You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » تارىختا خىتاي خانىدانلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى نىمىلەرنى ئىلىپ قايتقان؟

تارىختا خىتاي خانىدانلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى نىمىلەرنى ئىلىپ قايتقان؟

ئۆمەرجان جامال

تارىختا ئەجداتلىرىمىز قۇرغان خانىدانلىقلار بىلەن بىر دەۋردە مەۋجۇت بولغان خىتايلار قۇرغان خانىدانلىقلار ئارىسىدا مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بىز بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىمىزنىڭ ئەجداتلىرى قالدۇرغان مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ  تولۇق بولمىغان تىكىستلىرىدىن بىلىشكە مۇيەسسەر بولساق ، كۆپىنچىسىنى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ يىزىپ قالدۇرغان تارىخى قايناقلاردىن سۈزۈپ ئىلىشقا توغرا كىلىدۇ.  بۇ مۇناسىۋەتلەر قاچاندىن باشلانغان؟ قانداق داۋام قىلغان ؟ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ بۇ سۇئاللارنىڭ تولۇق جاۋابىنى بېرېش ھازىرقى ئىمكانىيەتلىرىمىزدىن چىقىش قىلغاندا ئىنتايىن مۈشكۈلدۇر. چۈنكى دەۋلەت قۇرۇش تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ باشلىنىشىغا ئائىت تارىخى يازمىلار ، ئارخولوگىيىلىك مەنبەلەر تولۇق يورۇق يۈزى كۆرمىدى ، يورۇق يۈزى كۆرگەنلىرى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران قىلىندى ، يوشۇرۇپ قويۇلدى ياكى سىرلىرى تىخى يېشىلمىدى. بىز پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاشكارىلانغان ئاز بىر قىسىم ماتىرياللاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. ئىشىنىمەنكى تارىخىمىزنىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچنى ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى تارىخچىلىرىمىز، ئارخىلوگلىرىمىز، تىلشۇناسلىرىمىز، يېزىقشۇناسلىرىمىز، بىئولوگلىرىمىز، خېمىكلىرىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەر ساھە ئالىملىرىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىدا  قولغا كەلتۈرىمىز.  بىز ھازىرقى باسقۇچتا مۇشۇ ئىگە بولالىغان چەكلىك ماتىرىياللىرىمىزدىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنىڭ قىسمەن بىر تەرىپىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز.

تۆۋەندە ئۆمەرجان جامالنىڭ لىكسىيەسىنىڭ سىن ھۆججىتى ھۇزۇرىڭىزدا.

بۇ ماقالىدا خىتاي خانىدانلىقلىرىنىڭ ئەجداتلىرىمىز قۇرغان خانلىقلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ياكى خانلىقلىرىمىز زىمىنلىرىدىن كىسىپ ئۆتكەن سەيياھلاردىن ۋەكىل خارەكتىرلىك  بىرقانچىلىرىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تىلغا ئىلىش ئارقىلىق ، ئۇلار ئۆز خانلىقىغا قايتىپ بارغاندىن كىيىن،  ھۆكۈمدارلىرىغا  كۆرگەن بىلگەنلىرىگە ئاساسەن سۇنغان دوكلاتلېرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاي خانىدانلىقىنىڭ بۇ دوكلاتلاردىن قانداق پايدىلانغانلىقى  توغرىسىدا ئۆز پىكىر،  كۆز-  قارىشىمنى بايان قىلىمەن.

