You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 17: تار بوغۇزدىكى مۇشەققەتلىك جەڭ

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 17: تار بوغۇزدىكى مۇشەققەتلىك جەڭ

شامالباغدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئون يەتتىنجى باب: تار بوغۇزدىكى مۇشەققەتلىك جەڭ

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئەل ئاجايىپتۇر كىتاب قىممەتى ئالەم،

بىلىك بىلەن ناداننى قىلىدۇ ھاتەم.

كىتاب مىسلى پەرزەنتتۇر نەشرىيات ئانا،

تەۋەللۇت ئىنجىقىدىن تاڭ قالۇر ئادەم.

-خاتىرەمدىن.

قەدىمىي شەھەر كاشغەرنىڭ كۈن چىقىش تەرەپ ياقاسىدا، شەھەر ئىچىدىن چىققان ئادەم تۆمەنكۆل كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، يۇقىرى كۆتۈرۈلسەلا، ئاۋات كوچاسى بىلەن قۇچاق ئاچىپ تۇرىدىغان «تار بوغۇز» ئىسىملىك كۆجۈم بىر مەھەللەگە كىرىدۇ. 1984-يىلى، ئۇيغۇر يازىقىدىكى كىتابلارنى نەشىر قىلىشنى ئۆزىگە خاس ۋەزىپە قىلغان قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى مەزكۇر مەھەللەدە بىنا بولۇپ، بۇ يەردىن چىققان كىتابلارنىڭ ئارقا مۇقاۋاسىغا «قەشقەر شەھىرى تاربوغۇز 14-نومۇرلۇق قورو» دەپ ئادرىس يازىلىدىغان بولغاندىن بۇيانەت، ئۇنىڭ نامى جاھاننى بىر ئالدى ۋە شۇ شاراپەت بىلەن ئۇنىڭ دەرۋازاسىدىن يۇرت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن كىتاب خۇمارلارىنىڭ ئاياغى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ قالدى.

2011-يىل 7-ئايدا، يازلىق تەتىل قىلىپ قەشقەرگە كەلگەن كۈننىڭ ئەرتەسى ئادەتىم بويىچە، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر نەشىرىياتىغا چىقىپ، بۇ يەردىكى كىتاپ تەھرىرلەش، كوررىكتورلاش ۋە نەشىر قىلىش ئالدىراشچىلىقى بىلەن، بىر يىل ئۈچيۈز ئالتمىش بەش كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيۇمايلا قالىدىغان كونا-ياڭى تونۇشلارىمنى ھاردۇق سوراش زىيارەتى قىلماقچى بولدۇم.

– كەلسىلە، مۇئەللىم كەلسىلە، سىلىنى ساغىنىپ، گەپلەرىنى قىلىشىپ تۇراتتۇق شۇ كۈنلەردە،- دەدى ئۇيغۇرچە كىتابلار تەھرىر بۆلۈمىدىكى مۇھەررىر ئىنىمىز، 1985-يىلدىن 1989-يىلغىچە مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىدە ئوقۇغان شاگىرتىمىز پازىلجان مۇسا ئۆز ئىشخاناسىدا مەنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئالىشىپ تۇرۇپ،- قۇلاقلارى رەسمىي قىزىپتۇكەن-دە، بۈگۈن!

ئوتتۇز يىلدىن بۇيان قىممەت سەھنەسىدىن چۈشمەگەن كىتاب

پازىلجان شۇنداق دەدى-يۇ، قولۇمنى قويىۋەتمەي تۇرۇپ، مەنى يەتىلەگەنىچە، ئۆز ئىشخاناسى بىلەن خوشنا بولغان تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى ئىشخاناسىغا باشلاپ چىقتى.

– مانا، 1986-يىلى نەشرىياتىمىز تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان «چاغاتاي تىلى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورلارىدىن بىرى بولغان ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي دەگەن مۇشۇ ئادەم،- دەدى ئۇ مەنى تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى ئابدۇراھمان ئابدۇرەھىم ئەپەندىگە تونۇشتۇرۇپ.

ئابدۇراھمان مۇدىرمۇ مەن بىلەن، خۇش چىراي ۋە مەمنۇن كەيپىيات ئىچىدە كۆرۈشۈپ، قائىدە بويىچە، ھال-ئەھۋال ۋە سىھھەت-سالامەتلىك سوراشقاندىن كەيىن،  مۇنداق دەدى:

