You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىسلامىيەتتىكى ئاساسلىق مەزھەپ-پىرقىلەر — سۈننىي مەزھىپى

ئىسلامىيەتتىكى ئاساسلىق مەزھەپ-پىرقىلەر — سۈننىي مەزھىپى

1. سۈننىي مەھىپى
سۈننىي مەزھىپى ئىسلامىيەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق مەزھەپلەرنىڭ بىرى، شىئە مەزھىپى بىلەن دەرقەمـدە بولغان ئوخشىمىغان ئىككى چوڭ سىياسىي، دىنىي مەزھەپنىڭ بىرىدۇر. «سۈننىي» ئەرەبچە ئىبارە بولۇپ ئەسلى مەناسى «سۇننەتكەئەمەل قىلغۇچىلار» بولۇپ، تولۇق ئاتىلىشى «ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائە»بولۇپ، ئەھلى سۈننىيلەر ئۆزلىرىنى «ئەھلى سۈننەتلەر» دەپ ئاتايدۇ. مەزكۇر مەزھەپ ئەسلىدە ئىسلامىيەت ئىچىدىكى ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشلارغا ئىگە سىياسىي مەزھەپ ئىدى. مىلادىيە 632- يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمان ئۇممەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋارىسلىق قىلغۇچى مەسىلىسدە، پىكىر ئىختىلاپلىرى كۆرۈلۈپ بۆلۈنۈش كېلىپ چىقتى. تۆتىنچى نۆۋەتلىك خەلىپە ئەلىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاۋۋالقى ئۈچ خەلىپىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشىپ، بىر يېڭى سىياسىي، دىنىي مەزھەپ «شىئە» لەر بولۇپ شەكىللەندى، ئەلھالكى، كۆپ سانلىق كىشىلەر ئاۋۋالقى ئۈچ خەلىپىنىڭ ئورنىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قېلىشتى، ھەم ھەزرەت ئەلىنىڭمۇ خەلىپىلىكىـنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئېتراپ قىلىشتى، مانا بۇ سۈننىيلەرنىڭ دەسلەپكى تەشكىلى گەۋدىسى. بىراق زامانىسىدا بۇ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسلىرى پەقەت ئەرەب يېرىم ئارىلى دائىرىسىدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەردىكى مۇسۇلمانلار بىلەنلا چەكلىنەتتى. كېيىنچە، خەلىپە ئىمپىرىيىسىنىڭ سىرتقا قارىتا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىدىن، ئىجتىمائى ئاساسلىرىمۇ ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ بارغان، ئالايلى ئىككى دەريا ۋادىسى رايونىدىكى ئىراقلىقلار، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى پارىس ۋە تۈرك خەلقلەر، جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندىلار، شىمالى ئافرىقىدىكى بەربەرلەر قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق دىنىي ئېتىقاد بىرلكىدىكى كۆپ مىللەتلىك گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئىسلامىيەت تارىخىدا، سۈننىيلەر سىياسىي، ئىدىئولوگىيە، جەھەتلەردە ئۇزاق مەزگىللەرگىچە ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، ئۇمەۋىييە سۇلالىسى، ئابباسىيە سۇلالىسى، ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى قاتارلىق ئىنتايىن كەڭ تېرىتورىيەلىك دۆلەتلەر ھەمدە يەرلىك ئىسلام ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇپ چىققان، تەسىرى ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغان، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ %80 تىن ئارتۇقراقى سۈننىي مەزھىپىگە تالىق بولغان بولىدۇ. جۇڭگودىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارمۇ سۈننىي مەزھىپىگە تەۋەدۇر، مەزكۇر مەزھەپ كاتتا ئىمام ھەنە- فىيەنىڭ فىقھە تەلىماتلىرىنى تەن ئالىدۇ.
سۈننىي مەزھىپى ھەرخىل دىنىي مەسلەكلەر، ئىلىمى تەلىمات تائىپىلىرى، شەرىئەت ئىلمىي گۇرۇھلىرى (فىقھە شۇناسلار) قاتارلىقلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەشلىرى جەريانىدا پەيدىن- پەي شەكىللەنـگەن، بولۇپمۇ شىئە مەزھىپى بىلەن بولغان كۈرەشلەر ئەڭ كەسكىن بولغان. شىئە مەزھىپى بىر يۈرۈش سىياسىي، دىنىي تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ ھالنىڭ ئۆزى سۈننىي مەزھىپىنىڭ قايتارما زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ دىنىي ئەقدە ۋە ئىلمىي تەجۋىد تەرەقــقياتىنى ئىلگىرى سۈردى.9- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاش سۈننىي مەزھىپىدە سىستېملىق دىنىي ئىدىيە تۈزۈلمىسى بەرپا بولۇشقا باشلىدى، بۇ ھال ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي كۈرەشلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى خانلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەشتە، ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە «ئىسلاملاشتۇرۇش»، «ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ئىرادىسىنى ئىشقائاشۇرۇش» لارنى دۆلەت سىياسىتى قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شىرىپ» لەرگە، شەرىئەت ئىلىملىرىگە پىششىق ئىسلامىــيەت ئالىم، ئۆلىمالىرىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەبلىغ- تەرغىبات قىلىش خىزمەتلىرىگە تاياندى. خەلىپەھارون رەشىد (908 – 786) زامانىسىدا ھۆكۈمران تەبىقە ئىچكى قىسمىدا ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلىش كېلىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بىر تەرىپى، پارىس مۇسۇلمانلار ھەمدە شىئەلەرگە خەيرىخاھ بولغۇچىلارنى ئاساس قىلمىش خانلىق ھوقۇقنى مۇستەھكەملەپ، دىنىي ھوقۇقنى سۇسلاشتۇرۇش تەرەبدارلىرى ئىدى. يەنە بىرى بولسا، ئاشۇ ئەرەب ھەربىي ئاقسۈڭەكلەر، ئىسلام ئالىم، ئەللامەلىرى تەبىقىسى، ھەمدە، غەيرى ئەرەب مۇسۇلمانلار بولۇپ، بۇلار ئەكسىھالدا، خانلىق ھوقۇقنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، دىنىي ھوقۇقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئالدىنقى گۇرۇھ خەلىپىنىڭ قوللىشى ۋە تايىنىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، كېيىنكىلەر چەكلىمىگە ئۇچىرىـدى. خەلىپە مەئىمون (833- 813) دەۋرىدە، مۇئتەزىلىيەرنىڭ «‹قۇرئان كەرىم›ياسالغان نوقتە ئىينەزەرى» ى مەجبۇرىي جارى قىلىنىپ، قارشى پىكىردە بولغۇچىلاردىن ئىمام ئىبنى ھەنبەلى قاتارلىق دىنىي داھىيلار زىيانكەشلىككە دۇچار بولدى، ئەخبارىيلار باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئالىملىرىـنىڭ دەۋرانى تۈگىگەن بولدى. خەلىپە مۇتەۋەككۈل (861 – 847) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يەنە ئىسلام ئالىم، ئەللامەلىرىگە تايىنىش سىياسىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مۇشۇنداق ئۇزاققا سوزۇلغان ھوقۇق تالىشىش ئىككى تۈرلىك ھاسىلاتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنىڭ بىرى، دىنىي ئەقىدە مەپكورەلىرى تالاش- تارتىشىدا، مۇئتە- زىلىيەلەردىن بۆلۈنۈپ چىققان ئەبۇ ھەسەن ئەلى بىننى ئىسمائىل ئەشئەرى (935- 873) بەرپا قىلغان ئىلمىي ئېقىمدۇر، مەزكۇر ئېقىم مۆتىدىللىك ۋە مادارا قىلىشتەك ئىلمىي تەجۋىدچىلەرنىڭ يىتەكچى ئورنىنى تىكلىدى؛ يەنە بىرى بولسا، دىنىي ئاقىللار باشچىلىقىدىكى زور بىر تۈركۈم ئەرەب مۇسۇلمانلىرى ھەمدە ئۇلارغا بىقىنغان تۈرۈك مۇسۇلمانلاردا بىر تۈرلىك دىنىي ئېتىقاد ھەم مىللىي خۇسۇسىيەت ئاساسىدىكى دىنىي ئەقىدىلەر بىخلىنىشقا باشلىدى، بۇ جامائە ئۆزلىرىـنى «سۈننەتكە ئەمەل قىلغۇچىلار»، «ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائە»، «ھەدىس ۋە سۈننەت تەرەبدار لىرى»، «ھەقىقەت ۋە سۈننەت تەرەبدارلىرى» دەپ ئاتاپ، باشقا مەزھەپ- پىرقىلەر بىلەن بولغان پەرقىنى نامايەن قىلىدىغان بولدى. سۈننىي دىنىي ئىدىيىسىنىڭ سىستېملىشىشى، تۈزۈمـلىشىشى ھەرقايسى ئىلىم تارماقلىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ئاساسلىق بەلگە قىلغان بولدى. 9- ئەسىردە، ئەھلى سۈننەت ئەسلىيەچى ئالىملار تەبىقىسى «قۇرئان كەرىم» نىڭ «مۇسھەف ئوسمانى» نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، 10- ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرى، يەتتە چوڭ قىرائەت پىشۋاسىنىڭ ئوقۇش ئۇسۇلى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن قۇرئان ۋە كىتابلارنىڭ مۆتىۋەر نۇسخىسى مەيدانغا چىقتى، يېزىش بىلەن ئوقۇشلار بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.10- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھەرقايسى ئىلمىي ساھەلەر شەكىللىنىپ، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلدى. ئەسلىيەچى ئالىملار «قۇرئان كەرىم » نى تەپسىرلەش، ھەدىسشۇناشلىق، ئىلمىي تەجۋىد ۋە شەرىئەت ئىلمى قاتارلىق ئىلمىي ساھەلەر بىر ۋاراقى مەيدانغا چىقتى. «قۇرئان كەرىم» تەپسىرىدە ئىبنى تەبەرىنىڭ «قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى» ئەڭ ۋەكىللىك ئورۇنغا ئىگىدۇر. ھەدىسشۇناسلىقتا ئاساسەن ھەدىسلەرنى توپلاش، تەھقىقلەش، رەتلەش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەندى ھەمدە شەرىئەت تۈزۈش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشلەرنىڭ تۈپ ئاساسىلىرىدىن بىرى قىلىندى، كىشىلەر دىنىي مەسىللەر ھەمدە ئىجتىمائىي مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا ھەردائىم ھەدىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغان، ئۆرنەكلەر ئالىدىغان بولدى. مەشھۇر «ئالتە ھەدىس توپلىمى» مەيدانغا چىقتى، بۇلارئىچىدە «سەھىھۇلبۇخارى» بىلەن «سەھىھۇلىم مۇسلىم» دىن ئىبارەت ئىككى توپلام بەكمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. ئىلمىي تەجۋىد جەھەتتە، 10- ئەسىردىكى ئەشئەرىيە ئىلمى تائىپىسىنىڭ روۋناق تېپىشلىرى دىنى ئېتىقاد ئىلمىدە زور يۈكسىلىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىلمى تائىپە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شىرىپ» لەرنى ئاساس قىلىشتەك تۈپكى ئىمان- ئتىقادتا، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىدە، ئاللاھ بەرھەق، كېيىن ياساپ چىقىلغان ئەمەس، مۇقەددىمە ئاخىرسىز، مەڭگۈلۈك دېگەنلەردە چىڭ تۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم» گە پۈتۈلگەن مەنىلەرنى چۈشىنىش ۋاجىبلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، «قۇرئان كەرىم» نىڭ «باتىنىي مەنالىرى تەلىماتى» غا قارشى تۇرۇشنى تەشەبۇس قىلىدۇ. ئەل ئەشئەرىي ئىلمىي ئېقىمى مۇئتەزىلىيەچىلەرنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى پۈتۈلمىش ئەزەلنى ئىنكار قىلىش ۋە «ئىرادە ئەركىنلىكى تەلىماتى» لىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ دېئالىكتىك ئىدىيسنى قوبۇل قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئېتىقادلارنى دەلىلــلەش، «ھەدىس تەرەبدارلىرى» نىڭ ئەنئەنىگە ئېتبار بېرىپ، ئېدراكقا سەل قاراشتەك كەمتۈكلىرىنى تولۇقلىدى. ئەمما، ئەل ئەشئەرىي ئىلمىي ئېقىمى چەكتىن ئاشقان دوگما ۋە قاتمال بولۇشىدىن كۆرە، ئۇزاق مەزگىللەرگىچە ئەھلى ھەدىسچىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان. 11- ئەسىردە نوپۇزلۇق زور ئەللامە ئەل غەززالى (1058 ـ1111) ئەلئەشئەرىيە ئېقىمىنى ئىسلاھ قىلىپ، بىر تەرەپتىن، دىنىي تەجرىــبىلەرنى «دېئالىكتىكا تەرەبدار» (ئەھلى مۇتەككەللىم) لىقنىڭ ئاساسى قىلىپ، كېرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەشئارىيە ئېقىمىنى قۇتقۇزۇپ قالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئەنئەنىۋى ئېتىقادچىلار ئېقىملىرى بىلەن ئېتىقادنى مىستىتىك سىرلىقلاشتۇرغۇچىلار ئېقىملىرىنى ياراشتۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەت زىيانكەشلىككە ئۇچراش، بېسىلىشلاردا تۇرۇپ كەلمىش تەسەۋۋوپ ئېقىمىنى ئەسلىيەچىلەر مەپكۇرە تۈزۈلمىسىگە ئېلىپ كىردى، ھاسىلاتتا، ئەل- جامائەت ئېتىقاد فورمىلىرى بىلەن ھاكىمىيەت تەرەپ ئېتىقاد فورمىلىرىدىكى ئىختىلاپ، سۈركىلىشلەرنى يۇمشۇتۇپ، ئىسلامىيەت دىنىي ئەقىدە نەزەرىيەلىرىدە يېڭى جانلىـنىشلارقوزغاپ، مول ئىسلامىيەت ئىلمىي تەجۋىد مەپكۇرەلىرىنى توپلاپ، ئەھلى سۈننىيلەر تەرىپىدىن مەقبول بولمىش ئەنئەنىۋى ئېتىقادقا ئايلاندۇردى. شەرىئەت ئىلمى جەھەتتە، ئىلگىرىكى مەز- گىللەردىكى «ئەسلى ھەدىسلەر» بىلەن «ئەھلى راي» تەرەبدارلىرى ئاساسىدا، ئەللامە فىقھ شائىفىي ئوتـتۇرىغاقويغان سىستېمىنىڭ شەرىئەت تۈزۈش قائىدىلىرى تۈزۈلمىسىنى تۇرغۇزۇپ، «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شىرىپ» ئىجمائى ۋە ئەقلى خۇلاسە چىقىرىشتەك تۆت چوڭ شەرىئەت تۈزۈش ئاساسىنى مۇئەيـيەنلەشتۈردى، ئەلھال، چوڭ جەھەتلەردىن بىردەك، كىچىك جەھەتلەردىن پەرقلىق بولغان خانافىيە، شافىئىيە، مالىكىيە ۋە ھەنبەلى قاتارلىق تۆت چوڭ شەرىئەت ئېقىمى شەكىللىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى كۆرسەتمە، قائىدە- تۈزۈملەر بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۈننىي مەزھىپى دىنىي ئەنئەنىلىرى، دىنىي ئىدىيەلىرى ۋە دىنىي قائىدە- تۈزۈملىرىنى تۇرغۇزدى. ئابباسىيلار سۇلاىسى ۋە سالجۇقىيلار سۇلالىسى ھەمدە ئومانلى تۈرك ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ يار- يۆلەك بولۇشلىرىدا، سۈننىي مەزھىپى ئىسلامىيەتتىكى مۇتلەق ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ، ئاساسى مەزھەپ بولۇپ قالغان.
سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئېتىقاد ئىدىيە تۈزۈلمىسى ئاساسلىقى تۈۋەندىكى بىرنەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
سىياسىي تەلىماتلار
ئابباسىيە سۇلالىسىدىن بۇيانقى تارىخى دەۋرلەردىكى شەرىئەت فىقھە ئەللامەلىرى ۋە ئىسلام ئالىملىرى زامانىسىدىكى ئەنئەنلەرگە، خەلىپەلەر دەۋرىدىكى تارىخى ساۋاقلارغا ئاساسلىنىپ، ئەمىلىي ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، بىرقەدەر سىستېملىق نەزەرىيىۋى تەلىماتلىرىنى مەيدانغا چىقارغان. ئۇشبۇ نەزەرىيە تەلىماتلار سىياسىي تۈزۈم، دۆلەت تۈزۈلمىسى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، خەلق تۇرمۇش شەكلى قاتارلىق تۈرلىك- تۈرلىك تەرەپلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپنىڭ قارىشىچە، ئىسلامىيەت مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بىردىن- بىر ئەڭ لىلاھ قائىدىگە ئويغۇن بولمىش سىياسىي تۈزۈلمە سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن خەلىپىلىك تۈزۈلمىسىدۇر، دۆلەتنىڭ مۇتلەق ھوقۇقى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولىشى كېرەك، مۇقەددەس شەرىئەت ئەڭ ئالىي پرىنسىپ بولۇشى كېرەك. خەلىپە دۆلىتى ئىسلام روھىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئاممىسنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدىشى، ئورتاق ئېتىقاد ئەھلى ئورگانىك بىر گەۋدىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇشى لازىم. دۆلەتنىڭ مەسلىكى خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلققە ئاتا بولۇش، چىگرانى قوغداش، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ماددىي پاراغىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت.دۆلەت رەھبىرى خەلىپە چوقۇم دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ياكى مەسلىھەت- كېڭىشىشىلەر ئارقىلىق مەيدانغا كېلىشى، مۇتلەق ھوقۇققا نائىل بولغۇچىلار ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇشى، پەقەت ئېتىقادى پاك، يىراقنى كۆرەلەيدىغان، مول ۋە چوڭقۇر بىلملىك، مۇسۇلمانلارغا ھەققانىي رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلارلا ئاندىن خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. خەلىپىنىڭ مەسئولىيەت ۋەبورچى ئىسلامىيەتنى جارى قىلىش، مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيە بىخەتەرلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداش، زۆرۈرىيەت بولغاندا «غازات» ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت. خەلىپە يەنە دۆلەت مەمۇرلىرىنى تەيىنلەشكە، باج يېغىش مەسىلىسىنى باشقۇرۇشقا، دۆلەت خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. خەلق ئاممسى خەلىپىنىڭ ھۆكمىگە ئىتائەت قىلىشى، ئۆكتە قوپۇپ غەلىيان چىقارماسلىقى لازىم. خەلىپە پەيغەمبەرنىڭ تەۋەرۈكلىرىنى باشقۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ زور تەبرىكلەش مۇراسىملىرىدا پەيغەمبەرنىڭ ساۋۇتىنى كېيىدۇ. سۈننىي مەزھىپى تۆت چوڭ خەلىپىدىن باشلاپ ئوسمانىلى ئىمپرېيىسىـگىچە بولغان ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تەن ئالىدۇ.
ئاساسىي دىنىي ئەقىدىلەر:
سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق دىنىي ئېتىقاد فورمىسى «ئالتە ئىمان» ۋە «بەش پەرز» دىن ئىبارەت. يەنى، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش؛ يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە پۈتۈش؛ پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىش، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە پۈتۈش؛ پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش؛ يەنى ئاللاھنىڭ ئىمان بىلەن نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى زېمىنغا ئىبەرتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىدىغانلىقىغا پۈتۈش؛ «قۇرئان كەرىم» گەئىمان ئېيىتىش؛ يەنى «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھىيلىرىدىن پۈتۈلگەنلىكىگە پۈتۈش؛ قىيامەتكە ئىمان ئېيتىش، يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە، قىيامەت سورىقى بولۇدىغانلىقىغا پۈتۈشلەردىن ئىبارەت. «بەش پەرز» مۇسۇلمانلارنىڭ چوقۇم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بەش تۈرلىك دىنىي ئەھكاملىرىدۇر، ئۇلار ئايەت، سۆرىـلەرنى ئوقۇش؛ بەش ۋاقلىق نامازنى ئوقۇش؛ روزا تۇتۇش؛ زاكات بېرىش؛ ھەج تاۋاب قىلىش قاتارلىقــلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، مۇئتەزىلىيەلەرگە ۋە شىئەلەرگە روبىرۇ مۇقابىل ھالدا سۈننىي مەزھىپى ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم دىنىي ئېتىقاد كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھنىڭ خۇسۇسىيەتىگە ئائىد مەسىللەردە، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقى ھېچقانداق شەيئى، ھادىسىلەرگە ئوخشىتىش مۇمكىن ئەمەس، ئاللاھتا سان- ساناقسىز پەزىلەتلەر ھازىر، ئەمما ھەرگىزمۇ ئىنسانىيلاشقان ھالدا ئەمەس. ئالەمدىكى جېمى مەۋجۇدات، مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ياراتمىشى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەزىلەتلىرى مۇجەسسەم ئەمەس. «‹قۇرئان كەرىم› خۇسۇسىدا مەزكۇر مەزھەپنىڭ قارىشى قۇرئان كەرىم» ئەڭ ئالى، ئەڭ مۇقەددەس نازىلى كىتاب، ئاللاھنىڭ كالامى، ياسىغىلى بولۇدىغان، مۇقەددىمە ۋە ئاخىرىسى بولۇدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ مەڭگۈلۈكتۈر. ئۇنىڭ زاھىرەن مەنالىرىگە ئەمەل قىلماق ۋاجىب. غايە، ئىرادەت بىلەن تەغدىر ئەزەل مەسىللىرى خۇسۇسىدا سۈننىي مەزھىپى ئاللاھنىڭ تەغدىر ئەزەل قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا بەندىدىمۇ ھەم ئىرادەت ئىمكانلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئاللاھ جېمى ئوبيېكتنى ياراتقان، جېمى ئالەم ئاللاھنىڭ نەزەرىدە بولىدۇ، ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئىرادەت ئەركىنلىكى ئاللاھ ئىرادىسى ئىمكا- نىيەتىدىكى تاللىنىشتۇر، ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەددى- ھەرىكەتلىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، ئىختىيار قىلالايدۇ. ئىنساندا ياخشى ياماننى ئىلغاش ئىختىدارى ھازىرلانغان، ئادەمنىڭ ئىختدارى قانۇنىيەت ۋە ئىختىيارەنلىك (ئەركىنلىك) ئارىسىدا فونكىسىيە ئاتقۇرىدۇ.
