ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلىدىن باشلانغان
دولقۇن روزى
مەن «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» كىتابىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەۋاتقان ئون نەچچە يىل مابەينىدە، ئىلى يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ تەۋەررۈك شاھىدلىرى بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەقدا ۋارىسلىرى تەمىنلىگەن كىتاب- ژۇرنال، تارىخىي ھۆججەت، قول يازما، فوتو سۈرەت ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
ماتېرىيال ئىگىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تارىخىي ھەقىقەتنى ئەينەن تاپشۇرۇشنى تارىخ ۋە خەلق ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى سانايدىغان كىشىلەردىن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەمىنلىگىنى تارىخ ماتېرىياللىرى توپلاشنىڭ «ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان بولۇش» تىن ئىبارەت «ئۈچ ئۆز» لۈك پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، قانداق يوللار بىلەن تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىباھا ماتېرىياللارنىڭ موللىقى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرەتتى. ئەمما، ئۇلار ئىچىدە قولىدا قەلەم توختايدىغانلار ساناقلىق بولغاچقا، بۇ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا نېگىزلىنىپ، سىستېمىلىق تارىخىي ماقالە يېزىپ چىققۇچىلار ساناقلىقلا بولدى. بەزىلەرنىڭ قولىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار ئەسلىمە تارىخ يازغۇچىلار تەرىپىدىن ۋاسىتىلىق يوسۇندا قەلەمگە ئېلىنغان، تارىخىي ماقالە ياكى ئەسلىمە تارىخ شەكلىدە مەتبۇئات يۈزى كۆرگەن بولسىمۇ، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق رەۋىشتە بايان قىلىپ بېرەلىگۈدەك بىرەر مۇكەممەل ئەسەر تا ھازىرغىچە يېزىلماي كەلدى. مەن ئىلى تارىخىنىڭ ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ «بوز تېما» ئۈستىدە چۆكۈنۈپ ئىزدىنىش، ئەتراپلىق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئومۇم ئېتىراپ قىلغۇدەك ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم.
دەل مۇشۇ كۈنلەردە، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 3-سانىغا يالقۇن روزىنىڭ «ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان» ناملىق ماقالىسى بېسىلدى. مەن بۇ ماقالىنى بۆلەكچە قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇشقا كىرىشتىم. ماقالىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمىنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىلى مائارىپ تارىخىدىن ئىبارەت بۇ «بوز تېما» ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەن ۋە ئۇنىڭ بۇ تېمىدا يېزىلغان ماقالە- ئەسلىمىلەردە كۆرىلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە تەنقىدىي مۇھاكىمە يۈرگۈزمەكچى بولغانلىقىدىنمۇ ئالاھىدە خۇرسەن بولغان ئىدىم.
تولىمۇ ئەپسۇس! ماقالىنى ئىچكىرىلەپ ئوقۇغانسېرى بۇ خۇرسەنلىكىمنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. مۇئەللىپنىڭ ماقالە يېزىشتىكى مۇدىئاسى بىلەن ماقالىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان مەۋقەسىنىڭ ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئىكەنلىكى، ماقالە روھىغا ئىنتايتىن قويۇق ئىنكارچىلىق خاھىشىنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكى مېنى تولىمۇ ئۆكۈندۈردى. بولۇپمۇ، مۇئەللىپنىڭ باشقىلارنىڭ «خاتالىق»لىرىنى تۈزىتىمەن، دەپ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلغانلىقى ۋە ئۇنى «مۇتلەق ھەقىقەت» سۈپىتىدە باشقىلارغا تاڭماقچى بولغانلىقى مېنى تېخىمۇ ئۆكۈندۈردى. دېمەك، ئۇ «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزىنى قارىغۇ قىلىپتۇ» دېگەندەك ئىش قىلغان بولۇپ، بۇ مەندە « يالقۇن روزى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلانغانلىقىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا يورۇتۇپ بەرمەكچىمۇ ۋەياكى ئۇنى ئۈزۈل– كېسىل يوققا چىقارماقچىمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى ئويغاتتى.
مۇئەللىپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا ھۆكۈملەر ئىلمىي تارىخ يېزىش ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك زىل مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىپ، ئەستائىدىل ۋە ئىلمىي مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشنى تارىخ ۋە خەلق ئالدىدىكى ۋىجدانىي بۇرچىم، دەپ قارىدىم.
ماقالىدا سادىر قىلىنغان بىرىنچى چوڭ خاتالىق ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلانغانلىقى ھەققىدىكى ئوخشاشمىغان تارىخىي قاراشلارنى مەيلى ئۇنىڭ توغرا ياكى قىسمەن توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قارىقويۇق ئىنكار قىلىشتا كۆرۈلىدۇ.
