You Are Here: Home » ئومۇمى » «نۇزۇگۇم ئۆڭكۇرى» گە زىيارەت

«نۇزۇگۇم ئۆڭكۇرى» گە زىيارەت

تۇختى ھاجى روزى

2006-يىلى 18-سىنتەبىر، ئەتىگەندىن كەچكىچە ياققان يامغۇريېشىللىشىش نىسپىتى ئالاھىدە يۇقۇرى ئالما-ئاتا شەھرىنىڭ ھۆسنىنى تېخىمۇ گۇزەللەشتۇرۋەتكەن ئىدى.
— مانا بۇ چىرايلىق كۈزنىڭ ھەقىقى باشلىنىشى، – دېدى ئۆي ئىگىسى مىرزائەخمەت ئاكا دېرىزىدىن سىرتقا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ، — ئالدىڭلار ئۇچۇق ئىكەن، ھاۋا ساپ ئەتراپ پاكىز، چىرايلىق … سىلەرنى راسا ئوينىتىۋالىدىغان بولدۇق …
ئاق كۆڭۇل مېھماندوست تۇققانلىرىمىز دېگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. بىزگە شەھەرنىڭ بارلىق چوڭ، ھەشەمەتلىك بىنالىرى چۇشكەن ئاۋات كوچىلىرىنى، قايناق بازار، ماگزىنلىرىنى، مەكتەپ، كىتاپخانا ۋە تەنتەربىيە سارايلىرىنى، مىدىئو مەنزىرلىك تاغ رايۇنلىرىدەك گۇزەل جايلارنى ساياھەت قالدۇردى.
22- سىنتەبىر، ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن مىرزا ئەخمەت ئاكا كۇندىكى ئادىتى بويىچە بۇگۇنكى مەشغۇلاتنى يېزىپ ئېلان قىلدى:
— چۇشكىچە سىرتقا چىقمايمىز، چۇنكى بىزنىڭكىلەر ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغان بىر مويىسپىت چۇشتىن ئىلگىرى سىلەر بىلەن كۆرۇشكىلى كەلمەكچى.
— مويىسپىت؟ كىم ئۇ؟
مىر زا ئەخمەت ئاكا كۇلۇمسىرەپ جاۋاپ بەردى:
— ئۇ قازاقىستان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى، داڭلىق تىلشۇناس ئۆكتەبەر جامالىدىنوف، — ئۇنىڭ سۆز ئاھاڭىدىن بىر خىل ھۆرمەت ۋە پەخىرلىنىش چىقىپ تۇراتتى.مەن ھەم ھەيرانلىق، ھەم پەخىرلىنىش ئىچىدە سورىدىم:
— ئۇ كىشى بىزنى قانداق بىلىدىكىنە؟
— قۇدلىرىمىزدىن بىلىپتۇ. ئەسلىدە سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چاقىرغان، مەن سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنىڭ قىسلىقىنى ئېيتسام، ئۇنداقتا ئۆزۇم باراي، دەپ بۇگۇن چۇشتىن ئىلگىرى ۋاقىتنى بەلگىلەپ خەۋەر بەردى.
— ھەتتەڭ! بۇ مويىسپىتنى ئاۋارە قىپتىمەندە، — دېدىم خىجىل بولۇپ.
دېگەندىكىدەك يېرىم سائەتلەردىن كېيىن جامالىدىنوف يېتىپ كەلدى. ئۇ ئوتتۇرا بوي، 75-76ياشلاردىكى كىشى ئىكەن. بىز قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتۇق. جامالىدىنوف ئولتۇرۇپ دۇئاغا قول كۇتۇردى. دۇئادىن كېيىن بىر — بىرىمىزدىن قىرغىن ھال— ئەھۋال سوراشتۇق.جامالىدىنوف ئۆي ئىگىلىرىگە خۇشچاخچاخلىق بىلەن ئېغىز ئاچتى:
— ئوغلۇڭلار ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى راۋۇرۇس سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇغۇ، ھەيرانلا قالدىم، — ئۆي ئىگىلىرى قاقاقلاپ كۇلۇشۇپلا كەتتى. كۇلكە سەۋەبىنى چۇشەنمىگەچكە، مىرزا ئەخمەت ئاكىغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم، ئۇ كۇلگىنىچە ماڭا چۇشەندۇردى:
– ئوغلىمىزنىڭ 10نەچچە ياش ۋاقتى ئىدى، ئۇ بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىزدىن ئۆگىنىۋالغان سالام قىلىش سۆزىنى ئىشلىتىپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بوۋا!» دەپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام بېرىپتۇ.بوۋاي نەۋرىسىنىڭ بۇ چىرايلىق سۆزلىرىدىن خۇرسەن بولۇپ «يارايسەن، بالام!» دەپ ماختاپتۇ ۋە بالىنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ قانداق ئوقۇۋاتقانلىقى ۋە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى سوراپتۇ.ئۇيغۇرچە چۈشەنمەيدىغان بالىمىز ئىككى مۆرىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ، جاۋاپ بېرەلمەي بېشىنى ئېرغىتىپتۇ.بوۋاي نەۋرىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قىلغان گەپلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلىپ «ھۇي، دۆت!» دەپ ئاچچىقلاپتۇ. كەچتە ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بىزدىن «پاپا، ماما! شىتۇ تاكۇي «دۆت» ؟ (دادا، ئانا «دۆت» دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟)» دەپ سورىدى. «كىم شۇنداق دېدى؟» دېسەك بوۋىسىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتتى.شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى بالىدىن بوۋىسىنىڭ قانداق ئەھۋالدا شۇنداق دېگەنلىكىنى بلىۋېلىپ، ئۇنىڭغا چىرايلىق، يوللۇق گەپلەر بىلەن بىر— ئىككى سائەت تەربىيە قىلىپ، ئاخىرىدا:«رۇسچە سۆزلىگىنىڭنى يامان دېمەيمىز، لېكىن ئۇيغۇر بالىسى تۇرۇپ ئۇيغۇرچە بىلمىگىنىڭ ئىنتايىن ئۇياتلىق ئىش» دېدى.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ھەر كۈنى بىرەر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ بىزدىن ئۇيغۇرچە ئۆگەندى. يېرىم يىلغىمۇ يەتمەي تىرىشقاننىڭ نەتىجىسىنى كۆردى…..
