You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ھەقىقەت – شائېرنىڭ ئېتىقادى

ھەقىقەت – شائېرنىڭ ئېتىقادى

شائىر مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز (سۈزۈك) نىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى توغرىسىدا

ئومەر ئوسمان

«شائىر» دىگەن بۇ نام قەدىمدىن بۇيان ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخاربولۇپ كەلگەن. ھەقىقەتەن «شائىر » دىگەن بۇ مۇقەددەس نامنى ئاڭلىغىنىمىزدا ، جېمىكى ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈشكە قادىر زىمىندەك سالماقلىق، بۇلۇتلارنى ياغلىق قىلىپ يەلپۈتۈپ تۇرغان تاغلاردەك مەغرۇرلۇق، زىلال قەترىلىك بۇژغۇملارنى چاچرىتىپ ئويناقلاپ ئېقىپ تۇرغان دەريادەك جۇشقۇنلۇق، زۇلمەت كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تىنىمسىز سۈرەن سېلىۋاتقان دەريا شاۋقۇنىدەك جەڭگىۋارلىق كۆز ئالدىممىزغا كېلىدۇ.
ئاسمان ئۇپۇق گىرۋىكىدە زىمىننى قانداق سۆيسە، شائىرمۇ ئىنسانىيەتنى، ۋەتەن ۋە مىللەتنى شۇنداق تەنتەنىلىك رەۋىشتە سۆيىدۇ؛ ئىنسانىيەتمۇ ھەم شائىرنى ئۆزىنىڭ بىباھا سۆيگۈسى بىلەن تارتۇقلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي شائىر — ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن تۈۋرۈكى؛ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جىسمى ۋە ئومۇرتقىسى؛ « زاماننىڭ ۋىجدانى ». ھەقىقەت— شائىرنىڭ ئىتىقاتى؛ ئەركىنلىك — شائىرنىڭ مەنزىلى؛ گۈزەل كېلەچەك— شائىرنىڭ غايىسى. شائىر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇ، ھەقىقەت ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلالايدۇ؛ شېئىر شۇنىڭ ئۈچۈن بىباھا گۆھەركى، ئۇ، خەلققە ھەقىقەتنى تونۇتىدۇ ۋەخەلقنى ھەقىقەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. شېئىر — شائىر قەلبىدىكى قايناق ھىسسىياتنىڭ ئەۋجىدىن تۆرەلگەن ھامىلە؛ ئۇنىڭ رىتىمى شائىرنىڭ يۈرەك سوقۇشىدىن تۈزۈلگەن؛ئۇنىڭ ھىسسىيات تەلقىنلىرى شائىر تومۇرىدىكى قايناپ تۇرغان قانلارنىڭ ئەسەبىي دولقۇنلىرىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭدىكى پىكىر شائىرنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدىنىش تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ مىۋىسىدۇر.
بىز 30—40- يىللاردىكى ئۇيغۇر دىمۇكىراتىك ئەدەبىياتىنى يۈكسەك ئىپتىخار بىلەن ئەسكە ئالىدىغان بولساق، خەلقنى زۇلۇم كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئازاتلىق ،ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن بىر قولىدا ئەلەمنى بىر قولىدا قەلەمنى ئوينىتىپ، ھەققانىيەت ئۈچۈن جاننى ئالقانغا ئېلىپ، جەڭگە ئاتلانغان مەمتىلى ئەپىندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي ۋەكىللىكىدىكى بىرئەۋلاد جەڭگىۋار شائىرلىمىزنىڭ نۇرلۇق سىماسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.
ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا پۈتۈن ھاياتىنى ئادالەت يولىغا بىغىشلىغان مەھكۇم ھەقىقەت ئۈچۈن زارلىنىپ، غالىپ ھەقىقەت ئۈچۈن ئاۋام خەلق بىلەن بىللە تەنتەنە قىلغان شېئىرلىرى ئارقىلىق ۋەتەننى، خەلقنى، ئەركىنلىك، ئازاتلىقنى كۈيلىگەن: شېئىرلىرىنى بىر ئۆمۈرئۆز خەلقىنىڭ قايغۇ ھەسرىتى ۋە خۇشاللىقىغا تەڭكەش قىلىپ ئۆتكەن خەلقىمىزنىڭ سادىق ھەم تالانتلىق شائىرى: خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەش قىلغان باتۇر ئەزىمەت: خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مائارىپى ئۈچۈن ھارماي تەر تۆككەن مەرىپەتپەرۋەر زات مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز(سۈزۈك)نى چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئالماي تۇرالمايمىز.
مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز 1920-يىلى چىرىيە ناھىيىسىدە بىر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . يەتتە يېشىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە يەكەنگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ، دەسلەپتە دىنىي مەكتەپتە ساۋاتىنى چىقارغان. 1933-يىلى ئەتىيازدا يەكەندە ئېچىلغان «مەتلەئىل ئىرپان» ناملىق يېڭى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ، بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نادىر نامايەندىلىرىدىن نەۋائى، خىسلەت قەشقەرى، ئۆزبىك كىلاسسىكلىرىدىن فۇرقەت، ھۇۋەيدا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىنى ئۈگىنىپلا قالماي،ئوتتۇرا ئەسىردىكى گۈللەنگەن ئىسلام مەدەنىيتى توغرىسىدا خېلى چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلغان. شۇنداقلا سوۋىت ئۇيغۇر شائىرى ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىلغار دىموكراتىك ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلغان.
1938- يىلى نۇھەممەت ئىمىن توختىنىياز ئوتتۇرا سىنىپنى تاماملاپ، مۇرەككەپ جەمئىيەت بوسوغىسىغا قەدەم قويدى. بۇ مەزگىل شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىموكىراتىك ھەرىكەتلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيتىگە قارشى كۆرىشى خېلىلا يۇقۇرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن دەۋر ئىدى. مۇمەممەتئىمىن توختىنىياز ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ، ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلىپ،(گومىنداڭ جۇنتوڭ مەھكىمىسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي مەسلىھەتچىسى تۇراپبەگ مۇھەممەتئىمىن توختىنىيازنىڭ كۈيۆۋئىنىسى ئىدى.) يەكەن، مەكىت، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلىقچىل دىموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن تۆھپەقوشقان. 1943- يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنىڭغا”مەپكۇرىسى بۇزۇق» ، «قىزىل پاچاق» دىگەن قالپاقلارنى كېيدۈرۈپ، زىيانكەشلىك قىلىپ،ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا داۋاملىق خىزمەت قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۈنكى بۇ يىللاردا مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز تۈرلۈك ئاممىۋىي يىغىلىشلاردا نۇتۇق سۆزلەش ۋە ئادالەتسىزلىككە تولغان رىئال ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىش ئارقىلىق، خەلقنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ،زۇلۇمغا قارشى كۆرەش قىلىشقا ئۈندىگەن، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى دەل مۇشۇ يىللاردا تازا ۋايىغا يەتكەن بولۇپ، شېئىرلىرى «سۈزۈك» تەخەللۇسى بىلەن ئىنقىلابىي گېزىت- ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ئىدى. 1946- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدا «11 ماددىلىق بېتىم» ئىمزالانغاندا، سۈزۈك ئەپەندى ئىنقىلابىي مەيداندا تۇرۇپ، «بېتىم»نىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىسى بولدى. شۇ يىلى «بېتىم» روھى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان خەلقچىل سايلامدا، ئۇ، يولداش بۇرھان شەھىدى باشچىلىقىدىكى سايلام ھەيئىتىگە قاتنىشىپ، خەلقنىڭ دىموكراتىيە ھوقوقىنى جان تىكىپ قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، 1947- يىلنىڭ بېشىدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن تۇرمىغا تاشلانغان. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۇنى ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى شىنجاڭ تىنىچلىق،ۋە خەلىقچىلىقنى ھىمايە قلىش ئىتىپاقىنىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن يەكەن ۋىلايىتىگە كىلىپ «11بېتىم»نىڭ ئەمەلىيلشىش ئەھۋالنى تەكشۇرگەندە،سۈزۈك ئەپەندى قاتارلىق بەش نەپەر كىشىنىڭ خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىنقلاپنى ھىمايە قىلىش يولىدا تۇرمگە تاشلانغانلغىدىن خەۋەر تېپىپ ،ئەينى ۋاقىتتىكى يەكەن ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھەربىي،مەمۇرىي ئەمەلدارى، جاللات جۇ فاڭگاڭنىڭ ۋەھشىي تۇرمىسىدىن ئۆز قولىبىلەن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ،جۇ فاڭگاڭغا بەش كىشىنىڭ ھاياتىغا كىپىللىك قىلىش شەرتىنى قويۇپ، ماقۇل كەلتۇرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە قايتۇرۋەتكەن . سۈزۈك ئەپەندى قاتارلىق بەش كشى شۇ كۈنى كېچىدە خەۋىپسىرەپ يەكەندە تۇرۇشقا مومكىن بولماي قەشقەرگە قېچىپ كەتكەن . دۇشمەننىڭ ۋەھشىي تۇرمىسى شائىرنىڭ ئرادىسىنى چىنقتۇرغانكى، ھەرگىز بوشاشتۇرالمىغان. قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن، سۈزۈك ئەپەندى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابىنى تەشۋىق قىلىدىغان «ئاڭ گىزىتى »دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئىنقلابىي كورەشنى مەدىيلەيدىغان ، خەلىقنى نادانلىق، بىخۇتلۇقتىن قۇتۇلۇپ كورەش قىلشقا ئۇندەيدىغان ئون نەچچە پارچە شېئىرى «ئاڭ گىزىتى» دە ئىلان قىلىنغان. گومىىنداڭ ئەكسىيەتچىلرى سۈزۈك ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ قاراپ، 1947-يىلى 8-ئايدا قەشقەردە قولغا ئېلىپ، تۇرمىگە تاشلىغان.بۇ بىسەرەمجان مەزگىللەردە شائىرنىڭ نۇرغۇن قول يازمىلرى يوقاپ كەتكەن. شائىرنىڭ يۇرىكى دۈشمەننىڭ قىيىن-قىستاق، زۇلۇملىرىغا پىسەنت قلماي، يەنىلا خەلىقنىڭ ئازاتلىق،ئەركىنلكى ئۈچۈن سوققان، ئۇ تۇرمدىمۇ پۇرسەت تاپسىلا شېئىر يېزىپ ئۆزىنىڭ ئىسيانكار روھىنى ئىپادىلىگەن.
سۈزۈك ئەپەندىنىڭ ئازاتلقتىن بۇرۇنقى ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىگى
شائىر سۈزۈك ئەپەندىنىڭ ئەدىبىي ئىجادىيەتكە كرىشكەن ۋاختى دەل پۇتۇن شىنجاڭ مىقياسىدا ئۇيغۇر دىموكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋىر ئەدىبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىگى ئەمگەكچى خەلقنىڭ جاھانگىىرلىك، فىئودالىزىم، سىنىپىي ئىكىسپالاتاتسىيە ۋە مىللىي زۇلۇمغا قارشى كۆرەشلىرىنى مەدھىيلەش، خەلقنى غەپلەت دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئەركىنلىك، دىموكراتىيە، ئازاتلىق ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
شائىر مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ۋە بەدىئىي مۇھىت ئىچىدە تۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تەڭسىزلىكنىڭ مەنبىئى ،زۇلمەتنىڭ ئوچىغى بولغان جاھالەتلىك جەمىيەتكە قارىتىلغان كۇچلۇك غەزەپ نەپرەت ئىپادىلەنگەن ،گومنداڭ ھۆكۈمرانلرىنىڭ خۇنخورلۇق ،زالملىق ،يىرىتقۇچلۇق ،شەرمىسازلىقتىن ئبارەت ئەپتىبەشىرسىنى ئچىپ تاشلانغان. شائىر 1947-يىلى يېزىلغان «ئەسلىڭ شۇ ھامان »ناملىق شېئىردا مۇنداق دەيدۇ:

