ئەينەك ۋە كىملىككە يانداش خىياللار: خەلقىمىز، ئا. ئۆتكۈر ۋە كولېي
مۇتەللىپ ئىقبال
خەلقىمىزدە ”ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك“ دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر بار. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماقال-تەمسىللەردە باشقىلارنىڭ بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىزنى كۆرۈنمەس كۆز بىلەن دائىم نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى، بىز ھەرقانداق يوشۇرۇن ئىش قىلساقمۇ، بەرىبىر ئەلگە بىلىنىپ قالىدىغانلىقىدەك مەزمۇن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
”ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك“ دېگەندەك بۇ ماقال-تەمسىلدە يەنە بىزنىڭ ئەلنىڭ نازارىتى، كۆزى ۋە ئەقلىدە ياشايدىغانلىقىمىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ دېگەنلىك، بىز دائىم باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان پوزىتسىيەسى، چۈشەنچىسى ۋە كۆز-قارىشىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەل نېمە دېسە دېمەمدۇ دىمەيمىز، بەلكى ئەلنىڭ ئالدىدا سەتچىلىككە قېلىشتىن قورقىمىز. بۇ سەۋەبتىن بىز دائىم ئەلنىڭ كۆزىگە قاراش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى تەڭشەيمىز ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز. ”ئەلنىڭ كۆزى“ بەلگىلىك دەرىجىدە بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىز ۋە كىملىكىمىزنىڭ قانداق بۇلىشىنى بەلگىلەپ قۇيىدۇ. بۇلارنى يىغىنچاقلاپ كەلسەك، بىرلا يەكۈن چىقىدۇ. بىز كىشىلەرنىڭ كاللىسى ۋە كۆزىدە ياشايمىز.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 20-ئەسىردە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھاياتىدا نورغۇنلىغان شېئىرلارنى يازغان ۋە بۇنىڭ بىلەن ئەل ئىچىدە شۆھرىتىنى قازانغان. تۆۋەندە ئۇنىڭ ”ئۆمۈر مەنزىللىرى“ ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن ”ئەينەك“ ناملىق شېئىرىغا قارايلى:
نېمە دېگەن قالتىس نېمە ئەينەك دېگەن ،
كىم ياساپ چىققان بولغاي دەسلەپ ئۇنى.
سۇندۇرۇپ تاشلانسىمۇ ھەر پارچىسى—
كۆرسىتەر ھەر نەرسىنىڭ دەل ئەينىنى.
سەتنى ئۇ پەرداز بىلەن قىلماس قالتىس،
بىر گۈزەلنى سەت قىلىپ قويمايدۇ ھەم.
ھەر كىشى بولالىسا ئەينەك كەبى،
دېگۈلۈك شۇنداق كىشىنى چىن ئادەم.
نېمە دېگەن قالتىس نېمە ئەينەك دېگەن ،
مەڭگۈلۈك دوستلۇققا، شەكسىز، ئەرزىگەي.
تۇتمىسا ھەر كىم بىلىپ ئەينەكنى دوست ،
بولسىمۇ مىڭ دوستى، دوستۇم كەم دېگەي.
بۇ شېئىرنىڭ بىرىنچى كوپېلىيتىدا ئەينەكنىڭ پارچە پارچە بولۇپ كەتسىمۇ، ئەمما ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىنچى كوپېلىيتىدا ئەينەكنىڭ چىرايلىقنى چىرايلىق، سەتنى سەت كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئەينەككە ئوخشاش باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى يوشۇرماي، ئارتۇقچىلىقىنى كۆپتۈرىۋەتمەي كۆرسىتىشنىڭ چىن ئىنسانلىق دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىككىنچى كوپېلىيتتا ئىنساننىڭ ئەينەكتەك چىن بولۇشىنى تەكىتلىگەن. بۇ شېئىرنىڭ ئاخىرقى كوپېلىيتىدا ئەينەكنىڭ ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ دوستى كۆپ بولسىمۇ، ئەينەككە ئوخشاش دوستى بولمىسا دوستى يوق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممە كىشىنىڭ ئەينەكنى دوست تۇتقىنىغا ئوخشاش، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئەينەك بولالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە دوستلارنىڭ مۇھىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئەلۋەتتە، باشتا دېيىلگەن ”ئەلىنىڭ كۆزى ئەللىك“ دېگەن ماقال تەمسىل بىلەن بۇ شېئىر قارىماققا مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلانمايدۇ. ئەمما، ئىنچىكىلەپ قارىغاندا، بۇ شىئېردا ئېيتىلغاندەك، ئەيىبنى كۆرسىتىش، ھەقىقەتنى سۆزلەش ئىنساننىڭ مۇھىم بىر خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكى، ئىنساننىڭ ئىشلارنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلىگەن دوستقا موھتاج ئىكەنلىكى بىلەن ”ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك“تىكى ئەلنىڭ ئالدىدا راستچىل ۋە دۇرۇس بولۇش، ئەلنىڭ كۆزىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىش ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە باغلىنىش مەۋجۇت بولغان بولىدۇ .
