You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » دائۇدېت – بالا جاسۇس

دائۇدېت – بالا جاسۇس

دائۇدېت (فىرانسىيە)

تەرجىمىدە: ئەنسەر ئابدۇغېنى

ئۇنىڭ ئىسمى سىتەننى، كىچىك سىتەننى ئىدى.

ئۇ دائىم ئاغرىقچان، تاتىراڭغۇ كۆرۈنىدىغان پارىژلىق بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن؛ دادىسى بولسا بىر كىچىك خەلق مەيدانىنڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ئىدى. ھەممە كىشى ستەننىنىڭ دادىسىنى تونۇيتتى ھەم ھۆرمەتلەيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسكەرلەردەك قوپال سىياقىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان دائىملىق تەبەسسۇمىنى ۋە مېھرىبان خاراكتېرىنى بىلىشەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن: «ئوغۇلچىقىڭنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟» دەپ سوراشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلاتتى.

ئۇ ئوغلى سىتەننىگە تولىمۇ كۆيەتتى!

بەختكە قارشى، پروسسىيەلىكلەرنىڭ پارىژنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ھەممە ئىشلار ئۆزگەردى. سىتەننىنىڭ دادىسىنىڭ خەلق مەيدانى پېچەتلەندى، ھەممە ياشانغان كىشىلەر ئۇرۇش مەزگىلىدە سىرتنىڭ ۋەزىيتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇرلاندى. كىچىك سىتەننى ئۈچۈن بولسا، بۇ قورشاۋغا ئېلىنىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئىش ھېسابلىناتتى . مەكتەپمۇ يوق! دەرسمۇ يوق! كۈندە تەتىل، كوچىلار بولسا پىت بازىرى بولغان ئىدى.

سىتەننى كەچ بولغۇچە سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرەتتى. قىمار ئويۇنىنى كۆرۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ قىزىقارلىق بىر ئىش ئىدى. ئۇ ئوينىمايتتى، چۈنكى بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن كۆپ پۇل كېتەتتى. باشقىلارنىڭ ئوينىغىنىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىلا ئۇنى كۆپ خۇشال قىلاتتى.

كىچىك سىتەننى بولۇپمۇ بىر قېتىمدىلا بەش فرانىك تىككەن، كۆك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئېگىز بويلۇق ياش بالىغا بەك ھەۋەس قىلاتتى. ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى تەڭگە پۇللارنىڭ جىرىڭشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بىر كۈنى، ھېلىقى ئېگىز بويلۇق ياش بالا سىتەننىگە:

– بۇ پۇللارنى كۆردۈڭمۇ؟ ھە،.. ئەگەر خالىساڭ مەن بۇ پۇللارنى نەدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرىمەن.- دېدى.

ئۇ قارشى تەرەپتىكى دۈشمەن پىرۇسسىيەلىكلەرگە گېزىت سېتىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. دەسلىپىدە، كىچىك سىتەننى ئاچچىقلاندى ۋە رەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۈچ كۈن بۇ قىمار ئ‍ويۇنىدىن يىراق تۇردى. بىراق قايمۇقتۇرۇش يەنىلا غالىب كەلدى. تۆتىنجى كۈنى ئۇ يەنە ئويۇنغا قايتىپ باردى ۋە ياش بالىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدى.

ئۇلار گېزىتلەرنى كۆڭلىكىنىڭ ئىچىگە تىقىپ، سومكلىرىنى مۈرىلىرىگە ئېسىشىپ، بىر قارلىق سەھەردە يولغا چىقتى. ياش بالا كىچىك سىتەننىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ماڭدى.

بۇ ئېگىز ياش شېرىك فىرانسىيە كۈزەتچىلىرىنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئېتىزلىقتىكى كىچىك چىغىر يولدىن ماڭدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار فىرانسىيە مەرگەنلەر قاراۋۇلخانىسىنىڭ بىر چارلاش ئەترىتىگە يولۇقۇپ قالدى ۋە ئۆتۈشكە يول قويۇلمىدى. كىچىك سىتەننىنىڭ دادىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر ياشانغان سېرژانت قاراۋۇلخانىدىن چىقىپ كەلدى ۋە ئ‍ۇلارنى ئىچىگە كىرىپ ئىسسىنىۋېلىشقا چاقىردى.

