دائۇدېت: بېرلىننى ئىشغال قىلىش

دائۇدېت (فىرانسىيە)
تەرجىمىدە: ئەنسەر ئابدۇغېنى
بىز ۋىي دوختۇر بىلەن پارىژنىڭ ئىشغال قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان ئەلسىي كوچىسىدا كېتىپ باراتتۇق. دوختۇر توختاپ زەپەر دەرۋازىسى يېنىغا جايلاشقان، بىر بۇلۇڭدىكى ئۆينى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋۇ بالكونلۇق ئۆينى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئالدىنقى يىلدىكى دەھشەتلىك ئاۋغۇست ئېيىنىڭ باشلىرىدا، شۇ ئۆيدە تۇرىدىغان جوۋ ئىسىملىك بىر قېرى گېنېرالنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن چاقىرتىلدىم. ئۇ قېرى گېنېرال بىزنىڭ فىرانسىيە قوشۇنىنىڭ غەلىبە قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ شاھىتى بولۇش ئۈچۈن، زەپەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ھەي بىچارە ئادەم! ئۇ فىرانسىيە قوشۇنىنىڭ ۋېسسىنبېرگتىكى تۇنجى مەغلۇبىيەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ يىقىلىپ چۈشۈپ پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان ئىكەن.
ئۇ 60 ياشلار ئەتراپىدىكى كېلىشكەن، ئالىيجاناب بىر كىشى ئىدى. مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارغان ۋاقتىمدا، ئۇ كارىۋاتتا ئۆلۈكتەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا نەۋرە قىزى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى.
ئۇ بالىنىڭ قايغۇسى مېنى تەسىرلەندۈردى. مەن ئۇنىڭغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەسەللى بېرەتتىم، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ ساقىيىشىدا ئۈمىد ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. چۈنكى بىزنىڭ ئىنتايىن ئاز بىرقىسىم ئادەملەرلا ئەسلىگە كېلەلەيدىغان، بەدىنىىڭ بىر تەرىپى پۈتۈنلەي پالەچ بولغان بىر كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلەتتى. ئۈچ كۈنگۈچە بىمار ئەسلىدىكى پالەچ ھالىتىدە ياتتى. فىرانسىيە قوشۇنىىنىڭ پارىژ جېڭىدىكى غەلىبە خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە بولسا، بۇ خۇددى بىر مۆجىزىدەك، گېنېرال بىھوش ھالىتىدىن ئويغاندى. مەن ئۇنىڭ كارىۋىتى يېنىغا كەلگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى كېسەللىك ھالىتىنى ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى سۈزۈلۈپ، گەپ قىلالايدىغان بولغان ئىدى. ئۇ بار كۈچى بىلەن ماڭا قاراپ كۈلدى ۋە كېكەچلەپ :«غەلىبە! غەلىبە!»دېدى.
مەن غەلبىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ راھەتلىنىپ، يۈزىنىڭ نۇرلىنىپ كەتكىنىنى كۆردۈم.
مەن ئۆيدىن يېنىپ چىققاندا، قىزچاق ئىشىك ئالدىدا يىغلامسىرىغان ھالدا مېنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:» بوۋاي خەتەردىن ئۆتۈپ كەتتى» دېدىم.
بۇ پەرىشان قىز ئارانلا جاۋاب قايتۇردى. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي خەۋەردە بولسا فىرانسىيە قوشۇنى چېكىندۈرۈلگەن، پۈتكۈل ئارمىيە تارمار قېلىنغان ئىدى. بىز بىر-بىرىمىزگە ئەنسىز تىكىلىپ قارىشىپ تۇراتتۇق. ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە چوڭ دادىسىنى ئويلايتتى. مەن بۇ قېرىنىڭ ھالىنى ئويلاپ تەشۋىشلەندىم. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسا ھەرگىزمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇنى مۇشۇ خىيالى تۇيغۇ ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟ بىراق بۇنداق بولغاندا، بىز چوقۇم ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىشىمىز كېرەك ئىدى.
«بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەيمەن!» قەيسەر قىز شۇنداق دېدى دە، كۆزىدىكى ياشنى تېز-تېز سۈرتۈۋېتىپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرىتىپ چوڭ دادىسىنىڭ ھۇجۇرسىغا كىرىپ كەتتى.
بۇ بىر قىيىن سىناق ئىدى. دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە يالغان سۆزلەش ئانچە قىيىنغا توختىمىدى. قېرى بوۋاينىڭ نېرۋىسى ئاجىز، كىچىك بالىلاردەك ئاسان ئالدىناتتى. بىراق ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىشى بىلەن، ئۇنىڭ زېھنى ئۆتكۈرلەشتى. بىز ھەر كۈنى يالغان ھەربىي يۈرۈش خەرىتىسى سىزىپ، ئارمىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلىرىدىن ئۇنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. ئۇ ئوماق قىزنىڭ كېچە-كۈندۈز گېرمان خەرىتىسى ئۈستىدە قىيسىيىپ ئولتۇرۇپ، كىچىك بايراقلارنى قاداپ، شانلىق ھەربىي يۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈش، ئادەمنى بەكمۇ ئېچىندۈرەتتى. ئۇ ھەممە ئىشلاردا مەندىن پىكىر ئالاتتى، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ياردەملىشەتتىم.
«دوختۇر، بىز مايانىس شەھىرىنى قولغا ئالدۇق» قىز زورىغا كۈلۈپ ماڭا شۇنداق دېدى. مەن ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ ئىچكىرىدىن خۇشال ئاۋازدا ماڭا توۋلاپ:« بىز گېرمانىيەگە ئىچكىرلەپ كىردۇق، بىر ھەپتە ئىچىدە بېرلىنگە كىرىمىز!» دېگەنلەرنى ئاڭلىدىم.
ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاقىتتا بولسا، پىرۇسسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پارىژغا يېتىپ كېلىشىگە پەقەت بىر ھەپتىلىكلا مۇساپە قالغان ئىدى. بىز دەسلەپتە ئۇنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ كەتسەك ياخشى بولارمۇ دېگەننى ئويلىدۇق. ئەمما، ئۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشكە يەنىلا ئاجىزلىق قىلاتتى. شۇڭا بىز ئۇنى باشقا جايغا يۆتكىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
پارىژ قورشاۋغا ئېلىنغان بىرىنچى كۈندە، مەن بوۋاينىڭ يېنىغا باردىم. بوۋاي كارىۋىتىدا خۇشال ھالدا مەغرۇر ئولتۇراتتى.
-ھەي! قورشاۋ باشلاندى!-.
مەن ئۇنىڭغا تېڭىرقاپ قاراپ قالدىم.
– نېمە؟.. گېنېرال سىز بىلدىڭىزما؟-
ئۇنىڭ نەۋرە قىزى ماڭا ئۆرۈلۈپ:- ۋاي، ھەئە، دوختۇر، بۇ بىر ياخشى خەۋەر. بېرلىننى قورشاۋغا ئېلىش باشلاندى.-
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، خۇددى ھەممە ئىشلار ناھايىتى نورمالدەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. بوۋاي سېپىل سىرتىدىكى زەمبىرەك ئاۋازلىرىنى ئاڭلىمىغان تۇرسا، ھودۇقۇش ۋە قورقۇنچ ئىچىدە قالغان شورپىشانە پارىژنىڭ ھالىتىنى كۆرمىگەن تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ بۇ ئىشلاردىن گۇمانلانسۇن؟ !!
بەزىدە بوۋاي زېرىكىپ قالغان چاغدا، بىز ئۇنىڭ ئوغلىدىن كەلگەن-ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىققان خەتنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرەتتۇق. ئەلۋەتتە، پارىژغا ھېچقانداق نەرسىنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمايتتى. بىچارە قىزچاقنىڭ قانچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. ئۇنىڭ دادىسى تۇتقۇن، موھتاجلىقتا قالغان، بەلكىم ئاغرىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق. قىزچاق خۇشال قىياپەتتە، ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ خەتنى ئوقۇيتتى. گېنېرال ئاڭلاپ كۈلەتتى. ئۇ بالىسىنىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ:» ھەرگىز ئۇنۇتما ئوغلۇم، سەن دېگەن فىرانسىيەلىك؛ قورشاۋدىكى ئاجىز كىشىلەرگە كەڭ-قورساق بول. ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلما!» دەيتتى.
