6-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر ماگېسىتىر – دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 21-فېۋرال ئىستانبۇلدا بىرگە ئېچىلدى.
2016 – يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:20 دە ئىستانبۇل دېڭىز فەنەرى جەمىئىيىتى يىغىن زالىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ماگېسىتىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىرگە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، ئانا تىل پائالىيىتىدىن زوق ئالدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيە ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن رەسمىي باشلاندى. ئاندىن تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىدا ئۆز ۋەتىنى، مىللىتى ۋە ئانا تىلىنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى.
ئېچىلىش نۇتۇقلىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپىيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى سۆز قىلدى.
ئۇلار ئۇيغۇر ئانا تىلى ھەققىدە ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەدە كۆپلىگەن مىللەتسۆيەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئوقۇپ يېتىشىۋاتقانلىقىدىن ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇنىڭغا مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ئېچىلىش نۇتۇقلىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئېلىپ بارغان 6-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ماگېسىتىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئارام ئېلىش كۈنىدە يامغۇرلۇق سوغوق ھاۋاغا قارىماي پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىپ، يىغىن زالىنى لىق تولدۇرۇپ، ئانا تىل پائالىيىتى كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ۋە يىلتىزى چوڭقۇر مەدەنىيەتكە ئىگە، كۈچلۈك دۆلەتلەرنى قۇرغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىختا بىر قانچە قېتىم ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئېغىر خىرىسقا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ قىينچىلىقلارنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ، بۈگۈنلەرگىچە ئۆزىنىڭ ساپلىقى ۋە ئىپادىلەش كۈچىنى يۇقاتماي كەلگەنلىكىنى، لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تارىختىكى ھېچقانداق بىر خىرىسقا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم مەيلى قانچىلىك قۇربان بېرىلسە بېرىلسۇن، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىنى قۇتقۇزۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كىرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2011 _ يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ پائالىيەت تەسىرىدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى خاتىرىلەش، ئانا تىلغا ئەھمىيەت بېرىش دولقۇنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭمۇ مائارىپتا ۋە ئىلىم – پەن ساھەسىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋە ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنىڭ تەكرار ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباسنىڭ تەبرىك سۆزى ئوقۇلدى.
دوكتۇر رىشاد ئابباس تەبرىك خېتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەت ئەزالىرى، ئىنى – سىڭىللار ۋە قېرىنداشلار!
ئانا تىل خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان 6 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن!.
بۈگۈنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان، ۋاقىت ئاجىرىتىۋاتقان ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئەجىر – مېھنەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ ئاساسىي ئۇلىدۇر. ئانا تىلنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەندەك، باشقىلار قولغا كەلتۈرگەن ئىلىم – پەندىكى يۇقىرى نەتىجىلەرنى سىلەردەك ئوت يۈرەك، تىرىشچان، زېرەك ۋە جاسارەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ۋە ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سىلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىگە مەڭگۈ شەرەپ بەخش ئېتىدىغان ئانا تىل ۋە ئىلىم – بىلىمگە ئاتىغان، بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلارغا ئۇتۇق ۋە ئالىي نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.
ھۆرمەت بىلەن دوكتور رىشات ئابباس
تىببى دورا ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋە تەتقىقاتچىلار دىرېكتورى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى پەخرى رەئىسى
تەبرىك سۆزىدىن كېيىنلا پائالىيەتتە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئاكادېمىيە باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىدىن مۇنەۋەر ئاقسۇ «مۇھەببەت تىلى» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
مۇھەببەت تىلى
ھېچ بىلـمەيمىز ئىستانبۇلدىكى،
گۈللەر تىلىنى، دېڭىز تىلىنى .
ھېچ بىلـمەيمىز چايكىلار كۆكتە،
مەدھىيلىسە ئىستانبۇلىنى .
ھەرنەرسىگە رەڭ بېرىپ خۇدا،
شۇقەدەر ئۇز قىلدۇرار جۇلا.
ۋە ھەرنەرسە تەسبىھلەر ئېيتار،
ئاللاھىغا ئانا تىلىدا.
شۇنداق، ھەرنە ياشار، ياشىنار،
ئۆزلىكىدە سۆيگۈنى تاپار.
بىر -بىرىنى قۇچاقلار ئۇيغۇر،
ئۆز تىلىدا ئىززىتىن تاپار .
بەزەن سانجىلىپ قالسا تىكىنى،
بەزەن ئۈزۈپ سالسا گۈلىنى.
ھېچقىسى يوق،كەچۈرەر يەنە،
ئۇيغۇرۇم دەپ بىرى-بىرىنى .
پەقەت ئاشۇ سۆيۈملۈك تىلى،
پەقەت ئاشۇ مۇھەببەت تىلى.
يۈرەكلەرنى يۈرەككە ياقار،
شۇقەدەر كەڭ،شۇقەدەر كەڭرى .
ئېھ، ئۇيغۇرمەن تۈمەنمىڭ قېتىم،
بولغۇم كىلەر يەنىلا ئۇيغۇر .
ئۇ بىر گۈلكى -ئانا تىلىمدا،
مەن بولىمەن خۇشناۋا بۇلبۇل.
سۆزلەرنى پۇراپ-پۇراپ قانمايمەن،
ھەرھەرپتە مىڭ بىر ھىكايەئ
سۆزلەنسىمۇ گۈزەللىكىگە،
ھېچبىرنەرسە قىلـماس كۇپايە .
مەيلى سەرسان بولساق ھەريەردە،
مەيلى غېرىپ بولسىمۇ ئۇيغۇر.
مەيلىكى شۇ ئانا تىلىدا،
سۆزلەر يەنە شۇقەدەر مەغرۇر.
ئۇنىڭ گۈلگۈن پۇراقلىرىنى،
ئۇنىڭ شېرىن تەمۇ-سېھرىنى.
ئۇ كەبى بىر سۆيگۈ تىلىنى،
ئۆچۈرەلـمەس ئەسلا ئىستانبۇل .
بىز بىر شاھمىز ئۆز تىلىمىزدا،
سۆزلەر كۈلەر ئۆز ئاۋازىمىزدا.
ئۆزىمىزنى تاپىمىز پەقەت،
ئۆزىمىزنىڭ سادايىمىزدا.
ئۇ مىڭلارچە يۈرەكنىڭ تىلى،
ئۇنىڭ بىلەن سىرداشقان كەبى.
