دوسىتلارغا مەكتۇپ

ئاپتۇرى: سەرۋى
*
ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق، كۆزلەر نەم، يۈرەك داغلىق،
تالاشمايلى قەدىردانلار، ئۈمىد بىزلەرگە باغلاقلىق.
تاپا – تەنە، خۇسۇمەتلەر نىمانچە بىزدە قايناغلىق؟
ئەمەسمۇ فىتنە – غەيۋەتتىن فەرھىز ئۇزاققا قاچماقلىق؟
ئەجەپمۇ قالدۇق ھىجرەتتە غەلەت يەڭلىغ مالامەتتە.
*
ۋەتەننىڭ ئىززىتى پايخان، نومۇسى ئوتتا كۈللەگلىك،
قىران ئەركەك قېرىنداشلار زىندانلاردا ئىشكەللىك،
قاراڭغۇ زەي كامىرلاردا كۈنى قىر – قىردا ئۆتمەكلىك،
گۈلى رەنا ھەر مەزلۇمنىڭ غورۇرى يەردە چەيلەگلىك،
تېرىق كەبى چېچىلساق بىز دۇرۇسمۇ ئۇشبۇ سائەتتە؟
*
قېرى – ياشۇ، قىران – بەرنا، سۇچۈكنىڭ كۆزلىرى نەملىك،
ئاھۇ – زارى ئۈچۈن ھەتتا يەرۇ – زىمىنمۇ تەۋرەگلىك،
چېپىپ كاللا خىتاي جاللات، خۇماردىن ئەسلا چىقماغلىق،
ۋەتەن ھالى ئۈچۈن ۋەيلۇن نامىمۇ ئەسلى كاملاغلىق،
نىچۈن سودىسى چاپ – چاپ تەبرىقچىنىڭ بۇ دەمدە؟
*
شۇبۇ مەھكۇم قېرىنداشلار، بېشىدا توقماق ئويناغلىق،
«جانابى ھەق، ساڭا قويدۇم» – دىبان رەببىگە يىغلاغلىق،
«قېرىنداشىم كۆرەشتە» – دەپ ئۈمىدنى ئەسلا ئۈزمەكلىك،
كۆرەشنىڭ ئورنىغا بىزلەر خىتاي دېپىغا سەكرەگلىك،
ئەقىل – ھۇش بىرلە ئىش كۆرمەي ئەجەپ قالدۇق زالەلەتتە.
*
ساڭا مەن، سەن ماڭا دۈشمەن بولۇپ مىلتقنى بەتلەگلىك،
قارايۇ – ئاق، قىزىل – سېرىق تامامى رەڭدە سۆزلەگلىك،
ئىشىمىز گىنە – ئاداۋەتتە ئېرىق – مەزھەپكە بۆلمەكلىك،
نىچۈن بىزگە ئۇيۇشماقلىق، نىھايەت مۈشكۈل كەلمەكلىك،
ئېغىزلاردا شەھەر ئالدۇق، كۆرەشلەر قالدى بىر چەتتە.
*
دېدۇق دىنىم تەقىپتەدۇر، خىتاي مەسچىتنى پايلاقلىق،
بىراق شامۇ – ساباھلاردا ئىشىمىز ئۇخلاپ ياتماقلىق،
مۇقەددەس دەستۇر قۇرئاننى ھورۇنلۇقتىن ئوقۇماغلىق،
ئازادلىقچۈن تېلەك تېلەپ، لېۋىمىز جامغا چاپلاغلىق،
ئەجەپ ساختا مۇسۇلمانبىز قالاركى دۇنيا ھەيرەتتە.
*
ئەگەر فىئىلىمىز شۇكەن، ئۈمىدلەر زادى قالماغلىق،
شەرق – غەرىپكە تەڭ تارتساق كاتاڭدىن ھارۋا چىقماغلىق.
يىسە زەخمەت بۇ دەۋامىز، ئەمەستۇر كارى زەپ چاغلىق،
گۈناھكار بۇ بويۇنلارنى تۆمۈر تىرناقلار چىرماغلىق،
پۇشايماننى ئالار بولساق تاۋاقلار يوقتۇر ئەلۋەتتە.
