پادىشاھنىڭ قۇللىرىنى سىنىشى – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (29)

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
بىر زامانلاردا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھ بىر كۈنى ئۆز خىزمىتىگە سېلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان ئىككى قۇلنى سىناپ باقماقچى بوپتۇ ۋە قۇللارنىڭ بىرسى بىلەن ئازراق پاراڭلىشىپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئەقلى-ھوشۇنىڭ جايىدا، ئورۇنلۇق سۆز قىلىدىغان بىر قۇل ئىكەنلىگىنى پەملەپتۇ. چۈنكى قۇل شۇنچىلىك پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىپتېكى، مەن-مەن دېگەن دانىشمەنلەرنىڭ ئاغزىدىنمۇ بۇنداق ھېكمەتلىكى سۆزلەرنىڭ چىقىشى ئىمكانسىز ئىكەن. پادىشاھ ئىچىدە ھەتتا مۇنداق ئويلاپتۇ:
«ئەجابا بۇ قۇلنىڭ ئىچى دېڭىزمېدۇ؟ پۈتۈن دېڭىزنىڭ ئىچى سۆزلىيەلەيدىغان ئۇنچىلەر بىلەن تولغانمىدۇ؟»
پادىشاھ مانا ماشۇنداق خىياللارغا قىلىپ، ئازراق ئويلىغاندىن كېيىن، يەنە بىر قۇلنى يېنىغا چاقىرىپتۇ.
ئۇ قۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا كەپتۇ. بۇ قۇلنىڭ ئاغزى پۇرايدىكەن، چىشلىرى قارداپ كەتكەن ئىكەن. پادىشاھ بۇ ھالنى كۆرۇپ ئۇنى ئانچە ياقتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەخلاقىنى، نىيېتىنى بىر سىناپ باقماقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنىڭغا:
«ئاغزىڭ سېسىق پۇراپ كېتىپتۇ، بىر ئاز يېراقراق تۇر. مېنىڭ دېگەنلىرىمنى قىلىپ، ياخشى خىزمەت قىلساڭ،
سېنىڭ بىلەن دوستەك ئۆتۇمىز، سەن مېنىڭ يېنىمدا خىزمەت قىلىسەن. سەن ماڭا ياخشى بىر ھەمرا بولساڭ، بىز ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن تېۋىپلاردىن بولۇپ قالىمىز. شۇنىڭ بىلەن تېنىقىڭنىڭ سەسىق پۇرۇقىنى يوقۇتۇشنىڭ دورىسىنىمۇ ياسالايمىز. شۇڭا مەن پىتنىڭ ئاچچىغىدا، چاپاننى ئوتقا ئاتماستىن، ساڭا پۇرسەت بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.
سەن مەجلىسىمىزگە قاتناشىپ ئازراق سۆز قىل. ئاندىن ئەقلىڭنىڭ قانچىلىكلىگى مەيداندا ئاشكارە بولىدۇ» دەپتۇ ۋە يەنە بىرىگە «ماڭ، مۇنچىغا بېرىپ يۇيىنىپ كەل» دەپ كەتكۇزىۋېتىپتۇ. ئاندىن يېنىدىكى قۇلغا قاراپ:
«ئەسلىدە سەن ناھايىتى ئەقىللىق بىر قۇل ئىكەنسەن. سېنىڭدەك قۇلنى يۇز قۇلغا تەڭ قىلمايمەن. لېكىن ئۇ ئاغىنەڭ، ھەسەتخور، بىزنى سەندىن سوۋۇتتى. ئۇ سەن توغرۇلۇق «ئۇ ئوغرى. توغرا يولدا ماڭمايدۇ. ئۇ ئۇنداق، مۇنداق» دەپ سېنىڭ ياخشى گېپىڭنى قىلمىدى» دەپتۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان قۇل مۇنداق دەپتۇ:
«ئۇ دائىم راس گەپ قىلىدۇ. مەن تا بۈگۈڭە قەدەر ئۇنداق راس گەپ قىلىدىغان بىرسىنى كۆرمېدىم. ئۇ شۇنداق راسچىل تۇغۇلغان. شۇڭا ئۇ نېمە دېسە ئىشىنىمەن. مەن ئۇنىڭ بىر ئەسكىلىگىنى كۆرمىدىم. ئەگەر بىر خاتالىق بار دېسەك، بەلكى ئۇ مەندىكى خاتالىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ مەندىكى بۇ كەمچىلىكلەرنى كۆرگەنلىگى راس بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ماڭا ئۆزەمنىڭ خاتالىقلىرى كۆرۇلمەيدۇ.
