You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇرداخۇن ئاكا

ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇرداخۇن ئاكا

 (مەشھۇر مۇقامچى تۇردى ئاخۇن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن)

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن

نۇرمۇھەممەت دۆلەت

ئۆتكەن يىلى (1980-يىلى) 11-ئايدا ئېچىلغان جۇڭگۇ ئەدەبىيات- سەنئەتچىلىرىنىڭ 4- قۇرۇلتىيىدا يولداش جۇياڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنى «مىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن شەرق مۇزىكا تارىخىدىكى غايەت زور بايلىق» دەپ ناھايىتى توغرا باھالىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە ھاياتىنى ھەممە تەرەپلىمە مۇزىلىق تىل بىلەن ئىپادىلىگەن چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكا قامۇسى بولغان ئون ئىككى مۇقام ئۆز بېشىدىن تولىمۇ ئۇزاق تارىخنى بېسىپ ئۆتكەن. بىز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2- ئەسىردىلا «مۇقدۇر» مۇقامىنىڭ بولغانلىقىنى، بۇ مۇقامنىڭ ھازىرقى قۇمۇل مۇقاملىرىدىكى «ئۇلۇقدۇر» مۇقامىنىڭ قەدىمىي تارىخىي شەكلى ئىكەنلىكىنى («جىننامە» 25-جىلد ‹مۇزىكا تەزكىرىسى›، «كىيىنكى خەننامە» ‹بەنچاۋ تەزكىرىسى›، «شەرھى تارىخنامە»گە قارالسۇن.) مىلادىدىن كىيىنكى 4- ئەسىردە ۋىدۇساكا ناملىق كۇچار مۇقامى ئۇستىسى بولغانلىقىنى (تۇماسنىڭ «تۇخار تىلى دەرسلىكى»دە مىسال كەلتۈرۈلگەن «ئارنىمى جاتاكا» ھىكايىسىگە قارالسۇن.)، كۇچار مۇقامچىلىقىنىڭ شۇ چاغلاردا بەرپا بولۇشقا باشلىغان قىزىل، قۇمتۇر مىڭ ئۆي غار نەقىشلىرىدە سۈرەتلەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. كىيىنكى جۇ خانلىقى دەۋرىدە چاڭئەنگە كەلگەن ئاتاقلىق كۈيشۇناس سۇجۇپ كۇچار مۇزىكىچىلىقىنىڭ بىر زامان مۇزىكا مۇنبىرىنى ئاۋات قىلغان ماھىرى بولغان بولسا، سۇي سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاقارىماندا (بەيمىندا) كۇچار كۇيشۇناسلىقىنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ۋەكىلى بولدى.

