You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم پەرقلەر

شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم پەرقلەر

ئەليۈكسەل

يېقىندا تور ئىسمى «mikraskup» دەپ ئاتىلىدىغان بىر توردىشىمىز مېنىڭ بىر يازمامنىڭ ئاستىغا مۇنداق بىر ئىلتىماسنى يېزىپتۇ: « ئەليۈكسەل ئەپەندىم، سىز غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىگە قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭچە ھەرقايسىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكلىرى بار؟»

ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىك مۇتلەق بولمايدۇ. يەنى، بىر قىسىم كىشىلەر «كەمچىلىك» دەپ قارىغان نەرسىلەرنى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر «ئارتۇقچىلىق»، دەپ قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئوخشىمىغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، پىكىرنى ئەڭ ياخشىسى ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ئۈستىدە يۈرگۈزگەن ياخشى.

ئۇنىڭدىن باشقا، «غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر» دېگەن تېما بىر ئىنتايىن كەڭ تېما بولۇپ، بىر پارچە ماقالىنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق كەڭ مەزمۇنلارنى تولۇق بايان قىلىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. مەسىلەن، ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر ئىككىسى «غەرب ئەللىرى» گە كىرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىدە خېلى زور پەرقلەر بار. شۇنداق بولغاچقا مەن مەزكۇر ماقالىدە غەرب ئەللىرى بىلەن شەرق ئەللىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بەزى پەرقلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. يەنى، مەزكۇر يازما ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلار بىر مۇكەممەل تىزىملىك بويىچە بولمايدۇ. ئۇ پەقەت مەن بۇ قېتىم ئىزدىنىش جەريانىدا توپلىغان مەزمۇنلار ئاساسىدىكى غەرب ۋە شەرق ئەللىرى مەدەنىيەتلىرىنىڭ قىسمەن پەرقلىرىدىن ئىبارەتلا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى بايانلاردا ئومۇمىيلىق كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكۈملەر ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئەمەس. يەنى، تۆۋەندىكى باھالارنىڭ ئىچىگە كىرمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ تېپىلىدىغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇلار قىسمەنلىككە كىرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئادەتتە «شەرق» دېگىنىمىزدە ئۇ ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، «غەرب» دېگىنىمىز بولسا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. لىدېرلارنىڭ سالاھىيىتى

شەرقتە لىدېرلار ئەڭ يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، بەزىدە ئۇلار ئۆزلىرىنى بىر ئىلاھىي ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ. غەربتە ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى كۆپ تەكىتلىنىپ، لىدېرلار بارلىق ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى، دەپ ھېسابلىنىدۇ. بىر لىدېر ئۆزىنى ئاممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالمايدۇ. شەرقتە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي دەرىجە تۈزۈمى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىلغان ۋېرتىكال (vertical) بولىدۇ. غەربتە بولسا ئوڭدىن سولغا ياكى سولدىن ئوڭغا قارىتىلغان گورىزونتال (horizontal) بولىدۇ.

2. كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر

شەرقتىكى كىشىلەر ئائىلىنى مەركەز قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، بىر جۈپ قىز-يىگىت توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا شەرقتە توي قىلىدىغان قىز ياكى يىگىتنى ئاتا-ئانىسى تاللاپ بېرىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ خېلى كەڭرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. غەربلىكلەر ئۆزىنى ئائىلىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئائىت ئىشلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىلىرىنى ھەر بىر ئادەم ئۆزى بېكىتىدۇ. يەنى، شەرقتە كوللېكتىپلىق تەكىتلىنىدۇ، غەربتە بولسا ئىندىۋىدۇئاللىق تەكىتلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ پەرقلەرنىڭ بىرى.

3. ساياھەت ۋە تەتىل قىلىش

غەربلىكلەر ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ساياھەت قىلىش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. غەربلىكلەر داۋاملىق بىر قېتىملىق ساياھەتنى تۈگىتىپلا، يەنە كېلەر قېتىملىق ساياھەتكە تەقەززا بولۇپ تۇرىدۇ. شەرقتىكىلەرمۇ بايراملارنى چوڭ بىلىدۇ. ئەمما خىزمەتنى توختىتىپ قويۇپ دەم ئېلىش خىزمەت ئورنىنىڭ رۇخسىتىگە، ھەر بىر ئادەمنىڭ مىجەزىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىغا باغلىق بولىدۇ. شەرقتىكىلەر خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندە بىر قېتىم بىر قانچە ھەپتە ئىشتىن سوراپ دەم ئالىدۇ. ئەمما غەربتىكى ئەھۋال ئۇنىڭ بىلەن قەتئىيلا ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ھازىر ياۋروپادا خىزمەتچىلەرگە نورمال مائاش تارقىتىشتىن باشقا يەنە مەخسۇس «تەتىل قىلىپ ساياھەت قىلىش مائاشى» دېگەن قوشۇمچە مائاشمۇ بېرىدىغان دۆلەتلەرمۇ بار ئىكەن. غەربتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بايراملاردىن باشقا، خىزمەتچىلىرىگە ھەر بىر يىلدا مەخسۇس 4 – 5 ھەپتىلىك تەتىللىك دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىدىغان بولۇپ، تەتىل ۋاقتىنى قاچان ئىشلىتىشنى ھەر بىر خىزمەتچى ئۆزى قارار قىلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ تەتىل ۋاقتىغىمۇ مائاش بېرىلىدۇ.

