You Are Here: Home » ئانا تىل » دۇنيا ئانا تىل كۈنىنىڭ بارلىققا كېلىشى

دۇنيا ئانا تىل كۈنىنىڭ بارلىققا كېلىشى

1999-يىلى 11-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ تەشكىلاتى ئاساسىي يىغىنى رەسمىي ھالدا، 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day)قىلىپ بېكىتكەن.

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئىنسانلار قوللىنىۋاتقان تىللارنىڭ سانى 7000دىن كۆپ بولۇپ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى بۇ تىللارنىڭ 96% نى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 4% گىمۇ يەتمەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999-يىلى قارارنامە ماقۇللاپ رەسمىي ھالدا ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن، بۇ ھەم شۇ يىلقى بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستانغا تەۋە بولۇپ خەلق بېنگال تىلىنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان، شۇ يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنى ساقچىلار بىر توپ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەم نەق مەيداندا بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. بېنگال دۆلىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ بەش نەپەر «تىل قەھرىمانى» ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن.

«ب د ت» ماقۇللىغان مەزكۇر قارارنامىدە ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش، ئانا تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، تىللارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سەرخىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. ئالتە يىل مابەينىدە مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى «كۈلتۈر سەرخىللىقى خىتابنامىسى»، «كۈلتۈر قوغداش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامنامىسى» ۋە «ئېنتىرنېت بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلدىن پايدىلىنىشنى ئوموملاشتۇرۇش پىكرى» قاتارلىق نىزامنامىلەرنى ماقۇللاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان.

ب د ت مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا ئانا تىل» كۈنىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتى بولسا «بىز تىل ئارىسىدا ياشىماقتىمىز-دۇنيا ئاۋازى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئېلان قىلىشى بولۇپ مەزكۇر فىلىمدە يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۇنيا تىللىرىغا نەزەر سېلىش، بۇنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە بۇنىڭ شۇ جاي مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ھەم مۇكەممەللىكىنى قوغداشقا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ئاساسلىق بايان قىلىنغان. 1999-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ تەتقىقات تەشكىلاتى 30-قېتىملىق يىغىنىدا ھۇد ئېيى 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ «ب د ت» يەنە 2008-يىلىنى «خەلقئارا تىل يىلى» قىلىپ بېكىتكەن ھەم بۇ ئارقىلىق دۇنيا تىللىرىنى قوغداش ھەم كۈلتۈر سەرخىللىقىنى ۋە ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشنى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورتاق نىشان قىلغان.

1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستان دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇپ خەلق ئاممىسى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تىللىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. ھۇد ئېيى 21-كۈنى ساقچىلار نامايىش قىلغان خەلق ئاممىسىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەمدە نەق مەيداندا بەش كىشى قازا قىلغان. بېنگال دۆلىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ نەچچە كىشىگە «تىل قەھرىمانلىرى» دەپ نام بەرگەن. قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا:
1. داكا ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابۇل بەركەت.
2. مانىكونج ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رەفىقۇددىن ئەھمەت.
3. داكا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى مالىيە بۆلۈمىنىڭ خادىمى شەرىفۇر رەھمان.

سىتاتىستىكا قىلىنىشچە پۈتۈن يەرشارىدا جەمئىي 7000 دىن كۆپ تىل بار بولۇپ بۇ تىللارنىڭ 96% نى پەقەت پۈتۈن يەرشارى ئادەملىرىنىڭ 4% لا قوللىنىدۇ. مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددى مىراس ئىشلىرى مەسئۇلى سىمىس دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپ تىللارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى،ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر خىل تىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلمىسا، يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت نەچچە يۈز تىللا قېلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقى، ھەمدە كانادادىكى ئىندىئان تىلىنىڭ ساقلىنىپ قالالىشىنىڭ بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.