يالقۇن روزى ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە ئەستائىدىل تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلى ئۇيغۇرلىرى باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي قىسمەتلەرنى تارىخنىڭ رېئال قانۇنىيىتى بويىچە ئانالىز قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان. شۇڭا، ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەت ئۆرنىكىنىڭ قانداق مەدەنىيەت ئەسلى تىپىنى مەنبە قىلغان ئاساستا شەكىللەنگەنلىكى، ئۇلار ۋۇجۇدىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىيلىكنى ئەلا بىلىشتەك خاس مەنىۋىي خاراكتېر، يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىقنى ئۇيۇتقا قىلغان دادىل ئەكىلىشپەرۋەرلىك روھىنىڭ قانداق مۇرەككەپ تارىخىي شارائىتتا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈستىدە سالماق تەپەككۇر يۈرگۈزمەيدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېڭى مائارىپقا كۆچۈش جەريانى ھەققىدە ئىلمىي نۇقتىدا تەپەككۈر يۈرگىزمىگەننى ئاز دېگەندەك ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقىنى دەلىللەيدىغان تارىخىي قاراشلار ۋە ئۇلاردا ئەكس ئەتكەن يىل تەرتىپلىرىگە قەستەن كۆز يۇمىدۇ . ئۇلارنىڭ تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۈزۈل- كېسىل ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
مۇئەللىپ بىر قارىماققا ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ كىم تەرىپىدىن، قاچان، قانداق باشلانغانلىقىنى خالىس نىيەت، لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىسپاتلاۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭ بۇ «خالىس» نىيىتىگە «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش» مۇددىئاسى يوشۇرۇنغانغانلىقى ئۈچۈن، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولغان شەخسلەرنى بىر ئاماللارنى قىلىپ يوققا چىقىرىشقا، ئۇنىڭغا ئالقىدار يىل تەرتىپلىرىنى قەستەن كەينىگە سۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان «تەرەققىيپەرۋەر سودىگەر ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلار 1899- يىلى ئانا يۇرتى ئاتۇش ئېكىساقتا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ يېڭى مائارىپنى يولغا قويغان.» دېگەن بىرتەرەپلىمە قارىشى بىلەن «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بىر قولىدا يېڭى مائارىپنىڭ مەشئىلىنى يېلىنجاتقانلىقىنى، يەنە بىر قولىدا مىللىي سانائەتنىڭ بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىنى خاتىرىلىگەندە 1899- يىلىنى ئانا دىيارىمىزدا يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش يىلى، 1909- يىلىنى كاپىتالىستىك زامانىۋىي مىللىي سانائەتنىڭ بارلىققا كەلگەن يىلى سۈپىتىدە خاتىرىلەشنى، تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالە-ئەسەر يازغاندا مۇشۇ بويىچە يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.» دېگەن ھاكىممۇتلەق قارىشىنى ئاستىرىتتىن گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىنىڭكىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقىغا ئالاقىدار پاكىتلارنى «قان چىقارماي جان ئېلىش» ئۇسۇلىدا بىراقلا يوققا چىقارماقچى بولىدۇ.
يالقۇن روزى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012- يىلى نەشر قىلىنغان « لاي قەلئەنىڭ سىرى » كىتابىدىكى « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان » ناملىق ماقالىسىدا، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىلىقىدا كۆرۈلىۋاتقان مېتودىكا سەۋەنلىكى مەسىلىسىنى ئاياۋسىز ئەيىپلەپ:«بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز ئارىسىدا ئىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋە مېتودىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەل قاراش خائىشى خېلىلا ئېغىر دېيىشكە بولىدۇ. تەتقىقات ساھەسىدە ئىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋە مېتودىنىڭ بولماسلىقى ئىلىم ساھەسى كۆرۈشنى قەتئىي خالىمايدىغان مەسىلىدۇر.» دېگەن ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇ، قەشقەر پېداگوگىكا ئنستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم نىياز ئەپەندىنىڭ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 1983-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئېكساق كەنتىدە يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى» دېگەن ماقالىسى ( ماقالە «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 1984-يىلى نەشر قىلىنغان 2- سانىدىمۇ ئېلان قىلىنغان) ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 1985-يىلى ئېكساق مەكتىپىنىڭ 100 يىللىق تويى مۇناسىۋېتى بىلەن ئاتۇشتا بېسىلغان «مەشئەل» ناملىق ژۇرنالدا «يەرلىك قىزغىنلىقنىڭ كۈچى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېيىتىلغان ھەم ئىنتايىن مۇقىملاشتۇرۇلغان»، « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى 1885-يىلى ئاتۇش ئېكساقتا قۇرۇلغان پەننىي مەكتەپتىن باشلانغان. » دېگەن بىمەنە قاراشنى دەل ۋاقتىدا ئىنكار قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان بۇ بىمەنە قاراش ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىنىڭ 1986-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېركلار» ناملىق كىتابى ئارقىلىق مەتبۇئاتلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگو ۋە چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ قايمۇقتۇرغان ئىدى.
كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغىنى شۇكى، مۇئەللىپ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدا، « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى 1899-يىلى ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئۈستىنئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپتىن باشلانغان.» دېگەندىن ئىبارەت تېخىمۇ بىرتەرەپلىمە قاراشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزى يۇقۇرىدا ئەيىپلىگەن « ئىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋە مېتودىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەل قاراش خائىشى»نى ئۆزى تەكرارلايدۇ. ھەتتا بۇ قاراشنى ئۆزى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىلگىرىكى بىمەنە قاراش ئۈستىگە دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇپ، «ھەممە ئىشنى موللا بىلىپتۇ، موللا قوپۇپ كۆلگە سىيىپتۇ» دېگەندەك ئىش قىلىدۇ.
ھەرقانداق بىر خاتالىقنىڭ جاھىللىق ۋە ئىلىم روھىغا ھۆرمەت قىلماسلىقتىن تۇغۇلىدىغانلىقى ئېنىق. ماقالە ئىستىلىدىن يەنە « ھەممىدە مېنىڭ دېگىنىم راست! » دەيدىغان ئىلىم زومىگەرلىكى خائىشى پۇراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بايىقى بىر تەرەپلىمە قارىشىنى «ھاكىممۇتلەق قاراش» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، ئۇنى ئاكسىيۇمىلاشقان ھۆكۈم شەكلىدە باشقىلارغا تاڭماقچى بولىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمە روھى دېموكراتىيەلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، باشقىلارنىڭ تەپەككۇر ئەركىلىكىنى بوغىدىغان بۇنداق ئۆكتەم ھۆكۈماچىلىققا رايىشلارچە كۆنىۋەرگۈلىكمۇ، ئاخىر !؟
تۆۋەندە، مەن يالقۇن روزى ئىنكار قىلغان «بەش خىل قاراش» ئىچىدىكى «بىرىنچى خىل قاراش»نىڭ تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە توختىلىمەن.
