You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
كىرىش

بۈگۈنكى كۈنلەردە، جۇڭگو تەرىپىدىن رەسمىي ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ نام بېرىلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ياشاۋاتقان مەزكۇر زېمىندىن باشقا يەنە چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇر دىئاسپورىسى مەۋجۇت.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە جايلاشقان. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى قولايلىق شارائىت تۈپەيلىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ جۇمھۇرىيەتكە كۆپرەك تارقالغان.
ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرى بويىچە ئالغاندا، بۈگۈنكى كۈنلەردە قازاقىستان ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتۇر. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2012- يىلىدىكى ئىستاتىستىكىسى بويىچە، بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار 237,532 نەپەر بولغان (1).
ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، 2012- يىلىدىكى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك ئىستاتىستىكىسى بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلار 50 مىڭ نەپەر(2).
ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2000-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا 19,526 نەپەر دەپ ئېيتىلغان. (3)
تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق. 1890- يىلى، 270 ئائىلە، يەنى 1307 نەپەر ئۇيغۇر يەتتەسۇدىن تۈركمەنىستاندىكى مۇرغاب دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇلارنىڭ سانى 1990- يىلى 1392 نەپەر، 2010- يىلى، 2000 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان. 1928 – 1929- يىلىدا، بايرام -ئالىدا ئىككى ئۇيغۇر كولخوزى قۇرۇلغان ئىدى (4).،
ئەمما، تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. بۇ جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجىكىستاننىڭ 1926- يىلىدىن تاكى 2009- يىلىغىچە بولغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىسى تەركىبىگە ئۇيغۇرلار كىرگۈزۈلمىگەن.
لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا مەيلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنچ قىلمايدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە قاراشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى مەۋجۇت.
ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار جۇغراپىيىلىك ۋە تىل-دىئالېكت ئالاھىدىلىك بويىچە ئىككى ئاساسىي گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى پەرغانە گۇرۇپپىسى، يەنە بىرى يەتتەسۇ گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ پەرغانە گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلار رايونىدىن كۆچۈپ چىقىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ شەھەر ھەم دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ئورۇنلاشقانلار بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ئاھالىلار تەرىپىدىن «قەشقەرلىكلەر» دەپ ئاتالغان ئىدى.
يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ۋادىسىدا ياشىغان ۋە 1882-يىلى رۇسىيە بىلەن چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرىسى ئايرىلغاندا ئىلى تەۋەسىدىن رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن تارانچىلار، يەنى ئىلى ئۇيغۇرلىرى شۇنىڭدەك 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى ۋە باشقا شىمالىي رايونلاردىن كۆچكەنلەردۇر.
بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تىل جەھەتتىن ئالغاندا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتىغا مەنسۇپ بولۇپ، پەقەت ئايرىم شىۋىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە خالاس. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى، يەنى بۇرۇنقى قەشقەرلىكلەر قەشقەر شىۋىسىنى ئاساس قىلغان. يەتتە سۇ رايونىدىكىلەر بولسا ئىلى شىۋىسىنى ئاساس قىلغان ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ئىككى نام بىلەن ئاتالغان. ئەلۋەتتە، 1955-1962-يىلىدىكى كۆچۈش نەتىجىسىدە يەتتە سۇ گۇرۇپپىسى تەركىبىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، ئاتۇش ۋە باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلدى. تاشكەنت ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار تەركىبىگە ئىلى تەۋەسىدىن كەلگەن تارانچى ئۇيغۇرلىرىمۇ قوشۇلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى»، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى «سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈلگەن بولسا، مۇستەقىللىقتىن كېيىن، ئورتاق سوۋېت ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان بىر گەۋدە يوقىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرگە پارچىلىنىپ ئايرىم تەرەققىيات يولىغا مېڭىشقا باشلىدى.
گەرچە، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت جۇمھۇرىيەتكە تارقىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم دىئاسپورىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى تەشكىل قىلغان پەرغانە گۇرۇپپىسى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي دېگۈدەك يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ تۈگىدى ھەمدە بۇ رايوندىكى قالدۇق ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى داۋاملىق تۈردە سىڭىش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. ئەمما، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پەقەت 1955-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان تەركىبى ۋە قازاقىستاندىن بۇ جۇمھۇرىيەتكە خىزمەت يۈزىسىدىن بېرىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تاشكەنت شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەۋلادلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن بۇ قەدەم-قەدەم ئاجىزلاش ھەم ئۆزبېكلىشىش جەريانلىرىنى باسماقتا.
ئەمما،  قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى بولسا ئۆز مىللى كىملىكى، مىللىي مەدەنىي-مائارىپى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، مۇزىكىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە ياخشى ساقلاپ قالدى شۇنىڭدەك بۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى بىر قىسىمىلىق رولىنى ئوينىماقتا. بۇ گۇرۇپپىنىڭ يەرلىك قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىشى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلمىدى.
بىز بۇ ماقالىدە بۈگۈنكى مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئومۇمىي ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ پەقەت پەرغانە گۇرۇپپىسىنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئاخىرىدا يەرلىك ئاھالىلارغا سىڭىپ كېتىپ، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ ئاساسلىق يادروسى بولغانلىق رولىنى يوقىتىپ قويۇشىغا مۇناسىۋەتلىك جەريانلار ھەم سەۋەب-ئامىللار ھەققىدە توختىلىمىز.
پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئەسلىدە نورمال تەرەققىيات بويىچە ئالغاندا، بۇگۈنكى كۈندە بىر قانچە مىليون نوپۇسلۇق خەلققە ئايلىنىش لازىم ئىدى. بىراق، ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي جەريانلاردا قەدەممۇ-قەدەم يەرلىك ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ، ئۆزبېكلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى ھەم ئاقىۋەتتە پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقاپ كەتكەن خەلققە ئايلاندى. بىراق، ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئېتنىك، تىل ۋە باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرى ئاساسىدا بۇ ھادىسىنى يوقاپ كەتكەن دېگەننىڭ ئورنىغا سىڭىپ كەتكەن دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتىم، شۇنىڭدەك ئاسسىمىلياتسىيە ئىبارىسىنىمۇ ئىشلەتمىدىم. چۈنكى، ئىككى ئوخشاش خەلق ئىچىدە سىڭىشىش مەۋجۇت، بىراق، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەممۇ-قەدەم سىڭىشىش جەريانى بىر پۇتۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشتا يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگىدۇر. مەن بۇ ھەقتىكى ئىلمىي ماقالەمنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇدۇم. 2012-يىلى، 23-26-ماي كۈنلىرى ئېچىلغان بۇ يىغىنغا، ئامېرىكا، رۇسىيە، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى، جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 90 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس قاتنىشىپ، يوقىلىش تەھلىكىسىدىكى تۈركىي تىللار، جۈملىدىن نوپۇسى ئاز بولغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىللىرىنىڭ تەقدىرى ۋە مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى. مەلۇم بولدىكى، بىر قىسىم كىچىك تۈركىي تىللار ۋە توپلۇقلار تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا قەدەممۇ-قەدەم يوقاش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئالىملار بىردەك ھالدا بىر قىسىم كىچىك تۈركىي تىللارنىڭ ھامان يوقىلىشى مۇمكىنلىكى، ئەمما ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ چارىلىرىنى قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مېنىڭ تېمام پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەسلىدە كۆپ سانلىق خەلق بولۇشقا تېگىشلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بولۇپ يېقىنقى ئىككى ئەسىردە سىڭىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئانالىز قىلدىم. مەن بۇ قېتىم تېخىمۇ تەپسىلىيرەك ھالدا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتىنى ئوقۇرمەنلىرىمگە سۇنۇش قارارىغا كەلدىم.

1. پەرغانە ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسىنىڭ تارىخى باغلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي ھەم شەرقىي قىرغاقلىرىدىكى بوستانلىق بەلۋاغ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ماكانى. بۇ تۇپراقلاردىكى ئاھالىلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ غەربىي تەرىپى، قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن پەرغانە ۋادىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
پەرغانە ۋادىسى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ھازىرقى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئارىسىغا جايلاشقان مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ مۇنبەت بوستانلىق زېمىندۇر. پەرغانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۆزبېكىستانغا تەۋە.
جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن ئالغاندا، تارىم ۋادىسى بىلەن پەرغانە ۋادىسىنى پامىر-ئالاي تاغلىرى ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككى رايون ئارىسىنى ئېگىز تاغ-داۋانلار ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ئىككى رايوننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان نۇرغۇن تاغ ئۆتكەللىرى، كارۋان يوللىرى قەدىمدىن تارتىپ ئىككى رايون ئاھالىسىنى بىر-بىرى بىلەن باغلاشتا مۇھىم جۇغراپىيىلىك قولايلىق ئامىل بولغان ئىدى. قاراسۇ، ئەركەشتام، تورغات، بەدەل-ئارت ئېغىزى قاتارلىق پامىر -ئالاي تاغلىرى ۋە تەڭرى تاغلىرىنىڭ مەزكۇر ئېغىزلىرى ئىككى رايون ئاھالىسىنىڭ بىر-بىرى تەرەپكە كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشىدىمۇ قولايلىق شارائىت ياراتقان ئىدى. بۇ ئۆتكەللەر قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆتۈشمىلىرى بولۇپ، ھەر قانداق سودا كارۋانلىرى ۋە كۆچۈشلەر مەزكۇر ئۆتكەللەردىن ئۆتەتتى.
تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى قەدىمدىن تارتىپ ئولتۇراق ھاياتتا ياشىغانلىق ۋە تۈركىلىشىش، ئۇيغۇرلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈشىنىڭ، شىمالىي تەرەپلەردىن كەلگەن چارۋىچى -كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ قەدەممۇ-قەدەم ئولتۇراق ھاياتقا كۆچۈش جەريانلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان پەرغانە ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسى ھەمدە شىمالدا ئىلى ۋادىسى بىلەن قوشنا قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايونى قەدىمدىن تارتىپ قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.
كۆكتۈركلەر دەۋرى ( 552- 704) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر دەۋرىدە ( 744-840) يەتتە سۇ، پەرغانە ۋادىسى، تارىم-تۇرپان ۋادىلىرىدا تۈركىي-ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كەڭ يېيىلدى شۇنىڭدەك بۇ رايونلار دائىم دېگۈدەك ئورتاق سىياسىي ھاكىمىيەت ئاستىدا بولۇش دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈردى. دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بولسا، تارىم ۋادىسى بىلەن پەرغانە ۋادىسى ئوخشاشلا بىر مەھەل قاراخانىلار سۇلالىسى (840-1212) دىن ئىبارەت بىر ئومۇمىي سىياسىي گەۋدە ئىچىدە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قارا خىتايلار ۋە موڭغۇللار دەۋرىدىمۇ تارىم ۋادىسى بىلەن پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلار بىر سىياسىي گەۋدە ئىچىدە بولۇشتىن قالمىدى. 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن چىنگىزخان ئەۋلادلىرى ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا بۇ رايونلار چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى كونتروللۇقىدا بولدى. بۇ جەريانلاردا ئوخشاشلا ئىككى رايون ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە قويۇق بولدى. تىمۇرىلەردىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تارىم ۋادىسىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىن ئايرىم سىياسىي گەۋدە بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنسىمۇ، بىراق 16-17-ئەسىرلەردە ياركەنتنى پايتەخت قىلغان سەئىدىيىلەر خاندانلىقى (1514-1689) ئۆز تەسىر دائىرىسىنى يەتتەسۇ ۋە پەرغانە ۋادىلىرىغا كېڭەيتىشكە دائىم ھەرىكەت قىلغان ئىدى. ئەمما، 17- ۋە 18-ئەسىردە بۇ رايونلار ئالدىدا شىمالدىكى جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ، كېيىن مانجۇرلارنىڭ چىڭ خاندانلىقىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كېلىپ، مەزكۇر رايونلارنىڭ سىياسىي ۋە ئېتنىك تەرەققىيات تارىخىدا جىددىي ئۆزگىرىش شەكىللەندى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇزۇن ئەسىرلەر داۋامىدا ئىككى رايون ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئېتنىك، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى قويۇق بولغان بولسا، 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىم ۋادىسىنى ئىگىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەزكۇر ئىككى رايونى ئارىسىدا رەسمىي ئايرىلىش شەكىللەندى. بۇ رەسمىي تۈردە ۋە بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلار قەدەم-قەدەم بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ ياشاش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى.
18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، مەركىزى ئاسىيانىڭ سىياسىي تارىخى يېڭى باسقۇچقا كىردى. غەرب تەرەپتە پۈتۈن پەرغانە ۋادىسى قوقان خانلىقى (1709-1876)، شەرق تەرەپتە تارىم ۋادىسى چىڭ سۇلالىسى (1644-1912) تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ تۈركىستاننى ئايرىپ ئىدارە قىلىشى بىلەن رايوننىڭ سىياسىي، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ھاياتى بىر-بىرىدىن پەرقلىق تەرەققىيات يولىغا كىردى.
چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ پۈتۈن تارىم ۋە جۇڭغارىيە ۋادىلىرىنى بويسۇندۇرۇشى بۇ رايوندىكى يەرلىك، يەنى شەھەر ۋە دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى يېتىپ كەلمىگەن پەرغانە ۋادىسىغا ئىزچىل ۋە كەڭ كۆلەمدە كۆچۈش دولقۇنلىرىنى پەيدا قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە كۆچۈشلەر بولغان بولسىمۇ، پەقەت ئۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە كوللېكتىپ خاراكتېرىگە بولغان ئەمەس، بەلكى قىسمەن ئاھالىلار ئارىسىدىكى باردى-كەلدى قىلىش ھەم ھەربىي يۈرۈش تۈسىنى ئالغان ئىدى.
تارىم ئويمانلىقى ئەتراپى 1759-يىلى، چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇشى بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ تاكى 1878-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىش، ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش دەۋرىگە كىردى. ئامېرىكا ئالىمى جېيمىس مىللۋاردنىڭ قارىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتى تىپىك ئىمپېرىيالىزملىق ھۆكۈمرانلىق ئىدى.(5). ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان باستۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىم ھەم ئۇرۇشلار تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ پاناھلىنىش دولقۇنلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى، ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭلار مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى يەرلىك ئاھالىلەرنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىپ، ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزى بېسىۋالغان جايلارنىڭ مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئىدى. بۇنداق ئۆچ ئېلىش قوزغىلاڭغا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان ئاھالىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پاناھلىق ئىزدەپ پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇ رايونىغا كوللېكتىپ ھاللاردا قېچىش دولقۇنلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

——-
ئىزاھاتلار:
1. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئىدارىسى. قازاقىستاننىڭ 2012- يىلى، 1- يانۋارغىچە بولغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى (رۇسچە).
2. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا كومىتېتى قازاقىستاننىڭ 2012- يىلى، 1-يانۋارغىچە بولغان مىللەت تەركىبى (رۇسچە).
3. ئۆزبېكىستان مىللەتلەر ئاتلىسى. تاشكەنت. ئۆزبېكىستان، 2002-يىلى، 217-بەت ( رۇسچە).
4. يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇركمەنىستانغا كوچۇشىنىڭ 100 يىللىقى، 1890-1990-يىللار، 1890
5. James A. Millward. Beyond The Pass. Economy, Ethnicity , and Empire in Qing Central Asia, 1759-1864. P.245-249

2. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش باسقۇچلىرى
ئۇيغۇر دىيارىدىن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش دولقۇنلىرى ئىزچىل ۋە ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولۇپ كەلدى. بۇ خىل كەڭ كۆلەمدە ۋە ئاممىۋى يوسۇندىكى كۆچۈشلەر 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، بىز بۇ جەرياننى ئومۇمىي جەرياننى بەش دەۋرىگە ئايرىشىمىز مۇمكىن.

بىرىنچى باسقۇچ : (1759-1760- يىللىرى).
مەزكۇر باسقۇچ، چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە يۈزبەردى. دەسلەپتە مانجۇرىيىنى بازا قىلىپ قۇرۇلۇپ بارا-بارا كېڭەيگەن توڭگۇس تىللىق مانجۇرلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلى’غا قەدەم باستى. مانجۇرلار ئالدى بىلەن جۇڭغار خاندانلىقىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرەپلىرىنى ئىگىلەپ، بولغاندىن كېيىن، 1759-يىللىرىدا قەشقەرىيىنى ئىگىلەشكە ئاتلاندى. قەشقەرىيە ئاھالىسى بۇرھانىدىن خوجا ۋە خان خوجا باشچىلىقىدا چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىپ، قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇپ بولدى. ئەنە شۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئاھالىلىرى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، قوشنا بەدەخشان، پەرغانە ۋادىسى، يەتتەسۇ ۋە باشقا جايلارغا قېچىپ بېرىپ ماكانلاشقان ئىدى. ئەنە شۇ يىللاردىن تارتىپ، تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىكى شەھەر ۋە دەھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ ئاھالىلارنىڭ -يەنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئەجدادلىرىنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈپ كېتىپ ماكانلىشىپ قېلىشى باشلاندى.
بۇ يىللاردىكى كۆچۈش ئىككى خاراكتېرغا ئىگە. بىرى، چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشقان ئاھالىلارنىڭ چىڭ قوشۇنلىرى پۈتۈن قەشقەرىيىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ قېچىش. يەنە بىرى چىڭ سۇلالىسى بۇ جايلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، قەشقەرىيە ئاھالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلاردىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بۇرھانىدىن خوجا ۋە خان خوجىدىن ئىبارەت ئىككى ئاكا-ئۇكا خوجىلارنىڭ باشچىلىقىدىكى ئاق تاغلىقلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەزھەپ قارشىلىقىغا ئىگە قارا تاغلىقلارنى قوللىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ خىل تاكتىكىسى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىگە مەنسۇپ كۆپلىگەن ئاھالىلارنىڭ ئۆز خوجىلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ۋە ياكى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋالغان يەرلىك قارا تاغلىق بەگلەرنىڭ زۇلۇمى ھەم چىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەدەم-قەدەم پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چىڭ ھۆكۈمىتى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقاندىن كېيىن، بۇ جايلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ھاكىمبەگلىك تۈزۈمى يولغا قويۇپ، ئاساسلىقى قۇمۇل ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن ئۆزلىرىگە سادىق بەگلەرنى يۆتكەپ كېلىپ، رايوننى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا سالدى. بۇ بەگلەر ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى ھېسابلانغان يەرلىك ئاھالىلارغا چىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا تايىنىپ، ھەددىدىن-زىيادە زۇلۇم سالدى. چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرىيىدە يۈرگۈزگەن بۇ خىل باشقۇرۇش تاكتىكىلىرى ۋە بېسىملىرى مانجۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇشنى خالىمىغان ئاھالىلارنىڭ، بولۇپمۇ مانجۇرلارغا نىسبەتەن قارشىلىق ئىدىيىسىگە ئىگە ئاق تاغلىقلار مەزھىپىگە مەنسۇپ ئاھالىلارنىڭ توپ ۋە ئايرىم يوسۇنلاردا قوشنا پەرغانىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن بېرىپ يەرلەشكەن قەشقەرلىكلەر بىلەن بىرلەشتى.

ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچ: (1816-1864-يىللىرىغىچەبولغان ئارىلىق)
19-ئەسىر ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن چوڭ يېغىلىق دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1814-يىلىدىن تارتىپ، تاكى 1878-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم -تۇرپان ۋادىسى ۋە شىمالدىكى ئىلى ۋادىسىدىكى ئاھالىلار كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىپ، مانجۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى ئورناتتى. ئىلگىرى -كېيىن كۇچارنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت، خوتەننى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەت ۋە ئىلىنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيەتلەر بەرپا بولدى. بۇ ئارىلىقتا پەقەت قوقانلىك ياقۇپ بەكنىڭ قەشقەرگە كېلىپ، كۇچار، خوتەن، ياركەنت ھۆكۈمەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى بەدۆلەت دەپ جاكارلاپ، يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ 13 يىل ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ھېسابلىمىغاندا، 1814-يىلىدىن 1864-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق قوزغىلاڭلار تەكرارلىق تۈسى ئالغان ئىدى. بۇ قوزغىلاڭلار غەلىبە قىلىش ۋە ئارقىدىن يەنە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قېلىش، ئارقىدىن يەنە قوزغىلىش ۋە يەنە مەغلۇپ بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولدى. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ رېت تەرىپى شۇكى،  بۇلار 1816-يىلىدىكى قەشقەردىكى زىياۋىدىن قوزغىلىڭى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 1825-1828-يىللىرىدىكى جاھانگىر قوزغىلىڭى، 1830-يىلىدىكى يۈسۈپ خوجا قوزغىلىڭى، 1847-يىلىدىكى ۋەلىخان قوزغىلىڭى، 1857-1858-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭ، 1864-يىلىدىكى، قەشقەر، كۇچار، ئاقسۇ خوتەن ۋە يەركەنت قوزھىلاڭلىرى.
مانا بۇ توختاۋسىز ئۇرۇشلار جەريانىدا قەشقەرىيىنىڭ ھەر قېتىم قايتىدىن چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىغا تەكرار چۈشۈشى ئەشەددىي ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قىرغىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولغاچقا، بۇ يەرلىك ئاھالىلارنىڭ، يەنى قوزغىلاڭلارغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ توختاۋسىز تۈردە كەڭ كۆلەمدە ۋە ئايرىم شەكىللەردە ئۆزىگە قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىياغا، بولۇپمۇ پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ پاناھلىنىش ھەمدە شۇ جايلاردا يەرلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

3. ئۈچىنچى قېتىملىق باسقۇچ : (1877-1882-يىللىرى ئارىسىدا)
19-ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي خەرىتىسى يېڭىدىن سىزىلىپ، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدا يېڭى دەۋر باشلاندى. مەلۇمكى، 1864-1865-يىللىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلاپ، ئىلگىرى- كېيىن كۇچار قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى. قەشقەر، خوتەن ۋە ياركەنتتىمۇ چىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. بۇ ۋاقىتتا قوقان ئوفىتسېرى ياقۇپبەك جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇكخان خوجىنى پەرغانىدىن ئېلىپ، قەشقەرگە كەلدى. ياقۇپبەك 1865-يىلىدىن قەشقەر ھۆكۈمرانلىقىنى ئىگىلەپ، ئىلگىرى -كېيىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىنى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزدى. قەشقەرىيە ئوسمانلى ئىمپەرىيسى، چاررۇسىيە ۋە ئۇلۇغا برىتانىيە بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان بولۇشىغا قارىماي، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوسمانلىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىغا قارىماي، 1877-1878-يىللىرى ئارىسىدا چىڭ سۇلالىسى زور قوشۇن ئەۋەتىپ، قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ يەنە بىر قېتىملىق كۆچۈش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ قېتىمقى كۆچۈش بۇرۇنقى كۆچۈشلەردىن پەرقلىق بولۇپ، بۇ نۆۋەت مۇستەقىل قوقان خانلىقى تەۋەسىگە ئەمەس، بەلكى چاررۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى تېررىتورىيىسىگە كۆچۈش بولۇپ ھېسابلاندى.
شىمال تەرەپتە ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر-تارانچىلارنىڭ 1865-يىلى، مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قۇرغان ئىلى سۇلتانلىقى، 1871-يىلى چار رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىغاندىن كېين، 1881-يىلى «رۇسىيە-جۇڭگو ئىلى شەرتانىمىسى» ئىمزالىنىپ، رۇسىيە 10 يىل بېسىۋالغان ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئاز ساندىكى تۇڭگانلار چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆز ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، كوللېكتىپ ھالدا چاررۇسىيە تەۋەسىدىكى يەتتەسۇغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى. بۇ كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسىمى تۈركمەنىستاننىڭ بايرام -ئالى رايونىغا كېلىپ يەرلەشتى. بۇ قېتىمقى كۆچۈش تارانچى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «كۆچ-كۆچ» دەپ ئاتىلىپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن قوشاقلار ۋە خەلق ناخشىلىرى پەيدا بولغان ئىدى.
19-ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ ۋاقىتتا تۈركىستاننىڭ غەربىي قىسىمى چار رۇسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قەدەممۇ-قەدەم چۈشۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. تۈركىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا بولسا بەدۆلەت رەھبەرلىكىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇردى شۇنىڭدەك چار رۇسىيە يەنە ئىلىدىكى ئۇيغۇر تارانچى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، ئىلى ۋادىسىنى 10 يىل ئۆز خەرىتىسىگە كىرگۈزدى. مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مەھەل ئۇلۇغا برىتانىيە، چار رۇسىيە، ئوسمانلى ۋە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ مەنپەئەتلىرى توقۇنۇشۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى «چوڭ ئويۇن» (گرەئات گامە) دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. ئىمپېرىيىلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك تەسىر دائىرىسى ۋە مەنپەئەت تالىشىش كۈرەشلىرى قەشقەرىيىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى خالاس!.
مەركىزىي ئاسىيانىڭ بۇ ئىككى پارچىسىدا تاشكەنتنى مەركەز قىلغان چار رۇسىيىنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسى، يەنى «تۇركېستانسكاي گۇبېرنيا» ( كېيىن تۇركەستانسكىي كراي دەپ ئاتالدى) ۋە ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى تەسىس قىلىنىپ، مەزكۇر ئىككى ئىمپېرىيە بۇ رايونلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆلكە سىستېمىسىدىكى ھەربىي-مەمۇري ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن باشقۇردى. ھەر ئىككىلا تەرەپ ھاكىمىيىتىنى پۇقرا مەمۇرىيلار ئەمەس، بەلكى ھەربىي گېنېراللار باشقۇردى.

4- قېتىملىق دولقۇن: (1900-1920-يىللىرى )
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولۇپ، بۇ چاغدىكى كۆچۈشنىڭ خاراكتېرىدا ئازراق پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ مەزگىلدە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا ياۋروپانىڭ سانائەت ۋە مەدەنىيەت تەسىرلىرى يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئېلى بولسا چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ چەتتىكى ھەر جەھەتتىن قالاق قالدۇرۇلغان رايونىغا ئايلانغان ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ بېشىدا بۇ ئىككى رايوننىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئوخشاشلا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. جۇڭگودا بولسا 1911-يىلى، چىڭ ئىمپەرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ، جۇڭگو جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ھەر قايسى رايونلار ئايرىم مىلىتارىستلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يەرلىك خاندانلىقلىرىغا ئايلاندى. شىنجاڭ ئۆلكىسىدە گېنېرال ياڭ زېڭشىن قاتارلىق جۇڭگو مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلدى. قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسا، 1917-يىلى پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتلاردا ياڭ زېڭشىننىڭ ««نادان قالدۇرۇپ باشقۇرۇش» سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا سانائەت، مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىقتىساد ۋە باشقا ھەر جەھەتتىن قالاق قالدۇرۇلغان ئىدى. بۇ خىل قالاق ئىقتىسادىي ھايات، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ، قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا، يەنى رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلارغا بېرىپ، تىرىكچىلىك قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى، بولۇپمۇ قەشقەر تەۋەسىدىن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن پەرغانە ۋادىسىغا ۋە يەتتە سۇغا بېرىپ، مەدىكارچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، كاسىپلىق ۋە تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەتتا زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاشتى.
شۇ يىللاردا قەشقەر تەۋەسىدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن كەم دېگەندەك بىرەر ئادەمنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلەش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى[6]. ئۇيغۇرلار پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ جايلارنى، قىسقىسى پۈتۈن ئۆزبېكىستاننى قىسقارتىپ، « ئەنجان» دەپلا ئاتايتتى. بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدەملىرى تاشكەنتتىن تارتىپ يىراق ياۋروپا شەھەرلىرى ھەتتا موسكۋا، قازان، ئورېنبۇرگ، سانكىتپېتىربۇرگقىچە يېتىپ بېرىپ، مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى شۇ جايلاردىكى زاۋۇت، كارخانا قاتارلىق جايلاردا قارا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.
20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن تاكى 20-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە تەخمىنەن 30 يىل داۋاملاشقان بۇ جەرياندا يەنە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ( قەشقەرلىكلەر) پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي تۈركىستان رايونىدا يەرلىشىپ قالدى.
بۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا يەرلىشىپ قېلىشى تاكى 1920-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتى.

5-قېتىملىقكۆچۈش باسقۇچى 1954-1963-يىللىرى)
ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنى 20-ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا قوزغالدى. بۇ كۆچۈشنىڭ سەۋەب ئامىللىرى يەنىلا ئالدى بىلەن سىياسىي، مىللەت ۋە ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ دەۋردىكى كۆچۈش ئىككى خىل تۈس ئالدى، بىرى رەسمىي سوۋېت پۇقرالىقى پاسپورتى بىلەن ئائىلىۋى ھالدا كۆچۈش، بۇ قەدەم-قەدەم ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتى. يەنە بىرى ئاممىۋى يوسۇندا چېگرىدىن قېچىپ ئۆتۈش بولۇپ، بۇ 1962-يىلى يۈز بەردى. بۇ كۆچۈشكە 9 ناھىيىنىڭ ئادەملىرى قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ 60 مىڭ ئادەمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.
بىراق رۇس مەنبەلىرى 1962-يىلى، 66 مىڭ 500 ئادەمنىڭ قانۇنسىز ھالدا سوۋېت-جۇڭگو چېگرىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى، 1963-يىلى، ماي ئېيىدا بولسا، يەنە 46 مىڭ ئادەمنىڭ شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ قازاقىستانغا ئورۇنلاشقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ(6). جۇڭگو مەنبەلىرى 1954-1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ پاسپورت ۋە قېچىش ئۇسۇلى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولۇپ،  جۇڭگو مۇتەخەسىسى لى دەنخۇينىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېنىق سانلىق مەلۇماتىغا تايانغاندا، 1954-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 86890 سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھاجىرى ۋە ئۇلارنىڭ 45983 نەپەر ئائىلە -تاۋىئاباتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلدى. 1960-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە 8559 نەپەر سوۋېت مۇھاجىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 20907 نەپەر ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر خىل سوۋېت ھۆججەتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلەرمۇ بار.
[7]. يەنە باشقا جۇڭگو مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1954-1963-يىللىرىغىچە بولغان 9 يىل ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدىن جەمئىي 198468 ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا رۇسلار 18.8% نى ئىگىلىگەن، يەنى 18800 ئادەم بولغان(8). قالغانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە يەنە قازاقلارمۇ مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ شۇنىڭدەك يەنە بۇلارنىڭ ئىچىدە تاتارلار، ئوزبېكلەر، قىرغىزلار ۋە باشقا خەلقلەرمۇ بار.
ئەگەر مەزكۇر قانۇنلۇق قايتۇرۇلغان 198 مىڭ ئادەمگە 66 مىڭ ھۆججەتسىز ھالدا چېگرىدىن قاچقانلارنى قوشقاندا، 1954-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلەرنىڭ سانى 260 مىڭدىن ئارتۇق بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەقتە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۈرلۈك ئۇچۇرلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ك ب گ سىنىڭ مەخسۇس شىنجاڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى، پولكوۋنىك توقان يۇسۇباقۇن يۇسۇباقۇنوفنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، 1955-1963-يىللىرى ئارىسىدا شىنجاڭدىن جەمئىي بىر مىليون ئادەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كوچۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار كوپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.

3. كۆچۈشلەردىكى ئاساسلىق سەۋەب-ئامىللار
1759-1760-يىللىرىدىن تارتىپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۆچۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ۋە ئامىللار ھەر خىل بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل رايوننىڭ سىياسىي ھاياتى، يەنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك غايىسى ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن رايوننى بېسىۋالغان تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باستۇرۇشى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتىن ئىبارەت ئىدى. بەلكى، 18-ئەسىردە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قوشۇنلىرى بۇ رايونغا بېسىپ كەلمىگەن بولسا، 18-19 ئەسىردىكى بۇنداق كۆچۈشلەر بولمىغان بولار ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرى ئۆز مەقسىتىگە يېتىپ، بۇ جايدا بىر ئايرىم ھاكىمىيەت قۇرۇلغان بولسا، بەلكى 20-ئەسرىنىڭ 50-60-يىللىرىدىكى كۆچۈشلەر بولمىغان بولار ئىدى.
18-19-ئەسىرلەردىكى كۆچۈشلەر بىلەن 20-ئەسىردىكى كۆچۈشلەردە ئورتاقلىق ھەم قىسمەن پەرقلىق ئۆزگىچىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى ئىككىگە بولۇپ تەھلىل قىلىشىمىز مۇمكىن:

1) 18-19-ئەسىرلەردىكى كۆچۈشنىڭ خاراكتېرلىق سەۋەب-ئامىللىرى
ئومۇمەن قىلىپ، ئېيىتقاندا 18-19-ئەسىردىكى كۆچۈشلەر ھەر بىر قېتىملىق چىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇبىيىتى نەتىجىسىدە چىڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشى ۋە جازالىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىرى خوجىلارنىڭ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان ھەمدە خوجىلارغا سادىق ئاھالىلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇ يەردە بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن كورسىتىشكە تىرىشىمىز:
مەلۇمكى، 19-ئەسىردىكى كۆچشلەردە مانجۇ-چىنلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشىدىن ئەنسىرەش ئامىلىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى، 1881-1883-يىللىرى ئارىسىدا رۇسىيە تەۋەسىدىكى يەتتەسۇغا كۆچكەن تارانچى ئۇيغۇرلىرىدا ئېنىق بولغان. ئەنە شۇ تارانچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلار بلەن كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان رۇسىيە تارىخچىسى رۇمىيانسېۋ تارانچىلارنىڭ چىنگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، چىنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشىدىن قورقۇپ رۇسىيە تەۋەسىدىكى جايلارغا كۆچۈش يولىنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[8]. ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئىلىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلىدىكى تارانچىلار ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدا قورقۇنۇچ ۋە ئەندىشە ھەم پانىكلار كۆتۈرۈلگەن ھەمدە تارانچىلار يېزا-يېزا بويىچە كۆچكەن، ئىلىدىن كۆچكەن بۇ ئاھالىلارنىڭ سوتسىيال تەركىبى شەھەر ئاھالىلىرى، سودىگەرلەر، قول-ھۈنەرۋەنلەر ۋە دېھقان يېزا ئاھالىلىرى ئىدى [9].
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭ ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقى، قوزغىلاڭغا قاتناشقان خەلقتىن رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىش بىلەن ئۆچ ئالغانلىقى ئاھالىلاردا ھامان قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوشنا پەرغانە ۋە باشقا جايلارغا قېچىش ۋە كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ 1759-1765-يىللىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى ھەمدە 1816-1878-يىلىغىچە بولغان قارشىلىقلارنى باستۇرۇش جەريانلىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئىگىلەش قىيىن، ئەمما چىنلەرنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقى ھەقىقەت. جۇڭگو مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدا چىڭ سۇلالىسى ئەنە شۇنداق قىرغىن قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار 6 ئايغىچە شەھەرنى مۇداپىئە قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. چىڭ سۇلالىسى قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىلىدىن بىر تۇمەن كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ كەلگەن ھەتتا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى «ئۇچتۇرپان ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىرمۇ ئۇرۇقىنى قالدۇرماي، ئۇلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ يوقىتىش كېرەك» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى [10]. ئەنە شۇ بۇيرۇق بويىچە قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، شەھەر ئىچىدىكى 2300 نەپەر ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلانغان [11]. چىڭ ئەسكەرلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن خەلق ئۈستىدىن قانلىق چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىپ[12]، قورامىغا يەتكەن ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى قىرىپ تاشلىغان [13]، ئاجىز ياشانغانلار، ئاياللار ھەم بالىلار كوللېكتىپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان [14]. ياش ئاياللارنىڭ بىر قىسىمى مەجبۇرىي تۈردە چېرىكلەرگە خوتۇنلۇققا بېرىلگەن. نەتىجىدە 20 مىڭ نوپۇسلۇق ئۇچتۇرپان ئادەمسىز قالدۇرۇلۇپ، كېيىن ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە يەركەندىن ئىبارەت توت شەھەردىن 500 ئائىلە كۆچۈرۈپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان [15].
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدىمۇ يەنە كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلغان بولۇپ، جاھانگىر خوجا 1820-يىلى، 1824-يىلى، 1826-يىلى، ئۈچ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ئالدىنقى قېتىملىق ھەرىكەتلەردە غەلىبە قازىنالماي، ئۇنىڭ قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن نۇرغۇن كىشىلەر قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. ئەمما، 1826-يىلى، ئىيۇلدىكى قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، ئۇزۇن ئوتمەي قەشقەر، يەركەنت، يېڭىھىسار ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارغىچە بولغان رايونلاردىكى چىڭ قوشۇنلىرى يوقىتىلىپ، بۇ رايونلاردىكى خەلقلەر ئومۇمىي يۈزلۈك جاھانگىر خوجىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى. بىراق، بۇ ۋاقىتتا چىڭ ھۆكۈمىتى جاھانگىر قوزغىلىڭىنى تىنجىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئەسكىرى كۈچىنى ئاقسۇغا توپلىغان بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ 40 مىڭغا يېقىن مۇنتىزىم قوشۇنى بىلەن جاھانگىر خوجا قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدا ئاقسۇ شەھىرى يېنىدىكى قۇمباش، ئۇچتۇرپان، كەلپىن قاتارلىق جايلاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىر قاتار ئۇرۇشلار بولدى. چىڭ ئىمپېرىيىسى قوزغىلاڭنى تىنجىتىش ئۈچۈن ئەڭ ۋەھشىي قىرغىنچىلىق چارىسى قوللانغان بولۇپ، جاھانگىر خوجىنى قوللىغان ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى «ئوغرىلار» دەپ جاكارلاپ، قاتتىق قىرغىنچىلىق قىلىپ جازالاش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تىنجىتماقچى بولدى. چىڭ قوشۇنلىرى 1826-يىلى، 9-ئايدىن تاكى 1828-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان بىر قاتار ئۇرۇشلار جەريانىدا قوزغىلاڭچىلار ئۈستىدىن بىر قاتار دەھشەتلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. مەسىلەن، 1826-يىلى، 23-سېنتەبىر كۈنىدە قۇمباش ئەتراپىدىكى ئۇرۇش جەريانىدا 1000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى ۋە پۇقرالارنى قىرىپ تاشلىدى. 11-ئايدا كەلپىن ئەتراپىغا ھۇجۇم قوزغاپ، 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى. چىڭ قوشۇنلىرى 1827-يىلى، 3-ئايدا قەشقەرگە ئومۇمىي ھۇجۇم باشلاپ، يېڭىئېرىق، بارچۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا كەلگەندە يەنە 3000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى ئاممىنى قىرىپ تاشلىدى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جاھانگىر غوجا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلىشىغا ئائىت سانلىق ئۇچۇرلارنى ۋە بەزى ئەھۋاللارنى ھازىرقى زامان تارىخىي كىتابى «شىنجاڭ قىسقىچە تارىخى» ھەمدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ رەسمىي تارىخىي ھۆججەتلىرى توپلىمى ھېسابلىنىدىغان «چىڭ شىلۇ» دىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىن.
«شىنجاڭ قىسقىچە تارىخى» دا چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جاھانگىر غوجىغا ئەگەشكەنلەرنى قانداق قىرغىن قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كىرگۇزۇلگەن بولۇپ، 1827-يىلى، 20-مارت كۈنى چىڭ قوشۇنلىرى جاھانگىر خوجىنىڭ قوشۇنلىرى ئورۇنلاشقان يېزىسىغا ئۈچ يول بىلەن باستۇرۇپ كىردى ھەم ئارقىدىنلا پەيزىۋاتقا ھۇجۇم قىلىپ، پەيزىۋات تەۋەسىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى ھەمدە 2500 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى. «چىڭ شىلۇ» دىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيزىۋاتتىكى يېڭىئاۋات يېزىسىغا جاھانگىر خوجىنىڭ قوزغىلاڭچىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، 100 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئورۇنلاشقان بولۇپ، چىڭ قوشۇنلىرى بۇ يەرگە ھۇجۇم قوزغاپ، زەمبىرەكلەرنى ئىشقا سېلىپ، قاتتىق قارشىلىقلارنى بويسۇندۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلاردىن 40-50 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىدى(16). چىڭ قوشۇنلىرى ئارقىدىن يەنە يانداما قاتارلىق جايلاردىمۇ قىرغىن قىلدى.
چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قەشقەر كونا شەھىرى ۋە قوزغىلاڭچىلار قولىدىكى مانجۇ شەھىرىنى ئىگىلەش ئۇرۇشى جەريانىدىمۇ ئەنە شۇنداق قىرغىنچىلىق قىلىش ئۇسۇلى قوللانغان بولۇپ، جۇڭگو مەنبەلىرى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ 1827-يىلى، 26-27-مارت كۈنلىرى قەشقەرنى ئېلىش ئۇرۇشى جەريانىدىلا 60 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ خوتەننى ئېلىش ئۇرۇشىمۇ ئەنە شۇنداق قىرغىنچىلىق بولدى. خوتەن ئۇرۇشى جەريانىدا 2000 دىن ئارتۇق ئادەم چىڭ قوشۇنىنىڭ قولىدا ئۆلدى.
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭغا قاتناشقان، ياكى قوللىغان ۋە ياكى ئاق تاغلىقلار مەزھىپىگە مەنسۇپ ھەم بۇ مەزھەپتىكى خوجىلارنى قوللىغانلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول جازالاش چارىسى قوللانغان بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە قارا تاغلىقلار مەزھىپىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلارنى قوراللاندۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرغۇچىلارغا قارشى قويدى. چىڭ سۇلالىسى ئىزچىل تۈردە ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلارنىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلانغان بولۇپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى مەيداندىكى ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشتا قارا تاغلىقلاردىن تۈرلۈك شەكىلدە پايدىلانغان ئىدى. قارا تاغلىقلار قوزغىلاڭغا قاتنىشىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ بەزى خوجىلىرى ۋە بەگلىرى ئاستىرىتتىن چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى ۋە چىڭ قوشۇنلىرىنى ئاق تاغلىق قوزغىلاڭچىلار ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش، چىڭ قوشۇنلىرىنى ئاشلىق، يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش ۋە ھەتتا ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش يولىنى تۇتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قېلىشى تەبىئىي ئىدى.
جۇڭگو مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلگەن ئەشۇ سانلىق مەلۇماتلارنى جەملىگەندە چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا، يەنى 1820-يىلىدىن 1828-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا ئولگەن ئادەمنىڭ سانى ئاز دېگەندە 110 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ چىقىدۇ. يارىدار قىلىنغان، تۈرمىلەرگە تاشلانغان ۋە كېيىن جازالانغانلارنىڭ سانى بۇ يەردە ئېنىق ئەمەس. «چىڭ شىلۇ» دىمۇ چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قۇمباشتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىلگىرى-كېيىن يېڭىئاۋات، شاپتۇل قاتارلىق جايلاردىلا 100 مىڭدىن ئارتۇق توپىلاڭچىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قانچە مىڭنى تۇتقانلىقى ھەم قارشىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ (17).
ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىمۇ بەزى ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان بولۇپ، موللا مۇسا سايرامى مۇنداق مەلۇمات قالدۇرىدۇ:
« جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، چىڭ چىرىكلىرى جاھانگىر خوجا دەۋرىدە قەشقەردە مەنسەپ تۇتقان ياكى خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى، يەر-مۈلۈكلىرىنى ۋە چارۋا-ماللىرىنى ئولجا ئالغاندىن تاشقىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل-قىز، كىچىك بالىلارنى ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ، بۇ تەرىپى ئىلى، ئۇ تەرىپى لەنجۇغىچە ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگولارنىڭ ئىشلىتىپ خىزمەتكە سېلىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى» [18]. ئۇ، يەنە بۇ ئىشتىن كېيىن قوقان خانىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن چىڭ خانى يارلىق چۈشۈرۈپ، ئولجا ئېلىنغان بۇ بالىلار ۋە ئاياللارنى يۇرتلىرىغا قايتۇرغانلىقى، لېكىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ بۇ ئارىدا چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىگە خوتۇنلۇققا تۇتۇلۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىك بولغانلىقى ھەم بالىلىرىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى يازىدۇ [19].
بەلكى، مۇسا سايرامىنىڭ بۇ مەلۇماتى 1830-يىلى، قوقان خانلىقى بىلەن چىڭ ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلۈپ، قوقانلىكلەرنىڭ قەشقەردە زور سودا ۋە ئىقتىسادىي ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئارقا كورۇنۇش بىلەن باغلىنىشلىق بولسا كېرەك.
مۇھەممەد ئاتىف ئۆزىنىڭ «تارىخىي كاشغەر» ناملىق كىتابىدا 1847-يىلىدىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشتا چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەھشىلىكلىرىنىڭ شۇ قېتىملىق كۆچۈشكە سەۋەب بولغانلىقى ھەمدە كۆچۈشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، قەشقەر ئاھالىلىرىنىڭ «چىنلىقلار كېلىدىغان خەۋپ ۋە ۋەھشىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن قىشنىڭ سوغۇقلىرى ۋە يوللارنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي قوقانكە كۆچكەنلىكى» نى كۆرسىتىدۇ. [20]
چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىدىكى رەھىمسىزلىكلىرى ۋە قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، تەرتىپ ئورنىتىلغاندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە خوجىلار ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ھەم ئەگەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرى قوللانغانلىقى، ۋەلىخان تۆرە قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەلىخاندىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە زۇلۇم سالغانلىقى چوقان ۋەلىخانوف تەرىپىدىنمۇ تەكىتلەنگەن. ئۇ، مۇنداق دەپ يازىدۇ:
« جۇڭگولۇقلار قەشقەرنى ئىگىلەپ، ۋەلىخاندىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە ئىش تۇتتى. بولۇپمۇ، ئاشلىق، چارۋا -مال، يەم-خەشەك ۋە باشقىلارنى يىغىپ بەرگەن ئەتراپتىكى يېزىلار جۇڭگولارنىڭ زەربىسىگە بەكرەك ئۇچرىدى. ھەتتا مەسچىتلەرنىڭ دەرىزە، ئىشىك ھەم خوجىلارنىڭ مازارلىرىنىڭ ياغاچ قىسىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ زور دات-پەرياتلىرىغا قارىماي ئوتۇن قىلىپ ئىشلىتىلدى. قالماقلار مەسچىتلەرنىڭ ئىچىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتخانىسى قىلدى ھەمدە يەرلىك كىشىلەرنى سەۋەبسىز ئۇردى ھەمدە ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى.» [21].
ۋەلىخان قوزغىلىڭى باستۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەرگە كەلگەن چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بىۋاسىتە ئىشەنچىلىك مەلۇمات توپلاشقا مۇۋەپپەق بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەرگە يېڭىدىن ھاكىمبەكلىككە تەيىنلەنگەن قۇتلۇقبەك قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە باشقىلارغا ساۋاق بېرىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. ۋەلىخانوفنىڭ بايان قىلىشىچە، قوزغىلاڭچىلارنى قوللىغان شەيىخ ئاخۇن ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ چوڭ ئوغلى قازى ئاخۇن تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۇرۇپ قىيناشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن كاللىسى ئېلىنغان، باشقا ئىككى ئوغلى بولسا قورقۇپ قوقانكە قېچىپ كەتكەن [22].
چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان خەلقلەرگە قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقى ۋە تالان-تاراج قىلىشى 1877-1878-يىللىرى زو زوڭتاڭ ۋە ليۇ جىنتاڭ قوماندانلىقىدىكى  ھەربىي يۈرۈشى جەريانىدا يۈز بەردى. چىڭ قوشۇنلىرى داۋانچىڭدىن ئۆتۈپ، تاكى ياركەنت ۋە قەشقەرغىچە بولغان جايلارنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم جايلاردا قاتتىق قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ھەر بىر قېتىملىق قارشىلىق قاتتىق باستۇرۇلدى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك جازا يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ كۆپ ساندىكى ئاھالىسى چىڭ قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن رۇسىيە تەۋەسىگە قېچىپ ئۆتۈپ كەتتى. چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار، بولۇپمۇ ياقۇپ بەگ ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتتىق ۋە رەھىمسىز بولدى. ھەتتا ياركەنتتە ياقۇپ بەكنىڭ ئايالى، ئىككى كىچىك ياشتىكى ئوغلى ھەم ئۇچ نەۋرىسى ليۇ جىنتاڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى [23].
جۇڭگو تارىخچىسى گو يىڭدېنىڭ يېزىشىچە، 1877-يىلى، ليۇ جىنتاڭ ياركەنت ۋە خوتەننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن 7450 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 1166 ئادەم مانجۇرلارغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقانلار ئىدى. ليۇ جىنتاڭ بۇ ئادەملەرنى كوللېكتىپ قىرىپ تاشلىدى، قالغان چەتئەللىك سودىگەرلەر، دىنىي زاتلار ۋە باشقىلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى [24]. 1878-يىلى، تېخى قەشقەردىن كەتمەي يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ياقۇپ بەگنىڭ ئىلگىرى سانكتپېتېربۇرگ ۋە تاشكەنتكە ئەۋەتكەن ئەلچىسى موللا تۇراپ خوجا مەخپىي تۈردە تۈركىستان گۇبېرناتورىغا خەت ئەۋەتىپ، چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان. ئۇ، خېتىدە قەشقەر، ياركەنت ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تەبىقىدىن كېلىپ چىققان 72 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان [25].
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى پۈتۈن قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى بايلارنىڭ، قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى، مال-مۈلكى ۋە بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلغان بولۇپ، زو زوڭتاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ خاتىرە قالدۇرغان:
«ليۇ جىنتاڭ قوشۇنلىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلىش ۋاقتىدا شەھەرنىڭ زور كۆپچىلىك ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۆي-ماكانلىرى، بايلىقلىرى ۋە قىممەت باھالىق ئۈنچە-مارجانلىرىنى تاشلاپ چەتئەلگە، رۇسىيىگە قېچىپ كەتكەن ۋە بۇلار ليۇ جىنتاڭ تەرىپىدىن يىغىۋېلىندى. بۇلارنىڭ قىممىتى 70153 لياڭ (سەر) كۈمۈشكە باۋارەر. سابىق توپىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىندى. بۇنىڭ قىممىتى 4827 سەر كۈمۈشكە تەڭ» [26].
زو زوڭتاڭ ۋە ليۇ جىنتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ، بۇ ئۆلكىنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش جەريانىدا تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك بىرى ياقۇپ بەگنىڭ پەرغانىلىقلارنى مۇھىم باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قويۇپ، يەرلىكلەرگە نىسبەتەن ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسىتى قوللىنىشىدىن پايدىلىنىپ، ياقۇپ بەگكە نارازىلىقى بار بىر قىسىم يەرلىك بەگلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ياقۇپ بەگنى ئۆلتۈرۈش ھەمدە قەشقەرىيە ھۆكۇمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش ئىختىلاپلىرى ۋە پەرغانىلىقلارنىڭ كۆپ ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ، يەرلىك بەگلەرنى چەتكە قېقىش قاتارلىق تەرەپلەر بۇ دۆلەتنىڭ يوقىلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جازا يۈرۈشى جەريانىدا ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ھامان يىمىرىلىشىنى كۆرگەن قەشقەرىيە يەرلىك ئاھالىلىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس بەگلەر، سودىگەرلەر ھەم باشقىلار ئۆز ھاياتىنى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چىڭ قوشۇنلىرىغا ئالدىدا بەيئەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ماسلاشتى. بىراق، بۇ ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس بولۇپ، يەنىلا ئومۇمىي خەلق ئۆز مۇستەقىل ھاكىمىيىتى بولغان يەتتە شەھەر دۆلىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى ۋە ياكى سۈكۈت قىلىش ئۇسۇلى قوللاندى. بەزىلىرى بولسا ۋەتىنىنى تاشلاپ كېتىش يولىنى تاللىدى، ئەمما 1878-يىلى پۈتۈن قەشقەرىيە ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، زو زوڭتاڭ ۋە لىئۇ جىنتاڭ گۇرۇھى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، بۇ رايوننى ئىشغال قىلىش جەريانىدا قوللانغان دەسلەپكى بەزىبىر يۇمشاقراق تاكتىكىلىرىنى ۋە چاقىرىلىقلىرىنى ئۆزگەرتتى. نەتىجىدە، بىر قىسىم جايلاردىكى خەلق قايتىدىن قارشىلىق كۆرسىتىش پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىغا ئۆتتى. پەرغانىغا كەتكەن ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەك قۇلىبەگ ۋە ھاكىمخان تۆرە قاتارلىقلار يەنە قوشۇن تەييارلاپ چېگرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ھەرىكەتلەر قىلدى. 1879-يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونىدىكى قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلۇپ، 2000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. 1879-يىلى ۋە 1880-يىلى يەنە قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن بېرىپ، مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا كەتتى [27]. ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ياقۇپ بەكنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان خوتەننىڭ ۋالىيسى نىياز بەگمۇ چىڭ ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىش يولىنى تۇتتى. بىراق، ھازىرقى زامان جۇڭگو تارىخچىلىرى زو زوڭتاڭنىڭ مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ، ئۇنى «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان قەھرىمان» دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ شەنشىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى نەسلىدىن يوقىتىش تۈسى ئالغان ئېتنىك تازىلىشى ھەتتا خەنزۇلارنىڭ مانجۇلارغا قارشى مىللەتچىلىك قوزغىلىڭى-تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، ئۇنى ۋەتەنپەرۋەر سۈپىتىدە مەدھىيىلەيدۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى پۈتۈنلەي ئاقلاپ، پەدەزلەپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلغۇچى تەرىقىسىدە كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن، بىر قىسىم تارىخچىلار 18-19-ئەسىرلەردىكى خوجىلار باشچىلىقىدىكى بارلىق قوزغىلاڭلارنى قارىلاپ، بۇنى خوجىلارنىڭ «تاجاۋۇزچىلىقى» دەپ ئاتايدۇ ھەمدە خوجىلارنى «زوراۋان»، «بۇلاڭچى»، خەلقنى «مەجبۇرىي ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن» دەپ چۈشەندۈرۈش بىلەن چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق باستۇرۇش ئۇرۇشلىرى جەريانىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلغان قىرغىنچىلىقلىرىنى كۆرسەتمەي، ئۇنىڭدىن چەتنەپ ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىش ھەرىكەتلىرىنى بولسا، خوجىلار تەرىپىدىن «مەجبۇرلانغان» دەپ تەرىپلەيدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان جۇڭگو دۆلەت بىرلىكى ئىدېئولوگىيىسى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيىسى پۈتۈن جۇڭگونى بويسۇندۇرۇش جەريانى ۋە بويسۇندۇرغاندىن كېيىن پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ئۇزۇن مەزگىل خەنزۇلارنىڭ مانجۇرلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى داۋاملاشقان ئىدى. بۇ ۋەقەلەر ئادەتتە جۇڭگو تارىخىدا «فەن مەن يۇندوڭ» يەنى «مانجۇلارغا قارشى ھەرىكەت» دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو تارىخچىلىرى تەرىپىدىن خەنزۇلارنىڭ تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى ۋە باشقا مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى بۇ ھەرىكەتلىرى بولسا، ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ چۈشەندۇرىلىدۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ۋە ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى بولسا قارىلىنىدۇ. ئەمەلىي تارىخى رىئاللىقتىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تۇڭگانلار ۋە باشقا مىللەتلەر خۇددى خەنزۇلارغا ئوخشاشلا مەنچىڭ خاندانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغۇچىلار بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئوخشاش ئىدى. لېكىن، مانجۇلار پۈتۈن ئىمپېرىيىنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن خەنزۇ يۇقىرى تەبىقە گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى دۆلەتنى ھەربىي-سىياسىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىشقا قاتناشتۇردى. خەنزۇلار، تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ ھەممىسىنى باستۇرۇشتا ئەشۇ گۇرۇھ ئاكتىپ رول ئوينىدى.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 1759-1760-يىللىرىدىن تاكى 1954-1963-يىلىغىچە بولغان ئىككى ئەسىر تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشلىرى دائىم كەڭ كۆلەملىك تۈس ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ جەرياندىكى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلەر ھەر 20-60 يىلدا بىر قېتىم يۈز بەرگەن. مەسىلەن، 1759-1760-يىللىرىدىكى كۆچۈشتىن، 60 يىللار ئۆتۈپ، 1816-1880-يىللىرىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن، 30-40 يىللار ئۆتۈپ، 20-ئەسىرنىڭباشلىرىدا ۋە يەنە 30-40 يىللار ئۆتۈپ، 1950-60 يىللاردا يۈز بەردى.
بۇ ئىككى ئەسىر ئىچىدە ئەڭ زور كۆچۈشلەر 1816-1882-يىللىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم يۈز بەردى. ھەتتا بۇ جەرياندا ھەر بىر قانچە يىل، ئون نەچچە يىللار ئىچىدە بىر قېتىمدىن تەكرار يۈز بەردى. شۇ ۋاقىتلاردىكى كۆچۈشنىڭ قېتىم سانىنىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن قاراپ تۇرۇپ، 19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىق پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپەيگەن باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ يەرلەشكەن بىر قىسىم قەشقەرىيىلىك ئەرلەرنىڭ تەكرار ئۆزلىرىنىڭ خوجىلىرىغا ئەگىشىپ، قايتىدىن ئانا ۋەتىنى قەشقەرىيىنى مانجۇلاردىن قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەرغانە ۋادىسىغا يەرلەشكەن قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

