ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ تەتقىقات تېمىلىرى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئۇيغۇر خەلقى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىنى، جۈملىدىن غايەت مول ئەدەبىيات تارىخىنى نېگىلىزىملىق ئاساستا ئىنكار قىلىش، بۇرمىلاش ۋە كەمسىتىش فېئودال فاشىسىتلىق مەدەنىيەت ھاكىم مۇتلەقلىق جىنايىتىنىڭ بىر تەركىۋىي قىسمى.
بۇ ساھەدىكى خىزمەت ئايرىمىلىقتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ، باشقىچە ئېيتقاندا ئايرىم خاس تېمىلاردىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ھەققىدىكى بىر ياكى بىر قانچە كىتابقا قاراپ ئېلىپ بېرىلغىنى بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا، ئىلمىي پائالىيەتنى بىر قەدەر كەڭ قانات يايدۇرۇشقا، ھەر قايسى تېمىلار بويىچە چوڭقۇلاپ ئىچكىرىلەشكە پايدىلىق. ئەلۋەتتە، بۇ بىردىن – بىر ئۇسۇلمۇ ئەمەس.
«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» تەتقىقات تېمىلىرى» بىر قۇرۇق جازا، شۇنداقتىمۇ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ مىڭلىغان يىللار ئىچىدىكى جاپالىق بەدىئىي تەپەككۇرى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئاساسىدىكى بىر قۇرۇق جازا، بۇنداق قۇرۇق جازىنىڭ يوقلۇقى بىلەن بارلىقى بىر – بىرىگە سېلىشتۇرۇلسىلا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، پايدىسى ۋە زۆرۈرىيىتى ناھايىتى ئېنىق ئايان بولىدۇ، بۇ ئىزدىنىش تەرەپلىرىنى بەلگىلەشكە ۋە ئىشلىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا، ماتېرىياللارنى كۆپرەك تېپىش ۋە تەتقىقاتنى بىر قەدەر كەڭ يولغا قويۇشقا مەلۇم پايدا يەتكۈزىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بۇ تېمىلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ تارىخىي تېماتىك سىستېمىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشنى تىكلەش ۋە روشەنلەشتۈرۈشكە پايدىلىق.
جامائەتچىلىككە سەمىمىي ئېھتىرام بىلەن: ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن
(مۇقەددىمە، 1- قىسىم، 2- قىسىمنىڭ ئالدىدىن باشلاپ يوقالغان.)
ئورخۇن – رونك يېزىقى
بۇددا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، كوشان (قوشخان) خاقانى كادپىس ئۆتكۈزگەن بۇددا يېغىنىغا بېغىشلانغان ۋىداياسىلا (ۋىداياسىلا) نىڭ بۇددا زەپەرنامىسى «بۇددھا ستورادھاساتكا» قەسىدىسى، بۇددا دىراممىسى «ماتتەريا سامىتكا».
بۇددا ھېكايىلىرىنىڭ ئورتاقلىقى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى مەسىلىسى، دىن ۋە سەنئەت ئورتاقلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى. بۇددا قائىدىلىرىنىڭ مەھەللىۋېلىشىشى ۋە مىللىيلاشتۇرۇلۇشى. خوتەندە «مەبۇت يۆتكەش»؛ بۇددا چۆچەكلىرى.
خوتەنلىك مەلىكە سېمىرا (سەمىرا) نىڭ يۇرت سېغىنىش لىرىكىسى.
زارا ئوستىرا دىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى؛ پال كىتابى؛ تېببىي كىتابتىكى ۋە يورۇقلۇق، قاراڭغۇلۇق ھەم يەك (جىن) لار ھەققىدىكى بەدىئىي تەسەۋۋۇرلار.
ھىندىستان داستانى «ماخاپخاراتا» ۋە «رامايانا» دىن «ماخاپخاراتا» نىڭ، ئىسوس چۆچەكلىرىنىڭ تۇرپاندا تېپىلغان تەرجىمە نۇسخىسى؛ جىنلار ۋە بالاسى – ئاپەتكە قارشى ئەزىمەت ئىلىكبېگ ھەققىدىكى «چىستانى ئىلىكبېگ» داستانى.
ئۇيغۇرلاردا بۇددا تاشچىلىق – نەققاشچىلىق سەنئىتى؛ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئىپتىدائىي غار ھاياتى سۈرەتلىرى؛ بۇددا دىنىنىڭ ھەيكەلتىراشلىق ۋە شېئىرىيەت بىلەن بېزەكلەندۈرۈلۈشى ۋە ئوبرازلاشتۇرۇلۇشى؛ داندان ئۆيلۈك؛ كۇچا مىڭ ئۆي، قۇمتۇر، بېزەكلىك ۋە دۇڭخۇاڭ ئويما نەققاشلىرى ۋە تام سۈرەتلىرى؛ يىپەك يولى ۋە كارۋان يولى تەسۋىرى سۈرىتى؛ كۇچا ئوركىستىرى ۋە ناخشا – ئۇسۇل تەسۋىرى؛ ۋايسا ئىراسەنگا ۋە ئۇنىڭ دادىسى ۋىسا بوچىنانىڭ پېتىنقى – كۆپۈنگۈ (سېترولۇق) ئۇسۇلىدىكى سۆرەتچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى؛ قانقىل ساتۇ، قانقىل شېئىرى، سەلىزجۇندا ۋە بومى قاتارلىقلارنىڭ رەسساملىق ئۇتۇقلىرى.
«خۇ» نەزملىرى ۋە ئۇيغۇر كۈيشۇناسلىقى؛ چالغۇ ۋە ئاھاڭ. ناخشا ۋە مۇزىكا. مۇزىكا ۋە قوشاق. خوتەندە تېپىلغان ئىسترىت سۇجۇپ ۋە ئۇنىڭ «12 تېمپېرامىنتولوگىيىلىك كۈيشۇناسلىق قانۇنى» ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى. ماندا ئاقارى، بۇددا راھىبلىرى ئۇيغۇر – شىنجاڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ھەققىدە.
ئورخۇن – رونچە ئۇيغۇر يېزىقى نەمۇنىلىرى. خوتەندە ۋە ئورخۇندا تېپىلغان ياغلۇقار قالۇ ۋە ياغلىقارلارنىڭ رونچە يېزىقلىرى. تاشپۈتۈك ۋە تەزكىرىلەر «كۆل تېكىن» ئابىدىسى، «بىلگە قاغان» ئابىدىسى، «تۇنيۇقۇق ئابىدىسى». ئۇلارنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي، بەدىئىي ئامىللىرى ۋە قىممىتى.
كونا ئۇيغۇر مانى يېزىقى نەمۇنىلىرى. «چۇق ئارت تېكىن تەزكىرىسى» دىكى رىۋايەتلەر. «شۇئەنزاڭنىڭ تەزكىرىسى» ۋە ئۇنىڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدە غەربكە ساياھەتنامە» كىتابىدىكى مەدەنىي ھاياتقا ئائىت خاتىرىلەر. «تۆبە دۇئاسى»، «ئالتۇن يارۇق»، «ئەتىلدان ۋە ناداننامە» (ئىككى تېكىن ھېكايىسى) ۋە باشقىلار.
ئۈچىنچى قىسىم
ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
ئومۇمىي ئوبزور. ئىسلامىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغىچە بولغان دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى «خوتەندە گۈل سەيلىسى» شېئىرى. «ئۇيغۇر نەغمىسى» شېئىرى ۋە قوغۇرسۇ ئالتۇننىڭ «تۇرا ناخشىسى» شېئىرى.