بۇ قاراش مۇھەممەتخان كامالىنىڭ «ئىلىدىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى– ئۇسۇلى قەدىم ۋە ئۇسۇلى جەدىد توغرىسىدا» ناملىق ئەسلىمىسىدىكى (بۇ ئەسلىمە «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان) « ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇمۇتائالى كامالى (خەلپەم) ئىلىغا ئۇسۇلى جەدىدنى ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى »، « ئاتام دەسلەپتە موللا ئېلى دېگەن شائىردا، كېيىن شۇ دەۋردىكى مەشھۇر ئېشان ۋە شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمدا ئوقۇغان. بۇنىڭدىن سەل كېيىن ياركەنتكە ئابدۇراھمان داموللام دېگەن تاتار ئالىم كېلىدۇ. بۇ كىشىمۇ مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بېرىپ دەرس ئوقۇيدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاتىمىزمۇ بېرىپ دىنىي دەرس ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇراھمان داموللام دىنى دەرس ئوقۇۋاتقانلار كۆپ، سەن ئۇسۇلى جەدىدچە ئوقۇغىن. بۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن خەلققە ئىلىم-مائارىپ ئۆگەتسەڭ شۇنچە ياخشى دېگەن سۆزنى قىلىدۇ. ئاتىمىز داموللامنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرۈپ جەدىدچە ئوقۇيدۇ. بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئوقۇشنى تۈگىتىپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1895- يىلى ئەلاباي مەسچىتىگە چۈشۈپ، بالا يىغىپ 40 چە ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. » دېگەن قۇرلاردىن كەلگەن. مانا بۇ قاراش ۋە ئۇنىڭ ئۇيۇتقۇسى بولغان «1895- يىلى» دېگەن رەقەم يالقۇن روزىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»، «ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» قاتارلىق ماقالىلىرىدا تەرغىپ قىلىنغان «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى 1899-يىلى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئۈستىنئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپتىن باشلانغان.» دېگەن بىرتەرەپلىمە قارىشىنى تەۋرىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئومۇم تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە تولۇق ئېتىراپ قىلىنماي كېلىۋاتقان بۇ قارىشىنى «مۇتلەق ھەقىقەت» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە قوبۇل قىلدۇرۇش يولىدا تىنماي ئات چاپتۇرىۋاتقان مۇئەللىپنىڭ ئوغىسى ئۇشتۇمتۇت قاينايدۇ- دە، مۇھەممەتخان كامالى ئوتتۇرغا قويغان قاراشنىڭ «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» نى جان- جەھلى بىلەن ئىسپاتلاش كويىغا چۈشىدۇ.
يالقۇن روزى بۇ مۇددىئاسىغا تولۇق يېتىش ئۈچۈن، تارىخ ۋە ھەقىقەت روھىغا تىغ تەڭلەشتىنمۇ ھېيىقمىغان بولۇپ، ئىلى خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش يولىدىكى دادىل ئۇرۇنىشلىرى ۋە بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن جانپىدالىقىنى خۇپسەنلىك بىلەن مەسخىرە قىلىدىغان «قەشقەردىكى جەدىدچە مەكتەپ ئابدۇلكەرىم ئەپەندى ئۈستىنئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە ئاچقان ‹ھۈسەينىيە› مەكتىپىنى كۆرسىتىدۇ. غۇلجىدىكى جەدىدچە مەكتەپلەرنى كىملەر ئاچقان بولۇشى مۇمكىن؟ يۇقۇرىقى بايانلاردا كۆرسىتىلگەندەك ‹ھۈسەيىن باينىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى›ئاساسىدا ئېچىلغانمۇ ياكى غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ سودا- تېجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇسىيەلىك تاتارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئېھتىياجى بىلەن ئۇلار تەرىپىدىن ئېچىلغانمۇ ۋە ياكى ئابۇمۇتائالى خەلپىتىم تەرىپىدىن 1895-يىلى ئېچىلغانمۇ؟ مېنىڭچە ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم 1895-يىلى ياركەنتتىكى ئابدۇراھمان داموللا دېگەن تاتار كىشىدىن جەدىتچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ كېلىپ غۇلجىدا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان، دېگەن قاراشنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ قاراشتا مەن باشتا ئېيتقاندەك مەلۇم دەرىجىدە ئاساس بار. لېكىن بۇ ئاساس بۇ قاراشنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يېتەرلىك ئەمەس.» دېگەندەك پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلىپ، ئىلى خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپنى مۇستەقىل يولغا قويۇش جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق روھىنى چۆكۈرىدۇ.
يالقۇن روزى قازانلىق ۋەلىشاھ غالىئەكبەرېۋنىڭ «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1902- يىلى 3- ئاۋغۇستتىكى سانىغا بېسىلغان خەۋىرىدىكى «ھۈسەيىن مۇسابايېف يەنە بىر ھاجى سوفى ئوغلى مەسۇم ئەپەندى دېگەن ئۇيغۇرنى جەدىدچە ئۇسۇلنى پۇختا ئۆگىنىپ كېلىشكە باغچەساراي شەھىرىگە ئەۋەتكەن. بۇ مەسۇم ئەپەندى قەشقەر ۋە غۇلجىدا جەدىدچە توققۇز مەكتەپنىڭ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.» دېگەن قۇرلارنى ئىستات ئالغان تۇرۇقلۇق «ئىلىدا مۇنتىزىم يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى بىرقەدەر كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرغا قويغىلى بولىدىغان قاراش مەسۇم ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.» دېگەندىن ئىبارەت ئۆز مۇددىئاسىغىلا پايدىلىق، ئەمما، تولىمۇ مەنتىقىسىز خۇلاسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا، ئىلىدا مۇنتىزىم مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى تېخىمۇ كۈچلىك ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغان باشقا ھەرقانداق قاراش ئۇنىڭ نەزىرىدە نۆلگە تەڭ ئوخشىمامدۇ !؟
ئۇ گەرچە مۇھەممەتخان كامالىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغا پايدىسىز ئىككى گۇمانلىق نۇقتىنى ئەسكەرتكەندە، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەمنىڭ غۇلجىدا مەكتەپ ئېچىپ، ئۇسۇلى جەدىدنى ئېلىپ كىرگەنلىكىنىڭ «مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان قاراش» ئىكەنلىكىگە چىنپۈتسىمۇ، بۇ مەكتەپنىڭ «دىنىي مەكتەپ»لىك خاراكتېرىنى ئالاھىدە پۇرىتىپ، جەدىدچە مەكتەپلىك خاراكتېرىنى قەستەن ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. مۇھەممەتخان كامالىنىڭ بايىقى ئەسلىمىسىنى ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان 1895-يىلىدىن ئالاھىزەل 90 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يازغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ چىنلىق دەرىجىسىدىن يوچۇق ئىزدەيدۇ. مۇھەممەتخان كامالىنىڭ غۇلجا تاتارلىرى «مەكتەبى نۇر» نامىدا قىزلار مەكتىپى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدا «نۇر قىرائەتخانىسى» ئاچقان «1914- يىلى»نى «1910- يىلى» قىلىپ يېزىپ قويغانلىقى ۋە مەكتەب قۇرۇش تەشەببۇسكارىنى «ئابدۇللا بوبى» دېمەي، «كەشفۇلئەسرار داموللام» دەپ سالغانلىقىدەك گىدىككىنە سەۋەنلىكىگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ، ئىلى خەلقىنىڭ يۈكسەك ئىززەت-ئېھتىرامىغا ئېرىشكەن بۇ لەۋزى ھالال، پاراسەتلىك زاتنى ئاساسسىز پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان چاكىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاسلا قالىدۇ. ھەتتا، «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» ئىكەنلىكى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي، «مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ماقالىسىدا‹1895-يىلى›دېگەن يىلنامىنى دەلىل-ئىسپاتسىز ئوتتۇرىغا قويغان.» دېگەن سۆزىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىۋالىدۇ. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىم مۇرات ھەمرايېف بىلەن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفلارنىڭ يازمىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز مۇددىئاسىغا بويسۇندۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، «مۇرات ھەمرايېف بىلەن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ماقالىلىرىدىكى ئۇچۇرلار ياركەنتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنىڭ 1895-يىلى ئۇ دەرىجىدە ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.» دېگەن يۈزە خۇلاسىگە كېلىدۇ.
