You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 7 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ۋە ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

7 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ۋە ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

تىل – بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىلدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ، تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ قېنىمىزغا، ئەللەي ناخشىسى بىلەن ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.

بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ تارىخى ۋەزىيەتتە، ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئىلىمگە تەشنا ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىز ۋە ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2010-يىلىدىن بۇيان خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەش نامىدا، 6 قېتىم ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەۋپ ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 2010 – يىلى 21 – فېۋرال تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ھەر يىلى 21 – فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۆزلۈكسىز ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ كەلمەكتە.

مەرھۇم ۋەپەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «توختىماس كارۋان، گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق.» سۆزىگە بىنائەن، 7 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى 2017 – يىلى 2 – ئاينىڭ 19 – كۈنى يەكشەنبە سائەت 10:00 – 17:00 ئارىلىقىدا ئىستانبۇلدا فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسى (ئورنى: توپكاپى پاناروما 1453 ئارقىسىدا) يىغىن زالىدا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يىللاردىن بېرى، ئۆز ئىمكانلىرىنىڭ يار بېرىشىچە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەرخىل ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىش، دوكتور ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، شۇنداقلا، كېيىنكى ياش ئەۋلاتلارنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ ئەنئەنىگە ئايلانغان «ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ 7-قېتىملىقىمۇ بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدىكى يەنە بىر  مۇھىم پائالىيەتتۇر.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر ماگېستىر -دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەر ئۇچرىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغداش جەھەتتە ئوينىغان ئاساسلىق رولى تۆۋەنىكىدەكتۇر:

1) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمال دائىرىسى كۈندىن كۈنگە تارىيۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ھازىر ئىنتايىن خەۋپ ئاستىدا قالماقتا. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى بۇ تىل يولىدا جان بېرىپ قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئاجىز بىر ئېغىز تىلى ئىكەنلىكى ۋە ئەدەبىي يېزىق تىلى بولالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ كېرەكسىز بىر تىل سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، تونۇلغان تۈركولوگلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدىمدىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىك ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

3) ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە ئىلىم – پەندە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى، سۆزدە ۋە ئىپادىلەشتە كەمبەغەل بىر تىل دەپ قارىلىپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى مەڭگۈلۈك يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ سەككىز يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىلىرىدا، ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەىسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت ھەرخىل تېمىلاردا بەرگەن ئىلمىي دوكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاكادېمىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇلى بىلەن تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

1) ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار چۇقۇم ھەر كۈنى ئۇيغۇرچە خەۋەر، ماقالە ۋە ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇشقا ئاز بولسىمۇ ۋاقتىنى ئالاھىدە سەرپ قىلىشى كىرەك. شۇندىلا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز تىلىنىڭ راۋان ۋە جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

2) ئائىلىدە ئۆز ئارا چوقۇم ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بالىلار چۈشىنەلمەي قالارمىكى دەپ يات تىلنى ھەرگىزمۇ ئارىلاشتۇرماسلىق. ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ساۋادىنىڭ چىقىشىنى ئاتا – ئانا ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا بىلىپ ياردەم قىلىش كېرەك. شۇندىلا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇپ – يازالىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

3) ھەر كەسىپتىكى ماگېستىر ۋە دوكتورلارنىڭ ئۆز كەسپىگە ئائىت بۇرۇن نەشىر قىلىنغان كەسپىي ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇشى كېرەك. ھەركىم ئۆز ساھەسىدە كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ، قىسقا كەسپىي ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۇيغۇرچىدا بولمىغان يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئىجات قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ياسالغان سۆز ئۇيغۇرچىنىڭ تىل قائىدىسىگە ۋە كەسپىي مەناغا چۈشۈپلا قالسا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تېزلا ئۆزلىشىدۇ- دە، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە قوشۇلىشى مۇمكىن. شۇندىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە پەن – تېخنىكىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ياتلارغا ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەكرار ئۇيغۇر مائارىپىدا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ كەسپىي كىتابلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى قايتا كۆرگىلى بولىدۇ.

گەرچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ناھايىىتى ئاددىي ۋە كىچىك ھەرىكەتلەردەك تۇيۇلغان بىلەن، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىر ئىلمىي خىزمىتى ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس رۇھىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىلارغا بېرىپ كەلگەن رۇھى ئۇزۇقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈمىدىدۇر.

مانا شۇنداق بىركۈندە، مىللى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا، ئۆز ئانا تىلىغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ھىسياتىغا ئىگە ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى چىن يۈرەكتىن  ئۈمىت قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئەسكەرتىش: بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن، تەدبىر نەشرىياتى نەشىر قىلغان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ 7-كىتابى بولغان «تۇرمۇشنىڭ مۇھىم ساۋاتلىرى ۋە ساۋاقلىرى» كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ ۋە بۇرۇنقى بىر يۈرۈش كىتابلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىتىبار باھادا سېتىلىدۇ. شۇنداقلا، ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ «ئانا تىل دەرسلىكى 2-قىسىم» كىتابى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئىتىبار باھادا سېتىلىدۇ، ھەمدە ئانا تىل ئائىلە مائارىپى ھەققىدە خالىسانە مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 7 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ماگېستىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى

1- بۆلۈم: ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمەلىرى

10:50 – 10:20: ئېچىلىش نوتىقى ۋە تەبرىك سۆزلىرى

11:20 – 10:50: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ رولى (ياردەمچى دوتسىنېت دوكتور راھىلە قەشقىرى)

12:00 – 11:30: ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپىدا ئانا تىلنىڭ رولى (تىلشۇناس ئابدۇۋېلى ئايۇپ)

12:40 – 12:10: ئۇيغۇرلار ۋە ئانا تىل ھەققىدە مۇكاپاتلىق سۇئال-جاۋابلار

13:20 – 12:40: ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرى

13:30 – 13:20: يېپىلىش نوتىقى

14:30 – 13:30: چۈشلۈك تاماق زىياپىتى

2- بۆلۈم: ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمەلىرى

14:40 – 14:30: ئېچىلىش نوتۇقلىرى

15:00 – 14:40: ئاكادېمىيە يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى

15:30 – 15:00: تۈركىيە ۋە چىننىڭ ئىقتىسادى رىقابەت كۈچى

16:10 – 15:40: چىن – ئىسرائىل مۇناسىۋىتى

16:50 – 16:20: تارىختا چىن خانىدانلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى نىمىلەرنى ئېلىپ قايىتتى؟

17:10 – 17:00: يېپىلىش نوتىقى

ئالاقە تېلفۇنى: 05312763291  ,05306677851

ئورنى: فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپە ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسى يىغىن زالى (جەۋىزلىباغ مەۋلەۋىخانا كوچىسى. جەۋىزلى باغ ترامۋاي بىكىتىدىن بارسىڭىز ئاسان تاپالايسىز.)

توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top