شەرىئەت ئىدىيسى
سۈننىي مەزھىپى شەرىئەت ئىدىيىسى شەرىئەت تۈزۈش (قانۇن چىقىرىش) قائىدە ۋە نەزەرىيەلەر تۈ- زۈلمىسى ۋە شەرىئەت ئىلمىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ. ھەنەفىيە، شافىيە، مالىكىيە، ھەنبەلى قاتارلىق تۆت چوڭ شەرىئەت ئېقىمىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»، ھەدىس، ئىجمائـ، ئەقلى يەكۈن قاتارلىق ئىجتىھات فىقھە ئاساسىدىكى تۆت چوڭ شەرىئەت تۈزۈش پرىنسىپىنى تۇتقا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەر ئاساسلىق مەنبە، ئىجمائ، ئەقلى يەكۈن قاتارلىقلار ئىككىنچى ئورۇندىكى مەنبەلەر ھېسابلىنىدۇ. مەلۇم بىر ئىش شەرىئەتكە مۇناسىپمۇ ئەمەسمۇ؟ ئاۋۋالىدە «قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەدىسلەرگە مۇراجىئەت قىلىش لازىم، ئەگەر «قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەدىسلەردە مۇناسىپ ئۆرنەكلەر بولمىغاندا، ئاندىن مەخسۇس شەرىئەت شەرھىيسى بىلەن مەشغۇل بولمىش فىقھە، مۇپتىلارغا ھاۋالە قىلىپ، ئەقلى يەكۈن چىقىرىش، ئىجمائقىلىشقا بولىدۇ. ئەقلى خۇلاسىلەرگە ئاساسلىنىپ چىقىرىلغان يەكۈنلەر كۆپ سانلىق شەرىئەت ئەللامەلىرىنىڭ ئىجمائ جارىلىقلىرىدا مۇئەييەنلەشسە، ئاندىن ئىتائەت قىلىشقا بولىدىغان شەرىئەت ئۆرنەكلىرى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىھاد، ئىستىسھاب، ئىستىسلاھ قاتارلىقلارنى شەرىئەتكە ياردەمچى قىلىدۇ، يەنە شۇنىڭدەك مەلۇم شەرىئەت ئىلمى گورۇھلىرىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا نائىل بولۇشلارمۇ فىقھە چىلىقنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. مەشھۇر ھەدىسشۇناش بۇخارى، مۇسلىم، ئىبنى مەجىد قاتارلىقلار توپلىغان «ئالتە چوڭ ھەدىس توپلىمى» ئومۇميۈزلىك مەقبول بولغان جارى شەرىئەتتە «قۇرئان كەرىم» دىن قالسىلا كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدۇ. فىقھشۇناسلىق جەھەتتە بۇرۇنـقى تۆت چوڭ ئىمام ئەسەرلىرى، كېيىنكى ئالىم، ئەللامەلەرنىڭ مۇھاكىمىلىرى ھەمدە نوپۇزلۇق فىقىھلەر ئېلان قىلغان رەسمىي شەرىئەت ئەندىزە (پەتىۋا) لىرى ئاساس قىلىنىدۇ، تۆت چوڭ شەرىئەت ئىلمى ئېقىمىنىڭ تەلىماتلىرىمۇ ئوخشاشلا مۆتىۋەر قارىلىدۇ، ئۆز ئارا تولۇقلاشقا بولىدۇ. شۇڭا، سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئەت ئىدىيىسى بىر قەدەر جانلىق، كونكرېت ۋەزىيەتتە، كونكرېت ئوبېيېكتقا كونكرېت قوللۇنىلىدۇ، كەڭچىلىكلەر جارى بولۇپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ مەزكۇر مەزھەپنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرىلىدۇ. يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان زامانىۋى قانۇن- تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى دولقۇنىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، سۈننىي مەزھىپىدە چەتئەللەرنىڭ قانۇنلىرىدىن ئوزۇق ئېلىش خاھىشلىرى كېلىپ چىقتى، ھەمدە، ئىسلام قانۇنلىرىنىڭ قانۇن نەزەرىيەسى، قانۇن سوبىستانىيىسى ۋە ئەدلىيە تۈزۈمىلىرى ئىزچىل ئۆزگەرتىلىپ تۇرۋاتىدۇ، ئەمما، يەنىلا ئەنئەنىۋى ئىسلام شەرىئەتلىرى ئاساس قىلىنىدۇ.
2. مۇئتەزىلىيەچىلەر
مۇئتەزىللەرمەزھىپى8- ئەسىردىن12- ئەسىرگىچە ئىسلام دىندىكى پەلسەپەۋى ئېقىم بولۇپ كەلگەن. غەرىب ئالىملىرى «ئەقىلىيەچىلەر» دەپ ئاتاشقان. «مۇئتەزىلىيە» ئەرەبچە ئىبارە، مەنىسى «بۆلۈنۈپ كەتكەنلەر» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسلىدە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى سىياسىي كۈرەش ۋە دىنىي مەسىللەردە بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتقان مۇسۇلمانلار تائىپىسىنى كۆرسىتەتـتى. 10- ئەسىردىن كېيىن، سۈننىي مەزھىپى ئالىملىرى تەرىپىدىن، 8- ئەسىردىن10- ئەسىرلەرگىچە بەسىرە ۋە باغداتلاردا جانلىنىپ كەتكەن ئەقلى تەپەككۈر قىلىش مىتودلىرى ئارقىلىق ئىسلامىيەت دىنىي ئەقىدە مەسىللىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرە قىلىنىش ھادىسىلىرىنى سەلبىي مەنىدە «مۇئتەزىللەر» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانىدى. يەنى «ئۇلارئاللاھنىڭ ھەق يولىدىن تايدى»، «بۆلۈنگۈچىلەرقوۋمى» دەپ ئەيىبلەشكەنىدى. بىراق مۇئتەزىلىيەچىلەر ئۆزلىرىنى، ھەقىقى «تەنھا رەۋىشتە ئاللاھنى تونۇغانلار، ھەق- ئادالەتكە رىياسەت ئەتكۈچىلەر» دەپ ئاتىشىدۇ.
8- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ھەسەن بەسىرە (728- 642) نىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاسىل بىننى ئاتا (758- 699) جىنايەت سادىرلىقىغا قارىتا تونۇش مەسىلىسىدە ئۇستازى بىلەن پىكىر بىرلىكى بولمىـغانلىقىتىن، چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر مۇسۇلمان ئەمەس، دىندىن ئازغان مۇرتەدمۇ ئەمەس، بەلكى «ئىككىنىڭ ئارىىسدىكى ئوتتۇرا ئورۇندا تۇرغان» دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھەمساۋاق بۇرادىرى ئەمىر بىننى ئۇبەيد (762- 699) بىلەن پىكىر بىرلىكى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئىككىسى ئۇستازى ھەسەن بەسىرەنى تاشلاپ ئۆز ئالدىغا يول تۇتىدۇ. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى قەدىرىيە مەزھىپىنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى مەسلىكىنى قوبۇل قىلىپ، دىنىي ئېتىقاد مەسىللىرىنى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئىزاھلاشلارغا كىرىشىپ، سۈننىي مەزھىپى دىنىي ئېتىقاد تەلىماتلىرىغا ئوخشىمايدىغان مۇئتەزىلىيەچىلەر مەزھىپىنى ياراتقان.
مۇئتەزىلىيە مەزھىپىنىڭ دىنى ئېتىقاد تەلماتىنىڭ شەكىللنىشى ۋەتەرەققىي قىلىش مۇنداق ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ:
ئۇمەۋىييە سۇلالىسى دەۋرى. بۇ دەۋردە، بۇ مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ دىنى ئاقائىد شۇناسلىق مەسىلـلىرىدە پىكىر بىرلىكى بولمىغانلىقتىن سىستېملىق تەلىماتلارنى ئېلىپ چىقالمىغان. دىنىي ئىدىيە جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئالىملارجەبىرىيە ئېقىمىنىڭ ئىنساننىڭ ياخشى- يامان ھەددى- ھەرىكەتلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن دېگەن تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىدە بولىدىغانلىقىنى تەرغىب قىلىپ، ئەقلىيلىكنى ئىشقا سېلىپ دىنىي ئەقىدىلەر ئۈستىدە ئەركىن مۇنازىرە قىلىشنى تەرغىب قىلدى. سىياسىي جەھەتتىن ئىسلام دىن بىلەن زىتلاشقان سىياسىي مەزھەپلەرگە مۆتىدىل مەيداندا تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇپ، ئۇمەۋىييە سۇلالسىگە كەسكىن قارشى تۇرۇۋاتقان خا- ۋارىجلار بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى تەنقىدلەپ، ئوبيېكتپ جەھەتتىن سۇلالە ھۆكۈمرانلىرىنى قوللاپ، خەلىپە يەزىد Ⅱ نىڭ، ۋە مېرۋان Ⅱ نىڭ چوڭقۇر ھۈرمىتىگە نائىل بولۇپ، ئىجتىمائىي ئورنى كۈنسايىن يۇقىرى ئۆرلىدى. ئەمما بۇ مەزھەپتىكى ئازسانلىق رادىكال ئالىملار ئاللاھنىڭ تەنھالىقى نۇقتەئىينەزەرىنى مىخاينىك رەۋىشتە چۈشىنىۋېلىپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاللاھنى ئىنسانلاشقان سۈپەت تەسۋىرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىپ، سۈننىي مەزھىپىـدىكى مۇتەككەللۇمۇنلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ «بىدئەت تەلىماتچىلار» دەپ سۆكۈلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار سىياسىي مەۋقەدىن ئىلگىرىكى خەلىپە سايلام تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرغىب قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇمەۋىييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بۇ ئالىملاردىن قاتتىق ئاگاھ بولۇشقا باشلىدى. بۇ مەزھەپ ئەينى ۋاقىتلاردا ئاساسەن بەسىرە، باغداتلاردا جانلاندى، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىراققا يامرىدى. تەلىماتلىرىنى ئالدى بىلەن ئالىملار ۋە ئىلمىي تەبەقە ئارىسىدا تارقىتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەر پۇخرالىرى قاتلىمىغا ۋە شىئە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغا تارقاتقانىدى.