بىر خىل تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك شەرتى بار بولۇپ بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك چارىلىرىنىڭ بىرى بولسا بۇ تىللارنىڭ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئېرىشەلىشى، قانۇن تۇرغۇزۇلۇپ قوغدىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدە ماددى مەبلەغ سېلىپ قوللاش ھەم ئەمەلىلەشتۈرىلىشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا تىل توغرىسىدىكى بايان ۋە تەرجىمە، خاتىرە، ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە تارقىتىش، لۇغەت تۈزۈش، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تۈزۈش ھەمدە مائارىپ سېستىمىلىرى، مىدىيا، ئېنتىرنىت بوشلۇقى قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئانا تىلنى قوغداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. يەرشارىلىشىۋاتقان ئىجىتىمائىي جەمئىيەتتە، ئېنتىرنىت بوشلۇقى بىر تىلنىڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ ئۇ بىرتىلنىڭ تەسىرچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن يەنە شۇ تىلنى قوللانغۇچى كىشىنىڭمۇ ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ، توردىكى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بۇ تىللارغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

نۆۋەتتە ئېنتىرنىت تور دۇنياسىدا قوللىنىلىۋاتقان تىللار پەقەت نەچچە يۈز خىللا بولۇپ تېخىمۇ كۆپ تىلنىڭ تور دۇنياسىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن شۇ تىلغا مۇناسىۋەتلىك يېزىق كونۇپكا پروگراممىسى لايىھىلىنىشى، كومپىيۇتىر مۇستەقىل تىل كودى سەپلىنىشى ھەم ئالاقىدار پروگراممىلار يېزىپ چىقىلىشى كېرەك. ئانا تىل-ئىجتىمائىي ئالاقە قورالى، مەدەنىيەت ۋە كىملىكىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ ئۇچۇرلىشىۋاتقان ۋە يەرشارىلىشىش كۈندىن كۈنگە تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك جەمئىيەتتە دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپ تىل يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالماقتا.

ھۇد ئېيى 21-كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنى بولۇپ 2008-يىلى بۇ پائالىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى تولىمۇ زور بولۇپ «ب د ت» 2008-يىلىنى دۇنيا ئانا تىل يىلى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا بۇ تۈردىكى پائالىيەتنى تەشكىللەشنى ھاۋالە قىلغان. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرىلىشى تىلنىڭ ئۆزلۈك قارىشى ۋە توپلۇم قارىشىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

1. تىل پەقەت مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىجىتىمائىي ئالاقە، ئىقتىساد، كۈلتۈر تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ يادروسى بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۆز شۇئارىنى: «ئانا تىل تولىمۇ مۇھىم!» قىلىپ بېكىتكەن.
2. تىلنىڭ مۇھىملىقى يەنە ئۇنىڭ كۈلتۈر مەنبەسىنىڭ سەرخىل بولۇشى، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ۋە سۈپەتلىك مائارىپ ھەمدە دەسلەپكى مائارىپنى ئۆز ئانا تىلىدا قوبۇل قىلىش قاتارلىق نۇقتىلاردا روشەن گەۋدىلىنىدۇ. تىل يەنە جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئۆز يۇرتىنىڭ ئالاھىدە بىلىمىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
3. مەيلى مائارىپ سېستىمىسى ۋە ياكى مەمۇرىيەت ھەم ئەدلىيە سېستىمىسىدا بولسۇن ۋە ياكى مەدەنىيەت تاراتقۇ ساھەلىرىدە، ئېنتىرنىت بوشلۇقى شۇنداقلا سودا مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن تىلنىڭ سەرخىللىقى ۋە ئىشلىتىشچانلىقى ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىندۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رەسمىي تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن پۈتۈنلەي چەكلىدى. پۈتۈن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ تىلى خىتاي تىلى ھالىغا كەلدى. بۇ ئىنسانىيەتكە قارىتا ئىشلەنگەن بىر جىنايەتتۇر.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن دىلنۇر ئەنۋەر تەھرىرلىدى

Comments (1)

  • سەرسان

    ‏‏ئەسسلامۇئەلەيكۇم بارلىق مىل لىتمىزنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن ھار ماي
    ‏تەرئاقېزۋاتقان قىرىنداشلا مان دىن كۇپتىبكۇپ تەشەكۇر

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top