2) 20-ئەسىردىكى كۆچۈشلەرنىڭ سەۋەب-ئامىللىرى
يۇقىرىدا قەيت قىلغاندەك، 18-19-ئەسىرلەردىكى كۆچۈشلەردە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ باستۇرۇشىدىن ساقلىنىش خەۋپى بولغان بولسا، 20-ئەسىردىكى كۆچۈش قويۇق سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قوشما پەرغانە ۋادىسىدا يەرلىشىپ قېلىشىدا ھەمدە ئىككىنچى يېرىمىدىكى كۆچۈش ھەرىكىتىدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئامىلنى نەزەرگە ئېلىش لازىم.
بىرىنچى ئامىل، بۇ رايونلاردا ئىلگىرىدىنلا يەرلىشىپ بولغان بىر قانچە ئەۋلاد زور ساندا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلار بىلەن بولغان نىسبەتتە مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى.
ئىككىنچى ئامىل. ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئامىلى. بۇ رايوننىڭ چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەركىبىدە بولۇش بىلەن سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە سانائەت جەھەتلەردىن ئۇيغۇر ئېلىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلغار ۋە راۋاجلانغان بولۇشى.
بولۇپمۇ، 1918-يىلىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئۆزگىرىشلەر. بولۇپمۇ مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتلەردىكى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلار.
ئۈچىنچى ئامىل. سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيە ۋە مىللەتپەرۋەرلىك.
1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. رايوندا مۇستەقىللىق، ئىسلامى گۈللىنىش، تۈركچىلىك، كوممۇنىزم قاتارلىق يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
بولۇپمۇ،  گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ مىللىي چېگرىلارنى ۋە مىللىي مەمۇرىي چېگرىلارنى ئايرىش ھەم بېكىتىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئايرىم مىللەت ھەم مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى ھەمدە ئايرىم ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىدىيىلىرى دۇنياغا كەلدى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، كوممۇنىستلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ «قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە ئىشچى دېھقانلار ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان تەشكىلاتى 1921-يىلى 4-ئىيۇندا تاشكەنتتە تۇنجى قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىپ، بۇ ناملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» دېگەن نام ئاستىدىكى تەشكىلاتنى قۇردى. بۇلارنىڭ تۈپ سىياسىي شۇئارى، ئابدۇللا روزىباقىيېۋ قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە «ئۇيغۇرسىتان» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار قەشقەرلىك ۋە تارانچى دەپ ئاتالغان ئاھالىلارنىڭ ئايرىم خەلق ئەمەس بەلكى ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن كۆچۈپ چىققان بىر خەلق — ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، ئۇلارغا ئورتاق ئۇيغۇر نامىنى بېكىتىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ پروگراممىلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قوشنا شىنجاڭدىكى جۇڭگو مىلىتارىست ھاكىمىيىتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۇ يەردىكى ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار گېزىت ۋە مەبۇئاتلارنى پەيدا قىلىپ، كەڭ تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان خەلقلەر بۇ ھەرىكەتلەرگە قوشۇلدى ۋە قوللىدى. دېمەك ئەنە شۇنداق خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىپ بارسا، مىللىتارستلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىشى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا دۇچ كېلىۋاتقان قالاق ۋە مۇستەبىت ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈمنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقىدىن بۇ جايلارغا يەرلىشىش يولىنى تاللىغان.
مەلۇمكى، 1931-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ، 1933-يىلى، 12-نويابىردا قەشقەردە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ھۆكۈمەتنى قوللىماي، خەنزۇ مىللىتارستى شېڭ شىسەينى قوللاپ، سوۋېتپەرەس ئۆلكە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئۆلكىگە مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھال ئۆلكىنىڭ سوۋېت مودېلىدىكى مەدەنىيەت-مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىش مەنزىرىسىنى ياراتتى. بارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئاساسەن دېگۈدەك، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كېلىندى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈپ قايتىپ كەلدى.
1944-يىلىغا كەلگەندە ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى بولۇپ، غۇلجىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى. مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى تاكى 1949-يىلى، جۇڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭنى ئىگىلىگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي قاتارلىق ئازاد ئۈچ ۋىلايەت ھەمدە ئۆلكىنىڭ باشقا جايلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر خىل تەسىرى ئاستىدا بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1946-يىلىدىن كېيىن شىنجاڭدا سوۋېت پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش ئېلىپ بېرىپ، زور ساندا كىشىلەرگە سوۋېت پاسپورى تارقاتتى.
1949-يىلىدىن كېيىن، ئۆلكىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇشىدىن كېيىن كېلىپ چىققان بىر قاتار، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر، مىللەتپەرۋەرلىككە زەربە بېرىش ھەمدە سىياسىي كۈرەشلەر شۇنىڭدەك يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېغىر چېكىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر ئۇيغۇرلارنىڭ 1955-يىلىدىن تاكى 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا رەسمىي ھۆججەتلەر بىلەن سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا كۆچۈشى، 1962-يىلى، ماي ئېيىدا كەڭ كۆلەمدە، ئاممىۋى يوسۇندا چېگرىدىن قېچىپ ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

4. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسى
بىز يۇقىرىدا قەيت قىلغاندەك بەش قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەبىئىي. بۇ خىل ئۈزلۈكسىز كۆچۈش بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ سۈنئىي يوسۇندا كۆپىيىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەسلىدىن بار بولغان كۆچمەن ئاھالىلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى بىلەن يېڭىدىن كەلگەن توپلۇقلارنىڭ قوشۇلۇشى ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشى پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىدىغان مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.
پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 19-ئەسىردىلا زور ساننى ئىگىلەپ، پەرغانە ئاھالىسىنىڭ مۇھىم سالمىقىنى تەشكىل قىلغانلىقى ھەققىدە ئۈچ خىل مەلۇمات مەۋجۇت. بۇلار : 1) تارىخىي مەنبەلەر. 2) مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەنبەلەر بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتلىرى. 3) دەسلەپكى سابىق سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىگەن سانلىق ئۇچۇرلىرى. مەن بۇ نۇقتىنى ئەنە شۇ ئۈچ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويىمەن:

1) تارىخىي مەنبەلەر بويىچە پەرغانە ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسى
1759-1760- يىلىدا زادى قانچىلىك ئادەم كۆچكەنلىكى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار يوق. بىراق، سېرگېي ئاباشىن مەنبەلەر بويىچە بۇ ۋاقىتتا 12 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك ۋە قالماقنىڭ كۆچكەنلىكى، بۇلارنىڭ 9 مىڭ ئائىلىنىڭ پەرغانىغا، ئۈچ مىڭ ئائىلىنىڭ بەدەخشاننىڭ پەيزاباد رايونىغا كۆچكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بۇ 9 مىڭ ئائىلە، يەنى تەخمىنەن 40 مىڭ ئادەمنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[31]. بۇنداق كۆچۈش ئىزچىل داۋاملىشىۋەرگەن بولۇپ، بۇرۇن بەلكى ئاممىۋى تۇس ئالغان بولسا، كېيىنكى ئۇزۇن يىللار جەريانىدا ئايرىم -ئايرىم ھالدا كۆچۈش داۋاملاشقان. يۈسۈپ خوجىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭغا قاتناشقان مىرزا شەمسى بۇخارىنىڭ مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، 1830-يىلى قوقەنت قوشۇنلىرى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشنىڭ ئالدىدا قوقەنتتە 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە قەشقەرلىك بولغان[32]. 1830-يىلى، يۈسۈپ خوجا قوزغىلىڭى مانجۇلار تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا 70 مىڭ ئادەم قەشقەردىن پەرغانىغا كۆچۈپ بېرىپ، سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى خوجەنت ۋە تاشكەنتتىن يىراق بولمىغان جايلارغا ئورۇنلاشقان.[33] بۇ ھەقتە جۇڭگو تارىخچىلىرىمۇ جۇڭگو مەنبەلىرىگە تايىنىپ مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، جۇڭگو تارىخچىسى ليۇ فېڭۋۇ 1936-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە يۈسۈپ خوجا قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئاق تاغلىقلاردىن 60-70 مىڭ ئادەمنىڭ قوقەنتكە كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[34].
چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىدىكى 70 مىڭ ۋە مىرزا شەمسى بۇخارىنىڭ مەلۇماتىدىكى 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە بولغان ساننى قوشقىنىمىزدا، بۇ چاغلاردا پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانى 80 مىڭدىن ئارتۇق بولىدۇ.
1847-يىلى، يەتتە خوجا قوزغىلىڭى مانجۇر قوشۇنلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندا، قەشقەر تەۋەسىدىن يەنە 20 مىڭ ئادەم مانجۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ پەرغانىغا قاچتى[35]. كروپاتكىن بولسا 100 مىڭ ئادەم ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بېرىدۇ [36]. جۇڭگو تارىخچىسى سېڭ مېنۋۇ 1936-يىلى يازغان ئەسىرىدە بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، بىر قانچە ئون مىڭ ئادەم خوجىلار بىلەن قوقەنتكە قېچىپ كەتتى دەپ مەلۇمات بېرىدۇ [37].
بۇ قېتىمقى كۆچۈش قىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا نۇرغۇن ئادەم پامىر -ئالاي تاغلىرىدىن ئۆتكىچە ئاچلىق، قاتتىق سوغۇق ۋە قار شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توڭلاپ ئۆلگەن. كۆچكەنلەرنىڭ ئارىسىدا قېرى-چۆرىلەر، بالىلارمۇ بولۇپ، ئادەملەر ئائىلە-ئائىلە بويىچە كۆچكەن. كروپاتكىننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىم كۆچكەنلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت قەشقەر ۋە يېڭىھىساردىن كۆچكەنلەرنىڭ سانىلا 37 مىڭ ئەتراپىدا بولغان [38]. بۇ كۆچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ساق-سالامەت پەرغانە ۋادىسىغا يېتىپ بارالمىغان بولۇپ، ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن تېرەك داۋان ئەتراپىدىكى دەريا سۈيىنى شۇ يەردىكى قىرغىزلار ئۈچ يىلغىچە ئىچەلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن.[39]
مۇسۇلمان تارىخچىلىرىدىن مۇھەممەد ئاتىف ئۆزىنىڭ «تارىخىي كاشىغەر » ناملىق ئەسىرىدە قەشقەر ئاھالىسىدىن 100 مىڭغا يېقىن نوپۇس ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوقەنتكە كۆچتى» دەپ بايان قىلىدۇ.[40]
يەتتە خوجا قوزغىلىڭىدىن يەنە 10 يىل ئۆتۈپ، ۋەلىخان تۆرە باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ يۈز بەردى. ئۈچ ئايغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار جەريانىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى شۇنىڭدەك ۋەلىخان تۆرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار چىڭ قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ۋەلىخان تۆرە قاتارلىقلار پەرغانىغا قاچتى. 19-ئەسىردىكى رۇس تارىخچىسى ۋ. نالىۋكىننىڭ مەلۇماتىچە، قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، 15 مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىك پەرغانە ۋادىسىغا قاچتى[41]. بۇ ھەقتە جۇڭگو تارىخچىلىرىمۇ مەلۇمات قالدۇرغان بولۇپ، ليۇ فېڭۋۇ پەرغانىغا كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى[42]، ليۇ زىشاۋ 15 مىڭ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[43].
سېڭ مېنۋۇ جۇڭگو مەنبەلىرى ئاساسىدا جاھانگىر خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خوجىلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوزگىلاڭلىرىغا قاتناشقانلارنىڭ ئادەم سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، جاھانگىر خوجىغا ئەگىشىپ چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن قەشقەر ئەتراپىدا بولغان جەڭگە قاتناشقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ 100 مىڭ ئەتراپىدا[44]ئىكەنلىكىنى، 1857-يىلى ۋەلىخان تۆرىگە ئەگىشىپ چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلغانلارنىڭ بىر قانچە تۈمەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[45]. دېمەك، چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭلەرگە قاتناشقان بۇ ئادەملەرنىڭ ھايات قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق يولى ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ پەرغانىغا قېچىپ پاناھلىنىش بولۇپ، قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ پەرغانىغا قېچىپ پاناھلىنىش نىسبىتىنىڭمۇ كۆپ بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ھەر قېتىملىق قېچىپ پاناھلىنىش جەريانىدا بىر قىسىم ئۈلگىرەلىگەن كىشىلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، بالاۋاقىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە خېلى كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تاشلاپ ئۆزلىرى تەنھا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئائىلىسى ئۆز ۋەتىنىدە قالغان بۇ ئەرلەرنىڭ بىر قىسىمى پەرغانە ۋادىسىدا خوجىلار تەشكىللىگەن قوشۇنلار تەركىبىگە قوشۇلۇپ، قايتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، ئۆز يۇرتلىرىنى چىڭ قوشۇنلىرىدىن ئازاد قىلىش ئارقىلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى جەم بولۇش يولىنى تاللىغان ئىدى.
1877-1878-يىللىرى ئارىسىدا چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن قەشقەرىيىنى قايتا بويسۇندۇرغاندا، قانچىلىك ئادەمنىڭ پەرغانە ۋادىسىغا كۆچكەنلىكى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق. لېكىن، يەنىلا خېلى كۆپ ساندا ئادەملەر رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى پەرغانىغا قاچقانلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىستاندىكى رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خاتىرىگە ئېلىنغان ئىدى[46]. پەرغانىدىكى رۇسىيە ئەمەلدارى 1877-يىلى 12 مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىك ۋە تۇڭگاننىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە قېچىپ ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 7 مىڭ نەپىرىنىڭ يەتتە سۇ تەرەپكە، قالغانلىرىنىڭ ئوش ئارقىلىق پەرغانە ۋىلايىتىگە كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[47]. بىراق، بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ ھەر خىل بولۇپ، ئابلەت كامالوفنىڭ رۇسىيە مەنبەلىرى ئاساسىدا تەكشۈرۈشىچە، ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەكقۇل بەگ بىر قىسىم ئۆز قوشۇنلىرى ھەم ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى باشلاپ، 1877-يىلى، 15-دېكابىر كۈنى چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئوشقا يېتىپ كەلگەن ھەمدە ئارقىدىن، يەنى 16-17-دېكابىر كۈنلىرى زور ساندىكى قەشەرلىك مۇساپىرلار چېگرىدىن ئۆتكەن بولۇپ، 23-دېكابىر كۈنىدىكى رۇسىيە تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئوشقا 4641 نەپەر قەشقەرلىك كۆچمەن ( بۇلارنىڭ 3573 نەپىرى ئەر، 968 نەپىرى ئايال) ئورۇنلاشقان[48]. رۇسىيە ئارخىپىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، چېگرىدىن كوللېكتىپ ھالدا ئۆتۈپ قېچىش ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، 1877-يىلى، 14-دېكابىردىن 29-دېكابىرغىچە بولغان 15 كۈن جەريانىدا 5675 ئادەم ( 4413 ئەر، 1262 ئايال) كۆچۈپ كەلگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە 500 ئادەم قاراسۇ ئارقىلىق ئەنجانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. دېمەك، ئەنە شۇ 15 كۈنى ئىچىدىلا 6000 ئەتراپىدا ئادەم ئوش ۋە ئەنجان تەۋەسىگە قېچىپ كەلگەن. رۇسىيە ئارخىپ ئۇچۇرلىرىغا كۆرە قوقەنت خانلىقى مەۋجۇت بولغان ۋاقىتتىلا ئوش شەھىرى ئاھالىسىنىڭ 3 تىن 1 قىسىمىنى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، 1877-يىلى، ئوش تەۋەسىگە كىرگەن 1459 قەشقەرلىكنىڭ 959 نەپىرى ئوش شەھىرىگە قېپ قالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 909 نەپىرىنىڭ ئوشتا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشقان[49]. قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسىمى پەرغانە ۋادىسىدىكى ھەر قايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە، قەشقەرىيىدىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ تەركىبى ھەر خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەرلىكلەر، يەنى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلاتتى. ئۇلاردىن قالسا، تۇڭگانلارمۇ بار ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە قوقەنتلىكلەر ۋە ئەنجانلىقلارمۇ بار ئىدى. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار پەقەت رۇسىيە تەرەپنىڭ 15 كۈن ئىچىدىكى كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇمات بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن كەلگەنلەر شۇنىڭدەك باشقا جايلاردىن ئۆتكەنلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. چىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چىقىرىپ، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى پەرغانىدا تۇرىۋاتقانلارنى دەرھال چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. بۇ بۇيرۇق بويىچىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پەرغانىغا كەتكەنلىكىدە شەك يوق.
چىڭ سۇلالىسى مەنبەلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى ئەھۋالنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، بىراق، قانچىلىك ئادەمنىڭ كۆچۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرمىغان. ئەمما 1877-يىلى، 17-دەكابىر كۈنى قەشقەر چىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، زو زوڭتاڭ بېيجىڭدا چىڭ ئىمپېراتورغا قەشقەردىكى ئۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى ئىچىدە خېلى كۆپچىلىكنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان[50].
چىڭ سۇلالىسى رەسمىي ھۆججىتى بولغان «چىڭ شىلۇ» دا بولسا، بەي ياڭخۇ قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ قاچقان توپىلاڭچىلارنىڭ 5 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرمۇ مەۋجۇت. بۇ پەقەت تۇڭگانلارنىلا كۆرسىتەمدۇ ۋە ياكى باشقا بارلىق قاچاقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ داۋاملىق ئېنىقلاش كېرەك، ئەمما، بۇ سان رۇسىيە رەسمىي ئۇچۇرلىرىغا بىراز يېقىنلىشىدۇ.
مەلۇمكى، چار رۇسىيە 1876-يىلى، قوقەنت خانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېگرىسى بىۋاسىتە قەشقەرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلاندى. رۇسىيە قوقەنت خانلىقى تېررىتورىيىسى بولغان پەرغانە ۋادىسىنى، تۈركىستان گېنېرال -گۇبېرناتورلۇقىنىڭ پەرغانە ئوبلاستى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، 1881-يىلى، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئەنجان، نامەنگان، قوقەنت، چۇست، ئىسفارىن، مەرغىلان ۋە ئوشتىن ئىبارەت يەتتە ناھىيە تەسىس قىلغان ئىدى. نوپۇسى 564970 ئادەم دەپ بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئوش ناھىيىسىنىڭ نوپۇسى 59760 ئادەم بولۇپ، ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 3950 ئادەم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئوش پەرغانىدىكى 6 شەھەر ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ ئاز شەھەر ھېسابلىناتتى. بىرىنچى ئورۇننى مەرغىلان ئىگىلىگەن بولۇپ، 44480 ئادەم ياشىغان. بىراق، 1910-يىلىغا كەلگەندە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى پەرغانە ئوبلاستىنىڭ نوپۇسىنى 2مىليون 34مىڭ 62 ئادەم دەپ ھېسابلىغان. پەرغانىدىكى بەش ناھىيىنىڭ نوپۇس تەركىبى مۇنداق بولغان:
نامەنگان ناھىيىسىدە 467423
ئەندىجان ناھىيىسىدە 461240
قوقەنت ناھىيىسىدە 453555
سكوبېلېۋسكىي ناھىيىسىدە 453462
ئوش ناھىيىسىدە 193.382[51]
بىراق، 1910-يىلىدىكى بۇ ئىستاتېستىكىدا ئوش شەھىرىنىڭ 44204 كىشىلىك نوپۇس تەركىبىدە قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ، 500 نەپەر قەشقەرلىك بارلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما نوپۇسى ئەڭ كۆپى سارتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 38646 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن[52]. ئەلۋەتتە، بۇ سانغا ئوش شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ ئاھالىسى كىرمىگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئوش شەھىرىدە بىر قانچە ئونلىغان مەھەللىلەر بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە تاشلاق-گۈزەر، تۆرت كوچا، ئەندىجان كوچا، شامال كوچا، قوش تاش، داۋان، شاھىدان تۆپە، شەيخلەر، گۈزەر، جىدەلىك، ئىمام- ئاتا، ئارچا-مازار، ساراي كوچا ۋە رابات كوچا قاتارلىقلار مەشھۇر ئىدى. بۇ مەھەللىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ناملىرى قەشقەرىيە تەۋەسىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ مەھەللىلەرنىڭ بىر قىسىمى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققانلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنىپ، شۇلار تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئەگەر رۇسىيە دائىرىلىرى 1877-يىلىنىڭ ئالدىدىلا ئوش ئاھالىسىنىڭ 3تىن 1 قىسىمىنىڭ قەشقەرلىكلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى مەلۇم قىلغىنىنى نەزەرگە ئالساق ئەگەر، 1881-يىلى، ئوش ناھىيىسىنىڭ ئاھالىسى 59760 ئادەم بولسا، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى 20 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. دېمەك، بۇ ساننىڭ تەخمىنەن 20 مىڭى ئۇيغۇرلار بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1877-يىلى قېچىپ كېلىپ ئوشقا يەرلەشكەنلەرنى قوشقاندا ئوش تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى تەبىئىي. ئەگەر ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 1881-يىلى 3950 ئادەم بولغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قەشقەرلىكلەر ئىگىلىگەن بولسا، بۇ چاغدا قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى تەخمىنەن بىر يېرىم مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1877-يىلى، 950 نەپەر قەشقەرلىك ئوش شەھىرىگە ئورۇنلاشتى دېسەك بۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى ھەتتا ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. بىراق، ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 1910- يىلىغا كەلگەندە تەخمىنەن 11 ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما، قەشقەرلىكلەر ئاران 500 نەپەر بولغان. ئۇ چاغدا ئەسلىدىكى قەشقەرلىكلەر نەگە كەتتى؟ ئەمما سارتلار يەنى ئۆزبېكلەر ناھايىتى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوش شەھىرىدىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان قەشقەرلىكلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزىنى سارت دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، يەرلىك خەلق ۋە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «قەشقەرلىك» پەقەت قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن مۇساپىر كۆچمەن ئاھالىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، كۆچمەنلەر بۇ جاينىڭ يەرلىك خەلقى ھېسابلانمايتتى ھەمدە مۇھاجىرلىق خاراكتېرىغا ئىگە ئىدى. ئەنە شۇنداق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1877- يىلى كەلگەن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن كېلىپ ماكانلىشىپ بولغان قەشقەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى سارت دەپ ئاتاپ تىزىمغا ئالدۇرغان. بۇ ۋاقىتتا شەھەر ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئاھالىلار، يەنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر قىرغىزلار ۋە رۇسلار تەرىپىدىن بىردەك ھالدا سارت دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنى ئايرىم ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك دەپ ئايرىش تېخى بېكىتىلمىگەن ئىدى.
رۇس پۇقرالىرى ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم دائىرىلىرى شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرىنى تىزىمغا ئالغاندا ئۆرپ-ئادەت، تىلى ۋە كىيىم-كېچەك، مەدەنىيەت ھەمدە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھايات شەكلى ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنى پەرقلەندۈرۈشى قىيىن بولۇپ، نوپۇس تىزىملىغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا سارت دەپ تىزىمغا ئېلىشى تەبىئىي ئىدى.
بۇرۇندىنلا پەرغانە ۋادىسىغا كېلىپ يەرلىشىپ، يەرلىك ئاھالىلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بولغان قەشقەرىيىلىكلەر ئەنە شۇ ئورتاق سارت ئاتالغۇسى بىلەن بىر گەۋدە ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
بىز بۇ يەردە تېمىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن «سارت» ئاتالغۇسىنىڭ ئېتنولولوگىيىسى مەسىلىسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزمەيمىز، ئەمما ئۇنىڭ 18-19-ئەسىرلەردە ھەتتا 20-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك خەلقلەر ئۆزبېكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا چارۋىچى خەلقلەر قىرغىزلار ۋە قازاقلار تەرىپىدىن «سارت» دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن شۇنىڭدەك تاكى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتى يولغا قويۇلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا رۇسلار ۋە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئولتۇراق ھاياتتىكى ئاھالىسىنى «سارتلار» دەپ ئاتىغان ھەتتا بۇرۇنقى رۇس سەيياھلىرى قەشقەرىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوخشاشلا «سارت» دەپ ئاتىغان بولسا، غەربلىكلەر ئۇلارنى «تۈرك» دەپ ئاتىغان ئىدى [53]. 19-ئەسىردىكى رۇسلارنىڭ نەزەرىدە قەشقەرىيە ۋە پەرغانىنىڭ بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەمدە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولغان شەھەر ۋە دېھقان ئاھالىسى بىلەن پەرغانىنىڭ دېھقان ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئوخشاشلا «سارت» دەپ پەرقلەندۈرۈلمىگەن ئىدى.
رۇسلار، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى پەرغانە ۋادىسىدىكى «سارتلار» دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئۇلارنى «قەشقەر سارتلىرى» دەپ ئاتىغان. رۇس ئالىمى ل. ن. سوبولېۋنىڭ قارىشىچە سارتلار ئالاھىدە باشقا قەبىلە ئەمەس، شەھەرلەردە ياشايدىغان ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەيلى ئۆزبېك، مەيلى تاجىكلارنىڭ ھەممىسى پەرقلەندۈرۈلمەستىن سارت دەپ ئاتالغان[54]. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، قازاق تۈركشۇناسى سېرالى لاپىن «ئۆزبېكلەردىن پەرقلىق بولغان سارت دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىچە بىر خەلق يوق، شۇنىڭدەك يەنە ئۆزبېك تىلىدىن باشقا بولغان ئايرىم سارت تىلى دەيدىغان تىلمۇ مەۋجۇت ئەمەس» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سارتلار دەپ ئۆزبېكلەر، يەنى ئولتۇراق ھاياتتىكى تۈركىي تىللىق ئاھالىلاردۇر[55].
لېكىن، 1897-يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تۈركىستان ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ تەركىبى ئايرىپ چىقىلىپ، سارتلار ئۆزبېكلەر، قارا قالپاقلار، قىرغىزلار، قەشقەرلىكلەر ۋە قىپچاقلاردىن ئايرىۋېتىلگەن. شۇ ۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە، پۈتۈن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسىدە 968655 نەپەر سارت، 726534 نەپەر ئۆزبېك، 34908 نەپەر قەشقەرلىك ۋە باشقا خەلقلەر بولغان. بۇ ۋاقىتتا سارتلار ئۆزبېكلەر ۋە قەشقەرلىكلەردىن ئايرىم بولۇپ چىققان[56]. رۇسىيە ئالىملىرى چار رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشى ئېنىق ئەمەس ۋە كۆپلىگەن خاتالىقلارغا يول قويۇلغان ھەمدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ بېكىتكەن. 1897-يىلى نوپۇس تەكشۈرۈش بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ، يەنى قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى رەسمىي تۈردە تۇنجى قېتىم چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان پەرغانە ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلار، يەنى قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى سەمەرقەند ئوبلاستىدىكىدىن ئاز بولۇپ چىققان. ئىستاتىستىكا بويىچە، پەرغانە ئوبلاستىدا 14915 نەپەر قەشقەرلىك، سەمەرقەند ئوبلاستىدا 19993 نەپەر قەشقەرلىك بارلىقى كۆرسىتىلگەن[57].
بۇ يەردە بىر سوئال توغۇلىدۇ، نېمە ئۈچۈن چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدە يەرلىك خەلقلەرنى ئايرىغاندا سارت دېگەن ئايرىم توپلۇقنى بېكىتىپ، نوپۇس جەدۋىلىگە كىرگۈزدى؟ ئەگەردە ئەنە شۇنداق ئايرىما ئالدىن بېكىتىلىپ بېرىلمىگەن بولسا، ئاھالىلارنىڭ تەركىبى مۇنداق ئايرىلمىغان بولار ئىدى. بۇ بەلكى تىل شىۋە ئالاھىدىلىكى ۋە رايونلىرى بويىچە بېكىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە، تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن ئولتۇراق ھاياتتىكى شەھەر ئاھالىلىرى، يەنى قەبىلە-ئۇرۇغ چۈشەنچىلىرىدىن خالى ئاھالىلار ئۆزلىرىنى چار رۇسىيىنىڭ نوپۇس تىزىملىكىدىكى «سارت» دېگەن كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەن، قەبىلە-ئۇرۇغ چۈشەنچىلىرى تېخى مەۋجۇت بولغان بىر قىسىم ئاھالىلار ئۆزلىرىنى ئۆزبېكلەر دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا سارت كاتېگورىيىسىگە شەھەرلەردە ۋە يېزىلاردا ياشايدىغان زور ساندىكى ئەسلى قەشقەرىيىدىن كېلىپ ماكانلىشىپ ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ كەتكەن قەشقەرلىك-ئۇيغۇرلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇشى ئېتھىماللىقا يېقىن. چۈنكى، چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىدىكى ئەشۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىكنىڭ ئارىلىقتا 40 يىل ئۆتمەي تۇرۇپلا بىراقلا غايىپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار كۆپىيىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئازلاپ پەرغانە ۋادىسىدا قانداقسىگە 14 مىڭ بولۇپ قالدى؟ ئېنىقكى ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى شۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك دەپ ئاتاشتىن ۋاز كېچىپ، سارت دەپ ئاتاپ تىزىمغا ئالدۇرغان. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ئانچە رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، بىرىنچىدىن ئۆزبېك ئاتالغۇسى بىۋاسىتە شەيبانىخان دەۋرى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆچمەنلىك ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەبىلىنىڭ نامى بولغاچقا بۇنىڭ قەشقەرىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئىككىنچىدىن قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر قانچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سارت ئاتالغۇسى يېڭى ئاتالغۇ ئەمەس، چۈنكى، ئۇلار قوشنا قىرغىزلار تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق ئاتىلىدىغانلىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان بىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پەرغانە ۋادىسى چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەركىبىگە كىرگەندىن كېيىن پەرغانىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا قېرىنداش شەھەر ۋە ئولتۇراق ھاياتتىكى قېرىنداشلىرى، يەنى «ئەنجانلىقلار» بىلەن ئوخشاش ھالدا «سارت» دەپ ئاتىلىشىدىن خەۋەردار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىكلەشكەن مەزكۇر قەشقەرىيە مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاللىقاچان تىل جەھەتتىن يەرلىك ئەنجانلىقلار ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بولغان بولۇپ، زاتەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تىل ۋە باشقا ئورتاقلىقلارمۇ كۆپ ئىدى. بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارغا قارىتا قەشقەرىيە كۆچمەنلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە سارت دەپ ئاتىدى خالاس. رۇسىيە ئىستاتېستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋاقىتتا پەرغانە ئوبلاستىدىكى سارتلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 788989 بولۇپ، پۈتۈن تۈركىستاندىكى سارتلارنىڭ 80% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان. پەرغانە ئوبلاستىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 153780 نەپەر بولغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەرغانە ۋادىسىدىكى سارتلارنىڭ مۇنداق كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي ئامىل قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىقىپ ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ بولغان ئاھالىلارنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى سارت دەپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشىدۇر. ئەمدى، نوپۇس ئىستاتېستىكىسىدىكى «قەشقەرلىكلەر» مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇلار بەلكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىقىپ يەرلىكلىشىش تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، بولۇپمۇ 1878-يىلىدىن كېيىن كۆچۈپ چىققان ۋە 1890-يىللاردا قەشقەرىيىدىن پەرغانە ۋادىرىلىرىغا ئىشلەشكە، سودىگەرچىلىككە چىقىپ يېڭىدىن يەرلىكلىشىپ قالغان ئاھالىلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز تىل شىۋىلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە ۋەتىنى بىلەن بولغان بىۋاسىتە باغلىنىشلىرىنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. بۇ ئاھالىلار ئۆزلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن «قەشقەرلىك» دېگەن كاتىگورىيىدە تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
بەلكى، 1910-يىلى، چار رۇسىيە تۈركىستان ئۆلكە ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىمىدىن ئورۇن ئالغان ئوش شەھىرىدىكى 500 نەپەر قەشقەرلىكمۇ پەقەت يېڭىدىن قەشقەر تەۋەسىدىن كېلىپ يەرلەشكەن ھەم رۇسىيە پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغانلار بولۇپ، ئۇلار تىل ئالاھىدىلىكى ۋە بەزى تەرەپلەردىن يەرلىكلەشكەن ئۆز قېرىنداشلىرىدىن پەرقلىق ھالەتنى ساقلاپ قالغان بولۇشى ئېھتىماللىقا يېقىن.
مەلۇمكى، چوقان ۋەلىخانوف 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىلا پەرغانە ۋادىسىدا قەشقەرىيىدىن چىققان 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك مۇھاجىر نوپۇس ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇ، 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىكنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەندىجان ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەھرىخان ۋە قاراسۇ قاتارلىق جايلاردا ياشىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يەرلىكلەر تەرىپىدىن «تاغلىقلار» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ[58]. چوقان ۋەلىخانوف يەنە شەھرىخان بىلەن قاراسۇ ئارىسىدىكى جايلارغا 9 مىڭ دولانلىقنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، يەنە تاشكەنتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يېڭى شەھەر مەھەللىسى نامىدا بىر مەھەللە بارلىقى، بۇ يەردە قەشقەر مۇھاجىرلىرى ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.[59]
چوقان ۋەلىخانوفنىڭ خاتىرىسىدە ۋەلىخان تۆرىنىڭ 1857-يىلى، ئاقسۇدىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن ئادەملىرىدىن توختى مانجۇ ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر قانچە مىڭ دولانلىقنى باشلاپ، قوقەنتكە كۆچۈرۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. بەلكى، ئۇ ئېيتقان 9 مىڭ دولانلىق ئەشۇ قېتىملىق كۆچۈشتە كەلگەنلەر بولۇشى مۇمكىن. دولانلىقلار، ئاساسلىقى قەشقەرنىڭ مارالبېشى، مەكىت، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىلىرى تەۋەسىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇلار تىل شىۋىسى جەھەتلەردىن باشقا رايوندىكى ئاھالىلاردىن ئازراق پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا زور ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات جەريانى ئۆزگىچە مۇساپىلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادەت، مۇزىكا ۋە باشقا تەرەپلىرىدە يەنىلا ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گەۋدىسىدىن ئايرىم بولغىدەك زور پەرقلەرگە ئىگە ئەمەس ئىدى. دولانلىقلار گۇرۇپپىسى 1897- يىلىدىكى چار رۇسىيىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئايرىم گۇرۇپپا سۈپىتىدە كۆرسىتىلمىگەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ياكى قەشقەرلىك ۋە ياكى سارت ياكى ئۆزبېك كاتېگورىيىسىگە كىرىشىدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. تەھلىل قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلار باشقا ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ئاللىقاچان ئۆز كىملىكىنى يوقاتقان ۋە ياكى ئاجىزلىشىپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا سارتلار تەركىبىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدە شەك يوق.
چوقان ۋەلىخانوفنىڭ بايانىدا «شەھرىخان ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قەشقەرلىكلەر» دەپ ئەسكەرتىدۇ.[60] باشقا ماتېرىياللاردا يەنە 1840-يىللاردا شارىخان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك قەشقەرلىكلەر ئىكەنلىكى، پەقەت بىر جايدىلا 20 مىڭ ئۆيلۈك قەشقەرلىك ياشايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن [61].
ئۆزبېك ئالىمى، ئاكادېمىك ھەيدەربەك بابابېكوۋنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يەنە شۇ دەۋرنىڭ ئۆلۈمالىرىدىن بىرى موللا مۇسۇلمان 1868-يىلى، ئەندىجان ئەتراپىدا 70 مىڭغا يېقىن قەشقەرلىك ياشىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرغان [62].

2) سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى 19-ئەسىردىكى پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەر خىل مەنبەلەر بويىچە تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ، بۇ خىل تەتقىقاتلار 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ تىلى، ئىجتمائىي -ئىقتىسادىي ۋە مىللەتشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئەۋجى ئالغان ۋاقىتلاردا كۆپرەك مەيدانغا چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، بولۇپمۇ 1960-1970-يىللىرىدىكى سوۋېت-چىن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخى، تىلى -ئەدەبىياتى، ئېتنوگرافىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىشكە ئومۇمىي جۇڭگو تەتقىقاتىنىڭ ۋە تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇھىم قىسىمى سۇپىتىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا كۆپلىگەن نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى-دىئالېكىتلىرى تەتقىقاتىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى مەخسۇس تەكشۈرۈلدى. بۇنىڭغا باغلىق ھالدا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەمدە ئېتنىك تەرەققىيات تارىخىي جەريانى مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە پەرغانە ۋادىسىدىكى مۇھىم ئېتنىك ۋە ئىجتىمائىي تەركىب بولغانلىقى، بىراق ئۇلارنىڭ قەدەممۇ-قەدەم ئۆزبېكلىشىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئالىملارنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى نوپۇسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈچۈن چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ۋە كېيىنكى ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى رۇس ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ ئاساس بولدى.
س. س. گۇبايېۋا چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىدا 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى [63].
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئالىمى، ئاكادېمىك غوجاخمەت سادۋاقاسوف، پەرغانە ۋادىسىدا چوقان ۋەلىخانوف قەيت قىلغان 9 مىڭ نوپۇس دولانلىقلارنى قوشۇپ، 324 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغان دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى [64].
ئى.ۋ. زاخوروۋانىڭ قارىشىچە، 1860-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قوقەنت خانلىقى تەۋەسىدە 200-250 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىدى [65].
قازاق ئالىمى، ئاكادېمىك ئابدۇۋالى قايداروف بولسا، 1860-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىياغا قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققانلار 250 مىڭ ئىدى [66] دەپ يازىدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن، ئۇيغۇر تارىخچىسى گېگېل ئىسخاكوۋ، رۇس ئالىمى ئا.م. رېشېتوۋ ۋە ئا. ن. سېدلوۋسكايا 18-19-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىياغا قەشقەرىيىدىن 85 مىڭدىن 160 مىڭغىچە ئادەم كۆچۈپ چىققان دەپ قارايدۇ [67]. بىراق، يەنە بىر سوۋېت ئالىمى گ. ب. نىكولسكايا بولسا، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن قەشقەرلىكلەر 85 مىڭدىن 165 مىڭغىچە دەپ كۆرسىتىدۇ [68].
سابىق رۇس ۋە سوۋېت ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، 18-19-ئەسىرلەردىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش ھەرىكەتلىرىدە ئۇلار پەقەتلا پەرغانە ۋادىسىغىلا تارقالغان بولماستىن بەلكى، داۋاملىق تۈردە كۆچۈپ، تاشكەنت، كانىبادام، خوجەنت، سەمەرقەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، بۇخارا، قاراتېگىن، ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى خورەزىم ۋە شەرقىي بۇخارا قاتارلىق جايلارغىچە تارقالغان [69]. 1897-يىلىدىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈشىدە سەمەرقەند ئوبلاستىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكىدىن كۆپ كۆرسىتىلىشى، گەرچە ئەمەلىي سانغا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پەرغانە ۋادىسىدىن ئۆتۈپ، سەمەرقەند ۋە باشقا جايلارغىمۇ كۆپ تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتلارنىڭ بىرىدۇر.
19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ رايوننىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. بۇ كۆچمەن ئاھالىلار قەشقەرىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەرىيىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەزى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلارغا ئېلىپ بارغان ھەتتا ئۇلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى پەرغانىلىقلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. قەشقەرىيىلىكلەر ئارىسىدا قوقەنت خانلىقىدا يۇقىرى مەرتىۋە بىلەن خىزمەت قىلغان مەمۇرىي ۋە ھەربىي شەخسلەرمۇ بولغان. قوقان خانى ئومەرخاننىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بىرى قەشقەرىيە مۇھاجىرلىرىدىن يۈسۈپ تاغلىق، يەنى يۈسۈپ مىڭ باشى كاشغارى ئىدى. يۈسۈپ تاغلىقنىڭ قىزىغا كېيىن قوقان خانى مەدەلىخان ئۆيلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە مەدەلىخاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن خۇدايارخاننىڭ ئاياللىرىدىن بىرى قەشقەرلىك ئىدى. خۇدايارخان دەۋرىدە قوقان ئوردىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەربىي خادىملارمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەسىرى كۈچلۈكلەردىن بېرى يۇنۇس تاغلىق دېگەن كىشى ئىدى. خۇدايارخاننىڭ ئوردىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئەيسا ئەۋلىيا ئىسىملىك كىشى بار ئىدى.
رۇسىيە ئالىمى سېرگېي ئاباشىننىڭ ھېساباتىچە، پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئاھالىسى 1870-يىللاردا كۆپ بولغاندا بىر مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، 1897-يىلىغا كەلگەندە، پەرغانە ئوبلاستىدا بىر يېرىم مىليون ئاھالە ياشىغان. ئەگەردە قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان مۇھاجىرلار سانى ھەققىدىكى ئەڭ ئاز بولغان 85 مىڭ دېگەن مەلۇماتنى ھېسابلىغاندىمۇ، 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قەشقەرلىكلەر پۈتۈن پەرغانىنىڭ ئولتۇراق ھاياتتىكى ئاھالىسىنىڭ 11-14% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەردە 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 300 مىڭ ئۇيغۇر بار ئىدى دېگەن مەلۇمات بويىچە ھېسابلىغاندا، 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى زور بولۇپ، پۈتۈن پەرغانە ئاھالىسىنىڭ 40%-50% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەردە پەرغانە ئاھالىسى رۇسلارنىڭ پەرغانىنى بېسىۋالغان پەيتلىرىدە 700-800 مىڭ ئەتراپىدا دەپ قارالسا، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى چىقىدۇ.
بىراق، قەشقەرىيىلىك مۇھاجىرلار 18-ئەسىردىن 19-ئەسىرغىچە بولغان بىر ئەسىر جەريانىدا ئىلگىرى كەلگەنلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە يەرلىك ئاھالىلار بىلەن ئارىلىشىپ سىڭىشىپ كېتىش ھەمدە ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك دېمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇپ، پەقەت 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن باشلاپ كۆچۈپ چىققان ئاھالىلارلا ئۆز كىملىكىنى ساقلىغان. بەلكى چوقان ۋەلىخانوف ئېيتقان 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك ئەنە شۇ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كۆچكەنلەر بولسا كېرەك.
ئەمما، پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەلگەن قەشقەرىيىلىكلەر پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا رايونلارغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇلار بىر رايوندا مۇتلەق نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان. ئۇلار بەرىبىر مۇھاجىر تەرىقىسىدە كۆرۈلگەن. بۇنداق بىر ياكى بىر قانچە رايوندا توپلىشىپ ئولتۇرۇپ، شۇ رايوننىڭ نوپۇسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمىگەنلىكى، يەنى تارقاقلىشىپ كېتىشى بەرىبىر ئۇلارنىڭ قەدەم-قەدەم يەرلىك، ئۆزلىرى بىلەن تىلى، ئۆرپ -ئادەتلىرى ئاساسەن بىر خىل بولغان شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرى بولغان-ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كېتىش جەريانىنى باشتىن كەچۇردى. مەسىلەن، رۇسىيە تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنىڭ پەرغانە ئوبلاستى مەرغىلان ناھىيىسىنىڭ 1890-يىلى، تۈزگەن ئېتنوگرافىيىلىك تەركىبىگە ئائىت مەنبەدە قەشقەرلىكلەرنىڭ پۈتۈن مەرغىلاندىكى 251 قىشلاقنىڭ 111 غا تارقىلىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن[70].
لېكىن، چار رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان نوپۇس مەلۇماتلىرىدا قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، چار رۇسىيە ھۆججەتلىرىدە تۈركىستان ئۆلكىسىدە 1904-يىلى، 47388، 1906-يىلى، 50238، 1917-يىلى، پۈتۈن تۈركىستاندا 39528 نەپەر قەشقەرلىك بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. چار رۇسىيىنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسى ئەلۋەتتە، بۇ دەۋردە قەشقەرلىك بىلەن تارانچىنى ئايرىم خەلق تەرىقىسىدە كۆرگەن بولۇپ، چار رۇسىيە دائىرىلىرى 1917-يىلى يەتتەسۇدىكى تارانچىلارنىڭ سانىنى 60988 ئادەم دەپ ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى نوپۇسنى قوشقاندا، 1917-يىلى چار رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 100516 ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.
بىراق، بۇ سانلىق مەلۇماتلار پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىرنىڭ بېشى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قەدەم كۆپىيىشى كېلپ چىققان ئىدى. مەسىلەن، رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 1911-1913-يىللىرى ئارىسىدا ھەر يىلى 20 مىڭدىن 25 مىڭغىچە بولغان قەشقەرلىك پەرغانە ۋادىسىغا پەسىللىك ئىشلەشكە كەلدى. پەقەت 1914-يىلى، بىر يىلدىلا 40 مىڭ ئادەم ئىشلەمچىلىككە كەلگەن. ئەمەلىيەتتە قەشقەرىلىكلەرنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە بېرىش، بەلكى تۇغقان يوقلاش، ئىشلەش، تىجارەت ۋە باشقا خىلدىكى سەپەرلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ، 1896-يىلىلا رۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى 68 مىڭ 760 ئادەمنىڭ رۇسىيىگە بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەن [71]. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىلگەنلىكى ھەققىدە قولىمىزدا ماتېرىيال يوق. بىراق، ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ بەلكى ھېچقانداق رەسمىيەتسىز ھالدا چېگىرىدىن ئۆتۈپ، رۇسىيە تەۋەسىگە كىرىپ تىرىكچىلىك قىلغان. بەلكى رەسمىيەت بېجىرىش ئىشلىرى ۋە چېگرىلارنى قاتتىق كونترول قىلىش 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا كۈچەيتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
1911-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە بولغان تۆت يىل جەريانىغا ئائىت مەلۇم سانلىق مەلۇماتنى ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 110 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر پەرغانە ۋادىسىغا ئىشلەشكە كەلگەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن توختىماي كەلگەنلەرنىڭ سانى نامەلۇم. مانا شۇلارنىڭ مەلۇم قىسىمى داۋاملىق تۈردە پەرغانە ۋادىسىدا تۈرلۈك شەكىللەر ۋە ئۇسۇللار ھەم مەقسەتلەر بىلەن يەرلىشىپ قېلىشىدا شەك يوق.
تۈركىستان ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلار يەنى قەشقەرلىك ۋە تارانچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار مەۋجۇت. مەسىلەن، رۇسىيە تارىخچىسى ۋلادىمىر داسىشې 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا تۈركىستاندا 194 مىڭدىن 215 مىڭغا يېقىن شىنجاڭدىن چىققانلار ياشىغان [72] دەپ قارايدۇ.
ئى.س. سولوگۇبوۋنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1915-يىلى، پۈتۈن رۇسىيە تۈركىستانىدا 279 مىڭ شىنجاڭدىن چىققان نوپۇس مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان [73]. بۇ ئىككى ئاپتورنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ مەنبەلىرىدىن كەلگەن بولۇشى ئېھتىماللىققا ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا پەرق مەۋجۇت. بۇ بەلكى يېڭىدىن كېلىپ-تۇرغان نوپۇسلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

3) ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى مەلۇماتلىرى
پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستاندا ( تۇركېستانسكىي كرايد-رۇسچە) 1918-يىلى، كوممۇنىسلار تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ، تۈركىستان سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى( 1918-1924) قۇرۇپ، سوۋېت بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ 1924-يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېتنىك چېگرىلار ئايرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىتتىپاقداش ۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتېستىكىسى ھەر خىل تۈردە ئېلان قىلىندى. ھۆكۈمەت مەلۇماتى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىراقلا ئازلاپ كەتتى. ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇر ئاھالىسى، يەنى پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار بىلەن يەتتەسۇ رايونىدا ياشىغۇچى ئىلى ئۇيغۇرلىرى (تارانچىلار) نىڭ ئومۇمىي سانىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك سانلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلىرى 1921-يىلى، ئىيۇن ئېيىدا تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ بەلكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەلۇم دەرىجىدە تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۆزلىرى توپلىغان بۇ مەلۇماتلار ئاساسىدا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى قاتارلىق رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، تارقىلىشى، سىياسىي-ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇماتلار يوللىغان ئىدى. ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىغا يوللىغان دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان ئۇيغۇر دۆلەت ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى ئابدۇللا روزىباقىيېف [74] 1923-يىلى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيروسىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يوللىغان دوكلاتىدا، پۈتۈن تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يەتتەسۇ رايونىدا 265مىڭ، سىر دەريا رايونىدا 30 مىڭ، پەرغانە ئوبلاستىدا 300 مىڭ، تۈركمەنىستاندا 2500، سەمەرقەنتتە 2500 بولۇپ، جەمىئىي 600 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ [75].
1924-يىلىدا، قەشقەرىيىلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان جامائەت ۋە سىياسىي ئەربابلاردىن بىرى قادىر ھاجى تۈركىستاندا 435 مىڭ ئالتىشەھەرلىك بار دەپ يازغان.
تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇرھان قاسىموف، 1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەممە ئۇيغۇرلارنى قوشساق بىر مىليوندىن ئاشىدۇ، دەپ يازغان.[76]
شۇ يىلى، يەنە تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا 600 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەلۇماتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۆزبېكىستاندا 300 مىڭ، قىرغىزىستاندا 70 مىڭ، قازاقىستاندا 115 مىڭ، تاجىكىستاندا 15 مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا پەقەت ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدە بولۇپ، تاجىكىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان بىلەن قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى رۇسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدە بولۇپ، ئۇلار تېخى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىنىڭ سىياسىي خەرىتىسى دەسلەپكى قەدەمدە سىزىلغان ئىدى.
ئابدۇللا روزىباقىيېۋ، ئارىلىقتىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، يەنى 1925-يىلى، ئۆزىنىڭ «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنى 500 مىڭدىن 700 مىڭغىچە دەپ ھېسابلايدۇ[77]. ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق توپلىغانلىقى ۋە قايسى مەنبەلەردىن ئىگىلىگەنلىكى نامەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە كېيىنكى قازاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ئاتقۇرغان يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇشى ۋە 1924-يىلىدىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك ۋە تېررىتورىيە چېگرىلىرىنى ئايرىش بويىچە ھۆكۈمەت كومىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇشتەك بىر قاتار يۇقىرى سالاھىيىتىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىغا بىر قەدەر ئۇيغۇن ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئورگانلىرىنىڭ قولىدىكى سانلىق ئۇچۇرلار ۋە تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ھەم ئېتنىك سىياسىي پىلانلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
لېكىن، ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ، 9 ئاي كېيىن نېمە سەۋەبتىندۇر، بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرتىپ «پۈتۈن شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300 مىڭ »دەپ كۆرسىتىدۇ [78]. ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ئۆزىنىڭ مەزكۇر يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئەۋجى ئالغان، «تارانچى ۋە قەشقەرلىك ئايرىم مىللەت» دېگەن تالاش-تارتىش مەزگىلىدە يازغان ماقالىسىدە كۆرسەتكەن بولۇپ، قەشقەرلىك ۋە تارانچى ئايرىم ئىككى خەلق ۋە ئىككى مىللەت ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىككى جۇغراپىيىلىك رايون تارمىقىدىكى ئاھالىلار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانا ۋەتىنى قەشقەرىيە / ئۇيغۇرىستان دېگەن ئىدىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان روزىباقىيېۋ مەزكۇر ماقالىسىنى يېزىش ئارقىلىق تارانچىلار بىلەن قەشقەرلىكلەرنى ئايرىم ئىككى مىللەت دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سابىرجان شاكىرجانوفنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇ، مۇنداق دەپ يازغان:
«شورا ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى-ن. ت) دا بىر يۈز مىڭ <تارانچى> بولسا، ئىككى يۈز مىڭ < قەشقەرلىق> بارلىقىنى بىلمەمسىز؟ شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنى < قەشقەرلىك> ھەم < تارانچى>، يەرسىز، يەرلىك دەپ بۆلمەكچى بولسىڭىز، پەرغانىدىكى يۈز مىڭدىن ئوشۇق يەرلىك < قەشقەرلىق> لەرگە نېمە دەيسىز؟ دېمەك شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى ئىككى خىل قىلىپ كۆرسەتمەك مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۈچ يۈز مىڭ (300) ئۇيغۇرنىڭ ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇقى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل.» [79]
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدىكى بۇرۇنقى يۇقىرى كۆرسىتىلگەن مەلۇماتلىرى ئەنە شۇ 1926-يىلىدىن كېيىن بىردىنلا بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق كۆرسىتىلىشكە باشلىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بولۇپ، بۇ ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1926-يىلى، 17-دېكابىردىكى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، بىراق ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا 300 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشى باشلىنىشتىن تەخمىنەن 8 ئاي بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئەمما ئۇ بۇ ۋاقىتتا موسكۋادىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر ۋە ئېتنىك چېگرىلارنى ئايرىش كوممىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى تېخى بېجىرىۋاتاتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتىنى كۆرسىتىشتىن 8 ئاي ئىلگىرىلا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 500 مىڭدىن 700 مىڭغىچە دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1926-يىلىدىكى تۇنجى قېتىم نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارانچى، قەشقەرلىك ۋە ئۇيغۇر دېگەن ئۈچ خىل ئايرىم مىللەت كاتېگورىيىسى بىلەن تىزىملىتىشىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش تىزىملىكىدە ئۇيغۇرلار «قەشقەرلىك»، «تارانچى» ۋە «ئۇيغۇر» دېگەن ئۈچ ئايرىم مىللەت تەۋەلىكىدە ئورۇن ئالغان. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 1926-يىلى، پۈتۈن سوۋەت ئىتتىپاقىدا قەشقەرلىكلەر 13010 نەپەر، تارانچىلار 53010 نەپەر، ئۇيغۇرلار 42550 نەپەر بولغان [80].
ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1926-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدىن تاكى 1937-يىلىدىكى 2-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرىشىگىچە بولغان 11 يىل جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا بارغانسېرى ئازلاش كۆرۈلگەن. 1926-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندا 40115 ئۇيغۇر بارلىقى كۆرسىتىلگەن. لېكىن، يەنە باشقا ماتېرىياللاردا 1926-يىلى، ئۆزبېكىستاندا 4421 قەشقەرلىك، 31مىڭ 941 ئۇيغۇر بارلىقى قەيت قىلىنغان. 1937-يىلىدىكى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندا 61 مىڭ 180 ئۇيغۇر بارلىقى يېزىلغان[81].
قىرغىزىستاندا بولسا، 1926-يىلى 7467 نەپەر قەشقەرلىك، 523 تارانچى، 73 ئۇيغۇر بولغان. 1937-يىلى 14 مىڭ 224 ئۇيغۇر بولغان. ئوخشاشلا قەشقەرلىك ۋە تارانچى نامى ئەمەلدىن قالغان.
قازاقىستاندا 1926-يىلى، 1121 قەشقەرلىك، 51803 تارانچى، 10 مىڭ 510 ئۇيغۇر بولغان [82]. 1937-يىلغا كەلگەندە 32 مىڭ 982 ئۇيغۇر قالغان.[83] بۇ جۇمھۇرىيەتتىمۇ ئوخشاشلا قەشقەرلىك ۋە تارانچى ئايرىمىسى بولماي، ھەممىسى بىردەكلا ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان.
1926-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك، تارانچى ياكى ئۇيغۇر دەپ ئاتاش ئەركىنلىكى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىدە  ئورتاق ھالدا «ئۇيغۇر» نامىنى قوبۇل قىلىش تېخى تولۇق ئىشقا ئېشىپ بولالمىغانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بىر قىسىم تارانچى ۋە قەشقەرلىك زىيالىيلار ھەم جامائەت ئەربابلىرى ئارىسىدىكى تارانچى ئايرىم، قەشقەرلىك ئايرىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەمەس دېگەن تالاش-تارتىش ۋە تەشۋىقات بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئەمما، 1937-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە قەشقەرلىك ۋە تارانچى ناملىرى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، پەقەت ئۇيغۇر نامىلا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ۋە بىرلىككە كەلگەن نامى سۈپىتىدە بېكىتىلدى. دېمەك، بۇ ۋاقىتتا قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ئايرىمىچىلىق قىلمىشلىرى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەتئىي يول قويۇلمىغان ئىدى.
ئومۇمەن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1926-يىلىدىن كېيىن بىراقلا ئاز كۆرسىتىلىشكە باشلىغاننىڭ سىرتىدا يەنە ئۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ھەر خىل بولدى. ھەتتا ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى سانى 1923-يىلى 300 مىڭ دېيىلگەن بولۇشىغا قارىماي، يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ك. غەيبۇللا ئوغلى 1928-يىلى ئۆزبېكىستاندا 50 مىڭ ئۇيغۇر بار دەپ يازدى [84]. تۇنجى ئۇيغۇر پروفېسسورلىرىدىن بىرى بۇرھان قاسىموف بولسا ئۆزىنىڭ 1924-يىلى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغىنىغا قارىماي، 1925-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، 1923-يىلى، يەتتەسۇدىكى بارلىق تارانچىلارنىڭ 46100 نەپەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ 24064 نەپەر، ئاياللارنىڭ 22036 نەپەرلىكىنى قەيت قىلغان [85]. ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ 1937-يىلى يازغان ماقالىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 300 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
قىسقىسى، ھۆكۈمەت ئىستاتېستىكىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى دائىم زىت بولغان. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا دائىم ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پەرەزلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلىش كۆرۈلگەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى كۆپ كۆرسىتىشىگە ئەلۋەتتە بۇ رايوننىڭ ئىككى ئەسىرلىك تارىخى مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردا ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ ئورۇنلاشقانلىقى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك.
قىسقىسى، تارىخى مەنبەلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرى ھەم تارىخىي رېئاللىق 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ئەڭ كۆپ جايلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوندا كۆپلىگەن قەشقەرلىكلەر مەھەللىلىرى ۋە يېزىلىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