ياغلىقار باشچىلىقىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆچۈشى. سېرىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى مەسىلىلىرى. دىراممىچىلىق ۋە ئارسلانخاننىڭ مۇزىكىلىق زىياپىتى خاتىرىسى 9 چاۋۇپلار.
تۆتىنچى قىسىم
ئىسلامىيەتتىن موڭغۇل ئىستىلاسىغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى (10-، 12- ئەسىرلەر)
ئومۇمى ئوبزور. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام ۋە باغدات خەلىپىلىكلىرىنىڭ سىر دەريانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تەسىرىنى كىرگۈزۈشى. قارلۇق ۋە ئوغۇزلارنىڭ سىر دائەريا بويىدىكى باغدات ئىسلام خەلىپىلىكىگە قارشى لىنىيىسى. ياغما – قارلۇق قاتارلىق ئۇيغۇر قەبىلىرىنىڭ قاراخانىيلار ھاكىمىيىتى، ئوڭا ياغلىقار قاتارلىق ئورخۇن قەبىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى. ئەخمەت سامانىنىڭ سامان سۇلالىسىنى قۇرۇشى. ئىدىقۇت، قاراخان ۋە گەنجۇ سېرىق ئۇيغۇر ھاكىمىيەتلىرى، غەزنەۋىلەر. مانۇ چىغرانىڭ تۈركىي شېئىرلىرى. «شاھنامە» نىڭ مەيدانغا كېلىشى. سامانىيلار ۋە قاراخانىيلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە سىر دەريا بويىدىكى سامانىيلار سېپىلى. سىر دەريا شىمالىنىڭ ئىسلاملىشىشى. «گۆر ئوغلى» داستانى. قاراخانىيلار ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى. ئۇيغۇرچە قۇرئان نۇسخىسى.
ئوتتۇرا ئەسىر ئادىتنوتىلى ئەبۇنەسىر فارابى (950-870). ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر – قارلۇق مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى نامايەندىسى. ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا روھى ئاتمۇسفىراسىدىكى بىر قانچە ئالامەتلەر. فارابىنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە سەنئەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى. فارابى ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە مەنتىقلىق تەپەككۇر ھەققىدە. فارابىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تونۇش رولى ۋە زوقلىنىش رولى، تەربىيىۋى رولى ھەققىدىكى ئېستېتىك كۆز قاراشلىرى. فارابى چىنلىق ۋە گۈزەللىك توغرىسىدا، فارابىنىڭ ئېستېتىك بىلىش نەزەرىيىسى. فارابى رېتىم – تېمپا، گارمۇنىيە، قاپىيە ۋەزىن ھەم شېئىرىي ئۇسلۇبلار توغرىسىدا، فارابىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان پەلسەپىۋى شېئىرلىرى، فارابىنىڭ مۇزىكىشۇناسلىق ساھەسىدىكى غايەت زور تۆھپىلىرى. فارابى ئېستېتىك كۆز قاراشلىرىنىڭ ئىلغار تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى.
ئوئۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى. داستاننىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە شائىرنىڭ ھاياتى. شائىرنىڭ داستاندا ئىلگىرى سۈرگەن ئاساسىي ئىدىيىلىرى. داستاننىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئاساسىي مەزمۇن. شائىرنىڭ ئىجتىمائىي – پەلسەپىۋى ۋە ئېستېتىك كۆز قاراشلىرى. فارابى تەلىماتلىرىنىڭ شائىرغا تەسىرى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەشەببۇسىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەر ۋە «ساجىيە» جاماسىنىڭ (ئالىي مەكتىۋىنىڭ) قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى.
مەھمۇت قەشقىرى ۋە «دىۋان لۇغەتىت تۈرك». لۇغەتنىڭ ئەدەبىي ۋە ئېستېتىك قىممىتى. دىۋاندا يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى، تەمسىل، ۋەزىن مەسىلىلىرى. دىۋاننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى يۇرۇتۇشتىكى ئەھمىيىتى.
ئەخمەت يۈكنەكى ۋە «ھىببەتۇل ھەقايىق» داستانى. داستاننىڭ مەيدانغا كېلىش مۇھىتى، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ چۈشكۈنلىشىش ئالامەتلىرىنىڭ داستاندىكى ئىپادىسى. داستاننىڭ مەزمۇنى ۋە ئەخلاقىي، پەلسەپىۋى ۋە بەدىئىي قىممىتى.
مۇھەممەت خارەزىمى ۋە «مۇھەببەتنامە». رابغۇزى ۋە «قىسسەتۇل ئەنبىيا». بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ تىل تەلەپپۇز مەسىلىلىرى ۋە بەدىئىي مەزمۇنى.
قوشۇمچە: ئەخمەت يەسەۋىي «دىۋان ھېكمەت» شېئىرىيىتىنىڭ تىل مەسىلىسى ۋە پەلسەپىۋى مەزمۇنلىرى. ئەخمەت يەسەۋىدىكى خەلقپەرۋەرلىكنىڭ روھانىيەتچىلىك بىلەن بىرلىشىپ كېتىش خاھىشى مەسىلىسى. ئەخمەت يەسەۋى شېئىرىيەت يولىنىڭ كېيىنكى تارىخىي تەسىرى ۋە ئەدەبىياتتا ئىدىئولوگىيىلىك كۈرەشنىڭ ئەۋج ئېلىشى. ئەينى زامان مەنىۋى ھاياتىغا بېغىشلانغان نەسرى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى.
«تەركىرەئى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى»، «تەزكىرى ئەبۇ نەسىر سامانى»، ئۇبۇل فوتۇق ھۈسەيىن ئەل ئاماينىڭ يوقالغان ئەسىرى:»قەشقەر تارىخى». خوتەنلىك موللا نىيازنىڭ كېيىنكى زاماندا يازغان «تەزكىرى يەتتە ئىمام» داستانىدىكى شۇ دەۋرگە ئائىت بەدىئىي تەسۋىر.
قوشۇمچە: ئوبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ «شاھنامە». شەيخ سائىدىنىڭ «گۈلىستان» داستانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە. ئۆمەر ھاييام رۇبائىلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ۋە بەدىئىي تەسىرى. ئەرەب ساياھەتچىلىرى قاراخانىيلار دەۋرى مەدەنىيىتى توغرىسىدا. قاراخانىيلار دەۋرىدىكى كۇچا، قارا شەھەر، تۇرپان، بەشبالىق، ئالمىلىق، ئىۋىرغۇل (قۇمۇل) ۋە قالقالۇ، ماچىن (خوتەن) مەدەنىيىتى.
نايمان – كۈچلۈك ۋە كران – گورخان دەۋرىدىكى ئۇيغۇر سەنئىتى. رىۋايەتلەر. خرىستىئان مەدەنىيىتى تەسىرى. يەتتە سۇ، سىر دەريا ۋە فەرغانىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى.
بەشىنچى قىسىم
موڭغۇل – (قۇبلاي) دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
ئومۇمىي ئوبزور. موڭغۇللار ۋە ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى ۋە سەنئەت – مەدەنىيىتى.
قوشۇمچە: زەمەقسەرى (1143- يىلى ۋاپات قىلغان) نىڭ «مۇقەددىمەتۇل ئەدەپ» لۇغىتى. مۇھەممەد ئىمىن قەيسى قانقىلىنىڭ «تۈركى لۇغەت» كىتابى ۋە ئەدەبىي تىل مەسىلىلىرى.
ئالتىنچى قىسىم
موڭغۇل – چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
ئومۇمىي ئوبزور. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى. سەددى قەشقىرى ۋە ئۇيغۇر – تۈركىي شېئىرىيەت مەسىلىسى.
