ئەرەب مەنبەلىرىدە تۈركلەر

تۈركلەرنىڭ يىلتىزى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەنلىرى
تۈركلەر ماۋەرائۇننەھرى ۋە بىز بۇگۇنكى كۈندە تۈركىستان دەپ ئاتاۋاتقان رايۇنلاردا ياشىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ياشىغان زىمىنى شەرىقتە جۇڭگۇنىڭ شىمالىي ۋە مۇڭغۇلىيە تۆپىلۈكىدىن غەرىپتىكى قەزۋىين دېڭىزىغا، شىمالدا سىبرىيە تۈزلەڭلىكىدىن جەنۇبى پارس ۋە ھىندى ئارالىغىچە سوزۇلغان ئىدى. بۇ چوڭ رايۇندا ھەرقايسى تۈرك قەببىللىرى ياشايتتى ۋە ئۇلار تۈركلەر دەپ تونۇلغان ئىدى. (1)
بۇ قەبىللەر مىلادىيە ئالتىنجى ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدىن باشلاپ ئاستا – ئاستا ئۇزلىرىنىڭ ئەسلى ۋەتىنىدىن كىچىك ئاسىيا تەرەپگە كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشكە باشلىدى. تارىخچىلار ئۇلارنىڭ كۆچۈشىگە تۇرۇتكە بولغان بىر قاتار سەۋەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بەزى تارىخچىلار بۇ كۆچۈشكە ئىقتىسادىي ئامىللار سەۋەپ بولغان دەپ قاراشتى. ئىغىر قۇرغاقچىلىق ۋە نەسىلنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بۇ قەبىللەرنى ئەسلى ۋەتىنىدىن ئوتلاق، سۇ پاراۋان تۇرمۇش ئىزدەپ كۆچۈشىگە سەۋەپ بولدى (2). يەنە بەزى تارىخچىلار ئۇلارنىڭ كۆچۇشىنى سىياسىي سەۋەپكە باغلايدۇ. تۈرك قەبىللىرى سانى جەھەتتە كۆپ ۋە ھەربىي تەرەپتە كۈچلۈك مۇڭغۇل قەبىللىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا جايلارغا كۆچۈشكە ۋە زىمىنىلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدى(3). ئۇلار خاتىرىجەم بىخەتەر تۇرمۇش كەچۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى(4). دوكتۇر ئابدۇللەتىپ ئابدۇللا بىن دەھىش مۇشۇ قاراشنى قوللىغان.
يۇقارىقى قاراشلارنىڭ مەنبەلىرى:
1- اخبار الامراء والملوك السلجوقية
2- قيام الدلة العثمانية
3- كتاب السلوك. احمد المقريزي
4- قيام الدولة العثمانية. الدكتور /عبد اللطيف دهيش
كۆچكەن قەبىللەر غەرىپكە مىڭىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار جەيھۇن دەرياسى ساھىلىغا يىقىن جايغا چۇشكەن ئىدى. بەزى ۋاقىتلاردا تەبرىستان ۋە جۇرجاندىمۇ (1) تۇراتتى. ئۇلار ئىسلام ئىمپىريەسى زىمىنىغا ۋە مۇسۇلمانلار 641-يىلى نىھاۋەندى جىڭى ۋە پارسلار يۇرتىدىكى ساسانىيلار دۆلىتى يىمىرىلگەندىن كىيىنكى زىمىنلارغا يىقىن بولۇپ قالدى.
تۈركلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئۇچرۇششى
642-يىلى ئىسلام قوشۇنلىرى بىلادۇلبابنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى. بۇ جايلاردا تۈركلەر ياشايىتتى. بۇ جايدا ئىسلام قۇشۇنىنىڭ قۇماندانى ئابدۇراھمان ئىبنى رەبىئە تۈرك خاقانى شەھرۇبەراز بىلەن ئۇچراشتى. تۈرك رەھبىرى ئابدۇراھماندىن سۈلھى تەلەپ قىلدى ۋە ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ ئەرمەنىلەرگە قىلغان جازا يۈرۈشىگە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ئابدۇراھمان باش قۇماندان سۇراقەتۇبنى ئەمىرىگە بۇ ئىشلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. سۇراقە شەھرۇبەراز بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مەلۇمات يوللىدى. ئۆمەر سۇراقىنىڭ ئىشىغا مۇۋاپىق كەلدى. شۇنىڭدىن كىيىن سۈلھى تۈزۈلدى. مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر ئارسىدا ھىچقانداق ئۇرۇش بولمىدى. بەلكى ئىككى قوشۇن بىرلىكتە ئەرمەنى يۇرتلىرىنى پەتھى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى (3).