– نەشىرىيات رەھبەرلىكى بىزدىن بىر ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرى تۈرى يوللاشنى تەلەپ قىلغانىدى، بىز بۆلۈمدىن ئويلاشىپ، ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن ئۆزلەرى يازغان ۋە 1986-يىلى نەشىرىياتىمىز تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان «چاغاتاي تىلى» دەگەن كىتابنى قايتا نەشىر قىلىشنى قارار قىلدۇق. چۈنكى، بۇ كىتاب شۇقەدەر ياخشى يازىلغانكەنكى، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن تىل تەتقىقات ئىلىم ئادەملەرى ھەمىشە شۇ كىتابنى سورايدۇ. تەخى ياقىندا، ياپونىيەدىكى بىر تەتقىقات ئورنىدىن تەلىفون كەلىپ شۇ كىتابنى سوراغان ئىدى. بىر دانە يوللاپ بەردۇق. بۇ ھال كىتابلارىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك ئىلمىي كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ قارارىمىزغا نەشىرىيات رەھبەرلىكىمۇ قوشۇلدى. بىز ئەمدى، ئۆزلەرىنىڭ بىر پىكىرىنى ئالىۋەتىپ، ئاندىن مەزكۇر كىتابنى قايتا نەشىر قىلىش خىزمەتىنى دەرھال باشلاۋەتەيلى، دەپ تۇراتتۇق. خۇددى بىر كىم مۇشۇ ئەھۋالنى ئەيتىپ، ئۆزلەرىنى چاقىرىپ قويغاندەك، ئۆز ئاياغلارى بىلەن چىقىپ كەپلا، بەك ئوبدان بولدى. بۈگۈن مۇشۇ ئىشنى سىلىنىڭ سەمىلەرىدىن ئۆتكۈزىۋەتەيلى، بىزنى قوللاپ بەرىشلەرىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ھەم تەئسىرلەندىم، ھەم ئىچ-ئىچىمدىن خوشھال بولدۇم. تەئسىرلەنگەنىم بىز مۇندىن ساق يىگىرمە سەككىز يىل مۇقەددەم يازىپ نەشىر قىلدۇرغان بىر ئىلمىي كىتابىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندەمۇ ئىلمىي قىممەتىنى يوقاتماي، ھەتتا چەتئەللىك ئالىملارنىڭمۇ ئەتىبار بىلەن ئىزدەپ-سوراشىغا مۇشەررەپ بولۇپ تۇرغانلىقىدىن ئىدى. خوشھال بولۇشۇم بولسا، بىر نەشىرىيات ئورنىنىڭ ئۆزلەرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن، ئىلمىي تەتقىقات كىتابى يازغۇچىسىغا كىتاب تەييارلاپ بەرىش تەلەپىنى قويغانلىقىىدىن ئىدى. ئەمسەچۇ؟ ئىلمىي تەتقىقات كىتابى دەگەن رومان، پوۋىستلاردەك ئوقۇرمەنلەرى كۆپ، قىزىقارلىق كىتاب ئەرمەس. شۇڭا، ئىلمىي كىتابلارنى نەشىر قىلىپ چىقارىپ قويغان بىلەن، ئۇنى ساتىپ تۈگەتمەكمۇ تەرس-تە!

– كىتابىمىزنى قايتا نەشىر قىلساڭلار ئەلبەتتە خوشھال بولىمەن. ئەگەر مەزكۇر كىتابىمىز يازىلغان 80-يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇز يىل جەريانىدىكى تەتقىقات سەۋىيەسىنى گەۋدەلەندۈرۈپ، شۇ ماۋزۇدا ياڭى بىر كىتاب يازىپ بەرسەمچۇ؟،- دەدىممەن مەسلىھەت تەرىقەسىدە،- ئىلىم دەگەن ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇز يىلنىڭ مابەينىدە، مەزكۇر كىتابىمىزدا بايان قىلىنغان خەلى بىر بۆلەك ئىلمىي مەسىلەلەر ھەققىدە، ياڭىدىن ياڭى قاراشلار خەلى مول پاكىتلار ئاساسىدا ئوتتۇراغا قويۇلدى. مانا شۇ ياڭى تەتقىقات نەتىجەلەرى ۋە ياڭى ئىلمىي قاراشلارنى قوشۇپ كىتابىمىزنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاساق، تەخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسەك، دەگەن ئويۇم بار ئىدى.

– مۇنداق خىياللارى بولسا، تەخىمۇ ياخشى بولىدۇ، مۇئەللىم!،- دەدى ئابدۇراھمان مۇدىر ۋە پازىلجان مۇھەررىرلەر خوشھاللىق بىلەن بىردەك ئاۋازدا.

شۇنداق مۇزاكىرە-مەسلىھەت بىلەن، بىر ھەپتە ئىچىدە ياڭى يازىدىغان كىتابىمنىڭ مەزمۇن دائىرەسى، باب-پاراگراپ مەزمۇن ھالقالارى گەۋدەلەندۈرۈلگەن بىر پارچە خەنزۇچە دەلىللەمە دوكلاتى يازىپ چىقىپ، نەشىرىيات بىلەن نەشىر توختامنامەسى تۈزىدىغان بولۇپ، نەشىرىيات مەئمۇرىيەت بىناسىدىن خوشھال ھالدا قايتىپ چىقتىم.

ئىلمىي كىتاب يازىقچىلىقى ۋە تەھرىرلەش قىيىنچىلىقى

مەنىڭ چۈشەنچەمچە، يازىقچىلىق دەگەن ئومۇمىيەت جەھەتتىن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنجى، بەدىئىي ئەسەر يازىقچىلىقى؛ ئىككىنجى، خەت-چەك يازىقچىلىقى؛ ئۈچىنجى، ئىلمىي ئەسەر يازىقچىلىقى.

ئەمدى، ماۋزۇيىمىزدىكى ئىلمىي ئەسەر يازىقچىلىقىنىڭ مۇئەييەن رامكا-شەكىل بويىچە يازىلىدىغان خەت-چەك يازىقچىلىقىغا ئوخشامايدىغان، ھىسسىيات دەسمىرى ئاساسىدا يازىلىدىغان بەدىئىي ئەسەر يازىقچىلىقىدىنمۇ روشەن پەرقلەنىدىغان يەرى بولسا، ئۇنىڭ مۇكەممەل ئىلمىي پاكىتلار جۇغلانماسى ئاساسىدا يازىلىدىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ھالبۇكى، ئىلىم ئەھلىنى قايىل قىلغۇدەك مول پاكىت جۇغلاش ئۈچۈن، ۋاقىت كەتىدۇ؛ شۇ ئىلىمغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى تاپىپ، ئۇلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، مۇتالىئە قىلىشقا توغرا كەلىدۇ. جۇغلانغان پاكىت-ھۆججەتلەرنى ئىلمىي نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي رىئال ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن قىلىپ، شەرھلەش لازىم بولىدۇ. ئالايلۇق، مەن ئۇستازىم خەمىت تۆمۈر بىلەن نەشىر قىلدۇرغان «چاغاتاي تىلى» دەگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئون يىل ئەمگەك قىلدۇق: يەنى ئالدى بىلەن، مەكتەپنىڭ ئىجازەتى بىلەن، 1976- يىلى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەيدىغان بىر دەرس تەسىس قىلدۇق. (ئۆز ۋاقتىدا، خەلقئارا ئاتالغۇ ھالەتى بىلەن ئوخشاش قىلىپ، «چاغاتاي تىلى»لا دەيتتۇق. 90 – يىللاردىن كەيىن، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەيدىغان بولدۇق) ئاندىن، دەرستە سۆزلەيدىغان مەزمۇنلارنى شەرھلەپ، «چاغاتاي تىلى» دەيدىغان بىر كونسىپىك تەييارلادۇق. ئۇ كونسىپىكنى بىر تەرەپتىن دەرسلىك قىلىپ سۆزلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق چوڭقۇرلاپ ئىزدەنىپ، مەزكۇر كونسىپىكتە شەرھلەنگەن بايانلارنى ئۆزلەرىمىز تەتقىق قىلىپ توپلاغان پاكىتلار ئاساسىدا، تەخىمۇ ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ تولۇقلادۇق، مۇكەممەللەشتۈردۇق. مۇشۇنداق، تەكرار-تەكرار كونسىپىك ياڭىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، 1986-يىلى 8-ئايدا، مەملىكەتىمىز بويىچە، شۇ ساھەدە ئاشكارا نەشىر قىلىنغان تۇنجى كىتاب «چاغاتاي تىلى» (32كەسلەم، 250 مىڭ خەتلىك كىتاب)نى ئىلىم ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن بولدۇق.

ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنى يازىپ پۈتتۈرۈش مۇشۇنداق تەرس بولۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۇنى تەھرىرلەپ، نەشىر قىلىشمۇ ئاسان ئەرمەس. چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى دەگىنىمىز ھازىرقى زامان تىل-يازىقىمىزنىڭ مۇندىن ئالتمىش-يەتمىش يىللار بۇرۇن ئىشلەتىلگەن كلاسسىك شەكلى دەمەكلىك بىلەن، ھەرپلەرنىڭ يازىلىشى، سۆز-جۈملەلەرنىڭ ئىزاھلانىشى جەھەتلەردىن بىر مۇنچە ئوخشامايدىغان يەرلەرى بار. نەشىرىياتتا، بۇنى بىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇشى لازىم بولىدۇ. خەيرىيەت، 80- يىللاردا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدا، مەرھۇم توختى ئاباخان ئەپەندىم قاتارلىق چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى مۇتەخەسسىسلەرى بولغاچ، مەزكۇر «چاغاتاي تىلى» ماۋزۇلۇق كىتابىمىزنى شۇ قەدەر بەلەن تەھرىرلەپ نەشىر قىلغانلىقتىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆز قىممەتىنى يوقاتماغان ئىلمىي تەتقىقات كىتابى بولۇپ كەلمەكتە.

دەمەكچىمەنكى، بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى-يازىقى ھەققىدە بىر ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرى نەشىر قىلماقچى بولۇشى ئۆزىدە، پازىلجان مۇسادەك كلاسسىك تىل-يازىق بىلىدىغان مۇتەخەسسىس تەھرىرلەرنىڭ بولغانلىقىدىن بولغاندۇر. شۇڭلاشقا، مەن بۇنى بىر ياخشى پۇرسەت بەلكى بىر غەنىيمەت پۇرسەت بىلىشىم كەرەك-تە!

مەن مۇشۇنداق ئوي ۋە چۈشەنچە بىلەن، يازىلغۇسى كىتابىمنى مۇشۇ چاغقىچە شۇ ماۋزۇ ۋە مەزمۇن دائىرەسىدە يازىلغان كىتابلارىمنىڭ ئەڭ كاتتاسى قىلىش، ھەر جەھەتتىن چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى تەتقىقاتى بويىچە ئەڭ پىشقان ۋە يەتىلگەن سەۋىيەمنى نامايەن قىلىش ئىرادەسىگە كەلدىم.  شۇنداق قىلىپ، نەشىرىيات بەلگەلەپ بەرگەن مۆئلەت ئىچىدە، ياڭى كىتابىمنىڭ ئىلمىي دەلىللەمە دوكلاتى بىلەن نەشىر ئىلتىماس دوكلاتىنى ھازىرلاپ تاپشۇردۇم. نەشىرگە تاپشۇرۇلىدىغان كىتابىمنىڭ ماۋزۇسى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» بولىدىغان، ئۇ بىر كىتاب ئۆز ئىچىدىن، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئەسەر تەتقىقاتىدىن ئۆرنەك» بولۇپ ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدىغان، ئومۇمىي ھەجىم جەھەتتىن يەتتە يۈز مىڭ خەتلىك كىتاب بولۇشى پىلانلاندى. دوكلات تەستىقلانىپ، 2011-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، نەشىرىيات بىلەن توختامنامە ئىمزالادىم، خەيرلىك بولغاي!

مۇھەررىر-ئاپتور ھەمكارلىقى ۋە سۈپەتلىك كىتاب كاپالەتى

جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى نەشىرىياتچىلىق ئەمەلىيەتىنى چىقىش قىلىپ ئەيتقاندا، ھەر قانداق بىر ئەسەر نەشىرىياتقا كىرىپ، مۇھەررىرنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كەيىن، ئەمدى ئۇ مەزكۇر ئەسەرنى يازغان ئاپتورنىڭلا ئەسەرى ۋە خاس ئەمگەكى بولمايدۇ، بەلكى ئاپتور بىلەن مۇھەررىرنىڭ ئەسەرى بولىدۇ. چۈنكى، مۇھەررىرنىڭ ئۇ ئۆز قولىغا تاپشۇرۇلغان ئورىگىنال ئەسەر ئۈستىدە، مەۋجۇد نەشىرىياتچىلىق پرىنسىپى بويىچە. مۇئەييەن مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىش، چىقارىپ تاشلاش قاتارلىق ھوقۇقىنى ئىشلەتىش بۇرچى بولىدۇكى، بۇنى ئاپتورلار سوغۇق قانلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى لازىم بولىدۇ، ئەلبەتتە.

