You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسنەۋى

مەسنەۋى

«مەسنەۋى»دىن بىر بۆلۈم

تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

جالائىدىن رۇمى (ھەزرىتى مەۋلانەنىڭ ئاساسلىق بەش ئەسەرى بار بولۇپ ، بۇلار:

مەسنەۋى، دىۋانكەبىر، فىھىمافىھ، مەجەلىسىسەبا ۋە مەكتۇباتلار.

مەسنەۋى بولسا جەمى ئالتە جىلتلىق 25618 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان، كىلاسسىك شەرىق ئەدەبىياتىدىكى شىئېر ئۇسلۇبىدا يېزىلغان يەنى ئىككى مىسرالىق ، ئۆزئارا قاپىيەداش يەنى «فائىلاتۇن – فائىلاتۇن – فائىلۇن» دىگەن شىئېر ئۇسلۇبى شەكلىدە يېزىلغان.

مەسنەۋىنىڭ تىلى پارىسچە بولۇپ، مەۋلانە سۆزلىگەن بېيىتلارنى، ھېكايىلەرنى، ھىكمەتلىك سۆزلەرنى شاگىرتى ھۈسەمەتتىن چەلەبى خاتىرلەپ، رەتلەپ كىتاب قىلغان.

مەسنەۋى خۇددى مەۋلانە ئۆزى بۇ كىتاب مەسنەۋى كىتابىدۇر، مەسنەۋى ھەقىقەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ سىرلىرىغا ئاگاھ بولۇش ۋە ئەقلىنى يەتكۇزۇشنى ئويلىغانلار ئۈچۈن بىر يولدۇر» دىگەن.

مەسنىۋىدە مەۋلانە بىر ھېكايىنى باشلايدۇ، ئەمما بۇ ھېكايىنى دەرھال ئاياقلاشتۇرماي ئارىسىدا بىر بېيىت ۋە بىر ھىكمەتلىك سۆزلەرنى دەپ ھېكايىنى يەنە كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرىدۇ.

مەۋلانەنىڭ سۆزلىگەن ھەربىر ھېكايىسى ئىنسانلارنى توغرا يولغا، گۈزەللىككە يۇزلەندۇرىدىغان نەسىھەتلەر ئۇستىگە قۇرۇلغان. بۇ ھېكايىلەرنىڭ بەزىلىرى قەھرىمانلار توغرىسىدا، بەزىلىرى ۋەلىلەر، بەزىلىرى سوپىلار، بەزىلىرى پادىشاھلار ۋە بەزىلىرى ھايۋاناتلار توغرىسىدا سۆزلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارتۇقچىلىغى ۋە كەمچىلىكلىرى بىلەن ئوبرازلاشتۇرغان. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ كىم بولۇشى مۇھىم بولماستىن، مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلى ۋە كەمچىلىگىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، كىشىلەرگە سەخسىيەتچىلىك، قىزغانچاقلىق، ھەسەت ۋە ئۇلارنىڭ ئەنسىرەشلىرىنى شەھىرلەپ، ئىنسانلارنى ئەسكىلىكتىن ئىبرەت ئىلىشقا، ياخشىلىقتىن ئۇلگە ئىلىشقا چاقىرىدۇ ۋە ئىنسان قەلبىدە تەڭرىگە بولغان چەكسىز سۆيگۇنى ئۇرغىتىدۇ. بۇ ئىنسانلار گەرچە 800 يىللار ئالدىدىكى ئىنسانلار بولسىمۇ ئەمما ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەر ۋاقىت ئارىمىزدا مەۋجۇتتۇر.

پەزىلەتكە، ئەخلاققا يۇزلىنىدىغان يول ئىنساننىڭ ئۆزئۆزىنى سۇزۇك بىلىش يولىدىن ئىبارەتتۇر.

مەسنەۋى بولسا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئىنسانلار ئۈچۈن چۇشۇنۇشلۇك قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، ئىرشاد ۋە تەربىيەنى ھەر جەھەتتىن سىستىمىلىق قىلىپ ئىپادىلەپ بەرگەن.

مەن تۆۋەندە ئۆزەم تەرجىمە قىلغان «مەسنەۋى» دىن دۇردانىلەرنى ئوقۇرمەن قىرىنداشلىرىمغا جالالىدىن رۇمىنىڭ تېرەن پىكىرلىك تۆۋەندىكى ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن باشلايمەن.

