لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئاپتوردىن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم. بۇ سىزلەرگە ئەنگلىيىدىكى بىر يىللىق مۇساپىرچىلىقنى تۈگىتىپ كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى مەتبۇئات سالىمىم. بەزىلەر ئېلخەت، بەزىلەر تېلېفون بىلەن نېمە يېزىۋاتقانلىقىنىمنى سوراشتى؛ خېلىدىن بېرى بىزنى تەرك قىلىۋەتتىڭىز، دەپ رەنجىش ئىزھار قىلىشتى. بۇنىڭدىن خېجىل بولدۇم، سەۋەبى، راست شۇنداق بولدى. يەنە بۇنىڭدىن خۇشھال بولدۇم. سەۋەبى، ئوقۇرمەنلىرىم مېنى سېغىنىپتۇ. مەندە باشقىلارنى ئاز-تولا سېغىندۇرغۇدەك قىممەت بار ئوخشايدۇ.
«بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي-دۆڭى كۆپ» دېگەندەك، يات مۇھىتنىڭ تۇرمۇشى زېھنىڭىزنى يەيدۇ. بۇنداق يەردىكى ماڭغان-تۇرغاننىڭ ھەممىسى تۇيغۇرلىرىڭىزنى يېڭىلاپ، پىكىر جەھەتتە بىر قېتىم قاسراق تاشلاتقۇزىدۇ. بىر يىل جەريانىدا تەنھا ئۆزۈمنى تىڭشىدىم، ئاڭلىغانلىرىم نەچچە ئەسىر تەنھالىقتا يوقاتقانلىرىمىزدىن ئاپىرىدە بولغان يوقلۇق شىۋىرغانلىرى بولدى. قىزىق يېرى، ئاڭلىغانلىرىمنى يەنىلا يالغۇزلۇق ھەسرەتلرىنىڭ پىنھان ھاڭلىرىغا تاشلىۋەتتىم.
ھازىرچە سىزلەرگە «لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى» ناملىق شېئىرىم بىلەن دىدارى ئايان قىلىپ تۇراي، ئېھتىمال، لوندون ھەققىدىكى بۇ شېئىر سىزنىڭ ياۋروپا ھەققىدىكى شېرىن تەسەۋۋۇرلىرڭىزنى بۇزۇپ، ئەندىكتۈرۈپ قويار. بۇنداق شېئىرىي تەسىرات گەرچە يېقىمسىز بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن پاكىتنىڭ ئىچىدىكى مۇزدەك چىنلىققا ئېرىشىسىز. چىنلىق دېگەن بەرىبىر چىنلىق-تە، ئۇ ھامان ئەقىل كۆزىڭىزنى ئېچىپ قويىدۇ. ناقىس قەلىمىم بۇ قېتىمقى مۇساپىرەتتىن ئىبرەتلىك تەسىرات سۇنۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگۈسى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. قېنى، بىز ھازىرچە مۇشۇنداقلا كۆرۈشۈپ تۇرايلى.