ھەر كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى كۆرگەن بولسا ئىدى، ئۇنى تۇزۇتىشنىڭ ئامالىنى قىلغان بولاتتى.»
بۇ سۆزلەرنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىغان پادىشاھ، قۇلغا يەر ئاستىدىن بىر قاراپ قويۇپ مۇنداق دەپتۇ:
«ئۇ سېنىڭ كەمچىلىكلېرىڭنى قانداق ئاشكارلىغان بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭكىنى شۇنداق ئاشكارلا. سەن مېنىڭ دوستتۇم بول، ئۆلكەم ۋە ھۆكۇمرانلىقىم ئۈچۈن خىزمەت قىل»
قۇل كەسكىن قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
«مەن بىر قۇل بولۇش سۇپىتىم بىلەن شۇنداق شائىتلىق قىلىمەنكى، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەيىبى بولسا ئادېمىلىك، سۆيگۇ ۋە ۋاپا، راسچىللىق ۋە ئەقىللىغىدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ كېچىك خاتالىقى بولسا، مەرتلىك ۋە ياردەم سۆيەرلىگىدۇر. ھەتتا ۋاختى كەلگەندە ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي باشقىلار ئۈچۈن ئۆز جېنېنى پىدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قارشىلىق تەڭرى يۇز مىڭلارچە جان يارىتىدۇ، لېكىن بۇ پىداكارلىق مەرت بولمىغان كېشىدە يوق. كىم ھەق ئۈچۈن، مەخسەتسىز مەرتلىك قىلسا، ئۇنىڭدا قورقۇ بولمايدۇ ۋە چوقۇم ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ.»
پادىشاھ: «دوستۇڭنى بەكمۇ ماختاپ كەتمە. ئۇنى ماختىغان بولۇپ ئۆزەڭنى ماختىما» دەپتۇ.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان قۇل مۇنداق دەپتۇ:
«پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى رەخىم ۋە راخمان بولغان ئۇلۇغا تەڭرىگە قەسەم قىلىمەنكى ھەرگىز ئۇنداق بىر نېيەتىم يوق. ھەق ئۆزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ياخشىلىقىدىن ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. بۇ قارا شور تۇپراقلاردا ماشۇنداق ئۇلۇغا پادىشالارنىڭ بولۇشى، ئۇنىڭ ئىلتىپاتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلارنى، تۇپراقتىن تۆرەلگەنلەردىن، كۆكتىكىلەردىن ئۇستۇن قىلدى. ئوتتىن ساپ بىر نۇر ھاسىل قىلىپ، ئۇنى پۈتۈن نۇرلاردىن ئۇستۇن قىلدى. ئۇ چاقماقنىڭ چېقىشى جان غا نۇر بېغىشلىدى. ئادەم ئۇ نۇر بىلەن ئىلھاملاندى. ئادەملەر زىمىنغا خەلىپە بولدى. نۇھمۇ ئۇ نۇردا پەيزى بولۇپ، ئىلھاملاندى، جان دېڭىزىدىن ئۇنچىلەر چاچتى. ئۇ نۇر ئىبراھىمنىڭ جانېنى قوغدېدى. ئۇ قورقماستىن نەمرۇت ياققان ئوتنىڭ ئىچىگە كىردى. ئىسمايىلغا ئۇ نۇر دالدا بولدى. بۇ سەۋەپتىن شەمەردە پىچاققا بوينېنى تۇتۇپ بەردى. داۋۇتنىڭ جېنى ئۇ نۇردىن بەھرىمان بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قولى بىلەن تۆمۇرنى خېمىردەك يۇمشىتىۋەتتى. سۇلايمان ئۇ نۇرغا ئىگە بولغاچقا، ئىنسانلار ۋە جىنلار ئۇنىڭغا بوي سۇندى. ياقۇپ ئۇ خەۋەرگە ئاشنا بولغانلىغىدىن، كۆزى كۆرىدىغان بولدى. ئاي يۇزلۇك يۇسۇپنى ئۇ نۇر پارلاتقاچقا، چۈش تەبíرى ئۇنى ئاگاھلاندۇردى. ھاسا، مۇسانىڭ قولىدا نۇرلانغاچقا، پەرەئۇننىڭ سەلتەنەتتى بىجچىدە بولدى. مەريەمنىڭ ئوغلى ئەيسا يولىنى تاپقاچقا، تۆتىنچى قات ئاسمانغا چىقىپ كەتتى. ھەزرىتى مۇھەممەتتە ئۇ نۇر كۆپرەك بولغاچقا، بىر ئىشارەت بىلەن ئاينى ئىككىگە بولۇۋەتتى. ئابابەكرىنىڭ مەخسىتى توغرا يولنى تېپىش ئىدى. شۇڭا ئۇ ئەنە ئاشۇنداق بىر پەيغەمبەرگە يولداش ۋە ناھايىتى ياخشى قوللىغۇچىسى بولدى. ئۆمەر سۆيۇملۇكىگە ئاشىق بولغانلىقتىن ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىغۇچى بولدى. ئوسمان ئاشى سىرىنىڭ كۆزى بولغاچقا شانلىق نامې زىننۇرەين(ئىككى نۇر) بولدى.
