تۈركىيەدىكى ئىككى ئەۋلات

ئايدىڭ
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر يېقىندىن بېرى ئاتا-ئانلىرىنى يانلىرىغا چاقىرتىپ بىللە تۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئانا تىلىنى ئىشلەتمەي دۇدۇقلاشقا باشلىغان نەۋرىلەر ئۈچۈن بىر تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولدى. نەۋرىلەر بوۋا-مومىلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئاغزاكى مىراسلىرىغا ۋارسىلىق قىلىشنى ئۆگەندى. ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن ئۇيغۇرچە قىممەت قاراش، چۈشەنچە ۋە قائىدە يوسۇنلارنى ئۆزلەشتۈردى. ئاتا-ئانىلار بېشىدىن كەچۈرگەن ئائىلە، پەرزەنت ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى تۈرلۈك تەجرىبەلىرى بىلەن بالىلارغا نۇرغۇن نەپ يەتكۈزدى. نەۋرىلەرنى تەجرىبىلىك چوڭلارغا قالدۇرۇش ئۇلارنى خاتىرىجەم خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. تۈركىيەدىكى مىھمان ئاتا-ئانىلارنىڭ پات-پات ئۇيغۇرسىرىشى سەۋەپلىك بالىلارنىڭ تاشلىشىپ كەتكەن ئۇرۇق تۇغقان، ياتلىشىپ كەتكەن دوستلىرى تېپىلدى، يىراقلاشقانلار يۇرتداشلار يېقىنلاشتى. نەتىجىدە بالىلارمۇ غېرىپسىرىغان كۆڭۈللىرىدىكى مۇساپىرلىق دەردىگە مەلھەم تاپقاندەك بولدى. ئاتا-ئانىلارمۇ ساپ تەبىئى موھىت، بۇلغىنىشسىز ساغلام ئوزۇق ۋە ئەركىن دىنىي شارائىتتىن يايراپ قېلىشتى.
سېغىنىشلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە مۇساپىر بالىلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى يۇقارقىدەك نۇرغۇن مەمنۇنلۇقلارغا سەۋەپ بولغان بولسىمۇ، بەزى كۆڭۈلسىز قىستۇرمىلاردىنمۇ خالى بولالمىدى. تۈركىيە گەرچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يات بىر دۆلەت بولمىسىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن چوڭلاردا بەزى ھەيرانلىق، چۈشەنمەسلىك ۋە قوبۇل قىلالماسلىقلارنى پەيدا قىلماي قالمىدى. ئالدى بىلەن ئۇلارنى چاقىرىۋالغان تۈرك ساھىپخانلارنىڭ تاماقلىرى تازا «ئىسسىق باسمىدى». تۈركىيەدىكى مىھماندارچىلىقتا ۋەتەندە قالغان ئۇيغۇرنىڭ داستىخېنىدىكى موللۇق، سۆلەت ۋە ئىسكەت ئېسىگە كېلىپ، سېلىشتۇرۇپ ھەيران بولدى. بالىلىرى خام يەپ كۆنگەن ئوتياشلارنى، قىرتاق زەيتۇننى، تۇزسىز ئەكمەكنى يىيەلمەي قىينالدى. نەۋرىلەر بىلەن سۈركۈشۈپ قالدى. گۇڭۇر مۇڭۇرلىشىپ ئۆتۈدىغان قوشنادارچىلىقنى، قويۇق بېرىش كېلىشلەرنى، قىزغىن ھېيىت بايراملارنى سېغىنىپ مۇڭلاندى.