پۇل تاپىمان دەپ چىڭقىلىپ دادىلار،
كىرىپ چۈشكە ۋەتەندىكى دالىدا،
سېغىنىشتىن چوڭايسىمۇ يارىلار،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
كېلەي راسا ئوقۇي دېگەن نىيەتكە،
كېلەي دەپ ھەم كەلگۈسىدە كېرەككە،
ئىلىم-پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە،
ئارمانلىرى ئارام بەرمەي يۈرەككە،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
سۈرۈشتۈرسەم، سنى يۈزدىن ئاشارمىش،
ھەر تەرەپتە، ھەر شەھەردە ياشارمىش،
يالغۇزلۇقتا پىغانلىرى تاشارمىش،
قاتتىقلىقتا ھايات گويا ھاشارمىش،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
لوندون دېگەن بەكمۇ يوغان شەھەركەن،
پۇرسەتكىمۇ شۇنچە تولغان شەھەركەن،
ھەر قەدىمى پۇلغا تۇرغان شەھەركەن،
پۇلى يوقنى يەرگە ئۇرغان شەھەركەن،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
خېنىملاردەك تارتتى مېنى جىلۋىسى،
تەمتىرەتتى پۇلپەزلىكتە ھىيلىسى،
توپلىنىپتۇ ئادەملەرنىڭ لولىسى،
دەردمەن ئىكەن كەلگىندىنىڭ تولىسى،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
«زىيارەتچى ئالىم» دېگەن ئاتاقتا،
كېلىپ ياتتىم كاتەكچىلىك ياتاقتا،
پۇلۇم يەتمەي قالامدىم دەپ چاتاقتا،
غەم قاينايدۇ كاللا دېگەن قاپاقتا،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
بىلگەنلىرى مېنى ھۆرمەت قىلىشتى،
بوسۇغامغا زىيارەتكە كېلىشتى،
بەزىلىرى تۇز ھەم تائام بېرىشتى،
قولى يەتمەس ھىممەتكىمۇ ئېرىشتى،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
بۇ شەھەردە كۈننى ئالماق تەس ئىكەن،
بالىلارنىڭ ھالى شۇڭا پەس ئىكەن،
گۈلدەك چىراي ئالتە كۈندە خەس ئىكەن،
ياشاش دېگەن بەك مۇرەككەپ دەرس ئىكەن،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
بۇ جاھاندا دەردى يوقلار نەدە بار،
گەپ سورىساڭ ھەممىسىنىڭ دەردى بار،
بەزىسىنىڭ بەزىسىدىن ئەرزى بار،
يۈرىكىدە شەلۋەرىگەن دەزى بار،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
يىگىتلەرمۇ قۇرامىغا يېتىپتۇ،
تەنھالىقنىڭ مۇڭلىرىغا پېتىپتۇ،
كېچىلىرى خىيال سۈرۈپ يېتىپتۇ،
ئۇيقۇلىرى نەلەرگىدۇر قېچىپتۇ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
قاراپ باقسام، قىزلارمۇ بەك ياش ئىكەن،
قاش-كۆزلىرى چىرايلىقكەن، شاش ئىكەن،
قىلغانلىرى بىر-بىرىگە پاش ئىكەن،
شۇڭا بەزەن كۆزلىرىدە ياش ئىكەن،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
قىز-ئوغۇللار بىر-بىرىنى ياراتماي،
بىر-بىرىنى بوسۇغىغا يولاتماي،
ئوغۇل تۇرۇپ قىز بالىغا ئۇناتماي،
قىزلارمۇ ھەم تەمەننانى غولاتماي،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
پۇل تاپمىساڭ ئوقۇشلارغا نە چارە،
خەق ئالدىدا بوپقالىسەن بىچارە،
تاپشۇرمىساڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىجارە،
تالادىسەن، سەرسانلىقتا ئاۋارە،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
ئىشلىگەندە، قاپتۇ ئوقۇش بىر ياقتا،
غايىلەرمۇ دەسسىلىپتۇ ئاياقتا،
مەن ئۆزۈمنى تاپالايمەن نە ۋاقتا؟-
كېلەچەككە ئاخىرى يوق سوراقتا-
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
گۇرۇھ بولۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ،
بەزى تۇتۇق، بەزىلەردە ئېچىلىپ،
ئۆزىدىن بەك باشقىلارغا ئېچىنىپ،