— ھېلىقى بىر رۇبلىنى «يىقىتىۋەتكەن» قىزىڭلارچۇ؟— جامالىدىنوف كۈلكىلىك پاراڭنى ئۈزۈۋەتكۈسى كەلمىگەندەك يەنە سورىدى.
— قىزىمىز گۈلمرەنى دەيدۇ، — مىرزا ئەخمەت ئاكا بىزگە قاراپ چۈشەندۈردى، — قىزىمىز 15 ياشلارغا كىرگەن چاغ ئىدى، بىر كۈنى ئاپىسى ئىككىمىز ئۇنى ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىگە يوقلاپ بېرىپ چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يەيلى دەپ سىرتقا ماڭدۇق.ئۇنى چۈشتىن كېيىنلىك دەرسكە كېچىكىپ قالمىسۇن دەپ پىكاپنى تېزرەك قوزغاپ ھەيدېگەن ئىدىم، ئۇ تۇيۇقسىز «دادا، پاپا، بىر رۇبلى يىقىلىپ كەتتى» دەپ توۋلاپ كەتتى. ئەسلى ئۇ پىكاپقا چىققۇچە بىر رۇبلى پۇلىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇ ئۇيغۇرچە «چۈشۈپ قالدى» دېگەننى «يىقىلىپ كەتتى» دېگەنىكەن.
ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق. بىزگە چاي قۇيۇپ بېرىۋاتقان تۇنىسا ھەدە ئېغىز ئاچتى:
— ئۆز ۋاقتىدا بالىلىرىمىز رۇسچىلا سۆزلەپ، ئۆز ئانا تىلىغا ئېتىبارسىز قارىغان، ھازىر ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنى ئوبدانلا سۆزلەيدۇ. ئاشۇ بىر رۇبلىنى يىقىتىۋەتكەن قىزىمىزنىلا ئېيتساق ئۇيغۇر، قازاق، رۇس تىللىرىدىن باشقا ئېنگلېز، فرانسۇز تىللىرىنى سۇدەك سۆزلەيدۇ.
سەزدىمكى، تىلشۇناس ئالىم پاراڭنى ئۆز كەسپى بولغان ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت كۈلكىلىك گەپلەردىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن ئارىدىكى قورۇنۇشنى يوقىتىۋېتىشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئالما-ئاتادىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى رېئال ئەھۋالىدىن بېشارەت بېرىۋاتاتتى.
— ھازىر دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، — دېدى جامالىدىنوف بېشىنى ئېرغىتىپ قويۇپ ئاستا، ئەمما ئېنىق ئاۋازدا، — تەرەققىيات بىزگە خىرىس ۋە رىقابەت ئېلان قىلدى، بۇنى چۈشەنمىگەنلەرنى دەۋر، تارىخ شاللىۋېتىدۇ. تىل — كۆۋرۈك، بۇ ھەممىگە ئايان ئاددى ساۋات، تەرەققى قىلغان، قىلىۋاتقان مىللەتلەر قاتارىدا ماڭىمەن دېگەن ھەر بىر كىشى بۇ ساۋاتنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، ئۆز ئەقلىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنى تولۇق — پىششىق بىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر — ئىككىلا مىللەتنىڭ ئەمەس، پەن — تېخنىكىدا ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر نەچچە مىللەتنىڭ تىلىنىمۇ ئۆگىنىشى لازىم ….
بىز ئۇنىڭ سۆزىنى بولمەي جىم ئولتۇردۇق. ئۇ سۆزلەۋېتىپ بىردىن مەن تەرەپكە بۇرۇلدى.
— دەۋاتقانلىرىم توغرىمۇ قانداق؟ مانا سىزمۇ ياش ۋاقتىڭىزدا تۇرۇك تىلى ئۇگۇنۇپسىز، يېشىڭىز 50 كە يەتكەندە يەنە ئۆزلىكىڭىزدىن رۇس تىلى ئۆگۇنۇپسىز، بۇ نېمە دېگەن ياخشى روھ —ھە!؟بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تىل — ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى پەقەت نەزەرىيىدىلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتىمۇ پىشقان بىر ئەدىپ بولسا ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلىدىغان تىللىرىمۇكۆپرەك بولسا، بىلىش دائىرسىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ مەن سىزنى شىنجاڭدىكى چوڭ ئەدەبىي ژورنال «تارىم» نىڭ 1984-يىل6-سانىدىكى «نۇزۇگۇم» ناملىق تارىخىي داستانىڭىز بىلەن تونوغان.بۇ نۆۋەت ئالما —ئاتاغا كەلگىنىڭىزنى تۇققانلىرىڭىزدىن ئاڭلاپ، سىز بىلەن يۇز— تۇرانە كۆرۇشكۇم كەلدى، — ئۇ سومكىسىدىن شۇ سان ژورنالنى ئېلىپ ماڭا سۇندى.ژورنال سىرتىغا بىر خىل كارتا چاپلانغان بولۇپ، كارتىغا قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىدى.