ھازىرچە مەلۇم بولغان خىتاي خانىدانلىقىنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ئەڭ دەسلەپكى ئەلچىسى جاڭ چىيەن [1]دۇر. خەن سۇلالىسى [2] جىيەن يۇەن سەلتەنىتىنىڭ ئۈچۈنچى يىلى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 138 – يىل )  پادىشاھ خەن ۋۇدى ھۇنلارغا قارشى ئىتىپاق قۇرۇش ئۈچۈن توخرى[3] دۆلىتىگە ئەلچى ئۆمىگى ئەۋەتىشنى قارار قىلىدۇ.    بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان خىتاي خانلىقلىرىنىڭ بىرىنچى قىتىم غەربى يۇرتقا ئەلچى ئەۋەتىشى بولۇپ  ھىسابلىنىدۇ.  خىتاينىڭ سۈي تارىخى، تاڭ تارىخى، سوڭ تارىخى قاتارلىق تارىخى مەنبەلەردە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قىسىملىرىدا بىردەك ، ئۇيغۇرلار ھۇنلارنىڭ ئەۋلادىدۇر دەپ يېزىلغان. شۇڭا بۇ ماقالىدا خىتاينىڭ ھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەجدادىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دەپ قارايمىز. بىزگە مەلۇمكى، خىتايلار چىن (秦朝) خانىدانلىغىدىن بىرى ئەجداتلىرىمىزدىن جىق زارار يەپ ئامالسىز سىپىل سوقۇپ دۆلىتىنى تام ئىچىگە ئىلىپ قوغدىنىشقا مەجبۇر بولغان .  بۇ قۇرۇلۇش خەن  ۋە مىڭ خانىدانلىقلىرى دەۋرىدىمۇ داۋام قىلغان . خەن خانىدانلىغىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ باڭ ھاكىمىيەتنى تىكلەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەسكەرلىرىنىڭ قىنىنىڭ قىزىق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىر يولدىلا ھۇنلارنىمۇ يوقىتىش قارارىغا كىلىدۇ . ھۇنلار خىتاينىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر[4]  دەۋرىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ بىشىنى ئاغرىتىپ كىلىۋاتقان يايلاق خەلقلىرىدىن بىرى بولۇپ، تۈمەن تەڭرىقۇت [5] يىتەكچىلىگىدىكى ھۇنلار باشقا يايلاق قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ،كۈچلۈك ئاتلىق قوشۇنلىرى بىلەن خىتايغا ئۆزلۈكسىز پاراكەندىچىلىك سىلىپ كىلىۋاتقان،  خىتاينىڭ پادىشاھ ۋە پۇقرالىرىنىڭ چۈشلىرىدە قارا باستۇرغان بىر قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى.  مىلادىدىن بۇرۇنقى 200 – يىلى قىشتا، ھۇن تەڭرىقۇتى تۈمەننىڭ ئوغلى(مودۇ) باتۇر[6]تەڭرىقۇتنىڭ ئاتلىق قوشۇنى جىن ياڭ (بۈگۈنكى تەي يۈەن شەھىرى)گە باستۇرۇپ كىلىدۇ.  خەن خانىدانلىغىنىڭ پادىشاھى لىيۇ باڭ [7]  320 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنغا ئۆزى باش بولۇپ ئۇرۇشقا چىقىدۇ. ئۇ ئەسلىدە بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ھۇنلارنى بىر يولىدىلا يوق قىلىشنى ئويلىغان ئىدى. نەتىجىدە ئەكسىنچە باتۇر تەڭرىقۇت  تەرىپىدىن زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ، بەي دېڭ ( بۈگۈنكى شەن شى ئۆلكىسى دا توڭ شەھىرىنىڭ شەرقى)دا قورشاۋغا چۈشۈپ قالىدۇ. يەتتە كۈن ئاش – سۇسىز قالغان لىيۇ باڭ، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ خانىشىغا مەخپى ئەلچى ئەۋەتىپ جىنىنى ساخلاپ قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ، نەتىجىدە خانىشنىڭ ياردىمىدە  ئاران قۇتۇلۇپ قالىدۇ. شۇ قىتىملىق زەربىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن خەن خانىدان پادىشاھى ھۇن تەڭرىقۇتىغا مەلىكىسىنى ياتلىق قىلىش ۈە زور مىقتاردا مال – مۇلۇك سېلىق تۆلەش ئارقىلىق ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىنى ۋاقىتلىق توختاتقان بولىدۇ. ھەمدە بۇ خىل قىز بېرىش، مال – مۇلۇك سېلىق تۆلەشنى بىرخىل دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ نىسبى تىنچلىققا ئېرىشىدۇ. ئەمما ھۇنلار بولسا خەن خانىدانلىقلىرىنىڭ چىگرا شەھەر بازارلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋېرىدۇ. خەن خانىدانلىقى بولسا ھۇنلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.   بۇ خىل ئەھۋال تاكى خەن ۋۇدى[8] زامانىغىچە داۋاملىشىدۇ.  خەن ۋۇدى زامانىدا خەن خانىدانلىقى گۈللىنىپ كۈچلەنگەن ئىدى ، پادىشاھ ھۇنلارغا داۋاملىق سېلىق تۆلەشتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزلەيدۇ . بۇ چاغدا توخرىلار بىلەن ھۇنلار ئارىسىدا ئاداۋەت بارلىغىنى يەنى ھۇنلارنىڭ توخرىلارنىڭ خانىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھايدىۋەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، توخرىلار بىلەن بىرلىشىپ ھۇنلارغا قارشى تۇرۇش قارارىغا كىلىدۇ ۋە جاڭ چىيەننى توخرىلارغا ئەلچىلىككە يولغا سالىدۇ.

«خەن تارىخى» جاڭ چىيەن تەزكىرىسى ۋە » تارىخى خاتىرىلەر» — دا يۇەن بىيوگرافى قاتارلىق مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە : مىلادىدىن بۇرۇنقى 138 – يىلى جاڭ چىيەن گەن فۇ ئىسىملىك بىر ھۇننى تەرجىمان قىلىپ يۈز نەچچە كىشىلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ تارىخى يىپەك يولىنى ئىچىشقا ئاساس سالغان بۇ سەپىرىنى باشلايدۇ .  لوڭ شىدىن يولغا چىققان بۇ ئۆمەك ھۇن تېرىتورىيەسىگە ئاياق بىسىشىغىلا ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئون يىلغا يىقېن ئەسىرلىكتە ھۇنلارنىڭ مېلىنى بېقىپ ھەتتا ئۆيلۈنۈپ ھايات كەچۈرىدۇ ۋە ئاخىرىدا پۇرسىتى كەلگەندە قىچىپ  ھازىرقى پەرغانە ۋادىسىدىكى دا يۈەن دۆلىتى، كاڭ جۈ دۆلەتلىرىدىنى ئايلىنىپ توخرىلار دۆلىتىگە كىلىدۇ. ئەمما توخرى دۆلىتى خەن خانىدانلىغى بىلەن بىرلىشىپ ھۇنلارغا قارشى تۇرۇشقا قوشۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قايتىشقا مەجبۇر بولغان جاڭ چىيەن ھۇن تېرىتورىيەسىگە كەلگەندە يەنە تۇتۇلۇپ قالىدۇ.  بۇ يەردە بىر يېلدىن ئوشۇق تۇرۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 126 – يىلى ھۇن تەڭرىقۇتى كۈنخان [9] ئۆلگەندە قەلەيمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ھۇن ئايالى ۋە تەرجىمانى گەن فۇ بىلەن بىللە خەن خانىدانلىغىغا قىچىپ كىلىۋالغان.  قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كۆرگەن بىلگەنلىرىگە ئاساسەن خانلىققا يازما دوكلات سۇنۇدۇ، پادىشاھ  ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى ئۈچۈن ئەمىلىنى ئۆستۇرۇپ گەن فۇ بىلەن بىللە مۇكاپاتلايدۇ.  بىر قانچە يىلدىن كىيىن، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 119 – يىلى جاڭ چىيەن 300 كىشىلىك ئەلچىلەر ئۆمىگىنى باشلاپ، نۇرغۇن سوۋغا – سالاملار بىلەن ھازىرقى ئىلى ۋادىسىدا ياشاۋاتقان ئۇيسۇنلارغا ئەلچىلىككە بارىدۇ.  ئۇيسۇنغا كەلگەندىن كىيىن، بىرىنچى قىتىملىق سەپىرىدە بارغان دۆلەتلەرگە مۇئاۋىن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى ئۇيسۇن ئەلچىسى بىلەن بىللە خەن خانىدانلىقىغا قايتىپ كىلىدۇ.  بۇ ئىككى قىتىملىق ئەلچىلىك سەپىرىدە جاڭ چىيەن غەربى يۇرتنىڭ ئات، بىدە، ئۈزۈم، ياڭاق، كۈنجۈت، ئانار، زىغىر قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا ئىلىپ كىلىپ تارقىتىدۇ. ھازىرقى خىتاي تىلىدا خۇ سۆزى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىزدىن قوبۇل قىلغان مەھسۇلاتلاردۇر. جاڭ چىيەن ئىككىنچى سەپىرىدىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مىلادىدىن بۇرۇنقى 114 – يىلى  ئۆلىدۇ.