ئوتتۇرا ئەسىر شەرق مەدەنىيىتىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۇچار كۈيشۇناسلىقى ئەنئەنىسى ئاساسىدا ئۇيغۇر مۇقامچىلىقى تېخىمۇ گۈللەپ خۇشپۇراق چاچتى. تاڭ دەۋرىدىكى 10 قىسىملىق مۇزىكا سېستىمىسىدا 6 قىسىمنى ئىگەللىگەن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكىلىرى يەنىلا كۇچار تېمپىرامىنتولوگىيىلىك (رېتىم) قانۇنىيىتى ۋە نەغمە ئۇسلوبىنى ئاساس قىلاتتى. تاڭ دەۋرىدىكى «چوڭ نەغمە»لەر دەل ئۇيغۇر خەلق مۇقامچىلىقىنىڭ كۈي (مۇزىكا)، ئەن (ناخشا)، جەۋلان (ئۇسۇل)دىن ئىبارەت ئىزچىل تارىخىي ئەنئەنىسىنى ئىپادىلىدى («مۇزىكا مۇئەسسەسىنىڭ نەزمە توپلىمى»دا كۈي ‹›، ئەن ‹›، جەۋلان ‹› ھەرىپلىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن). كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشۇلغان قىممەتلىك تۆھپە ھېساپلانغان ئۇيغۇر مۇقاملىرى تاڭ (618- 907)، سۇڭ (960- 1279) دەۋرىلىرىدە ئىچكى ئۆلكىلەرگە ۋە چەتئەللەرگە تېخىمۇ كۆپرەك تارالدى. «يېڭى تاڭنامە، شىزاڭ تەزكىرىسى»دە كۆرسىتىلىشىچە جۇڭزۇڭ پادىشا جىڭ چىڭ مەلىكىنى شىزاڭغا ياتلىق قىلغاندا كۇچار مۇقاملىرىنى توي سوغىلىرى قاتارىدا ئەۋەتكەن. شۈي جىئارۈي يازغان «دالىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىي» ناملىق كىتابتا ئېيتىلىشىچە، پادىشا شۇەنزۇڭ كەييۈەن (713- 741) دالى يەرلىك ھاكىمى نىيەن جاۋ ۋاڭغا كۇچار نەغمىلىرىنى سوۋغا قىلغان، بەيزۇ خەلقى ئۆزىنىڭ دابىن چۇ ‹› نەغمىلىرىنى ئىشلىگەندە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. راھىپ شەن جۇڭ ئۆزىنىڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدە غەرپكە قىلىنغان ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق كىتابىدا ھىندىستاندىكى كامارۇپۇ مەملىكىتىنىڭ پادىشاسى جۇلام راجانىڭ ئۇنىڭغا «ھىندى ئەللىرىدە ماھاچىنا نەغمىلىرى ئوينىلىدۇ» دېگەنلىكىنى يازغان. ماھاچىنا- ماچىن دەپ ئاتالغان قەدىمكى خوتەننى كۆرسىتەتتى. ياپۇنىيە تارىخچىسى لىن جەنسەن ئۆزىنىڭ «سۈي- تاڭ ئەل نەغمىلىرى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا كۇچار مۇزىكىسىنىڭ چاۋشەن ۋە ياپۇنىيىگە قەدەر يېتىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئىران ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ شەرقىي ئىراننى ئاساسىي تايانچ قىلىپ مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا گۇۋاردىيىسىگە  يۆلەنگەنلىكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكىلىرىنىڭ ئىران مۇزىكىلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرىنى تىزلەتتى. ھارۇن رەشت (786- 809) خەلىپىلىك ئۈستىدە تۇرغان چاغلاردا زالزال ئىران مۇزىكىسىنى ئىسلاھ قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغان. زىراب ياۋرۇپالىقلار تېخى بىلمەيدىغان گۈزەل مىلودىيىلەرنى ئىسپانىيىگە ئېلىپ بارغان (ئەنگىلىيە لوندون داشۈېسىنىڭ شەرقشۇناسى پروفېسور بېرنارد لېۋس نىڭ «تارىختا ئەرەپلەر» ناملىق كىتابىغا قارالسۇن). باغدات ۋە دەمەشقتە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمىي ئەبۇناسىر فارابىنىڭ (870- 950) مۇزىكىغا ئائىت 70 كە يېقىن چوڭ –كىچىك ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ «كىتابەل مۇسىقۇل كەبىر» (مۇزكا ھەققىدىكى چوڭ كىتاب) ناملىق كىتابى ئەينى زاماندا مۇزىكاشۇناسلىقنىڭ كىلاسسىك قوللانمىسىغا ئايلانغان. ئەبەيدۇللا لۇتفى، يۈسۈپ سەككاكى، ئاتايى ۋە ئەلشىر ناۋايى قاتالىق سەنئەت ئەربابلىرى ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىنىڭ مەزمۇنەن يۈكسىلىشىگە زور تۆھپە قوشقان.

ئون ئىككى مۇقام 16- ئەسىردىكى ئابدۇرىشتخان دەۋرىدە قىدىرخان ۋە ئاماننىساخان قاتارلىق مۇقامشۇناسلار تەرىپىدىن تەرتىپكە سېلىندى ۋە ئىسلاھ قىلىندى. بۇ قېتىمقى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئىسلاھ قىلىشتا ئۈچ نوقتا ئاساس قىلىندى. بىرى، 10-، 15- ئەسىرگىچە داۋام قىلغان ۋە ئىنتايىن كەڭ تېرتورىيىگە يېيىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان، بىراق ئۆزلەشمىگەن غەيرى مۇقاملاردىكى ئېلىشاڭغۇلۇققا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى دىئاتونىك (تەبىئىي ئۈن- تەبىئىي ئاھاڭ) خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە قايتا رەتكە سېلىندى؛ ئىككىنچى، «چوڭ نەغمە»، «داستان»، «مەشرەپ»تىن ئىبارەت مۇقام شەكىللىرى ھەرقايسى مۇقاملىق كۈي شەكلى بويىچە يۈرۈشلەشتۈرۈلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ ئۈچىنچىسى، مۇقام مۇزىكىلىرى دىنىي ۋە بىر قەدەر چۈشۈنۈكسىز ئىبارىلەر بىلەن تولغان شېئىرىيەتتىن ئازات قىلىنىپ، ئۆز دەۋرىدە كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋەرلىك رولىنى ئويناۋاتقان ئۇيغۇر تۈرك شېئىرىيىتى بىلەن تېكىستلەشتۈرۈلدى. تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلاپ قالغان ئون ئىككى مۇقام ئەنە شۇ تەرتىپكە سېلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مۇقام ئىدى. 19- ئەسىردىكى مۇقامچىلاردىن قەشقەرلىك ئاكا- ئۇكا ھېلىم، سېلىملار بىلەن مۇھەممەت موللا، يەكەنلىك سېتىۋالدى قاتارلىق پىشقەدەملەر بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇردى. ئەينى زاماندا ئىلىغا يۆتكەلگەن ئالتە شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە مۇھەممەت موللا (1840- 1910) ئون ئىككى مۇقامنى ئەڭ تولۇق بىلىدىغان كۆزگە كۆرۈنگەن مۇقامچى ئىدى. ئۇنىڭ ئىزىنى خۇسۇسەن مۇقام داستانچىلىقى جەھەتتە ھەسەن تەمبۇر، روزى تەمبۇر، ھۈسەيىن تەمبۇر، بارات تەمبۇر، ئابلا تەمبۇر ۋە جامى ئاكا قاتارلىق سازەندىلەر باستى.