4. شەخسىيلەرنىڭ قىممىتى

غەربتە شەخسىيلەرنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، شەرقتە بولسا كوللېكتىپ ۋە ئائىلىلەرنىڭ قىممىتى شەخسلەرنىڭ قىممىتىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئادەتنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار. ئەمما، شەرقتە بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىكى بىر قىسىم مۇھىم قارارلارنى شۇ كىشى ئۆزى چىقىرالماي، ئۇلارنى ئائىلىسى ياكى كوللېكتىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئالىي مەكتەپ كەسپى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت تەقسىماتى قاتارلىقلار. ئەمما بۇ ئىشلار غەربتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس.

5. ئىلاھىيەتلىك

شەرقتىكى بىر قىسىم ئەللەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى دىنغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. گەرچە دىن غەرب ئەللىرىدە ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ شەرقتىكى بىر قىسىم ئەللەرگە ئوخشاش كۈچلۈك ئەمەس. ئۇنىڭ ئەكسىچە، شەرقتىكى جۇڭگوغا ئوخشاش بىر قىسىم ئەللەردىكى خەنزۇلارغا ئوخشاش مىللەتلەر ئاساسەن دىنسىز ياشايدۇ.

6. مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بېرىش

ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بېرىش ئۇقۇمى پەقەت غەرب مەدەنىيىتىدىلا ھەقىقىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، شەرقتە ئۇ «ئەگەر» ۋە «ئەمما» بىلەن بىللە كېلىدۇ. ياكى بولمىسا باشقا شەرتلەر بىلەن باغلانغان بولىدۇ. شەرقتە بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىشلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن باغلانغان بولغاچقا، ئۇ ئادەم ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىل ئادەم بولالمايدۇ. غەربتە بالىلار مەلۇم بىر ياشقا كەلگەندە، مەسىلەن 18 ياشقا كىرگەندە، ئۆيدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ بىر نورمال ئەھۋال. ئەمما بۇ ئىش شەرقتىكى بىر قىسىم ئائىلىلەردە «ئۆيدىن يۈز ئۆرۈش» دەپ قارىلىدۇ.

7. ئاياللارنىڭ ئورنى

شەرقتە ئاياللار بالىسى ئۈچۈن كەسپىي ھاياتى ۋە خىزمىتىنى قۇربان قىلىپ، بالىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال غەربتە مەۋجۇت ئەمەس. غەربتە مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە قارار ئېلىش ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. مەسىلەن، قاچان توي قىلىش، بالا ئېلىش-ئالماسلىق ۋە قاچان بالا ئېلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاياللار ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ. شەرقتىكى ئاياللار ئاشۇنداق ھوقۇققا ئېرىشمەكچى بولسا قاتتىق كۈرەش قىلمىسا بولمايدۇ. شۇنداق قىلغاندىمۇ ئۇنداق ھوقۇققا ئېرىشەلىشى ناتايىن.

8. تۈزلۈك

بىر قىسىم تېمىلار ئۈستىدە سۆزلەشكەندە غەربلىكلەر ناھايىتى ئوچۇق ۋە تۈز كېلىدۇ. مەسىلەن، بالىلىق بولۇش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۈستىدە سۆزلىشىش غەربتە بىر ئادەتتىكى ئىش. ئەمما شەرقتە ئۇ بىر يامان كۆرىدىغان ئىش. شۇڭلاشقا جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدىكى مەكتەپ تەربىيىسى غەربتە ناھايىتى نورمال ئىشتەكلا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شەرقتە بولسا كۆپلىگەن چەكلىمە ۋە توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقتىكىلەر بىر مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان پىكىردە بولۇپ، يۈزمۇ-يۈز تۇتۇشۇشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئەمما غەربلىكلەر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈزۈت قىلماي ئۇتتۇرلا ئاتلىنىدۇ.