» بىز بىرلەشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق، ئايرىش ئۈچۈن ئەمەس«

چىۋىن

بىر چىۋىن ئېغىلدا، ئېشەك سۇدىگىنىڭ ئۇستىدىكى سامان ئەخلىتىگە قونۇپتۇ – دە، كاپىتاندەك بېشىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ: » مەن نەچچە ۋاقىتلاردىن بىرى پاراخوت بىلەن دېڭىزنى خىيال قىلىپ يۇرگەن ئىدىم، مانا بۇ پاراخوت، مانا بۇ دېڭىز. مەن بولسا تەجىربىلىك، توغرا ئويلايدىغان، توغرا ھۆكۇم قىلىدىغان، پاراخوت رولىنى ياخشى باشقۇرىغان بىر كاپىتانمەن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېڭىزدا پاراخوتىنى ھەيدەپتۇ ۋە ئۇ دېڭىز ئۇنىڭغا چەكسىز كۆرۇنۇپتۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ ئېغىلدىكى يېغىلىپ قالغان ئېشەك سۇدىكى پايانسىز ۋە چوڭقۇر بىر دېڭىزدەك كۆرۇڭەن ئىدى. چىۋىندە ئېشەك سۇدىگىنى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن كۆرۇدىغان كۆز نەردە؟

دۈنيانى قانچىلىك كۆرسە، شۇنچىلىكتۇر. چىۋىننىڭ كۆزى قانچىلىك بولسا دېڭىزمۇ شۇنچىلىكتۇر.

بىر چىۋىننىڭ خاتا ھۆكۇمى بىلەن ئۆزىنى «كاتتا» دەپ بىلگەن. ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ زەررەسىنى قۇياش دەپ قالغان.

ئىنساننىڭ خالى، ھەۋەسلىرى، ئۆزىنى چاغلىماسلىقى ئاخىرى بىرىپ ئاشۇ چىۋىندەك قىلىپ قويۇدۇ.

مانا مۇشۇنداق قۇرۇق چۈشەنچىلەر، قۇرۇق ئىتتىقاتلار ئىنساننى ھەقنى كۆرمەيدىغان، خاتا ھۆكۇم قىلىدىغان، خاتا تەپەككۇر قىلىدىغان چىۋىنگە ئوخشۇتۇپ قويۇدۇ. ئېشەك سۇدىكى ئۈستىدىكى ساماننىڭ ئەخلەت پارچىسىنى ئۆز تەسەۋۋۇرىدا ئاجايىپ غايىۋى بىر نەرسە دەپ بىلىدۇ.

چىۋىن ئۆز خاتاسىنى تونۇپ، خاتا چۈشەنچىلىرىدىن ۋاز كەچسە، ئۇنىڭ بەختى كېلىپ، ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەتتى. ئەمما، بۇنداق ئىبرەت ئىلىش قابىلىيەت چىۋىندە بولمايدۇ. ئۇنىڭ روھى شەكىلگە لايىقتۇر.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا پانالانغان ئادەم

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋردە، بىر كۈنى ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام كوچىدا بىر كىشىگە شۇنداق قارىغان ئىكەن. ئۇ كىشى شۇنچىلىك قورقۇپ كىتىپ، ئۇدۇل سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادالەت سارىيىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم، يۈزلىرى سارغايغان، لەۋلىرى قۇرغان ھالدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپتۇ. سۇلايمان پادىشاھ ئۇ كىشىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ، نىمە بولغانلىغىنى سوراپتۇ.

ئۇ كىشىئەي ئادالەتلىك پادىشاھىم. يولدا ئەزرائىل ماڭا قايتاقايتا شۇنداق سۈرلۇك ۋە مەنىلىك قاراپ كەتتى» دەپتۇ.

سۇلايمان پادىشاھئۇنداقتا سەن نىمە ئارزۇ بىلەن قىشىمغا كەلدىڭ؟» دەپ سوراپتۇ.

ئۇ كىشى: «ئەي پادىشاھىم مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى دەرھال ئەڭ ئۇزاق جايلاردىن بىرى بولغان ھىندىستانغا يولغا سېلىپ قوي» دەپتۇ.

بۇ كىشىنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان سۇلايمان پادىشاھ دەرھال شامالغا، ئۇ كىشىنى ھىندىستانغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن پەرمان بىرىپتۇ.

ئەرتىسى كۈنى مەجلىستە سۇلايمان پادىشاھ، ئەزرائىلغا قاراپئۇ مۇمىن بەندىگەم قانداق بىر كۆز بىلەن قارىدىڭكى، ئۇنىڭ ئۆز ۋەتەنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولدۇڭ. بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئۇ كىشى شۇنچىلىك قورقۇپ ئۆيجايلىرىنى تاشلاپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغان؟» ئۇ كىشىنىڭ ئۇنداق ھودۇقۇپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بۇنىڭ سىرىنى ئەي تەڭرىنىڭ ئەلچىسى ماڭا ئېيتقىن ! دەپتۇ.