ئەمدى، ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس چارلىز خورتۇن كولىي (Charles Horton Cooley) نىڭ 1902-يىلى يازغان ”ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ“ (Human nature and social order) ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىنساننىڭ ئۆزى ۋە باشقىلار ئالدىدىكى كىملىك ئوبرازى ھەققىدىكى جەمئىيەتشۇناسلىق پىكىرلىرىگە قاراپ باقايلى:
(1) بىز باشقىلارنىڭ بىزنىڭ تاشقى قىياپىتىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى خىيال قىلىمىز؛
(2) بىز باشقىلارنىڭ بىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى خىيال قىلىمىز؛
(3) ئىنساندا شەرەپ ۋە نومۇس دېگەندەك تۇيغۇلار بولىدۇ .
كولېي ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تۇيغۇ ۋە كىملىكلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە باشقىلارنىڭ باھاسى ۋە پوزىتسىيەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭلاشقا، ئو ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تەقى-تۇرقى ھەققىدە باشقىلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى خىيال قىلىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق باھالارنى بېرىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلىقىنى، ئىنسان شەرەپ قازىنىش ۋە نومۇس قىلىش قاتارلىق تۇيغۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىك ئوبرازىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.
كولىي ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى ئۈچ مەزمۇن ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئىنساندا كىملىك تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەككى، كوللىيغا نىسبەتەن بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئىنسانلار بىزنىڭ ئەينىكىمىزدۇر. بىز بۇ ئەينەككە قاراش ۋە ئەينەكتىكى ئوبرازىمىزنى خىيال قىلىش ۋە ئويلاپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە بولغان چۈشەنچىمىز ۋە كىملىك تۇيغۇمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.
ئەينەك بىزنىڭ تاشقى قىياپىتىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگىنىگە ئوخشاش، باشقىلارنىڭ كۆزىدىكى تاشقى قىياپىتىمىزنى خىيال قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ تاشقى ئوبرازى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز. باشقىلارنىڭ كۆزى ياكى كاللىسىدىكى باھايىمىزغا ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىمىز. بىزدە شەرەپ تۇيغۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ شەرىپىنى قولغا كەلتۈرىمىز. نومۇس تويغۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار ئالدىدا يامان ئىش قىلىشتىن ساقلىنىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، بىزنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى كىملىك ئوبرازىمىزنى قۇرۇپ چىقىدۇ. دېمەككى، بىز باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ باھاسى ۋە پوزىتسىيەسى ئارقىلىق كىملىك ئوبرازىمىز(self image)نى قۇرۇپ چىقىمىز.
كولېي پىكىرلىرىنى سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناس دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرى ”ئەينەك مەنلىك“( glass self) دېگەن ئۇقۇم ئاستىغا يىغىنچاقلاندى.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شائىرلىق ئىلھامى بىلەن ئەينەك بىلەن ئىنساننىڭ ئوبرازى ۋە ھەقىقەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان ئىدى. بۇ نۇقتىدا، بىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان كىشىنىڭ بىزنىڭ ئەينىكىمىز بۇلىدىغانلىقى، بۇ ئەينەككە قاراش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتىنى تۆزەيدىغانلىقىمىز ۋە بۇ خىل ”ئەينەك“لەرنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولماسلىقى ئۈمىد قىلىنغان ۋە بۇ پىكىر شىئېرى تىل بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. گەرچە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈز كولېىيغا ئوخشاش سىستېمىلىق پىكىر قىلمىغان بولسىمۇ، ئو كولېينىڭ پىكىرلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە شىئېرى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.
بۇ نۇقتىدا بىر جەمئىيەتشۇناس ۋە بىر شائىرنىڭ ئوخشاش چۈشەنچىلەردە بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما، ئۇلار ئوخشىمىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ئوخشىمىغان پەن نۇقتىسىدىن مەسىلىگە مۇئامىلە قىلغان بولغاچقا، ئوخشىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.
”ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك“ دېگەن ماقالدىمۇ، كىشىلەرنىڭ بىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئەينىكىمىز ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا سەلبىي تەسىر بېرىپ قويماسلىق ۋە ئۇلار ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈپ، كىملىكىمىزنى بۇلغاپ قويماسلىق ئۈچۈن دۇرۇس ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا، بۇ ماقال ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرى ۋە كولىينىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پىكىرلىرىگە مەلۇم مەنىدە يانداش كېلىدۇ .
جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنسان ۋە جەمئىيەت مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى پىكىرلەر ئىنسانلىققا ئورتاق بولىدۇ. شائىرلارمۇ ئىنساننى تېما قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلىق ھەققىدە مەلۇم ھەقىقەتلەرنى يەكۈنلەپ چىقالايدۇ. خەلقنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرى ۋە جۇغلانما بىلىملىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەلۇم ھادىسىلەر ھەققىدە ھېكمەتلىك سۆز ۋە ماقال-تەمسىللەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى تەبىئىي ئەھۋال. مېنىڭچە ، نورغۇنلىغان ماقال-تەمسىللەر جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشقا موھتاج. مەسىلەن، ”يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال“ دېگەن ماقال-تەمسىل پىراگماتىمىزم پەلسەپەسى (قوللىنىشچان ۋە پايدىچى پەلسەپە) نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنسا، ”ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە“ دېگەن ماقال-تەمسىل سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيەسىدىكى ”تەسىر باشقۇرۇش“(باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشنى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى) نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنسا تامامەن بولىدۇ.
مەنبە: مۇتەللىپ ئىقبال جەمىئىيەتشۇناسلىق بىلوگى