You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

ۋىتامىن ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

vitamins_clock

مەمەت ئىمىن

ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھەم شۇنداقلا بىرەر يىمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تىلغا ئالغاندا تەركىۋىدە مول ۋىتامىن ماددىسى بار دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. ئۇنداقتا ۋىتامىن دىگەن زادى قانداق ماددا؟ بىز ۋىتامىننى قانچە كۆپ ئىستىمال قىلساق سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىقمۇ؟ بىز ۋىتامىن دورىلىرىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ساغلام ياشاش ۋە ياكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۇش مەخسىتىمىزگە يىتەلەيمىزمۇ؟ تۆۋەندە مەن بۇجەھەتتە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويماقچى.

ۋىتامىن دىگەن زادى قانداق ماددا؟ ئۇلارنىڭ رولى نىمە؟

ۋىتامىن دىگىنىمىز بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ۋە بەدەندە ئىشلەپ چىقىرىلمايدىغان، چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق سىرىتتىن قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئورگانىك مادىلار توپلىمى بولۇپ، بۇ ماددىلار بىز كۈندە ئىستىمال قىلىپ تۇرغان 3 چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى يەنى ماي، ئاقسىل ۋە شىكەرلەرگە ئوخشاش بەدەننى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بىراق ئۇلار بەدەننىڭ مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسىنى تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنى مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا ئىرىشەلمىگەندە ۋە ياكى بەدەندە مەلۇم  خىلدىكى ۋىتامىن كەم بولغاندا، ئادەم بەدىنىڭ نورمال مىتابولىزىملىق فونكىسىيەسى تەسىرگە ئۇچۇراپ، ھەر خىل مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن نورمالدىن يۇقۇرى بولغاندا ۋە ياكى بىز ئىستىمال قىلغان ۋىتامىن بەدەننىڭ ئىھتىياجىدىن ئىشىپ كەتكەندە، بەدىنىمىزدىكى مەلۇم ئورگانلارنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بەدىنىمىزدە بەزى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىننىڭ بەدەندىكى مۇھىملىقىنى قارغۇلارچە قوغلۇشۇپ، ئۇلارنى ئىھتىياجدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىۋىلىش ئوخشاشلا زىيانلىق. ئەڭ مۇھىمى ۋىتامىننىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش بىلەن بىرگە ئۇنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىش، بەدەننىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ۋىتامىندىن زەھەرلىنىشتىنمۇ ساقلىنىش كىرەك.

قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ؟

ئادەتتە ئاەدەم بەدىنىنىڭ كۆپۈنچە  ۋىتامىنلارغا بولغان كۈندۈلك ئىھتىياجى ناھايتى تۆۋەن بولۇپ، بەزى ۋىتامىنلار بەدىنىمىزدە مەلۇم مىقداردا مەلۇم مەزگىل ساقلىنىدۇ، شۇنداقلا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال قىلىپ تۇرىۋاتقان بارلىق يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار، شۇڭا نورمالدا ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.

بىزنىڭ ھەر خىل ۋىتامىنلارغا بولغان ئىھتىياجىمىز ئوخشاش بولمايدۇ،  ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ بەدەندە ساقلىنىش ۋاختى ۋ ە مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەدىنىمىز بەزى ۋىتامىنلارنى يىتەرلىك مىقداردا خىلى ئۇزۇن زامان ساقلىيالايدۇ، بۇنداق ۋىتامىنلارنى بىز بىر مەزگىل ئىستىمال قىلمىساقمۇ، ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.   مەسىلەن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن 12B ۋە ۋىتامىن D  قاتارلىق ۋىتامىنلار بالاغەتكە يەتكەن كىشىلەرنىڭ جىگىرىدە يىتەرلىك مىقداردا ساقلىنىدىغان بولۇپ، بىز بۇ خىل ۋىتامىنلارنى بىر نەچچە ئاي ئىستىمال قىلىمىساقمۇ، ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ. يەنە بەزى ۋىتامىنلار بەدەندە كۆپ مىقتاردا ساقلانمايدۇ، ئەگەر بىز بۇ خىلدىكى ۋىتامىنلارغا ئۈزلۈكسىز ئىرىشىپ تۇرمىساق، بىر ئىككى ئايدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق كىشىلەردە ۋە ياكى قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقىدۇ؟

1. ئۇزۇن مۇددەت تاماق يىمىگەن كىشىلەردە، يەنى يىتەرلىك يىمەكلىك بولماسلىق، ئاچلىق ئىلان قىلىش ۋە ياكى كىسەللىك تۈپەيلىدىن يىتەرلىك ئوزۇقلىنالمىغان كىشىلەردە.