ئابباسىيە سۇلالىسى دەۋرىدە. بۇ دەۋردە مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ ئەقائىدلىرى ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن، ھەم بىر مەزگىل يېتەكچى ئورۇندا تۇرمىش دىنى مەزھەپ بولۇپ قالغان. مەشھۇر ئەللامە ھۈزەيل ئەللاف (850- 752) ئىمانغا مۇناسىۋەتلىك بەش تۈرلىك ئاساسى پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇئتەزىلىيەچىلەرنىڭ مۇتەككەللۇملۇق مەپكۇرە تۈزۈلمىسىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىنى تۇرغۇزغان. ئاقائىدقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ شەرھىيلىرى بىردەك بولمىغانلىقتىن، بۇ مەزھەپ بەسىرە پىرقىسى ۋە باغدات پىرقىسى بولۇپ ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. بەسىرە پىرقىسىدىكى ۋەكىللىك شەخستىن ئەبۇ ھۈزەيىل نەززام (840 – ؟) ئەل. جاھىز (869 – ؟) قاتارلىقلار، باغدات پىرقىسىدىكى ۋەكىللىك شەخىسلەردىن ئىبنى مۇرتەيمىر (825- ؟) ئەل مۇئەممەر (840- ؟) قاتارلىقلار بارئىدى. مۇئتەزىلىيە چىلەر نىڭ مۇتىفەككۈر ۋە مۇتەككەللۇمۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلىكى گىرىك پەلسەپەسىگە پۇختا، گىرىك ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تەسىرىگە بەنىھايەت قېنىق بولغانلاردىن بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى، شە- رىئەت ئىلمى ۋە ھەدىسشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇئەييەن تۆھپىلىرى باردۇر. ئابباسىيەسۇلالىسى خەلىپىسى مەئىمون مۇئتەزىلىيەچىلەر تەلىماتلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قېلىپ، مەزكۇر مەزھەپ فىقھە ئۆلىماسى ئىبنى ئەبۇ دوردى (854- 776) نى باش قازىلىققا بېكىتىپ، شەرىئەت ۋاسىتىـسى ئارقىلىق مەزكۇر مەزھەپ تەلىماتلىرى كۈچەپ تارقاتقان، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ تەلىماتلىرى كەڭ تارقىلىشقا ۋە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، سۇرىيە، ئىران قاتارلىق رايونلارغا ئومۇملاشـقان. شۇنىڭدىن كېيىن، مەئىمۇننىڭ ۋارىسى خەلىپە مۇئتەزىم ۋە ۋاشىرى مۇ بۇ مەزھەپنى ئىزچىل قوللاپ، ئەھلى سۈننىيـىيلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلدى. بۇ ھال تاكى خەلىپە ئەل مۇتەۋەككىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىككىنچى يىلغىچە (848- يىل) داۋاملاشتى، ماناشۇ چاغدىلا مۇئتەزىلىيەچىلەرنىڭ شەرىئەتكە مۇخالىپ ئىكەنلىكى جاكارلىنىپ، ئاندىن مەزھىپى سۈننىينىڭ ساھىبى نوپۇز ئورنى تىكلەندىلەر.10- ئەسىر نىڭ باشلىرىدا ئەشئەرىيە تەرەبدارلىرى مۇئتەزىلىيلەردىن ئايرىلدى، ئۇلار كەينىگە قاراپ نەيزە ئۇرۇپ بۇ مەزھەپنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئەھلى سۈننىيلەر ۋەكىللىكىدىكى ئىلـمىي تەھۋىد تەئىلماتلىرى قايتا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قالدى. 12- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گەرچە مۇئتەزىلىيەچىلەرنىڭ تەشكىلى فورمىسى بولسىمۇ، ئەمما تەلىماتلىرى ئىزچىل رەۋىشتە ئىسلامىيەت دۇنـياسىغا تارقىلىپ تۇردى، سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت ئىدىئولوگىيە تارىخىدا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەپ تۇردىلەر.
مۇئتەزىلىيلەرمەزھىپىنىڭ دىنى مەپكۇرەسى ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى قەدىرىيە مەزھىپىنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى قارىشىغا ۋارىسلىق قىلدى ھەمدە قەدىمكى گرېتىسىيە ئەقلىيلىك پەلسەپەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئەفلاتۇننىڭ «ئېقىپ چىقىش تەلىماتى» نى، ئارىستوتىلنىڭ لوگىكا ئىلمىـنى، پىفاگور ئېقىمىنىڭ «ئىدىئال روھىيەت» نەزەرىيەسىنى ئىسلامىيەت ئىلمىي تەھۋىدلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەقلىيلىك نۇقتىئىينەزەرلىرى ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم» نى تەفسىرلەپ، ھەدىسشۇناسلىق ۋە شەرىئەت مەسىللىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقلىيلىك ئىدىئولوگىيە خاھىشىدىكى دىنىي پەلسەپە سىتېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلامىيەتنىڭ ئاددىغىنا ئېتىقاد ئەقىدىلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپە سىستېمىسگە ئايلاندۇردى. مەزكۇر مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ئورتاقىلىققا ئىگە بولمىش تەلىماتلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نوقتىلاردا كۆرۈلىدۇ.
ئەقلىيلىكنى يادرو قىلغان يارالمىش تەلىماتى: بۇ مەزھەپ ئاللاھنىڭ ئالەمنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىپ، جېمى شەيئى، مەۋجۇدات، مەخلۇقاتنى ئاللاھ ياراتقانلىقىنى، بەلكى، ئاللاھنىڭ كەشىپ قىلىشى ئەقلىيلىكنىڭ رېئاللىنىشى ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئاۋۋىلىدە ياراتقىنى تەنھا رەۋىشتىكى ئەقلىيىلىك، ئالەم ئەقلىيىلىكى روھىيەت ۋە ئادەم جېنىنى ياراتتى، ئالەم روھىيىتى ئەزىلى ماھىيەتلىرىدىن ئەڭ ئىپتىدائى ماددىنى تەۋەللوت قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەردە پەيدىن- پەي مۇتلەق پەرىقلىق تۈرلىكچە شەيئىلەر ئاپىرىدە بولدى. ئۇشبۇ شەيئىلەر ئەقلىلىيلىكنى پاسسىپ رەۋىشتە قوبۇل قىلشى ئۇلارغا تۈرلىكچە شەكىل- قىياپەتلەرنى ئاتا قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىنى تەشكىل ئەتتى. ئەقلىيلىك دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر سوبستانىيىسىنى ياراتقان، ئەمما، تۈرلىك شەينىڭ ماھىيىتىنى ياراتمىغان، شەيئىنىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ سوبستانىيىسىـدىن تەۋەللوت بولغان. بۇ مەزھەپ ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ، تەبىئەت دۇنياسىنى بولسا ئاللاھ ئەقلىيلىك ئارقىلىق ياراتقان ئىپتىدائى، پاسسىپ يارىتىلمشلاردۇر، ئەمما ئىنسان بولسا ئەڭ يۈكسەك مۇقامدىكى ياراتىلمىشتۇر. ئاللاھ پەقەت تەبىئەت دۇنياسى بىلەن جىنسداشـلىق ھازىرلىغان ئادەمنىلا ياراتماستىن، بەلكى، ئادەمگە روھىيەت سوبىستانىيىسى بولمىش جاننىمۇ يارىتىپ بەرگەن. ئادەمنىڭ جېنى گۆشتىن پۈتكەن جىسمانىيىتىنىڭ ماھىيىتى، ئەمما جان ئەقلىيلىكنىڭ تەۋەللوتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئادەم پەقەت ئەقلىيلىك بىلەنلا ماھىيەتلىنىدۇ.
