You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 56)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2517

ئۇچۇرلار تىلسىماتىدا ئەقىل قۇراشتۇرۇش – دوكتور ئىلھامجان سابىت

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمىنىڭ بۇ قېتىمقى «پەن - تېخنىكا ۋە كەلگۈسىمىز» ناملىق سۆھبەت پىروگىراممىسى مەخسۇس «ئۇچۇر تېخنولوگىيەسى ۋە پايدىلىق ئەقىل يارىتىش ئۇسۇللىرى» غا ئايرىلغان بولۇپ، مولىكولا بىئولوگىيەسى ۋە تىبابەت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تەتقىقاتچىمىز، ھەم شۇنداقلا ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئىلھامجان سابىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتنىڭ سىن ھ ...

Read more

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 17: تار بوغۇزدىكى مۇشەققەتلىك جەڭ

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە) ئون يەتتىنجى باب: تار بوغۇزدىكى مۇشەققەتلىك جەڭ ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەل ئاجايىپتۇر كىتاب قىممەتى ئالەم، بىلىك بىلەن ناداننى قىلىدۇ ھاتەم. كىتاب مىسلى پەرزەنتتۇر نەشرىيات ئانا، تەۋەللۇت ئىنجىقىدىن تاڭ قالۇر ئادەم. -خاتىرەمدىن. قەدىمىي شەھەر كاشغەرنىڭ كۈن چىقىش تەرەپ ياقاسىدا، شەھەر ئىچىدىن چىققان ئادەم تۆمەنكۆل كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، يۇقىرى كۆتۈرۈلسەلا، ئاۋ ...

Read more

ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان بىر ئۆمۈر: دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى

دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس «دوكتور قاھار باراتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى» غا ئايرىلغان بولۇپ، دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ ئىشتىراكىدا، قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى، گىرمانىيەدىن دوكتور ئايسىما مىرسۇلتان خانىم ۋە تۈركىيەدىن دوكتور زەمىرە غۇلجا ...

Read more

ئۆتكەن ئەسىردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسى «شوپۇل ۋەقەسى» ھەققىدە

سايرام ئوغلانى تەھرىر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان 1931 - يىلى 28 - فېۋرال قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ ئوت پىلتىسى «شوپۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەن. (قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ئىشغالچى باندىت خىتتاي كوماندىرى قۇمۇللۇق بىر ئۇيغۇر قىزىنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان. رەت قىلىشقا ئىمكان تاپالمىغان خەلق سالىھ دورغىنىڭ پىكرى بويىچە 27 - فېۋرال كەچ تويلۇق زىياپەت ھازىرلاپ، ئەسكەرلەرنى قورالسىزلاندۇرغان. قىزنىڭ يىگىت ...

Read more

ئامېرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلار – دوكتور قەيسەر مىجىت

قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمىنىڭ بۇ قېتىمقى «پەن - تېخنىكا ۋە كەلگۈسىمىز» ناملىق سۆھبەت پىروگىراممىسى مەخسۇس «ئامېرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى» غا ئايرىلغان بولۇپ، ئىقتىساد پەنلىرى ساھەسىدىكى ياش تەتقىقاتچىمىز، ھەم شۇنداقلا قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى تەبىئىي پەن بۆلۈمى بىلىم ھەيئىتى دوكتور قەيسەر مىجىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتنىڭ سىن ھۆججىتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: https://www.youtube ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top