ياشار، ياشنار ئۇيغۇرلىقىمىز،
ئۈمۈدلەركى، ئەبەد-ئەبەدىي…
بۈگۈنكى يىغىننىڭ تۇنجى بۆلۈمى بولغان «ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ لېكسىيەسى بىلەن باشلاندى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ «مۇھاجىرەت ۋە ئانا تىل» ناملىق ئىلمىي دوكىلاتىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىلنىڭ مۇھىملىىقى، قوغداش تەدبىرلىرى ۋە مەسىلىلىرى دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ھازىرقى ۋاقىتتا، مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى تۇيغۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. خەلقتىكى ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشنىڭ، بۇنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، دىنىغا بولغان تەشنالىقنىڭمۇ بۇنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ بولغان دۆلەتلەردە ئانا تىل كۇرسلىرىنىڭ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ: «نېمىشقا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىلنى قوغداش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؟» دېگەن سۇئالنى قويۇپ، تۆۋەندىكى جاۋابلارنى بەردى.
1) ئانا تىل مەنىۋى تەشنالىقنى قاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى.
2) ئانا تىل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر – بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ۋاستىدۇر.
3) ئانا تىل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى قىممەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قىممەت.
4) ئانا تىل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق تەڭشەشتىكى ۋاستە.
ئۇ ئاخىرىدا، ئانا تىلنى ۋەتەننى قوغدايدىغان ئەسكەرگە ئوخشىتىپ، ئانا تىلنى قوغدىماي تۇرۇپ، بىر مىللەتنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇھاجىرەت ۋە ئانا تىل لىكسىيەسى (چۈشۈرۈپ كۆرەڭ)
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ لېكسىيەسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق پەخرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى.
ئۇ خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ئانا ۋەتىنى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەدە ئانا تىلنى قوغداش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتۇر ئەركىن سىدىق تەبرىك خېتى
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيەىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، مېھمانلار، دوستلار، ئۇكىلار ۋە سىڭىللار:
سىلەر بۈگۈن چەت ئەلدىكى ئىنتايىن ئالدىراش تۇرمۇش ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، مەزكۇر سورۇنغا جەم بولۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان ئىشتىن بىرىنى قىلىۋاتىسىلەر. يەنى سىلەر 21-فېۋرال «خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى» نى تەبرىكلەپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنى بىلەن كەلگۈسى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتىسىلەر. شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنىڭ ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭلاردىن سورۇندىكى مېھمانلارغا ۋە پۈتۈن خەلقىمىزگە دوكلات بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. مەن گەرچە ھازىر يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولساممۇ، مۇشۇ خېتىم ئارقىلىق سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن چەكسىز رەھمەت ئېيتىمەن، ھەمدە ھەممىڭلارنى مۇشۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن — مۇبارەك بولسۇن!
بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر جايغا جەم بولۇپ، 2016-يىللىق خەلقارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش ۋە ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. سىلەر مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۆزۈڭلاردىن نەچچە ھەسسە، نەچچە ئون ھەسسە، بەلكى نەچچە يۈز ھەسسە چوڭ ئىشتىن بىرىنى قىلىۋاتىسىلەر. شۇڭلاشقا سىلەر ئۆزەڭلەردىن قانچىلىك پەخىرلەنسەڭلەرمۇ ئەرزىيدۇ.
ئامېرىكىلىق مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارتىن لۇتېركىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن ئۆلۈشنى خالىمايدىغان ئادەم ياشاشقا لاياقەتلىك ئەمەس.» مېنىڭچە ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ۋە ھەر بىر غۇرۇر ئىگىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئانا تىلى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقى مارتىن لۇتېركىڭ كۆزدە تۇتقان ھېلىقىدەك «بىر ئىش» بولالايدۇ. چۈنكى خۇددىي ۋېنگىرىيەلىك يازغۇچى ئاندراس سۈتو ئېيتقىنىدەك، «ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىدىنمۇ ئايرىلىدۇ.»
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۈگۈن ئېلىپ بېرىۋاتقىنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى بىلەن مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتىڭلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن:- دوكتور ئەركىن سىدىق (ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ئوپتىك فىزىكا ئالىي ئىنژېنىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سابىق پەخىرى رەئىسى)
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى، لوس ئانژېلىس شەھىرى، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
پېشىقەدەم تىل تەتقىقاتچىسى قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى يىللاردىن بېرى توۋلاۋاتقان «ئانا تىلىم – جان تىلىم» شوئارى ئاستىدا، «يېڭى چىققان كونا گەپ، دېمەكتىن كۈندە خەپ» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
ئۇ ئۇيغۇرلاردا 7 ياشقا كىرگەن ئوغۇلنىڭ خەتنە قىلىنىدىغانلىقىنى يۇمۇرىستىك ھالدا بايان قىلىپ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 7-يېشىغا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە ئاتاپ بىر شېئىر لەۋھەسى تەقدىم قىلدى.
قۇددۇس ھاپىز لېكسىيەسىدە، جانابىي ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامالىنى كۆرسىتىپ، تۈرلۈك مىللەت ۋە ئىنسانلارنى يارىتىپ، ئۇلارغا خاس ئانا تىلنى ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرقى پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق جەھەتتە ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ تارىختىمۇ ھەر خىل يېزىق ئۆزگەرتىش، «زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە پەن – تېخنىكىغا ماسلىشالمايدۇ» دېگەن قاراشلار بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قىلمىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر «ھاقارەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھازىرمۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىدە «لاتىن يېزىقى» نى قوللىنىش تەشەببۇسلىرىنىڭ پات – پات ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل تەشەببۇسنىڭ ۋەتەن – ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقە مۇناسىۋىتى ۋە مىللىي رۇھىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىنى «كونا يېزىق» دەپ ئاتىماي «ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتاشنى ۋە بۇ يېزىقنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى قوغداش جەھەتتە ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى جانلىق قوللىنىش قاتارلىق ئۆزىنىڭ ئويلىغان بىر قانچە تۈرلۈك قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
قۇددۇس ھاپىز يېڭى چىققان كونا گەپ لىكسىيەسى (چۈشۈرۈپ كۆرەڭ)
ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە سابىق رەئىس ئابلەت تۇران ئەپەندى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە قۇددۇس ھاپىزغا ئاكادېمىيە نامىدىن تەشەككۈر لەۋھەسىنى تەقدىم قىلدى.
يىغىن ئەھلى ئانا تىل ھەققىدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە قۇددۇس ھاپىزدىن ئويلىغان سوئاللىرىنى سورىدى.
بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ 2 – قىسمى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 6-قېتىملىق ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرە ۋاقتى 00: 16 دا باشلاندى.
تۇنجى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ئەدەبىياتى كەسپى ماگېستىر ئاسپىرانتى ئەكرەم مەمەت «يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
ئۇ ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئانا تىل يېزىقىنىڭ قائىدىلىرىنى قانداق تەرتىپكە چۈشۈرىشىمىز كېرەك؟ بۇ مەسىلىسىدە تارىختا ئاتا – بوۋىلىرىمىز قانداق قىلىپتۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى.
ئەكرەم مەمەت بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن 100 يىل بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز ئىشلەتكەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
1) يۈز يىل بۇرۇن چەت ئەل (شىۋېت) مېسيونىرلىرى قەشقەردە باسمىخانا قۇرىدۇ، 1923 – يىللاردا شۇ دەۋردىكى زامانىۋى مەتبەئە ماشىنىسىنى قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ، گېزىت – ژۇرنال ۋە كىتابلارنى نەشر قىلىدۇ. ئۇلار نەشر قىلغان كىتابلاردا، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇيغۇر تىلىغا قانداق ماسلاشتۇرۇش ۋە قانداق تەرتىپكە سېلىش تالاش – تارتىشى بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا 60 تىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىتابلارنى تەتقىق قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئىملا مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان. يەنى جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزى ئاساس قىلىنمىغان، بەلكى ئۇ سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە مورفولوگىيەسى ئاساس قىلىنغان.
2) قەشقەر دېئالىكتىكىسى ئاساس قىلىنغان. چۈنكى قەشقەر شۇ ۋاقىتتا مەدەنىيەت مەركىزى بولغان.
3) ئەرەبچە ۋە پارسچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر چاغاتاي تىلىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە قائىدەسىگە ئاساسەن يېزىلغان.
4) نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى قەدىمكى تۈركچىدىكى تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلغان.
5) بۇرۇندىن داۋام قىلىپ كەلگەن ۋە رىئايە قىلىنغان ئىملا قائىدەلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. شۇ ۋاقىتتىكى قوليازما ئەسەرلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، موللا كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرى ئېلىنغان.
6) بەزى سۆلەردىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلىرى يېزىقتا ئىپادىلەنگەن.
7) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرىكىپ يېزىلىدىغان سۆزلەر ئەسلى شەكىلدە ئايرىم يېزىلغان. مەسىلەن: بۈگۈن
8) «تۇر» پېئىلىدىن ئۆزگىرىدىغان سۆزلەر ئەسلى شەكلى بىلەن يېزىلغان.
9) ئۇيغۇرچىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى ئەرەبچىدىكى بەزى سۆزلەر بىلەن ئوخشاش يېزىلغان.
ئەكرەم مەمەتنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە تېمىلىق لىكسىيەسى (چۈشۈرۈپ كۆرەڭ).
ئارقىدىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئەگە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى. ئۇ خېتىدە، خەلقئارالىق ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ماگېستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە دوكلاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت تەبرىك خېتى
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، قەدىرلىك ئىنى – سىڭىللار!
ئانا تىل خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان 6 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن!.
ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ روھى، بايرىقى ۋە ۋەتىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئانا تىلىنى يوقاتقان مىللەتلەرنىڭ قومۇرۇلۇپ تاشلانغان دەرەخكە ئوخشاش قۇرۇپ يوق بولۇپ كېتىشى مۇقەررەردۇر. شۇڭا ئانا تىلنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مىللىي ۋە ئىلمىي بۇرچى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن كۈنگە تارىيىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى جىددىي ۋەزىيەتتە، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە ئالىي غايە بىلەن ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تىلىمىزنىڭ غېمىنى قىلىشىڭلار ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە، ھۆرمەتلەشكە ۋە تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ئەھمىيەتلىك ئىش. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارنى تەبرىكلەيمەن، پائالىيىتىڭلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، ۋەتەن ۋە خەلقىمىزگە خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.
پىروفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت
ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سابىق رەئىسى
–2016 يىلى 21 – فېۋرال
ئىككىنچى بولۇپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى بازار ئىلىمى ماگېستىر ئاسپىرانتى مۇھەممەتجان بۇغرا «جۇڭگو ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلاتىنى سۇندى. ئۇ لېكسيەسىدە چىن ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى قالايمىقان ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى رەقەملەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
چىن ئىقتىسادىدا 2015 – يىلى جەمئىي قەرزى GDP نىڭ %15 گە تەڭ بولغان.
تاشقى سودىدا 2014 – يىلى ئېكسپورت ئىمپورتتىن 382.5 مىليارد دوللار كۆپ بولغان.
2015 – يىلى تاشقى سودا 594.5 مىليارد دوللار بولۇپ، ئېكسپورت %2.8، ئىمپورت %14.1 تۆۋەنلىگەن.
ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ چىن دۆلەت ئىقتىسادىدا تەڭپۇڭسىزلىق ياراتقانلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغا زور زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىققا چىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەندىكى چارە – تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى قەيت قىلىدى:
ئىچكى ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، ئىمپورت ۋە ئېكسپورتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىمپورت ماللىرىنى كۆپەيتىش ۋە بەزى شەھەرلەردە بىر پەرەزنتلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېگەندەك…
پۇل پاخاللىقى: چىن خەلق بانكىسىدا بېسىپ تارقىتىلىۋاتقان پۇلنىڭ ئېشىش نىسبىتى %13.3 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، GDP دىن %2 يۇقىرى بولغان. نەتىجىدە، ئۆسۈمدە ئۆسۈشنىڭ تېز بولۇش ۋە بانكىدىن بېرىلگەن قەرزلەر كۆپ بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلىشىشقا باشلىغان.
2015 – يىلى چىن پۇلى يۈەننىڭ قىممىتى %15 چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاكسىيە بازىرىدىكى چۈشۈش ئىزچىل داۋاملاشقان.
2016 – يىلى كىرگەن دەسلەپكى بىر ھەپتە ئىچىدە چىن پۇلى يۈەننىڭ قىممىتى %14.59 چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا مەبلەغ سالغۇچىلار شىركەتكە مەبلەغ سالالمايدىغانلىقى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.
دۇنيادىكى %81 ئىشقا ئورۇنلىشىش شىركەتلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، چىندە GDP نىڭ %23 ى شىركەت بېجىدىن كېلىدىكەن. شىركەتلەرنىڭ قەرزى GDP نىڭ %160 گە توغرا كېلىدىكەن.