ئاللاھنىڭ بىرلىكىنىڭ مۇتلەقلىقىتەشەببۇسى. مەزكۇر مەزھەپ سۈننىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ زاتى خۇسۇسىدىكى كۆزقاراشلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن تاشقىرى يەنە، ئۇنىڭدا بىلىش سەزگۇسى، قابىلىيەت، تۇرمۇش، ئىرادە، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىملىرى ھازىر ۋە نازىر بولغان مۇقەددىم ئاخىرىسىز پەزىلەتلىرى ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىغىمۇ قارشى تۇرىدۇ، ئۇلار، ئاللاھ زاتتىن تاشقىرى بولۇشتىن باشقا ئىنسانىيلاشقان ھېچقانداق پەزىلەتلەر بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئاللاھغا شۇقاتارلىق پەزىلەتلەر قوشۇپ قويۇلسا، ئاللاھنىڭ تەنھالىقىغا غەلەت قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ بىدئەتلىككە كۆپ خۇدالىققا ئېغىش بولىدۇ. ئاللاھ بىردىنبىر ئەڭ ئالىي ئىگە، ئۇ شىرىكسىز، زاتى بىلەن پەزىلىتىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاللاھنىڭ زاتى دەل ھەممىنى بىلگۈچى، چەكسىز قۇدەرتلىك، مەڭگۈ مەۋجۇدلۇق، سېزىپ تۇرغۇچى، كۆرۈپ تۇرغۇچى بولماقتىن ئىبارەت، پەزىلەتلەر زاتىنىڭ تۈرلىك ھال، قىياپەتلىرى، پەزىلەتلەر زاتىغا ھىمىرىلگەن. ئاللاھ زامان، ماكان ۋە ھەرىكەتتىن تاشقىرى تەنھا مەۋجۇدلۇق، شەيئى ھادىساتتىن ھالقىغان مۇتلەق روھى مەۋجۇدلۇق، ھەرگىزمۇ كونكرېت شەيئى ماھىيەت بەلگىلىرى بىلەن ئاللاھغا تەشنىپ قىلىش، چەكلىمە پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا قارىتاپەقەت ئەقلىي پىكىرلەش بىلەن تونۇش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇكى، سېزىم ياكى بىۋاستە بايقاشلار بىلەن بىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئىنسان ئىرادىسى ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش تەلىماتى: بۇ مەزھەپ ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىق، يامانلىقى ئاللاھنىڭ تەقدىر- ئەزىلىدە بېكىتىلگەن، تەلىماتىغا قارشى تۇرىدۇ، ئاللاھ ئەڭ ئادىل، ئۇ كىشىلەرگە ئالدىن ياخشىلىق، يامانلىق تەغدىرى پۈتۈۋەتمەيدۇ، ئىنسان ئىرادىسى ئەركىندۇر، ئىنسانلارھەددى- ھەرىكەتلىرىنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاللاھ پەقەت ئىنساننىڭ ھەددى- ھەرىكەتلىرىنىڭ ياخشى- يامان بولۇشى بويىچە ئىنئام، جازا پىچىدۇ. ئەگەر ئىنساننىڭ ياخش- يامان ھەددى- ھەرىكەتلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن پۈتۈلگەن، ئاندىن شۇ ھەددى- ھەرىكەتلەرگە بىنائەن ئىنئام، جازا پىچقان دېيىلسە، بۇ ئاللاھنىڭ ئادىللىقىغا مۇناسىپ بولماي قالىدۇ. ئاللاھ ئىنساننىڭ كونكرېت ھەددى- ھەرىكىتىگە تەقدىرى ئەزەلدە بېكىتمىگەن، بەلكى، ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ھەددى- ھەرىكىتىنى تاللاش (بايقاش) ئىختىدارىنى بەرگەن، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىگە تايىنپ، ئۆزىنىڭ ھەددى- ھەرىكىتىنى تاللايدۇ. ئەقلىيلىك ئىنسانىيەت ئىرادە ئەركىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئەقلىيلىقتىن ئايرىلغان ھامان ئەركلىكمۇ يوقىلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىق قىلش ياكى يامانلىق قىلىش ئىمكانىـيىتى تامامەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەركى ۋە مۇددىئاسىدا بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئەقلىيلىك يوقىتىلسا، يامان مۇددىئالار تۇغۇلۇپ، يامانلىقلار بىلەن مەشخۇل بولىدۇ، ئەكسىچە، مۇبادا ئەقلىيلىكلەرگە سۈيىنىپ ئۆز مەنىۋېيىتىدىكى يامان ئىستەك، مۇددىئالار بىلەن كۈرەش قىلىنسا، ئۇ ھالدا يامانلىقلاردىن ئارىستە بولۇپ، ياخشىلىقلارنى سەۋلەلەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەددى- ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولمىقى ۋاجب.
ئەقىلىيلىك ئىماننىڭ مىزانى تەشەببۇسى: مەزكۇر مەزھەپ سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىمان ئەقىلىيلىكتىن يۇقىرى تۇرۇش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىغا قارشى تۇرىدۇ، مۇئتەزىلىيە مەزھەپىنىڭ قارىشىچە، ئەقلىيــلىك ئىماننىڭ ئەڭ ئالىي مىزانى، ئاللاھقا ھەقىقىي ئىمان ئېيتىش، قارىسىغا بولماسلىقى كېرەك، بەلكى بىلش ھەم ئەقلىلىيلىك بىلەن بولمىقى ۋاجىبتۇر؛ ئەقلىيلىك ئىماننىڭ دەلىلى ۋە ئاساسى، ئەقلىيلىكنى ئىمانغا دەلىل قىلغاندىلا ئاندىن ئاللاھنى تونۇش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن، قارغۇ- لارچە چوقۇنۇشتىن بولغان ئىمان كىشىلەرنى كۆپ ئىلاھقا چوقۇنۇش خاتا يولىغا باشلايدۇ؛ ئەقلىيلىك يەنەبىلىشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ۋە ياخشى- يامانلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ مىزانى، ئەقلىيلىك پرىنـسىپتىن مۇستەسنا قالغاندا، دىن ھەقىقىتىنى بىلمەككە يەتكىلى بولمايدۇ. مۇئتەزىلىيەچىلەر بىلىمنى، دىنىي بىلىم، پەلسەپە ۋە ئىلمىي بىلىم دەپ ئۈچكە ئايرىيدۇ. ئۇلار، دىنىي بىلىم كىشىلەرنى ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى بىلىشكە، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە قەتئىي ئىمان ئېيتىشقا، ئاللاھنىڭ تۈرلىك شاپائەت ۋەبۇيرۇقلىرىنى بىلىشكە ئىگە قىلىدۇ؛ پەلسەپەۋى بىلىم ئىنسانلارنىڭ ئەقلى تەپەككۈر قىلىش ئىستىداتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، دىنىي ئېتىقاد ئىلمى ۋە پەننىي ئىلىملەرنى ئىسپاتلاشقا يېتىندۈرىدۇ؛ تەبئىي پەن بىلمى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۈرلىك باغلىنىش، مۇناسىۋەتلىرىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنى ئاللاھ ياراتقان تەبىئەت دۇنياسىدىن بەھىرلەر ئالغۇزىدۇ.