ئىسلام قوشۇنلىرى پارس دۆلىتىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىين، ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن پارسنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئەللەرنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرلىدى. پارسلار ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ بۇ ئەللەرگە ئىلگىرلىشىنى توسقان توساق ئىدى. بۇ توساقنىڭ يوقىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتا پەتىھلىرى نەتىجىسدە، بۇ ئەل خەلىقلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچرۇششىنى چەكلەيدىغان سەۋەپلەر قالمىدى. تۈرۈكلەر پارسلارنىڭ شەرقى شىمالىدىكى مۇشۇ رايۇندا ياشىغۇچى خەلىقلەردىن ئىدى. ئۇلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچرۇشىشلىرى تامام بولدى. تۈركلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى يۇقىرى قىلىش ۋە ئىسلامنى كەڭرى تارقىتىش ئۈچۈن مۇجاھىدلار سېپىگە قېتىلدى(4).
خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئەپپان دەۋرىدە تەبرىستان شەھەرلىرى پەتھى قىلىندى. ئاندىن مۇسۇلمانلار ھىجرىيەنىڭ 31 – يىلى جەيھۇن دەرياسىدىن ئۆتۈپ ماۋىرائۇننەھرى ئەللىرىگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ رايۇندىكى كۆپلىگەن تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە ئىسلامنى قوغدۇغچىلارغا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش ئۇچۇن جىھادقا قاتناشقۇچىلارغا ئايلاندى(5).
يۇقارىقى قاراشلارنىڭ مەنبەلىرى:
1-الكامل فى التاريخ
2-شوقى ابو خليل :نھاوند
3-تاريخ الامم والملوك محمد بن جرير الطبري
4-الدولة العثمانية والشرق العربي.محمد انيس
5-فتوح البلدان. احمد يحى
تۈركلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا دەسلەپكى تەسىرى
ئىسلام قوشۇنلىرى بۇ رايۇنلاردا ئۆزلۈكسىز ھەربىي ھەركەت ئىلىپ باردى. مۇئاۋىيەنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇخارانىڭ پەتھى قىلىنىشى تاماملاندى. غەلبە قىلغان قوشۇن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ھەتتاكى سەمەرقەنىتكە كىرگىچە كېڭەيىتتى. ئابباسىيە دەۋرى يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ماۋەرائوننەھرى رايۇنى ئىسلام ئادالىتى ئاستىغا كىردى. بۇ رايۇندىكى خەلىقلەر ئىسلامى ھازارەت ئاساسىدا ياشىدى (1).
ئابباسىيە خەلىپىلىرى ۋە ئەمىرلىرىنىڭ ئوردا، قەسىرلىرىدە تۈركلەرنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيدى. ئۇلار دۆلەتتىكى مەمۇرى ۋە ھەربىي مەنسەپكە ئېرىششىكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەر ئىچىدىن ئەسكەرلەر، قۇماندانلار ۋە كاتىپلار بار بولدى. ئۇلار يۇقىرى مەنسەپلەرگە ئىرىشكەنگە قەدەر ئىتائەت قىلىش ۋە ئەستايىدىل تىنچ بولۇشنى چىڭ تۇتۇپ كەلدى. مۆئتەسىم تەخىتكە چىققاندىن كىيىن، تۈركلەرنىڭ نوپۇزى تېخىمۇ زورىيىشقا باشلىدى. ئۇلارغا دۆلەتنىڭ چوڭ مەنسەپلىرى تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشالايدىغان بولدى. موئتەسىمنىڭ بۇ سىياسىتى خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدە ئابباسىيە دولىتىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا نوپۇزى كېڭىيىپ كەتكەن پارسلارنىڭ تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى (2).
موئتەسىمنىڭ تۈركلەرگە ئەھمىيەت بىرىشى خەلق ۋە ھەربىيلەرنىڭ نارازلىقىغا سەۋەپ بولدى. موئتەسىم خەلىقنىڭ ئىنتىقام ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ باغداتتىن تەخمىنەن 125 كىلۇمىتىر يىراقلىققا سامراھ شەھرىنى قۇرۇپ، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئەسكەرلەر ۋە ياردەمچىلىرى بىلەن شۇ يەردە تۇردى. تۈركلەرنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى رولى مۇشۇ دەۋىرلەردىن باشلاندى. ھەتتا ئۇلار ئابباسىيە خەلىپىلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان سەلجۇقىيلار دۆلىتى دەپ تونۇلغان چوڭ ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى.
يۇقارىقى قاراشلارنىڭ مەنبەلىرى:
1-خراسان لمحمود شاكر
2-قيام الدولة العثمانية
3-قيام الدولة العثمانية
مەنبە: دوكتۇر مۇھەممە ئەلىنىڭ سەللابى ئوسمانىيە تارىخى ناملىق كىتابى