يالقۇن روزى يەنە مۇھەممەتخان كامالى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغا پايدىلىق ئىككى ئامىلنى تەكىتلەپ كېلىپ، «مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپىتىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق، مۆتىۋەر كىشىدۇر. ئۇ دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى يازغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى خېلىلا يۇقۇرى.» دېگەننى نومۇس كۈچىدىن تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ زاتنىڭ ئادىمىيلىكىدىن شۈبھىلەنگەنلىكىنى راۋۇرۇس چاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇ، مۇھەممەتخان كامالىنىڭ بۇ ھەقتە يالغان ئېيتمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ «ياركەنت شەھىرىدە ھەقىقەتەن ئابدۇراھمان داموللا دېگەن كىشىنىڭ بىر مەزگىل تۇرغانلىقى توغرا بايان قىلىنغان. ئابدۇللا بوبى بۇ ئۇچۇرنى 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى غۇلجىغا كېلىپ، تاتار قىزلار مەكتىپى بىلەن ئوغۇللار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلاپ بىرەر ئاي ئۆتمەي، غۇلجىدىكى رۇسىيە كونسۇلى تاتارلار ئۈچۈن تەيىنلىگەن فازىلجان ئاقساقال دېگەن كىشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا بايان قىلغان.» دېگەن سۆزى ئارقىلىق قىسمەن ياقلىغان بولسىمۇ، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەمنىڭ غۇلجىدا مۇسابايېفلاردىن بۇرۇن جەدىدچە مەكتەپ قۇرۇپ، ئىلىغا ئۇسۇلى جەدىدنى سىستېمىلىق رەۋىشتە ئەكىرگەن تۇنجى جەدىدچى ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى ئىنكار قىلىش غەرىزىدىن پەقەتلا يانمايدۇ.
ئابدۇللا بوبىنىڭ ئەينى چاغدىكى شەخسىي خاتىرىسىدە يېزىلغان «بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىزدىن مۇسابايېفلارغا مۇئەللىم بولۇپ كەلگەن ئابدۇلمۇتەللىپ ئىلكايېفنىمۇ فازىلجان ئەپەندى يولغا سېلىپۋەتكەن ئىكەن. مېنىمۇ ئۇ، ئابدۇلمۇتەللىپنى يولغا سېلىۋەتكەندەك يولغا سېلىۋەتمەكچى ئىكەن. لېكىن ئىش ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولمىدى.»، « ئۇنىڭ پۈتۈن مەقسىتى ھەركىمنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، ئۆزىنى ھەممىدىن بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشتۇر. ئۆزىگە بېقىنمىغان، ئۆزىدىن پازىل بىر ئادەمنى ھەرۋاقىت بار كۈچى بىلەن بوزەك قىلىشقا، يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدۇ. ياركەنتتىكى داموللام ئابدۇرەھماننىمۇ ئۇ خاراب قىلغان. پىتنە توقۇپ ئىناۋىتىنى تۆككەن.» دېگەندىن ئىبارەت شەخسىي ئاداۋەت پۇرىقى قويۇق ۋايساشلىرىنى بىردىن-بىر پاكىت سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، «بۇ ئۇچۇردىن بىز ئابدۇراھمان داموللىنىڭ ياركەنتتە قاچان تۇرغانلىقىنى بىلەلمىسەكمۇ، بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز.» دېگەن مۈجىمەل قاراشنى تەكىتلەيدۇ.
ئەمدى مەن يالقۇن روزى «بىرىنچى خىل قاراش»نى ئىنكار قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان «دەلىل- ئىسپاتلار»نىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى باھالايمەن:
بۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم ياركەنتتىكى ئابدۇراھمان داموللا دېگەن ئالىمنىڭ قولىدا ئوقۇغانمۇ- يوق؟، ئۇنىڭ 1895-يىلى غۇلجىدا جەدىدچە مەكتەپ ئاچقانلىقى تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ؟ دېگەن نازۇك مەسىلىلەرگە لىللا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
يېقىندا، مەن خەلپەم ھەزرەتنىڭ غۇلجىدىكى نەۋرىسى ئابدۇراھمان ھاجىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ ماڭا:«دادام مۇھەممەتخان كامالىنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋام ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەمنىڭ تەكتى قورغاس مازاردىن بولۇپ، 1881- يىلىدىكى ‹كۆچ-كۆچ»تە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياركەنتكە كۆچۈپ چىقىپتۇ. دەسلەپتە كونا قورغاسلىق موللا ئېلى دېگەن شائىردا، كېيىن ياركەنت مەدرىسەسىگە كىرىپ، شائىر موللا بىلال نازىمىنىڭ ۋە مەشھۇر دىنىي ئالىم ، شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمنىڭ قولىدا ئوقۇپتۇ. بۇ دەل ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللام دېگەن تاتار ئالىمنىڭ ياركەنتتە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، شۆھرەت تاپقان ۋە نىزامىدىن ئاخۇنۇم بىلەن بىللە «ياركەنتتىكى ئىككى پازىل» دەپ ئۇلۇغلانغان چاغلىرى ئىكەن. داموللامنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان خەلپەم بوۋام ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ خەلپەم بوۋامغا: ‹ھازىر قولۇمدا دىنىي دەرس ئۆگەنگۈچىلەر جىق. ئىلىدىن كەلگەن ئاسىپئاخۇن، ياقۇپبايلارمۇ دىنىي ئىسلامدىن دەرس ئېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئۇسۇلى جەدىدنى ئوقۇغىن! ئەگەر، ئۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپ،خەلققە ئىلىم-مەرىپەت ئۆگەتسەڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.› دەپتۇ. خەلپەم بوۋام ياركەتتە ئوقۇپ «ئېرشادنامە» ئالغاندىن كېيىن، جەدىدچە مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن، غۇلجىغا قايتىپ كەپتۇ.