جامالىدىنوف «قانداق راست دەپتىمەنمۇ؟» دېگەندەك كۇلۇپ قويۇپ ماڭا چۇشەندۇردى:
– تارىملا ئەمەس، يەنە بىرقانچە گېزىت، ژورنالمۇ بىزگە قانۇنىي رەسمىيەت بويىچە كېلىدۇ.
بىز چاي ئىچكەچ تىل ۋە ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، پىسخىلوگىيە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كەڭ —كۇشادە پىكىرلەشتۇق. جامالىدىنوف قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇر ئەدەبىيات بۇلۇمىدىكىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بويان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت ئاز بولمىغان ماتىرياللارنى توپلاپ تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى كۇنلەردە يەنە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتىنىمۇ سېستىمىلىق توپلاپ، تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.ئۇ يەنە 1950- يىللاردائاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى سابىت موقانوف باشچىلىغىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەدىپلەرنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە بارغاندا، تالانتلىق رىيالىستىك شائىر موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ (نازىم) توغرىسىدا، 1881- يىلدىن 1883- يىلنىڭ ئاخىرغىچە داۋام قىلغان «چوڭ كۆچ» ۋە نازىم شۇ دەۋىرلەردە يازغان «نۇزۇگۇم» توغرىسىدا خېلىلا مول ۋە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ماتىرياللارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ:
– مەن ئەدەبىياتچى ئەمەس، لېكىن بىر ئۇمۇر تىل بىلەن شوغۇللىنىپ كەلدىم، — دېدى ئۇ ئويلانغان ھالدا، —تىل ۋە ئەدەبىيات بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا مەنمۇ ئەدەبىيات ھەققىدە ئانچە — مۇنچە ساۋات ئىگىلەشكە تىرىشىپ كەلدىم. خوش يەنە نۇزۇگۇم ھەققىدىكى سۆزگە كەلسەك، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەزى شائىر، يازغۇچىلار ئۇ توغرىسىدا داستان ۋە رومانلارنى يازدى.بىزگە ئايان، نۇزۇگۇم تارىختا ئۆتكەن ھەقىقى قەھرىمان شەخس، لېكىن ھەرقايسى شائىر، يازغۇچىلاردا ئۆزىگە خاس ئىزدىنىش ۋە ئالاھىدىكلەر بولغاندىن باشقا، قەھرىمانىمىز توغرىسىدىكى قىسمەن مەزمونلاردا ئاز — تولا ئوخشاشماسلىق ۋە كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت، — ئالىم سۆزدىن توختاپ ماڭا قارىدى ۋە كۇلگىنىچە، — سىز ئوقۇتقۇچى، شۇنداقلا بىر شائىر بىز سىز يازغان «نۇزۇگۇم» ناملىق تارىخىي داستاننى مەزمون ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۆزۇمىزگە خاس ئۇسۇل بويىچە باھالاپ كۆردۇق. داستاندا سىز ئۇيغۇر پوئېزىيىسىدىكى ئون نەچچە خىل شېئىرىي شەكىلدىن ناھايتتى تەبىئىي ماسلاشتۇرۇپ ياخشى پايدىلىنىپسىز، شېئىرىي تىل، ئوخشىتىش، ئەپىتىن…دېگەنلەر كىتاپخانلاردا زوق قوزغايدۇ. مەزمون جەھەتتە، 1826— يىللاردىكى چىڭ سۇلالىسىگە قارشى قوزغالغان قەشقەر خەلقىنىڭ كۈرىشى، ئاشۇ كۆرەشتىكى نۇزۇگۇمنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى، كېيىن تۇتۇلۇپ ئىلىغا سۇرگۇن قىلىنغانلىنى، ئەسىرلىكتىن قېچىپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ۋە بىر سۇلۇن ئەمەلدارىغا خوتۇنلۇققا مەجبورىي بېرۋېتىلگەنلىكى ئۇنىڭ ئۆز ئىپپەت — نۇمۇسىنى قوغداپ، زالىم ئەمەلدارنى ئۆلتۇرۇپ يەنە قېچىپ كەتكەنلىكى، قىسقىسى، ئۇنىڭ جەسۇر ئىسيانكارلارغا خاس ئېگىلمەس — سۇنماس روھى ياخشى ئېچىپ بېرىلگەن.لېكىن نۇزۇگۇمنىڭ ئىككىنچى قېتىم قېچىپ، تەخمىنەن ئالتە ئاي تاغ — ئېدىرلاردا، ئېنىقراق ئېيتقاندا، بىزنىڭ باغكەتمەن يېزىسىدا ياشىغانلىغى قاتارلىقلار سىز يارغان داستاندىمۇ تاشلاپ قويۇلغان، —ئالىم سۆزدىن توختاپ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىغىنىچە كۈلۈمسىرىدى.
— راسىت بۇ تەرەپلەر ماڭىمۇ قاراڭغۇ ئىدى، — دېدىم مەنمۇ ئۇچۇق كۆڭۇللۇك بىلەن.
ئالىم رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى ئىرغىتتى:
—بۇنى چۇشۇنۇشكە بولىدۇ، سىز بۇ قېتىپ چوقۇم باغكەتمەنگە بېرىپ «نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى» نى كۆرۇپ كېلىڭ. باغكەتمەن كەڭ ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇيغۇر رايۇنىغا تەۋە جاي ئۇ كەتمەن يېزىسى بىلەن شۇڭقار يېزىسىنىڭ ئارلىقىدا. ئۇ يەردە بىر سايلىق بولۇپ، سايلىقنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدە پىياز سۇيى دەپ ئاتىلىدىغان بىر جىرا بار. جىرانىڭ شەرقىدە چوڭ بىر يارداڭلىق—دۆڭلۇك بولۇپ، شۇ دۆڭلۇككە بىز دەۋاتقان «نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى» جايلاشقان. ئۇ يەرگە بارسىڭىز، باغكەتمەنلىك ھەرقانداق بىر كىشى ۋە ئۇنىڭغا بەش — ئالتە ئايچە ياردەم قىلغان گۇلمەت بوۋاي ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.