2016 – يىلى GDP بانكا ئۆسۈمى ۋە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى داۋاملىق تۆۋەنلەش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.
چىن دۆلىتى بۇ ئىقتىسادى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلەردىن بىرى «يېڭى يىپەك يولى لايىھەسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، چىن ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەدبىر سۈپىتىدە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان سېلىنما بانكىسىنى قۇرۇپ، 50 دىن ئارتۇق دۆلەتنى ئەزا قىلىش ئارقىلىق، زاپاس تاشقى پېرېۋوتنى مەبلەغ سۈپىتىدە سېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەن. ئەمما، بۇ لايىھە ئۆتىدىغان لىنيەلەرگە جايلاشقان باشتا ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيا – تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە ھەربىي كۈچ سۈركۈلۈشىدەك ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.
مۇھەممەتجان بۇغرا لېكسىيەسى (چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ)
ئۈچىنجى بولۇپ، غازى ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى بۆلۈمى ماگېستىر ئاسپىرانتى مەھمۇدجان ياسىن «تارىختىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر – ئوغۇز تىلى لۇغەتلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىغا نەزەر» تېمىلىق ئىلمىي دوكىلاتىنى سۇندى.
ئۇ لېكسىيەسىدە، تارىخىي تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا تۈرك تىلى تارىخىنىڭ 4 مىڭ يىلدىن ئاشىدىغانلىقى، تۈركولوگىيە پەنىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈشىنىڭ رۇسلارغا باغلىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ، رۇسلارنىڭ تۈركچىنى شەرق تۈرك تىلى ۋە غەربىي تۈرك تىلى دەپ ئىككىگە بۆلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈرك تىلى گۇرۇپپىسىدا ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە ۋە قارلۇقلار؛ غەربىي تۈرك تىلى گۇرۇپپىسىدا تۈركىيە تۈركچىسى، ئەزەبەيجان تۈركچىسى ۋە گاگاۋۇزچە شىۋىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى:
مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنى تۈرك، تىلىنى تۈرك تىلى، بۈگۈنكى تۈركىيەدە قوللىنىلىۋاتقان تۈرك تىلىنى «ئوغۇز تىلى» دەپ ئاتىغان.
ئەبۇھەييان 1312 – يىلى يازغان «كىتابۇلئىدراك لى لىسانىل ئەتاك» كىتابىدا ئەرەبچە ئىزاھلانغان تۈركچە سۆزلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەڭ كۆپ بولغان. ئەمما تۈركولوگلار ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇرچىنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.
14 – ئەسىردە ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز تۈركچىسى جۇغراپىيەۋى ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر – بىرىدىن رەسمىي ئايرىلغان.
16 – ئەسىردىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى بىلىش، كىشىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەملەردىن بىرى بولغان.
مەھمۇدجان ياسىن لېكسىيەسى (چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ)
ئارقىدىنلا شىۋېيتسارىيەدە ياشاۋاتقان دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىد ئەپەندىنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى.
دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىد تەبرىك خېتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، 6-قېتىملىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيىتىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، ئاكا-ھەدىلىرىم، ئىنى-سىڭىللىرىم:
ئالدى بىلەن، شۋېتسارىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلار نامىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 6-قېتىملىق پائالىيىتىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن ۋە بۇ ئىشقا خالىسانە قول تىقىپ ئىشلەۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزگە چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن، ھەم مۇشۇنداق ھاياجانلىق مىنۇتلاردا سىلەر بىلەن بىرگە بولالمىغىنىمغا ئەپسۇسلىنىمەن.
مەن تەبرىك سۆزۈمنى نېلسون ماندېلانىڭ، «ئەگەر سىز قارشى تەرەپ چۈشىنىدىغان تىلدا سۆزلىسىڭىز قىلغان سۆزىڭىزنى قارشى تەرەپ چۈشىنەلەيدۇ، ئەمما سىز ئۇ كىشىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىسىڭىز ئۇ گەپ ئۇ كىشىنىڭ قەلبىگە ئورنايدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن باشلايمەن. مېنىڭچە بۇ يەردە ئولتۇرغانلار بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ ھەم قەلبى بىلەن ئانالىز قىلالايدۇ. چۈشىنىش بىلەن قەلبىدە ئانالىز قىلىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار. ئەگەر ئانا تىلىڭىزدىن باشقا تىلدا مەلۇم بىر نەرسە ئاڭلىسىڭىز ئۇنى خېلى كۆپ باش قاتۇرۇپ ئاڭلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا بەزى مۇرەككەپ جۈملىنى كاللىڭىزدا ئۆز ئانا تىلىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ تەھلىل قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، ئانا تىلىڭىزدا بولسا باشقىچە، ھەتتا گېزىت كۆرۈپ تۇرۇپمۇ باشقىلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزىگە %100 ئەگىشەلەيسىز. فىرانسىيەلىك جان پاۋل بەلموندو ئېيتقاندەك : «مەيلى سىز 20 يات تىلنى بىلىپ كېتىڭ، قولىڭىزنى پىچاق كېسىۋالسا، ئالدى بىلەن سۆزلەيدىغىنىڭىز يەنىلا ئۆز ئانا تىلىڭىزدۇر.»
ئانا تىلدا ئەنە شۇنداق ئارتۇقچىلىق تۇرۇپمۇ بىز ھەرخىل ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي ھالدا يات تىلنى ئۆگىنىمىز، مەسىلەن يۇقىرىلاپ ئوقۇش، تەتقىقات، تىلىمىزدا يوق بولغان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش، سودا-مۇلازىمەت كەسىپلىرى ۋە ھەرخىل ياشاش شارائىتى … قاتارلىقلار. ئەمما، بۇ ئۆگىنىش ئىختىيارلىق ئاساسىدا بولسا ئۆزلىشىشمۇ تېز بولۇپ ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسىچۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر: «يات تىل ئۆينىڭ دېرىزىسىگە ئوخشايدۇ، بۇ تىل ئارقىلىق شۇ تىل خەلقىنىڭ دۇنياسىنى كۆرەلەيسەن» دەپ يات تىلنى دېرىزىگە ئوخشىتىدۇ. مېنىڭچىمۇ بۇ ئاجايىپ جايىغا چۈشكەن ئوخشىتىش. ئۇنداقتا ئانا تىلچۇ؟ ئەلۋەتتە، ئانا تىل ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىدۇر. ھازىر تىللار دۇنيا تىلى، دۆلەت تىلى ۋە ئائىلە تىلى دەپ ئايرىلغان بۇ كۈنلەردە نۇرغۇن تىللار خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئەمما كىشىلەر شۇنى تونۇپ يەتتىكى، بىر تىلنىڭ يوقىلىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس. مەن پەنجىرەمدىن ئۆزۈم ياشاۋاتقان دۆلەتكە باقتىم .كۆردۈمكى نوپۇسى 30 مىڭچە كېلىدىغان بىر يەرلىك خەلقنىڭ تىلى شىۋېيتسارىيەدىكى گېرمان تىلى (%65.8), فىرانسۇز تىلى (%22.8) ۋە ئىتاليان تىللىرى (%8.4) دىن قالسىلا 4 – تىلدۇر (1938 –يىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن ) ۋە بۇ تىل دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، شۇ تىلغا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە كۈچەيتىش نەتىجىسىدە 1980-يىلىدىكى %0.48 دىن 2016-يىلى%0.6 كە ئۆسكەن.