چاغاتاي دەۋرى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى. (1465-1360)
«دىۋان لۇتفى»، «گۈل ۋە نەۋرۇز» داستانى. لۇتفىنىڭ تەرجىمىچىلىغى «زەپەرنامە»، «ھاشىيەتى مەتالىئول ئەنۋار» (نۇر مەنبەلىرىنىڭ شەرھى). لۇتفىنىڭ پەلسەپىۋى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرى. لۇتفى شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى.
يۈسۈپ سەككاكى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىيىتى. (14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى)
ئاتايى شېئىرىيىتى. (15- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى)
ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك – ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسى – ئەلىشىر ناۋائىي. ناۋائىي دەۋرى ۋە ھايات – پائالىيىتى. ناۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ۋە ئۇنىڭ مىللىي فونىتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى. ناۋائىي مەسىلىسى. ناۋائىينىڭ ئىلمىي ۋە دىداكتىك ئەسەرلىرى. ناۋائىينىڭ پەلسەپىۋى، ئىجتىمائىي، پىداگوگىكىلىق ۋە ئېستېتىك كۆز قاراشلىرى. ناۋائىي شېئىرى تىلىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى. ناۋائىي لۇغىتى. ناۋائىينىڭ «خەمسە» داستانلىرىنىڭ سىدىق خۋاشاھ يەركەندى تەرىپىدىن نەسىرلەشتۈرۈلۈشى – «نەسرى خەمسە ناۋائىي». ناۋائىيشۇناسلىق مەسىلىلىرى.
خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مەسىلىلىرى. «چىن تۆمۈر باتۇر»، «ئوكتۆلمىشنىڭ سەرگۈزەشتىلىتى». «نەسىرىددىن ئەپەندى لەتىپىلىرى». «يۈسۈپ ئەخمەت ۋە بوزوغلان».
قوشۇمچە. سەلجۇقلار شېئىرىيىتى. خىسراۋ دېھلىۋى ۋە ئۇنىڭ «چار دەرۋىش» ئەسىرى. «چار دەرۋىش» نىڭ يەتكەنتلىك مۇللا سىدىق تەرىپىدىن قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. نىزامى گەنجىۋى شېئىرىيىتىنىڭ تەسىرى. جامى ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى. بابۇر ۋە «بابۇرنامە». بابۇر شېئىرىيىتىنىڭ تىلى ۋە سەنئىتى.
يەتتىنچى قىسىم
17- ئەسىر (سەئىدىيە) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
ئومۇمىي ئوبزور. موڭغۇل دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى.
سەئىدى، رەشىدى، مەۋلانا خۇلقى، ئايازى غەزەللىرى. شائىرە نەفىسى، نەفىسى (ئاماننىساخان) ھەققىدىكى خاتىرىلەر. «دىۋان نەفىسى»، «سورۇلقۇلۇب» (قەلبلەر سۆھبىتى)، «ئەخلاقى جەمىلە».
قىدىرى ۋە «دىۋان قىدىرى». 12 مۇقامنىڭ رەتلىنىشى.
سەئىدىيە دەۋرىدىكى تۇرپان – قۇمۇل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى.
موللا يۈسۈپ ئىبىن قادىر ھاجىنىڭ «غېرىب – سەنەم» داستانى. داستاننىڭ مەزمۇنى ۋە كەڭ تارقىلىشى. داستانننىڭ كېيىنكى زاماندا ئوپېرالاشتۇرۇلۇشى.
نەسرى ئەدەبىيات. مىرزا ھەيدەر كورگاننىڭ «تارىخىي رەشىدى» كىتابى. مەخمۇت جۇراسنىڭ «تارىخىي رەشىدى» كىتابى. مۇھەممەد ئېلى مۇھەممەت يەركەندىنىڭ «ھەپتە مۇھەممەدان» ناملىق كىتابى. (ئابابەكرى مىرزا، سۇلتان سەئىدخان، ئابدۇرەشىتخان، خوجا مۇھەممەت شىرىپ، ئابلىمىت سۇلتان قاتارلىقلار ھەققىدىكى 366 بەتلىك لىرىك ئەسىرى). «تەزكىرى ئۇۋەيىس».
سەككىزىنچى قىسىم
18- ئەسىر (خوجىلار دەۋرى) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
ئومۇمىي ئوبزور. ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە دىنى ھەم دۇنياۋى (گۇماتىزىملىق) ئەدەبىيات ئارىسىدىكى كۈرەش. خەلق ئەدەبىياتى ۋە ئوردا ئەدەبىياتى. سوپىزم ۋە دەھىرلىك ئېقىمى. ئەخمەت يەسەۋى تەلىملىرىنىڭ تەسىرى. يەسەۋىيچىلىك ۋە نەخشىۋەندىچىلىك ئېقىمى. سوپى ئاللايار ۋە خوجا نەزەر ھۇۋايدا ھەققىدە. ئاق تاغ – قاراتاغ كۈرىشى. ئەدەبىي تىل مەسىلىسى.
مۇھەممەت ئىمىن خوجام قۇلى خىرقىتى (1724- يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ «مۇھەببەتنامە – مېھنەتكام» (1670- يىل) داستانى.
رېھىم بابا مەشرەپ ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ھەم ئەسەرلىرى. مەشرەپنىڭ ياشىغان ۋە تەربىيە كۆرگەن جايلىرى. «مۇبدەئى نۇر» ۋە «دىۋان مەشرەپ». مەشرەپ غەزەللىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىدىئولوگىيىلىك مەسىلىلەر. مەشرەپ شېئىرىيىتىنىڭ ئۇسلۇبى، تىلى ۋە ئاھاڭدارلىقى.
مۇھەممەد سىدىق زەلىلى (فىقىرى). «گۈللىيات دىۋان زەلىلى» (ھىجىرىيىئىنىڭ 1147-، 1155- يىللىرى)، مىلادىنىڭ 1734-، 1942- يىللىرى يېزىلغان «سەپەرنامە» (1718- يىلى) داستانى. «ئىمام سادىق جەپپەرى» داستانى. زەلىلى شېئىرىيىتىنىڭ تېماتىكىسى ۋە بەدىئىي ماھارىتى.
«دىۋان نۆبىتى». نۆبىتىنىڭ ئابدىراخمان خەلپەت تەرىپىدىن 1797- يىلى كۆچۈرۈلگەن لىرىكلىرىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيىتى. نۆبىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە گۈزەللىكىنى مەدھىيىلەش تېمىسىدىكى غەزەللىرى.
«دىۋان مەجلىسى» (1979-)
ئۆمەر باقى (18- ئەسىر) ۋە ئۇنىڭ «پەرھات – شېرىن»، «لەيلى – مەجنۇن» داستانى.
مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى (18- ئەسىر) ۋە «سىدىقنامە».
نامەلۇم ئاپتورلار ۋە ئەسەرلەر.
– گۇمنام ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى.
– سەييادى ۋە «تاھىر – زۆھرە» داستانى.
– سابىر سەيقەلى ۋە «قىسسە سەيقەلى»، «بەھرەم ۋە گۈلەندەم».
– ئەندەلىب ۋە «لەيلى – مەجنۇن» داستانى.
– سامائى ۋە «دىۋان سامائى»
– رىزائى ۋە ئۇنىڭ «خۇرشىد ۋە مەلىكە دىللام» داستانى.
نەسرى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتلار
مەشھۇر ئەدەبىي تەرجىمىشۇناس خامۇش موللا يەركەندى ۋە ئۇنىڭ «شاھنامە تۈركىي»، «كەلىلە دىمانە تۈركىي» تەرجىمە ۋە نەسىرلەشتۈرگەن ئەسىرى. خامۇش موللىنىڭ نەسىرلەشتۈرۈش ۋە تەرجىمە قىلىش ماھارىتى.