— نۇزۇگۇم ۋە ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىق قىلغان گۇلمەت بوۋاي ھەققىدىكى ھىكايەتنى غالجاتتىن مۇشۇ ئالما — ئاتاغىچە، يەتتە سۇدىن يەر كەنىتكىچە بولغان ئارلىقتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار بىلىدۇ، — دېدى باياتىن جىم ئولتۇرغان مىرزا ئەخمەت ئاكا سۆز قىستۇرۇپ. مەن «نۇزۇگۇم ئۆڭكۇرى» ھەققىدە بۇرۇن ئىككى قېتىم يۇزەكىلا ئاڭلىغانلىقىمنى، بۇ قېتىم چوقۇم ۋاقىت ئاجىرتىپ باغكەتمەنگە بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
بىز چۇشلۇك غىزاغىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.جامالىدىنۇف نۇزۇگۇم ھەققىدە ۋە ئۆزى قىزىققان بەزى ئىشلار توغرىسىدا مەندىن خېلى كۆپ سۇئاللارنى سورىدى.
— نۇزۇگۇم توي قىلغانمۇ؟
—ياق، مەن بۇنى داستانىمدا ئېنىق يازغان.
— سىز داستاننى يېزىشتىن ئىلگىرى ماتىريالنى قانداق توپلىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
—1967- يىلى ئىدى قەشقەر ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ھېپىزىخان مەخسۇم ئىسىملىك بىر مەشھۇر تىۋىپ بولۇپ، بىر دوستۇمنىڭ ۋاستىسىدە ئۇ زات بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، يېقىن پىكىرداشلاردىن بولۇپ قالدىم.ئۇ كىشىنىڭ چوڭ بوۋىسى نۇزۇگۇمنىڭ دادىسى بىلەن دەۋېرداش دوسلاردىن ئىكەن، نۇزۇگۇم ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئاشۇ كىشى سۆزلەپ بەرگەن. كېيىنچە مەن قەشقەردىكى بىر قانچە ئۇقۇمۇشلۇق زاتتىن، يەنى شائىر ئەخمەت زىيائى، ئىمىر ھەسەن قازى ئاخۇنۇملاردىنمۇ بۇ ھەقتىكى پاكىتلارنى ئىگىلىدىم.شۇنىڭدىن 16-17يىل ئۆتۇپ، دادامنىڭ ئەينى يىللاردىكى ساۋاغدىشى، يېقىن دوستى، ئالىم ۋە شائىر ئابدىرېيىم تىلەشوف ئۆتكۈرنىڭ ئىلھام بېرىشى ئارقىسىدا بۇ تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتىم.
— دېمەك، نۇزۇگۇم تېخى توي قىلمىغان قىز، ئۇ ئەڭ ئاخىرغىچە ئۆزىنىڭ پاك ئىپپىتىنى ياتلاردىن قوغداپ، ئۆز سۆيگۇسىگە سادىق بولغان ۋە شۇ پاك پېتىچە، مەردانلارچە قۇربان بولغان قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى ئىدى، دەڭ! مانا بۇ بىز نۇزۇگۇمنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايدىغان يەنە بىر مۇھىم تەرەپ، — ئالىم نىمىدۇر ئويلىنىپ بىردەم ئۈن — تىنسىز ئولتۇردى ۋە يەنە سورىدى، — نۇزۇگۇمنىڭ ئاتىسى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟
— ئاتىسى سازاندە ۋە قوشاقچى، شۇنداقلا ئۇستا نەققاش.قەشقەر شەھرىدىكى مەشھۇر ھېيتىگاھ ۋە قەشقەردىكى بىر قانچە چوڭ مەسچىتلەردە ئۇنىڭ ھۇنەر سەنئەت ئىزلىرى تاكى يېقىنقى يىللارغىچە ساقلانغان.
— مۇنداق دەڭ، نۇزۇگۇمنىڭ كىچىكىدىنلا شائىرە بولۇپ يېتىلىشىدە ئاتىسىنىڭ ئەمەلىي تەسىرى بولغان ئىكەندە.
بىز نۇزۇگۇم ۋە ئۇنىڭ شېئىر — قوشاقلىرى، ئاكىسى ئابدۇللا، سۆيگەن يېگىتى باقى ۋە ئۇلارنىڭ قەشقەر قوزغىلىڭىدىكى روللىرى، ئەسىرلىكتىكى پائالىيىتى ۋە ئاخىرقى تەقدىرى چەققىدە يەنە بىر ھازا پاراڭلاشتۇق. چۇشلۇك غىزا ئۇستىدە ئۇلار مېنى 24-سېنتەبىر باغكەتمەنگە بېرىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇردى. غىزا يىيىلىپ بولۇپ دوئادىن كېيىن، ئالىم بىر موھىم ئىش ئېسىگە چۇشكەندەك ماڭا ئىتتىك بورۇلۇپ قارىدى:
سىز بايا ئابدىرېيىم تىلەشوف ئۆتكۈرنىڭ دادىڭىزنىڭ ساۋاقدىشى ھەم دۇستى ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىدىڭىز، — ئۇ خىجىل بولغاندەك كۇلدى، —بۇ بوۋاينىڭ قىزىقىدىغان ئىشلىرى تولا ئىكەن دەپ باشقىچە ئويلاپ قالماڭ، راستىنلا شۇ گېپىڭىزگە قىزىقىپ قالدىم.