شىۋېيتسارىيە تاشقى سىياسەتتە نېيۇتىرال يەنى مۆتىدىللىكنى ساقلىسا، ئىچكى جەھەتتە دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىك بويىچە ئىش كۆرىدۇ. مەيلى كىم بولسۇن 4 تىل رايونىنىڭ قايسى يېرىدە ياشىسا، بارلىق ساھە شۇ تىل بويىچە ماڭىدۇ يەنى ئوقۇغۇچىلار شۇ تىلدىكى مەكتەپلەرگە بارىدۇ. خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ تىلدا بولىدۇ. ھەرگىزمۇ كىچىك تىللار چوڭ تىللارنىڭ تەسىرىگە، بېسىمىغا ئۇچرىمايدۇ.
چەت ئەل مائارىپشۇناسلىرىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر كۆچمەن ئائىلىسىدە يېتىشىۋاتقان بالىنىڭ ئانا تىلى پۇختا، بالىلىق دەۋرىدىلا ياخشى بولسا، كېيىن مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشى تېز بولىدىكەن، ئەگەر ئانا تىلى چالا بولسا ،ئۇ بالىنىڭ دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشىگە كېتىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆز تىلىدەك قوبۇل بولۇشى تەسلىشىدىكەن.
شۇ سەۋەبتىن، مەكتەپلەردە 3-يىللىقتىن باشلاپ 2 -دۆلەت تىلىنى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇش ۋە 5- سىنىپتىن باشلاپ ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئانا تىل مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئائىلىدە بولسا ساپ ئانا تىلدا سۆزلەشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاز دېگەندىمۇ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە 3 خىل تىلىنى بىلگەن بولىدۇ .ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۋېيتسارىيە خەلقى كۆپ تىل بىلىشتەك ئالاھىدىلىككە، ساپاغا ئىگە خەلقتۇر. شىۋېيتسارىيەدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئىككى تىل(گېرمان، فىرانسۇز) رايونىدا ياشايدۇ. مەن ياشاۋاتقان رايون گېرمان تىلى رايونى بولۇپ، شۋېيتسارىيە گېرمانچىسى بىلەن گېرمانىيە گېرمانچىسى پەرقلىق بولىدۇ. ھەتتا، شۋېيتسارىيەنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت. مەكتەپلەردە ئورتاق گېرمان تىلى ئۇقۇش تىلى قىلىپ قوللىنىدۇ. ئورتاق گېرمان تىلى يەرلىك شۋېيتسارىيەلىكلەر ئۈچۈن يات تىلدۇر. يەرلىك خەلق ئۆز تىلىنى ئاجايىپ سۆيىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ. يات تىلنى بولسا بىلىم ئېلىش، خەقنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن قوللىنىدۇ. ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ يازغان بۇ تەبرىك خېتىمدە شىۋېيتسارىيەدىكى تىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىشىم – دۇنيا مانا مۇشۇ شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىدەك، ھەرقايسى تىل رايونىغا قويغان ئادىل، ھەققانىي، سىڭىشلىق سىياسەتنى ئۈلگە قىلسا، خەلقمۇ شىۋېيتسارىيە خەلقىدەك ئۆز تىلىنى سۆيسە، قوغدىسا، گۈزەل، تىنچ كەلگۈسى بەرپا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
ئۇيغۇر رايونىدىكى تىل سىياسىتى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولماقتا. بالىلىرىمىز قوش تىللىق مائارىپتا يات تىلدا ئاڭلاپ چالا چۈشەنگەن دەرسلىرىنى ئۆيدە پىششىقلاي دېسە تىل پەرقى تۈپەيلىدىن ياردەم قىلالايدىغان، ئائىلە تاپشۇرۇقىنى يېتەكلىيەلەيدىغان ئاز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردىن باشقىلىرى لىۋىنى چىشلەپ قالماقتا، مەكتەپلەردىكى مۇئەللىملەرمۇ ئەنە شۇ تىلدىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بالىلىرىمىزغا ئىلىم بېرىشتە قىينالماقتا، مائارىپنىڭ سۈپىتى بۇ ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ بارماقتا. بالىلىرىمىز يا ئۇ تىلدا يا بۇ تىلدا پىششىق ئەمەس ئۆسۈپ يېتىلىپ، جەمئىيەتكە يارامسىز بىر ئەۋلادنىڭ يېتىلىپ چىقىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
بۇ مانا بىزدىكى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك رېئاللىق.
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تىلىمىز ئۇنچىۋالا ئارقىدا قالغان، زامانغا ماسلىشالمىغان تىل ئەمەس ئىدى، ئۇ مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋايى… لارنىڭ تىلى ئىدى، جاھانغا ئۇيغۇرنى تونۇتقان تىل ئىدى، ئەركىن سىدىقتەك ئالىم يېتىشىپ چىققان تىل ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مۇزېيخانىغا تەۋە تىللار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنماقتا، خەلقىمىز باشقا تىلدىكى مائارىپتا تەربىيە ئالماقتا، خىزمەت تېپىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا، يېزىقچىلىق ئىشلىرىمىز توسالغۇغا ئۇچرىماقتا، زىيالىيلىرىمىز ھەتتا ئوز تىلىنى قوغداش يولىدا قۇربانلىقلار بەرمەكتە. گەرچە ئانا تىل يەسلىسى، ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ نىشانىغا يېتەلمەي ئىڭرىماقتا.
سىلەر چەت ئەلدىكى بىر ئىلمى ئورگان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، ھەر يىلى بۇ پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىشقا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى بۇ جىددىي ۋەزىيەتكە تارتىشقا تىرىشىۋاتىسىلە! سىلەرگە ئاپىرىن، داۋاملىق تىرىشىڭلا! رەھمەت سىلەرگە!
دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىد – شىۋېيتسارىيە
ئۇلاپلا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد تەبرىك خېتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئانا تىل ۋە ماگېستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جان – جېگەر قېرىنداشلار، كەسىپداش، ئاكا- ئىنى، ئاچا- سىىڭىللار، ھەممىڭلارنىڭ ئانا تىل كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!.
مەن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ئىلىم ئەھلى ۋە بىلىم ئادەملىرىگە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىۈاتقان 6-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى ۋە ئۇيغۇر ماگېستىر دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.
ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىدە ئۈن – تىنسىز جان كۆيدۈرۈۋاتقان جاپاكەش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىلمىي مۇئاكىمە يىغىنلىرى ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇتقا كەلمەكتە ۋە غەلبىلىك ئېچىلماقتا. ئىشىنىمەنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىلەردەك ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بۇ قېتىمقىسىمۇ ئۆز غەلبىسىنى قايتا نامايان قىلىدۇ.
ئانا تىل ئانىمىزدىن، ئاتىمىزدىن ۋە ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە قالغان مىراستۇر. ئۇ روھىمىزنىڭ، غۇرۇرىمىزنىڭ ۋە كىملىكىمىزنىڭ تۈۋرۈكىدۇر. نەچچە مىڭ يىلنىڭ ھېكمىتىنى، قانچىلىغان دەۋرنىڭ قىسمىتىنى، سان – ساناقسىز ئەسىرنىڭ تارىخىنى بىزگە ئۇلاشتۇرغان ئانا تىلىمىز بۈگۈنكى دەۋرنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا ئۈشۈك تېگىپ، بوينىنى قىسىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما سىلەردەك ئەلشىر نەۋايى روھىدىن ئوزۇق ئالغان ياشلىرىمىز بولسىلا، ئۇ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ كۆك ئاسمىنىدىن ساقىپ كەتمەيدۇ.
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ۋە يىغىنىڭلارغا غەلبە تىلەيمەن.
ھۆرمەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن: شىۋېتسىيەدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد
2016 – يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 10-كۈنى
تۆتىنجى بولۇپ، ئەنقەرە ئۇنېۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ماگېستىر ئاسپىرانتى ئەكبەر سەمەت «ئۇيغۇر تارىخىدا غوجىلار دەۋرى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ، غوجىلار دەۋرىنى تۆۋەندىكى ئىككىگە بۆلۈدىغانلىقىنى ئېيتتى:
1) ئاق تاغلىق غوجىلار دەۋرى (1678 – 1694)
بۆلۈنمىچىلىك دەۋرى (1694 – 1715)
قارا تاغلىق غوجىلار (1727 – 1745)
– 2غوجىلارنىڭ كۈرەش دەۋرى
ئۇ تۈركچە ۋە باشقا تىللاردا پايدىلانغان ماتېرىياللارنى تونۇشتۇردى.(بۇ ئىلمىي دوكلاتىنى تەييارلاش ئۈچۈن)
ئۇ غوجىلار پەيغەمبەر ئەۋلادىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ دېگەن سوئال ئۈستىدە توختىلىپ، غوجىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدىغانلىقى توغرىسىدا شەجەرىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. غوجىلاردىكى مەزھەپ پەرقىنىڭ ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەسلىكى، پادىشاھنى ئۆزىگە قارىتىپ، ھاكىمىيەتنى تىزگىنلەشنىڭ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋە مەنپەئەت كۈرىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ ئاپاق غوجىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ دىندا زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي تەمىناتنى ئازلاتقانلىقى سەۋەبلىك دۆلەت كۈچى ئاجىزلاپ، ئىچكى دۆلەت مىزانى بوزۇلغان سەئىدىيە خاندانلىقىغا، يات ياۋ – مانجۇ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپاق خوجا ئاساسلىقى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن سەئىدىيە خانلىرىنىڭ دىندىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىبەتكە بېرىپ، بۇتقا سەجدە قىلغانلىقىنى دەپ ئۆتتى.
ئۇ ئاپاق غوجنىڭ سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ يوقىلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان تىبەتلەردىن ياردەم سورىغانلىقىنى ۋە تىبەتلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن قالماق جۇڭغارلارنى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە باشلاپ كىرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇنڭچە، ئاپاق غوجا دىننى تۈزەشنى باھانە قىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇ يەنە، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئامىللاردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى دەپ ئۆتتى:
- ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچى سەل قارىلىپ، ھەربىي تەمىناتنى قىسىش نەتىجىسىدە دۆلەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى؛
- ئاق تاغلىق غوجىلارنىڭ دۈشمەننى ۋەتەنگەن باشلەپ كەلگەنلىكىدەك مىللىي خائىنلىقى؛
- جۇڭغارىيە ۋە سەئىدىيە دۆلەت كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق.
ئەكبەر سەمەتنىڭ غوجىلار دەۋرى ناملىق لىكسىيەسى (چۈشۈرۈپ كۆرەڭ)
تارىخ ماگېستىر ئاسپىرانتى ئەكبەر سەمەتنىڭ لېكسىيەسى تۈگىگەندىن كېيىن، ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ئەدىب ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەبرىك خېتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە ۋە بارلىق يىغىن ئەھلىگە:
مەن يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئىنىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ «6 − قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ماگېستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، گەرچە مەن ئۆزۈم بۇ يىغىنغا كېلىپ قاتنىشالمىغان بولساممۇ، خەت ئارقىلىق بولسىمۇ بۇ يىغىن ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ تەبرىك ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلدىم.
مەن ئالدى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم – پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (يۇنېسكو) تەرىپىدىن 1999 − يىلى بېكىتىلگەن دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىق مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ تۇپ مىزانى قىلغان 15 − قېتىملىق «21 − فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ «6 − قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ماگېستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئىستانبۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن!.
بۈگۈنكى مىسلىسىز زىددىيەت ۋە كىرىزىسلار ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىنسان دۇنياسىنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئۇيغۇر قىسمەتلىرىگە نەزەر سالساق، شۇ نۇقتا بىزنى تەخىرسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىز ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇكى، ئۇيغۇرنىڭ ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت، پەن، تارىخىي مىراسلىرى، بۈگۈنكى ھاياتى ۋە كېلەچەكتىكى مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسىدە جانلىق بىر تىل ۋە يېزىق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ۋە تۇرالماسلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
تارىخ بىزگە ھەم شۇنداق دەرس بەردىكى، دۇنيادا ھىچ بىر ئىمپېرىيە ئۆزىنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالالىغان ئەمەس، ئەمما كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا ۋە ئۆز تىل – يېزىقىغا ئىگە بولغان مىللەت ئۆزلىرىنى ئىمپېرىيەلەرنىڭ گۇمرانلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالىغان.