«چېھرىڭدىن مىڭ دەۋزەخ ئىرۇر نامايان ،
كوڭلۇڭ تار،كۆزۈڭ ئاچ،شەرمىسىز زامان.
مىڭ نىقاپ تارىتساڭمۇ ئەسلىڭ شۇ ھامان،
خۇنخورسەن ،يىرىتقۇچ سەن ،تىرناقلرىڭ قان.»

شائىر شېئىرلىرىدا يەنە شۇتەڭسىز زاماندا ۋەھشىي جاللاتلارنىڭ چوماقچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپقان تەلۋە خوشامەتچى مۇناپىقلارغا مۇنداق لەنەت ئوقيدۇ:

«ساڭا ئۈمىد باغلىغانلارغا لەنەت ،
خوشامەت قىلىپ ماختىغان تىللارغا لەنەت.»
(«ئەسلىڭ شۇ ھامان»ناملىق شېئىردىن)

شائىر شېئىرلىرىدا يەنە كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قايمۇققان، توغرا يولنى تاللىيالمايۋاتقان ھالىتىگە نەزەر سېلىپ، ئۇلارنى ھەقىقەت يولىنى تېپىشقا ھەم بۇ يولدىن مەڭگۈ تايماسلىققا دالالەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ 1948- يىلى يازغان« تاپ» دىگەن دېگەن شېئىرىدىكى مۇنۇ مىسرالار بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ:

« ئېزىتقۇلاردىن ئاجراتقىن ئۆزۈڭنى توغرا بىر يول تاپ،
غەرەزلەردىن دىلىخالىي مۇنەۋۋەر يارى مەقبۇل تاپ. »

شائىر سۈزۈك ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىغا يەنە  ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق ئىشتىياق ۋە ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىشتەك قەيسەرانە روھ سىڭدۈرۈلگەن:

« ئې ئوغۇل سۆيمەكچى بولساڭ، سۆي ۋەتەننى جان بىلەن،
قىل ۋەتەننىڭ خىزمىتىنى جان تىكىپ، ۋىجدان بىلەن. »

شائىر سۈزۈك ئەپەندى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قانخور تۈرمىلىرىدىمۇ يۈكسەك ئۈمىتۋارلىق ۋەجاسارەت بىلەن جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىپ، ئىسيان مارشىنى ياڭراتقان . « غازلارئۇچقاندا » ناملىق شېئىر بۇ جەھەتتە ۋەكللىك خاراكتىرگە ئىگە:

«ئىسسىق ياققا قاراپ سەپ تۇزۇپ قاتار ،
تۇرمە ئۇستىدە بىر توپ غاز ئۇچار.
قانات شەپىلىرى قۇلاققا يەتكەچ ،
ئەركنلىك ئشقى يۇرەكتە يانار.

ئەركىنلىك ئەجەپ قممەت بىر نەرسە ،
ئىنسانىيەتكە گوھەردىن ئارتۇق.
ئەرىكسىزلىكتىكى يۇتقان ھەرنەپەس ،
گوياكى بولۇر زەھەردىن ئارتۇق.

كۆڭۈلگە تولغان شۇ خىيال بىلەن،
غازلارغا قاراپ قالدىم بىر مىنۇت.
تەسەللى بىرىپ دىىم ئۆزۈمگە:
قۇياش چىققۇسى، يېرىلىپ بۇلۇت.»

بۇ شېئىردا شائىر ئۆزىنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى ئەركىنلككە بولغان ئىنتىلىشىنى باھارغا قاراپ ئۇچقان غازنىڭ سىماسى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ لىرىك ھىسياتنى تەبىئىي مۇھىتقا گىرەلەشتۇرۇپ ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلىگەن .ئۇ «ئېىگىلمە بېشىم »ناملىق شېىئىردا يەنمۇ ئىلگىلىگەن ھالدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:

«جاپالار تارىتساڭمۇ دەرىتكە قالساڭمۇ ،
زارلانما زىنداندا يىللار ياتساڭمۇ.
دۇچ كېلىپ ئۆلۈمگە، قانغا پاتساڭمۇ ،
ئى سۈزۈك، كۆيسەڭمۇ، سۇدا ئاقساڭمۇ ،
ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئايرىلما بېشىم.»