ئەلى مۇرتازا يۇز ئابروي تاپتى، تەقدىرىگە تەڭرىنىڭ ئارسلانى دەپ يېزىلدى.
شۇنچىلىك سەرخىل يۇز مىڭلىغان پادىشاھلار، مەنە ئورۇنلېرىغا يۇكسەلدى ۋە ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. ھەقنىڭ غەيرىتى ئۇلارنى نامسىز، ئىشارەتسىز ئەيلىدى. قۇدرەتلىك قۇببېلەردە بىلىنمەي قالدى. ئۇ نۇر نامىدىن قەسەمكى نۇرانىلەر ئۇ دېڭىزدا بېلىقتەك بولدى. ئۇنى دېڭىزنىڭ جېنى ۋە جاننىڭ دېڭىزى دېسەم، بۇ سۆزمۇ ئۇنى تەرەپلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. يەنى ھەقنىڭ ھەققى ئۈچۈن بۇمۇ، ئۇمۇ ئۇنىڭدىن. ئۇنىڭغا ھېچ نېمېنى سېلىشتۇرغىنى بولمايدۇ. سۆزنىڭ قىسقىسى مېنىڭ بۇ دوستتۇم سۆزلىگەنلېرىمدىن يۇز ھەسسە ئارتۇق ياخشى»
پادىشا بۇ مەدىيەلەرنى ئاڭلاپ مۇنداق دەپتۇ:
«بولدى. ئەمدى ئۆز ئەخۋالىڭدىن سۆز ئاچ. قانچانغىچە ئۇنىڭ، بۇنىڭ ئالاھىدىلىكلېرىنى سۆزلەپ يۇرۇيسەن؟ ئىيت سېنىڭ بىلىدىغان بىرە ھۈنېرىڭ بارمۇ؟ دېڭىزنىڭ ئاستىدىن ئۇنچە-مەرۋايىت چىقىرىپ باقتىڭمۇ؟ تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرگەندە، قەبرىنى يورۇتىدىغان نۇرۇڭ بارمۇ؟
قول-پۇتۇڭ جانسىز بوپ قالغاندا، ئۇچۇدىغان قاناتىڭ بارمۇ؟ ياخشىلىق ئەكىلىشنىڭ شەرتى، تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى ۋە سېخىلىگىدىن بارلىقتىن ۋاز كەچمەكتۇر. بۇنداق ئۆتكۇنچى ئىشارەتلەردىن قۇتۇلغاندا، ئىنسانلىقنىڭ ئەسلى ئىشارەتلېرى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ……………………»
قۇل بولسا پادىشاھنىڭ بۇ ئايىغى ئۇزۇلمەيدىغان ھېكمەتلىك سوئال-سوراقلىرىنى ئاڭلاپ مۇنداق دەپتۇ:
«ئەي شاھ! ھەر ئىشارەتنىڭ باشقا شەكلى ۋە رەڭگى بولىدۇ.يىغىلىپ يوق بولۇش ئۈچۈن ۋۇجۇتقا كىلىدۇ. ھەر نەرسە ئۆزى ماس كىلىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. پادىمۇ پادىچىغا ئۇيغۇنلىشىدۇ. مەھشەردە ھەر ئىشارەتلەر بىر سۇرەتتۇر. سۇرەتنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاش كۆرۇنىشىنىڭ ئۆزى، بىر شەكىلدىن ئىبارەت. ئۆزەڭگە قارا، سەنمۇ بىر ئىشارەتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىكى مەخسەت بىر ئىشقا ۋەكىل بولۇشىڭدۇر. ئۆيلەرگە، ئوردا-سارايلارقا قارا، ئۇلارنى قۇرۇلۇش ئىنجېنېرلىرى لايھەلىگەن. كۆرۇۋاتقان