– مۇھەممەد سادىق قەشقىرى ۋە «تەزكىرى خوجىكان (ئەزىزان)»، «زۇبەيدە تۇل ماسائىل»، «ئەسھابۇل كەپ» قاتارلىق نەسرى ئەسەرلىرى.
توققۇزىنچى قىسىم
19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى (1)
موللا شاكىر ۋە ئۇنىڭ «زەپەرنامە» داستانى. (1890-1802- يىللار) ئۈچتۇرپاندا ياشىغان.
19- ئەسىر مەشھۇر ئۇيغۇر شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى. ئومۈر بايانى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى. «خەمسە نىزارى»، «دارىلھاد»، نىزارى ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك ۋە ھېكايەتلىك مەزمۇنى. نىزارىنىڭ تىلى ۋە نىزارى شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى.
«دىۋان زوھۇرى» ۋە تەلقىن.
زىيائى «مەھزۇنۇل ۋائىزى» (قايغۇلۇق نۇتۇقلار) ئەسىرى. نورۇز ئاخۇن كاتىپ زوھىرىدىن ھېكىم بەگ دەۋرىدە يازغان 2400 مىسرالىق شېئىرىي ئەسەر.
تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى ۋە «كىتاب غېرىبى». (1841- يىلى) يازغان. «كەسىپلەر مۇسابىقىسى».
ئىمىن خوجايار ئىبن مۇھەممەد شەھيارى «ئىشتىياقنامە» ئەسىرى. (بۇ شائىرمۇ غېرىب تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن).
موللا ئەلەم شەھيارى ۋە لىرىك داستان «گۈل ۋە بۇلبۇل».
ئەمىر ھۈسۈيۈن سۇبۇرى (قەشقەرلىك). سۇبۇرى ناۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ ۋارىسى ۋە ناۋائىيشۇناس سۈپىتىدە، ناۋائىينىڭ «مەنتىقى تەھرىر» (قۇشلار تىلى) ئەسىرىنى شەرھلەپ يازغان. «ماقالەت شەرھى مەنتەقى تەھرىر»، «داستان ئىسكەندەر تەرمۇۋائىز».
بىر قاتار شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى.
– موللا رېھىم (18- ئەسىر) «مۇھەببەتنامە» ئەسىرى. 1807- يىلى مۇللا يۇنۇس يەركەندى كۆچۈرگەن.
– موللا سىدىق يەركەندى «نەسرى مۇھەممەد ھۈسۈيۈن بەگ» (18-، 19- ئەسىر)
– ئەرشى ۋە «دىۋان ئەرشى» (18-، 19- ئەسىر)
– ئابدۇكېرىم زىيائى شېئىر – داستانلىرى.
– «دىۋان سادائى» (18-، 19- ئەسىر)
– «دىۋان قەلەندەر»
– مۇترىبان قەشقىرى ئىجادىيىتى
– «دىۋان ناقس». مۇھەببەت ۋە مەرىپەت تېمىسى.
– سابىر ئاخۇن قوليازمىسى، «گۈلزاربىنىش».
نەسرى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتلار
– مۇللا مۇھەممەد تۆمۈر قارىقاش «تەركىرشۇل رىشات» (1818- يىل)
– نىمىتۇللا بىن ئىسمىتۇللا (مۆجىرى) «تارىخ مۇسقىيۇن».
– قاسىمى «تەزكىرى ئارسلان»
– قازى قۇززات ئەخمەت تۆمۈر ئاقسۇيى (موللا مەۋلانە نۇچىخرى ھىكىم) تەرجىمە قىلغان «ئىسكەندەرنامە».
– موللا نىياز «تەزكىرى ئىمام زەبىھۇللا» داستانى.
– موللا ئابدۇل غاپپار: «زەپەرنامە شاھ باھادىرخان»
– يەركەنتلىك مۇللا سىدىق ۋە ئۇنىڭ خىسراۋ دېھلىۋى داستانى «چار دەرۋىش» نى تېجىمە قىلىش.
ئونىنچى قىسىم
19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى (2)
19- ئەسىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مەسىلىلىرى.
نۇزۇگۇم – خەلق شائىرەسى. نۇزۇك قوشاقلىرى.
– «گۈلەمخان»، ئىلى ئۇيغۇرلىرى قوشاقلىرى. يەتتە سۇ ئۇيغۇر قوشاقلىرى.
– خەلق شائىرى سادىر پالۋان ۋە ئۇنىڭ قوشاقلىرى.
– سىيىت نوچى قوشاق – داستانى
– باشقا تارىخىي قوشاقلار.
– ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى. داستانكەشلىك، مەدداھلىق، ھېكايەتچىلىك، سەيلە قوشاقلىرى.
موللا بىلال بىننى مۇللا يۈسۈپ (1899-1823). «غەزەلىيات»، «كىتاب غازات دەرمۈلكى چىن»، «نۇزۇگۇم»، «چاڭمۇزا يۈسۈپخان». مۇللا بىلالنىڭ ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرىدىكى زىددىيەتلەر. موللا بىلال شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى.
سىيىت مۇھەممەد ھېيت مۇھەممەد قاشى (1909-1858). «شەرھى شىكەستە».
پۇرقەت توغرىسىدا (1909-1858- يىللار). ئۇنىڭ 57 يىللىق ھاياتىنىڭ 32 يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا، 5 يىلى چەتتە، يېتىلگەن 14 يىلى (1909-1896) خوتەن – يەركەنتتە ئۆتكەن. پۇرقەتنىڭ بۇ دەۋردىكى شېئىرلىرى.
ئايال شائىرلار. مۇترىبە، مۇزەييەنە، سىكىنە، ئاجىزى.
بىر قاتار شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى.
– مۇھەممەت ئومەرى «دىۋان ئومەرى» (1850)
– ئابدۇخالىق شەھيارى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي دىۋانى.
– ئەخمەتشا قارىقاش ۋە ئۇنىڭ ساتىرىك شېئىرىيىتى: «ئات». «مېۋىلەر مۇنازىرىسى».
– مەخمۇت ھىكىم بەگ (مەخمۇدى)، ھوشۇر قازى، سىيىت ئارتۇشى، نىياز شېئىرلىرى.
– فازىلى.
دىنى – مىستىك ئەدەبىيات ئۈلگىلىرى.
– «دىۋان سامائى»
– «دىۋان سايرامى»
– «دىۋان بىنشان» (1842- يىلقى پەيغەمبەر تەجىمىھالى داستانى)
– «ھەجنامە». چىرىيىدە توختىسۇن خوتەنى يازغان ساياھەت داستانى.
نەسرى ئەدەبىيات
– موللا مۇسا سايرامى. «تارىخىي ئەمىنىيە»، «تارىخىي ھەمىدىيە».
– «مىڭ بىر كېچە» نىڭ سىراجىدىن مەخمۇد تەرجىمە نۇسخىسى.
قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىمىر ھەسەن قازى. ئۇلارنىڭ شېئىرى ئۇتۇقلىرى. ئىمىر ھەسەن قازىنىڭ «شاۋاز قارى ۋە قىزىلچى خېنىم» ھېكايىسى.
تەجەللى ۋە «بەرقى تەجەللى» توپلىمى. تەجاللىنىڭ غەزەللىرى ۋە «قارا قەسىدىسى».
ئابدۇقادىر دامۇللا ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى. كونا دېموكراتىك مەتبۇئاتچىلىق ۋە «ئاڭ مەجمۇئەسى»، ھەپتىلىك «نەسىھەت ئامما» گېزىتچىسى. ئابدۇقادىر دامۇللامغا زامانداش ئەدىبلەر.