بۇ مىسرالار شائىرنىڭ ئەينى دەۋىردىكىئىنقىلابىي كورەشنى مەزمۇن قىلغان ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ جانلىق شاھىدى.
شائىرنىڭ يۇكسەك ۋەتەنپەرلىك ۋە ئۇمدۋارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان شىئىرلىرىدا بەختىيار كەلگۇسىگە بولغان ئىشەنىچ ۋە ئىنتىلىش ئىستىدات ھاكميەتكە بولغان غەزەپ نەپرەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئەركىنلىك ئىشقى »، «ئىزلىسە»،«ئۆتەر دەۋران »قاتارلىق شېئرلىرى مانا مۇشۇنداق مەزمۇنلارغا بېغىشلانغان .ئۇنىڭ1945-يىلى يازغان «پەلەككە سۆز » ناملىق شېئىردا مۇنداق خىتاپ قلىدۇ:

«توپا چاچتىڭ يۈزىمزگە ،سەن بولۇپ مىسلى قۇيۇن ،
ياتلىغىڭنى ئاشىكارە ئەيلىدىڭ سالدىڭ زىيان.
بۇ مۇشەققەتلەرنى بىزگە ياغدۇرۇپ ئى ۋاژگۇن (1)،
تىرى-رابان (2) ئەيلىدىڭ دىللارنى قىلدىڭ لەختە قان.
نېمە قىلدۇق بىز ساڭا مۇنداق ئاداۋەت ئەيلىدىڭ ،
سەندە بارمۇ قىلچىلىك ئەدلۇ-ئادالە، قىل بايان.
چاقساڭ گولدۇرلەپ چاقماق، ھىچ كورۇنمەس يامغۇرۇڭ ،
ئەيلىگەن بۇ پوپوزاڭ ئاجىزلىغىڭدىن بىر نىشان.
قىلساڭ ھەر قانچە زورلۇق، بوي ئەگدۈرەلمەيسەن پەقەت ،
سەن بىلەن تا ئۆلگىچە قارشىلىشارمىز بىز ھامان.
كۈچلىنىپ بارماقتا ئەلدە ساڭا قارغىش ،ئويغىنىش،
تەۋرىتىپ زورلۇق ھۇلۇڭنى بۇ دەھشەتلىك بوران.

ئى سەتەمكار(3)ھىلىگەر، ئازمۇ سېنىڭ قىلمىشىڭ ،
غادايغان بويلىرىڭنى سۇندۇرىمىز بەرمەيئامان
بۇ جاھان شۇنداق تۆرەلگەن ياخشىلىققا ياخشىلىق ،
ھەم يامانلىققايامانلىقتۇر جاۋاپ ،بۇ ئىش ئايان.
زوراۋانلىق كۈنلىرىڭ كەتكەي ،زاۋال يەتكەيساڭا ،
تاڭ سۈزۈك بولسا قاچار، تۈن قاغىسى ،يوقتۇر گۇمان.

[(1)-ۋاژگۇن…….تەتۇر،كاج ..(2)-تىرە-رابان ……..ئوق يامغۇرى]