باشقا سارايلېرىڭغىمۇ قاراپ باق. ئۇلار نېمە دېگەن گۈزەل. ئۇ ئىنجېنېرنىڭ تەسەۋۇرلىرى بولسا قورال-سايمانلارغا ۋە بىنانى كۆتۇرۇپ تۇرىدىغان تۆۋرۇكلەرگە نايىنىپ ئاندىن ئەمەلگە ئاشتى. ھەر ئىشنىڭ، ھەر پىكىرنىڭ ئەسلى ئاساسى بولسا خېيال، ئىشارەت ۋە چۇشەنچىدۇر. دۇنيادىكى بارلىق شەئىيلەرگە مەخسەتسىزلا بىر قاراپ باق، سەۋەپلەر دائىم ئىشارەتلەردۇر. باشتا پىكىر، ئاندىن كېيىن ئىش. ئەزەلدىن بېرى ئالەمنىڭ يارتىلىش قانۇنىيېتى مۇشۇنداق. كۆڭلۇمىزدە ئالدى بىلەن پىكىرنىڭ مېيۋىسى بولىدۇ. كېيىن ئۇ ئىش مەيدانغا كېلىدۇ. كۆچەت تىكىشتىكى مەخسەت، ئۇنىڭدىن مېۋە ئىلىشتۇر. گەرچە بىخ، تال ۋە ياپراقلار باشتا چىقسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىنمۇ قىممەتلىكى ئۇنىڭ مېۋېسى. بۇ گەپ-سۆزلەرنى ئىشارەتنى چۇشۇنىش ئۈچۈن سۆزلىدىم. بۇ سوئال-جاۋاپلار داۋاملىق ئىشارەت. ئەي شاھ! پۈتۈن ئالەم ئىشارەتتۇر. بۇ ئىشارەتلەر سۇرەتتىن تۇغۇلدى. سۇرەت بولسا ئويلاردىن مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ جاھان ئەقىل بارلىقىنىڭ بىر پىكرى بىلەن سېزىپ چىقىلغان بولۇپ، ئەقىل پادىشاھ بولدى، سۇرەتلەر پەيغھەمبەرلەردۇر. بىرىنچى ئالەم ئىمتىھان ئالەمدۇر. ئىككىنچى ئالەم بولسا ئىنسانلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلېرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۇدىغان ئالەمدۇر. ئەي شاھ! قۇل ساڭا خىيانەت قىلسا بۇ ئىشارەت ئۇنىڭ ئۈچۈن زەنجىر ۋە زىنداندۇر. ئۇ لايىقىدا ياخشى خىزمەت قىلسا، ئىشارەت بولماي بەلكى ئىناۋېتى ئاشىدۇ.»
پادىشاھ قۇلنىڭ بۇ پاساھەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مۇنداق دەپتۇ:
«بوپتۇ سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن. پەقەت سېنىڭ ئىشارەتلېرىڭدىن بىر جەۋھەر كۆرەلمىدىم»
قۇل مۇنداق دەپتۇ:
«ياخشى ۋە ياماننىڭ ئەخۋالى بىلىنمىسۇن دەپ، ئۇنى ئەقىل يوشۇرۋالغان. ئەگەر ئويلارنىڭ سۇرەتلىرى ئوتتۇرغا چىققان بولسا پۈتۈن ئىنسانلار ھەقنىڭ يولىنى تۇتقان بولاتتى. ئەي شاھ! بۇ بىلىنمىگەن ئالەم بىلىڭەن بولسا ئىدى، ئىمان ۋە ئىمانسىزلىق سۇرەتى پىشانىلېرىگە سىزىلغان بولاتتى. بۇ پانى دۇنيادا ھېچىم بىر گۇناھ قىلىشقا جۇرەت قىلالمىغان بولاتتى.»