9. پوزىتسىيە

پوزىتسىيە مەسىلىسىدە، غەربلىكلەرنى ئانالىز قىلىشقا ۋە ئىنچىكە تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە ماھىر كېلىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇلار زېھنىنى ئالدىدىكى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پايدا-زىيانلارنى مۇكەممەل تەھلىل قىلغان ئاساستا بىرەر قارارنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ. شەرقلىقلەر بولسا بىر مەسىلە ئۈستىدە گەپ بولغاندا ئومۇمىي جەھەتتىن پىكىر قىلىدۇ، ھەمدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىر ئورتاق قوبۇل قىلىنغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

10. تونۇشتىكى ئۆزگەرمەسلىك

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شەرقلىقلەرنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ۋە كۆز-قاراشلىرى ئۆزگەرمەس كېلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن مىڭ يىللاپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىدىيىلەر ھەقىقەت سانىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاشۇنداق ئىدىيىلەرنىڭ ئاساسلىرىنىڭ ھازىرقى زاماندا پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقىغا پىسەنت قىلمايدۇ. ئەمما غەربلىكلەر مەسىلىلەرگە بىر راتسىئونال نۇقتىدىن قاراپ، قارار چىقىرىش ۋە ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتا ھېسسىياتقا تايانمايدۇ.

11. يېمەكلىك

ئادەتتە غەربلىكلەر پىشلاق ياكى ئىرىمچىك (cheese) نى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. كۆپىنچە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم پىشلاق ئىشلەپ چىقىرىش سانائىتى بار بولۇپ، پىشلاق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك يەرلىك تۈس ئالغان بولىدۇ. سۈت فېرمىسى سانائىتى غەربتە ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، شەرقنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلار بىلەن زادىلا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. غەربنىڭ تاماقلىرى ئىچىدىمۇ پىشلاقنى خۇرۇچنىڭ بىر قىسمى قىلىدىغانلىرى ئىنتايىن كۆپ.

ئاسىيالىقلار گۈرۈچنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە غەربلىكلەرنى ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

غەربلىكلەر ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تاماقلارنى ناھايىتى تېز يەيدۇ، چۈشلۈك تاماقنى كومپيۇتېردا ئىشلەۋېتىپمۇ يەۋېرىدۇ. پەقەت كەچلىك غىزانىلا باشقىلار بىلەن بىللە بىر رەسمىي تاماق ئۈستىلىدە يەيدۇ. ئاسىيالىقلار بولسا ھەر كۈندىكى 3 ۋاق تاماقنىڭ ھەممىسىنى باشقىلار بىلەن بىر ئۈستەلگە يىغىلىپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

12. باشقا پەرقلەر

غەربلىكلەر بىلەن ئاسىيالىقلار ئوتتۇرىسىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك پەرقلەر بار:

–تەۋەككۈلچىلىك: ئاسىيالىقلار تەۋەككۈلچىلىكتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ، ئەمما غەربلىكلەر بولسا قاراملىق قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ.

–دوستلۇق: ئاسىيالىقلار دوست تۇتقاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتنى چىقىش قىلىدۇ، غەربلىكلەر بولسا دوستنىمۇ تېز تۇتۇپ، دوستلۇقنىمۇ تېز ئۈزىدۇ. غەربلىكلەر باشقىلار بىلەن رەسمىي دوست بولماي، ناھايىتى قاتتىق دوست بولۇپ كەتمەي، ئادەتتىكى تونۇشلاردىن بولۇپ ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋە باشقىلارغا دوستانە ۋە كەسپىي ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاسىيالىقلار بولسا باشقىلار بىلەن كۈچلۈك روھىي باغلىنىش ئورنىتىشنى ۋە دوستلۇقنى بىر ئۆمۈر ساقلاشنى ئىستەيدۇ.

–پىكىر قىلىش: ئاسىيالىقلار باشقىلارنى ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن توسىدۇ، غەربلىكلەر بولسا كىشىلەرنى شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

–ئادەتتىكى ھېسسىيات: غەربلىكلەر خۇشاللىق ۋە قايغۇ-ھەسرەتكە ئوخشاش ھەر خىل روھىي كەيپىياتنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەشكە ئامراق كېلىدۇ. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندىمۇ ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇلار خاپا بولغاندا قىلچە ئىككىلەنمەيلا گەپنى ئۇتتۇر قىلىۋېرىدۇ. ئاسىيالىقلار بولسا ھېسسىياتىنى ئاشكارىلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىمۇ ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى باشقىلاردىن يوشۇرىدۇ.

–كوللېكتىپ ئىش-ھەرىكەت: غەربلىكلەر ئىجتىمائىي يىغىلىش ۋە رېستورانلاردا باشقىلارغا يۇمشاق ۋە تۆۋەن ئاۋاز بىلەن سۆزلەيدۇ. بىللە بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئازراق بولىدۇ. ئاسىيالىقلار بىر يەرگە كەلسە باشقىلارنى ئويلاپ قويماي، ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ توپلىشىپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشى رېستوران ۋە ئىجتىمائىي يىغىلىشلاردا كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ.