شائىر سۈزۈك ئەپەندىنىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرىسىدا
1949-يىلى شىنجاڭ تېنىچ يول بىلەن ئازات قلىنىپ، شائىرغا بەخىت تېڭى ئاتتى ،جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىگىدىكى خەلىق ھاكىمىيىتى شائىرنى تۇرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ئەركىنلىك بېرىپلا قالماي، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكى ،يەكەن ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىملىغى،«يەكەن گېزىتى »نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكى ،يەكەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىي مائارىپ بولۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىغى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى تاپشۇردى.ئەركنلىك ۋىسالى شائىرنى شاتلاندۇردى؛ غەلبە تەنتەنىسى شائىرنى ھاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، ئۈمىد ،ئىشەنىچ ،كۈچ -جاسارەتكەتولۇپ ،يارقىن شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك ۋەتەننى، ئەمگەكچى خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى زوق-شوخ بىلەن كۈيلىدى. ئەينى ۋاقىتتا يەكەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىيمەھكىمىدە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شائىر قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقمەرىپەتپەرۋەر ئەلسۆيەر رەھبەرلەر بىلەن بىللە يەكەننىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ۋەمەدەنىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى.
1958-يىلىدىكى مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت كېڭەيتىۋىتىلىپ، نۇرغۇن رەھبەرلەرۋە زىيالىلار بالايى -ئاپەتكە دۇچار بولغاندا، شائىر سۈزۈك ئەپەندىمۇ خاتا ھالدا «يەرلىك مىللەتچى » دەپ قارىلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ياراتقان تۆھپىلرى ئاتالمىش «جىنايەت » دەپ قارىلىپ، تارتىپ چىقىپ كۆرەش قىلىندى؛ تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى؛ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېزىغا ھەيدەپ چىقىرىلدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، بۇنداق كۇلپەت تېخىمۇ ئېغىر بولدى. تاكى 1978-يىلى ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ئوڭشىلىپ ناھەق، خاتا ئەنزىلەر ئاغدۇرلۇپ، سىياسەت ئەمەلىيلەشتۇرۇلگەندىلا، ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئاقلاندى. بىراق، ئۇنىڭ 20يىللىق ئۆمرى ئازاپ-ئوقىبەت ۋە خورلۇق ئىچىدە بىھۇدە ئۆتۈپ كەتتى. شائىر ئاپەتلىك يىللارنىمۇ پۈتۈنلەي بوشقا ئۆتكۈزىۋەتمەستىن، تۇرلۇك تىمىلاردىكى شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇن قوليازمىلىرى «ئىسيانچىلار» تەرىپىدىن كۆيدۈرىۋىتىلدى.
1979 -يىلى شائىرنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۈزۈك ئەپەندىم گەرچە ياشىنىپ قالغان، سالامەتلىكىمۇ خېلىلا ناچارلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، دەۋىرنىڭ ئادىل ھوكۈمىدىن سۆيۈنۈپ، غەيرىتىنى ئورغىتىپ، ۋەتەننى، خەلقنى، يېڭى دەۋىرنى، ئىنسانىي پەزىلەتنى مەدھىيلەيدىغان، ھايات پەلسەپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شېئىرلارنى يېزىپ، تۈرلۈك گېزىت -ژورناللاردا ئېلان قىلدۇردى. 1983-يىلى، ئۇنىڭ «يادىكار » ناملىق شېئىرلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن، 1987-يىلى، «ئىلھام چېچەكلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. «توي چاچقۇسى»، «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىغا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى. شائىر يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرى زەلىلى يازغان«خوجا مۇھەممەت شىرىپ تەزكىرسى »نى نەشىرگە تەييارلاپ «قەشقەر قەدىمكى كىتاپلار تەتقىقات خەۋىرى » ژورنىلىدا ئىلان قىلدۇردى، شائىر نېمىتۇللا ئەبەيدۇللا بىلەن بىرلىكتە،ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرى ئومەر باقى يەركەندى يازغان «پەرھات- شىرىن» داستانىنى نەشىرگە تەييارلاپ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇردى. «سەۋنۇبەر »، «قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى » قاتارلىق كىتاپلارنى رەتلەپ نەشىرگە بەردى. يەكەندىكى مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇلئەزىز دامۇللام بىلەن بىرلىكتە «كاچكۇل»، «زۇدەتۇل ئەخبار» ناملىق ئىككى كىتاپنى پارىس تىلىدىن تەرجىمە قىلدى.
شائىرنىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي تىمىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئىلىم -پەن، ھالال مېھنەت، ۋە ئىنسانىي پەزىلەتنى تەشەببۇش قىلىش ،« مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىكى ناھەقچىلىقلارنى ئەيىپلەش، كۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت بولدى. شائىر ئۆزىنىڭ ئاپەتلىك يىللاردىكى روھىي ھالىتىنى ئەينى زاماندا يېزىلغان «دەرد ئۈستىگە دەرد» ماۋزۇلۇق شېئىرىدا مۇنداق ئىپادىلىدى:

بىرىدىن بىرى بەتەر ئۆتمەكتە كۈنلەر تىزىلىپ،
تارتىلىپ ھەركۈنكۆرەشكە بىز ئۆتەرمىزقىينىلىپ.
…………………………………………………..
جۇت شېۋىرغانلار بېسىپ، ھەردەم بورانلار قوزغىلىپ،
بۆرىلەر ھۇۋلاپ يۈرەر، بىز نىيىمەككە قەست قىلىپ.
جان خەتەردە قالسىمۇ، دەھشەتلەر قاپساپ كەلسىمۇ،
بوشاشماستىن شۇندىمۇ، بىز تۇرىمىز كۆكرەك كېرىپ.
ئىنقىلاپ يولىدا سىڭگەن ئەجرىمىزگە ھەر كۈنى ،
تۇرىمىز بۇ «قەھرىمان»لاردىن ھەمىشە مۇشت ئېلىپ.
…………………………………………………….