دېيىلگەندەك ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار تارتىشىپ قالىدىغانمۇ بولدى. بۇنىڭغا ئەڭ كۆپ سەۋەپ بولغىنى ئادەت بىلەن بىلمنىڭ زىددىيىتى بولدى. تۈركىيەدە بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالتە ئايغىچە دوختۇر ئانا سۈتىدىن باشقا ھىچ بىر قوشۇمچە يىمەكلىكنىڭ بېرىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋەتەندە بوۋاقلارغا بۇلماق، نان، چاي، سۈت تالقىنى دېگەنلەرنى بېرىپ كۆنگەن. چوڭلار «بوۋاققا نان يىگۈزۈپ قويمىسا تولا ئويغىنىپ ئانىسىنى ئۇخلاتمايدۇ، ئانىسىنى تولا ئېمىپ جۈدىتىۋېتىدۇ، بودەك چوڭ بولمايدۇ» دەپ ئادەتلىرىدە چىڭ تۇرىدۇ. بالىلار دوختۇرنىڭ دېگەنلىرىنى ئىلمىيلىك ساناپ ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. گەپ سەل چىڭىغا چىققاندا چوڭلار «مەنمۇ سېنى شۇنداق چوڭ قىلغان، سەندەك بالىدىن نەچچەنى بېقىپ قاتارغا قوشقان، دوختۇر دەۋېرىدۇ»، دېگەندەك سۆزلەرنى تەكرارلايدۇ. يەنە بېرى ۋەتەندە كىچىك بالىلار ئاغرىپ بولغىچە ئاسما ئاستۇرۇپ كۆنگەن ئاتا-ئانىلار تۈركىيەدىكى نەۋرىلىرىنىڭ قىزىتمىسى چۈشمەي تۇرسىمۇ ئاسما ئاستۇرمايۋاتقان پەرزەنتلىرىگە ھەيران قالىدۇ. تۈركىيەدە ئاسما ئۆلۈم خەۋىپى بولمىغان ئەھۋالدا قوللىنىلمايدىغان بولغاچقا بالىلار دوختۇرنىڭ دېگەنلىرىنى بىلىم دەپ قاراپ ئىشىنىدۇ ۋە ئەمەل قىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ۋەتەندە كۆنگەنلىرىنى توغرىغا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.
بالىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، داۋالىتىشتىلا ئەمەس تەربىيەلەشتە قوللانغان ئۇسۇلنىڭ ئوخشىماسلىقىمۇ تۈركىيەدىكى چوڭلار بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتكە سەۋەپ بولۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل. تۈركىيەدە تۇرۇپ قالغان بالىلار ئامال بار بالىلىرىنىڭ ئەركىن، توق، قورقماس چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ۋەتەندىن چىققان ئاتا ئانىلار نەۋرىلەرنىڭ ئۆي ئىچىدە مىھمان بار يوق دېمەي خالىغانچە تاقلاپ ئويناشلىرىغا، گەپلەرگە قوشۇق سېلىشلىرىغا، چوڭلارغا قورقماي گەپ ياندۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئۇلار نەۋرىلەرنىڭ سورۇندا گەپلەرگە ئارىلىشىپ، پىكىر بايان قىلىپ، توغرا خاتاغا ھۆكۈم قىلىپ يۈرۈشلىرىنى ئاق ساقاللىق دەپ تونۇيدۇ. چوڭلارنىڭ بۇ قارىشى بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئىددىيەسى پەرلىق بولغاچقا مۇنازىرە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چوڭلارنى ئەڭ قورقىتىدىغىنى مۇشتۇمدەك نەۋرىسىنىڭ دۆلەت سىياسىتى، مىللەت تەقدىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى ئۆگنىۋالغانلىقى بولۇپ ئاڭلىسىلا ئەنسىرەپ جايىدا ئولتۇرالمايدۇ.
چوڭلار ئىمىيلىكتىن، ھوقۇقتىن، باراۋەرلىكتىن، ئەركتىن مەھرۇم بىر زاماندا ياشىغاچقا بىر بالىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلە ھەرىكەتكە كېلىدىغان، بالا بىلەن ئاتا-ئانا باراۋەر ئورۇندا پاراڭلىشىدىغان، ئائىلە مەسلەھەتلىرىگە بالىلار ئىشتىراك قىلىدىغان، ھەر ئىشتىن بالىنىڭ ئىختىيارىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان تۈركىيەدىكى ئىلمىي تەربىيە ئۇسۇلىغا كۆنەلمەيدۇ. مەسىلەن، بالىلار سەكرەپ ئوينىسا، ئاياقنىڭ يىرتىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ، ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ ئوينىسا پۇتىنى سۇندۇرۇپ قويماسلىققا ئەسكەرتىدۇ. بۇنداق نەرسىنىڭ بۇزۇلىشىنى ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدىن موھىم بىلىش بالىغا ئۆزىنىڭ قەدىرسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. چوڭلار نەۋرىلەرنىڭ خاھىشلىرىنى چەكلىگەندە مەسىلىنىڭ ئۆزىگە زەرەر بېرىدىغا تەرىپىنى ئەمەس خەقلەرنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدىغان تەرىپىنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ، نەتىجىدە بالىلار خەقنىڭ ئالدىدا ئىستىكىنى يوشۇرۇپ، يالغۇز قالغاندا خالىغىنىنى قىلسا بولىدىكەن دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. تۈركىيەدە ئۇقۇپ يېتىشكەن ئاتا-ئانىلار چوڭلارنىڭ بۇنداق ئىلمىي بولمىغان، تولا تەكرارلىنىدىغان، تەنبىھلىك ۋە تەھدىتلىك تەربىيە ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.