خەلپەم ھەزرەت بوۋىمىز 1895-يىلى ئەتىيازدا، غۇلجا مەھكىمەئى شەرئىنىڭ ئىجازىتى بىلەن سۇدەرۋازا مەھەللىسىدىكى ‹ئەلاباي مەسچىتى›گە ئىمامەتچىلىككە قويۇلۇپتۇ. جامائەتنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن، مەسچىت قورۇسى ئىچىگە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپتۇ ۋە دەسلەپ 40 نەپەرچە بالىنى يىغىپ ئوقۇتۇپتۇ. شۇ يىلى كۈزدە، ئابدۇقادىر ئاقساقال باشلىق ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ئالدىدا بالىلاردىن ئوچۇق ئىمتىھان ئاپتۇ. ئۇلار دوسكىغا بىر بىرلەپ چىقىپ، ئىملا يېزىپتۇ، تۆت ئەمەل بىلەن ھېساب ئىشلەپتۇ، جۇغراپىيە دەرسىدە ئۆگەنگىنى بويىچە خەرىتىنى چېنەپ تۇرۇپ، قىتئەلەر ۋە ئۇنىڭغا جايلاشقان شەھەر، مەركەزلەر، تاغ- دەريالارنىڭ ئورنى، نامىنى ئەپچىللىك بىلەن ئېيتىپ بېرىپتۇ. جامائەت بۇ بالىلارنىڭ خەلپەم بوۋىمىزنىڭ قولىدا ئوقۇپ ناھايىتى تېزلا ساۋادلىق بولغانلىقىنى كۆرۈپ، مەمنۇن بولۇپتۇ ۋە بالىلارنىڭ تار سىنىپتا قىستىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، مەكتەپنى كېڭەيتىش قارارىغا كەپتۇ. ئابدۇقادىر ئاقساقال مەھكىمەئى شەرئىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، مەكتەپنى ئۆزىنىڭ تۆتكۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى قورۇ-جايىغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپتۇ. بۇ مەكتەپ جامائەتنىڭ قوللىشىدا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىر مۇدىر، تۆت ئوقۇتقۇچى، ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار تۆت سىنىپلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئايلىنىپتۇ. مەكتەپ نامىمۇ خەلپەم بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسمىغا يارىشا‹تائالىيە›مەكتەپ، دەپ ئاتىلىپتۇ. 1911- يىلى بوۋىمىزنىڭ تېرەكمازاردىن قورۇ- جايلىق يەر سېتىۋېلىشى بىلەن تېخىمۇ كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپ، رۇشتى (يەتتە يىللىق) مەكتەپكە تەرەققىي قىلىپتۇ.
ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللام دەل مېنىڭ ئانا جەمەت بوۋام بولىدۇ. ئابدۇراھمان بوۋام ئالاھىدىن (تاتارچە غەلەتتىن)، خەلىمە، خەنىپە، خەدىچە ئىسىملىك تۆت پەرزەنت يۈزى كۆرگەن بولۇپ، كىچىك قىزى خەدىچەنى (مېنىڭ رەھمەتلىك ئاپامنى) خەلپەم بوۋامنىڭ چوڭ ئوغلىغا يەنى دادام مۇھەممەتخان كامالىغا چېتىپتۇ. خەلپەم بوۋام ئابدۇراھمان بوۋىمىزنى چىن ئىخلاس بىلەن يادلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، ماڭا ئەنە ئاشۇ زاتنىڭ ئىسمىنى قويغان ئىكەن. دادامنىڭ ئەسلىشىچە، ئابدۇراھمان بوۋام ياركەنتتىن غۇلجىغا بىر نەچچە قېتىم كېلىپ، خەلپەم بوۋام، ئاسىپئىاخۇنۇم (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە مىللىي سوتنىڭ باشلىقى بولغان مۇھەممەتجان مەخسۇمنىڭ ئاتىسى)، ياقۇپ موللا (چاپچاللىق) قاتارلىق ئۈچ شاگىرتى بىلەن قاينۇقتا يەرلىشىپ قالغان تاتار بۇرادىرىنى ئالاھىتەن يوقلاپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنراق ۋاپات بولۇپتۇ ۋە ياركەنتتىكى تاتارلار قەبرىستانلىقىغا يەرلىنىپتۇ. 1984- يىلى ياركەنتكە بارغىنىمدا، ئابدۇراھمان بوۋام ئاچقان‹نوغاي مەدرىسەسى›نى زىيارەت قىلغان بولساممۇ، ئۇنىڭ قەبرىگاھىنى بىلىدىغانلارنى تاپالمىغاچقا، تاۋاب قىلالماي، ئارماندا قايتقان ئىدىم. 1989- يىلى بېشكەكلىك تۇغقىنىمىز ئابدۇمېجىت قارىدىن دۆڭمازارنىڭ تار كەنتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ياركەنتكە قايتقان ئۆمەرجان ئەپەندىنىڭ قەبرە ئورنىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ۋەتەنگە قايتىشىمدا يەركەنتكە چۈشۈپ، ئۆمەرجان ئاكا بىلەن مەرھۇمنىڭ قەبرىگاھىنى تاۋاب قىلىپ قايتتىم.» دېدى.
ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللام جەمەتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، «غۇلجا رۇس مەكتىپى» نىڭ سابىق مۇدىرى، غۇلجا تاتارلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىبىرى ئىليار گابىتوفنى ئىزدىدىم. ئۇ ماڭا:« 2006- يىلى تاتارىستانغا ئوتپۇسكىغا بېرىپ يانارىمدا يەركەنتكە چۈشتۈم. تاتار مىللەتداشلار بۇ يەردىمۇ خۇددى غۇلجىدىكىگە ئوخشاش مۇستەھكەم مىللىي گەۋدە بولۇپ ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە، سالىخوفلار جەمەتى بەرگەن كاتتا نەزىرگە قاتناشتىم. مېنى سۆيۈندۈرگىنى شۇكى، ئۇلار ئۇلۇغ بوۋىلىرى مۇھەممەدى سالىخوف ۋە ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللاملارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەي كېلىۋېتىپتۇ.» دېدى.
مىرقاسىم گوسمانوف «ئىسمائىل گاسپىرالى ۋە شىنجاڭدا يېڭى ئۇيغۇر مائارىپى» ناملىق ماقالىسىدا، «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1901-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان «غۇلجىدىكى جەدىد مەكتەپلىرىدە 500 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. ئىمتىھان بايرام مەزگىلىدە ئېلىندى.»(1) دېگەن خەۋەرنى ئالاھىدە مىسالغا ئالغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم قاتارلىقلارنىڭ غۇلجىدا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، بالىلاردىن ئوچۇق ئىمتىھان ئالغانلىقىغا ئىسپات بولالايدۇ.
خوش. يالقۇن روزىنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتنى ئېنىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي چىقارغان «ئابدۇراھمان داموللىنىڭ ياركەنتتە قاچان تۇرغانلىقىنى بىلەلمىسەكمۇ، بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز.» دېگەن ھۆكۈمى قىپ-قىزىل يالغان بولۇپ چىقمىدىمۇ!؟ ئېيتىڭلارا، ئۇنىڭ «ئادالەتنىڭ قازىسى»دەك چورتلا كېسىپ ئېيتىۋەتكەن «قىسقىسى، ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم ئىلىدا ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغان پېشىۋا مائارىپچىلاردىن ھېسابلانسىمۇ، ئەمما، پاكىت يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاساس كۈچلۈك بولمىغاچقا تۇنجى جەدىدچى دېگەن ئاتاققا نائىل بولالمايدۇ.» دېگەن تاقا-تۇقا گەپلىرىگە نېمە دېگۈلۈك؟
غۇلجىدىكى تارىخ بىلىمى مول زىيالىيلاردىن پولات بۇرھان ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم ئوغلى مۇھەممەتخان كامالىنىڭ تارىخقا ئىنتايىن ھېرىسمەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنى نۇقۇل دىنىي ئىلىم ئۈگىنىشكىلا زورلىماستىن، تارىخقا ئائىت بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان ئىكەن. ئۇ، ئاتىسىنىڭ رىغبىتى بىلەن بېرىلىپ تارىخ ئۆگىنىپ، ئىلى تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋاقىئەلەرنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىدىغان «تىرىك تارىخ» لاردىن بولۇپ چىقىپتۇ. شۇڭا، تېيىپجان ھادى قاتارلىق تارىخ ئىخلاسمەنلىرى ئۇنى ئۇستاز سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلاتتىكەنتۇق. مانا مۇشۇنداق تارىخىي ھەقىقەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر زاتنىڭ ئۆز يىلتىزى، بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ھەققىدە خالىغانچە توقۇلما قىلىشى مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟!
پولات بۇرھان ئاكىنىڭ مۇھەممەتخان كامالى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم ئىنتايىن كىتابخۇمار كىشى بولغاچقا، ئۇستازى ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللام ھەزرەتلىرىنىڭ شەخسىي كۈتۈپخانىسىدىن تۈركىيە، مىسىر، تاتارىستان قاتارلىق يەرلەردە نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرنال، گېزىتلەرنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ، ۋاقتىدا قايتۇرۇپ تۇراتتىكەن. ئەل ئۆمرىدە باشقىلارنىڭ قىل چاغلىق نەرسىسىگە خىيانەت قىلمىغان بۇ پازىل زات بىركۈنى «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىنى ئۇستازىدىن بىسوراق ئېلىپ كېتىپتۇ ۋە ئۇنى قايسى يۈزى بىلەن قايتۇرۇشىنى بىلەلمىگەنلىكتىن، يادىكار سۈپىتىدە ساقلاشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. كېيىنچە، ئۇستازى بۇ ئىشنى ئۇقۇپ سالىۋات قىلىۋېتىپتۇ. ئەمما خەلپەم ھەزرەت مۇشۇ كىچىكىنە ئىش تۈپەيلى ئۆزىنى بىر ئۆمۈر ئەيىپلىك سانىغان ئىكەن.
يالقۇن روزى زورۇقۇپ ئىنكار قىلماقچى بولغان ئەسلىمىنىڭ چىنلىقىغا كەلسەك، مەزكۇر ئەسلىمە خەلپەم ھەزرەت ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن راست ئىشلارنى بىرىنچى قول ماتېرىيال قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ يالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. ئەسلىمە ئېلان قىلىنغان 1984- يىلى ئىلىدا خەلپەم ھەزرەتنىڭ زامانداشلىرى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ تىرىك شاھىدلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ھايات بولۇپ، ئەگەر، ئەسلىمىدىكى بايانلار ساختا بولسا ئۇلارنىڭ قىلچە يۈز–خاتىرە قىلماي ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىغان بولاتتى. دېمەك، شاھىدلارنىڭ بۇ ھەقتە تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرى تارىخىي ماتېرىيالنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى بېكىتىشنىڭ «ئۈچ ئۆز»لىك پىرىنسىپىغىمۇ تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.