«‹قۇرئان كەرىم› ياسالغان تەلىماتى» نى تەشەببۇس قىلىش: مەزكۇر مەزھەپنىڭ قارشىسىدىكى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» بولسا ئاللاھنىڭ مۇقەددىم- ئاخىرىسىز، مەڭگۈ ئۆزگەرمەس كالامـلىرىدۇر، دېگەن تەرغىباتىغا قارشى تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھلا مۇقەددىمە- ئاخىرسىز مەڭگۈلۈك تەنھالىقتىكى مەۋجۇدلۇق «قۇرئان كەرىم» بولسا ئاللاھنىڭ ئختىراسى ئاللاھ ئۇنىڭدىن تاشقىرى مەۋجۇد. مۇبادا «قۇرئان كەرىم» مۇقەددىم- ئاخىرسىز دەپ قارالسا، ئۇنى ياراتقۇچى ئاللاھ بىلەن يارالغۇچى «قۇرئان كەرىم» نى باب- باراۋەر قىلىۋېلىپ، شۇ تەروزدىن كۆپ ئىلاھقا چوقۇنۇش يولىغا مېڭىش قېلىش كېلىپ چىقىدۇ، ئاللاھنىڭ بىرلىكى زەبىد بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىلمىي تەجۋىدلەرنى دەلىلـلىگەندە، ئەھلى مۇئتەزىلىيە يەنە «بار بىلەن يوق»، «بىر بىلەن كۆپ»، «چەكسىزلىك بىلەن چەكلىك»، «ھەرىكەت بىلەن جىمجىتلىق»، «ئوخشاشلىق بىلەن پەرق» قاتارلىق كاتېگورىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلار ساددە دېئالىكتىكا ئۇنسۇرلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم ئەتكەن بولۇپ، ئىسلامىيەت ئەقائىد زەرۈرىيە ئىشلىرىگە لوگىكىلىق تەپەككۈرنىڭ يېڭى مىتودلىرىنى ئېلىپ كىرگەن.
خۇللاس كالام، مۇئتەزىلىيە مەزھەپى تەرغىبات ئەتكەن ئەقلىيلىك ۋە ئىرادە ئەركلىكى پرىنسىپى، بىلىمنى قەدىرلەش ۋە مەسىلىلەرنى ئەركىن قىدرىش روھىنى تەرەققىي قىلدۈرىشى، ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت ئىلىم، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەنىھايەت چوڭقۇر تەسىرلەر كۆرسەتكەن.
3. ۋەھھابىيلەر مەزھەپى
ۋەھھابىي مەزھىپى بولسا، 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا جاراستانغا چىققان، ئىسلامىيەتنى ئەسلىگە قايتۇرغۇچىلارمەزھەپى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شىرىپلەرتەلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى تونۇغۇچى» (ئەھلى تەھۋىد) دەپ ئاتايدۇ. مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا ۋەھھابى (1792- 1703) تەرىپىدىن ئەرەب يېرىم ئارىلىـنىڭ نەجىدىيە رايونىدا تەشكىل ئېتىلگەن، مەزھەپ نامى شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ مەزھەپ يېقىنقى زامان ئىسلامىيەت قايتا گۈللىنىش دولقۇنى ۋە ھەرىكىتىنىڭ سەردارىدۇر. ئاۋۋىلىدە، ئاساسەن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا تارقالغان بولۇپ، بۈگۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنىڭ دىنىي مەسلىكىدۇر، بىراق، مىسىر، سۇدان، لېۋىيە، نېگىرىيە، ھىندىستان، ھىندۇنىزىيە قاتارلىق رايونلاردا ھەمدە دۇنيا- نىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىدا مەزكۇر مەزھەپنىڭ مۇئەييەن تەسىرى باردۇر.
ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى كېيىن قالغانىدى، دىن ياتلىشىش ھادىسسى ئېغىرلىشىپ، ئەۋلىيالارغا، ئەۋلىيالارنىڭ مازارلىرىغا، ھەتتا ئەۋلىيالارنىڭ جەندىلىرىگە چوقۇنۇش ھادىسىلىرى غولداپ كەتكەن. 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ۋەھھابىي ئەرەب يېرىم ئارىلىدا دىننى پاكلاشتۇرۇش، دىنى تۇرمۇشنى ئەسلى ھالغا قايتۇرۇش ئەقىدىسىدىكى دىنى ئەسلىھىيە ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سىرتتىن كەلگەن مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغانىدى. ۋەھھابى سۈننىيي مەزھىپىدىكى ھەنبەلىيە مەزھىپىنىڭ فىقھە ئېقىمى ۋە 14- ئەسىردىكى مەشھۇر ئىسلامىيەت مۇتەككەللىمۇنى ئىبنى تامىش (1328- 1263) نىڭ قەدىمكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئەسلىھىيە مەپكۇرىسىنى ئاساس قىلىپ، «توغرا دىنغا قايىتىش»، «‹قۇرئان كەرىم›گەقايىتىش» شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاساسى تەشەبـبۇسلىرى تۈۋەندىكىچە:
بىر خۇدالىق دىن ئېتىقاد- ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خۇدالىق ۋە غەيرى بىدئەد تەلىماتلارغا قارشى تۇرۇش: ۋەھھابى مەزھىپىنىڭ قارىشىچە، ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ كېيىن قالغانلىقى، مۇسۇلمانلار ئېتىقادتا شۇتەرىقە زاۋاللاشقانلىقى، كۆپ خۇداغا چوقۇنۇش ۋە غەيرى بىدئەتچىلىكلەرنىڭ شۇ تەرىقە يامراپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب خەلق ھەقىقى توغرا يولدىن تايغان، پەيغەمبەر مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيەت- تەلىماتلىرىدىن تانغانلىقتىن بولغان. ئىسلامىيەت جەمئىيىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋىلىدە چوقۇم ئىسلاھات ۋە ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بارلىق كۆپ خۇدالىق ئەقىدىلەر ھادىسلىرىنى قىرقىپ تاشلاش، غەيرى بىدئەت تەلىماتلارغا قارشى تۇرۇپ، ئىسلامىيەتـنىڭ پاكلىقىغا يېتىنىش، تەسەۋۋوپچىلارنىڭ ماشايىقلارغا چوقۇنۇش، ئەۋلىيا مازارلارغا چوقۇنۇش، ئەۋلىيالارنىڭ تەۋەرۈكلىرىگەچوقۇنۇشتەك ئويدۇرمىغا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش، ئاتالمىش ئاللاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرسىدىكى ئوتتۇرا باغلىغۇچىلارنىڭ «ئارىغا چۈشۈشى» دەك تەشەببۇسلارغا قارشى تۇرۇش لازىم، دەپ تونۇغان. ئۇلار ئىجتىمائىي ئادەتلەرنىڭ تەرتىبكە چۈشۈرۈشىنى، تۈرلىك غەيرى بىدئەتلىكلەرنىڭ تازىلىنىشىنى، ئىسلام دىن تۈپكى ئېتىقادى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئەسلى ھالىغا قايتۇرۇش، ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پاكلىق ۋە چىڭلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شىرىپلەردە چىڭ تۇرۇپ، دىن بىلەن شوغۇللۇنۇش: مەزكۇر مەزھەپنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» لەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد، شەرىئەت، ئەخلاقى ۋە خۇسۇسـنىڭ ھەددى- ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي مىزانى، چوقۇم «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس» لەرگە ئاساسلىـنىش پرىنسپىدا تۇرۇپ دىن بىلەن شۇغۇللۇنۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم» بىلەن «ھەدىس» لەرگە ئويغۇن بولغان ئەھكاملارنى يولغا قويۇش، ئەكسىھالدا بولسا قەتئىي تاشلىۋېتىش. ئۇلار «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» لەردىن چەتنىگەن ھەرقانداق «يېڭىلىق يارىتىش» لارغا قارشى تۇرغان، تەسەۋۇپچىلارنىڭ بىشارەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى غايىبانە شەرھىيلەشلىرىگە قارشى تۇرۇپ، «قۇرئان كەرىم» نى غەيرى مۇشرىكانە نوقتەئىينەزەرلەر بىلەن تەفسىرلەشلەرگە قارشى تۇرغان. ھەممىدە «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەسلى روھىغا قايىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، قەمبەرىيە مەزھىپىنىڭ ئىلىمىي تەھۋىدلىرى يولى ئارقىلىق دىن ۋە دۆلەتنى قۇتقۇزۇشنى تەرغىـبات قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھەرتۈرلىك دىنىي تائەت- ئىبادەتلەر ۋە بۇرىچلارنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