بىز بۇ ماقالىدا جاڭ چىيەننىڭ بارغان تۇرغان يەرلىرى توغرىسىدا كۆپ توختالمايمىز، ئەمما ئۇنىڭ بېرىش مەقسىدى ۋە ئىلىپ قايتقان نەرسىلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز. ئىلىپ قايتقان نەرسىلىرى دىگىنىمدىمۇ بادام ، ياڭاق ، ئۈزۈملىرى ئەمەس، ئىلىپ قايتقان مەلۇمات ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا توختىلىمىز. بىزگە مەلۇملۇق بولغۇنىدەك تارىخى بايانلاردا جاڭ چىيەننىڭ توخرى سەپىرىنى ئىتىپاق تۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن نەتىجىسىز بىر سەپەر بولدى دەپ خاتېرىلىشىدۇ. بۇ نەتىجىسىز سەپەرمۇ؟ مەنچە ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە خىتايلار تاكى ھازىرغىچە مىۋىسىنى يەۋاتقان نەتىجىلىك سەپەر بولدى.   جاڭ چىيەننىڭ توخرىلار دۆلىتىگە سەپىرىنىڭ مەقسىدى، ھۇنلارغا قارشى ئىتىپاق قۇرۇش. ئەمما سەپەرنىڭ باشلىنىشىدىلا ھۇنلارغا ئەسىر چۈشۈپ قىلىپ ئون يىل ھۇن زىمىنىدا ياشايدۇ. بۇ يەردە شۇنى سوراشقا توغرا كىلىدۇ، ھۇنلار نىمە ئۈچۈن جاڭ چىيەننى ئۆلتۈرمەيدۇ؟ جاڭ چىيەن نىمە ئۈچۈن ھۇن دۆلىتىدە ئون يىل قالىدۇ؟ئون يىلچە ھۇن يايلىغىدا پادا بىقىپ يۈرگىنىدە باشقا قىچىش پۇرسىتى بولمىغانمۇ؟ تەرجىمان گەن فۇ بۇ ئىشلاردا قانداق رول ئوينىدى؟ ھۇنلار نىمە ئۈچۈن جاڭ چىيەننى ئۆيلەپ قويدى؟ قايتاشىدا نىمە ئۈچۈن يەنە ھۇن تېرىتورىيەسىدىن ئۆتىدۇ؟ بۇ سۇئاللارغا ئەلۋەتتە جاڭ چىيەننىڭ خانغا سۇنغان دوكلاتى ياكى سىماچىيەننىڭ تارىخنامىسىدىن جاۋاپ تاپقىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ جاۋابىنى پاكىتلىق يىڭى تارىخى مەنبەلەرنى تاپقىچە پەقەت پەرەزلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق جاۋاپ بېرىشكە توغرا كىلىدۇ.

خىتاينىڭ » ئۆزگىنى بىلگەن، ئۆزىنى بىلگەن، ھىچ ئۇرۇشتا يېڭىلمەس» (知彼知己,百战不殆 )  دىگەن   داڭلىق ماقال – تەمسىلى بار.  خەن خانىدانلىقىنىڭ ھۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش مەقسىدى باركەن، ئەلۋەتتە ھۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشى زۆرۈر. «مىڭ ئاڭلىغاندىن، بىر كۆرگەن ئەلا» دەپ، ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئىچىگە كىرىش كېرەك. مەنچە توخرىلار زىمىنىغا تىبەت ۋە ھىندىستان ئارقىلىق بارسا تېخىمۇ بىخەتەر بارغىلى بولىدىغان يولدىن ماڭماي، يۇقۇرىدىن (غەربى – شىمال يۆلۈنۈشتىن) ھۇن دۆلىتىگە كىرىپ مېڭىشى مەقسەتلىكتۇر. يەنى ئەسلى مەقسىدى توخرىلارغا بېرىشتىن بۇرۇن ھۇنلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئەھۋال ئىگەنلەش، ئۇلارنى چۈشىنىش، ئارتۇقچىلىق – ئاجىزلىقلىرىنى  ئۇقۇش، كىيىنكى ئۇرۇش ئۈچۈن ئاخبارات توپلاشتۇر. ھۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغىنىدا ، توخرىلار بىلەن ئىلىپ بارغان سۆھبەتتە ئۇلارنى خاتىرجەم قېلىشقىمۇ ئاساس سالغىلى بولاتتى.   شۇڭا مەيلى سىماچىيەننىڭ تارىخى خاتىرىلەرىدە بولسۇن ياكى بەن گۇنىڭ خەن تارىخىدا بولسۇن، ئۇلاردا يېزىلغاندەك : جاڭ چىيەننىڭ ھۇن تەڭرىقۇتى كۈنخاننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگىنىدە ئۆزىنىڭ توخرىلارغا ماڭغان خىتاي ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى ئانچە مۈمكىن بولمىغان ئىشتۇر.  شۇنچە مال – مۈلۈك بىلەن يولغا چىققان بىر ئۆمەكنى توغرا چۈشەندۈرۈشنىڭ يولى، ئۆزىنى سودا كارۋىنى كۆرسىتىشتۇر. مۇشۇنداق بولغاندا كىيىنكى يۈز بەرگەن ئىشلارنىمۇ مەنتىقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.  بىر ناتونۇش ماكانغا كىلىپ،ئۇلارنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئون يىل يىتەرلىكتۇر. ئون يىلدا جاڭ چىيەن ئەپكەلگەن مال مۈلۈكتىن ساتىدىغىنىنى سىتىپ، سوۋغات قىلىدىغىنىنى سوۋغات قىلىپ، ھەتتا بىللە ئىلىپ كەلگەن خىتاي ھەمراھلىرىنىمۇ ھۇنلارغا قۇل ئورنىدا ساتقان ۋە ھەدىيە قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا ھۇنلاردىن ئايرىلغاندا پەقەتلا گەن فۇ ئىككىسىلا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.  جاڭ چىيەن شۇ ۋاستىلار بىلەن ھۇنلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ھەتتا ھۇندىن خوتۇن ئالغان ۋە ھۇنلارغا ئوخشاش چارۋا – مال بېقىپ، نورمال ئائىلە تۇرمۇشىغا كىرىپ كەتكەن.  بۇ يەردە ھۇن تەرجىمان گەن فۇنىڭ تۆھپىسى ئەلۋەتتە ئىنتايىن زور بولىدۇ. ياتلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، شۇ ياتلاردىن بىرى ساڭا كىپىل بولسا، بۇ ئىشلار ئەلۋەتتە قولاي بولىدۇ.  گەن فۇ مانا شۇنداق جاڭ چىيەننىڭ ھۇن زىمىنىدا ساق – سالامەت ياشاپ، خاتىرجەم ئاخبارات توپلىشىغا ياردەملەشكەن، كېپىل بولغان ، مىللىتىگە ئاسىلىق قىلغان خائىندۇر.  بۇ ھەم تارىخىمىزدا نامى خاتىرلەنگەن تۇنجى خائىن بولۇشى مۇمكىن.

تىجارەتچى نامىدا كىرىپ، يەنە تىجارەت باھانىسىدا ئايرىلىشمۇ قولايلىقتۇر. جاڭ چىيەن ئون يىلدا يەتكۈدەك ئۇچۇرنى ئىگىلەپ، ئەسلى مەنزىل بولغان توخرىلارغا ئايالىنى ئۆيدە قويۇپ، ياردەمچىسى گەن فۇ بىلەن پەرغانە ۋادىسىغا كىلىدۇ،  دايۇەن، كاڭ جۈ، توخرىلاردا بىر يىلدىن ئوشۇق ئايلىنىپ، توخرىلار بىلەن ھەربى ئىتىپاق تۈزۈش مەسىدىگە يىتەلمىسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، ئۇچۇر توپلاپ قايتىدۇ. قايتاشىدا يەنە ھۇن زىمىنىغا كىرىپ ئائىلىسى بىلەن بىرگە بولۇشى بىزنىڭ يۇقارقى پەرىزىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى جاڭ چىيەن خىتاي مەنبەلىرىدە يېزىلغاندەك ھۇنلاردىن قىچىپ چىقىپ توخرىلارغا بارغان بولسا، قايتاشىدا ھەرگىز ھۇنلار زىمىنىغا يەنە كىرمىگەن بولاتتى، ۋە قايتا تۇتۇلۇپ قالغاندا تىرىك قالمايتتى. ئۇ تىجارەتنى باھانە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ئائىلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشەنچلىك ھالدا يەنە ھۇنلارنىڭ زىمىنىغا قايتىپ كەلگەن.  بۇقىتىم قايتىپ كىلىشىدىكى سەۋەپ بولسا ھۇن ئايالىنى ئىلىپ ۋەتىنىگە قايتىشتۇر. چۈنكى دۈشمەندىن ئىلىپ كەلگەن ئۇچۇرنى، دۈشمەندىن بولغان ئادەملەر تەستىقلىسا تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ.  شۇڭا بۇ قىتىمدا ئۇزاق قالماي، ھۇن دۆلىتىدە كۈنخان تەڭرىقۇتنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان قەلەيمىقانچىلىقنى ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 126 – يىلى چاڭ ئەنگە گەن فۇ ۋە ئايالى ئۈچى قايتىپ كىلىدۇ.  خىتاي مەنبەلىرىدە جاڭ چىيەننىڭ بۇ ھۇن ئايالدىن بىر پەرزەنتى بولغانلىقىنى ئامما ھۇنلاردىن قايتىشىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