4)  پەرغانە ۋادىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ گۈللىنىشىدىن يوقىلىشىغىچە
1921-1930-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئايرىم مىللىي كىملىكىنىڭ تىكلىنىش ۋە راۋاجلىنىش دەۋرىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىمۇ بارغانسېرى تىكلىنىش ۋە راۋاجلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇلار ئارىسىدىكى بۇرۇنقى قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ئىككى گۇرۇپپا بويىچە بىر-بىرىنى ئايرىش خاھىشلىرى بارغانسېرى تۈگەپ، ئورتاق ئۇيغۇر نامى ئاستىدىكى مىللىي كىملىك روھى كۈچەيدى. 1922-1923-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتتە ئۇيغۇر ياش زىيالىيلىرىنىڭ تۇنجى نەشىر ئەپكارى «ياش ئۇيغۇر» ژۇرنىلى نەشىر قىلىندى.
1920-يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاشكەنتكە توپلانغان بولۇپ، 1923-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىلا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش موسكۋا، تاشكەنت، باكۇ، لېنىنگراد، سەمەرقەنت ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تاشكەنت ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلىم دەرگاھىغا ئايلاندى. بۇ ئورۇنلاردا كۆپلىگەن زىيالىيلار تەربىيىلىنىپ چىقتى. 20-30-يىللاردا تاشكەنت پەقەت ئۆزبېكىستاننىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت -مائارىپ مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە ئالدىدا ماڭغان خەلققە ئايلانغان ئىدى.
1930-يىللاردا پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر قايسى تۇركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، 1937-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 61 مىڭغا يەتتى. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەنجان ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلار 30 مىڭ 757 نەپەر دەپ تىزىمغا ئېلىندى.
پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئۆزلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان قەشقەرلىك كىملىكى بىلەن ئاتاپ كەلگەن يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولسىمۇ لېكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى 1930-يىللاردا ئۆز كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. 1930-يىلىدىن كېيىن تارانچى -قەشقەرلىك ئايرىمىچىلىقىغا چەك قويۇلغاندىن كېيىن، ئەنجان ۋە تاشكەنت سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، 1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا 60 ئۇيغۇر كولخوزى مەۋجۇت بولدى. ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئېچىلدى. ئەنجاندا پېداگوگىكا تېخنىكومى قۇرۇلغان بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇدى. شۇنىڭدەك يەنە ئەنجاندا 1935-يىلى، ئۇيغۇر دراما تىياتىرى قۇرۇلدى. باشتا فرۇنزىدا (ھازىرقى بىشكەكتە) «قۇتۇلۇش» گېزىتى چىققان بولسا، كېيىن بۇ گېزىت «كۈن چىقىش ھەقىقىتى» نامىغا ئۆزگەرتىلىپ، تاشكەنتكە يۆتكىلىپ، «شەرق ھەقىقىتى» دېگەن نامدا چىقتى، ھەمدە 1930-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا گېزىتنىڭ تىراژى 5 مىڭدىن ئاشتى. تاشكەنتتىكى بۇ گېزىت ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىدىكى تىراژى ئەڭ كۆپ گېزىت ھەمدە ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە تاشكەنتتە ئۇيغۇر تىلىدا دۆلەتلىك نەشىرىيات ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىپ، مائارىپ نەشىرىياتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇيغۇر تىلىدا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى باستى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاشكەنتتە توپلانغان ئىدى. تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، سەمەرقەند يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى، پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، ماركىسىزم -لېنىنىزم ئىنىستىتۇتى قاتارلىق تۈرلۈك ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمەت قىلدى. ئۇيغۇر يازغۇچى ئەدىبلىرىدىن ئۆمەر مۇھەممەدى (1906-1931، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى (1901-1937)، ھېزىم ئىسكەندىروف (1906-197)، تۇردى ھەسەنوف (1909-1937)، نۇر ئىسرائىلوف (1910-1953)، مۆمىن ھەمرايېف (1907-1955)، تۇردى ھەسەنوف (1912-1937) ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرى تاشكەنتتە نەشىر قىلىندى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان مۆمىن ھەمرايېفنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ،  «دولقۇنلار ئارىسىدا» دەپ ئاتالغان ئەسەر 1934-يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان ئىدى [86]. 1930-1937-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتتە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ رومان، پوۋېستلىرى، دراما ۋە شەئىرلار توپلاملىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. 1931-يىلى بولسا ئالمۇتىدا ئايلىق «قىزىل تاڭ» ژۇرنىلى نەشىر قىلىندى.
بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ مەدەنىي-مائارىپ، پارتىيە ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش ساھەلىرىدە يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكلىرىنى قولغا كەلتۈردى. يولداش ئاخۇنبابايېف، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف، ئابدۇغوپۇر قۇربانوف، ياقۇپ روزىن، ئەلىيېف ۋە باشقا ئونلىغان ئەربابلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى دۆلەت رەھبىرىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن كىشى يولداش ئاخۇنبابايېف بولۇپ، ۋىكى ئېنسكلوپېدىيىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەرغىلاندا توغۇلۇپ چوڭ بولغان يولداش ئاخۇنبابايېف 1924-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، 1925-يىلى ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى رەئىسى بولۇپ بېكىتىلگەن ھەمدە بۇ ئالىي ۋەزىپىدە تاكى 1938-يىلىغىچە ئولتۇرغان. ئەمما، مەرغىلاندا ئاددىي قەشقەرلىق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان يولداش ئاخۇنبابايېف 1937-يىلىدىكى تازىلاشتىن ساق قېلىپ، 1938-يىلى قايتىدىن ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بۇ ۋەزىپىدە تاكى 1943-يىلى ۋاپات بولغىچە ئولتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان خەلق ئىچىدە كۆپ ئۇچۇرلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئاشكارىلانماي ساقلىنىپ كېلىنمەكتە. ھەتتا ھازىرقى زامان ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ دادىسى ئۇرايىماخۇنمۇ ئەنە شۇ مەرغىلاندا 1926-يىلى توغۇلغان ئىكەن. ئەلۋەتتە، «ئاخۇن» قوشۇمچىسى ئۆزبېكىستاندا پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولۇپ، يۇلتۇزخاننىڭ دادىسى مەرھۇم ئۇرايىماخۇننىڭ تېگى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەۋجۇت.
1920-1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر مەشھۇر ئەربابلىرى ئارىسىدا يەنە بىر ئەڭ يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە بولغان كىشى ئابدۇللا روزىباقىيېف بولۇپ، ئۇ، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئالىي رەھبەرلىك دەرجىسىدىن ھالقىپ موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇردى.
بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالىي مەكتەپلەر ۋە فاكۇلتېتلارنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ياقۇپ روزىن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلدى.
تۇنجى ئۇيغۇر دوتسېنتى بۇرھان قاسىموف ئوتتۇرا ئاسىيا پاختا-سۇغۇرۇش ۋە سانائەت ئىنستىتۇتى ئىشچىلار فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى. تۇنجى بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف، 1935-1937-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى دوتسېنت-پروفېسسورلار يېتىشىپ چىقتى. مەسىلەن دوتسېنت-پروفېسسورلاردىن بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقىلار تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى، ماركىسىزم -لېنىنىزم ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە دەرس ئۆتتى. 1934-1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ تۈركۈمدىكى 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي قىلغان تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەنە شۇ بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقا ئۇيغۇر ھەم ئۆزبېك ئوقۇتقۇچىلار دەرس بەرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم مۇرات ھەمرايېفنىڭ يېزىشىچە، 1930-يىللاردا ئۇيغۇرلاردا باشلانغۇچ مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولۇنغان ھەمدە خەلقنىڭ مائارىپ ساپاسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆسكەن ئىدى.
1937-يىلى ئالمۇتىدا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى ۋە ئىملا مەسىلىسى بويىچە چوڭ كونفېرېنسىيە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تاشكەنتتىن بارغان زىيالىيلار بۇ يىغىننىڭ ئاساسى تەركىبىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلشۇناس ئالىملىرى رۇس تىلشۇناسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئىملا قائىدىلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئاساستا مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە ئورتاق ئىملا قائىدىسىنى بېكىتتى.
قىسقىسى، 1921-1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە رول ئويناپ، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سېلىنغان ماكانغا ئايلاندى. ئومۇمەن 1920-1930-يىللار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئايرىم بىر قانچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ تېمىسى بولۇپ، بۇ ماقالىدە پەقەت مەزكۇر نۇقتىنى قىسقىچە ئەسلەشتىن ھالقىش مۇمكىن ئەمەس.
1930-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇنداق ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ يەنە بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ موسكۋانىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1934-يىلى، موسكۋا قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى ۋە ما جۇڭيىڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، سوۋېتپەرەس شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تەسىس قىلىپ، بۇ رايوننى نامدا جۇڭگوغا، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 17-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمتىيازلارنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىرىنى ۋە ئوبرازىنى تېخىمۇ تىكلەش مەقسىتىدە سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۇللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.
بىراق، 1937-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بۇ تازىلاشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى. ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا يىغىنىغا قاتناشقان زىيالىيلار ۋە ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تۈرمىلەرگە تاشلاندى ۋە ياكى ئۆلتۈرۈلدى. 1937-يىلىدىكى بۇ تازىلاش ئۇيغۇر ئېلىدە ماخمۇت مۇھىتىنىڭ ھىندىستانغا قېچىشى ۋە ئابدۇنىياز بەگ ھەم ما خۇسەننىڭ ئىسيانىدىن كېيىن بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپتە ئۇيغۇر خەلقى بۇ تازىلاشلارنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇ ياقتا يوسىف ستالىن، بۇ ياقتا شېڭ شىسەينىڭ خالىغانچە جازالىشىدىن قۇتۇلالمىدى.
1937-يىلىدىن كېيىن ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف، ئەلىيېف، ئابدۇغوپۇر قۇربانوف قاتارلىق ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان سىياسىي ئەربابلاردىن باشقا يەنە نۇر ئىسرائىلوف، ھېزىم ئىسكەندوروف، تۇردى ھەسەنوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، مۆمىن ھەمرايېف، ھەبىب زاكىرىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان ئەدىبلەردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئاتاقلىق تەرجىمان، لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ تاغىسى مىجىت مۇتەللىپوف، بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى شۇنىڭدەك 20-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۇرپاندىن تاشكەنتكە بېرىپ ئوقۇپ، كۆزگە كۆرۇنگەن تىلشۇناس بولۇپ يېتىشىپ چىققان قادىر ھوشۇرى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت دوتسېنت-پروفېسسورلىرى ھەم باشقا يۈزلىگەن زىيالىيلار بىراقلا قولغا ئېلىندى. لېكىن، بۇ تازىلاش يۇقىرى قاتلام سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئەربابلار ۋە زىيالىيلار بىلەنلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ھەم نەشىرىيات ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىشىغىمۇ بېرىپ تاقاشتى. ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنتتە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇمەجىت روزىباقىيېف [87] ۋە خېلەم خۇدابەردىيېفلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋاقىتتا تاشكەنت ۋە ئەندىجاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئورگانلىرى تاقالغاندىن سىرت يەنە ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرى تاقالدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلق دۈشمەنلىرى دەپ بېكىتىلدى [88]. 1937-يىلىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى مەرھۇم ئەخمەت ئېلىيېفنىڭ «يېڭى ھايات» گېزىتىدىكى خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1937-1938-يىللىرىدىكى تازىلاشتا تاشكەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستاندا 3800 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى «ئۇيغۇر ئازادلىق تەشكىلاتى» دېگەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى يەر ئاستى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، جازالانغان، ئۇلارنىڭ كۆپى ھاياتىدىن ئايرىلغان. قازاقىستاندا 1937-1938-يىللىرى ئۆلتۈرۈلگەن 1668 نەپەر ئادەمنىڭ ئىچىدە 97 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە جەمىيەت ئەربابلىرى بار. بۇ ۋاقىتلاردا ستالىننىڭ ن ك ۋ د ئورگانلىرى ۋە شېڭ شىسەينىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان جىنايەت «پانتۇركىست»، «تروتسكىچى»، «ياپوننىڭ ئىشپىيونى»، «خەلق دۈشمىنى»، «جاھانگىرلارنىڭ قۇيرۇقى» ۋە باشقىلارنى ئارتتى. بىچارە ئۇيغۇر خەلقى، دىنىي ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلىرى ھەر خىل جىنايى ناملار ۋە سىياسىي قالپاقلارنىڭ قۇربانى بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى.
1937-1939-يىللىرىدا، تاشكەنتتە چىقىدىغان «شەرق ھەقىقىتى» گېزىتى ۋە ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنىدىغان «قىزىل تاڭ ژۇرنىلى»، «قىزىل تۇغ» گېزىتلىرى بىراقلا تاقالدى. خېلەم خۇدابەردىيېف سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ 1937-يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن خەلقلەرگە ئېغىر پاجىئە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«ئۇيغۇرلار بۇ ئاممىۋى قىرغىن-تۇتقۇننىڭ زەررىچىسى ئىدى. زەررىچىسى بولغان بىلەن نوپۇسى ئاز بولغاچقا باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا بەك زىيادە زەرەر كۆردى. نېمە ئۈچۈن دەڭ؟ بىز يۇقىرى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنىي-ئاقارتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرىمۇ قالماي يېپىپ تاشلاندى. ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەمدى ئانا تىلدا ئوقۇيدىغان بىر پارچىمۇ گېزىت ۋە كىتاب قالمىدى. مىللىي مەدەنىيەت بىردىنلا گۇمران بولغىنى ئاقىۋىتىدە بولۇپمۇ ياش ئەۋلاد ئاستا-ئاستا ئانا تىلىدىن قاقاس بولدى. ئەدەبىي تىل بۇزۇلدى» [89].
ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ يېپىلىپ كېتىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور زەربىلەرنىڭ بىر بولۇپ، بۇ ھال ئارىلىقتا 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە مەيدانغا كېلىپ، راۋاجلىنىش يولىغا كىرگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خاراپلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى پەرغانە ۋاسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولماسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش قەدىمىنى بېسىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىشى مەسىلىسى ئۇيغۇر پۇقرالىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ،  يەرلىك زىيالىيلار بۇ ئىشنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان قارار دەپ ھېسابلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنى، جۈملىدىن ستالىننى خەۋەرلەندۈرۈش ئويلىرىدا بولغان. ئەمما، ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان مەنبەلەردە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، ئۇيغۇر نەشىرىيات ھەم مەدەنىي-مائارىپ ۋە سەنئەت ئورگانلىرىنى تاقىۋېتىش توغرىسىدا بىۋاسىتە موسكۋادىن كەلگەن بۇيرۇق بولغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنغىنى يوق. ھەقىقەتەن، مەزكۇر بۇيرۇق بىۋاسىتە موسكۋادىن كەلگەنمۇ؟ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارارىمۇ؟ بۇنىسى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. خېلەم خۇدابەردىيېف بۇ مەسىلە بويىچە 1940- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى موسكۋاغا، يوسىف ستالىننىڭ نامىغا بىۋاسىتە خەت يازغان بولۇپ، مەزكۇر خەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بېشىغا چۈشكەن پاجىئەنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر. چۈنكى، خەتنىڭ مۇئەللىپىنىڭ رىيالىقنى بۇرمىلاپ، ياكى قەستەن ھالدا مۇنداق خەتنى ستالىنغا ئەۋەتىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر رېئاللىق ئۇنداق بولمىسا، خەت ئاپتورىنىڭ كاللىسى كېتىشى تەبىئىي ئىدى.

خەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
قەدىرلىك يوسىف ۋىسسارىئونوۋىچ!
تۆۋەندە ئىزاھلىغان مەسىلىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى تاپالمىغاچقا سىزگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئىلتىماس، ئۇقتۇرۇپ بەرسىڭىز. ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، س س س ر دا ( ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستاندا) ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىستىقامەت قىلىدۇ. بۇ رەسپۇبلىكىلاردا باشقا رەسپۇبلىكىلارغا ئوخشاش ئانا تىلىدا (يەنى ئۇيغۇر تىلىدا) تەلىم بېرىدىغان ئون يىللىق، يەتتە يىللىق، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بىر قاتار تېخنىكوملار بار ئىدى. ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇچپېدگىز ۋە دۆلەت نەشرىياتى (تاشكەنتتە) ئۇيغۇر بۆلۈملىرى ئىش ئېلىپ باراتتى. قازاقىستاندا (ئالمۇتىدا) بەدىئىي ئەدەبىيات نەشىرىياتىدا ئۇيغۇر بۆلۈملىرى بار ئىدى. 1939-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ ئاۋۋال قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا، كېيىن ئوزبەكىستاندا بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يېپىلدى. ئايرىم جايلاردا (قازاقىستاندا) بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سىنىپلارلا ساقلىنىپ قالدى، خالاس. ئۇيغۇر بالىلىرى قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز تىللىرىدا ئوقۇيدىغان بولدى. كېيىنرەك ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇچپېدگىز ۋە دۆلەت نەشىرىياتلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈملىرى يېپىلدى. قازاقىستاننىڭ بەدىئىي ئەدەبىيات نەشىرىياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىش ئېلىپ باراتتى، يېقىندا بۇ بۆلۈممۇ يېپىلدى.
س س س ر ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ تەلىم ئىلىش ھوقۇقى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئانا تىلىدا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ، دېيىلگەن. ئۇيغۇر ئاھالىسى نېمە ئۈچۈن بۇ ھوقۇقى مەھرۇم بولۇشنى چۈشىنىش قېيىن بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمى بىر بۆلەك ئىنسانلار زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان ھازىرقى تارىخىي ۋەزىيەتتە بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىشى توغرا بولارمىكىن؟ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزمۇنەن سوتسىيالىستىك، شەكلەن مىللىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەسىلىسى ئەمدىلىكتە قانداق بولىدۇ دېگەن مەسىلە توغۇلىدىغۇ؟
شۇ مۇئەممانى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىڭىزنى سوراپ ئۆزبېكىستان ئۇچپېدگىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، ھازىر ئارمىيە سېپىدىكى مۇئاۋىن سىياسى كوماندىر خېلەم رەھىموۋىچ خۇدابەردىيېۋ.

مېنىڭ ئادرېسىم. ئۇ س س ر، ۋىننىسا شەھىرى. پوچتا بۆلۈمى، پ/پ 125.
1932-يىلىدىن تارتىپ ۋ ل ك س م (لېنىنچە كومسومول ئەزاسى). 1940-يىلى، 28-دېكابىر [90].

خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ بۇ خېتى تاكى 1940-يىلىدىن 1944-يىلىنىڭ قىش كۈنلىرىگىچە جاۋابسىز قالدى. بىراق، ئۇ، قىزىل ئارمىيە سېپىدە جەڭلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا، 1944-يىلى، قىش ئايلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇنى موسكۋاغا چاقىرتىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ھەمدە تاشكەنتتە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى تەسىس قىلىندى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئەسلىگە كەلمىدى. موسكۋانىڭ خۇدابەردىيېفنى چاقىرتىشى ۋە ئارقىدىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئەمەلىيەتتە موسكۋانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى، يەنى 1943-يىلىنىڭ ماي ئېيىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغاش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ تەسسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى خالاس. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن، 1937-1939-يىللىرى ئارىسىدا ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئۇزۇنغىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى. مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى خارابلىق تاكى 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىققىچە داۋاملىشىپ، شۇنىڭدىن كېيىن قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.
ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، 1937-1940-يىللىرى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىش دەۋرى بولۇپ، زور ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزبېك قىزلىرى بىلەن توي قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى ئۆزبېك دەپ يېزىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1941-1945-يىللىرىدىكى ئۇرۇش يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى چەتئەللىك كۆچمەن دەپ قارالغان بولغاچقا ئۇلار ئەسكەرلىككە ئېلىنمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزبېك قىزلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلىش ئەھۋالى كۆپەيدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ 1937-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە 60 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقى يېزىلسىمۇ، بىراق، ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا 60 ساپ ئۇيغۇر كولخوزى بولغان. ئەگەردە ھەر بىر كولخوزدا ئاز دېگەندە 2000 ئادەم بار دەپ ھېسابلىغاندىمۇ، 60 كولخوزدا تەخمىنەن 120 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنجان، تاشكەنت ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشايدىغان ئاھالىلار كولخوزلارغا تەۋە ئەمەستۇر. مۇنداق ھېسابلىغاندىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانىلا 60 مىڭدىن خېلىلا كۆپ بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئەمەلىي سانى خېلىلا كۆپ بولۇشى تەبىئىي.
لېكىن، 1937-يىلىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىش پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغىدى. ئەمما، قازاقىستاننىڭ شەرقىي قىسىملىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدا ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 1932-1933-يىللىرىدىكى كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق ۋە بايلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىش دولقۇنى قوزغالدى. شۇ قېتىملىق قېچىشتا خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار يەتتەسۇدىن (قازاقىستاننىڭ شەرقىي ۋە قىرغىزىستاننىڭ شىمالى تەرەپلىرى) ئىلىغا كەتكەن. شۇنىڭدەك يەنە 1932-1933-يىللىرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتا قازاقىستان تەۋەسىدە 27 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. ئەمما، مۇنداق قېچىش ۋە كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن دېيىلگەندىمۇ گەۋدىلىك ئەمەس ئىدى. بۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇزىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيتتى.
ئومۇمەن،  1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 1917-يىلىدىكى چار رۇسىيە تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى 39528 «قەشقەرلىك» نىڭ سانى ھېچقانداق كۆپىيىش كۆرۈلمىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستاتىستىكىسىدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاپ ماڭغان. مەسىلەن 1926-يىلى ئەنجان ئوبلاستىدا 30 مىڭ 757 نەپەر ئۇيغۇر تىزىمغا ئېلىنغان بولسا، 1979-يىلى، 11867 نەپەر ئۇيغۇر قالغان.
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى 1937-يىلىدىكى 61 مىڭ ئۇيغۇر 1959-يىلىغا كەلگەندە 19 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. 1979-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاران 29104 ئادەم دەپ ئېلان قىلىنغان. 1989-يىلى، 35 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان. 2000-يىلى، بولسا 20 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 2009-يىلى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات نىيازوف پۈتۈن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 60 مىڭ ئىكەنلىكىنى يازغان بولسىمۇ[91]، بىراق بۇ رەسمىي ھۆكۈمەت ئىستاتېستىكىسى ئەمەستۇر. ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئەنجان شۆبىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە ئەنجان ئوبلاستى تەۋەسىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشىماقتا. تەخمىنەن 4-5 مىڭ ئۇيغۇر شەھرىخان ناھىيىسىنىڭ دولان يېزىسىغا جايلاشقان[92].
قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى، يەنى پەرغانە ۋادىسىنىڭ قىرغزىستانغا تەۋە قىسىمىدىكى ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەزەلدىن ئېنىق ئەمەس بولۇپ،  2009-يىلىدىكى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، ئوش ۋىلايىتى بىلەن جالال ئابادتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 15 مىڭ ئەتراپىدا، ئوشتىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى قارا سۇ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئوش ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 11 مىڭ ئىكەنلىكى، ئوش شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 791 نەپەر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان [93]، بۇلار ئاساسلىقى قاراسۇ ناھىيىسىدىكى قەشقەر قىشلاق قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان. قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىكى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەپ كۆپچىلىكى ئەمەلىيەتتە، 1955-1962-يىللاردا كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەردە ئەسلىدىن بار بولغان ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان ئوزبېكلەر تەركىبىدە يوقىلىپ بولغان ئىدى. بۇلار بۈگۈنكى كۈنلەردە داۋاملىق تۈردە ئۆزبېكلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرلىكلەر يەنى ئۇيغۇرلار ئىككى ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا 19-ئەسىردە بۇ رايوندىكى ئاساسلىق خەلقلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىق ئەھۋالىنى يوقىتىپ، بۈگۈنكى كۈندە رايوندىكى ئەڭ ئاز نوپۇسلۇق مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن ئۇيغۇر يېزىلىرى، مەھەللىلىرى، كوچىلىرى يوقالدى شۇنىڭدەك بۇ مەھەللە، قىشلاق ۋە كوچىلاردىكى ئەسلى قەشقەرلىكلەر-ئۇيغۇرلار سىڭىپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى بۈگۈنكى كۈندىكى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ تەركىبىگە سىڭىپ تۈگەپ، ئۆزبېك مىللىي كىملىكىگە ئايلاندى. شۇ ۋەجىدىن مەيلى ئوش، مەيلى ئۆزگەند ۋە ياكى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئەنجان، مەرغىلان ۋە باشقا جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئەجدادلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدىغان «ئۆزبېكلەر» ھازىرمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم قازاق، قىرغىز ھەم باشقا مىللەت ئالىملىرى ئارىسىدا ئەنجان ئاھالىسىنىڭ 60% ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ستالىن دەۋرىدە ئۆزبېكلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى يازىدۇ [94].
ئوش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسلى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزلارنىڭ تەركىبىگە سىڭىپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس، بىراق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئېتنوگرافى س. م. ئابرومزون ئۆزىنىڭ 1955-يىللىرىدىكى بۇ رايونلاردىكى تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە جەنۇبىي قىرغىزلار تەركىبىدە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان قەبىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى [95]. ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ ئاتىغان گۇرۇپپا ئۈچ-قورغان رايونىدا ۋە قارول بۇيغا، ئاۋۇزتام-پىلال، تېگىرمەچ، قاراغاندي، كېرېگېتاش، ئۆلېگىش، قاراقىشتاق، پۇم دېگەن جايلاردا ھەمە بۇرۇن شىپى (شىببە) يېزىلىرى ھەمدە لەڭگەر دېگەن جايغا تارقالغان. ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ دەپ قارىغان قېرىلاردىن كېنجىباي ئايتېمىروف ۋە رايىمبەردى ئورمونوف بۇ گۇرۇپپىنىڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىنىڭ بۇخارادىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇچ قورغاندىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بولسا ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىمى ياشايدىغان قوش-تېگىرمەن دېگەن جايدىن كەلگەن. بۇ ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىر قىسىمى چارۋىچىلىق، يەنە بىر قىسىمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، قارائوئول دېگەن جايدا « ئۇيغۇر ئارىق» دەپ ئاتالغان سۇ قانىلى بار. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قىرغىزلارنىڭ بۇيگا ۋە تۆلەس قەبىلىسى بىلەن تۇغقانچىلىققا ئىگە دەپ قارايدۇ شۇنىڭدەك يەنە قىرغىزلارنىڭ تېيىت قەبىلىسىنى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئۇرۇقتىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ.[96]
لېكىن، چوقان ۋەلىخانوفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تاغلىق دەپ ئاتالغا قەشقەرلىكلەرنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان پامىر-ئالاينىڭ ئېتەكلىرىدىكى قىسىملىرى ئارىسىدا قىرغىز قەبىلىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىش نەتىجىسىدە قىرغىزلاشقانلارنىمۇ يوق ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ.
1960-يىللاردا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى مەخسۇس تەكشۈرۈلگەن سوۋېت ئالىملىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوفنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 1960-يىللاردا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاھالىلار ئىچىدە ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن ھەمدە ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بىراق ئەسلى كېلىپ چىقىشىنىڭ قەشقەر ئىكەنلىكىنى ئېيىتقانلار كۆپرەك بولغان. ئوش ۋىلايىتى ۋە ئەنجان ۋە مەرغىلان ۋىلايىتى تەۋەسىدە كۆپلىگەن ئەسلى قەشقەرىيىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن جاي ئىسىملىرى ۋە مەھەللە ئىسىملىرى ئۇچرىغان بولۇپ، پەقەت ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى موسكۋا رايونى، يەنى ھازىرقى شەھرىخان ناھىيىسىدىلا ئارتۇش، دولان، جاڭجال، قەشقەرمەلە، قەشقەرقىشلاق قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق جاي ئىسمى تىزىمغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ ئىزباسقان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يېزىسىدا قەشقەرمەلە دېگەن جاي بار بولۇپ، 1960-يىللىرىدا بۇ يېزىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغان كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ 110-120 يىللار ئىلگىرى قەشقەردىن كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردە قەشقەر مەھەللىسى پەيدا قىلغان. بۇ كىشىلەر 60-يىللارغا كەلگەندە تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن [97]. 1960-1970-يىللىرى ئارىسىدا يەنە شەھرىخان يېزىسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرى ئەلىخان موللاخۇن ئوغلى ئارازىنىڭ ئوغلى 73 ياشلىق مۆمىنجان ئەلىخانوفمۇ ياشىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا شەھرىخان يېزىسىغا ئارازىنىڭ قەبرىسىگە ئورنىتىلغان خاتىرە تاشقا ئارازىنىڭ 1869-يىلى، مەرغىلان ناھىيىسىنىڭ شەھرىخان يېزىسىنىڭ قەشقەر مەھەللىسىدە توغۇلغانلىقى، ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ 1930-1835-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەردىن كېلىپ، يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، ئارازىنىڭ ئوغلى مۆمىنجان ئەلىخانوف شۇ ۋاقىتتىكى شەھرىخان يېزىسىنىڭ زور كۆپچىلىك ئاھالىسىنىڭ قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن[98]. بىراق بۇ ئاھالىلارنىڭ ھەممىسى 60-70-يىللاردا ئاللىقاچان ئۆزبېكلىشىپ، ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتايدىغان بولغان ئىدى. غوجاخمەت سادۋاقوسوف قاتارلىقلار يەنە ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ بۇتاقارا يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش جەريانى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ يېزىدىكى قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ 1939-1940-يىللىرى ئارىسىدىن باشلاپ ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان[99].
1959-1960-يىللىرى ئارىسىدا ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى تارقاق ياشىغان بولۇپ، سوۋېت ئېتنوگرافلىرى شۇ ۋاقىتتا پەقەت ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ۋىلايەتتىكى 79 كولخوزغا ھەمدە پەرغانە ۋادىسىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بېكىتكەن[100].
1950-1960-يىللاردا قەشقەر كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى يەنە نامەنگان شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىمۇ ياشىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇلار ئوخشاشلا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزبېك كىملىكىنى قوبۇل قىلىپ بولغان ھەمدە نامەنگان، ئەنجان ۋە باشقا جايلاردا ئۆزبېك تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئارىلاشقان ئۆزگىچە شىۋىلىق خۇسۇسىيەتلىرى شەكىللەنگەن.
سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسى ئا.ك بوروۋكوۋ ئۆزىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى تەكشۈرۈشلىرى نەجىتىسىدە 1963-يىلى يازغان ئىلمىي تەتقىقات ئەمگىكىدە نامەنگان ئاھالىسىنىڭ مۇھىم يادروسىنى قەشقەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر تەشكىل قىلغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىپ، ئۆزبېك تىلىنىڭ بىر شىۋىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى يەكۈنلىگەن[101]. ئۆزبېكىستان ئالىمى ئا.مەمەتوف بولسا، ئۆزىنىڭ 1967-يىلى ئۆزبېك تىلىنىڭ ئەنجان شەھەر شىۋىسى ھەققىدىكى دىسسېرتاتىسىيىسىدە، «ئەنجان شىۋىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇلار ھازىرمۇ ئەنجان شەھىرىدىكى مائارىپ، ئەسكىلىك، تاختاكۆپرۈك، كالىنىن ۋە باشقا مەھەللىلەردە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزبېك تىلىدا سۆزلىشىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ تىزىملاتقان» دېگەن مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان [102].
قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرى ساھەسىدە كۆپ تەتقىقات قىلغان ئاتاقلىق سوۋېت تۈركىلوگى كونستانتىن يۇداخىن 1940-1950-يىللىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە 1950-يىلى مەخسۇس ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئارىلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش ھەمدە ئۆزبېك تىلىغا سىڭىپ تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇ، ئاساسلىقى پەرغانىنىڭ قىرغىزىستانغا تەۋە ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر -ئۆزبېك تىللىرى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، «ئوش شەھىرى ئاھالىسىنىڭ تەركىبىنى خېلى بۇرۇنلا تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت ۋە تىل جەھەتتىن يەرلىك ئۆزبېك ئاھالىسى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن مۇھىم قىسىم ئاھالە تەشكىل قىلىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوشتىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەنە شۇ كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.
سوۋېت ئالىملىرىدىن پولىۋانوۋ، رېشېتوۋ، يۇداخىن، بوروۋكوۋ، قايداروۋ، سادۋاقوسوف، ئىسمايىلوف ۋە باشقىلار پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرى سىڭگەنلىكىنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ رايونلاردىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىلىرى تەركىبىدە ئۆزبېك تىلىنىڭ باشقا شىۋىلىرىدە كۆرۈنمەيدىغان، ئەمما پەقەت ئۇيغۇر تىلىغىلا خاس بولغان بىر قىسىم سۆزلەر ھەم فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقى ئالىملار تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلدى.
ئومۇمەن، پەرغانە ۋادىسىنىڭ ھەر قانداق بىر جايىدا ھازىرمۇ يەنىلا كۆپلىگەن ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتاپ يۈرگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدىغانلار مەۋجۇت. ئەنجان، مەرغىلان، نامەنگان ۋە ئوش قاتارلىق شەھەرلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى بۈگۈنكى كۈنلەردىكى ئۆزبېكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تەركىبىنى زور ساندىكى ئەسلى قەشقەرلىك كۆچمەنلەر- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەنلىكىدە شەك يوق.
پەرغانە ۋادىسىدا ھازىر ياشاۋاتقان، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغان ئاھالىلارنىڭ سانى مەيلى ئۆزبېكىستان ۋە ياكى قىرغىزىستان بولسۇن، ھەر ئىككىسىدىلا ناھايىتى ئاز. ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئەنجان ۋىلايىتىدە يەنە ھازىرمۇ «ئۇيغۇر» دېگەن نام ئاستىدىكى جايلار مەۋجۇت. ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قاراسۇ رايونىنىڭ قەشقەر قىشلاق يېزىسىدا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان. پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ قالدۇق ئۇيغۇرلار گەرچە بەزى جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆز ئانا تىلىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزبېك تىلىنى ئىشلىتىدۇ. ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بۇ ئاھالىلارنىڭ ھەممىسى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن يەنىلا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزبېكلىشىپ بولغان بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ مىللەت نامىلا ساقلىنىپ قېلىنغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ قالدۇق ئىسمى بار، جىسمى يوق ئۇيغۇر ئاھالىلار 21-ئەسىردە خۇددى 19-20-ئەسىردە بېشىغا كەلگەندەك ئۇزۈلمەي داۋاملاشقان سىڭىش ۋە يوقاپ كېتىش تەقدىرىگە يەنە دۇچ كېلىشى مۇقەررەر.
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تارىخىي مۇساپىلىرىنى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىش ھادىسىسى پەقەت ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا ئەڭ گەۋدىلىك بولدى. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ھەم تاجىكىستان ئەڭ روشەن بولۇپ، بۇ خىل ھادىسە بۇ ئۈچ جۇمھۇرىيەتنىڭ پەرغانە ۋادىسىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. سىڭىشىش ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ پەرغانىدىكى ئاساسلىق قىسىمىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تەشكىل قىلىش بىلەن خۇلاسىلاندى. ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان قىسىمىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تاشكەنت ۋە باشقا جايلارغا تارقىلىپ، شۇ جايلارنى مەركەز قىلغان بولۇپ، بۇلار 1955-1963-يىللىرى ئارىسىدىكى كۆچۈشتە ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئۆزبېكىستاندىن تاشكەنت شەھىرىنى ئاساس قىلىپ، ئەنجان ۋە يەنە باشقا شەھەرلەرگە تارقالغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرى شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرلىرىدە قازاقىستاندىن تاشكەنت ۋە باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئوقۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ قالغان يەتتەسۇلۇق ئۇيغۇرلاردۇر. مانا بۇ گۇرۇپپا بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسىي مىللىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئەۋلادلىرى تۈگەپ، ئىككىنچى ئەۋلادلىرى ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 50-80-يىللار ئارىسىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ مائارىپ تەربىيىسىنى ئۆزبېك ۋە رۇس تىللىرىدا، قىسمەنلىرى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا ئالغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر تىلى پەقەت ئائىلە تىلى ۋە ئۆزئارا ئالاقە تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ 3-ئەۋلادلىرى بولسا تامامەن دېگۈدەك ئۆزبېك تىلى ۋە ياكى رۇس تىلى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە دۇنياغا كەلگەن يېڭى ئەۋلادلار بولسا ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزبېك تىلىدا تەربىيە ئېلىپ، ئۆزبېك جەمئىيىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. دېمەك، ئەمدىكى نۆۋەت ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان ۋە تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزبېكلەردىن ھېچ پەرقى بولمىغان يېڭى ئەۋلادنىڭ يەنە بىر قەدەم ئۆزبېك جەمئىيىتىگە قوشۇلۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. قىرغىزىستانغا تەۋە ئوش، ئۆزگەند، قاراسۇ، جالال ئاباد قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا، تېخىمۇ شۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا. ئۇلار ئومۇمەن، ئۆز تىلىدىن ئايرىلىپ بولغان. گەرچە، ئەنجان ۋە ئوش قاتارلىق جايلاردىكى پەرغانە ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش قىزغىنلىقى بولسىمۇ، ھەتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرلۈك سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ئۆز مىللىي ناخشا -مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۆز سەنئىتىنى نامايەن قىلىش ھەم ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالماسلىقى تەبىئىي.

مەنبە : كۆكلەم تورى
http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1799

Comments (3)

  • ئۆمەرجان

    بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم،ماقالە تەپسىلى چىقىپتۇ،ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت،شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى بىلىمدىن ئاز تولا خەۋەردار بولۇپ قالدىم،ئەمما ئاشۇ مىللى كىملىكنى يوق قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىشى زادى رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ شۈيقەستىمىدۇ ياكى ئۆزبەك،قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ سىياسى پىلانىمىدۇ؟چۈنكى ۋەتەندىكى قېرىنداشلاردا مۇشۇ توغرىسىدا ئۆزبەكىسستان ،قىزغىزرىستاندىكى ئاغرىنىش،زىددىيەتلەر باردەك.

  • ئابدىۋەلى

    رەخمەت

  • ئورخۇن0996

    بۇماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم،ھەم تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم،مۇئەللىپنىڭ كۆپ ماتىريال كۆرگەنلىكى كۆرنۈپلا تۇرىدۇ، تاترتقان جاپا يىڭىز بىكار قالمۇسۇن،بەركەتلىك قۇللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ! بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا كېلىۋاتقان مائارىپ مەسىلىسى ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەسلىگە بىر ئاز ئوخشايدۇ،مىللى مارىپ مىللى كىملىكنىڭ مەسئولى ئەلۋەتتە. مارىپى يوقالسا باشقىسى دىگەن بىردەمچىلىك ئىش.چۈنكى تىلىڭ قانداق بولسا دىلىڭ شۇنداق بولىدۇ دىگەن گەپ بار،مائارىپسىز مىللەت ئۇزۇنغا بارمايدۇ، مىللى مائارىپ مىللى ئاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. بىر مىللەتنىڭ مارىپىغا باشقا بىر مىللەت ياردەم قىلالمايدۇ،پەقەت ئۆزى تىرشىپ ئۆزگەرتىش كېرەك،بولمىسا ئۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن سۆز ئېچىش مۆمكىن ئەمەس . ھازىر بىزنىڭ مارىپىمىز يەنە بىر قېتىملىق سىناققا دۈچ كېلىۋاتىدۇ، قۇش تىل مارىپى، مىللىيلارنىڭ خەن مەكتەپىرىدە ئوقۇشى دىگەن ئىشلار بىزنى ھازرقى ئوتتۇرا جۇمھۇريەتلىرىدىكى ياشلارنىڭ ئۆز مىللى مارىپى ۋە مىللى تىلىدىن، روسلىشىشقا قاراپ ماڭغىنىدەكلا ئىش،بۇ بىر خەتەرلىك ئەھۋال، يەنە مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئاقىۋەت ھەممىسى يوق بولىدۇ، ئەينى يىللىرى سوۋىت تۈركىستانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، بىزنىڭ رايۇنىمىزدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىدۇ،بىزنىڭ باللىرمىزمۇ خەنچە مەكتەپلەرگە كىرىپ جەمىياتكە چىقىپ شۇلارنىڭ جۈمىلقىسىدىن بولۇپ چىقىدۇ، ئارىدىن بىر مەزگىل ئۇتكەندىن كىيىن ئۇلار بىزنىڭ ئەقداتلىرىمىزنى چەتئەللىك كۆچمەن، تىرورچى، تاجاۋۇزچى، دەپ تونۇيدۇ. ھەتتا مەخمۇت قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى ….قاتارلىق بوۋىللىرىمىزنى ئىلىم تەھسىل قىلغىلى كەلگەن چەتئەللىك دەپ قارايدۇ،ھەتتاكى تونىماسلىقىمۇ مۆمكىن.شۇڭا بىزمۇ پەرزەنتىمىزنى مىللىي مارىپتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتساق،ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرى توغۇرسىدا ھەم ئاز تولا ئىسلام توغۇرسىدا بىلىم ئۈگىتىشىمىز كېرەك بولمىسا يېڭى بىر قەۋىمنى تەربىيىلەپ چىققان بولىمىز،ئۆتۈپ كەتكەن ئۇ تارىخ بىزنىڭ ياكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بېشىغا قايتا كەلمىسۇن. بىز ناخشا -ئۇسۇل بىلەن ئەمەس بىلىم مارىپ،پەن تېخنىكا بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇپ مەۋقۇتلىقىمىز ھەم كىيىنكى تەرەقىياتىمىز ئۈچۈن كۆپىرەك كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top