*
ياۋا غازلارغا بىز باقساق، سېپى ئۇز ھەمدە قۇدرەتلىك،
قۇرۇلما ئۆرنىكى سەپنىڭ ئاقىلچۈن غايەت ھىكمەتلىك،
ئېتىلغان ئوق باشى گويا نىشاننى چەنلەپ شىددەتلىك،
شۇئارىدۇر مۇۋازىنەت، بىرلىك ھەم بۇرادەرلىك،
تەبىئەتتە دەرسلەر كۆپ مەگەر بولساق ئۈگەنمەككە.
*
سەردارلىق پەقەت خاستۇر يولىغا پىششىق ئاقىلغا،
قاناتنى قاقىدۇ غازلار يىگانە بىر نىشان ياققا،
بىرى ئۇچسا ئېرەمباغقا، بىرى ئۇچماس ئېگىز تاغقا،
سېپىنىڭ ئارقىسى كەلمىش، سېپىنىڭ ئالدى ھارغاندا،
نىچۈن سەپلەر قۇرالماسمىز ئۇشبۇ فىئىلى – ھالەتتە؟
*
سەپراس بوپ قانات قاقسا، سامادا توپى لەيلەگلىك،[1]
گۆدەك غازلار ھايالشىماي ھەقىقەتنى ئىگەللەگلىك،
تەنھا ئايرىلىپ ئۇچسا ، بىلۇر جانلار ئىكەكلەگلىك،
زورۇقماس سەپسىز بىر مەررە، ساۋاقلار دىلداھۆرمەتلىك،
بىرلىكتىكى سىرلىق كۈچ بىزچۈن زەپ ئىشارەتتە.
*
ھاۋانى يارماق كۆكرەكتىن تەلەپ ئېتەر چىدامچانلىق،
يېتەركەن باشچى سەردارغا گاھىدا تالماق – ھارغىنلىق،
زاپاس سەردارلىرى تەخكەن، قېنىدا مەۋج باھادىرلىق،
زامانكى ئالمىشىش پەيتى، سەپ ئالدى خېرىدارلىق.
زاپاس رەھبەر دىگەن سازكەن ئەجەپ مۇھتاج پەيىتلەردە.
*
ياۋا غازنىڭ سېپىغا بىل ئەزەلدىن يات بۇزۇلماقلىق،
سېپنى جان تىكىپ قوغدار قىلىپ بىسيار پىداكارلىق،
رەفتارى ئوچۇق – ئايدىڭ، تەرك ئەتمەس پىكىرداشلىق،
شۇڭا بىلسەك ياۋا غازلار زۇۋاندار زەپ غاتىلداغلىق.
پىكىرداشلىق ھەم سەبداشلىق سىڭىپ كەتكەن ئىرادەتكە.
*
قېرى – ئاجىز كېسەل – چۆرە مەگەر سېپىدىن ئاجراغلىق،
تاپار ئىستەپكى بىر جۈپ غاز قىلاركى چەندان غەمخانلىق،
زەئىپنى ھاللىتىپ بىرگە ئۇچارغا ئەھدۇ – پەيمانلىق،
بىمار دوستى ئۈزەرمىش جان، بىلەر بۇرچى ئۇزاتماقلىق،
پۈتەر داستان ئۇلۇغ كارۋان ۋاپا بىرلە مۇھەببەتتە.
*
بىرۇركى ئاللاھ ئىنسانغا ئىشارەتلەر تەبىئەتتە،
جەمئى جانۋار تىنىم تاپماي توپى ئۈچۈن مادارەتتە.
ياۋا غاز تۇرسا مەخلۇقات فىئىل – خۇلقى بالاغەتتە،
نىچۈن ئۇيغۇر سېپى كارسىز، قالار بۇنچە تالاپەتتە ،
نىچۈن بولمايلى ئەي دوستلار ئاڭا ئويۇ ھەم فىكرەتتە؟
*
2018 – يىلى، 7 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، ئامېرىكا
____________________________________________________________________________
ئىزاھات:
[1] ياۋا غازلار ئوقيا بېشى شەكلىدە يەنى V ھەرپى شەكلىدە بىر توپ ياساپ ئۇچقاندا ھاۋادا بىر خىل لەيلىتىش كۈچى (lifting power) شەكىللىنىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىچە بۇ خىل كۆتىرىش كۈچىنىڭ ياردىمىدە ياۋا غازلار ئوخشاش مىقداردىكى كۈچ سەرپىياتى بىلەن ئۆزلىرى يالغۇز ئۇچقان ۋاقىتقا قارىغاندا % 70 يىراققا ئۇچالايدۇ.