كونا دېموكراتىك ئەدەبىيات نامايەندىلىرى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەخمەت زىيائى ۋە 20-، 30- يىللار ئارىسىدىكى ئەدەبىيات..ئەل ئىچى ئالتۇن بوشوك.
ئۇيغۇر 12 مۇقامى
ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 1- باسقۇچى
يەنى ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2 – ئەسىردىن تاكى قاراخانىيلار دەۋرىگىچە بولغان يۈرۈشلەشكەن ئەلنەغمىچىلىك دەۋرى . بۇ دەۋردە تەڭرىتاغ ، پامىر ، كوئېنلۇن ، قارا قۇرۇم ، ئالتۇنتاغ باغرىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان قەدىمكى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئەلنەغمىچىلىك سەنئىتى گۈلەپ – ياشناشقا باشلىغان ؛ كۈسەن ( كۇچا ) ، سولى ( قەشقەر ) ، دولان ( يەكەن دەرياسى ۋادىسى ) ، ئۇدۇن ( خوتەن ) ، رورەن ( لوپنۇر ) ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەلنەغمىچىلىك تەرەققىياتى تارىختا شۆھرەتكە ئىگە بولغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلنەغمىچىلىك سەنئىتى شۇ چاغلاردا غەربىي دىيار دائىرىلىرىدە نام چىقىرىپلا قالماي ، بەلكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سەنئىتىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن . يازما مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا خوتەننىڭ ئۇدۇن نەغمىسى خەن ئوردىسىغا مەلۇم بولغان . مىلادىدىن ئىلگىرىكى باھادۇر كۈينى چىڭئەنگە ئېلىپ بارغان ، لى يەننەن بۇ چوڭ كۈيدىن پايدىلىنىپ 28 نەغمە ئىشلىگەن . مىلادى 568 – يىلى تۈرك قاغانى مۇغانخاننىڭ قىزى ئاسنا مەلىكە ياتلىق بولغان شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى يۈي ۋېنۋاڭ كۆسەنلىك مەشھۇر كۈيشۇناس سۇجۇپنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپلىگەن مۇزىكا – ئۇسسۇل ماھېرلىرىنى چىڭئەنگە ئېلىپ بارغان . شۇنىڭ بىلەن سۇجۇپنىڭ ئون ئىككى تېمپىراتسىيىلىك كۈي قانۇنى سۇي تاڭ مۇزىكىسىنىڭ ئۇلى بولۇپ قالغان . ھەتتا يەپونىيىلىك ئالىم لىن چيەنەن ئەپەندى ئېيتقاندەك ، سۇجۇپنىڭ ئون ئىككى تېمپىراتسىيىلىك كۈي قانۇنى جۇڭگو مۇزىكىچىلىقىدا مىسلىسىز يېڭىلىق كەيپىياتى پەيدا قىئىلىپ ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ياپونىيە مۇزىكىلىرىغا تەدرىجىي تەسىر كۆرسەتكەن . سۇجۇپ بىلەن بىللە چاڭئەنگە كەلگەن كۇچارلىق مۇزىكانت باي مىندا ( ئارقاي ھاندا ) مۇ ئاتاقلىق كۈشۇناس بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەلنەغمىلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقىتىشتا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئەينى زاماندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى زىيارەت قىلىشقاكەلگەن ۋاڭ يەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە ، ئىدىقۇت ئوردىلىرىدا مەخسۇس ئوردا مۇزىكىلىرى بولغان . كېيىنچە ، بۇ ئوردا مۇزىكىلىرى خەلق مەشرەپ مۇقاملىرىغا ئۆزگىرىپ ، دەسلەپكى ئىدىقۇت مۇقاملىرى ۋە قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان . شۇنىڭ ئۈچۈن يولداش ماۋزېدۇڭ سۈي – تاڭ مۇزىكا تارىخىي ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ : سۈي سۇلالىسىنىڭ توققۇز نەغمىسىنىڭ ، تاڭ سۇلاسىنىڭ ئون نەغمىسىنىڭ تولىسى غەربىي دىيار نەغمىلىرى ئىدى ، دېگەن ( ماۋزېدۇڭ : مۇزىكا خادەملىرى بىلەن سۆھبەت ) ، دېمەك ، ئاشۇ دەۋرلەردە ئەئۈللەنگەن ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىكى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ شەكىللىنىشىئىدىكى ئاساسلىق مەنبەلەرنىڭ بىرى بولغان . (ئابدۇكېرىم رەخمان)
ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 2-باسقۇچى
قاراخانىيلار دەۋرى .بۇ مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ،ھەربىي جەھەتلەردە زور تەرەققىي قىلغان بىر دەۋرى بولۇش بىلەن بىللە ، مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ دەۋىردەخېلى بۇرۇنلا داڭقى چىققان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىكى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن راۋاجلىنىپ ، يېڭىچە ئىسلام روھى سىڭدۈرۈلگەن بىر قېتىملىق زور ئىسلاھاتقا دۇچ كەلدى . بۇ تارىخىي ئۇچرىشىشىنىڭ مۇزىكا سىھەسىدىكى مۇقەررەر نېتىجىلىرى بۈيۈك ئالىم ۋە مۇزىكىشۇناس ئەبۇ نەسىر ئەل فارابىنىڭ كىتابۇل مۇسىقۇل كەبىر ، كىتابۇل مۇسىقۇل سەغر قاتارلىك نەزەرىيىسىگە ئائىت ئەسەرلىرىدە كائالەت تاپتى . ئىبنى سىنا ( 1037 – 980 ) مۇ فارابى مۇزىكا تەلىماتلىرى ئاساسىدائون ئىككى تېمپىراتسىيە ( ئون ئىككى پەردە ) ھەققىدەتوختالدى . شۇنىڭ بىلەن پەرقلىق ئاۋازلار ( لاد ) قاتارلىق ئون ئىككى پەردە ( مۇقام ) گە يرىش ، غەربىي دىيارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئون قككى تېمپىرىتسىيىلىك نەغمە – كۈيلىرىنى ئون ئىككى مۇقام بويىچە بۆلەككە ئايرىپ ، ئۇنى پەرقلىق ناملار بىلەن ئاتاش روياپقا چىقتى . نېتىجىدە ئۇيغۇرلار سىستېمىلاشقان نەغمە – كۈيلىرىنىڭ نامىنى ئەرەبچە مۇقام ئىبارىسى بىلەن ئاتىدى . تېخى نەغمە – كۈيلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن پارىسلار ، ھىندىلار ۋە ئەرەبلەر ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۈلگىسىدە فارابى ۋە ئىبنى سىناقاتارلىقلارنىڭ مۇزىكا نەزەرىيىلىرى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكىلىق ئەسەرلىرىنى تۈزۈشكە كىرىشتى .بۇ دەۋردە يەنى فارابى ، ئىبنى سىنا مۇزىكا نەزەريىلرى ئاساسىدا ، مۇھەممەت ئىبنى مۇسا ئەل خارازەمى ، ئەررازى ، مۇھەممەت بىن مەشئۇد ئەش شىرازى ( 1310 – 1236 ) ، سەينىدىن ئابدۇلمۆمىن ئەل ئورماۋى ( ۋاپاتى 1294 – يىل ) قاتارلىق ئالىملارمۇ مۇزىكا ھەققىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان . بۇ دەۋردە قاراخانىيلار زامانىسىدىكى شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي قىسىم رايونىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى قوشۇلۇپ ، ئومۇئىيۈلۈك بىرلىككە كېلىپ ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئەسلىدە بىر تۇتاش ئاتاپ كېلىۋاتقان كۈسەن مۇزىكىسى ، ئىدىقۇت مۇزىكىسى ، ئىۋىرغول مۇزىكىسى قاتارلىك يۈرۈشلەشكەن نەغمە – كۈي ناملىرىنىڭ ئورنىغا مۇقام ئاتالغۇسىنى قوللىنىش تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ئومۇملاشتى ، شۇنداقلا ئون ئىككى مۇقام تەركىبىدىكى بەزى مۇقاملارنىڭ ناملىرى ئەرەب – پارس تىللىرى بىلەن ئاتالدى . ئەمما يەرلىك مۇقاملار ، مەسەلەن ، دەۋر دولان مۇقامى ۋە قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ئۇيغۇرچە ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى . قىسقىسى . بۇ دەۋر قاراخانىيلارنىڭ گۈللەنگەن مەدەنىيەت خاسىيىتى بىلەن جانلانغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەرەققىياتىنىڭ 2- باسقۇچ ___ سىنكرىتلىشىش باسقۇچىنى گەۋدىلەندۈردى . (ئابدۇكېرىم رەخمان)
ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 3- باسقۇچى
تۆمۈرىيىلەر دەۋرى ( ئەلىشىر نەۋائى __ 1501-1441 – دەۋرى ) . فارابى ، ئىبنى سىنا ياشىغان ئىسلام روھى سىڭدۈرۈلگەن مۇقام ھادىسىسى ئۇلۇغبەگ زامانىسى ( 1449-1394 ) دىن كېيىن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . بولۇپمۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ھېراتقا يۆتكىلىپ ، ھەر قايسى جايلاردىكى داڭلىق سەنئەتكارلار نەۋائى ئېتىراپىغا توپلاندى . نەۋائى بۇ دەۋردە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ، ئىجادىيىتى ۋە تالانتىنى ئىنساننىڭ بەخت -سائادىتىگە ئىلىم – پەن ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت تەرەققىياتىغا بېغىشلىدى . بولۇپمۇ ئۇ مۇزىكا ساھەسىدە ئۇستازى ئابدۇراخمان جامى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ، ئۆز ھدۋرىنىڭ داڭلىق مۇزىكا ئۇستازلىرىنى ، ئىقتىدارلىق سازەندىلەرنى ئۆز تەربىيىزىگە ئالدى . ئۇ مۇزىكا نەزەرىيىسى ھەققىدە مەھبۇبۇل قۇلۇپ ، مەجالسۇن نەفايىس ، خەمساتۇل مۇتەھەييىرىن ، ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەت ، قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بىللە ، بەزى مۇقاملارنى ئىجادىي راۋاجلاندۇردى ۋە مۇقامنىڭ بەزى تېكىستلىرىنى يېڭىلىدى . بۇ دەۋردە يەنە نەۋائى بىلەن بىللە خوجا يۈسۈپ بۇرھانى ( نەۋائىنىڭ مۇزىكا ئۇستازى ) ، بىنايى ، مۇھەممەتئىلى ، غېرىبى ، مەۋلانە شەيىخى ، پەھلىۋان مۇھەممەت ، خوجا ئابدۇللا قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىشۇناسلار ھەمدە نەۋائىنىڭ شاگېرتلىرىدىن ھەسەن بارلبانچى ، مىرزا بايرام ، غىياسىدىن قاتارلىق مۇقامچىلار يېتىشىپ چىقتى . ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن فارابى دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى يەنىمۇ راۋاج تېپىپ ، كلاسسىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولدى . بۇ دەۋردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى ، فارابى تىپى ياكى نەۋائى تىپى دەپ خارەكتېرلەنگەن مۇقام تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرىقى باسقۇچلىرىدا مۇقاملارنىڭ نامى مۆجىزى ئاتاپ ئۆتكەندەك راك ، ئوششاق ، ئۆژال ، چۆل ئىراق ، ئەجەم ، ناۋا ، ۋىسال ، چاھار زەرب ، چارىگاھ ، دوگاھ ، پەنجىگاھ ، مۇشاۋىرەك ، بەيادەك ، سىگاھ ، بايات ، ئىشرەت ئەنگىز دىن ئىبارەت ئون ئالتە مۇقامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ناملار ھازىرقىدەك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ، چوڭ نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن ، ھەر بىر قىسمى بىر قانچىلىغان نەغمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى ئېشىپ كەتسە بىر نەچچە مەرغۇلى بولغان بىر يەككە نەغمە مەنىسىدە تىلغا ئېلىنغان . (ئابدۇكېرىم رەخمان)
ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 4 – باسقۇچى
يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى باسقۇچى . بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملىرى چوڭ گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى . بۇ باسقۇچ خۇددى ئۈچبۇلۇڭنىڭ چوققىسىدەك ، مۇقام تارىخىنىڭ يېڭى تەرەققىيات سەلتەنىتى بولۇپ قالدى . ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بۇ تەرەققىيات تىپىغا يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى ئابدۇرەشىدخان ( 1570 – 1510 ) ئوردىسىدىكى قىدىرخان ( 1571 – ؟ ) بىلەن مەلىكە ئاماننىسا ( 1568 – 1534 ) ۋەكىللىك قىلىدۇ . قىدىرخان ۋە مەلىكە ئاماننىسا رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ قېتىملىق مۇقام ئىسلاھاتى غايەت زور تارىخىي ئەھمىيەتلىك تۆت جەھەتنى مۇھىم نۇقتا قىلدى : بىرىنچى ، ئۆزىدىن بۇرۇنقى باسقۇچلاردا شەكىللەنگەن بارلىق ئەجەم ، ھەرقايسى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېتنىك مەنبە ۋە مۇزىكىلىق قۇرۇلما جەھەتلەردىن پەرقلىق بولغان مۇقاملىرىنى بىر گەۋدە ئىچىدە ئون ئىككى مۇقام دەپ سىنكىرېتلاشتۇرۇشقا خاتىمە بېرىلدى . يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى خەلقلەر مۇقاملىرىنىڭ ئانىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مىللىي خاسلىقى گەۋدىلەندۈردى . ئىككىنچى ، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملىرىنىڭ دەسلەمكى بىخى بولغان كۈسەن ، سولى ، ئۇدۇن ، ئىدىقۇت ، ئىۋىرغۇل چوڭ نەغمىلىرىنىڭ مۇزىكا ، ناخشا ، ئۇسسۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبلىك خۇسۇسىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، مۇقام نامى بىلەن يورۇتۇلۇپ تۇرغان بىر قاتار ناخشىلىق ۋە ئۇسسۇللۇق مۇزىكا گۇرۇپپىلىرى ئۆز پەدىلىرى بويىچە چوڭ نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت چوڭ ئۈچ قىسىملىق قىلىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلدى . بۇ ، مۇقام تارېخىدىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ تۈپلۈك كېڭەيتىش ۋە رەتلىنىش باسقۇچى بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام خەزىنىسى بېيىدى ۋە سىستېمىغا ئىگە بولدى . ئۈچىنچى ، يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ سىستېمىلاشتۇرۇلغان ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى مۇقامغا تېكىست رەتلەس ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى . بولۇپمۇ مۇقامنىڭ كلاسسىكلىق خۇسۇسىيىتىنى شەرت قىلغان ھالدا ئەلىشىر نەۋائىنى مەركەز قىلغان كلاسسىك ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىن ، جۈملىدىن باشقا تۈركىي تىللىق خەلق كلاسسىك لىرىكىلىرىدىكى قىسمەت تەپەككۇر دۇردانىلىرىدىن ھەمدە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تېكىست تاللاندى . تۆتىنچى ، بۇ دەۋردە قولغا كەلگەن ئون ئىككى مۇقامنىڭ تارىخىي ئۇتۇقلىرى ئىچىدە ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە مۇقامنىڭ مۇزىكىلىق كۈي ئېھتىياجىغا ماس ھالدا چالغۇ تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئاشۇ دەۋرلەردە ئەل فارابى ئىجادىيىتى دەپ خارەكتېرلەنگەن قالۇن ، قىدىرخان ئىجادىيىتىگە خاس ھەشتتار قاتارلىق يېڭى چالغۇلار قوبۇز ، غېجەك ، سائاتار ، تەمبۈر ، راۋاب ، چاڭ ، داپ ، ناغرا ، سۇناي ، نەي ، بالمان قاتارلىق ئەنئەنىۋى چالغۇلار بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ئون ئىككى مۇقام مۇزىكا ئوركىستېرىنى ھاسىل قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا تەڭكەش قىلىنىدىغان چالغۇلارمۇ مۇقام مېلودىيىسىگە خاس ھالدا قېلىپلاشتى . يۇقىرىقىلار ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ زور تەرەققىيات بولۇش بىلەن بىللە ، مۇقام چۈشەنچىسىدىكى يېڭى تارىخىي كونكرېت ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئون ئىككى مۇقام گەرچە بەش ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپە ئىچىدە داۋاملىق راۋاجلانغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاساسىي گەۋدىسى جەھەتتە يەنىلا سۇلتان ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدىكى تەرتىپكە سېلىنغاننۇسخىنى ئاساس قىلغان . (ئابدۇكېرىم رەخمان)
ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 5 – باسقۇچى
مۇقامنىڭ يېڭى باھارى باشلانغان قىرىق يىلدىن ئارتۇق تارىخىي مەزگىل ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان دەۋر بۆلگۈچ مەزگىل بولدى . مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئەدەبىيات – سەنئىتى مىسلىسىز قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقىمىزنىڭ پسىخىك خاسلىقىنىڭ مۇزىكىلىق جەۋھىرى بولغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ، توپلاش ، رەتلەش ۋە تولۇقلاش خىزمىتىدە خۇشاللىنارلىق چوڭ ئۇتۇقلار قولغا كەلدى . ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى تولۇقى بىلەن دەۋرىمىزگە يەتكۈزۈپ بېرىپ ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى يوقىلىش خەتىرىدىن ساقلاپ قالغان مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇرداخۇن ئاكا ۋەكىللىكىدىكى داڭلىق مۇقامچىلار ئورۇندىغان ئون ئىككى مۇقام 50 – يىللارنىڭ بېشىدىلا سىمغا ( پلاستىنكا ) كۆچۈرۈۋېلىندى . بۇ ، خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان غايەت زور تارىخىي تۆھپە . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى . مۇقامنىڭ لېنتىغا ئېلىنغان نۇسخىسى ئاساسىدا ئون ئىككى مۇقام تۇنجى قېتىم نوتىغا ئېلىنىپ ، كىتاب قىلىنىپ نەشر قىلىندى . مۇقامنى سەھنىلەشتۈرۈش ، تەشۋىق قىلىش ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلەندۈرۈش خىزمىتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەندى . پۈتۈن دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر بۇ ۋاقتى ئۇزاق ، تۈزۈلمىسى گۈزەل ، تەركىبى باي ، قىممىتى يۇقىرى ، چوڭ ھەجىملىك مۇقام خەزىنىسىگە يېڭى قىزىقىش نەزىرىنى سالدى . 1991 – يىلى ئون ئىككى مۇقامنى قېزىش ، توپلاش ، قايتىدىن تولۇق يۈرۈشى بويىچە رەتلەپ چىقىش ، لېنتىغا ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقى ، سەھنىلەشتۈرۈلگەن چەببىيات مۇقامىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك جۇڭخۇئا ئاۋازى مۇزىكا كۆرىكى دە ئالقىشلىنىپ ، يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنلىكى ، ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەنئەنىۋى مۇزىكا بايرىمى دا ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ياڭراق ساداسى بۈيۈك برىتانىيە ئارىلىنى قاپلىغانلىقى ، شۇنداڭلا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ساداسىنىڭ تەڭرى تاغلىرى ۋادىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ گېرمانىيە ، شۋېتسارىيە ، بېلگىيە ، گوللاندىيە ، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان ، قىرغىزىستان ، ئىران ، پاكىستان ، ياپونىيە ، مالايشىيا ، سىنگاپور ۋە شىياڭگاڭ قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ؛ ئون ئىككى مۇقام مىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مۇقام يۇرتى يەركەنتدە مۇقامشۇناس مەلىكە ئاماننىسانىڭ ھەيۋەتلىك مەرمەر ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ ، تۈركۈم – تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقى ؛ رايونىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە مۇقام ئانسامبىلى ۋە ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى نىڭ قۇرۇلغانلىقى قايتا گۈللىنىش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان يىپىك يولىدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ساداسىنىڭ مەڭگۈ ياڭرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەلۋەتتە ! (ئابدۇكېرىم رەخمان)
1. راك مۇقامى
24 نەغمە چوئو نەغمىسى 13 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3 راك — بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى . ئۇ ئەسلىدە سانسىئىكرىتچە سۆز بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى «ئاھاڭ» ، «كۈي» دېگەندىن ئىبارەت . بۇ سۆز ھازىرمۇ سېرىلانكىلىق بۇددىستلارنىڭ تىلىدا «كۈي» ، «ئاھاڭ» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىكەن .بۇ ئاتالغۇنىڭ تىلىمىزگە سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك كۈيلىرىنىڭ نامى بولۇپ قېلىشى ھەممىدىن ئاۋۋال قەدىمىي خوتەن (ئۇدۇن) تىلى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن باغلىق بولۇپ ، ۋاقتى مىلادى ئىئى ئەسىرلەرگە توغرا كېلىشى مۇمكىن . ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ «راك» سۆزى ھازىرقى شىنجاڭدا ياشىغۇچى ھەر قايسى خەلقلەرنىڭ تىلىدا ھەم «ئاھاڭ» ، «كۈي» دېگەن مەنىگە ئىگە بولغانلىقىنى ھەم ئۇدۇن ۋە كۈسەن كۈيلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھازىرقى مۇقام تىپىدىكى بىرەر كۈينىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلىش تامامەن مۇمكىن .چۈنكى ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى قايتا رەتلەنگەن ، ئەرەب – پارس تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان 14- ئەسىردە ، «راك» دېگەن سانسكرىتچە سۆزنىڭ ئەينى پېتى بىر مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقى يۇقىرىقى ئەھۋالنى ئىسپاتلايدۇ . بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرى شەكىللىنىشنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىي دەۋرنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشنىڭ تىل جەھەتتىكى بىر دەلىلى بولالايدۇ .
2. چەپبايات مۇقامى
24 نەغمە چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3، چەپبايات — «چەپبايات» ، » بايات» دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ، پارىسچىمۇ ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ، باشقىلار ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇ ئەمەس . «بايات» — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «خۇدا» ، «تەڭرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . «چەپبايات» ئاتالغۇسى «بايات» بىلەن باغلىق ، بۇ ئەسلىدە «چاپ» — قۇدرەتلىك ، ئالىي دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بىلەن «بايات» دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان . يەنى «چاپ» + «بايات» = چاپبايات» — ئۇلۇغ خۇدا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ توغرىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى ئىشلار مۇناسىۋەتلىك يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بىلەن باغلىق ئىكەن ~ ئەسلى بۇ توغرىلىق تەپسىلىي يېزىپ يوللىغۇم بار ئىدى ، ئەپسۇس ۋاقتىم قىس بولۇپ قالدى . كېيىنچە تولۇقلاپ يوللاش ئۈچۈن تىرىشىمەن .