مەن دادام ۋە ئا.ت.ئۆتكۈرى ھەققىدە بىلگەن، ئاڭلىغانلىرىمنى جامالىدىنۇفقا سۆزلەپ بەردىم. 1988- يىلى ماي ئېيىنىڭ مەلۇم بىر كۇنى ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن دادام سۆزلەپ بەرگەن، خەلچەم ھەدىمىز ئارلاپ-ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىنى تۇلۇقلاپ ماڭغان مۇنداق بىر ئەسلىمە جامالىدىنوف ئاكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، خاتىرسىگە بەزى جايلىرىنى يېزىۋالدى.
ئەسلىمە
ل.مۇتەللىپ، ئابدىرېھىم تىلەشوف، روزى ھاجىملار 1938- يىلىدىن باشلاپ بىر سىنىپتا ئوقۇپ، كۆڭۇللىرى، ئوي -پىكىرلىرى يېقىن ھەم بىردەك بولۇپ كەلگەن ساۋاقداش، دوسۇتلار. ئۇلار دەرىستىن چۇشۇپ، مۇزاكىرە ۋە دەرىس تاپشۇرۇقلىرىنى تۇگەتكەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا، قىزىل بىنانىڭ ئىچىدىكى كىتاپخانلاردا، بىنا ئالدېدىكى كىچىك باغچىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرى، ئېجتىمائىي ۋە تەبىي پەنلەردىكى بەزى يېڭىلىقلار ھەققىدە پىكىرلىشىدۇ، مۇنازىرلىشىدۇ …مانا بۇگۇن -بۇ 1940-يىلنىڭ ئاخىرى -قىش پەسلى.ئۇلار مىللەتلەر ئىنىستوتىدىن 500 مېتىرچە يىراققا جايلاشقان بىر قەۋەتلىك ئاددىيغىنا ئۆيدە قىزغىن پاراڭغا چۇشكەن.بۇ ئا.تىلەشوفنىڭ ئۆيى.ئۇنىڭ مەڭگۇلۇك، سادىق ھەمرايى، زىلۋا بوي، ئاق يۇزلۇك ئاتۇش شىۋىسىدە ئىنتايىن ئېنىق ۋە يېقىملىق سۆزلەيدىغان چىرايلىق ئاتۇش قىزى خەلچەم دالان ئۆيدە ئۇلار ئۈچۈن تاماق ئەتمەكتە.ئۈچ دوسىتنىڭ پاراڭلىرىنىڭ مۇھىم مەزمونى شۇ دەۋىردىكى سىياسىي ۋەزىيەت، مەكتەپ ئەھۋالى، تارىخ ئەدەبىيات، پوئېزىيە ۋە پروزا….
– دوسىتلار، ئەمدى بۇگۇن بېنىڭ بىر مۇھىم ئىشىمنى ئېلان قىلىشىمغا روخسەت قىلساڭلار، -ياستۇققا جەينەكلەپ ياتقان تىلەشوفئورنىدىن كۆتۇرلۇپ ئولتۇرۇپ، ئىككى دوستىنى ئۆزىگە قاراتتى، -لۇتپۇللا، دوستۇم، بۇگۇن مەن ساڭا بىر ئەدەبىي تەخەللۇسنى تەقدىم قىلىمەن. قېنى، سەن مۇۋاپىق كۆرەمسەن، قانداق، – تىلەشوف بىردەم تۇرۋېلىپ ئوڭ قۇلىنى ئىگىز كۆتۇردى ۋە ئاۋازىغا رومانتىك ھېسىياتتىكى ياشلارغا خاس بىر خىل تەنتەنىلىك بىر تۇس بېرىپ ئېلان قىلدى، -قاينام ئۆركىشى!
ل. مۇتەللىپنىڭ كۆزلىرى بىلىنەر-بىلىنمەس قىسىلدى. روزى ھاجى:
-پاھ دەل جايىدا دوستۇم، كاللاڭ ئاجايىپ ئىشلەيدۇ جۇمۇ!-دېگىنىچە چاۋاك چالدى. ل.مۇتەللىپ رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى ئىرغىتىپ كۇلۇمسىردى ۋە دوسلىرىغا تەشەككۇر بىلدۇرگەندەك بىر خىل تەرىزدە قارىۋېتىپ:
-رەخمەت ھازىردىن باشلاپ سەن تەقدىم قىلغان تەخەللۇسنى ئىشلىتىمەن.ئەمدى بەنمۇ ساڭا ئۇزۇندىن بويان ئويلاپ يۇرگەن بىر تەخەللۇسنى تەقدىم قىلىمەن، -دېدى ۋە رېزى ھاجى بىلەن تىلەشوفقا «قانداق بولامدۇ» دېگەندەك بىر -بىرلەپ قارېۋېتىپ ئوڭ قۇلىنى ئىگىز كۆتۇردى، – ئۆتكۈر!
ئۈچ دۇست تەڭلا چاۋاك چالدى.ئىشىك قىيا ئېچىلىپ خەلچەم «نېمە قىلۋاتىسىلەر؟» دېگەندەك دوسلارغا قارىدى.روزى ھاجى جاۋاپ بەردى:
-لۇتپۇللا -قاينام ئۆركىشى!ئابدىرېيىم تىلەشوف-ئۆتكۈر!مۇبارەك بۇلسۇن!قېنى قول ئېلىشىڭلار!
ئۇيغۇر خەلغىنىڭ بۇ ئىككى ئەزىمەت ئوغلانى بىر -بىرىنىڭ قوللىرىنى مەھكەم قىسىشتى.
-مەن گۇۋاھ!-روزى ھاجى تەسىرلەنگەن ھالدا ئىككى ئەزىمەتنىڭ قوللىرى ئۇستىگە قوللىرىنى قويۇپ.
