You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 480)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2517

ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن ۋە 1998-يىلى ئورېگون شىتاتىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە ئورېگون شىتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانات تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى ۋە ئورەگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېگون ھۈجەيرە مەركىزىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋا ...

Read more

بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپكە بىرىشتىن توغۇلغان ئويلار

مەن تۇرىۋاتقان يېزىدا ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا 12 باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى. ئۈچ يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولماسلىق سەۋەبىدىن قوشىۋېتىش، تاقاش ئارقىلىق ھازىر بولسا ئاران ئالتە باشلانغۇچ مەكتەپ قالدى. نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى پىلانلىق تۇغۇت بولسا، يەنە بىرى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار باشقا يېزا-مەيدانلاردىكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ «زىيالىي» ھېسابلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى ...

Read more

ئانا تىل-يېزىقىنىڭ كۆز يېشى

مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى ئانا تىلنى مەڭگۈلۈك راۋاجلاندۇرۇش ۋە قوغداشتا. تىل — بىر مىللەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماي ھەم شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا ئار نومۇسنى ئاقلايدۇ. بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۇرۇشتە ئانا تىل بىباھا گۆھەردۇر. بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك يوقۇتىشنىڭ ئاساسىمۇ، ئالدى بىلەن شۇ ...

Read more

ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى

ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى. قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى. مېنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋ ...

Read more

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ

ئۆزگە تىللار ئۇلۇغلىنىپ شاخلايدۇ، يىلتىزىدىن ئورۇن ئېلىپ بىخلايدۇ. تۇيدۇرماستىن سىڭەر-ئىچەر سۈيىدەك… ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ سۆزلەنسە ئۇ ھېچ قۇلاققا ياقمايدۇ، بەزى ئۆز-ئۆزىگىمۇ ئاقمايدۇ. ئۆزقەۋمىمۇ ئىكرام بىلەن باقمايدۇ… ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ. «بابا» دەيدۇ تىلى چىققان بوۋاقمۇ، «گەيزى» دېيىلۇر ۋاقتى كەلسە تۇۋاقمۇ. دەڭلار قېنى ساقمۇ بىز يا چولاقمۇ؟ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى يىغلايدۇ «بەنمىيەن زوۋ» ...

Read more

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top