2. تاماقنى تاللاپ يىيىشكە ئادەتلەنگەن، يەنى ئىستىمال قىلغان تاماقنىڭ تۈرى ناھايتى چەكلىك بولغان، ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەت بىر خىللا يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەردە.

3. ئۈچەيدە مەۋجۇت بولغان مەلۇم كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن، بەدەن يىمەكلىك تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى ئۈنۈملۇك قوبۇل قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا.

4. مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، مىسالەن داۋاملىق ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىش ۋە ياكى بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن، بەدەننىڭ بەزى ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچۇرغان ئەھۋال ئاستىدا.

5. مەلۇم كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن بەدەن مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنلارنى يوقۇتۇش تىزلىشىپ، ۋە بۇ خىلدىكى ۋىتامىنلار ئۆز  ۋاقتىدا تولۇقلانماسلىق سەۋەبىدىن.

قانداق قىلغاندا ۋىتامىن كەملىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستىمال  قىلىپ تۇرىۋاتقان ھەر خىل يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار يىتەرلىك بار  بولۇپ، ئوخشاش يىمەكلىكتە ئوخشىمىغان ۋىتامىنلار  بولىدۇ، ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەردىكى ئوخشىمىغان ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ۋىتامىنلار كوكتاتلار تەركىۋىدە كۆپ بولسا، يەنە بەزى ۋىتامىنلار گۆش تەركىۋىدە مول بولىدۇ. بەزى ۋىتامىنلار يەل-يەمىشلەر تەركىۋىدە مول بولسا، يەنە بەزى ۋىتامىنلار گۇرۇچ، بۇغداي ۋە قوناق تەركىۋىدە مول بولىدۇ. شۇڭا بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى يەنى ھەر خىل كۆكتات، يەليىمىش، گۇرۇچ، ئۇن تاماقلىرىنى، گوش ۋە بىلىقلارنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، نورمالدا ۋىتامىن كەملىكتىن تامامەن ساقلىنالايمىز.

بىز  نورمالدا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىقمۇ؟

ئەگەر بىز يىمەكلىك تاللىماي، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى مۇھاپىق ئىستىمال قىلساق، يەنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا  كۆكتات ۋە يەلىمىشلەر كەم بولمىسا ئاسانلىقچە ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىقمايدۇ.

ئەگەر بىزدە يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن ۋىتامىن كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار  بولمىسا، ۋىتامىن دورىلىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق.

بىز پەقەتلا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا ئىھتىياجلىق

1. ۋىتامىن كەملىك كىلىپ چىققاندا؛

2. مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلالمىغاندا ۋە ياكى ئىستىمال قىلىش شاراھىتىمىز بولمىغاندا؛

3. گەرچە ۋىتامىن مول بولغان يىمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرغان بولساقمۇ، بىراق مەلۇم كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن، ئاشقازان ۋە ئۇچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، يىمەكلىكلەرنى پارچىلاپ ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىش تەسىرگە ئۇچۇرغاندا.

4. بىز مەلۇم خىلدىكى كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم خىلدىكى ۋىتامىنغا بولغان ئىھتىياجى ئىشىپ كەتكەندە ۋە ياكى ۋىتامىننىڭ بەدەندىن يوقۇلىشى تىزلىشىپ كەتكەندە؛

5. يىمەكلىك ئادىتىمىز تۈپەيلىدىن يىمەكلىكلەرنى پۇشۇرۇش جەريانىدا يىمەكلىك تەركىۋىدىكى خەر خىل ۋىتامىنلار ۋەيران قىلىۋىتىلگەنلىك سەۋەبىدىن، ئۇزۇن مۇددەت يىتەرلىك ۋىتامىلارغا ئىرىشەلمىگەندە.

6. يىمەك ئىچمىكىدە بولۇپمۇ ئىچىدىغان سۈت ۋە بوۋاق يىمەكلىكىدە يىتەرلىك ۋىتامىن بولمىغان ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان بالىلار.

7. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغان، ۋە ياكى بەزى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ياشانغان كىشىلەر.

ۋىتامىن دورىلىرىنى تاللىغاندا نىمىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك؟

مەن دەسلەپتە تەكىتلەپ ئۆتكەندەك بىز  ۋىتامىننى قانچە كۆپ ئىستىمال قىلساق ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ۋىتامىن قانچە كۆپ بولسا سالامەتلىكىمىزگە شۇنچە پايدىلىق دىگەن گەپ يوق.  ھەم ۋىتامىن قۇۋەت قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسىمۇ ئەمەس. بىز  پەقەت ۋە پەقەتلا  بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنغا ئىرىشسەكلا  كۇپايە.  ئەڭ ياخشى سۇپەتلىك ۋىتامىن تەبىئى يىمەك ئىچمەك تەركىۋىدىكى ۋىتامىن بولۇپ، بىز ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدىنىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئەڭ سۈپەتلىك ۋىتامىنلارغا  ئىرىشەلەيمىز.

ئەگەر ھەقىقەتەن ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىش زۆرۈر بولغاندا، ئامال بار كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولغان، نوپۇزلۇق دورا شىركەتلىرى ئىشلەپ چىقارغان ۋىتامىنلارنى تالاش كىرەك. ۋىتامىن گەرچە كىلىش مەنبەسى مول، تەننەرقى ئەرزان دورا بولسىمۇ، بىراق سۈپەت جەھەتتە ئۆلچەمگە يەتمىگەن ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلغىنىمىزدا، يالغۇز كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتەلمەي قالماستىن بەلكى بەدىنىمزگە زىيان سالىدىغان ئىش يۈز  بىرىشى مۈمكىن. ۋىتامىن دورىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنىمى دىگەندە بىز يالغۇز ئۇنىڭ بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىنلارنى تولۇقلىيالىشىغىلا  ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بەدەنگە ئىلىپ كەلگەن ئەكىس تەسىرىنىڭ ناھايتى تۆۋەن ۋە ياكى ئاساسەن يوق بولۇشىغىمۇ  قارىشىمىز  كىرەك. چۈنكى سۇپىتى ياخشى بولمىغان ۋىتامىن دورىلىرى تەركىۋىدە بىزگە كىرەكلىك بولغان ۋىتامىن ماددىلىرىدىن باشقا، بىز ئىھتىياجلىق بولمىغان قالدۇق ماددىلارمۇ  بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ تەركىۋى قانچە يۇقۇرى بولسا، يەنى ۋىتامىن دورىسىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى قانچە تۆۋەن بولسا، بەدىنىمزدىكى بۇ دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان جىگگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ، بەدىنىمىزگە بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.

ۋىتامىنلارنىڭ تۈرلىرى

ئادەتتە دىيىلىۋاتقان ۋىتامىنلار يەنى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە مۇھىم بولغان ۋىتامىنلار 13 خىل ۋىتامىننى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار ۋىتامىن A، ۋىتامىن 1B، ۋىتامىن 2B، ۋىتامىن 3B، ۋىتامىن 5B، ۋىتامىن 6B، ۋىتامىن 7B، ۋىتامىن 9B، ۋىتامىن 12B، ۋىتامىن C، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن K دىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D بولسا ۋىتامىن 1D، ۋىتامىن 2D، ۋىتامىن 3D، ۋىتامىن 4D ۋە ۋىتامىن 5D دىن ئىبارەت 5 خىل ۋىتامىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ۋىتامىن K بولسا ۋىتامىن 1K  ۋە ۋىتامىن 2K دىن ئىبارەت 2 خىل ۋىتامىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىندىن باشقا يەنە ۋىتامىن 8B، ۋىتامىن F، ۋىتامىن G، ۋىتامىن H، ۋىتامىن J، ۋىتامىن 1L، ۋىتامىن 2L، ۋىتامىن M، ۋىتامىن O، ۋىتامىن P، ۋىتامىن PP، ۋىتامىن S  ۋە ۋىتامىن O دىگەندەك ۋىتامىنلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان، يەنى ۋىتامىن دىگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، باشقا ناملار بىلەن ئاتالغان بولسا، يەنە بەزىلەرنى يۇقارقى 13 خىل ۋىتامىن كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۇلىۋىتىلگەن. مەسىلەن: ۋىتامىن G ۋە ۋىتامىن J، ھازىر ۋىتامىن 2B غا قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن H بولسا ۋىتامىن 7B  گە قوشۇۋىتىلگەن،  ۋىتامىن M بولسا ۋىتامىن 9B گە قوشۇۋىتىلگەن، ۋىتامىن PP بولسا ۋىتامىن 3B گە قوشۇۋىتىلگەن؛ ۋىتامىن P نىڭ ۋىتامىنلىق سالاھىتى ئىلىپ تاشلانغان. ۋىتامىن 1L نىڭ بەدەندە مۇھىم ئەمەسلىكى بايقالغان.