قاباھەتلىك كونا جەمىئيەتتە مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ تەقدىرى، بارلىق ئېزىلگۈچى ۋە خارلانغۇچى خەلقنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاشلا، «ئۇشاق مۇقامى»نىڭ بىرىنچى مەشرىپىگە سېلىنغان ناۋايىنىڭ مۇنۇ بېيىتىدە ئېيتىلغاندەك پاجىئە بىلەن تولغان ئىدى:

«ئېچىپ كۆكسۈم شىكابىن ئەيلەسەم كۆڭلۈمگە نە زارە،

ئېرۇر يۈز پارەئىي غەم تېغىدىن مىڭ پارە ھەر پارە. »

بىر زامانلاردا مۇزىكا داستانىنىڭ بۇلبۇلى بولغان مۇقامچىلار چۆل- جەزىرىلەرگە قوغلانغان ئىدى. بۇ ھالەتنى «بايات مۇقامى»نىڭ پەشرۇسىغا سېلىنغان مەشرەپنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ:

«ئىستىگەنلەر بىزنى سەھرايى بالادا ئىستەڭىز،

ۋادىئىي ھىجران بىلەن دەشتى پانادا ئىستەڭىز.»

شىمالى مىللىتارىستلار ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان جاھالەتلىك زامانلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭلىغان يىللاردىن بېرى ئۈزۈلمەي نۇر چېچىپ كەلگەن بۇ سەنئەت چەشمىسى قۇرۇپ كېتىشكە، بۇ مۇزىكىلىق ھايات گۈللىنىشى خانىۋەيران بولۇشقا يۈز تۇتقان ئىدى. شىمالى شىنجاڭدا ئون ئىككى مۇقامنى «چوڭ نەغمە»، «داستان» ۋە «مەشرەپ»لىرى بويىچە تولۇق بىلىدىغان نامايەندە قالمىغان، مۇقام داستانچىلىرى تېپىلسىمۇ بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ناھايىتى ئاز قالغان ئىدى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئەھۋالمۇ شۇنىڭغا يېقىنلىشىپ قالغان. دېمەك ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت ئۇزاق تارىختا شەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان بۇ كىلاسسىك مۇزىكىلىق مىراس ھايات- مامات ھەلقۇمىگە كېلىپ قالغان ئىدى. بۇ پۈتۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان پاجىئەلىك مەنزىرە ئىدى.

شەرق قىزىرىپ، ئازاتلىق تېڭى جىلۋە قىلدى. ئون ئىككى مۇقامنىڭ قەدىمىي ماكانى شىنجاڭ تاڭ نۇرى ۋە باھار ئىللىقلىقىغا چۈمدى. زامان كۈلدى، خەلق كۈلدى. ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ مۇزىكىلىق تەپەككۇر جەۋھىرى بولغان ئون ئىككى مۇقاممۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتى.

ئازاتلىقتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىسىنى توپلاش ۋە رەتلەش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بولدى. 1950- يىلى يازدا قەشقەر ۋالىسى، پىشقەدەم سەنئەت ئەربابى قاسىمجان قەمبىرىنىڭ تۇنشتۇرىشى بىلەن پىشقەدەم مۇقام ئۇستىسى تۇردى ئاخۇن ئاكا ئون ئىككى مۇقامنى سىمغا ئېلىش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئېلىمىزنىڭ مۇزىكا تارىخىدا مەڭگۈ خاتىرىلىنىشكە ئەرزىيدىغان بۇ ئۇلۇغۋار ئىشقا كىرىشتى. 1950- يىلى 8-، 9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدە ئون ئىككى مۇقامنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە سىمغا ئېلىندى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلۇشى ئالدىدىن قىلىنىۋاتقان داغدۇغىلىق خىزمەتلەر ئىچىدە ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىلىرىنى قايتىدىن تەپسىلى لېنتىغا ۋە پىلاستىنكىغا ئېلىش ئىشى ئىشلەندى. بۇ ئىشتا تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئون ئىككى مۇقامنى ساتار چېلىپ ئېيتىپ بېرىشى، ئۇنىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇننىڭ داپ چېلىپ بېرىشى ئاساس قىلىندى. بۇ خىزمەتكە يەنە مەشھۇر داستانچى روزى تەمبۇر، مۇقامشۇناس زىكرى ئەلپەتتا، ئاتاغلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپ، مۇزىكاشۇناس يولداش ۋەن تۇڭشۇلار يېقىندىن قاتناشتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ مۇزىكىلىق ھايات دەرىخى قايتا باھارغا ئېرىشتى. يوقىلىش خەۋىپىگە ئۇچرىغان خەلقنىڭ بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنى مىراسى قۇتقۇزۇلۇپ، سوتىسيالىزىمدىن ئىبارەت يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ خەلقنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنىڭ تارىخى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ئەنە شۇ يەردە.

تۇردى ئاخۇن ئاكا بۇ ئۆچمەس تۆھپىسى ئۈچۈن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن خەلق سازەندىسى. تۇردى ئاخۇن ئاكا ئەسلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1880-يىلى شۇ ناھىيىدە تۇغۇلغان، مۇقامچىلىقنى ئاتا كەسىپ قىلغان. بىراق زۇلمەتلىك كونا جەمئىيەتتە ئۇنىڭ بوۋىلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ دادىسى تەۋەككۇل ئاخۇن غۇربەتچىلىك ۋە خارلىق ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ قەشقەر، يەكەن، خوتەندىن ئىبارەت كونا مۇقام ماكانلىرىدا سەرگەردانلىق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە 50 يىل مۇقامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1952-يىلىدىن باشلاپ يەكەن، قەشقەر سەنئەت ئۆمەكلىرىدە رەسمى مۇقام ئۇستىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى. دادىسى تەۋەككۇل ئاخۇندىنمىراس قالغان «باھارىم چىمەنزارىم» قاتارلىق 30 نەچچە ناخشىنى خەلققە تەقدىم قىلدى. «ھەممە دېھقانلار بىر ئائىلە»، «دوستلۇق» قاتارلىق يېڭى مۇزىكىلار ئىجات قىلىپ يەر ئىسلاھاتى كۈرىشىگە ھەسسە قوشتى. ئۇ يېشى چوڭىيىپ قالغانغا قارىماي، ئۆمۈرلۈك ئىپتىخارى، مىسلىسىز خۇشاللىقى ۋە جاسارىتى بىلەن ئون ئىككى مۇقامنى تولۇق ئېيتىپ، مۇرات- مەقسىدىگە يەتتى. پىشقەدەم خەلق سازەندىسى تۇردى ئاخۇن ئاكا ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ شېرىن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ مۇزىكا بايلىقىنى خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىپ ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى.

ئون ئىككى مۇقام قۇتقۇزۇلۇپ قېلىندى! ئون ئىككى مۇقام نوتىلىرى يولداش ۋەن توڭشۇنىڭ بېرىلىپ ئىشلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇھىم سوۋغا سۈپىتىدە 1965-يىلى مۇزىكا نەشىرياتى ۋە مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىملىق كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىندى. شۇندىن كېيىن ئون ئىككى مۇقام توغرىسىدىكى ئىزلىنىش ۋە تەتقىقات جانلىنىپ كەتتى.

بۇ يىل (1981-يىل) پىشقەدەم  مۇقام ئۇستىسى تۇردى ئاخۇن ئاكانىڭ تۇغۇلغىنىغا بىر ئەسىر توشتى. تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان، ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت خەلقنىڭ بۇ بىر قىممەتلىك تارىخىي مەدىنىي مىراسىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر مۇقامشۇناس، مۇقام سازەندىسى ۋە مۇقامچىلىق ئۇستازى.

ئۇيغۇر خەلق كىلاسسك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتسيالىزىم دەۋرىدە ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، بۈگۈنكى ھالەتكە يەتكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرگىنىمىزدە، مەرھۇم تۇردى ئاخۇن ئاكىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. بىز ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش، تەرتىپكە سېلىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنى كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك سوتىسيالىستىك مەملىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇلۇغۋار يېڭى يۈرۈشكە خىزمەت قىلىدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز لازىم

.

مەنبە: «شىنجاڭ سەنئىتى» 1981-يىل، 1-سان.

تورغا ئۇزاتقۇچى: ھۇما

باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top