قۇلنىڭ سۆزلېرىنى ئاڭلىغان پادىشاھ مۇنداق دەپتۇ:
«ئىلتىپات ۋە ئىنتىقام ئۆرتۇلمىشتۇر. لېكىن بۇ خاس قۇللارغا ئوچۇق، ئاۋام خەلققە يوشۇرۇندۇر. ھەق ماڭا ئىشلارنىڭ بەدەلى ۋە ياخشىلىقلارنىڭ سۇرەتىنى كۆرسەتتى. بۇلۇت ئاينى مەندىن يوشۇرالمايدۇ.»
قۇل: «ئۇنداقدا سەن ياخشى بىلەن ئەسكىنىڭ ھېكمىتىنى بىلسەڭ. بۇنداق ئۇششاق گەپ سۆز قىلىشقا نېمە ھاجەت؟»
پادىشاھ:
«ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ھېكمەت، ھەق ئىلمىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئويلىرىدىن باشقىچە مەلۇم بولغانلىغىدۇر. ھەق ئىلمى بۇ دۇنيادا مەيدانغا چىققىچە باي ۋە گاداي مەۋجۇت بولىدۇ. سەن ياشى ۋە يامانلىق قىلماي تۇرالمايسەن. ئىشلېرىڭنىڭ ئىزھارىدىكى ئېھتىياج قابىلىيەت سىررىنىڭ ئاشكار بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئىزتىراپنىڭ ئالامەتلىرى ئۇ ھاياجانلىنىپ ھوشىڭدىن كەتكەنلىگىڭدۇر. جېنىڭنىڭ خالىسا بىر ئىشنى قىلىسەن. سەۋەپ ئانىسى بولسا، ئەسەر ئۇنىڭ بالىسىدۇر. بۇ سەۋەپلەرنىڭ نەسلى بىر، لېكىن ئۇ نەسلىنى پەرق ئىتىش ئۈچۈن كۆز كېرەك.»
پادىشاھ مانا ماشۇ سۆزلەرنى داۋاتقاندا يەنە بىر قۇل مۇنچىدىن چىقىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇ قۇلنى يېنىغا چاقىرتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:
«سالامەتلىك ۋە ھوزۇر ساڭا يار بولسۇن. رەڭىڭ -روھىڭ ناھايىتى چىرايلىق ۋە نازاكەتلىك بولۇپ كېتىپسەن. مىڭ ئەپسۇس ئاغىنەڭ دېگەن ھۇيلار سەندە بولمىغان بولسا ئىدى. يۇزۇڭنى كۆرگەنلەر خوشال بولۇپ، سېنىڭ بىلەن دوست بولاتتى.»
بۇ تەنە سۆزلەرنى ئاڭلىغان قۇل مۇنداق دەپتۇ:
«پادىشاھىم! ئۇ دىنسىز، نىيىتى يامان، مەن توغرۇلۇق زادى نېمە دېدى؟ دېگەنلىرىدىن ئازراق مېنى خەۋەردار قىلغان بولسىلا»
پادىشاھ:
«ئالدى بىلەن سېنى ئىككى يۇزلۇمىچى. كۆرۇنۇشتە ياخشىدەك قىلغان بىلەن ئىچى زەھەر، باشقا بالادۇر؛ دېدى» دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قۇل، دەرھال غەزەپكە كىلىپ، ئاچچىغى قايناپ-تېشىپتۇ. يۇزلىرى قىزىرىپ، ئاڭزىدىن كۆپۇكلەر چىقىپتۇ. ئاچچىقتىن كۆزلىرىگە قان تولۇپتۇ ۋە:
«ئۇ مەن بىلەن ياخشى دوست ئىدى. بىراق ئىتتەك ئەسكى خۇيى بار ئىدى. نىجىس پاسكىنا نەرسىلەرنى يەيتى.» دەپ ئۇنى ئاغزىغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن تىللاشقا باشلاپتۇ. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشقا ھېچ تاقىتى قالمىغان پادىشاھ «بولدى بەس !» دەپ ئىشارەت قىپتۇ ۋە:
«سېنىڭ قانداق بىرسى بولغانلىغىڭنى دەرھاللا بىلدىم. گەرچە ئۇنىڭ ئاغزى پۇرىغان بىلەن سېنىڭ جېنىڭ سېسىق پۇرايدىكەن. نېرى تۇر. ئۇنداق مەغرۇر تۇرما! بۇندىن كىيىن ئۇ سېنىڭ باشلىقىڭ. سەن ئۇنىڭ خىزمەتچىسى» دەپ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۇمىنى بىرىپتۇ ۋە مۇنداق نەسىيەت قىپتۇ:»توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە كىشىلەر، ئىنساننىڭ كۆڭلېنى تىلى ئارقىلىق قوغداشنى بىلىدۇ. كۆرۇنېشى گۈزەل. ئەمما، ئىچى رەزىل بولغانلاردىن ھەزەر ئەيلېشىمىز كېرەك.»