ئەمما، يىگىرمەدىن ئارتۇق كىتاب نەشىر قىلدۇرغان مەن مويسىپىت ئاپتورنىڭ تەئسىراتىچە، بىر ئەسەرنىڭ، بولۇپمۇ بىر ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتىكى سۈپەت كاپالەتى بىلەن نەشىردىن چىقىشى ئاخىرقى ھىسابتا، مۇھەررىر-ئاپتور ھەمكارلىقى بولۇپ كۆرۈلىدىغان تولامۇ نازۇك ۋە زىل پائالىيەت ئارقالىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» ناملىق ژىرىك ئەسەرىمنى نەشىر قىلدۇرۇش جەريانىدىكى مۇنداق كەچۈرمىشلەرنى قىسقاچە بايان قىلىپ ئۆتسەم زىيادە كەتمەيدۇ:

توختام بويىچە، كىتابىمنىڭ ئورىگىنالىنى يازىپ پۈتتۈرۈپ، 2011-يىل 22-دىكابىر كۈنى مەسئۇل مۇھەررىر پازىلجان مۇساغا يوللاپ بەردىم. مەزكۇر كىتاب «ئاز سانلىق مىللەت يازىقىدىكى نەشىرىياتچىلىققا ياردەم بەرىش مەخسۇس مەبلەغىگە ئەرىشكەن ئەسەر» تۈرىگە كىرگەچكە، بۇ تۈرنى باشقۇرغۇچى مۇناسىۋەتلىك ئورگاننىڭ تەلەپى بويىچە، كىتاب 2012-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن نەشىردىن چىقىپ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇڭا، مەسئۇل مۇھەررىرمۇ جىدەللەپ تەھرىرلەشنى باشلاۋەتكەن بولدى.

بىراق، مەزكۇر كىتابنىڭ بايان-شەرھ قىسمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىدا، مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي مىساللار چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا، ۋەسىقە تەتقىقاتى ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىپ بەرىلگەن ئەسەرنىڭ ترانسكرىپسىيە (ئوقۇلغۇ) قىسمى بولسا، خەلقئارالىق تاۋۇش بەلگەلەرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن يازىقىدا بولغاچقا، بۇ خىل كۆپ يازىقلىق ژىرىك ئەسەرنى تەھرىرلەش تولامۇ تەرسكە چۈشكەنلىكى مەئلۇم بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەسەر تەكىستىنى بىر كومپيوتەردىن يەنە بىر بىر كومپيوتەرگە يۆتكەگەن ھامان، ھەرپلەر ئۆزگەرىۋالىپ، ئوڭۇشلۇق تەھرىرلەشكە ئاغىر قىيىنچىلىق كەلتۈردى.

شۇ سەۋەبدىن، مەزكۇر كىتاب ئەسلىي بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە نەشىردىن چىقالمادى. مەن 2012-يىل 7-ئايدا، يازلىق تەئتىل قىلىپ كەلسەم، كىتابنىڭ تۇنجى قاتىملىق تەھرىرلىكى ئاياغلاشقان ئىكەن. مەسئۇل مۇھەررىر ئەسەرنىڭ سۈپەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، كىتابنىڭ تۇنجى تەھرىرلىكتىن چىققان نۇسخاسىنى مەنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈپ كوررىكتورلۇق قىلىپ بەرىشىمگە بەردى. بۇ ھال مەنى تولامۇ خوشھال قىلدى. چۈنكى، نەشىرىياتچىلىق قائىدەسى بويىچە بولغاندا، نەشىرىياتقا تاپشۇرۇلغان ئەسەر تەھرىرلەنىش جەريانىدا، ئاپتورغا كۆرسەتىلمەيدۇ، ھەر قانچە قىسقا ۋاقىتلىق بولسامۇ قولىغا قايتۇرۇپ بەرىلمەيدۇكى، ئۇنى نەشىردىن قانداق چىقارىش پۈتۈنلەي مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ.

ئەمما، مەزكۇر كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى پازىلجان مۇسا بىرىنجىدىن، 80-يىللاردا مەكەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئوقۇغان، مەندىن چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى بىلىملەرى بويىچە دەرس ئالغان ئوقۇغۇچۇم بولغانلىقى، ئىككىنجىدىن، ئۆزى مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» ماۋزۇلۇق بۇ ژىرىك ئەسەرنىڭ قىممەتىنى بىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەرنىڭ يۇقىرى سۈپەت بىلەن نەشىردىن چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇددىئاسىدا، ئەسەرنىڭ تۇنجى تەھرىرلەنگەن نۇسخاسىنى مەنىڭ كۆرۈپ چىقىشىمغا تاپشۇرغان بولدى. مەن پازىلجاننىڭ بۇ خىل مەسئۇلىيەتچان روھىدىن ھەقىقەتەنمۇ تەئسىرلەندىم. مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ ياخشى كۆڭۈل، خالىس ئۈمىد ۋە سەمىمىي ئىشەنچىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، مەن ئەسەرنىڭ تەھرىرلىكتىن چىققان نۇسخاسىنى ئۆزۈم يازغان ئەسلىي نۇسخا بىلەن بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جۈملەمۇ جۈملە سالىشتۇرۇپ چىقتىم.

ياخشىمۇ ئۆزۈم بىرمۇ بىر سالىشتۇرۇپ كۆرگەن ئىكەنمەنكى، كوررىكتورلاش جەريانىدا، مەن مۇنداق ئىككى ئەجەللىك خاتالىقنى بايقادىم: ئۇنىڭ بىرسى، «تارىخى ھەمىدىي» دەگەن كىتاب نامىنىڭ «تارىخى ھەمىدىيە» بولۇپ قالغانلىقى؛ يەنە بىرسى بولسا، اللە دەگەن ئاتالغۇنىڭ ئوقۇلغۇ (ترانسكرىپسىيە) ئىملاسىنىڭ «ئاللا-كاللا»دىكى «ئاللا» بولۇپ قالغانلىقى ئىدى.

سەمىمىيەت بىلەن دەسەم، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» دەگەن بۇ ئەسەرىم ئەمەلىيەتتە، «چاغاتاي تىلى»(1986-يىل، ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن ھەمشىرىك)، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (2004-يىل) ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكاسى» (2007-يىل) دەگەن كىتابلارىمنىڭ تولۇقلاما ۋە مۇكەممەللەشتۈرمە نۇسخاسى بولۇپ، ئۇ مەنىڭ ئىلگىر-ئاخىر قىرىق يىللىق ناياب ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ ژىرىك ئىلىم سەمەرەسى ھىسابلانىدۇ. مەن بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىيلىك قىممەتىنىڭ ۋەزنىلىك بولۇشىنى كۆزلەپ، شەرھ بايانلارنىڭ ئەمەلىي مىساللارى ئۈچۈن، «بابۇرنامە»، «ئەسلىي يازىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكىستلەرى» قاتارلىق كلاسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەر قاتارىدا، ئەڭ كۆپ «تارىخى ھەمىدىي» ناملىق مەشھۇر تارىخ كىتابىدىن نەقىل كۆرسەتكەنىدىم. شۇڭا، «تارىخى ھەمىدىي» دەگەن نام كۆپ تەكرارلاناتتى. ئەپسۇسكى، كىتابىمنىڭ تۇنجى تەھرىرلەنگەن نۇسخاسىدا، «تارىخى ھەمىدىي»لەرنىڭ ھەممەسى مەسئۇل مۇھەررىر تەرەپىدىن «تارىخى ھەمىدىيە» قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتىلىپتۇ. ئاندىن، اللە سۆزىنىڭ توغرا ئوقۇلغۇسى بولغان «ئاللاھ» مەيلى ئايرىم تۈپ سۆز ھالەتىدە بولسۇن ۋە مەيلى ئىزافەتلىك بىرىكمە سۆزلەردە بولسۇن، ئوخشاشلا «ئاللا-كاللا»دىكى «ئاللا» غا ئۆزگەرتىۋەتىلىپتۇ.

مەن بۇ خىل تەھرىرلىكنىڭ توغرا بولماغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسەتىپ: «بىرىنجىسى، دۇنيادا، >تارىخى ھەمىدىيە< دەيدىغان كىتاب يوق. مۇسا سايرامىي بوۋامىز مەزكۇر كىتابىغا >تارىخى ھەمىدىي< دەپ ئات قويغان؛ ئىككىنجىسى، اللە دەگەن پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس مەئبۇدىنىڭ مۇبارەك ئىسمى بولۇپ، ئۇنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلارى ئوخشاشلا «ئاللاھ» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ ۋە شۇنداق ئەينەن يازىدۇ. ھەتتا، مۇسۇلمان بولماغان ئىنگلىزلەرمۇ ئىلىم-مەئرىپەت نۇقتاسىدىن ئۇنى> <Allah (ئاللاھ) دەپ ترانسكرىپسىيە قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى سىلە-بىز «ئاللاھ» دەپ دۇرۇس ئاتاماساق ۋە مۇكەممەل يازماساق، ئەقەللىي مۇسۇلمانلىق شەئنەمىزگە مۇتلەق توغرا كەلمەيدۇ» دەدىم. ئەلبەتتە، مەن بۇ گەپلەرنى مەسئۇل مۇھەررىر ئالدىدا، مەمەدانلىق قىلىپ گىدىيىپ تۇرۇپ ئەرمەس، بەلكى تاۋازۇ بىلەن ئەگىلىپ تۇرۇپ دەدىم.

ئەمما، مەنىڭ كەسكىن پىكىرىمنى ئاڭلاغان مەسئۇل مۇھەررىر پازىلجانمۇ بوش كەلمەدى. ئۇ تولامۇ تەمكىن ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن تەلەپپۇز بىلەن: «مۇئەللىم، بىز مۇھەررىرلەر تەھرىرلىك قىلىشتا، ئالدىراپ شەخسى خاھىش بويىچە ئىش قىلمايمىز. بىزنىڭمۇ تەھرىرلىك دەستۇر كىتابلارىمىز باركى، قەلەم تەككۈزۈپ ئۆزگەرتكەن ھەر بىر كەلىمەنى ئاشۇ قورال كىتابلارىمىز ئاساسىدا قىلىمىز. ئالايلۇق، … » ئۇ شۇنداق دەگەنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كىتاب جاھازىسىدىكى بىر كىتابنى ئەپكەلىپ ماڭا كۆرسەتتى. مەن كۆردۈم، ئۇ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغەتى» دەگەن قورال كىتاب ئىكەن. ئۇنىڭ 907-908-بەتلەرىدە، بىز دەتالاش قىلىۋاتقان «تارىخى ھەمىدىي» دەگەن كىتاب نامى ھەققىدە مۇنداق بايان بەرگەن:

«موللا مۇسا ئەيسا خوجا ئوغلى: تارىخشۇناس، ئەدىب. ياشىغان دەۋرى: 1863-1917. يۇرتى: ئاقسۇـ باي (سايرام). ئەسەرلەرى: 1. «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» يازىلغان ۋاقتى: 1885) 2. «دەربەيانى ئەسھابۇل كەھف» (يازىلغان ۋاقتى: 1898) 3. «تارىخى ئەمنىيە» (يازىلغان ۋاقتى: 1903-1904) 4. «قىسسەئى سىددىق» (يازىلغان ۋاقتى: 1903) 5. «غەزەلىييات» (يازىلغان ۋاقتى: 1907) 6. «تارىخى ھەمىدىيە» (يازىلغان ۋاقتى: 1908) 7. «سەلامنامە» (يازىلغان ۋاقتى: 1916) 8. «تەزكىرەئى خاجە ئافاق» 10. «فەرھاد ۋە شېرىن»(قاراڭ: شۇ ناملىق كىتاب، شىنجياڭ خەلق نەشىرىياتى، 2009-يىل 9-ئاي نەشىرى)

دەمەك، مەسئۇل مۇھەررىر ھەقلىق ھالدا، ئۆزىنىڭ مەزكۇر كىتاب نامىنى ئۆزى رىئايە قىلىشى لازىم بولغان قورال لۇغەتنىڭ كۆرسەتمەسى بويىچە، «تارىخى ھەمىدىيە» دەپ ئالىدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى. مەن بولسام، بۈيۈك تارىخشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىي يازغان «تارىخى ھەمىدىي» ناملىق كىتابنىڭ سايرامىي بوۋامىز ئۆز قەلەمى بىلەن يازغان نۇسخا دەپ تەئرىپلەنىدىغان قوليازماسىنىڭ فوتوكوپىيە نۇسخاسىنى كۆرسەتىپ، ئاندىن، مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە ئالتە قاتىم قايتا باسىلغان «تارىخى ھەمىدىي» دەگەن كىتابنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىلتىماسلىق پىكىرىمدە مەزمۇت تۇردۇم. ھەتتا ئاخىرىدا، ئەگەر مەزكۇر كەلىمەلەر مەنىڭ پىكىرىم بويىچە توغرالاپ يازىلماسا، كىتابىمنى بۇ نەشىرىياتتا چىقارمايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.

دەرىخا، تەرس بولدى-يا بۇ ئىش! مۇھەررىر-ئاپتور ئوتتۇراسىدا شەكىللەنىپ قالغان بۇ قاتمال ۋەزىيەتنى يۇمشاتىش ئۈچۈن، ئاراغا بۆلۈم مۇدىرى ئابدۇراھمان ئابدۇرەھىم ئەپەندى كىردى ۋە:  «مۇئەللىم، سىلى ھازىرچە ئۆيلەرىگە قايتىپ تۇرسىلا. بىز بۇ مەسىلەنى بۆلۈمدە بىر مۇزاكىرەلەشىپ باقايلى» دەدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن نەشىرىياتتىن خەلىلا ناخۇش ھالدا قايتىپ چىقتىم.

مۇشەققەتنى يەڭىدۇ مۇھەببەت

ئىلمىي تەتقىقات كىتابى يازماق تەرس، ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنى تەھرىرلەمەك قىيىن، ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنى يىللارنىڭ سىناقىغا بەرداشلىق بەرەلەيدىغان ئوڭ سەپىدە قىلىپ نەشىر قىلماق مۈشكۈل، بۇنىسى راست. ئەمما، بىزنىڭ ئەجدادلارىمىز ئاشۇ بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي زامانىسىدىن تارتىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلەرى يازىقچىلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئاشۇنداق مۈشكۈللۈكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىزچىل ھالدا شۇغۇللانىپ كەلگەنىكەنكى، بۇنىسىمۇ ئەمەلىيەت. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، مۇشۇنداق قىيىن يازىقچىلىق، مۈشكۈل تەھرىرلىك ۋە مۇشەققەتلىك نەشىرىياتچىلىق بىلەن، ناياب ئۆمرۈمىزنى خەرجلەپ شۇغۇللانىشىمىز بىرىنجىدىن ئاشۇ جاپاكەش ئەجدادلارىمىزدىن بىزگە قالغان ئۇدۇم بولسا، ئىككىنجىدىن مۇشۇنداق جاپالىق ئەمگەكنى قىلىشقا نىسبەتەن بىزدە تەبىئىي رىغبەت، تۇغما مۇھەببەت باركى، بۇ خىل مۇھەببەت ھەر قانداق قىيىنچىلىق، مۇشەققەت ۋە مۈشكۈلاتنى ھامان يەڭىدۇ، دەپ ئىشەنىمىز، ئەلبەتتە!

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» ناملىق بۇ ئىلمىي تەتقىقات كىتابىمنى نەشىر قىلدۇرۇش جەريانىدا، مەسئۇل مۇھەررىر بىلەن بەزى مۇھىم سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئالىنىشى مەسلەسىدە، يۇقىرىدا ئەيتقانىمدەك زاكونلاشىپ قالغان بولساقمۇ، ئاقىبەتتە «ئاق تاغلىق- قارا تاغلىق» بولۇشۇپ كەتمەدۇق. چۈنكى، مەنىڭ مەقسەتىممۇ، مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ غەرەزىمۇ ئوخشاشلا كىتابنى ئىلىمغا ئۇيغۇن قىلىپ، سۈپەتلىك چىقىرىش ئىدى. بۇ بىزنىڭ ئىلىمگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆزىگە ئۇل-ئاساس قىلغان كۆڭۈل بىرلىكىمىز بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا، مەن 2012-يىللىق يازلىق تەئتىل ۋاقتى توشۇپ، مەكتەپكە قايتىپ كەتكەندىن كەيىنمۇ، تەلىفون ئارقالىق، ئىلخەت ئارقالىق، كىتابىمىزنى تەھرىرلەش جەريانىدا يەنە ئۇچراغان چوڭ-كىچىك مەسىلەلەر توغراسىدا مەسئۇل مۇھەررىر بىلەن ئوچۇق يورۇق كەيپىياتتا، پىكىرلەشىپ تۇردۇق.  شۇنداق قىلىپ، يەنە بىر يىل ئۆتتى. 2013-يىل 7-ئايدا، يازلىق تەئتىل قىلىپ قەشقەرگە كەلگەنىمدە، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى ئابدۇراھمان ئابدۇرەھىم ئەپەندى بىلەن مەسئۇل مۇھەررىر پازىلجان مۇسا ئىككەيلەن مەنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ، مەن قەشقەردە ئەڭ ئامراق رەستورانلاردىن ھەيتگاھتىكى «مىڭيول چاي تائاملارى رەستورانى»دىكى مەن ھەمىشە ئولتۇرۇشقا ھىرىسمەن ھەلىقى ھەيتگاھ مەيدانى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شىرەگە داستىخان ھازىرلاپ، مەنى مىھمان قىلدى. مۇندىن بۇرۇن، ئاپتورلار مەسئۇل مۇھەررىر بىلەن نەشىرىياتچىنى مىھمان قىلغاننى تالاي كۆرگەن؛ ئەكسىچە، نەشىرىياتچى بىلەن مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ كىتاب نەشىر قىلدۇرغۇچى ھاجەتمەننى مىھمان قىلغانىنى كۆرۈپ باقماپتۇكەنمەن. شۇ ۋەجدىن، ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەئسىرلەندىم. بىز قارىنداشلارچە كەيپىياتتا، بىر-بىرىمىزنىڭ ئىززەتىنى قىلىشتۇق. ھەلىقى پىكىر ئىختىلاپلىق مەسىلەلەرمۇ مەنىڭ دەگىنىم ۋە يازغانىم بويىچە بولىدىغان پۈتۈم بىلەن، چىرايلىق ھەل بولدى.

خاتىرەمدىن ھەرگىز چىقمايدۇ، بىز مانا مۇشۇنداق مائقۇل ئەمەلىيەتىمىز ئارقالىق، «ئۇيغۇردا كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار» دەگەن ئاتا سۆزىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى دەلىللەگەن بولدۇق.

كۆپنىڭ ئەجرى بىلەن زىننەتلىك ئەسەر

كامىل ئىمانىم بىلەن ئەيتالايمەنكى، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» ھەقىقەتەنمۇ ئەسىل ئەسەر بولدى. فورماتى ئون ئالتە كەسلەملىك، زىننەتلەنىشى قاتتىق مۇقاۋالىق، مەزمۇندار خەت سانى يەتتە يۈز مىڭدىن ئارتۇق بولغان بۇ ژىرىك ئەسەرنىڭ شۇنداق بەلەن كىتاب بولۇشىغا مەن ئاپتورنىڭ ئەمگەكىدىن باشقا، مەسئۇل مۇھەررىر بىلەن تەھرىر بۆلۈمى باشلىقى ئىككەيلەن ئەڭ مەسئۇلىيەتچان تۇيغۇسى ۋە مىننەتسىز ئەمگەكلەرى بىلەن ئۆزلەرىنىڭ تەگىشلىك ھەسسەلەرىنى قوشتى. كىتاب ئىككىنجى قاتىملىق تەھرىرلىكتىن چىقىپ، باسماغا يوللانىش ئالدىدىكى بىر قاتىملىق كومپيوتەر مەشغۇلاتىدا، كىتاب ئىچىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقى بويىچە بەرىلگەن ئەمەلىي مىساللار توساتتىن ئۆزگەرىۋالىپ، پۈتكۈل مىساللار قانداغاي ھەرپلەرى (乱码) بولىۋالغاندا، نەشىرىيات باش مۇھەررىرى ئابلاجان سىيىت ئەپەندى ئۆزى مەيدانغا چۈشۈپ، نەچچە ھەپتەگىچە مىساللارنى بىردىن-بىردىن قايتا تىزىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشۈپ بەردى. كىتابنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك ئەسەر ئىكەنلىكى ۋە شۇ ۋەجدىن «مىللىي يازىقتىكى نەشىرىياتچىلىققا ياردەم بەرىش مەخسۇس مەبلەغىگە ئەرىشكەن ئەسەر» بولغانلىقىدىن ئوبدان خەۋىرى بار نەشىرىيات باشلىقى ئەركىن ئەمەت ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى «قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بەجىرىش ئورنى» نىڭ مۇدىرى، رەسسام ئەلىشات تۇرسۇن ئەپەندىگە يوليورۇق بەرىپ، كىتابنى قاتتىق مۇقاۋالىق ۋە سۈپەتلىك قىلىپ باستۇرۇش ئۈچۈن، ئالاھىدە تەئلىمات بەردى ۋە نەچچە قاتىم مەخسۇس تەلىفون بەرىپ سۈرۈشتۈردى. مەزكۇر كىتابنىڭ باھالاش سورۇنلارىغا ياراغۇدەك سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن، كىتاب ئاپتورىنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۈچ قاتىم ئۆزى ئۈستىدىن كۆرۈپ چىققانلىقىدىن باشقا، تىزىش بۆلۈمىدىكىلەردىن تارتىپ مەسئۇل مۇھەررىر، كوررىكتور ۋە مۇقاۋا لايىھەلەگۈچىلەرگىچە ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان نۇرغۇن زەھىن قۇۋۋەتى ۋە كۈچ-تەرىنى مىننەتسىز سەرپ قىلغانلىقىدىن خەۋەردار ئەلىشات ئەپەندىمۇ غەيرەتكە كەلىپ، كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەدەئەفPDF ئورىگىنال نۇسخاسىنى ئۆز قولى بىلەن، بەيجىڭدىكى سۈپەتلىك كىتاب باسىش بىلەن داڭق چىقارغان شەڭتوڭ (盛通) باسما زاۋۇتىغا ئالىپ بەرىپ، ئۆزى ئۈستىدە تۇرۇپ، تۈجۈبىلەپ باستۇردى.

ئەنە شۇنداق كۆپنىڭ ئەجرى بىلەن زىننەتلەنگەن، داڭقلىق قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات كىتابلارىنى نەشىر قىلىشتىكى يۈكسەك سەۋىيەسىنى نامايان قىلغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» ناملىق بۇ كىتاب باسمادىن چىقىپ،  2014-يىل 27-نويابىر كۈنى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىغا يەتىپ كەلگەندە، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى فاكۇلتەتى بىناسىدا بەجايىكى توي بولۇپ كەتتى: ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كىتابنى بەھس-بەھستە ساتىۋالىشتى ۋە ئاپتورغا ئىمزا قويدۇرىۋالىش ئۈچۈن، ئۆچرەت بولۇپ كەتىشتى. شۇ چاغ ھاياجان ۋە شەرەپ تۇيغۇسى ئىلكىدە، ئانا يۇرتۇم كاشغەر ۋە ئۇنىڭ قوينىدىكى قوۋناق مەھەللە تار بوغۇزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، كىتابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەتىگە بىردىن-بىردىن ئىمزا قويۇپ بەردىم ۋە ئىپتىخار بىلەن مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدىم: تار بوغۇزدىن چىققان كىتاب بۇ، ئىلىم سۆيەرگە ئوبدان خىتاب بۇ!…