ئۇ بۇ گەپلەرنى كەسكىن بىر ئاھاڭدا دېكلاماتسىيە قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇقەدەر ئالىيجاناب ھەم ۋەتەنپەرۋەر ساداقىتى، ئاڭلاپ ئولتۇرغانلارنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايتتى.
ئاڭغىچە قورشاۋ ھەرىكىتى باشلاندى. بىراق، ھەي.. بېرلىننى قورشاش ئەمەستە! بىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك، بوۋاينىڭ تىنچلانغان نېرۋىسى دەماللىققا پاراكەندە بولمىدى. ئاخىرىغا كەلگەندە، مەن ئۇنىڭغا پەقەت ئاق بولكا بىلەن گۆشلا ئاپىرىپ بېرەلىدىم.
شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىدىغان ۋاقتىمۇ يېقىنلاپلا قالدى، بىزنىڭ يالغان سۆزلىمىكىمىز تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى. ئىككى-ئۈچ قېتىم، شەھەر سىرتىدىكى دەھشەتلىك زەمبىرەك ئاۋازى ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى؛ بىز: « بېرلىن ئىشغال قىلىنىپ بولايلا دېدى، بۇ قەھرىمانلار سارىيىدا ئېتىلغان شەرەپ ئوقلىرىنىڭ ئاۋازى» دەپ ساقتا قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا مەجبۇر ئىدۇق.
بىر كۈنى كەچ، مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، قىز ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا: «گېرمانلار ئەتە شەھەرگە يۈرۈش قىلىدىكەن» دېدى.
بوۋاينىڭ ھۇجۇرىسىنىڭ ئىشىكى ئوچۇقمىدۇ؟ ھەقىقەتتە بولسا، شۇ كۈنى كەچتە، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئىنتايىن غەلىتە بىر تۈسكە كىرگەنلىكى ئېسىمدە. بەلكىم ئۇ بىزنىڭ پارىڭىمىزنى ئاڭلاپ قالغاندۇ. بىز بولساق پرۇسسىيەلىكلەرنىڭ گېپىنى قىلىشىۋاتىمىز، بوۋاي بولسا ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەن فىرانسىيە ئارمىيسىنى ئويلايتتى.
بىچارە بوۋاي، جوۋ! ئۇ بىزنى:«بۇلار سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەپ، ئارمىيەنىڭ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ماڭا كۆرسەتمەسلىكنىڭ پىلانىنى تۈزىۋاتىدۇ» دەپ ئويلايتتى. ئەتىسى پىرۇسسىيە باتالىيونلىرى يولنى بويلاپ ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ پارىژغا كىرىپ كېلىۋاتقاندا، بۇ قېرى گېنېرال كونا فورمىسىنى كىيىپ، قالپىقىنى تاقاپ، ئۇزۇن قىلىچىنى يېنىغا ئاسقان ھالدا بالكوندا پەيدا بولدى.
بىر ھازاغىچە بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك.
زەپەر دەرۋازىسىنىىڭ ئارقىسىدا ئېسەنگىرىگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياش نۇرى ئاستىدا قارا بىر سەپ يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. قەدەممۇ قەدەم پىرۇسسىيە ئەسكەرلىرى غەلىبە مارشىنى ياڭرىتىپ كىرىپ كەلدى!
شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈكتەك تىپ-تىنچ بولۇپ قالغان خەلق مەيدانىدىن دەھشەتلىك قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈلدى:» قورال ئېلىڭلار! قورال ئېلىڭلار! پىرۇسسىيەلىكلەر كەلدى!» ئالدىنقى سەپتە كېتىۋاتقان دۈشمەن ئەسكەرلەر بالكوندا بىر قېرى بوۋاينىڭ قوللىرىنى پىلاڭلاتقىنىچە سەنتۈرۈلۈپ يىقىلغىنىنى كۆردى. بۇ قېتىم، گېنېرال جوۋ راستتىنلا جان ئۈزگەن ئىدى.
مەنبە: باغداش مۇنبىرى