دېمەك، تارىخىي يەكۈنلەر بويىچە بىز شۇنداق ئېيتالايمىزكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئەڭ قورقۇنچلۇق مەسىلە، ئۇيغۇرنىڭ تارىختىن قالغان بەختسىز كەچۈرمىشلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى رەسمىي بىر دۆلەت تىلى دەرىجىسىدە قوللىنىش ئىمكانىيەتلىرىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت مەھرۇم بولۇش بىلەنلا قالماي، 21 – ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ، ھازىرقى 20 مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ ئاساسىي مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تىلى – يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلىشتىن قالغانلىقىدىن ئىبارەت بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئېچنىشلىق تراگېدىيەدۇر!
بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىلى ۋە يېزىقىنى قوللىنىشى دۇنيادا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ ئاددىي ئىنسان ھەقلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. تىل ھوقۇقى ئىنساننىڭ ئەزەلدىن بار بولغان مۇدەخىلسىز ھوقۇقلىرىدىن بىرىدۇر. خۇددىي بىر بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئانىسىدىن قانداق گەپ قىلىشنى ئۆگەنگىنىگە ئوخشاش، ئادەم بالىسىنىڭ تەبىئي ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھوقۇقى. ئەلۋەتتە، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىمۇ مانا بۇ تەبىئي ھوقۇقتىن مۇستەسنا ئەمەس.
ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە بىردەك قوغدىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ سانىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرنىڭ ئەكسىچە يېڭى بىر تراگېدىيىگە دۇچ كېلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرنىڭ بارلىق ساھەلەردىكى زىيالىيلىرى خەلقىمىزنى باشلاپ بۇ كىرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ مانا بۇ سالمىقى ئېغىر كىرىزىس ھەققىدە يىللاردىن بۇيان ئۆز ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە بۇ ئاكادېمىيەنى مەركەز قىلغان زىيالىيلىرىمىز توپى داۋاملىق ئىزدىنىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۈگۈنكى ھاكىمىيەتچىلىكتىن مەھرۇم ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرەتتە بولسىمۇ، ئۆز ئانا تىلىنىڭ كېلەچەكتىكى قايغۇسى ھەققىدە زىيالىيلىرىمىز، ئەدىبلىرىمىز، ماگېستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىلمىي مۇلاھىزە سورۇنى ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىنىپتۇ. بۇ خىل پوزىتىپ ۋە كېلەچەككە بولغان ئىشەنچ روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاۋانگارتلىق روھى، ھەر بىر ئانا تىل ئىگىسىنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە!
ئىنسانلارنىڭ تىلى ئىجتىمائىي ھادىسىگە تەۋە بولغىنى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى شۇ تىلنى قوللانغۇچى بارلىق خەلقلەر توپىنىڭ ھايات تومۇرى، بايلىقى ۋە بارلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تىل مەسىلىسى ھەرقانداق بىر مىللەت ئۈچۈن سۇلھىسىز ھالدا بارلىق ئىجتىمائىي، سۈنئىي قۇرۇلمىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ تىل ئۆزىنىڭ كەلگۈسى مىللەت ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بۇ خىلدىكى سۈنئىي تىل جانلىق ئىستېمالدىن يىمىرىلىشكە، باشقا بىر تىلغا ئاسېمىلاتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ بىردىنبىر چارىسى بولسا، بىرىنچى قەدەمنى ئائىلىسىدىن، ئاندىن ئۆزىدىن باشلىشى، پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىدىن مۇكەممەل ۋە تولۇق بولغان سىستېمىلىق باشلانغۇچ ۋە ئاساسىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. شۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەربىيەسىگە سېلىنغان مەبلەغ بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك پايدا ئېلىپ كېلىدىغان مەبلەغدۇر.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە زامانغا لايىق تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇ تىلنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى دەپ بىلىدىغان پۈتۈن خەلقىنىڭ جۈملىدىن زامانىمىز زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ دەۋرلەر ئالدىدا باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مەسئىۇلىيىتىدۇر.
مەن بۇ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ «ئانا تىلى» دەپ بىلگەن بارلىق مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، ئىلىمپەرۋەر مىللەت ئەزالىرىغا شۇنى سەمىمىيەت بىلەن تەۋسىيە قىلىمەنكى، بىزنىڭ مۇندىن كېيىنكى زېھنىمىز، ئىقتىدارىمىز قانداق قىلغاندا ياش ئەۋلادلارغا ئۆز ئانا تىلىمىزدا تولۇق مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشتۇر. تىل ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ئەگەر سىز بىر تىلنى ئارتۇق بىلسىڭىز ئۆزىڭىزدىن باشقا يەنە بىر ئارتۇق ئادەم بولالايسىز. بىز ئۆز ئانا تىلىمىزنى مۇكەممەل بىلىش شەرتى ئاساسىدا، باشقا بىر ياكى ئىككى دۇنيا تىلىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى پەن – تېخنىكا ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن قولاي ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى بىزگە شۇنداق ئىمكانىيەتلەرنى بېرىدۇكى مۇمكىن بولغان شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەقلىي ھاياتىي كۈچىنى قېزىپ چىقىش ئارقىلىق ئىلمىي بولغان تەدبىر ۋە چارىلەرنى تېپىپ چىقىش، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنى زامانغا ماس قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىلىمىزنى رەقەم دەۋرىگە قانداق ئېلىپ كىرىش، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىلى تەربىيەسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نېگىزلىك مەسىلىلەر ھەققىدە بىزنى تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشكە ۋە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ تەبىئىيكى، بۈگۈنكى زاماننىڭ، بىر پۈتۈنلۈككە يۈزلىنىۋاتقان دۇنيانىڭ ۋە ئىلىم دۇنياسىنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئېھتىياجدۇر.
مەن بۇ قېتىملىق يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلمىي ساھەسىنى مەركەز قىلىپ، ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىمەن ھەم مۇندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن باشلىنىپ، كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر يىغىن بولۇشىنى تىلەيمەن!.
