You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (49)

ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (49)

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىر كۈنى ھال ئەخۋالى ناھايىتى ياخشى، ھاياتىنى بەخت ئىچىدە ئۆتكۇزىۋاتقان  بىلىملىك بىر  ئادەم كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، چاقچاق قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:

«ھىندىستاندا بىر دەرەخ بار ئىكەن. ئۇ دەرخنىڭ مېۋىسىنى كىم يىسە ، ئۇ كىشى قىرىمايدىكەن ۋە مەڭگۇ ئۆلمەيدىكەن. ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى ئۆلمەسكلىكنىڭ دورىسى ئىكەن».

بۇ گەپ قۇلاقتى قۇلاققا ئاڭلىنىپ ھەممە يەرگە تارىلىپتۇ ھەتتا ئوردا ئىچىگىمۇ يىتىپ بىرىپ، پادىشاھنىڭ قۇلىغىغا يىتىپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پادىشاھ «توغرا ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى قولغا چۇشۇرۇشنىڭ كويىغا چۇشۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قولىدىن ئىش كىلىدىغان بىر چاپارماننى نۇرغۇن مال-دۇنيا بىلەن ھىندىستانغا يولغا ساپتۇ. بۇ ئادەم ھىندىستانغا كىلىپ، ئۇ ئۆلۇمسىز مىۋە بىرىدىغان دەرەخنى ئىزدەپتۇ. ئەمما، پۈتۈن ھەممە يەرنى ئىزدەپ، قىدىرۋەتكەن بولسىمۇ ئۇ دەرەخنى ھېچ بىر يەردىن تاپالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەم ئۇ دەرەخنى نەچچە يىل ئىزدەپتۇ. ھىندىستان دېگەن بۇ دۆۋلەتتە بارمىغان يىرى، چىقمىغان دۆڭى، كەزمىگەن چۆلى قالماپتۇ. قايسۇ شەھەرگە بىرىپ كىمدىن ئۇ ئۆلۇمسىز مېۋە بىرىدىغان دەرەخنى سورىسا، بەزىلەر مىيىغىدا كۇلۇپ زاڭلىق قىلسا بەزىلەر بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: «ھەي…ساراڭ بوپقاپتۇدە بۇ بىچارە» دەيدىكەن. يەنە بەزىلەر: «ئەي كۆڭلى تۇز بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىلىك ئەجىر قىلىشنىڭ ۋە جاپا تارتىشنىڭ بىر سەۋەبى باردۇر. بەلكى بۇ قۇرۇق سۆز ئەمەستۇ» دەيدىكەن. شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدىدە بىرسى ئۇ ئادەمگە بۇنداق دەپتۇ:

«پالانى يەرگە بارساڭ بىر ئورمان بار، ئاشۇ ئورماندا ئاشۇنداق بىر دەرەخ بار».

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغا ئادەم ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ. يىللاردىن بىرى بۇنداق بىر ياخشى خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىغان بولغاچقا ئاشۇ ئورمانغا قاراپ چىپىپتۇ. ئۇ ئادەم شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتكەن ئىكەن، چۈنكى نەچچە يىللاردىن بىرى ئۇ دەرەخنى ئىزدەپ كۆپ جەۋىر-جاپا تارتىپتۇ. پادىشاھمۇ ئۇنىڭغا كۆپ راسقۇت ئەۋەتىپتۇ. ئەمما، تا بۇگۇڭىچە قۇرۇق گەپتىن باشقا بىر نەرسىگە ئىگە بولمىغان ئىكەن. بۇگۇن مانا نېمە بولسا بولسۇن بىر ئۇمىدنىڭ ئۇچى ئۇنىڭغا كۆرۇن كۆرۇنۇپتۇ.

ئادەم شۇنداق قىلىپ ھىلىقى ئورمانغا يىتىپ كەپتۇ، قارىسا  تاللىرى شۇنداق ئىگىز مېۋىسى توڭ، يوپۇرماقلىرى يەشىل دەرەخ تۇرغۇدەك. ئەمما بۇ دەرەخ ھىلىقىندەك دەرەخ بولماستىن پەقەت شۇ ئورماننىڭ زىننېتى ئىكەن.  ئادەمنىڭ نۇرسىز، ھارغىن كۆزلىرى ئۇمىدسىزلىك ئىچىدە ئولتۇرشۇپ كىتىپتۇ. شۇنداق كۆپ جاپالارنى تارتىپ ئېرىشكىنى قۇرۇق گەپ بوپتۇ. ئاخىرى ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىپتۇ. پۈتۈن قىلغان ئىشلىرى، تارتقان جاپالىرى بوشىغا كىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتماقچى بوپتۇ. دەرت -ئەلەم ئىچىدە ياخشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن يولغا چىقىپتۇ. مانا ماشۇنداق ئۇمىدسىزلىكتە كىتىۋاتقاندا، يولدا بىر شەيىخ ئۇچراپ قاپتۇ. ئادەم شەيىخنى كۆرۇپ ئۆز ھالىنى بۇنداق ئىزھار ئەيلەپتۇ:»ئۇمىدسىزلىك دېڭىزىغا چۆكتۇم. ئىچىم ھەسرەتكە تولدى. سېنىڭ مۇبارەك جامالىڭنى كۆرۇشۇم، مېنىڭ تەلىيىمنىڭ باشلىنىشى بولسۇن. ياخشى تىلەك، ئېسىل دۇئالىرىڭنى مېنىڭدىن ئايىما. ئۇ دۇئالىرىڭ يولدا ماڭا ياخشى ھەمرا بولغاي. ئارزۇ قىلىپ يۇرگەن ئىشلاردىن ئۇمىدىمنى ئۇزدۇم.» دەپ يىغلاپ تۇرۇپ شەيىخنىڭ ئالدىغا كىلىپ قولىنى سۆيۇپتۇ. بۇلۇتتىن چۇشكەن يامغۇردەك كۆز ياشلىرى شەيخنىڭ مۇبارەك قوللىرىنى ھۆل قىلىۋىتىپتۇ. ئۇ ئادەم يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ:»ئەي شەيىخ! ئىچ ئاغرىتقىن ماڭا. ئۇمىدسىزلىك ئىچىدە قالدىم. ماڭا ياخشىلىق قولۇڭنى سۇن».