تار بوغۇز ئاسمانىدا پارلاغان مۇھەررىر چولپانلار

تار بوغۇز مەھەللەسىگە جايلاشقان قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1984-يىلدىن ھازىرغىچە ئۆتكەن ئوتتۇز ئالتە يىل ئىچىدە، مەنىڭ «چاغاتاي تىلى» (1986-يىل، ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن ھەمشىرىك)، «ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسى» (1995-يىل) ۋە مەزكۇر «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ماغىزلىق بايان» (2014-يىل) بولۇپ، جەمئىي بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ خەتلىك ئۈچ دانە ۋەزنىلىك ژىرىك ئەسەرىمنى نەشىر قىلىپ  بەرىپ، مەنى ئىلمىي ھاياتتا بەختىيار، ئىلىم ئەھلى سورۇنىدا ھۆرمەتكە يار قىلدى. مەن يۇقىرىدا سەمىمىيەت بىلەن ئەيتقانىمدەك، بىر كىتابنىڭ نەشىردىن چىقىشى ئاپتورنىڭ ئەمگەكىدىن باشقا، نەشىرىياتچى، بولۇپمۇ مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئەجىرلىك تەر ئاققۇزۇشى ئارقالىق ئاندىن رويابقا چىقىدۇكى، مۇھەررىرنىڭ ئەمگەكى قەدىرلەشكە ۋە تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئەڭ شەرەپلىك ئەمگەكتۇر!

ئالايلۇق، ئىپتىخارلىق ئەمگەك مەھسۇلىمىز «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» 1989-يىل دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلەرى كومىتەتى تەرەپىدىن «3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر» باھالانىپ مۇكاپاتلانغان بولدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئاشۇنداق شەرەپ مەيدانىدا ئىلىم ئەھلىنى قايىل قىلىپ، مۇكاپاتقا سازاۋەر بولۇشى ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن مەنىڭ ئۇ ئەسەرنى ياخشى يازغانلىقىمىزدىن باشقا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يازىقى بويىچە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولغان تالانتلىق مۇھەررىر مەرھۇم توختى ئاباخان ئەپەندىمنىڭ ئەسەر ئورىگىنالىنى بەلەن تەھرىرلەشى، شۇنداقلا ئەسەردىكى مىساللارنى كىتابنىڭ بىر بەتىدە چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئەسلىي شەكلى، يەنە بىر بەتىدە بولسا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىدىكى ئوقۇلغۇسى كۆرۈلىدىغان قىلىپ پاراللىل تىزىپ، باسمادىن ھىچبىر خاتالىقسىز چىقارىشى نەتىجەسىدە ئەمەلگە ئاشقاندۇر.

1995-يىل نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلى لىكسىكولوگىيەسى» ناملىق ئەسەرىم 1996-يىلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلەرىنى باھالاشتا، «بىرىنجى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات خاس ئەسەرى» مۇكاپاتىغا، بەيجىڭ شەھىرى بويىچە «ئىككىنچى دەرىجەلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر» مۇكاپاتىغا، 1997-يىل مەملىكەت بويىچە ئالىپ بارىلغان ئاز سانلىق مىللەت يازىقىدىكى كىتابلارنى باھالاشتا بولسا، «ئۈچىنجى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئەرىشكەن بولدى. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاشۇنداق ئارقا-ئارقادىن مۇكاپاتقا سازاۋەر بولۇشى ئوخشاشلا مەنىڭ ياخشى يازغانىمدىن باشقا، تىلشۇناسلىق، خۇسۇسەن سۆزلەمشۇناشلىق ئىلمىدىن ئوبدان خەۋەرى بار ئىقتىدارلىق مۇھەررىر مەرھۇم ئابلىمىت ئوسمان ئەپەندىمنىڭ ئەستايىدىل تەھرىرلەشى شاراپەتىدىن بولغاندۇر، ئەلبەتتە!

شۇنداق، كاشغەر تار بوغۇز مەھەللەسىدىكى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ئوتتۇز ئالتە يىل ئىچىدە، مەن ئۆزۈم ئەنگۈشتەر ھىسابلايدىغان ئۈچ پارچە ژىرىك ئەسەرىمنى نەشىر قىلىپ بەردى. مەن ھەر قاتىم ئۇ ئەسەرلەرىمنى گويا ئۆز پەرزەنتىم كەبى ئاۋايلاپ قولۇمغا ئالغانىمدا ۋە ئىپتىخار بىلەن ۋاراقلاغان ۋاقتىمدا، مەنىڭ ئۇ ئەسەرلەرىمنى تەھرىرلەگەن مەسئۇل مۇھەررىرلەرنىڭ ئىسمىغا ئۇزاققىچە قاراپ كەتىمەن ۋە ئۇلارنى ئىھتىرام بىلەن ئەستكە ئالىمەن، كىتابلارىمنىڭ كەڭ ئوقۇرمەنلەرىم بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاسمانىدىكى چولپانلار ھېسابلاشقا ئەرزىيدىغان ئاشۇ جاپاكەش نەشىرىياتچىلارنى ھۆرمەت تۇيغۇم بىلەن يادلايمەن، خەيرلىك دۇئاسى قىلىمەن!

چۈنكى، كىتاب چىقىرىش- نەشىرىياتچىلىق جىددىيەتى ۋە مۇشەققەتى بىلەن بەجايىكى مەئرىكە- جەڭدۇر؛ ئۇنىڭ ياراتقان قىممەتى بولسا، مەدەنىيەت دۇنياسىدا ئەڭ جۇلالىق گۆھەرگە تەڭدۇر!

2016-يىل 28-ئاۋغوست، كاشغەر.

2021-يىل 10-مارت، سان ديەگو.

ئىلاۋە: بۇ ئەسەر پىروفېسسور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى (لايىھە)» بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاكادېمىيە تور بېتىدە ئەينەن ئىلان قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top