇنداق قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشۇڭلارنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. مەن بۇ يەردە قالمايمەن. ئۆز ۋەتىنىمگە كېتىمەن. بۇ ۋەيرانە خارابىلىك ھۇقۇشلار ئۈچۈن ياخشى بىر يەر بولغىنى بىلەن، مېنىڭ كۆڭلۈم سۇ ئىچىدىغان يەر پادىشاھنىڭ ئايىغى تەككەن يەردۇر.
بۈركۈتنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ھۇقۇشلار:
_ بۇ سۆزلىرىڭ يالغان. سەن بىزگە ھىلە ئىشلىتىپ، ماكانىمىزدىن قوغلىماقچى بولۇۋاتىسەن. ئۇۋىلىرىمىزنى بۇزۇپ، ئورنىغا ئۆزۈڭ تۇرالغۇ سالماقچىمۇ سەن؟ بىزنى ئالدىما. تۇخۇمدىن چىققان بىر قۇش قانداق بولۇپ بىر پادىشاھ بىلەن تەڭ بولىدۇ؟ ئەقلى بار ھەر كىم بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. پادىشاھنىڭ نەسلىدىن ۋە ياكى ۋەزىرنىڭ نەسلىدىن بولمىغان بىرسى خۇددى بادام ھالۋىسىغا سامساق لايىق بولمىغاندەك، لايىق بولالايتتىمۇ؟ پادىشاھ ۋە ئەسكەرلىرى توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرىڭمۇ يالغان. بۇ سۆزلەرنىڭ ھېچ بىر ئاساسى يوق. ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىقتۇر. سېنىڭدەك بىر قۇشنىڭ پادىشاھ بىلەن دوست بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. سېنىڭ مېڭەڭ بىزگە لوقما بولغان ھالەتتىمۇ، پادىشاھ ساڭا ياردەم قىلارمۇ؟
سەۋر تاقەت بىلەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بۈركۈت
_ ئەگەر مېنىڭ بىر تال تۈكۈمگە زىيان–زەخمەت يەتسە، پادىشاھ بۇ يەردىكى ئۇۋىلارنى چۇۋۇۋېتىدۇ. سەنلەردەك ئەرزىمەس ھوقۇشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىتى؟ مەن پادىشاھنىڭ قەدىناسى بولىمەن.. خىياللىرىم سۇلتانىمنىڭ قەلبىدە، بۇ ھىجرانلار ئۇنىڭ كۆڭلىنى لەختە–لەختە قىلىدۇ. ئۇ مېنى ئۇچۇرسا، مەن ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاسمىنىدا قانات قېقىپ، پەرۋاز قىلىمەن. شۇنداق بىر بۈركۈتمەنكى ماڭا جاھاندا ھەر كىم ھەيراندۇر. ھۇقۇش كىمكى، مېنىڭ بۇ سىرلىرىمغا ئاشىنا بولسۇن؟ پادىشاھ مېنىڭ ئۈچۈن يۈز مىڭلارچە مەھكۇمنى زىنداندىن ئازات قىلىدۇ. مېنى بۇنداق خارلىماڭلار، ئەتىۋارلىقمەن. گەرچە پادىشاھ بىلەن بىر نەسىلدىن بولمىساممۇ، پادىشاھنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەنمەن. بۇ نەسىل مەسىلىسىدە شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتە ئايرىمچىلىق يوقتۇر. سۇ، زىرائەتلەرمۇ تۇپراقتىن. شامال بولسا ھەر دائىم ئوتقا قۇۋۋەتتۇر. خاراكتېر ئۈچۈن ئوخشاش بىر نەسىلدىن بولۇش ھاجەتسىز. نەسلىمىزنىڭ پادىشاھ نەسلىدىن بولۇشى ئىمكانسىز. ئۇ ئەبەدىيلىككە مەنسۇپ، بىز يوقلۇققا مەھكۇم. بىز يوقلۇق ئىچىدە يوق. ئۇ يالغۇز بىر پادىشاھ. ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالدىدا بىز چاڭ–توزاندەك توزۇپ كېتىمىز. بەدەن تۇپراق بولىدۇ، جاننىڭ ئالامەتلىرى قالىدۇ. يولدا ماڭغاننىڭ ئاياق ئىزلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ ھېكمەتكە باي سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھۇقۇشلار بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ، بۈركۈتكە دوستانە مۇئامىلىدە بوپتۇ. بۈركۈتمۇ ئۇلارغا ئۆز يېقىنچىلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئۇلار بۈركۈتنىڭ ئۇچۇشلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھېكمىتىنى چۈشىنىپتۇ. بۈركۈتنى ئۆزىگە ئۈلگە قىپتۇ. بۈركۈتنى ئۈلگە قىلغان بۇ ھۇقۇشلارمۇ ئاسمان قەھرىگە ئۆرلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارمۇ ئاشۇ ئادىل پادىشاھنىڭ يېقىنلىرىدىن بوپ قاپتۇ ۋە نەگە بارسا ھېچ غېرىبلىق ھېس قىلماپتۇ. پادىشاھمۇ كىمنىڭ دەردى بولسا ئۇنىڭغا دەرمان بولماقچى بولۇپ، خۇددى نەي ساداسىدەك ئۆز ئادالىتىنى جاھانغا ياڭرىتىپتۇ.
ھېكمەتلىك سۆزلەر:
باش تاجىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭ كېچە–كۈندۈز ئىبادەت يولىنىڭ تۇپرىقى بول.
تاشقى كۆرۈنۈشكە ئالدانما. نەپسىڭگە بېرىلمە.
دېگەنلىرىگە كۆڭۈل قويماي تۇرۇپ، زاكۇسكىنى يېمە، مەينى ئىچمە.
قانچىلىغان سۈرەتلەر سېنىڭ يولۇڭنى توسىدۇ. سۈرەتتە قەست، ھەقتە ئىلتىپات.
كۆز نۇرى، ياغ ئىچىدە مەيدانغا كەلدى. كۆڭۈل نۇرى، بىر تامچە قاننىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىدى.
خوشاللىقنىڭ ئورنى كۆڭۈل. غەمنىڭ ماكانى جىگەردۇر. ئەقىل بولسا مېڭىنىڭ ئىچىدىكى شامغا ئوخشايدۇ.
بۇ جاھاندىن باشقا بىر جاھان تۇغۇلىدۇ. مەھشەر ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىدىغان جايىدۇر.