شائىرنىڭمۇشۇ دەۋىردە يېزىلغان يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان «مايمۇنلار ۋەئېيىقلار» ناملىق ئېپىك داستانى ۋە « ۋەتەن ھەققىدە مۇخەممەس»، «قوينۇڭ گۈلىستان بولغۇسى» قاتارلىق خېلى چوڭقۇر شېئىرىي پىكىر ۋە يۇكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئگە شېئىر، داستانلىرىمۇ بار لىكىن بىز سەھىپە ئىتىبارى بىلەن بۇ ھەقتە ئايرىم توختالمىدۇق.
شائىر سۈزۈك ئەپەندىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىك بارلىقىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ:
1) شائىرنىڭ ئىجادىيەتتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە دىموكراتىك ئەدەبىياتنىڭ تىل ۋە ئوبراز يارىتىش ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قوبۇل قىلغان بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا چاغاتاي تىلى تەركىپلىرى نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەمدە كىلاسسىك ئەدەبىياتتا بىر قەدەر ئومۇملاشقان « گۈل»، «بۇلبۇل»، «تاڭ»،«گۈلزار»،«پەرھاد»، «شېرىن»، «لەيلى»، «مەجنۇن» قاتارلىق ئەنئەنىۋىي تىپىك ئوبرالاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، شېئىرىي تىلنىڭ جەزبىدارلىقى ئاشۇرۇلۇپ،شېئىرىي پىكىر ئىخچاملاشتۇرۇلۇپ، شېئىرىي پىكىر ئىخچام ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن:

« جاھان ئەھلىگە گويا سەن ئىرۇرسەن لەيلى، شىرىندەك،
سېنىڭ ئىشقىڭدا مىليونلار ئىرۇر پەرھاد، مەجنۇن زار.»

« غەمى ئەبزۇن، دىلى مەھزۇن،زەھەر-زەققۇم غىزا بەختىم.»

«داغۇ- ھىجراندىن سېرىق رۇخسارىلەردۇر ئىستىكىم،
سەڭگى كۈلپەتتىن دىلى سەدپارىلەردۇر ئىستىكىم.»

2) سۈزۈكئەپەندى شېئىرلىرى يەنە ئۇيغۇر دىموكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇب جەھەتتىكى ئاممىباپلىق، چۈشىنىشلىك بولۇش، قىسقا، دەل بولۇش، ئىسيان، چاقىرىق تۈسىنى ئېلىشتەكمۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن.
3 ) تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار دەل قايىدا قوللىنىلىپ، شېئىرنىڭ ئوبرازچانلىقى ئاشۇرۇلغان.
4) لىرىك ھىسسىيات بىلەن تەبىئىي مۇھىت گىرەلەشتۈرۈلۈپ، شېئىرىي مۇھىت ئىچىدە يارقىن شېئىرىي ئوبراز يارىتىلغان( مەسىلەن: « غازلار ئۇچقاندا»، « مايمۇنلار ۋە ئېيىقلار» )
شائىر مۇھەمممەتئىمىن توختىنىياز(سۈزۈك)نىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى تەتقىق قىلىش مېنىڭچە، تا ھازىرغا قەدەر تولۇق يەكۇنلىنىپ بولالمىغان ئۇيغۇر دىموكراتىك ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش يەكۈنلەشتە، ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخي مەزگىللەردىكى ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە . مەن ئۇستازلار ۋە كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

2004-يىلى6-ئاي

ئاپتۇرنىڭ ئادرىسى :يەكەن ناھىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسى

مەنبە: ئۇيغۇرلار تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top