كۆڭلى شۇمشاق شەيىخ بۇ ئىزتىراپقا تولغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ بۇنداق سوراپتۇ:»سېنىڭ بۇ مەيۇسلىگىڭ زادى نېمە سەۋەپتىن؟  زادى مەندىن نېمە ئىستەيسەن؟»

ئۇ ئادەم ئۆز ھالىنى ئىزھار ئەيلەپتۇ:»مېنى پادىشاھىم بىر دەرەخنى تىپىپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئەكىلىشكە بۇيرۇغان ئىدى. ئۇ دەرەھنىڭ مېۋىسى بولسا ئۆمۇرنىڭ ۋە ھاياتنىڭ دەسمىسى بولغاچقا، ئۇ دەرەخ پۈتۈن دۇنيا ئارزۇ قىلىدىغان بىر دەرەخمىش. مەن ئۇ دەرەخنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىزدېدىم. ئەمما، ئۇنداق بىر دەرەخنى ھېچ يەردىن تاپالمىدىم. بۇ ئىش ماڭا ناھايىتى ئاخمىقانىلىق ۋە مەسخىرلىك بىر ئىش بولۇپ قالدى.»

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان شەيىخ قاقاقلاپ كۇلۇپ كىتىپتۇ ۋە ئۇ ئادەمگە بۇنداق خىتاپ قىپتۇ:

«ئەي ئاق كۆڭۇل پاك ئادەم! ئۇ دەرەخ ئالىملارنىڭ ئىلىمىدۇر. بۇنى پەقەت ئالىملارنى چۇشىنىدۇ. ئۇ شۇنداق ئۇلۇغ ھەم شۇنداق چوڭ، ھەر تەرەپكە يېيىلغان. ئۇ ئابىھاياتنىڭ بۇلۇقى ۋە شۇنداق بىپايان كەتكەن چۇڭقۇر دېڭىزدۇر. سەن شەكىلگىلا قاراپسەن، ئەي ئاخماق.  مەنېسى ياپراقتىمۇ، مېۋىسىدىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئىسمى بەزىدە بىر دەرەخ، بەزىدە قۇياش، بەزىدە دېڭىز، بەزىدە بۇلۇت.ئەمما، مىڭ ئەسىرلەردىن بىرى ئۇ بىردۇر. ئەڭ قىممەتلىك ئەسىرى مەڭگۇلۇك ھاياتتۇر. ئۇ يالغۇز بىر. ئەمما، ئەسەرلىرى كۇرمىڭ. ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىسىملىرى بار. بەزىدە ئۇ بىرلىرى ئۇچۈن قەھر ۋە زۇلۇم قىلسا يەنە بەزىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە ئىھسان ئەيلەيدۇ. سەن پەقەت دەرەخنىڭ ئىسمىگە باغلىنىپ قىلىپ مانا مۇشۇنداق چارىسىز، ئۇمىدسىز ھالغا چۇشۇپ قاپسەن. سەن ئىسمىنى ئويلىما، ئۇنىڭ ماھىيىتىگە قارا. ئۇ سۇپەتلەر سېنى سىرلارنىڭ ماھىيىتىنىغا ئىرىشتۇرسۇن» دەپتۇ.

ھېكمەتلەر:

ئەي ئوغۇل! پەكمەز(ئۈزۈمدىن ياسالغان شىرنە) توغلاپ قالغان ھالەتتىمۇ ئۇنى يىگەننىڭ جىگىرى قىززىيدۇ.

بىلىملىكنىڭ سۆزلىرى ئىنسانلارنى بىرلەشتۇرىدۇ.

ئاخماقنىڭ سۆزلىرى ئىنسانلارنى بۆلۇشكە سەۋەپ بولىدۇ.

تىل بىلگەن ئادەم جەرەن بىلەن قاپلاننىمۇ ئىتىپاقلاشتۇرالايدۇ.

ھەر دەۋردە تىچلىقنى سۆيىدىغان، زۇلۇم قارشى تۇرىدىغان بىر سۇلايمان چىقىدۇ.

ياخشى ئىنسانلارنىڭ نەپىسى بىردۇر.

ئۈزۈم ھەر خىل بولسىمۇ. مىجىلسا ھەممىسى ئوخشاش قىيام بولىدۇ.

ئۆزىنى يىتىشتۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ياشلار كۆڭۇل ئەخلىلىرى بىلەن ھەم نەپەس.

بىلىمسىز ۋە ئەسكى ئىنسانلارنىڭ كۆپلىگىدىن بىلىملىك ئەزىز كىشىلەر زۇلۇمغا ئۇچرايدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top