3. مۇشاۋىرەك مۇقامى
31 نەغمە چوڭ نەغمىسى 17 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 6، «مۇشاۋىرەك» مۇقامىنىڭ نامى بىرئاز مۇرەككەپ ، بۇنداق نام پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇقاملىرى ، كلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامىدا يوق . بۇمۇ شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرلارغا خاس ئىسىمدۇر . «مۇشاۋىرەك» سۆزىنى «مۇشت + ئاب + راك » دېگەن قىسىملارغا بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇ تەركىبلەر ئىچىدىكى «مۇشت» سۆزى پارسچىدىكى «نۇش» (ئىچىش) نىڭ ئېغىز تىلىدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن . «رەك» — «راك» سۆزى بولۇپ يۇقىرىقى سانسكرىتچە «كۈي » دېگەنلەردىن ئىبارەت . ئەگەر شۇنداق بولسا «مۇشاۋىرەك» ئاتالغۇسى «نۇش+ئاب+راك» تەركىبلىرىدىن تەشكىل تاپقان شاراب ئىچىش كۈيى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
4. چارىگاھ مۇقامى
29 نەغمە چوڭ نەغمىسى 9 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3، ئۇيغۇر مۇقاملىرى نامىدىكى «گاھ» بىلەن ياسالغان سۆزلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ . «گاھ» سۆزىنىڭ پارسچە سانلار بىلەن بىرىكىپ كەلگىنىگە قاراپ ، بۇ ، مۇقاملارنىڭ رەت – نومۇرىنى بىلدۈرسە كېرەك ~ دېگەن پەرەزلەرمۇ بولغانىكەن . شۇڭا «چارگاھ» 4 – ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ تۆتىنچى رەتكە تىزىلغان ، «پەنجىگاھ» 5 – ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى قىلىپ رەتكە تىزىلغان . لېكىن «سىگاھ» مۇقامىغا كەلگەندە بولسا ، بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىنمىغان . «سىگاھ» 3 – ئورۇن مەنىسىدە بولۇپ ، مۇقاملار ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇننى بەلگىلىسىمۇ ئەمەلىيەتتە 11 – ئورۇنغا تىزىلغان . پارسچىدىكى «گاھ» سۆزى «ئورۇن ، جاي ، ۋاقىت ، دەرىجە » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە مۇزىكىغا خاس بولغان ئاۋاز ئورنى 音调 نىمۇ بىلدۈرىدىكەن . بۇ ھەقتە » تەۋارىخىي مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسەردە ئازراق توختالغان .
5. پەنجىگاھ مۇقامى
28 نەغمە، چوڭ نەغمىسى 17 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 6، يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك «پەنجىگاھ» مۇقامىدىكى «پەنىج — بەش» دېگەن پارسچە سانلارنىڭ مۇقاملارنىڭ رەت نومۇرىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنىدىن بېشارەت بېرىدۇ . يەنى پارسچىدىكى پەنج — سۆزى بەش دېگەننى بىلدۈرىدىكەن . شۇڭا «پەنجىگاھ» مۇقامى مۇقاملار ئىچىدە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغانىكەن .
6. ئۆژال مۇقامى
28 نەغمە، چوڭ نەغمىسى 16 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 6، «ئۆژال» مۇقام نامى قەدىمكى نام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مۇقامنىڭ نامىنى ئىككى خىل چۈشىنىش مۈمكىنكەن . بۇ نام مۇقام تېكىستلىرىدە «ئۆزخال» دەپ بېرىلگەن .تەپسىلاتى «تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن» دا «ئۆزخال» سۆزىنى «ئۆژال» دەپ تىرانسىكىپىسىيە قىلغان . ھازىرقى تەلەپپۇزدىكى «ئۆژال»، «ئۇژال» دەپ ئېيتىلىۋاتىدۇ . ئىككى خىل ئەھۋالدا بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ . لېكىن ئېتىمولوگىيە جەھەتتە ئۇيغۇرچە «ئۇز» ياكى «ئۆز» سۆزى بىلەن ئەرەب – پارسچىدىكى «خال – ھال» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان . «ئۆز» بولغاندا – «ئۆز ئەھۋالى ، شەخسىي ھال – مۇڭى » مەنىلىرىنى بىلدۈرسە ، ئىككىنچى ئەھۋالدا يەنى «ئۇژال» بولغاندا «گۈزەل ھالەتلەر» ، «ئۇزكەيپىياتلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ، تىلىمىز تارىخىدىن قارىساقمۇ ~ «ھال» دېگەن سۆز چىڭگىزخان ھەربىي يۈرۈشلىرىدىن كېيىن پەيدا بولغان «چاغاتاي» تىلى بىلەن باغلىق بولمىغان ھالدا ، ئونىنچى ، ئونبىرىنچى ئەسىرلەردىلا ، تىلىمىزغا سىڭىپ كىرگەنىكەن .
7. ئەجەم مۇقامى
17 نەغمە، چوڭ نەغمىسى 6 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3، » ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن مۇقاملىرىنىڭ نامى بەزى مۇزىكا قائىدىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە قويۇلۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بىر خىل مۇزىكا – كۈيلەرنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .»ئەجەم» (پارس ، ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر) «ئىراق» دېگەن ناملارمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش . جاي ناملىرى ۋە شۇ جايغا بېغىشلانغان ياكى شۇ جايغا ئائىت كلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولۇپ ، كېيىنچە ، ئەنئەنىۋى تىل بويىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئۆزلىشىپ قالغانلىقى مۇزىكا – كۈي ئەنئەنىسىنىڭ ۋە تىل تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ .»ئەجەم» مۇقامى نامى توغرىسىدا تەپسىلىي بىلىدىغانلار بولسا~ قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار . بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئىزدەشكە ئۈلگۈرەلمىدىم .
8. ئوششاق مۇقامى
23 نەغمە، چوڭ نەغمىسى 14 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3، «ناۋا»، «ئوششاق» دېگەن ناملار ئەسلىدە خۋ ، خىئى ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغاتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كلاسسىك كۈيلەرمۇ «مۇقام» نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇم كۈي – مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان .
9. بايات مۇقامى
19 نەغمە، چوڭ نەغمىسى 10 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3، «بايات» — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «خۇدا ، تەڭرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
10. ناۋا مۇقامى
21 نەغمە، چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3، «ناۋا»، «ئوششاق» دېگەن ناملار ئەسلىدە خۋ ، خىئى ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغاتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كلاسسىك كۈيلەرمۇ «مۇقام» نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار بارلىققا كەلگەندە ، بەزى خەلقلەر بۇنى يۈرۈشلەشكەن مۇقام نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان ، بەزىلىرى بولسا يۈرۈشلەشكەن مۇقام تەركىبىدىكى مەلۇم كۈي – مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان . بەزى ماتېرىياللاردا «ناۋا » مۇقامىنى نەۋايى ئىجاد قىلغان دېيىلىدىكەن .بۇنىڭدىكى سەۋەب بۇ مۇقامدا نەۋايىنىڭ شېئىرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن يا بولمىسا باشقىچە سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن ، بۇنى يەنىلا بىلىدىغانلار ئېيتىپ باقسۇن .
11. سىگاھ مۇقامى
17 نەغمە، چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3، سىگاھ مۇقامى توغرىلىق يۇقىرىدا ئازراق توختالغان .
مەنبە: ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى