You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » بىر مۆجىزىدۇر ياشىماق

بىر مۆجىزىدۇر ياشىماق

مائۇپاسسانت

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئاخشام چاي ۋاقتى ئىدى. چىراغلار تېخى يانمىغاندى. باغچىدىكى ئۆي دېڭىزغا قاراپ تۇراتتى. قۇياش قىزىرىپ ئولتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ چاغدا كۆزگە چېلىققان ھەر نەرسە، خۇددى ئالتۇن ئۇۋاقلىرى  مۇلۇنۇپ كەتكەندەك تۇراتتى.

ئۇدۇلىمىزدىكى ئاق دېڭىز، پېتىۋاتقان كۈننىڭ ئاستىدا سۇپسۇزۇك، مىدىرلىماي، جىم-جىت ، تۇپ-تۇز تۇرغان مېتال تاختىسىدەك چەكسىز توغرىسىغا ئۇزارغان ئىدى. ئۇزاقلارىكى  كۈلرەڭ چوقچىيىپ تۇرغان تاغلار، پېتىۋاتقان كۈننىڭ سولغۇن قارامتۇل قىزىللىقلىرى ئىچىدە قارا-قارا  پارچىلارنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

مۇھەببەتتىن سۆز ئېچىلغان ئىدى. يەنى بۇ ئىنسانىيەت  تارىخىغا ئوخشاش كونا ماۋزۇ ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتاتتى. بۇرۇن كۈرمىڭ قېتىم سۆزلەن گەن سۆزلەر تەكرارلىنىۋاتاتتى. ئۈستىمىزنى  گۇگۇم  قاراڭغۇلۇقنىڭ شېرىن ھەسرەتلىرى قاپلىغان ئىدى. ھاياجانلانغان ئىدۇق. گاھ ئېنىق بىر ئەرنىڭ ئاۋازىدىن ، گاھ بىر ئايالنىڭ ئاۋازىدىن ئاڭلىنىۋاتقان  بۇ مۇھەببەت سۆزلىرى كىچىك مېھمانخانىنىڭ ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى. بۇ ئاۋازلار بىر يەڭگىل قۇشتەك ھاۋادا ئۇچۇپ، قاناتلىرىنى كېرىپ، بىر روھتەك بوشلۇقتا لەيلەۋاتاتتى.

ئادەم، ئۇزۇن بىر ۋاقىت يالغۇز بىر ئايالنى ۋە ياكى يالغۇز بىر ئەرنىلا ياخشى كۆرۈپ ئۆتەلەمدۇ؟ دېگەن ماۋزۇ ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتاتتى. بۇ سوئالغا بەزىلەر «ئەلۋەتتە بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىدۇ»  دېسە، بەزىلەر،»بۇ مۇمكىن ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرەتتى.

ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، پاكىتلارنى كۆرسىتەتتى، مىساللارنى ئالاتتى. تىللىرىنىڭ ئۇچىغا كەلگەن، ئەمما، ئېغىزلىرىدىن چىقىرىلىۋاتقان  ئەسلىمىلىرىنىڭ ھاياجانلىرى ئىچىدە ئۆزلىرىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك قىلىشاتتى. ئىككى ئايرىم جىنسىنى بىر-بىرىگە باغلىغان بۇ سىرلادىن ۋە كۈچلۈك باغلىنىشتىن، چوڭقۇر بىر سەمىمىيەتلىك توغرىسىدا سۆزلىنىۋاتاتتى.

بۇ چاغدا، ئىچىدىكىلەردىن ئۇزاقلارغا نەزەر سالغان بىرسى: «قاراڭلار، ئاۋۇ يەرگە قاراڭلار! بۇ نېمە؟ » دەپ ۋاقىردى.

دېڭىزدا، ئۇپۇق تۆۋەندىن بىلىنەر بىلىنمەس كۈلرەڭ، ئاجايىپ بىر چوڭلۇقتا كۆتۇرلىۋاتاتتى.

ئاياللار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. بىرىنچى قېتىم كۆرگەن بۇ غەيرى چوڭ نەرسىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىشىۋاتاتتى. ئارىدىن بىرسى:

«كورسىكا ئارىلى بۇ. ئۇزاق ئارىلىقلارنى قاپلىغان تۇمانلىق بۇلۇتلار تارقىلىپ،  ھاۋا تامامەن سۇپسۇزۇك ھالغا كەلسە، كوسىكا يىلدا ئۈچ تۆت قېتىم بۇ يەردىن كۆرۈنىدۇ » دېدى.

ئارالدىكى تاغلارنىڭ چوققىلىرىنى، ھەتتا ئۇ يەردىكى قارلارمۇ ناھايىتى ئېنىق كۆرۇنۇپ تۇراتتى. دېڭىزدىن تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن بۇ تەبىئەتنىڭ مۆجىزىسى ئالدىدا ، ھەركىم ھەيرانلىق ۋە ھاياجانغا چۆمۈلگەن ئىدى.

كولومبودەك مەجھۇل دېڭىزلارنى ئايلانغانلار، بەلكى بۇنىڭغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى كۆرگەندۇ…

ھازىرغىچە ناھايىتى ئاز سۆزلىگەن ياشانغان بىر كىشى:

«قاراڭ، خۇددى تالاش-تارتىشقان سوئاللىرىڭلارغا جاۋاب بەرمەكچى بولغاندەك ھەمدە ماڭا ھەيران قالارلىق بىر ئەسلىمىنى ئېسىمگە سالماقچى بولغاندەك كۆز ئالدىمىزدا  پەيدا بولغان بۇ ئارالدا مەن، بىر ۋاقىتلار ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك بەختلىك، قايناق ھېسسىياتقا تولغان، ئاجايىپ بىر مۇھەببەت ھېكايىسىغا شاھىت بولدۇم.» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ ياشانغان كىشى:

» بۇندىن بەش يىل بۇرۇن بۇ كورسىكا ئارىلىغا بارغان ئىدىم. بۇ ۋەھشىي ئارال، فىرانسىيە قىرغاقلىرىدىن ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆرۈنىدىغانلىقىغا قارىماي بىزلەر ئۈچۈن خۇددى ئامېرىكاچىلىك ئۇزاق ۋە بىلمەيدىغان بىر يەر ئىدى. تا ھازىرغىچە، خۇددى  دۇنيانىڭ بىرىنچى قېتىم يارىتىلغان كۈنلىرىدەك قاغىلار تىرمىلاپ يۇرۇيدىغان بىر تۇپراق پارچىدەكتى. بىر-بىرىدىن چوڭقۇر ۋە تار جىلغىلارغا بۇلۇنگەن ئىدى. تاغدىن شاقىراپ ئاققان دەھشەتلىك شاقىراتمىلارنىڭ تۇمانلىرى ئۇستىنى قاپلاپ تۇراتتى. تۈزلەڭلىك يوق. ئەمما، پۈتمەس-تۇگۇمەس گىرانىت تاغلار بار ئىدى.  كورسىكا ھەيرانلىقىغا باش-پانا بولىدىغان قويۇق چاتقاللىقلار، قارىغاي ۋە كاشتانە دەرەخلىرىدىن ھاسىل بولغان قويۇق ئورمانلىقلار ھەيۋەتلىك دولقۇنسىمان بىر ماكاندىن بەرپا قىلغان ئىدى.

تاغ ئېتىكىدە، بەزىدە بىر دۆۋە شېغىل تاشقا ئوخشايدىغان، كىچىك مەھەلىدەك يەرلەر  كۆزىڭىزگە چىلىقىدۇ. ئەمما، بۇ يەرلەرگە ھېچ ئادەم ئىز باسمىغان بولۇپ، قۇپ-قۇرۇق، ئادەمزات ياشىمىغان جايلار. بۇ يەردە يا دېھقانچىلىق، يا سانائەت، ياكى سەنئەت بار دەيسىز.

كېسىلگەن بىر دەرەخنى، نەقىشلىگەن بىر تاشنى، نەپىس ئەسەرلەردىكى ياكى بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئاشىق-مەشۇق ھېكايىلەردىكى  سۆزلىگەن ھېچبىر نەرسىنى بۇ يەردە ئۇچراتمايسىز. بۇ مەغرۇر، قوپال ئىقلىمدا ئۆزىڭىزدە تەسىر قوزغىغان نېمە بولسا ئۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپلا قېلىشقا مەجبۇر بولىسىز. كورسىكادا ھۈنەر-سەنئەتتىن ياسالغان بىر نېمە ئىزدەش، خام خىيالدىن ئىبارەتتۇر. كورسىكا ۋە كورسىكالىقلارنىڭ  ھۈنەر-سەنئەت بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقتۇر.

ھەر سارىيى باش رەسىملەر بىلەن تولغان ئىتالىيە بولسا ئەزەلدىنلا بىر سەنئەت ئەسەرلەر ماكانىدۇر. ئۇ يەردە مەرمەرلەر، ياغاچلار، مىڭلار، تۆمۈرلەر، تاشلار ۋە رەڭلىك مېتال قاتارلىقلاردىن ياسالغان ئەسەرلەر ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئىتالىيەنىڭ كونا زاماندىن قالغان ئۆيلىرىدىكى كونا ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ ئادەتتىكىسىمۇ، نازۇك سەزگۈ-ھېسسىياتنى نامايان قىلىدۇ. ئىتالىيە بولسا ئىجادچى ئەقىلنىڭ قۇدرىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقان.

ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئىتالىيەنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان كورسىكا ئارىلى بولسا، ئىپتىدائىي جەمئىيەت ھالىتىدە قېلىپ قالغان. بۇ دائىرىنىڭ سىرتىغا چىقالمىغان. ئادەم بۇ ئارالدا، ئارالنىڭ قوپال ياسالغان ئۆيلىرىدە ئائىلە ماجىرالىرىنى، قىرغىنچىلىقلارنى، ئۇرۇش-جېدەللەرنى كۆرەلمەيدۇ. بۇ ئۆيلەردە خۇددى ھايات قېتىپ قالغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. كورسىكالىقلار، مۇستەبىت روھلۇق،  ئىنتىقامچى، كۆزىگە قان تولغان كىشىلەر بولسىمۇ ئەمما، ئۇلار يەنە قولى ئوچۇق، مېھماندوست، ھەركىمگە ئىشىكى ئوچۇق كىشىلەر بولۇپ، ئىچىدىن كەلگەن سەمىمىيەتنى دەرھال سىرتتا ئىپادىلەيدىغان ئىنسانلاردۇر.

مەن بىر ئاي مۇشۇ ئارالنى كېزىپ يۈردۈم. بۇ ئارالدا خۇددى ئاخىرقى زامانغا كېلىپ قالغاندەكلا غېرىبلىق بىر تۇيغۇغا قاپلىنىپ قالغان ئىدىم. يا بىر دەڭ، يابىر مېھمانخانا، يا بىر قاۋاقخانا، يا بىر كوچا، ئىش قىلىپ ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئادەم بۇ يەردە، ناھايىتى تار يوللاردا مېڭىپ، كېچىلىرى ئىچلىرىدىن چىققان چوڭقۇر مەنىلىك، بوغۇق غۇدۇڭشىغان ئاۋازلار كۆتۈرۈلگەن ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغلارنىڭ بىر بۇلۇڭلىرىدا، ئادەتتە ئىسسىقلىق تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغان  كىچىك يېزىلارغا ئۇدۇل يامىشىدۇ. ئاندىن ئۇدۇل كەلگەن بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، كېچىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، بىر كىچىك قوتان ئىزدەيدۇ. ئادەتتىكى ناھايىتى ئاددىي بىر داستىخانغا داخىل بولۇپ، تامچە تامچىپ  تۇرىدىغان بىر ئۆگزە ئاستىدا ئۇخلاپ،  سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، سىزنى كۈتۈۋالغان ئادەمنىڭ قولىنى سىقىپ خوشلىشىپ، يولىڭىزغا راۋان بولىسىز.

مەن بىر ئاخشام ئون سائەتلىك سەپەردىن كىيىن، تەخمىنەن بىر كىلومېتىر نېرى تەرەپتىكى، دېڭىزغا تۇتىشىدىغان بىر تار جىلغىنىڭ تۆۋىنىدە، ئەتراپى پۈتۈنلەي قۇپقۇرۇق بىر كەپىنى كۆردۈم – دە، ئۇ كەپىنىڭ يېنىغا كەلدىم. بۇ يەر بولسا تاغنىڭ، مايماق-سايماق ۋە ئۇستى-ئۈستىگە جۈپلەشكەن خادا تاشلار بىلەن قاپلانغان، ئىككى ناھايىتى چوڭ دەرەخنىڭ ئېگىلگەن شاخلىرى بىلەن تامدەك ئورالغان ئىدى.

بۇ ئاجايىپ، ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان كەپىنىڭ ئەتراپىدا بىر باراڭلىق تال، كىچىك بىر باغچە ۋە  ئازراق نېرىدا بىرقانچە چوڭ كاشتانە دەرىخى بار ئىدى.

مېنى ياشانغان بىر ئايال كۈتۈۋالدى.  ئاددىي ۋە پاك-پاكىز، يارىشىملىق كىيىنىۋالغان بۇ ئايال بۇ يەردىكىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. بىر ئورۇندۇقتا مۇكچۇيۇپ ئولتۇرغان بىر بوۋاي ماڭا سالام بەرمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى ۋە بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمايلا يەنە ئولتۇردى.

ئايال: «ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا خاپا بولماڭ. ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ. 82 ياشقا كىردى» دېدى. فرانسۇسچە  ناھايىتى راۋان سۆزلىدى.

مەن ھەيرانلىق ئىچىدە:

«سىز كورسىكالىق ئەمەسمۇ؟» دەپ سورۇدىم.

ئايال: «ياق، بىز ياۋروپالىق. ئەللىك يىلدىن بىرى بۇ يەردە ياشاۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇلار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتلىرىدىن شۇنچە ئۇزاقتا، بۇ گۆرىستان جىمجىتلىقى ئىچىدىكى بىر كەپىدە ئەللىك يىلىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى.

كەپىنىڭ ئىچىگە كىردۇق، بوۋايمۇ بىز بىلەن بىللە كىردى. داستىخانغا كېلىپ ئولتۇردۇق. كەچلىك تاماقتا چوشقا مېيىدا پىشۇرۇلغان بەرەن گى بىلەن قاتكۆك شورپىسىغا قوشۇق سېلىشقا باشلىدۇق.

تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان بىر ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. مۇساپىرچىلىقتا، ئاخشاملىرى ئادەمنى بىر غېرىبلىق تۇيغۇسى قاپلاپ، كۆڭلى يېرىم بولىدىغان گەپكەن. مەنمۇ دەل مۇشۇ چاغدا مۇشۇنداق تۇيغۇلار ئىچىدە ئىدىم.

مەۋجۇتلۇق، ھاياتلىق ۋە كائىنات، ھەممە شەئىي، ھەممە نەرسە ماڭا ئىچى قۇپقۇرۇق، ئۆچۇرۇلگەندەكلا كۆرۈنەتتى. بىردىنلا بۇ ھاياتنىڭ ئۇ مۇدھىش ھەقلىقى، قۇرۇق ئۈمىدلەر بىلەن ئۆزىنى ئالدىغان يۈرەكلەرنىڭ قارا يالغۇزلۇقى ئىچىمنى قاپلىۋالغان ئىدى.

ياشانغان ئايال سىرتقا چىقىپ، يېنىمغا كەلدى. دۇنيادا ئۆزلىرىنى تەقدىرىنىڭ ھۆكۈمىگە تاشلاپ قويغان ئادەملەرنىڭ روھلىرىدا بولىدىغان دۆتلۈك ئەمما، ھاياجاندىن تىترىگەن بىر ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

«دېمەك، فىرانسىيەدىن كەلدىڭىز. شۇنداقمۇ؟»

مەن: «شۇنداق. ھەۋەس قىلىپ، كېزىپ يۇرىۋاتىمەن»

ئايال: «پارىجلىقمۇ سىز؟»

مەن: «ياق، نانكيلىق»

بۇ نانكي سۆزى، ئۇنى ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى سەزدىم.

ئايال سالماقلىق بىر سېس بىلەن:»نانكي» دەپ تەكرارلىدى.

بۇ چاغدا بوۋاي باشقا پاڭلاردەك ئاستا ۋە تۇيغۇسىز ھالى بىلەن ئىشىك تۈۋىدە پەيدا بولدى.

ئايال: «ئۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمايدۇ. سۆزىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەيلى بىز. نانكيلىق ئىكەنلىكىڭىزدىن قارىغاندا، ئۇ يەردىكى ھەممە كىشىنى تونۇيسىز ھەقاچان؟»

مەن: «ھە، شۇنداق، شۇنداق» دېدىم.

ئايال: «سائىنت-ئاللائىزە ئائىلىسىنى تونامسىز؟»

مەن: «ھە. مەن ناھايىتى ياخشى تونۇيمەن. دادامنىڭ دوستلىرى ئىدى»

ئايال بولسا كۆزلىرىنى كۆزلىرىمدىن ھېچ ئۈزمەيلى. ئانىلارنى جانلاندۇرىدىغان ئاستا ۋە بوغۇق بىر ئاۋاز بىلەن: «شۇنداق، ھەممىسىنى ئەسلىيەلەيمەن. ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە. ئۇ برىسەمارەلارغا نېمە بولدى؟»

مەن: «ھەممىسى ئۆلدى!»

ئايال: «ۋاھ ۋاھ، ھەممىسى ئۆلدى ھە؟  بەلكى ئۇ سىرمونتلار….سىرمونتلارنى تونامسىز؟»

مەن: «تونۇمامدىغان، ياشلا تۇرۇپ گېنېرال بولغانتىغۇ»

ئايال ھاياجاندىن تىترەۋاتاتتى. بىلمەيمەن قايسى بىر بىلگىنى بولمايدىغان، قايسى كۈچلۈك، قايسى بىر مۇقەددەس سەمىمىيەتلىكنىڭ تەسىرى ئاستىدا مۇشۇ چاغقىچە يۇرۇگىدە قۇلۇپلىنىپ قالغان بۇ ئەسلىمىلەر، روھىنى تىترەتكەن بۇ ئىسىملاردىن سۆز ئىچىشقا ئېھتىياج ھېس قىلغاندەك:

«شۇنداق» دەپ ئاغزىنى مىدىرلاتتى ۋە «ھەنرىمۇ، سىرمونتمۇ مېنىڭ قېرىنداشلىرىم» دېدى.

گاڭگىراش ۋە دەھشەت ئىچىدە تېڭىر قاپ قالدىم. پۈتۈن بۇ ئۆتمۈش بىردىنلا كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.

بىر ۋاقىتلاردا بۇ لوررائىنە سويۇدىن بولغان سىرمونتلار ئائىلىسىدە چوڭ بىر سەتچىلىك يۇز بەرگەن ئىدى. ناھايىتى چىرايلىق سۇزانە سىرمونت ئىسىملىك بىر قىز، دادىسى قوماندانلىق قىلغان دىۋىزىيەدىكى ئاتلىق قىسىم ئەسكىرىگە كۆڭۈل بەرگەن ئىدى ۋە ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ ئۇ ھەربى يىگىت بىلەن قېچىپ كەتكەن ئىدى.

ئۇ يىگىت ناھايىتى قاملاشقان بالېتى. ئۆزى تىمەن، چىرايلىق بىر سەھرالىق ياش ئىدى. بولۇپمۇ كۆك ئاتلىق ئەسكەر فورمىسى ئۇنىڭغا بەكمۇ ياراشقان ئىدى. مانا مۇشۇ گۈزەللىكى بىلەن قومانداننىڭ چىرايلىق قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان ئىدى. ئەمما، ئۇلار قانداق تونۇشۇپ قالدى، قەيەرلەردە كۆرۈشتى، مۇھەببىتىنى قانداق ئىزھار قىلدى؟ بۇلارنىڭ سىرى ھېچ بىر ۋاقىت ئوتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى.

ھېچكىمگە سەزدۈرمەستىن، بىر ئاخشام نۆۋەتچىلىكى تۆككەندە، ياخشى كۆرگەن قىزى بىلەن نەلەرگىچە غايىب بولغان ئىدى.

ئۇلارنى ھەممە يەردىن بىر-بىرلەپ ئىزدېدى، ئەمما، ھېچ يەردىن تاپالمىدى. ھېچ بىر خەۋەر ئالالمىدى ۋە ھەر ئىككىلىسىنى ئۆلدى دەپ بىلدى.

ھازىر مەن ئەللىك يىلدىن كېيىن بۇ قورقۇنۇچلۇق بىر جىلغىدا ئۇلار بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدىم.

ئايالغا مۇنداق دېدىم:

«ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. سىز سۇزان خانىم بولىسىز. شۇنداقمۇ؟»

ئايال بېشىنى لىڭشىتىپ»ھە»دېگەنلىكنى ئىشارەت قىلىپ، كۆزىگە ياش ئالدى. ۋەيرانە كەپىنىڭ بوسۇغىسىدا  ئولتۇرغان بوۋاينى ماڭا كۆرسېتىپ تۇرۇپ:»ئەنە ئاشۇ» دېدى.

ھېس قىلدىمكى ئۇنى تا ھازىرغىچە ياخشى كۆرەتتى. بوۋايغا قاراشلىرىدىن سېزىۋالغان ئىدىم.

«بەختلىك بولدىڭىزمۇ كاشكى؟» دەپ سورۇدىم.

ئىچىدىن چىققان بىر سېس بىلەن مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئوئوئوئوھ، ئەلۋەتتە، ناھايىتى ياخشى بەختلىك بولدۇم. مېنى بەكمۇ بەختلىك قىلدى ئۇ. قىلغان ئىشلىرىمغا، ھېچبىر ۋاقىت پۇشايمان قىلمىدىم.»

بۇ ئاشىقنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا، ئۇنىڭغا ھەم بەكمۇ ھەيران بولدۇم ھەم ھەسرەتلىك قارىدىم. بىر باي ئائىلىدە  ئەركە چوڭ بولغان بۇ قىز، بىر سەھرالىقنىڭ پېشىدىن مۇشۇ يەرلەرگە كېلىپ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر يېزا خوتۇنى بولغان ئىدى. ھەر تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەردىن، ياسىنىشتىن، نازاكەتتىن مەھرۇم قالغان بىر سەھرالىق ئايال بولغانتى. ئۇ سەھرالىقنىڭ ھاياتىغا قوشۇلۇپ،ئۇنىڭ ئاددىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلغانتى. تا ھازىرغىچە ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئاددىي بىر رەختىن كىيىم كىيگەن، بېشىغا ياغلىق ئارتقان، تاختا بىر ئۈستەلدە، ھېجىر بىر قاچىدا  قاتكۆك شورپىسى بەلەن چوشقا مېيىدا پىشۇرۇلغان بەرەن گىنى يەپ، ئۆزىنىڭ يوتقىنىدا قىمىرلاپ، سامان دۆۋىسى ئۈستىدە ئۇخلايتى.