– مەنمۇ گۇۋاھ!-دېدى خەلچەم تەسىرلەنگەن ھالدا.
-ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ئىكەن، -دېدى جامالىدىنۇفمەن سۆزدىن توختىغاندا، -ھازىر ھاياتلاردىن بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولىدىغان يەنە كىملەر باردۇر؟
-ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەينى يىللىرى نەق سورۇندا «مەنمۇ گۇۋاھ» دېگەن سادىق ھەمراھى خەلچەم ھەدە بار.
-ل.مۇتەللىپ، ئا.ت.ئۆتكۈرلەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر.بىز ئۇلارنىڭ ساۋاقداش، دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، لېكىن بىر بىرىگە مەڭگۇ ئەستىن چىقماي ئۇلۇغلىنىدىغان ئەدەبىي ئىسىملارنى تەقدىم قىلىشقانلىقىنى بىلمەيتتۇق.بۇگۇن سىز بۇ ئىككى ئاتاقلىق زاتنىڭ تارىخىغا ئائىت مۇھىم بىر ئەسلىمىنى بايان قىلدىڭىز.ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر ئەدەبىي تارىخچىلىرىمىز بۇ ئىشنى چوقۇم قىممەتلىك تارىخىي پۇتۇكلەر قاتارىغا پۈتىدۇ.
ئالىمنىڭ چېھرىدە بىر خىل مەنمۇنىيەت كۇلكىسى جىلۋىلەندى. شۇ ھالەتتە ئو بىر ھازا سۆزسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك مەن تەرەپكە بۇرۇلدى:
-ھە، راست سىز بايا«نۇزۇگۇم ئۆڭكۇرى» ھەققىدە بۇرۇن ئىككى قېتىم يۇزەكى بولسىمۇ ئاڭلىغانتىم، دېۋىدىڭىز، بۇ داستانىڭىزنى يېزىپ بولغاندىن كېيىنكى گەپمۇ -ياكى؟
-شۇنداق، -مەن ئاڭلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم:
ئەسلىمە
1954-يىللار.قەشقەر نەزەرباغدىكى دارىلمۇئەللىم مەكتىپى
كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۇرۇپ، پارقىراپ تۇرىدىغان قارا رەڭلىك قوڭغۇز پىكاپ بىلەن ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىملا چىقىپ، يۇقۇرى يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىككى سائەتتىن (ھەر قېتىم)پىداگوگىكا ئىلمىدىن لېكسىيە سۆزلەيدىغان چىرايلىق، سالاپەتلىك خانىم مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈم ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى.ئۇ سوۋىت ئىتپاقىنىڭ قەشقەردىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىلىم مەدەنىيەت خادىمى -روشەن خانىم ئىدى.
مەكتەپنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىغا مەسئول بولۇپ ئىشلەۋاتقان دادام ئۇنىڭ بىلەن قىرغىن سالاملىشىپ، ئۇنى سافاغا تاكلىپ قىلغاندىن كېيىن، ئالدىن تەييارلاپ قويغان، يېڭى دەرىسلىكنىڭ پىلانى جەدىۋىلىنى ئۇنىڭغا بەردى.پىداگوگىكا، پىسخىلوگىيە …8، 16سائەت، ئىكونومىكا …دېگەندەك مەن چۇشۇنۇپ چۇشەنمەيدىغان سۆز -ئاتالغۇلار ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا پات -پات تەكرارلىنىدىغانلىغى گوڭگا ئېسىمدە.مەن تېخى ئەمدىلا 10ياشغا كىرگەن، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىغىدا ئوقۇيدىغان كىچىك بالا، شۇ تاپتا ئۆزۇمنىڭ دەرىس تاپشۇرۇقىنى ئىشلەش بىلەن ئاۋارە ئىدىم.
بىر يۇمشاق قول بېشىمنى ئاستا سىلىغاندا كۆزۇمنى دەپتەردىن ئۇزدۇم.
-3-يىللىقتا ئوقۇيدىكەنسىز -دە؟
تارتىنىپ بېشىمنى ئىرغىتىپ «ھە» دېدىم.
روشەن خانىم ئىنتايىن يېقىملىق ئاۋازدا، مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىل قىزىقارلىق تەلەپپۇزدا سۆزلەيتتى.
– ياخشى ئوقۇسىڭىز، چوڭ بولغاندا بىزنىڭ ئەلگە بېرىپ ئوقۇيالايسىز.
-سەۋىتكە؟- ئىختىيارسىز سورىدىم.
-ھەئە، ئالما-ئاتاغا! ئۇ قەيەر بىلەمسىز؟ ئۇ چىن تۆمۇر باتۇر بىلەن مەختۇمسۇلالارنىڭ يۇرتى، سىز ئۇلار ھەققىدىكى چۆچەكنى ئاڭلىغانمۇ؟
چىن تۆمۇر باتۇر ئۆيۈدە بارمۇ؟
كاپ -كاپ كۇچىكى ئىشىكتە بارمۇ؟
مىسران قېلىچى قۇزۇقتا بارمۇ؟
ئۇچقۇر دۇلدۇلى ئېغىلدا بارمۇ؟
ئۇ چۆچەك ۋە قوشاقلارنى قىسقا ھەم قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەيتتى.بۇ چۆچەكنى بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم ئاڭلىغانمەن.لېكىن روشەن خانىمنىڭ بايانىدىكى قىزىقتۇرغۇچى سېھرىي كۈچ مېنىڭ گۇدەك دىلىمدا بۇ خانىم ئاشۇ مەختۇمسۇلانىڭ قېرىندىشىمۇ قانداق؟دېگەن بىر خىل ساددا خىيالنى پەيدا قىلىپ، ئاغزىمنى ئېچىپ ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدىم بۇنى كۆرگەن روشەن خانىم سۆزىنى تۇگۇتۇپ، مۆرەمنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ قويدى ۋە دادامغا قاراپ:
– روزى ھاجىيوف قارىسام بو ئوغلىڭىز خېلى ياراملىق ئادەم بولغىدەك -دېدى ۋە مۆرەمگە يىنىككىنە ئۇرۇپ قويۇپ، – ئالما-ئاتادا ئوقۇسىڭىز، ئاجايىپ -غارايىپ گۇزەل يەرلەرنى، يەنە تېخى مۇشۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن نۇزۇگۇم ئىسىملىك بىر باتۇر قىز ئۆز ۋاقتىدا پاناھلانغان بىر ئۆڭكۇرنىمۇ كۆرەلەيسىز، -دېگەننى قوشۇپ قويدى.