يۇقۇرىقىلاردىن بىز ئابدۇمۇتائالى خەلپەمنىڭ ياركەنتتىكى ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللامنىڭ قولىدا ئوقۇغانلىقىنى ۋە 1895- يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ جەدىدچە مەكتەپ ئاچقانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز.
ئارىمىزدا «باشقىلاردىن ئاڭلاپ يېزىۋېلىنغان تارىخقا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. تارىخ دېگەننىڭ ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بولۇشى كېرەك.» دەيدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، بارلىق تارىخنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى قايتىدىن يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈنكى قانلىق جەڭنىڭ ئەھۋالىنى بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا خاتىرىلەپ قالدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئۇنىڭ شاھىدلارنىڭ بايانىدىن ئاڭلاپ ئەتىسى خاتىرىلەنگەنلىكىگە قاراپ، بىراقلا يالغانغا چىقىرىۋەتكىلى بولامدۇ؟
1916-يىلى «تائالىيە» مەكتەپ تەرىپىدىن بۇ مەكتەپنىڭ 4– سىنىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن 42– نومۇرلۇق ئوقۇغۇچى ئابدۇلخەمىت ئابدۇلۋەكىلىگە تارقىتىپ بېرىلگەن تۆۋەندىكى «ئىمتىياز» گۇۋاھنامىسى بۇ سۆزىمىزنىڭ چىنلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلايدۇ.
بىز بۇ «ئىمتىياز»نىڭ رەڭلىك ۋە ئۆلچەملىك ئىشلەنگىنىگە قاراپ، «تائالىيە» مەكتەپنىڭ ئەينى دەۋردىكى مۇنتىزىم باشقۇرۇلۇش ھالىتىنى كۆرىۋېلىپلا قالماي، ئىلى مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ قانچىلىك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنىمۇ كۆرىۋالالايمىز.
يالقۇن روزى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلانغانلىقىغا ئالاقىدار «بەش خىل قاراش»نى ئىنكار قىلغاندا، «ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قاچان، قانداق باشلانغانلىقىغا ئائىت يۇقۇرىقى بەش خىل قاراشتىن باشقا مەن كۆرمىگەن ياكى ئاڭلىمىغان ئالتىنچى، يەتتىنچى قاراشلار بارمۇ؟ خەۋىرىم يوق.» دېيىش ئارقىلىق ئىلى مائارىپ تارىخىدىن دېگەندەك خەۋىرى يوقلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىقرار قىلىدۇ.
بىزدە «بىلگەننى ئايىما، بىلمىگەنگە كايىما» دەيدىغان گەپ بار. ئەمدى مەن ئىلىدا يېڭى مائارىپىنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقىنى ئاتنىڭ قاشقىسىدەك پاكىتلار ئارقىلىق سەمىڭلارغا سالماقچى:
1770-يىلى غۇلجا شەھىرىدە «بەيتۇللا مەسچىدى» ۋە ئۇنىڭ يېنىغا «بەيتۇللا مەدرىسەسى» ياسىلىشقا باشلاپ، 1773–يىلى پۈتىدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، بالىلارنى ئەنئەنىۋىي مائارىپ شەكلى يەنى «ئۇسۇلى قەدىم» بويىچە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان. 1840– يىلى «بەيتۇللا مەدرىسەسى»گە يانداپ «بەيتۇللا مەكتەپ» ئېچىلىدۇ.
1851-يىلى «جۇڭگو-رۇسىيە تارباغاتاي سودا نىزامنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، رۇسىيە پۇقرالىرى سودىدا كەڭ پۇرسەت ۋە پايدىلىق ئىمتىيازلارغا ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە، رۇسلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىق رول ئويناۋاتقان تاتار سودىگەرلىرىنىڭ ئىلىغا كۆپلەپ كېلىشى ۋە ئىلىدىن يەر-زېمىن سېتىۋېلىپ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشىغىمۇ يول ئېچىلىدۇ. ئىلى خەلقىمۇ روسىيە زېمىنىغا چىقىپ سودا قىلىش ۋە روسىيە ئارقىلىق تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇپ كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كونا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا يېڭىلىق كىرگۈزۈش ئارزۇسى دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئېشىپ، ئىلىدىكى مەكتەپ- مەدرىسەلەردە دىنىي دەرسلەرگە پەننىيلەشكەن مەزمۇنلارنى تەدبىقلاپ ئۆتۈش رېئاللىققا ئايلىنىشقا باشلايدۇ.
ئەجدادلىرىمىز قۇرغان «ئالمالىق» قەدىمكى شەھىرى خەلقى تارىختا ئاجايىپ مەدەنىيەت سەلتەنىتى ياراتقان ئىدى. بۇ شەھەر گەرچە، تۇغلۇق تۆمۈرخان سەلتەنەتىدىن كېيىنكى تۈرلۈك يېغىلىقلار سەۋەبىدىن خارابلاشقان بولسىمۇ، «ھەسەل ئالغان قاچىدا يۇقۇسى قالىدۇ» دېگەندەك ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغان قورغاس مازارلىقلار ئەجدادلىرى ياققان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مەشئىلىنى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆچۈرمەي كەلدى. «ئالمالىق» لىق ئالىم جامال قارشىنىڭ دادىسى مۇھەممەت سادىق بۇزرۇكۋارنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمەي مەدرىسە ئاچقان قورغاس مازارلىق خەلپەت مەۋلانىدىن (1810-1738)نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى خەلپەت قاھاۋىدىن (1888-1786) ۋە ئۇنىڭ ياراملىق شاگىرتى خەلپەت زاھىت ئەپەندى (1871-1841) قاتارلىقلار ئەنە شۇلارنىڭ تىپىك ئۈلگىسى.
خەلپەت قاھاۋىدىنلارنىڭ ئائىلىسى مەدرىسە ئېچىپ، ئەۋلاد تەربىيەلەشنى جەمەت ئەنئەنىسى قىلغان بولۇپ، بۇ جەمەتنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئائىلە نەسەبنامىسىدىن خەلپەت قاھاۋىدىن ،خەلپەت مەۋلانىدىن، ئابدۇكېرىمخان، ئالماس، سۈبھى، سەدەپ، ئەڭگۈش، ئىليار، كامالىدىن، جامالىدىن قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئالمىلىق شەھىرىدە ياشىغان يىراق ئەجدادلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى توخسى قەبىلىسىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش مۇمكىن.