بۇ ھېكايە مەيلى توغرا، مەيلى يالغان بولسۇن، ھەر ۋاقىت ياخشى ئادەملەرگە نەسىھەت بېرىدۇ.
ھېكمەتلەر:
شېكەردەك لەۋلەردىن، شەربەتتەك سۆزلەر تۆكۇلىدۇ.
ئادەمنىڭ كىملىگى تىلىنىڭ ئاستىدا.
تىل جان ئىشىكىنىڭ پەردىسىدۇر. ئەگەر ئۇ پەردە شامالدىن قايرىلسا، كۆز ئۆينىڭ ئىچىدىكى سىرلاردىن خەۋەردار بولىدۇ. ئۆيدە ئۇنچە-مەرۋايىتمۇ بار ياكى بۇغدايمۇ، ئالتۇن غەزىنەمۇ ياكى يىلان بىلەن چايانمۇ؟ ئەگەر غەزىنە بولسا، يىلانچۇ؟ چۈنكى غەزىنىگە كۆزەتچى لازىم.
ئۇنچىدەك سۆزلەردىن چاقنىغان ھەربىر نۇر ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدۇ.
ئۇ ئۇنچىنىڭ نۈرى كۆزىمىزنىڭ نۇرى بولغان بولسا ئىدى، سوئالمۇ، جاۋابىمۇ بىزدە بولاتتى.
سىڭايان قارىساڭ، ئاي ئىككى كۆرۇنىدۇ. بۇنداق قاراش گۇمانلىق بىر سوئالدۇر.ئۇدۇل قارا، ئاي بىر كۆرۇنسۇن. ئىزدىگەن جاۋاپنى تاپېسەن.
پىكىردىن ئاغما، ياخشى قارا. بىلگىنكى ئۇنچىنىڭ نۇرى سېنىڭ ئوي-پىكرىڭدۇر.
قۇلاقتىن يۇرەككە كەلگەن ھەر بىر سۆزگە، كۆز شۇنداق دەيدۇكى.»شۆھبېسىز مېنىڭدىن تۇي!»
قۇلاق ۋاستىلىق بولىدۇ، كۆز بولسا بىۋاستە. كۆز كۇزېتىدۇ، قۇلاق غەيۋەت ئەھلى.
قۇلاق ھەقىقەتنى تۇيسا كۆزدەك بولىدۇ، بولمىسا غەيۋەتكە شۇڭغىغان بولىدۇ.
ھەر كىم ئۆزىنىڭ يۇزىگە ئۆزى قارالمايدۇ. سەن مېنىڭكىگە قارايسەن، مەن سېنىڭكىگە.
ھەر كىم ئۆزىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بولغانلىغى ئۈچۈن، داۋاملىق بىربىرىنىڭ ئەيىبىنى سۆزلەيدۇ.
ھەسىس كىشى ئەجىردىن، ياخشىلىقتىن قۇرۇق قالىدۇ. دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكۇشنى ياخشى كۆرگەن، ئۇنچىنى ئالىدۇ.
قىلغان مەرتلىكنىڭ نەتىجىسى دەرھال كۆرۇلگەن بولسا، دۇنيادا ھەسىس قالمىغان بولاتتى.
مەرتلىك كۆزدىن بولىدۇ، قولدىن ئەمەس. غەلبە ئۈچۈن كۆز كېرەك.
ھېس-تۇيغۇلار ئۆلسە كارغا كەلمەيدۇ. جان نۈرى كېرەككى كۆڭۇل دوستى بولسۇن.
ھايۋانى جان چىققاندىن كېيىن، باقى بولغان روھ كۆرۇنمەك ئىستەيدۇ.
كۆرۇنۇشى قانچىلىك گۈزەل بولسىمۇ، خۇيى ئەسكى بولسا، ئۇنىڭ قىممىتى بىر تال ئارپانىڭكىچىلىكمۇ بولمايدۇ.
كۆرۇنىشى شۇنچىلىك ھەقىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەخلاقى گۈزەل بولسا، ئۇ يەنىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.
كۆرۇن گەن سۇرەت پانىدۇر. مەنا ئالەم، باقىدۇر.
قاچانغىچە كومزەكنىڭ چىرايلىقىغا ئالدىنېسەن؟ كومزەكنىڭ زىننېتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۇغا نەزەر سال.
سۇرەت بولسا مەنا ئالەمدە بىر پەردې. سەدەپنى ئويلىماي ئۇنچىنى قولغا كەلتۇر.
شۆھبېسىز شۇنچە كۆپ سەدەپتەك قەلبلەر ئۇنىڭ دەريالىرىدا يېتىشكەن بولسىمۇ ۋە لېكىن ھەر سەدەپنىڭ ئىچىدە ئۇنچە بولمايدۇ. شۇڭا ھەر بىرىنىڭ ئىچىگە ئومدان قارا. چۈنكى قىممەت باھالىق ئۇنچە ئاز ئۇچرايدۇ.
كۆڭلىدە بىر ئوي-پىكىر بولغان، بىردەمدىلا پۈتۈن جاھاننى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
تېشى بىلەن ئىچى بىر بولغان پادىشاھنىڭ ئارقىسىدىن يۇز مىڭلەرچە ئەسكەر ئەگىشىدۇ.
چۈنكى ئۇ مۇختەشەم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەركەتلىرىگە بىر مەخپى پىكىر قوماندانلىق قىلىدۇ.
خەلق بىر ئىدىيەنىڭ سەۋەبىدىن سەلدەك ھەر تەرەپكە ئىقىپ كېتىدۇ. خەلق ئۇ ئىدىيەگە ئېتىبارسىز قارايدۇ. ئەمما، ئۇ ئىدىيە سەلدەك جاھان غا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھەر ئىشنىڭ نېگىزى ئىدىيەدە، پىكىردە، چۇشەنچىدە. ئىشنىڭ ئالدىدا ئۇ مەيدانغا كېلىدۇ.
شۇنچە ئېسىل قەسىرلەر، سارايلار، شەھەرلەر، شۇنچە ئىگىز تاغلار، جىلغىلار، ئويمانلىقلار ۋە دەريالاردەك، بېلىقنىڭ دېڭىزدېكى ھاياتلېرىدەك، يەرمۇ، دېڭىزمۇ، كۈنمۇ، ئايمۇ ۋە ئاسمانمۇ ئۇنىڭ سەۋەبىدىن مەۋجۇت.
پىكىر دۇنياسىدا ئېشەكتەك دائىم بىھۇت ۋە خەۋەرسىز يۇرمە.
بىلىمسىزلىككە رازى بولۇپ، ئەقىلنىڭ دۇشمىنى بولما. ھەقنىڭ پەيزىدىن خەۋەرسىز دىۋانە بولما.
سۇرېتىڭ ئادەم. ئەمما، ئەقىل – ئىدرىكىڭ يوق. پۇتىڭ سىررىڭدىن بىخەۋەر، بىخەستە ئېشەكتەك بولما.
بىر كۈن ئۇ پىكىر ۋە ئويلار، قول قانات كېرىپ پەردېدىن چىقار ئالدىڭغا.
ئۇ ۋاقىت ئۇ ئىگىز تاغلار پاختىدەك توزۇپ، كۇكۇپ تالقان بولىدۇ.
يۇلتۇزلار، ئاسمانلار گۇمران بولىدۇ. سۆيگۇنىڭ ئىگىسى، دائىم تىرىك ۋە يالغۇز بولغان ھەقتىن باشقا ھېچ نەرسە قالمايدۇ.