ئاناتىل سۆيگۈسى – ۋەتەن سۆيگۈسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئۆزىنىڭ يۈكسەك پاساھىتى، موللۇقى، گۈزەللىكى بىلەن خەلقىمىز تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ، گۈللەندۈرۈلۇپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق 9-10-ئەسىرلەردە دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر، تارىختىكى تۇنجى سېلىشتۇرما لۇغەت، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۈكسەك پاساھىتىنى نامايەن قىلغۇچى لۇغەت «تۈركى تىللار دىۋانى» مەيدانغا كەلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە خاراكتىرلىك چوڭ يىرىك ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» مەيدانغا كەلدى. دېمەك بۇ ئىككى ئەسەر شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-مەدەنىيەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەنلىكىنىڭ ئوپئوچۇق پاكىتى. ئۇندىن كېيىنكى 14-15-ئەسىرلەردە نەۋايىنىڭ تىلشۇناسلىق توغرىسىدىكى بىر قاتار ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن بىزگە تونۇشلۇقراق بولغىنى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن». بۇ ئەسەر شۇ مەزگىلدىكى «ئەرەبى ھەسەلەست، فارسى شەكەرەست» دېگۈچىلەرگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونىتىكا، لىكسىكا، گىرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ گۈزەل، نەپىس يۇمشاق تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. يەنە نەۋايى «خەمسە»نى يېزىپ ئۇيغۇر تىلىدا «خەمسە» بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن.
يۇقارقى تارىخىي پاكىتلار تىل مەدەنىيىتىمىزنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا گۈللىنىپ، ياشناپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا نەۋايى ئەرەب، پارس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگەللىگەن. ھەم ئەرەب، پارس تىللىرىدىمۇ ئەسەر يازغان، ئەمما «ئەرەبى ھەسەلەست، فارسى شەكەرەست» دېمىگەن.
دېمەك ئەجداتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالىدىغان بۇ تىل مەدەنىيىتىمىز تېخىمۇ گۈللىنىشى كېرەك. ھازىرقى ئىجتىمائى، سىياسى شارائىتتا خەنسۇ تىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنىڭ زورىيىشىغا ئەگېشىپ، خەنسۇ تىلىغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، مۇھىمى ئۇيغۇر تىلىنى پەس كۆرۈش، تىل مەدەنىيىتى ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۆزىنىڭ تىل-مەدەنىيىتىگە سەل قارىغان، ئەھمىيەت بەرمىگەن مىللەت ئاخىرقى ھېسابتا كىملىك كىرزىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدۇ خالاس. شۇڭا بۇنداق كەسكىن ئىجتىمائى شارائىتتا كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ تىل مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ گۈللەندۈرۈشكە، توغرىراقى ئۆزىمىزنى ساقلاپ گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ.
چەت تىلى يەنە بىر ئالاقە قۇرالى، ئەمما مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئالاھىدە شەرتى ياكى كاپالىتى ئەمەس. خۇددى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك: «ئانا تىل كۆز بولسا، چەتئەل تىلى كۆزەينەك». دېمەك بىز كۆزەينەك ئارقىلىق تېخىمۇ يىراقنى كۆرەلەيمىز، ئەمما بۇنىڭغا كۆزىمىز بولمىسا بولمايدۇ. دۇنيا ھازىر يەرشارىلىشىشقا يۈزلىنىپ كۆپ خىل تىل مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىشى تىز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ، كۆپ تىللىق بولۇش تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئېلىمىنتى ھەم كاپالىتى بولۇشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. دېمەك بىز كۆپ تىل ئېگەللەشكە يۈزلىنىشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى – ئانىمىزنىڭ تىلى، ئۇيغۇرتىلى – ئانىلىرىمىز بىزنى ئەللەيلىگەندە ئىشلەتكەن تىل، بىز ئانا تىلدا ئويلايمىز، تەپەككۇر قىلىمىز، ئانا تىلدا چۈش كۆرىمىز، ئانا تىلدا يىغلايمىز، ئانا تىلدا كۈلىمىز، ئانا تىلدا سېغىنىمىز، ئانا تىلىمىز ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى ھەقىقى تونۇيالايمىز. ئانا تىلىمىزسىز بىز ھىچكىم ئەمەس، بىز بىز بولالمايمىز، ئۇ بىزنىڭ ئومۇرتقىمىز، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز!