كىچىك سىتەننىنى خىجىلچىلىقتىن تىترەك باستى. قاراۋۇلخانىدا بىر نەچچە ئەسكەرلەر ئوت يالقۇنىنىڭ ئەتراپىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشاتتى. بىر ئوفىتسېر ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى ۋە بىر نېمىلەرنى دەپ سېژانتنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.

-يىگىتلەر!- دېدى سېرژانت خۇشال ھالدا.

-بۈگۈن كەچ ئۇرۇش بولىدۇ. ئىشەنچىم كامىلكى، بۇ قېتىم بىز چوقۇم بولگىت كەنتىنى قايتۇرۇپ ئالىمىز.

قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈلدى. فىرانسىيە مەرگەنلىرى خۇشاللىقىدىن مىلتىقلىرىنى ئېگىز پىلاڭلىتىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇلغا چۈشۈشتى. بالىلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىڭ قاراۋۇلخانىدىن يېنىپ چىقىشتى.

«قايتىپ كېتەيلى، بارمايلى» كىچىك سىتەننى قايتا-قايتا شۇنداق تەكرارلايتتى.

ئېگىز ياش شېرىكى مۈرىسىنى قىسىپ قوياتتى ۋە قەدىمىنى داۋاملاشتۇراتتى. ئۇلار ئاخىرى دۈشمەن رۇسىيەلىكلەرنىڭ گازارمىسىغا يېتىپ كەلدى. گازارمىدا دۈشمەن ئەسكەرلىرى يەپ-ئىچىپ ناخشا ئېيتىپ، قارتا ئوينىشىۋاتاتتى. ئۇلار گازارمىغا كىرىشى بىلەن ئەسكەرلەر ئۇلارنى قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈشۈپ قارشى ئالدى. ئۇلار گېزىتلىرىنى كۆرسەتتى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن پاراڭلاشتى. ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى مەغرۇر قىياپەتتە تۇراتتى. شۇنداق تۇرسىمۇ ئېگىز ياش يىگىت  فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنى مازاق قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق ھەم تېتىقسىز گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنى كۈلدۈرەتتى. ئەسكەرلەر بولسا ئۇنى مازاق قىلىشاتتى.  كىيىن ئېگىز يىگىت ئاۋازىنى تۆۋەن قىلىپ پىرۇسسىيەنىڭ دۈشمەن ئوفىتسېرلىرىنى فىرانسىيە مەرگەنلىرىنىڭ مەخپىي ھۇجۇم پىلانىدىن ئاگاھلاندۇردى.

كىچىك ستەننى ئاچچىقىدا سەكرەپ تۇرۇپ:

-ياق! بۇ خاتا!- دەپ ۋارقىرىدى.

بىراق ئېگىز يىگىت ئۇنىڭغا پەقەتلا بىر كۈلۈپ قويدى. ئوفىتسېرلار ئۇلارنى كېتىشكە بۇيرىدى ۋە دەرھال بىر يەرگە يىغىلىپ گېرمان تىلىدا بۇ ھەرىكەت توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىشكە باشلىدى.

ئېگىز بالا پۇللىرىنى جاراڭلىتىپ خۇددى بەگزادىلەردەك مەغرۇر چىقىپ كەلدى. سىتەننى خىجىل بولۇپ يىغلامسىرىغان ھالدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئۇنىڭغا ئەرگىشىپ ماڭدى.

گازارمىدىن ئايرىلىش بىلەنلا ئۇلار تېزلا شەھەرگە قايتتى. ئۇلار كېچىلىك ھۇجۇم پىلانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان فىرانسىيە مەرگەنلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. بالىلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ھېلىقى ياشانغان سېرژانت ئۇلارنى تونۇدى ۋە ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى.

ئاھ! بۇ كۈلكە سىتەننىنى قانچىلىك ئازابلىدى ھە!