مەن سۆزۇمنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەخت − سائادىتى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئىلىم – پەن ساھەسىنىڭ مىللىي مەپكۇرە بىرلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىنىمسىز، مېھنەتسىز ئەجرىنى سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان، جۈملىدىن بۇ قېتىملىق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەزكۇر يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆپ ئەجىرلىرىنى سىڭدۈرگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرىگە، ھەيئەت ئەزالىرىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن!
ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە ساغلاملىق، خىزمەت ۋە ئوقۇشىڭلارغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن:
ئەنگلىيەدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.
2016− يىل 20- فېۋرال.
ئارقىدىن ئۇيغۇر ماگېستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا لېكسىيە سۆزلىگەن تۆت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇرات ئورخۇن، ئابدۇرېھىم قەشقەرى ۋە مەمەتئېلى ھاپىز قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نامىدىن تەشەككۈرنامە تەقدىم قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە لېكسىيە بەرگەن ئالتە ئۇيغۇر زىيالىيغا دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ «كىشىلىك تەرەققىيات ھەققىدىكى يازمىلار» كىتابىنىڭ 1-، 2- ۋە 3-قىسىملىرىدىن بىر يۈرۈش ھەدىيە قىلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى.
يېپىلىش نۇتقىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ شۇ قەدەر قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ، دوكلات بەرگۈچى 6 ئۇيغۇر زىيالىيغا ۋە ئارام كۈنىدە سوغوققا قارىماي يىغىنغا كېلىپ قاتناشقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا سەمىمىي تەشەككۈر ئېيتتى.
ئۇ، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوقۇپ يېتىشۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىىشر نەۋائىدەك كىشىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مىللىتىمىزنىڭ بىلىملىك ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ قەدىرلەيدىغانلىقىنى ۋە ئوقۇغانلا ئادەم بولسا ئالىم دەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرسىلا ئالىم بولمايدىغانلىقى، تەبىئىي پەندە نىيۇتون، ئېينىشتىيىن، ئۇلۇغبەگ ۋە ئىبنى سىنادەك يېڭى تېئورىما، يېڭى نەزەىرىيە ۋە يېڭىچە ئالاھىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلەرنى ئاندىن ئالىم دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى؛ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پەقەتلا پەن تەتقىقاتچى دەپ ئاتاشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىجتىمائىي پەندە فارابى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئىدىيە ياراتقانلارنى ئاندىن پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇر دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدىب دېيىشنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئابدۇلھەمىد قاراخان يېپىلىش نۇتۇقىنىڭ ئاخىرىدا، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇل بىلەن تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم رەھمىتىنى بىلدۈردى.
1) ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار چۇقۇم ھەر كۈنى ئۇيغۇرچە خەۋەر، ماقالە ۋە ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇشقا ئاز بولسىمۇ ۋاقتىنى ئالاھىدە سەرپ قىلىشى كىرەك. شۇندىلا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز تىلىنىڭ راۋان ۋە جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
2) ئائىلىدە ئۆز ئارا چوقۇم ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بالىلار چۈشىنەلمەي قالارمىكى دەپ يات تىلىنى ھەرگىزمۇ ئارىلاشتۇرماسلىق. ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ساۋادىنىڭ چىقىشىغا ئەر – ئايال ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا بىلىپ ياردەم قىلىش كېرەك. شۇندىلا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇپ – يازالىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
3) ھەر كەسىپتىكى ماگېستىر ۋە دوكتورلارنىڭ ئۆز كەسپىگە ئائىت بۇرۇن نەشىر قىلىنغان كەسپىي ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇشى كېرەك. ھەركىم ئۆز ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدىلىكى ۋە كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ، ئۇيغۇرچىدا بولمىغان يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئىجات قىلىپ، قىسقا كەسپىي ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر ياسالغان سۆز ئۇيغۇرچىنىڭ تىل قائىدەسىگە ۋە كەسپىي مەناغا چۈشۈپلا قالسا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تېزلا ئۆزلىشىدۇ- دە، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە قوشۇلىدۇ. شۇندىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە پەن – تېخنىكىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ياتلارغا ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەكرار ئۇيغۇر مائارىپىدا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ كەسپىي كىتابلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئاخىرىدا، يىغىنغا قاتناشقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىزغىن كەيپىياتتا يىغىننى تۈگىتىپ، ئوخشىغان ئۇيغۇر پولوسىغا داخىل بولدى.
خۇلاسە قىلىپ ئېيىتقاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەقىقەتەن قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئالتە ئۇيغۇر زىيالىينىڭ نۇتۇقلىرى، مىللەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ مىللىي روھىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتتى.
خەۋەر ئىشلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن باتۇر قاراخانلې
بىناۋا
سالام ،ئۇيغۇرر ئاكادېمىيەسىدىكى ئەزىزلەر!
بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ روھىڭلاردىن يەنە ئىلھاملاندىم.
21-ھۇد كۈنىدە سېدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىمىزدە بىزمۇ ‹‹ خەلقئارا ئانا تىل كۈنى›› نى تەبرىكلىدۇق. بۇ كۈننىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى قېرىنداشلارغا يەنە چۈشەندۈردۇق.يازما ماتېرىيال قىلىپ تارقاتتۇق.ئوقۇغۇچى قۇتيار بىلەن ئېھساننىڭ ئانا تىلدا ئوقىغان شېئىرىغا چاۋاكلار چالدۇق. ئوقۇغۇچى زەمىرە
‹‹نەۋرىلەر››ناملىق ئېسىل شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە ئاتا-ئانىلارغا،ساۋاقداشلارغا بىر نۇسخىدىن تارقىتىپ بەردى.ياش ئانىلار پەرھات تۇرسۇننىڭ بىزدەك مۇساپىرلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئانا تىل تەشنالىقىنى تەسىرلىك،ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن ‹‹ئانا تىلىم››ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئا.ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئىز››ناملىق شېئىرىنىڭ ئېنگلس ۋە ئۇيغۇر تىللىق كۆپەيتمە نۇسخىسى تارقىتىلدى.
ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپاتلار تارقاتتۇق.چەتئەلدە ئانا تىلىمىزنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈستىدە مەسلىھەتتە بولدۇق.
بۇ پائالىيەتنى ئەھمىيەتلىك بىلىمەن.شۇڭا سىزلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
‹‹رەڭگىمىز چىغدىن سېرىق،ئۆتمەكتە كۈنلەر غەم بىلەن،
ئوق تېگىپ ياتقان كېيىكتەك كۆزىمىز لىق نەم بىلەن…››