بەدىنىمىزدە ۋىتامىن كەم بولغاندا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ؟

1. ۋىتامىن A كەم بولغاندا كۆزنىڭ كۆرۈشى قۇۋىتى ئاجىزلايدۇ، بولۇپمۇ كىچىدە كۆرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 2.ۋىتامىن B  كەم بولغاندا بەرىبەرى (beriberi)  دەپ ئاتالغان بىر خىل كىسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 3.ۋىتامىن 2B كەم بولغاندا تىل ياللۇغى، ئىغىز بوشلۇغى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.ۋىتامىن 3B كەم بولغاندا تىرە زەخمىلىنىش، تىرە چۈشۈپ كىتىش قاتارلىق بىر خىل تىرەك كىسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

5.ۋىتامىن 5B كەم بولغاندا پەرىسسىزىيا (paresthesia) دەپ ئاتالغان تىرە سەزگۈرلىگى ئىشىپ كىتىش كىسەللىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا تىرە كۆيگەندەك، قىچىشقاندەك، يىڭنە سانجىغاندەك ھەر خىل غەيرى تۇيغا ۋە سىزىملار بولىدۇ.

6. ۋىتامىن 6B كەم بولغاندا قان كەملىك، نىرۋا زەخمىلىنىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىرىدۇ.

7.ۋىتامىن 7B كەم بولغاندا تىرە ياللۇغى، ئۇچەي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

8.ۋىتامىن 9B كەم بولغاندا قان كەملىك پەيدا قىلىدۇ. ھامىلە بولغان ئايالنىڭ قوسىقىدىكى بالىسدا بەزى تۇغما كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9.ۋىتامىن 12B كەم بولغاندا قان كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

10.ۋىتامىن C كەم بولغاندا تىرە، چىش ۋە ئىغىز بوشلۇقى قاناش ئاساسلىق كىسەل ئالامىتى بولغان كىسەلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

11.ۋىتامىن D كەم بولغاندا سۆڭەك يۇمشاپ قىلىش كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

12.ۋىتامىن E كەم بولغاندا يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردا قان كەملىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەردە تۇغماسلىق، ئاياللاردا بالىسى ئاسان چۈشۈپ كىتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

13.ۋىتامىن K كەم بولغاندا بەدەن ئاسانلا قانايدىغان يەنى تىرە ۋە ئىچكى ئەزالاردىن ئاسان قان چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

قانداق ئەھۋالدا ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىش  كىلىپ چىقىدۇ؟  ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

نورمالدا ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىش يەنى بەدىنىمزدىكى ۋىتامىن مىقدارى ئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كىتىش ئەھۋالى ۋىتامىن كەملىكتەك كۆپ ئۇچۇرمايدۇ، بىراق شۇنداقتىمۇ ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلغاندا بەدىنىمزدىكى ۋىتامىن مىقدارى ئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كىتىپ، ۋىتامىن بىلەن زەھەرلىنىشتەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىرىدۇ.

1. ۋىتامىن A بىلەن زەھەرلەنگەندە سۆڭەك سەۋەپسىز يۇمشىۋىلىش، ئاغرىش، ئىشىۋىلىش، كۆزى غۇۋالىشىش، بىشى قىيىش، بىشى ئاغرىش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئىلىشىش، قاندىكى كالىتسي ئىشىپ كىتىش، جىگگەر زەخمىنىلىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ۋىتامىن 1B بىلەن زەھەرلەنگەندە مۇسكۇل بوشۇشۇش ۋە ماغدۇرسىزلىنىشتەك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ

3. ۋىتامىن 3B بىلەن زەھەلەنگەندە جىگگەر زەخمىگە ئۇچۇرايدۇ.