— ساداقەتلىك: غەربلىكلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭ ۋە باشقا شەخسلەرنىڭ مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. ئاسىيالىقلار ئۈچۈن كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، تونۇش، تۇغقان ۋە باشقا ئادەملەرنى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ.

–بايرام: غەربلىكلەر بايرام كۈنلىرى ۋە شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىنى «ھەممە ئىشلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇش كۈنلىرى» دەپ ھېسابلاپ، ئۇ كۈنلەردە ئائىلە بويىچە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئارام ئالىدۇ. ياكى بولمىسا ئۇ كۈنلەرنى بىر قانچە يېقىن دوستلىرى ياكى تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدۇ. ئاسىيالىقلار ئۈچۈن سودا سارىيى ۋە چوڭ ئىجتىمائىي يىغىلىشقا ئوخشاش ۋاراڭ-چۇرۇڭ قاپلىغان ۋە قىستا-قىستاڭلىققا تولغان جايلار بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى سورۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

–ئۆچىرەتتە تۇرۇش: ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم پۇل تۆلەش ياكى ياردەم سوراشتەك مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەندە غەربلىكلەر تەبىئىي ھالدا بىر قۇر ئۆچىرەت بولۇپ تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئەگەر ئاسىيالىقلار «مېنىڭ ئىشىم ناھايىتى تېزلا تۈگەيدۇ» دەپ ئويلىسا، ياكى قارشى تەرەپتىكى ئادەمدىن بىرەرسىنى تونۇسا، ھەرگىزمۇ ئۆچىرەتتە تۇرۇشنى بىر خىل مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرمەيدۇ.

–خىزمەت ئورنى: غەربلىكلەر ئۈچۈن خىزمەت ئورنىدىكى ھەممە كىشىلەر بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىش ئەمەس. شۇڭا ئۇلار پەقەت ئۆزى بىلەن چىقىشالايدىغان بىر قانچە خىزمەتداشلىرى بىلەنلا چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، قالغانلار بىلەن ناھايىتى يۇقىرى كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن نورمال ئۆتىدۇ. ئاسىيالىقلار بولسا بارلىق ساۋاقداشلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن چوڭقۇر روھىي باغلىنىش ئورنىتىپ، ئۇ مۇناسىۋەتنى بىر ئۆمۈر ساقلاشقا تىرىشىدۇ.

–چەت ئەللىكلەر: غەربلىكلەر ئۆز دۆلىتىگە كەلگەن چەت ئەللىكلەردىن ھەممە جەھەتتە ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشىنى ئىستەيدۇ. ئاسىيالىقلار بولسا چەت ئەللىكلەرگە بىر خىل قىممەتلىك مېھمان قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلاردىن يەرلىك قائىدە-ئادەتلەرگە بويسۇنۇشنى ئىستىمەيدۇ. چەت ئەللىكلەرنى ئاساسەن ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىدۇ.

–بالىلار: غەربلىك ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن چوڭ بولغان ھامان ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ، ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئاسىيالىق ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنى بىر ئۆمۈر يۆلەيدۇ.

–ئاتا-ئانىلار: غەربتىكى ئاتا-ئانىلار چوڭ بولغان بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي، بالىلىرىغا پەقەت ئۆزلۈكىدىن ئالدىغا كەلگەندىلا ئاندىن مەسلىھەت بېرىدۇ. قېرىغاندا بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ. ئاسىيالىق ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىغا بىر ئۆمۈر يېتەكچىلىك قىلىشنى ناھايىتى مۇھىم ئىش، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنى بالىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى بىر مۇھىم ئامىل، دەپ قارايدۇ. ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بالىلىرىدىن قېرىغاندا ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

–ياشانغانلار: غەربلىكلەر چوڭلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆز ئېھتىياجىدىن ئۆزى چىقىشنى، ھەرگىزمۇ باشقا ئائىلە ئەزالىرى ياكى دوستلىرى ئۈچۈن بىر خىل يۈك بولۇپ قالماسلىقنى ئىستەيدۇ. ئاسىيالىقلار چوڭلاردىن خەۋەر ئېلىشقا رازى بولىدۇ، ۋە ياشانغاندا بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى بېقىشنىمۇ ئىستەيدۇ.

–يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇش: غەربلىكلەر بىر ناتونۇش ئادەمنى ئۇچراتقاندا، ئۇنىڭ بىلەن ئازراق پاراڭلىشىپ قويۇش ۋە باشقىلارغا يول بېرىشنى بىر ناھايىتى مۇھىم ئەدەپ-قائىدە، دەپ ھېسابلايدۇ. ئاسىيالىقلار قىستا-قىستاڭ مۇھىتتا ياشاپ كۆنۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم ئۇچرىتىدىغان كىشىلەرگە ئانچە ئېتىۋار بېرىپ ياكى كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ.

مەنبە:  باغداش مۇنبىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top