جاڭ چىيەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن خانلىققا سۇنغان دوكلاتىدا بارغان تۇرغان يەرلىرىنىڭ ئورنى، يەر شەكلى، سۈيى- تېغې، مىللەت قۇرۇلمىسى، مەھسۇلاتى،بايلىقى، نوپۇسى، ئەسكەر سانى، ئەسكەر تۈرى قاتارلىق ھەممە تەرەپلەردىن تەپسىلى بايان قىلىدۇ.  بۇ ئۇچۇرلار بىلەن ھەمدە ھۇن تەڭرىقۇتى كۆكخاننىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئوغۇللىرى ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش ئىچكى  قەلەيمىقانچىلىغىدىن پايدىلانغان خەن خانىدانلىغى بۇۋىسى لىيۇ باڭ ھۇنلاردىن ئېغىر زەربە يەپ، شۇ قورققان پىتى يۈز يىلدىن كىيىن ئاندىن ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ ۋە بەزى ئۇتۇقلارنى قازىنىدۇ.   جاڭ چىيەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 123 – يىلى ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 121 – يىلىدىكى ھۇنلارغا قارشى ئىككى قىتىملىق ئۇرۇشتا مۇئاۋىن قۇماندان بولۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. بىرىنچىسىدە يېڭىپ، ئىككىنچىسىدە يېڭىلىپ قالىدۇ.  خەن خانىدانلىقى ھۇنلارنىڭ يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈكلۈگىنى ھىس قىلىپ، ئىتتىپاقداش تىپىپ بىرلىكتە ھوجۇم قىلىش ئۈچۈن نەزىرىنى ئۇيسۇنلارغا تىكىدۇ ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 119- يىلى جاڭ چىيەننى 300 كىشىلىك ئۆمەك بىلەن ئەلچى قىلىپ يولغا سالىدۇ. بۇ قىتىم جاڭ چىيەن ھۇنلار زىمىنىغا كىرمەستىن بىۋاستە ئۇيسۇنلارغا بارىدۇ.  دىمەك بۇ سەپەردە ھۇنلارنىڭ زىمىنىغا كىرمەسلىگى بىزنىڭ دەسلەپكى پەرەزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قىتىم دەلىللەيدۇ.  بۇ قىتىمقى ئەلچىلىكتىن قايتاشىدا ئۇيسۇن ئەلچىلىرىنى بىللە ئىلىپ قايتىدۇ. بۇ غەربى يۇرت دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنچى قىتىم خىتاي خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىشىدۇر. ئەلچى بارسا ئەلۋەتتە قۇرۇق قول بامايدۇ. بۇ ئەلچىلەر خىتايغا ئەڭ لازىملىق بولغان ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كىلىۋاتقان جەڭ ئاتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ. شۇ چاغدا پىيادە ئەسكەرلەرنى ئاساس قىلىدىغان خىتاي ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئات سەپلەپ بېرىش، خۇددى بۈگۈنكى پىيادە ئەسكەرلەرگە تانكا – بروۋىنىك سەپلەپ بەرگەندەك بىر ئىش. ئۇيسۇن خانى خەن خانىدانلىقىنىڭ مەلىكىسى بىلەن ئۆيلىنىدۇ، ئىلىنىڭ ئىسىل ئاتلىرىنى خىتايغا سېتىشقا باشلايدۇ.  بۇنىڭ نەتىجىسىدە ختاينىڭ ھەربى تەسىرى كىيىنكى چاغلاردا غەربى يۇرتلارغىچە يىتىپ بارىدۇ.

ئەمدى ۋاقىتنى كەينىگەرەك سۈرۈپ، خىتايلارنىڭ پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان خانىدانلىقى –  تاڭ سۇلالىسى[10] دەۋرىدىكى بىر سەيياھ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.  بۇ سەيياھ ئەينى ۋاقىتتا يەنە ئوقۇش ئارزۇسىدا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچىدۇر.  ئۇ توغرىسىدا ئىشلەنەگەن رىۋايەت شەكلىدىكى كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى سەۋەبىدىن خىتايدا ئۇنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇ بولسا «تاڭ راھىبى» نامىدا داڭلىق بولغان شۈەن زاڭ [11]راھىبتۇر.  8 يىشىدىن باشلاپ بۇددا دىنى نوملىرىنى ئۈگىنىشكە باشلاپ، 13 يىشىدا راھىپ بولغان بۇ شەخىس بۇددا دىنىنى شۇنداق قېتىرقىنىپ ئۈگىنىدۇكى شۇ ۋاقىتلاردا خىتايدا بار بولغان بۇددا دىنى كىتاپلىرى ۋە بۇددا ئۇستازلىرىنىڭ بىلىمى ئۇنى قاندۇرالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياشلىق مەزگىللىرىدە خىتايدا مەۋجۇت بۇددا دىنىنىڭ مەزھەپ پەرقلىرى، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدى زىددىيەتلەر، بۇددا نوملىرىدىكى تەرجىمە خاتالىقلىرى ئۇنىڭدا بۇددا دىنىنىڭ كىلىپ چىققان ئەسلى ماكان ، ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇددا دىنىنىڭ ئۇلۇغ زىمىنىغا بېرىپ بۇددا دىنىنى ھەقىقى ماھىيىتى بويىچە توغرا ئۈگىنىپ، خەلقىغە سائادەت كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى قوزغايدۇ.  تاڭ سۇلالىسى جېن گۇەن سەلتەنەتنىڭ 1 – يىلى ، (مىلادى 627 – يىلى ) 26 ياشتىكى شۈەن زاڭ  تاڭ خانىدانلىغى پايتەختى چاڭ ئەندىن يوشۇرۇنچە ئايرىلىپ، ھىندىستانغا بېرىپ بۇددا دىنى ئۈگىنىش ۋە نوم ئەكىلىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.  بۇ يەردە يوشۇرۇن يولغا چىقىشىدىكى سەۋەپ ، بۇ ۋاقىتلاردا تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دۆلەت قۇرغىلى ئۇزاق بولمىغان مەزگىل بولۇپ، كۆك تۈرك خاقانلىغىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۆزلۈكسىز ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن ، بىخەتەرلىك ئۈچۈن چىگرانى تاقاپ، ھىچكىمنىڭ چىگرىدىن  كىرىپ – چىقىشىغا روخسەت قىلمىغان بىر ئالاھىدە دەۋىردە ئىدى.  ئەسلىدە شۈەن زاڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن خانلىقتىن  ئىككى قىتىم روخسەت يول خىتى سورايدۇ، ئەمما روخسەت ئالالمايدۇ. شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە، چىگرىدىن قانۇنسىز كىرىپ – چىققانلار بايقالسىلا ئۆلۈم جازاسى بېرىلەتتى.  شۇنداق بىر شارائىتقا قارىماي شۈەن زاڭنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن چىگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاتلاپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىگىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.  شۈەن زاڭ پايتەخت چاڭ ئەندىن يولغا چىقىپ، بىر يىلدا يەنى جېڭ گۇەن سەلتەنەتىنىڭ 2 – يىلى ( 628 – يىلى ) قۇمۇلغا يىتىپ كىلىدۇ. بۇ يەردە بىر قانچە ۋەقەلىكنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈر دەپ قارايمەن. يەنى شۈەن زاڭ گەنسۇغا كەلگەندە شې پەن تو ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر (ئەسلى مەنبەدە خۇ دىيىلگەن) بىلەن تونۇشقان، بۇ ئادەم شۈەن زاڭنى چىگرىدىن مەخپى ئوتكۈزۈپ يول باشلىغۇچى بولۇشقا رازى بولغان . ئەمما چىگرىدىن قاچىدىغان كۈنى ئاخشىمى شې پەن تو بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ، شۈەن زاڭنى ئۆلتۈرۈپ قاچقىلى تاس قالىدۇ، شۈەن زاڭ ۋاقتىدا ئويغۇنۇپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن شۈەن زاڭنى ئۆلتۈرمەيدۇ ۋە ئەگەر شۈەن زاڭ تۇتۇلۇپ قالسا ئۆزىنى ئاشكارلىماسلىق توغرىسىدا ۋەدە ئىلىپ كىتىپ قالىدۇ. چىگرىدىن چىقىدىغان چاغدا قاراۋۇل سېزىپ قىلىپ، شۈەن زاڭغا ئوقيا ئىتىپ پۇتىدىن يارىدار قىلىپ تۇتىۋالىدۇ، تەلىيىگە قاراۋۇلخانە باشلىغى ئىخلاسمەن بۇددىست بولغاچقا ھەمدە شۈەن زاڭنىڭ نامىنى بۇرۇندىن ئاڭلىغان  بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇددا دىنى ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ سەپەرگە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئاتلانغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى چىگرىدىن چىقىشقا روخسەت قىلىدۇ.  شۈەن زاڭ چىگرىدىن مىڭ مۇشەققەتتە چىقىپ، قۇمۇلدىن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىققاندا قۇملۇقتا يولدىن ئادىشىپ قىلىپ، بىرقانچە كۈنلۈك ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا قۇملۇقتا ئۆلگىلى تاس قالىدۇ، تەلىيىگە مىنگەن چىلان تورۇق ئېتى ئۇنى جىنى ئاز قالغاندا تۇرپاننىڭ ئىنسان ياشايدىغان يېرىگە يېتىشتۇرۇپ ھايات قالىدۇ.  شۈەن زاڭ شۈ ماڭغىنىچە تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچا، قەشقەر، تاشكەنت، سەمەرقەنت ئايلىنىپ ئافغانىستان ، پاكىستان، كەشمىر ئارقىلىق ئاخىرى ھىندىستانغا يىتىپ كىلىدۇ. ھىندىستاندا داڭلىق ئىبادەتخانىلاردا داڭلىق بۇددا ئالىملىرىدىن بىلىم ئالىدۇ.  تاڭ سۇلالىسى جېڭ گۇەن سەلتەنەتىنىڭ 18 – يىلى (مىلادى 644 – يىلى) شۈەن زاڭ چەتئەلدە ئوننەچچە يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ 43 يىشىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىدۇ.

