You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە ئېچىلىدۇ

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە ئېچىلىدۇ

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنىستىتوتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشىدا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» مۇھاكىمە يىغىنىمىزغا پۈتۈن تۈرك ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن :- يىغىن تەرتىپ كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم (د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى)

يىغىن كۈنتەرتىپى:

14:00  : ئېچىلىش مۇراسىمى

14:45  : «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» مۇھاكىمە يىغىنى

يىغىن رىياسەتچىسى: پروفېسسور دوكتور ئورھان كاۋۇنجۇ (سابىق مىللەت ۋەكىلى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)

دوكىلات سۇنغۇچىلار ۋە تېمىلىرى:

دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم (ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى تەسىرى

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەپلىرى

دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت (ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ قاراڭغۇ پەردە ئارقىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان

دوكتور ئۆمەر قۇل (ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسى

پروفېسسور دوكتور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن (غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى بۇرمىلاش سىياسىتى

ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى شەنبە سائەت 2:00

ئورنى: تۈركىيە ئىشچىلار ئويۇشمىسى 1-قەۋەت يىغىن زالى (كامۇسەن)، ئەنقەرە

ئادرىسى: تەلەت پاشا بۇلۋارى 160-نۇمۇر، جەبەجى، ئەنقەرە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top