تۈركىيەدە چوڭ بولۇۋاتقان نەۋرىلەرگە 4-يىللىقتىن باشلاپ دىن دەرسى ئۆتۈلىدىغان بولغاچقا بوۋا مومىلىرىنىڭ بىلىپ بىلمەي دەپ تاشلىغان گۇناھ بولىدۇ، خۇدايىم جازالايدۇ دېگەن سۆزلىرىدىكى دىن بىلەن ئالاقىسىز ھۆكۈملەرنى ئاسانلا بايقىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە 4-يىللىقتىلا كىشىلىك ھوقۇق دەرسى بولغاچقا «بۇ مېنىڭ ئىشىم سەن ئارىلاشما، بۇ مېنىڭ قارارىم سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ مېنىڭ قانۇنى ھوقۇقۇم، بۇ باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» دېيىشنى بىلىدۇ. بۇلار چوڭلارنى بەكمۇ نارازى قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا چوڭلار ئوغۇل نەۋرىلەرگە دەيدىغان «قىز بالىدەك يىغلىما، خوتۇن كىشىدەك تولا گەپ قىلما، قىز بالىدەك قورقۇنچاق بولما، خوتۇن كىشىدەك گېپىڭدىن يېنىۋالما» دېگەنلەرنى ئۇلار دەرستە جىنسىي كەمستىش دەپ قارشى تۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ. چوڭلاردىكى مۇشۇنداق پىكىرلەر نەۋرىلەرگە خوشياقماي كېلىپ چىقىدىغان زىددىيەت ۋە ئۇقۇشماسلىقلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.
تۈركىيەدە ياشاپ قالغان بالىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارە ئاماللىرى ئاسان، چۈنكى بالىلار چوڭلارنىڭ ئىشلار ۋە ھادىسىلەرگە نېمە ئۈچۈن شۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ، چۈشىنىدۇ، بىلىدۇ. ئەمما نەۋرىلەر تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭىيىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بوۋا-مومىلىرىنىڭ نېمىشقا ئۇنداق «غەلىتە» تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىنى ۋە «بىنورمال» خۇيلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىككى ئەلدە شەكىللەنگەن خۇي مىجەزلەرنىڭ ئارىسىغا كۆۋرۈك سېلىشتۇر. بۇ كۆۋرۈك ئانا تىل كۆۋرىكى. بالىلار ئانا تىل ئارقىلىق بوۋا مومىلىرى بىلەن كۆپرەك سىرداشسا، بىللە پائالىيەت قىلسا، جامائەت سورۇنلىرىغا بىرلىكتە قېتىلسا نەۋەرلەر ئۆز مەدەنىيىتىنى بىلگەن، چۈشەنگەنسىرى قوبۇل قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئۇندىن باشقا تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەتەننىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، يەر-سۇ ۋە موھىت ئەھۋالىنى چۈشەنسە ئاندىن ئۆزىگە غەلىتە ۋە بىنورمال ھىس قىلنغان تەرەپلەردە بوۋا-مومىلارنىڭمۇ ھەقلىق يەرلىرى بارلىقىنى ھىس قىلىشىدۇ. ئانا تىل كۆۋرۈكى كۆۋرۈك پۇختا سېلىنمىسا، ئارىمىزدىكى تىل رىشتىسى ئاجىزلىسا، دىل رىشتىسى زەيىپلىشىدۇ. بۈگۈنكى بوۋا-مومىلار بىلەن نەۋرە-چەۋرىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يالقۇنىدا قىينىلىدىغىنى، تولغىنىدىغىنى، غېرىپسىنىدىغىنى ئاتا-ئانىلار بولۇشى مۇمكىن.