جەمئىيەت ئادەتلىرىنى دۇرۇس ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش، كىشىلەر مەنىۋېيىتىنى پاكلاشتۇرۇشلاردىكى تەشەببۇسى: بۇمەزھەپنىڭ قارىشىچە، غۇبارسىز مەنىۋېيەت، ئاددىي- ساددا ئەسلى ھالەت، ئالىجاناب ئەخلاقى پەزىلەتتە بولماقلار مۇسۇلمانلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك خىسلەتتۇر، يەنى ئېتىقادقا بېغىشلىنىشـنىڭ ئىپادىـلىنىشى بولىدۇ. ئىماننىڭ سۇسلىقى، ئەخلاقنىڭ زەئىبلىشىشى كىشىلەرنى مۇقەرەررەر يوسۇندا ئازغۇنلۇق تامان يېتەكلەيدۇ، جەمئىيەت چىرىكلىشىپ ۋەيران بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا باتۇرلۇق ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى قىرقىپ تاشلاشنى كىشىلەر مەنىۋېيىتىنى ساپلاشتۇرۇشـتىن باشلاپ قول سېلىش لازىم، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپ جازانىخورلۇقنىڭ يۇقىرى ئۆسۈم شىلىۋېلىشىنى چەكلەپ، سودا- تىجارەتتە كىشىلەرنى ئەپلەپ ئوڭدا قويۇشلارنى قاتتىق چەكلەپ، تاماكا، ھاراق، قىمار، پاھىشبازلىق قاتارلىقلارنى مەنئىي قىلىدۇ، نەغمە- ناۋالار، ئۇسسۇل-تانسىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارغا سۆرەپ كىرىلىشىگە، بارلىق چىرىك چۈشكۈنلۈك تامان سۆرەپ تۇرغان، كىشىلىك تەبىئەتـكە مۇخالىپ بولغان بەھرىمەندارلىقلارغا قارشى تۇرىدۇ، بارلىق چىرىك ھەشەمەتچىلىكلەرنى ئەيىبلەيـدۇ، مەسجىدلەرنىڭ ئالاھىدە ھەشەمەتلىك بىزىلىشىنى، يىپەك كىيىم كىچەك كىيىش، ئالتۇن، ياقۇت قاتارلىق قىممەتلىك زىبۇ- زىننەتلەرنى تاقاشنى مەنئى قىلىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇش تەرغىباتى: بۇمەزھەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمـمسىنى قوۋم، ئېرق، باي- نامرات، ئەر- ئايال قېرى- ياش دەپ ئايرىماسلىق. ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەممە كىشى بارابەر، «مۇسۇلمان قېرىنداش» شۇڭا، بارلىق ئىختىلاپ ۋە ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا قىرغىن قىلىشلارنى توختىتىپ، ئاللاھنىڭ يولىنى قوغدىشى، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرمىقى ۋاجىبتۇر، دەپ قارايدۇ.
سىياسىي جەھەتتە، تۈركلەرنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا، ئەنگلىيىنىڭ تاجا- ۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ. ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ چىرىك چۈشكۈنلىـشىپ، غەيرى بىدئەدچىلىكلەرنىڭ ئەۋىج ئېلىشىغا ھەمدەم بولۇۋاتقان ھادىسىلەرنى، ئىسلام دۆلەتـلىرىنى بوزەك ئېتىش ۋە تالان- تاراج يۈرگۈزۈشلەرنى، ئىسلامىيەتتىن تامامەن يۈز ئۆرۈشلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار تۈرك سۇلتاننىڭ ئىسلامىيەت داھىيلىق ئورنىنى ئېتراپ قىلمايدۇ، تۈرك ھاكىمىيىتىنى ئىتراپ قىلماي، پەقەت ئەرەبلەرلا ئىسلامىيەتنىڭ پاكلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تارىخى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «غازات» ئارقىلىق ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىر- لىككە كەلتۈرۈش ۋە مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئۆلىما مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇۋەھھاب يۇرتى نەجىدىيەدە دىنىي ئەقىدىلەر تەربىغاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ يۇرتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1745- يىلى، ئۇدەرئىيەنىڭ ئەنناز قەبىلىسىگە كېلىدۇ. قەبىلە ئاقساقىلى ئىبنى سەئۇدى ئابدۇل ۋەھھابنىڭ دىنىي ئىسلاھات تەشەببۇسلىرىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەيدۇ. ئابدۇۋەھابمۇ ھەم ئىبنى سەئۇدىنىڭ سىياسىي بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تەشەببۇسلىرىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپ تەدرىجى رەۋىشتە دىنىي، ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇپ چىقىپ، قۇراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىپ نەجىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. ئابدۇل ۋەھھابى قازىلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەخسۇس ۋەز- تەبىلىغ ئېيتىش، تەرغىباتلار بىلەن مەشخۇل بولۇپ، دارئىيە قەبىلىسى قۇراللىق كۈچلىرى ئىچىدە يېڭى ئەقىدىلەرنى تارقىتىدۇ. 1765- يىلى ئىبنى سەئۇدى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئەزىز بىننى سەئۇدى Ⅰ خەلىپىلىكنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئابدۇۋەھھاب ئۆز ئەقىدىلىرىنى داۋاملىق رەۋىشتە يولغا قويىدۇ. 1773- يىلى نەجىدىيە رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رىيادنى ئىگەللەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كەربالا، مەككە، مەدىنە، قاتارلىقلا يەرلەرنى ئىگىلەپ، ھۈسەيىن ۋە پەيغەمبەرنىڭ قەبرىلىرىنى پاچاقلاپ، ئىراق ۋە سۈرەييەگە زەربە بېرىدۇ. 1811- يىلى، مەزكۇرقەبىلە قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە تايىنىپ، تۇنجى ۋەھـھابىيە مەزھەپ مەسلىكىدىكى ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 1818- يىلى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى سولتانى مىسىرنىڭ باش ۋالىيسى مۇھەممەدئەلىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ۋەھھابىي مەسلىكىنى باستۇرۇشـقا بويرۇق قىلىدۇ، ۋەھھابىي مەزھىپى ئەقىدە ھەرىكىتى قاتتىق توسالغۇ ئۇچرايدۇ. 20- ئەسىرنىڭ دەسلىۋانىسىدا، سەئۇدى خان جەمەتىدىن ئابدۇللا ئەزىز بىننى سەئۇدىⅡكۇۋەيتتىن يۇرتىغا قايىتىپ بېرىپ، كونا قەبىلىدىكىلەرنى جەم قىلىپ، رىئادنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، نەجىدىيەنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. 1910- يىلى، ئابدۇل ئەزىز بىننى سەئۇدىⅡ»ئەل ئىخۋەن تەئىبىد» (ئاللاھنىڭ بىرلكى بۇرادەرلەر ئىتتىپاق) نى قۇرۇپ، ۋەھھابىيە مەسلەك مەپكۇرەسىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىدۇ ھەمدە ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىساد، دىنىي قاتارلىق تەرەپلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ. بۇرادەرلەر ئىتتىپاقىمۇ تەدرىجى ھالدا دىنى، ھەربىي ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشكەن ئۇنىۋېرسال تەشكىلاتقا تەرەققىي قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ پەيدىن- پەي نەجىدىيە دېھقانچىلىق رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ كەڭ كۆلەملىك «ھىجرەتچىلەر» رايونىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، يېڭى بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. 1921- يىلىدىن 1925- يىلىغىچە بۇرادەر لەرئىتتىپاقى راشىدىيە جەمەتىنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن يەنە ھىجاز خانى ھۈسەيىننىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدۇ، ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ تاجىفىيە، مەككە، مەدىنە، جىددەلەرنى ئىگىلەپ ئاشىر. ئابدۇللا. بىننى. مۇسا. سەئۇدى Ⅱ»ھىجازنىڭ پادىشاھى ۋە نەجىدىيەگە قاراشلىق جايلارنىڭ سۇلتانى» بولىدۇ. 1932- يىلى 9- ئايدا، سەئۇدى ئەرەب پادىشاھلىقى قۇرۇلىدۇ، ۋەھھابىيە مەزھىپى رەسمىيانە رەۋىشتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئېتىقاد شەكلى قىلىپ بېكىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ۋەھھابىيە ئىدىيىسى يېرىم ئارالنىڭ سىرتىغا تارقىلىشقا باشلايدۇ. ھازىرقى زامان «ئىسلامىيەت ئەسلىگە قايتىپ گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلىكى ۋەھھابىي ئىدىـيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلاردۇر.

Comments (2)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top