شۈەن زاڭ  قايتىپ كەلگەندە  657 پارچە بۇددا نوم كىتابى ۋە باشقا بۇددا دىنى ئەشيالىرىنى بىللە ئىلىپ كەلگەن.  تاڭ پادىشاھى لى شې مىن ئۇنى داغدۇغىلىق كۈتىۋالغان ۋە دەرھال بارغان – تۇرغان يەرلىرى توغرىسىدا دوكلات يېزىشقا بۇيرۇيدۇ.  شۈەن زاڭ بىر راھىپ، دىن ئادىمى، چەتئەلگە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىپ، ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق پۈتۈرۈپ نۇرغۇن دىنىي ئەسەرلەرنى ئىلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئەسلى سىياسەت بىلەن ئىشى بولماسلىقى كېرەك ئىدى. لىكىن ئۇنىڭ خانلىقنىڭ ئالدىدا تىل تۇتۇغى بار، يەنى ئەينى ۋاقىتتا چىگرىدىن قانۇنسىز چىققان، بۇ ئۆلۈمگە لايىق جىنايەت . ئەمما پادىشاھقا ئۇنىڭ ئاخباراتى كېرەك ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ دىنىي نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ، خەلقنىڭ كۆڭلىنى قازىنىشتا پايدىلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن خانلىقنىڭ شۈەن زاڭ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا قىلدۇرغان بىرىنچى ئىشى بارغان – تۇرغان 128 شەھەر ۋە رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، مۇھىتى ، ئۆرۈپ – ئادىتى ، نوپۇسى سانى ، مىللەت تەركىبى ،دىنى ئېتىقادى، مەھسۇلاتى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەپسىلى مەلۇمات بېرىدىغان » غەرپكە ساياھەت» ناملىق دوكلادىنى يېزىپ ، خانلىققا سۇنۇش بولدى. بۇ دوكلات تاڭ خانىدانلىغىنىڭ تۈرك ۋە باشقا قەۋملەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشتە بىلىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە كىيىنكى ئەسكىرى تەسىرىنىڭ غەربى رايونلارغا سوزۇلۇپ بېرىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