خىزمەت چىقسا قىزغىنىشتا ئېتىلىپ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
ئوقۇمىسا كېلەچەككە چارە يوق،
ئوقۇي دېسە، ياندا ئاقچا-پارە يوق،
خوتۇن ئالاي دېسە قىز بار، يارى يوق،
قىزلارنىڭمۇ بۇ ئىش بىلەن كارى يوق،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
تورغا چىقىپ ئېلخەتلەرنى يوللىشىپ،
يىراقتىكى بىرسى بىلەن مۇڭدىشىپ،
تەسەللىدە بىر-بىرىنى قوللىشىپ،
روھلانسىمۇ ئاخىر يەنە سولىشىپ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
مۇساپىرلىق ھەممىمىزنى تاسقايدۇ،
بىرەر كۈنمۇ ھايات كۈلۈپ باقمايدۇ،
يات شەھەردە جان قىينىلىپ قاقشايدۇ،
شۇنداق قىلىپ بېلى بوشنى تاۋلايدۇ،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
ياشاشقىمۇ ياراپ قاپتۇ بالىلار،
ئانچە-مۇنچە بىلىم ئاپتۇ بالىلار،
پۇلمۇ يىغىپ، يۇرتقا ساپتۇ بالىلار،
جۆرىسى يوق، قاراپ قاپتۇ بالىلار،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
ئاجىر قىلساڭ كۆيۈپ بىرەر ئارماندا،
مۇرادىڭنى تاپالايسەن جاھاندا،
قالسىمۇ گەر مۇساپىرلىق- تۇماندا،
ئەپلەشمىسە يەنە يېڭى پىلاندا
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
دەيمەن، ئانا ۋەتىنىڭنى ئۇنۇتما،
ۋەتەندىكى يىلتىزىڭنى قۇرۇتما،
ئۆز ئېلىڭگە ئاسىيلىقنى يولاتما،
يۈرىكىڭدە مۇھەببەتنى سوۋۇتما،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
2006- يىل دېكابىر، لوندون
ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى
بۇ ماقالە شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2007- يىللىق 6- ساندىن ئېلىندى.
مەنبە: http://arek123.jx5.xinjang.net/u … wthread&tid=975
تۇران
مەن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق ئۇقۇپ كەتمەيمەن. ئابدۇقادىر ئەپەندى بىلەن 2010-يىلى بىر قىتىم سۆھبەتتە بىللە بولغاندا ئۇ ئىنساننىڭ تاماكۇللىشى ۋە ئىھتىياجى توغرىسىدا سۆزلىدى. ئولتۇرغان ئاسپىراتنلارغا نىسپەتەن سۆزلىگىنى ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيەدىكى نەزىرىيە بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئاز تولا ئنگلىزچە كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەم ئۈچۈن ئاددى ساۋات ئىدى. سۆزلگىنى ئابراھام ماسلوۋنىڭ 1943- يىلى ئىلان قىلغان ماقالىسىدىكى ئادەمنىڭ ئىھتىياج قاتلىمى (ماددى ئىھتىياجى ( تاماق، كىيىم، ئۇخلاش …)، بىخەتەرلىكى ( ئۆي، ساغلاملىق، خىزمەت…)، مۇھەببەت (دوستلۇق، ئائىلە..) ) بولۇپ، ئابدۇقادىر ئەپەندى بۇ نەزىريەنى ئىقىتماي، تىمىتماي ئۆز پىتى سۆزلىدى. قارىغاندا ئابدۇقاردىر ئەپەندى جەمىيەتشۇناسلىققا كىرىدىغان بۇ تىمىنى دوگما قوبۇل قىلغاندەكلا كۆرۈندى. ئۆزى ياشىغان ئۇيغۇر جەمىيىتىگە باغلاشتۇرۇشقىمۇ تىرىشمىدى. ئىلمى تەتقىقاتتا بىر نەزىريە بىلەن ئۇچراشقاندا قارشى نەزىريە ۋە تەنقىدى پىكىرلەرنىمۇ كۆرۇش كىرەك. يۇقىرىدىكى نەزيريەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدى پىكىرى بولسا ئوخشىمىغان جەمىيەتتە بۇ ئىھتىياج قاتلىمى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئابۇقادىر ئەپەنىدىنىڭ شىئىرلىرى بىلەن تونۇشلۇقۇم بار، شىئىر بىر نەرسىنى مەدھىيلەيدۇ، ياكى تەنقىتلەيدۇ، ئەمما ھەممە تەرەپنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئىلمى مۇھاكىمە قىلمايدۇ.