بۇ ھاياتتا، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ بىر نەرسىنى ئاڭلىمىغاننى: زىبۇ-زىننەتلەر، تاۋار-دۇردۇنلار، نازۇك جابدۇقلار، يۇمشاق ئورۇندۇقلار، زىننەتلەن گەن ئۆيلەر، بۇ ئۆيلەرنىڭ مەززىلىك ھاۋالىرىنى، مامۇق ياستۇقلار قاتارلىقلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمىغان ئىدى. بىرە قېتىم بولسىمۇ، كىچىككىنە بولسىمۇ بۇلار ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولغان ئەمەس. ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن باشقا ھېچبىر ئىستەك، ھېچبىر سېغىنىش ئۇنى چىرمىمىغان ئىدى. پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ئۇنىڭغا يەتكەنتى. بۇنىڭ باشقىنى ئىستىمىگەن ئىدى.

ياشلىق چاغلىرىدا، تازا توشقان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنى چوڭ قىلغان، ياخشى كۆرگەنلەردىن ۋە ئۇ باياشات ھاياتتىن ۋاز كەچكەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز بۇ ۋەھشىي، ئىپتىدائىي جىلغىغا كەلگەنتى. ھەممە ئارزۇسىنى، ھەممە خىيالىنى، ھەممە ئۈمىدىنى، ھەممە كۈتكەن نەرسىلىرىنىڭ ئۇستىنى بەدىنى، روھى بىلەن ياپقانتى. پۈتۈن بۇ پىداكارلىقلار ئۈچۈن ئۇ ياش يىگىت ئۇنىڭ ھاياتىنى بەختكە چۆمۇلدۇرگەنتى.

ئەلۋەتتە، سىرمونت خانىممۇ مېنىڭدىن كۆپ نەرسىنى تەلەپ قىلالمايتى.

پۈتۈن بىر كېچە، بۇنچىلىك ئۇزاق يەرلەردە ئۆزىنى ئىزدىگەن ئايالنىڭ يان تەرىپىدە، كونا ۋە سېسىق ياتقىنىدا ئۇخلاۋاتقان قېرى ئەسكەرنىڭ بوغۇق چۇڭۇلداشلىرىنى ئاڭلىدىم ۋە بۇ غېرىب، بۇ ئاددىي ئەمما، نادىر كۆرۈنىدىغان ۋەقەنى، بۇ مۇھەببەت سەرگۈزەشتلەرنى، بۇ ئاجايىپ بەخت نەمۇنىلىرىنى ئويلاپ تاڭ ئاتقۇزدۇم. قۇياش چىقىش بىلەن بۇ ئىككى ياشانغانلارنىڭ قوللىرىنى سىقىپ خوشلىشىپ، ئۇلاردىن ئايرىلدىم.» دەپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بۇ تەسىرلىك ۋەقەنى  ئاخىرلاشتۇردى.

ياشانغان ئادەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئاياللاردىن بىرى:

«بۇ ۋەقەنىڭ ھەيران قالارلىق بىر تەرىپى يوق. سۇزان سىرمونت بولسا ئۆزى ئاددىي، غايىلىرى يوق، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىپتىدائىي يارىتىلغان بىر ئايال ئىكەن. مىنىڭچە، بىر لەقۋادىن باشقا بىرسى ئەمەس » دېدى.

باشقا بىر ئايال دېمىنى ئىچىگە تارتىپ، بوش بىر ئاۋازدا: «نېمە ئەھمىيىتى بار. ئەڭ مۇھىمى بەختلىك بوپتۇغۇ!» دېدى.

يىراقلاردىن، ئۇپۇق ئاستىدىكى كورسىكا، قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلمەكتە، ئاستا-ئاستا دېڭىزغا چۆكمەكتە، قىرغاقلارنى باش-پانا قىلغان ئىككى يوقسۇل ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ھېكايىسى، خۇددى ئۆزى بىۋاسىتە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىيقان مۇختەشەم بۇ كۆرۈنۈشى ئاستا غۇۋالاشماقتا ئىدى.

(بۇ ھېكايە فىرانسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى گۇي دە مائۇپاسسانت (1850-1893) نىڭ «بىر مۆجىزىدۇر ياشىماق» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.)

02.01.2017، گېرمانىيە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top