خۇلاسە

كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى تارىختىن بۇيان خىتاي خانىدانلىقلىرى ئاخبارات توپلاش ، جاسۇس ئەۋەتىش ئىشلىرىنى قىلچىلىك بوشاشتۇرۇپ باقمىغان. خىتاينىڭ سوڭ خانىدانلىغى [12] دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ۋاڭ يەندې [13]  تېخىمۇ ئاشكارە جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئىلىپ بارىدۇ، «سوڭ تارىخى «–  ئىدىقۇت بىيوگرافىسىدە ئوچۇق ھالدا ۋاڭ يەندېنىڭ ئۇيغۇر خاقانى يىنىغا قويغان كۆز – قۇلىغى ئارقىلىق خاقاننىڭ جورجانلارنىڭ لىياۋ خانلىقىدىن كەلگەن ئەلچى بىلەن قىلىشقان گەپ – سۆزلەردىن خەۋەردار بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ قايتىپ بارغاندىن كىيىن خانلىققا سۇنغان «غەربى دىيار خاتىرىلىرى » دىگەن دوكلاتىدىمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تاغ – دەريا، شەھەر – يېزىلىرى، خەلقلىرى، نوپۇسى، تەبىئى بايلىقى، دىنىي ئىتىقادى، ئەسكىرى قۇۋۋىتى ، تېرىتورىيەسى، خاقان ئوردىسىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەپسىلى بايان قىلغان.   مىڭ سۇلالىسى [14]  دەۋرىدە تېمۇرىيلەر ئىمپراتورلۇغىغا بەش قىتىم ئەلچىلىككە بارغان چېن چېڭ [15] خانلىققا سۇنغان » غەربى يۇرت سەپەر خاتىرىلىرى»(西域行程记 ) ۋە » غەربى يۇرت دەۋلەتلىرى بىيوگرافى»(西域番国志) ناملىق دوكلاتلىرىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ دەۋرلەردە ياشىغان يەرلىرىنىڭ سىياسى  جۇغراپىۋى ئەھۋالى ۋە خەلقلەر توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرگەن.  دەۋلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ۋە ئۆز تېرىتورىيەسىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش، ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن شۇنداقلا ھەربى ئىختىياجىنى قامداش ئۈچۈن خىتاي خانلىقلىرى ئاخبارات تولاش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ، پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىكى مەنبەلەردىن پايدىلانغان، كەسپىي دىپلوماتلار ئارقىلىقمۇ توپلىغان ، ئاۋام پۇقرا ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ توپلىغان.  دۈشمەن خەلق ئىچىدىنمۇ جاسۇس يېتىشتۈرگەن. دىمەككى ئاخبارات ئىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە دۈشمەن بىلەن قىلغان ئۇرۇشلاردا نەقەدەر مۇھىملىغىنى ئىزچىل تونۇپ كەلگەن  ۋە تا بۇگۈنگە قەدەر ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.  ئاقىۋەتتە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان بىزگە ئوخشاش مىللەتلەر بۇنىڭ تەسىرىنى ھەر ۋاقىت ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمىز.  دەۋلەتنىڭ ئاخبارات توپلىشى ئۆز ئىھتىياجىدىندۇر، ئەمما قۇل خەلقنىڭ ئۇنىڭغا يان تاياق بولۇشى نومۇسسىزلىقتۇر، پەسلىكتۇر.

* ئۆمەرجان جامال – تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى دوكتور ئوقۇغۇچىسى

مەنبەلەر:

بەن گۇ، خەننامە汉书 ، خىتاي تىلى چوڭ لوغەت نەشىرياتى، شاڭ خەي 2004 .

سى ما چىيەن، تارىخى خاتىرىلەر  史记، خىتاي تىلى چوڭ لوغەت نەشىرياتى، شاڭ خەي 2004 .

گۈرخان كېرىلەن،  بۇددىزىم ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا : شۈەن زاڭ ساياھەتنامىسى ،كىچە كىتاپچىلىغى،  2015 (تۈركچە)

سوڭ تارىخى 宋史 ، خىتاي تىلى چوڭ لوغەت نەشىرياتى، شاڭ خەي 2004 .

مىڭ تارىخى 明史  ، خىتاي تىلى چوڭ لوغەت نەشىرياتى، شاڭ خەي 2004 .

ۋاڭ مىڭ چىڭ، خۇي جۇ لۇ  挥麈录 ، جۇڭ خۇا  كىتاپ ئىدارىسى نەشىرياتى ، شاڭ خەي  1961.

ما رۇي لىن ، ۋېن شەن توڭ كاۋ 文献通考 ، جۇڭ خۇا كىتاپ ئىدارىسى نەشىرياتى، بېي جىن 1986.

چېن چېڭ ، غەربى يۇرت سەپەر خاتىرىلىرى西域行程记 ، https://www.guoxuedashi.com/a/7036t/84130x.html

ئۆزكان ئىزگى، چىن ئەلچىسى ۋاڭ يەن دېنىڭ ئۇيغۇر ساياھەتنەمىسى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشىرياتى، ئەنقەرە 1989 .

[1]  جاڭ چىيەن张骞 مىلادىدىن بۇرۇنقى 164 – يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 114 – يىلغىچە ياشىغان ، خىتاينىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان سىياسىيون، ھازىرقى خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى چىڭ گۇ ناھىيەسىدىن (今陕西省城固县). مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى : جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا تۇنجى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.119-يىلى ئككىنجى قېتىم غەربىي يۇتقائەلچىلىككە كەلگەن. يىپەك يۇلىنىڭ ئېچىلىشىدا تۆھپە قوشقان مۇھىم شەخىس.

[2] خەن سۇلالىسى 汉朝، مىلادىدىن بۇرۇنقى 202 – يىلىدىن ، مىلادىدىن كىيىنكى 220 – يىلىغىچە مەۋجۇت بولغان، خىتاينىڭ چىن سۇلالىسى 秦朝 دىن كىيىن قۇرۇلغان بىر ھاكىمىيىتى.