شائىر چوقۇم مۇتەپەككۇر بولمايدۇ. ئابۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى، زوردۇن سابىر، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرلەر بىلەن ھازىرچە سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئىلمى تەتقىقاتچى، مۇستەقىل دادىل پىكىر قىلىدىغان مۇتەپەككۇر، بۇنىڭغا «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ئىسپات بولىدۇ. بۇ كىتاپنى يات مىللەتنىڭ ئالىملىرىمۇ قول قويۇپ ئوقۇيدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى شىئىرلارنى يازدى، ئەسەرلىرى بار، ئەمما ئۆزىنىڭ ياكى ھەرقانداق بىر ئىلمى ساھەدە ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى ( مەلۇم بىر مۇستەقىل ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇنى ئىپاتلىغان ئەھۋالى) نامايەن قىلغىنى يوق. مەلۇم بىر ساھەگە قوشقان تۆھپىسى بولمىسا، يازغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپلىكىگە ئاساسەن مۇتەپەككۇر، ئالىملىق ئورنىنى بەرسەك، مۇشۇ تورسەھىپىسىگە نۇرغۇن ئىلمى ۋە ياخشى يازمىلارنى يوللىغانلارغا ئۇۋال بولىدۇ. ئىدىسون ياكى ئىنىشتىيىننىڭ ئەسىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا چىقىۋالغىلى بولمايدۇ.
ئابىدۇقادىر ئەپەندىنىڭ شىئىرلىرى مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن سەۋىيەدە تەڭلەشسە، ئابۇقادىر جالىلىدىن ئەپەندى مەشھۇر شائىرلار قاتارىغا ئۆزلىكىدىن تىزىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئابدۇقادىر ئەپەندىگە ئۇۋال قىلغان بولساق، باشقا مىللەتكە قاراپ باقايلى. قايسى مىللەتتە ئابدۇقادىر ئەپەندىدەك ئادەمگە بىر ئۇيغۇرلار بەرگەندەك ئورۇن بىرىپتۇ؟ سوراپ باقايلى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئەنگىليەدە بىر يىل تۇرۇپ، قانداق نەتىجە بىلەن قايىتتى؟ ئەنگىليەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بىر تەرىپىنى تەسۋىرلەپ شىئىر يازغاندىن باشقا، ئەنگىليەدە بىرەر ئىلمى ئاپالىيەت قىلىپتىمۇ؟ ئنگلىز كەسىپداشلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپتىمۇ؟ ئىلمى تەتقىقاتقا يۇقىرى ئەھمىيەت بىرىدىغان ئەنگليە ئالىملىرى ئابدۇقاردىر ئەپەندىنى دائىم كىلىپ كىتىڭ، ياكى مۇشۇ يەردە دەرىس ئۆتۈڭ، دىمەپتىمۇ؟ ئەنگىليەدە ئىلمى مۇھاكىمە سورۇنلىرىغا قاتنىشىپتىمۇ؟
بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىمىزنى تونۇشىمىز ۋە باشقىلارغا تونۇتۇشىمىز خاتا ئەمەس، لىكىن بىر ئادەمنى ماختاشتىمۇ پىرىنسىپ بولىشى كىرەك، نەتىجىلىرى بولۇش كىرەك. باشقىلارنىڭ ماختىغاندىمۇ سەل چىكى بولۇشى كىرەك، ئاساسى بولۇشى كىرەك. تور، گىزىت-ژورنال، تىلىۋىزوردا ئىلان بىرىپ بىر ئادەمنى داڭلىق قىلغىلى بولىدۇ، لىكىن خەلىقنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» نى يازغان ئەسئەت سۇلايمان قاتارلىق بىر نەچچە ئۇيغۇر كەسىپداشلىرىدەك، بىر نەچچە ئىلمى تەتقىقاتىنى بىر نەچچە خەلىقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقىسۇن، ئاندىن ماختىساقمۇ كىچىكمەيمىز. ياۋۇپا ئامىرىكىدا بولمىسىمۇ، تۇركىيە، ئۈزبەكىستان، قازاقىستاندە ئوقۇسىمۇ ھىساپ.