ئەزرائىل مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇمەن ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قارىمىدىم. تەڭرى شاھىتتۇركى ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم. چۈنكى تەڭرى ماڭا ئۇنىڭ روھىنى «ھىندىستاندا ئال» دەپ بۇيرۇق قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ كىشىنى بۇ يەردە كۆرگەندىن كىيىن، قاناتى بولغان تەغدىردىمۇ ھىندىستانغا قانداق بارالايدۇ دەپ ئويلاپ، ھەيرانلىق بىلەن قارىغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھىندىستانغا باردىم ۋە ئۇ يەردە كۆردۇم ھەمدە جانىنى ئالدىم» دەپتۇ.

ئەي ئىنسان سەن دۇنيانىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى مانا مۇشۇنداق دەپ ئويلاپ قىياس قىل. ئاندىن كۆزۈڭنى ئاچ ۋە تەپەككۇر قىل!. زادى كىمدىن قاچىسەن؟ ئەي ئىنسان! ئۆزەڭدىنمۇ؟ بۇ ئىشلارغا بىز نىمە دىگەن چارىسىز ھە! شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ھەققە تەسلىم بول ۋە رازى بول.

رەڭ ۋە نۈر

قىزىل، يېشىل ۋە كۈلرەڭلەرنى يوقۇلۇقتا كۆرمىسەڭ كۆرەلمەيسەن.

سەن رەڭلەرنى كۆرگەنلىگىڭ ئۈچۈن نۈر سەندىن رەڭگە يوشۇرۇنغان بولۇدۇ.

قاراڭغۇ چۇشتىمۇ رەڭلەر تۇتۇلىدۇ. دەل مانا مۇشۇ چاغدا، رەڭنى كۆرسەتكەن نۈر ئىكەنلىگىنى بىلىسەن. نۈر بولمىسا رەڭنى كۆرەلمەيسەن. ئىچىمىزدىكى رەڭلەرمۇ ئەنە ئاشۇنداق بىر نۈرغا مۇختاج.

ئاينىڭ، قۇياشنىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ نۈرى بولسا بىزنىڭ كۆزىمىزگە زاھىر بولغان يورۇقلۇقىدۇر.

ئىنساننىڭ ئىچىدىكى نۇر بولسا بەكمۇ قەدىرلىك بىر نۇرنىڭ ئەكسىدۇر.

كۆزۈڭنىڭ نۈرىنىڭ نۈرى بولسا كۆڭۈلنىڭ نۈرى بولدى؛ كۆز نۇرى كۆڭۈل نۈرىدۇر.

كۆڭۈلنىڭ نۈرىنىڭ نۈرى بولسا ھەقنىڭ نۈرى بولدى. ئۇ ئاقىل ۋە ھىس نۈرىدىن ئايرىمدۇر.

كەچتە نۇر بولمىغانلىغى ئۈچۈن، رەڭلەر كۆرۈلمىدى. بۇ ساڭا نۈرنىڭ يوقلىغىدىن مەلۇم بولدى.

يورۇلۇقنى كۆرۈش ئارقىلىق رەڭ روشەن بولدى. بۇ ساڭا يورۇقلۇقنىڭ بارلىغىدىن روشەن بولدى.

تەڭرى بۇ زىتلىققا ئاساسەن خوشاللىق مەيدانغا كەلسۇن دەپ، غەمقايغۇنى ياراتتى.

ھەر يوشۇرۇن شەئىيلەر زىتلىق ئارقىلىق ئوتتۇرغا چىقتى. ھەقنىڭ زىتلىقى يوق بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇ كۆرۈنمەيدۇ.

ئاۋال يورۇقلۇق، ئاندىن رەڭ كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئاق ۋە قارا بىربىرىگە زىتتۇر(قارمۇقارشىدۇر)

نۈرنىڭ زىتى ساڭا نۇر بەخش ئەتتى. ماددىكى زىتلىق زىتلىقى ئارقىلق كۆرۈلىدۇ.

ھەق نۇرۇنىڭ زىتى ئۈچۈن بىر مەۋجۇدىيەت يوقتۇر. ئۇنى زىتى بىلەن كۆرۇش ئىمكانى يوقتۇر.

بىزنىڭ ئاقلىمىز ئۇنىنغا يەتمەيدۇ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ سىرلارىمىزنى، پۈتۈن ئەھۋالىمىزنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top