بىر پەستىن كىيىن كىچىك سىتەننى «ئۇ يەرگە بارماڭلار، بىز سىلەرگە ئاسىيلىق قىلدۇق» دەپ توۋلاشقا تەمشىلىۋىدى، ئېگىز يىگىت ئۇنىڭغا:

– ئەگەر سەن بۇنى ئېيتساڭ، ئۇلار سېنى ئېتىۋېتىدۇ.- دېدى.

سىتەننى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقتى.

ئۇلار پۇلنى تەقسىملەشتى، كىچىك سىتەننىنىڭ كۆڭلى سەل ئارام تاپقاندەك بولدى. بىراق ئۇ يالغۇز قالغىنىدا بولسا، خۇددى ئۆزىنى بىر ئاسىي ئىشپىيوندەك ھېس قىلدى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، دەرھال پۇللىرىنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويدى.

شۇ كۈنى كەچتە سىتەنىنىڭ دادىسى ئۆيگە خۇشال قايتىپ كەلدى. ھۇجۇم قىلىش پىلانلانغان جايلاردىن تاپشۇرۇپ ئالغان خەۋەرلەردە: ئەھۋاللار قارىماققا ناھايىتى ياخشى ئىدى.

سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلانغىلى تۇردى.

-ئۇلار بولگىت كەنتىدە ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.- دېدى سىتەنىنىڭ دادىسى.

كىچىك سىتەنىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ كارىۋاتقا بېرىپ ياتتى، ئەمما كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى. توپ-توپ زەمبىرەكنىڭ ئاۋازى داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مەرگەنلەرنىڭ قاراڭغۇلۇققا يېتىپ كەلگىنىدە، ئېنىقلا پىستىرمىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئويلىدى. ئۇ ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىغان ھېلىقى سېرژانتنىڭ ئاپئاق قار ئۈستىدە ئۆلۈك ھالدا ياتقىنىنى خىيالىدىن كەچۈردى. مەرگەنلەرنىڭ قېنىغا مىلانغان پۇللار ئۇنىڭ، يەنى كىچىك سىتەنىنىڭ-بىر ئەسكەرنىڭ ئوغلىنىڭ ياستۇقى ئاستىدا ئىدى. سىتەننى بۇلارنى ئويلاپ يىغلاشقا باشلىدى.

-ساڭا نېمە بولدى؟- دادا سىتەننىنىڭ ھۇجۇرىسىغا كىرىپلا ئۇنىڭدىن سورىدى.

سىتەننى ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمىدى، ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ، ئۆزىنى دادىسىنىڭ ئايىقىغا ئاتتى. كۈمۈش تەڭگىلەر پول ئۈستىگە چېچىلىپ چۈشتى.

-بۇلار نېمە؟ سەن ئوغرىلىق قىلدىڭمۇ؟- دېدى سىتەننىنىڭ دادىسى.

كىچىك سىتەننى ئۆزىنىڭ پىرۇسسىيە گازارمىسىغا بارغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى دادىسىغا ئېيتىپ بەردى.

سىتەننىنىڭ دادىسى دەھشەتلىك بىر چىرايدا ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. ئوغلىنىڭ سۆزلىرى تۈگىگەندە، ئۇ قوللىرى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

-دادا، دادا؟- دېدى سىتەننى.

دادا ھېچبىر جاۋاب قايتۇرماستىن سىتەننىنى ئىتتىرىپ پۇللارنى تەردى.

-ھەممىسى مۇشۇمۇ؟- دەپ سورىدى دادا.

سىتەننى بېشىنى لىڭشىتتى. دادا مىلتىقىنى ۋە ئوق قۇتۇسىنى ئالدى. تەڭگىلەرنى يانچۇقىغا سالغاچ:

– بولىدۇ، مەن بۇلارنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرەي- دېدى.

ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويماي، بىرەر ئېغىز سۆزمۇ قىلماستىن سىرتقا چىقتى ۋە قاراڭغۇلۇققا قاراپ يۈرۈش قىلىپ كېتىپ بارغان فىرانسىيە قوشۇنىغا قېتىلدى. ئۇ شۇنىڭدىن كىيىن قايتا كۆرۈنمىدى.

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top