[3]  توخرىلار يەنە ياۋچىلار (月氏) ياكى توخارلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىماچيەننىڭ «تارىخى خاتىرلەر»دە: «روڭ ۋە دى قەبىلىلىرى  مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6—7-ئەسىرلەردىكى مەركىزى ئاسىيادىكى كۆچمەن قەبىلىلەر» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. دەل مۇشۇ دەۋرلەردە ئىچكى موڭغۇل ئەتىراپىدا، چوڭ ھىنگان تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدە شەنروڭ (山戎) ۋە دوڭخۇ (东胡) نامىدىكى قەبىلىلەر ياشىغان. ئارىدىن ئۈچ ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەردە)، رۇڭلارنىڭ ئورنىنى جوڭگۇنىڭ شىمالىي ۋە غەربىدە ياشايدىغان ھۇن ۋە ياۋچى نامىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەر ئىتىپاقى ئىگەللىدى. ھۇنلار بىلەن ياۋچىلار ئۆزئارا سوقۇشتى، دەسلەپتە ياۋچىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى،كېيىن ھۇنلار باتۇر تەڭرىقۇت (冒顿单于- مودۇ تەڭرىقۇت ياكى مەتە تەڭرىقۇت دەپمۇ ئېلىنىدۇ) نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، ياۋچىلارنى موڭغۇل دالاسىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى يۇرتقا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى(غەربكە كۆچمەي قالغان ئاز بىر قىسىم ياۋچىلار «كىچىك ياۋچىلار» دەپ ئاتالدى). ياۋچىلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى يۇرتقا سىلجىپ كېلىپ، ئۇيسۇنلارنى ۋە  ساك قەبىلىلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ھۇنلارنىڭ داۋاملىق قىستاپ كېلىشى بىلەن ياۋچىلار داۋاملىق سۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۆتۈپ،گرېك-باكتېرىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئورنىغا ئۇلۇغ كوشان پادىشاھلىقىنى قۇردى.

[4] ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى- 战国时期 خىتاي تارىخىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 – ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221 – يىلى چىن خانىدانلىقى خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرگىچە بولغان ئارىلىققا بېرىلگەن نامدۇر . بۇ دەۋېردە خىتايدا چىن秦، چۇ楚، خەن韩، جاۋ赵، ۋېي魏، چى齐، ياندىن燕 ئىبارەت يەتتە بەگلىك تىركىشىش ۋەزىيىتىدە ئىدى.

[5] تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ تۇغۇلغان يىلى ئىنىق ئەمەس، مىلادىدىن بۇرۇنقى 209 – يىلى ئوغلى مەتە (مودۇ) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، تارىختا ھازىرچە مەلۇم بولغان ئەڭ دەسلەپكى ھۇن تەڭرىقۇتى.

[6]  باتۇر تەڭرىقۇت، خىتاي مەنبەلىرىدە 冒顿单于 مودۇ دەپ ئاتايدۇ، تۈركچە مەتە دەپ قوبۇل قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىلىرى باتۇر تەڭرىقۇت دەپ قوبۇل قىلغان. تۇغۇلغان يىلى ئىنىق ئەمەس، مىلادىدىن بۇرۇنقى 209 – يىلى دادىسى تۈمەن تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرۈپ ھۇن تەڭرىقۇتى بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 174 – يىلى ئۆلگەن.  ھۇن ئىمپىراتورىسىنىڭ كۈچلىنىشىدە ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان شەخس.

[7]  لىيۇ باڭ، خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ، خىتاي تارىخىدىكى تۇنجى دىھقاندىن كىلىپ چىققان پادىشاھ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 247 – يىلى تۇغۇلغان، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چىن خانىدانلىقىنى يوقۇتۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 202 – يىلى خەن خانىدانلىقىنى قۇرغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 195 – يىلى 6- ئاينىڭ 1 – كۈنى ئۆلگەن .

[8] خەن ۋۇدى، خەن خانىدانلىغىنىڭ يەتتىنچى پادىشاھى، ئىسمى ليۇ چې ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 157 – يىلى تۇغۇلۇپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 87 – يىلى ئۆلگەن. 16 يىشىدا تەختكە چىققان.

[9]  كۈنخان، خىتايچە مەنبەلەردە جۈن چېڭ چەن يۈ 军臣单于 دەپ ئىلىنغان. تۇغۇلغان يىلى نامەلۇم، مىلادىدىن بۇرۇنقى 161 – يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 126 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى، كۆكخان تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى.

[10]  تاڭ سۇلالەسى، مىلادى 609 – يىلدىن 907 – يىلغىچە مەۋجۇت بولغان خانىدانلىق. 289 يىللىق سەلتەنىتىدە 21 نەپەر پادىشاھ ئۆتكەن.

[11]  شۈەن زاڭ، ئەسلى ئىسمى چېن يى 陈袆 ، خې نەن ئۆلكىسى لو ياڭ شەھىرى ياڭ شى ناھىيەسىدىن. 602 – يىلى تۇغۇلۇپ 664 – يىلى ئۆلگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھىندىستانغا بېرىپ بۇددا نومى ئىلىپ قايتقان داڭلىق راھىپ. شۈەن زاڭ ئۇنىڭ دىنى ئۈنۋانى.

[12]  سوڭ خانىدانلىغى 宋朝 مىلادى 960 – يىلدىن ، مىلادى 1279 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن كىيىنكى خانىدانلىغى.

[13]  ۋاڭ يەندې،王延德 ( 936 – 1006) سوڭ خانىدانلىقى 981 – يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن، 985 – يىلى دۆلىتىگە قايتقان.

[14]  مىڭ خانىدانلىغى 明朝 ، مىلادى 1368 – يىلدىن 1644 – يىلغىچە ھۆكۈم سۈگەن خىتايلارنىڭ قۇرغان ئاخىرقى خانىدانلىقى.

[15]  چېن چېڭ陈诚 ، (1365 – 1457 ) ، جىياڭ شى ئۆلكىسى فۇ جوۋ شەھىرىدىن ، مىڭ سۇلالىسى دەۋلەت ئەربابى. 1396 – يىلى سېرىق ئۇيغۇرلارغا، 1413 – يىلى تېمۇرىيلار ئىمپىرىيەسىگە ئەلچىلىككە  بارغان.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top