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى
(تولۇق نۇسخا)
نۇرمۇھەممەد ئېركى(1927-1984)
ئالىمدۇر دۇنيانىڭ، ئىنساننىڭ جېنى،
ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى.
يۇرتىمىز ئالىمنىڭ، ئەدىبنىڭ كانى،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
شەرق ئىلىم دۇنياسى ئىچرە يىگانە
بىر يۇلتۇز شۇنچە ساپ، شۇنچە نۇرانە.
ئەجرىگە قايىلدۇر ئۆز ۋە بىگانە،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا سەرۋەرى،
يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا ھۆكەرى.
مۇبارەك ئىسمىدۇر مەھمۇد كاشغەرىي،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
تىل دېمەك – بىر ئەلنىڭ ھايات بەلگىسى،
مەھمۇددۇر شۇنچە زور بەلگە ئىگىسى.
ئانا تىل سۆيگۈسى – ۋەتەن سۆيگۈسى …
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
«دىۋان»دۇر – تۈرك تىلى ئىرپان غەزنىمىز،
مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى بىلىم پەللىمىز.
«دىۋان»دىن شەرەپ ھىس قىلار خەلقىمىز.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
«دىۋان»دۇر دۇنيادا ئەجەپ مۆجىزات.
بولمىدى ئۇ تارىخ بەيگىسىدە مات.
بەلكى ئۇ بولدى پەن ئەھلىگە قانات،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
بىر ئەلكى، بەرسە ئۇ شۇنداق بىر ئوغۇل،
بولسا ئۇ ئىرپاندا ئالەمگە مەقبۇل،
قىسمامدۇ بېشىغا قىلىپ ئۇنى گۈل؟!
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
گۈل قىلىپ قىستىڭ سەن، ئاپىرىن ساڭا!
كۆپ ئىززەت ۋە ھۆرمەت ئەيلىدىڭ ئاڭا.
زامانەم، بۇ ئىشىڭ يارىدى ماڭا.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
ئالىمنى ھۆرمەتلەش – گۈللەشكە ئاساس.
ھەر ئەلدە راۋاج ۋە ياشناشقا ئاساس.
ئىرپانغا ھەممىنى ئۈندەشكە ئاساس.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
مەھمۇدنىڭ ۋەتىنى-ئەي ئەزىز قەشقەر!
قەدىرلە ئوغلۇڭنى، ئۇ گوياكى زەر!
ئۇ-ئادەم شەكلىدە يارالغان گۆھەر …
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
گەر ئاڭا زامانداش بولمىسام ئۆزۈم،
تۇپراقداش بولغاچقا ئاپتاپتۇر يۈزۈم …
قەبرىنىڭ خاكىنى سۈرتىۋال كۆزۈم.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
–
بوۋامنى ئالەمگە راسا داملىتاي.
ۋەسىيەت: مەن ئۆلسەم يېنىدا ياتاي.
جاۋاھىر ئورنىدا شېئىرىمگە قاتاي.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!
1983-يىل. قەشقەر
كونا مۇنبەرگە يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىل 02-نويابىر
بىناۋا
ھۆرمەتلىك تورداش!
ئانا تىل مەشئىلىنى خالس كۆتەرگۈچىلەردىن بىرى بولغىنىم ئۈچۈن،تېمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقىدىم. بايقىغان بىر خاتانى ھەم ئەسكەرتىشنى بۇرچۇم بىلدىم: يەنى، تېتۇلغا بېرىلگەن شېئىر داغىستان ئاۋار شائىرى رەسول ھەمزەتـوفنىڭ ‹‹ئانا تىل›› ناملىق مەشھۇر شېئىرىدىن پارچە ئىكەن. ئىبراھىم ئالىپ تېكىننىڭ شېئىرىدەك يېزىلىپ قاپتۇمۇ–نېمە؟