سۆزۇمنى توختىتىپ ئالىمغا قارىدىم.ئۇ «يەنە بىر قېتىمقىسىچۇ؟» دېگەندەك ماڭا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى.
– «نۇزۇگۇم ئۆڭكۇرى» ھەققىدە بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغىنىم شۇنچىلىك ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىقى 1988-يىلى ياز.بۇ قېتىم مەن ئا.ت.ئۆتكۈر ئەپەندىمنى فاكولتىتىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر تارىخى ئەدەپىياتىدىن لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ ئۆيىگە بارغانىدىم.شۇ يەردە ئۆتكۈر ئاكا «نۇزۇگۇم» داستىنى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ قازىقىستاندىن كەلگەن مېھمانلاردىن «نۇزۇگۇم ئۆڭكۇرى» توغۇرلۇق ئاڭلىغانلىقىنى، «ئۆڭكۇرنى» كۆرۇش پۇرسىتى چىقىپ قالسا، چوقۇم كۆرۇشنى، شۇ ئارقىلىق داستاننى تۇلۇقلاش لازىملىغىنى ئېيتتمۇنداق دەڭ، -دېدى جامالىدىنۇف ئاكا بېشىنى ئىرغىتىپ، -دېمەك، بۇ قېتىم باغمەتكە بېرىپ «ئۆڭكۇر» نى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۇشىڭىز پەرىز ئىكەن.
24-سىنتەبىر، سەھەر.
بىز ئەتىگەندىلا سەپەرگە ئاتلاندۇق.بىز ئالما-ئاتا شەھەر رايۇنىدىن چىقىپ شەرقىي جەنۇپقا سوزۇلغان يول بىلەن مېڭىپ كەتتۇق.
– مانا بۇ يەرلەر -ئۇيغۇر رايۇنىغا تەۋە، -دېدى مىرزا ئەخمەت ئاكا ئالدى تەرەپتىكى بىپايان يېشىل ئوتلاقلىق زىمىنىنى ۋە يۇلنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاتار سېلىنغان روس ۋە ئۇيغۇر پاسونىدىكى باغۋارانلىق ھويلا ئۆيلەرنى كۆرسۇتۇپ، – تېخى كۆرۇسىز ئالدىمىزدا غۇلجا، قەشقەرنىڭكىدەك قورو جايلارمۇ بار.
پىكاپ تېز سۇرئەتتە ئىلگىرلىمەكتە.بىز سەككىز ئونچە مەھەلىنى بېسىپ ئۆتتۇق.بۇ كەنىت-مەھەلىلەرنىڭ ھەممىسى مىرزا ئەخمەت ئاكىغا ناھايتتى تۇنۇش ئىكەن.چۇنكى ئۇ 1950-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تاشكەنىت يېزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، تاكى 1990- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر مۇشۇ كەڭرى زىمىندا باش ئاگرانۇم بولۇپ ئىشلىگەچكە، ياركەنىتتىن چۇنجىگىچە، چۇنچىدىن يەتتە سۇغىچە، يەتتە سۇدىن چېلەك ۋە غالجاتقىچە، غالجاتتىن باغكەتمەن ۋە شۇڭقارغىچە ئۇنىڭ قەدىمى يەتمىگەن ئېتىز -ئېرىق، تاغ-ئېدىر يوق دىيەرلىك ئىكەن.ئۇ ئېيتقاندەك ئالما -ئاتا بىلەن باغكەتمەننىڭ ئارلىغى 250كىلو مېتىر بولۇپ، تۆت سائەتتە يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەرگە كېلىپ مىرزا ئەخمەت ئاكىنىڭ پەرىزىمدىكىدىنمۇ ئارتۇق ھۆرمەتكە سازاۋەرلىكىنى بىلدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىرزا ئەخمەت ئۇكام!
ھوي، مۇنۇ بىزنىڭ مىرزا ئەخمەتقۇ!؟
-پاھ، بۇ بىزنىڭ ئاگرانۇمىمىزغۇ!
تەرەپ -تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر بىزنى ئورۇۋېلىشتى.ھال-ئەھۋال سورىشىش، ئۆي ئىچى بالا چاقىلىرغىچە سۇرۇشتۇرۇشلەر، ھۆرمەتلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۇشىشلەر بۇ يەرلىكلەر بىلەن مىرزا ئەخمەت ئاكىنىڭ ئەينى چاغلاردا ئىنتايىن يېقىن ئۆتىشكەنلىكىنى ۋە مىرزا ئەخمەت ئاكىنىڭ ئۇلار ئارىسىدا خىزمەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۇنتۇلغىسىز تەسىر قالدۇرغانلىقىنى يارقىن ئىپادىلەپ تۇراتتى.