4. ۋىتامىن 5B بىلەن زەھەرلەنگەندە ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئىلىشىش ۋە قۇسۇشتەك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.

5. ۋىتامىن 6B بىلەن زەھەرلەنگەندە نىرۋا زەخمىگە ئۇچۇرايدۇ.

6. ۋىتامىن 12B بىلەن زەھەرلەنگەندە داناخوررەككە ئوخشاش تىرە كىسەللىگىنى پەيدا قىلىدۇ

7. ۋىتامىن D بىلەن زەھەرلەنگەندە بەدەن سۇسىزلىنىش، قۇسۇش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، ھارغىنلىق ھىس قىلىش، ئىچى قىتىۋىلىش، مۇسكۇل ئاجىزلىقى، كالتسى بىلەن زەھەرلىنىش ۋە نۇرغۇن ئورگانلاردا تاش پەيدا بولۇشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

8.ۋىتامىن E بىلەن زەھەرلەنگەندە ۋىتامىن K نىڭ ئۈنىمى تۆۋەنلەش، بەدەن ئاسان قاناش، قاندىكى ماي تەركىۋى يۇقۇرلاش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. ۋىتامىن K بىلەن زەھەرلەنگەندە  قان ئاسان ئۇيىشىۋىلىشنى كەلتۇرپ چىقىرىدۇ.

قايسى خىلىدىكى  يىمەكلىكلەردە قايسى تۈردىكى ۋىتامىنلار كۆپ بولىدۇ؟

1. ۋىتامىن A بارلىق سىرىق رەڭلىك يەلمىشلەردە، بارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا، سەۋزىدە، كاۋىدا، سۈتتە، بىلىقتا، جىگەر قاتارلىقلار تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

2. ۋىتامىن 1B بارلىق كۆكتاتلاردا، جىگەر، تۇخۇم، گۈرۈچ تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

3. ۋىتامىن 2B باناندا، قوناقتا، پۇرچاق تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

4. ۋىتامىن 3B گۆش، بىلىق، تۇخۇم، كوپۇنچە كوكتاتلار، موگۇ تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

5. ۋىتامىن 5B گۆش، بىرروكىلى، ئاۋوكادو تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

6. ۋىتامىن 6B گۆش، كۆكتات، بانان تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

7. ۋىتامىن 7B خام تۇخۇمدا، جىگەردە، پىنات (خۇئاسىڭ)ۋە  بارلىق يوپۇرماقلىق يىشىل كۆكتات تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

8. ۋىتامىن 9B بارلىق يوپۇرماقلىق كۆكتات، بۇغداي ئۇنى، جىگەر تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

9. ۋىتامىن 12B گۆش ۋە بارلىق ھايۋان مەسۇلاتلىرىدا كۆپ بولىدۇ.

10. ۋىتامىن C  مۇتلەق كۆپ ساندىكى يەلىمىش بولۇپمۇ ئاچىق چۈچۈك يەلىمىش، كۆكتات، جىگەر تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

11.ۋىتامىن D بىلىق، تۇخۇم، جىگەر، موگۇ تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

12. ۋىتامىن E  مۇتلەق كۆپ ساندىكى يەلىمىش، كۆكتات، ياڭاق، مىغىز، ئۇرۇق تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

13. ۋىتامىن K يوپۇرماقلىق يىشىل كۆكتات، تۇخۇمنىڭ سىرىقى، جىگەر تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: قوي ۋا كالىنىڭ جىگىرى تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ ھەممىسى كۆپ بولسىمۇ، بىراق جىگەرنى ۋىتامىن تولۇقلايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىك قىلماسلىقىمىز كىرەك. چۈنكى جىگەر تەركىۋىدە يالغۇز  ھەر خىل ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپلا  قالماستىن بەلكى يۇقۇرى مىقداردا كولەستىرول ماددىسى بولۇپ، جىگەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى ماي مىقدارى ئىشىپ، يۇقۇرى قان بىسىمى، يۈرەك ۋە مىڭە قان تومۇر  كىسىلىگە گىرىپتار  بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top