جەلىلوف ئىسىملىك مېھماندوسىت بوۋاي مەدەنى بېزەلگەن كەڭ ئازادە ئۆيىدە بىزگە ھاردۇق چېيى بەردى.ئاقساقال مۇ شۇ كەنىتتىكى يېشى چوڭ، كۆپنى كۆرگەن كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدىغانلىرىنىڭ ھەممىدىن كۆپ، ئەتىراپلىق بولىشى بىلەن يۇرت ئىچىدە يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگەمويىسپىت ئىكەن.داستىخان ئۇستىدە مىرزا ئەخمەت ئاكامېنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.جەلىلوف بوۋاي مىنىڭ بۇ يەرگە كېلىش مەقسىدىمنى بىلگەندىن كېيىن، نۇزۇگۇم ۋە ئۇ يۇشۇرۇنغان ئۆڭكۇر، نۇزۇگۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ئۇنىڭ ۋېشىنى ئاتىلارچە سىلىغان گۇلمەت بوۋاي ھەم ئۇنىڭ مومىيى ھەققىدە بىلگەن، ئاڭلىغانلىرىنى بىز چاي ئىچىپ بولغىچە قىسقا قىزىقارلىق سۆزلەپ ئۇلگۇردى.بىر كەمدە ئۆيگە بىر بويدار بىر يىگىت (جەلىلۇفنىڭ كۇيوغلى)ئالدىراش كىرىپ كەلدى-دە، بىزگە سالام بەجا كەلتۇرگەندىن كېيىن:
-ئاتا، ئاچانوقادىن توي كېلىۋاتىدۇ، -دېدى.
مەن چۇشەنمىگەنلىكىمنى ئىپادىلەپ بوۋايغا قارىدىم.ئۇ ئاپپاق ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ كۇلدى ۋە:
-مىرزا ئەخمەت سەن تولىمۇ ئالدىڭ ئۇچۇق، يولۇڭ گۇل يىگىت ئىدىڭ، مانا بۇگۇنمۇ شۇنداق بولدى، مېھمىنىڭمۇ ھەم شۇنداق ئىكەن، بۇگۇن بۇ يەرلىكلەرنىڭ توي مۇراسىمىنى كۆرۋالىدىغان بولدى، -دېدى.
-پاھ پاھ نېمە دېگەن ياخشى ئىش ھە، -مىرزا ئەخمەت ئاكا خوشاللىغىنى باسالماي سۆزلەپ كەتتى، -ئاچانوقا بۇ يەردىن خېلى يىراقتىكى كەنىت.بىز ئۇ يەرنى كىچىك دېھقان دەپ ئاتايمىز.ئۇنىڭ نېررىسىدا چوڭ دېھقان، ئۇنىڭ نېرىسىداسىلەرنىڭ چاپچالغا40كىلومېتىرلا كېلىدىغان غالجات دېگەن يەر بار.قالجاتتىن بىزنىڭ كەتمەنگىچە120كىلومىتىرچە يول.
-باغكەتمەن، كەتمەن يېزىسى بىلەن شۇڭقارنىڭ ئارلىغىدا، -جەلىلوف بوۋاي گەپ قىستۇردى، – ھېلىلا كۆرىسىز، پىياز سۇيى جىراسىنىڭ ئاستىى تەرىپىدە «نۇزۇگۇم ئۆڭكۇرى» بار.
– شۇنداق، شۇنداق دېدى مىرزائەخمەت ئاكا مېنىڭ «نۇزۇگۇم ئۆڭكۇرىنى» كۆرۇشكە ئالدىراۋاتقانلىقىمنى سېزىپ ۋە بوۋايغا ئىشارەت قىلىپ، داستىخان ئۇچۇن دۇئاغا قول كۇتۇردى بىز جەلىلوف ئاكىغا تەشەككۇر ئېيتىپ پاتىھە بەردۇق.
-ھوي مىرزا ئەخمەت ئۇكا، بۇ نېمە دىگىنىڭ «ئۆڭكۇردىن» قايتىپ، كەمپىرىمنىڭ بىر كاپپام ئېشىغا ئېغىز تەككۇزمىسەڭلار ھىساپ ئەمەس، -بوۋاي كامالى تەكلىپ سۇپىتىدە قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ ئورنىدىن تۇردى.بىز تەكرار تەشەككۇر ئېيتىپ سىرتقا چىقتۇق.كوچىدا بىزنى شۇ مەھەلىلىك بىر مۇنچە كىشى ئوراپ ئېلىپ ئامانلىق سوراشتى.ئۇلار مېنىڭ ئۇرۇمچىدىن كەلگەنلىكىمنى بىلىپ، تەرەپ -تەرەپتىن سۇئال سوراشقا باشلىدى:
-بىزنىڭ غۇلجىلار قانداق؟
-بىزنىڭ خوتەنچۇ؟
-ئاتۇشلارچۇ؟
-ئۇرۇمچىنى تەرەققىي قىلىپ ئىككىنچى خانكۇن (شىياڭگاڭ)بۇلۇپ كەتتى دىيىشىدىغۇ؟
مەن شىنجاڭدىكى ئۆزگۇرۇشلەر، ئىسلاھات، تەرەقىيات، خەلق تۇرمۇشىدىكى يېڭىلىقلار …ھەققىدە قىىسقىچە، ئوموملاشتۇرۇپ سۆزلەپ بەردىم.
يىراقتىن داققا -دۇمباق، كاناي -سۇنايلار نىڭ ئاۋازلىرى، ياشلارنىڭ شوخ-ناخشىلىرى، ئىسقىرتىشلار، ھەر -خىل ئاپتۇمۇبىللارنىڭ سىگناللىرى ۋادىنى بىر ئالماقتا ئىدى.
-كەلدى، كەلدى!…توي كەلدى!…

Comments (1)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top