خەلپەت قاھاۋىدىن ئەجدادلىرىنىڭ مەرىپەتچىلىك ئەنئەنىسىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، دادىسى خەلپەت مەۋلانىدىندىن قەلەم ۋە ئەلەم ماھارىتىنى پىشىق ئىگەللەپ، ئەتراپقا تونۇلغان قەلەمدار ۋە ئەلەمدارلاردىن بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يازغان شېئىرلىرى ھېلىمۇ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدا ساقلانماقتا.
1855–يىلى خەلپەت قاھاۋىدىن يۇرت چوڭلىرىدىن ئابدۇساتتار ئاقساقال، ئىسمائىل شەيخ، غوجا ئابدۇكېرىم قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن دادىسى خەلپەت مەۋلانىدىن 1770-يىلى ئاچقان كونا مەدرىسە ئاساسىدا، «مۇھەممەت سادىق ئاتام مازىرى»نىڭ شىمالىي تەرىپىگە ئىككى سىنىپلىق كونىچە مەكتەپ ئاچىدۇ ۋە بالىلارغا ئىسلام ئەقىدىسىدىن باشقا يەنە قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق، كاماندازلىق، قامچىگەرلىك، مىلتىق دورىسى ياساش ۋە پارتلىتىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
1858-يىلى ئۇ شاگىرتى زاھىتنى غۇلجىدىكى تاتار سودىگەرلىرىگە قوشۇپ تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇ قازاندا ئوقۇپ رۇسچە ئۆگەنگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە بېرىپ ئوقۇيدۇ. 1862-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇستازى ئاچقان مەكتەپتە دەرس ئۆتىدۇ. خەلپەت قاھاۋىدىن 1864-يىلى جەڭ ماھاتىتىگە ماھىر 11 نەپەر شاگىرتىنى باشلاپ، ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ. نوغايتۇ ئەزىمەتلىرىگە باش بولۇپ بايانداي قەلئەسىنى ئېلىش جېڭىگە ئاتلىنىپ، ئالاھىدە تۆھپە كۆرسىتىدۇ ۋە «قاۋاش پالۋان» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدىن ئوغلى تاجىدىن پالۋان ۋە كامال پالۋان، ھەلىم باتۇر، گاھاۋىدۇن باتۇر، راشىدىن باتۇر قاتارلىق باھادىر ئەزىمەتلەر، خەلپەت موللا بىلال نازىمى، خەلپەت غوجا ئابدۇرېھىم، خەلپەت نەزەر موللا، خەلپەت زاھىت ئەپەندىلەردەك ئىلمىتالىبلار يېتىشىپ چىقىدۇ.
قاھاۋىدىن خەلپەتنىڭ قوزغىلاڭغا كېتىشى بىلەن مەدرىسە ۋاقتىنچە تاقالغانلىقتىن، شاگىرتى زاھىت خەلپەت ئۇنىڭ ئىشىغا ۋارسلىق قىلىپ، ئۆز ئۆيىدە بالا ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1867-يىلى ئۇستازى جەڭدىن كېلىپ مەكتەپ قايتا ئېچىلىدۇ. زاھىت خەلپەت ئۇستازى ۋە ساۋاقدىشى غوجا ئابدۇرېھىملار بىلەن بىللە مۇئەللىملىك قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۇ، ئۇستازىنىڭ قوللىشى بىلەن دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى تۈركىيەدە ئۆگەنگەنلىرى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىپ، دىنىي دەرسلەرگە تارىخ، جۇغراپىيە، ھېساب، ئىنشا، ئىملا قاتارلىق دەرسلىكلەرنى قوشۇپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، جۇغراپىيەدە تۈركىيەدىن ئەكەلگەن خەرىتىگە قاراپ دەرس ئۆتۈپ، بالىلارنى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ئۆزىنى «خەلپەت» دېمەي، «ئەپەندى» دەپ ئاتاشنى ئانا يۇرتىمىز مائارىپ تارىخىدا تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلغان كىشى بولغاچقا، زاھىت ئەپەندى دېگەن مۇبارەك نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان غۇلجا جامائىتى 1869-يىلى ئۇنى غۇلجا شەھەر «بەيتۇللا» مەدرىسە مەسچىتى يېنىدىكى «بەيتۇللا مەكتەپ»نىڭ مۇئەللىملىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ. مەكتەپ نامى ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئىلى مەكتەپ»كە ئۆزگەرتىلىدۇ. زاھىت ئەپەندى بۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىك مەزمۇنلىرىنىمۇ يېڭىلاپ، دىنىي دەرسلەرگە پەننىي دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ. 1870-يىلى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ موللىلار ئەلاخان سۇلتانغا «زاھىت ئەپەندى بالىلارنى ئۆزى بىلگەنچە ئوقۇتۇپ، دىندىن ئازدۇرىۋاتىدۇ. ئىلىنىڭ ئۇ يېقىدا سايرام، بۇ يېقىدا قورغاس، دەپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىۋاتىدۇ. ئۇ تېخى سىزدىن تەخت تالاشماقچى» دېگەندەك يوقىلاڭ بەدناملارنى توقۇپ شىكايەت قىلىدۇ. مەھكىمەئى شەرئى قازىلىرى زاھىت ئەپەندىنى ئۆز يولىدىن قايتىشقا ھەرقانچە زورلىغان بولسىمۇ، ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرىۋالغانلىقتىن، ئاخىرى ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 1871-يىلى 6-ئايدا 26 يېشىدا غۇلجىدا ناھەق دارغا ئېسىلىدۇ.
1873-يىلى چار رۇسىيە دائىرلىرى غۇلجا شەھىرىدە رۇسىيە مائارىپ پىروگراممىسى بويىچە دەرس ئۆتۈلىدىغان پەننىي مەكتەپ ئاچىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلىشىدا پودپولكوۋنىك رېنتال ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا 34 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، يېڭىچە ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش ئېپىپ بارغان. مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى رۇس پېداگوكى ۋاسىلىيېۋ بىلەن ئوقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر قازى- كالانلار ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ مەكتەپ «غۇلجا مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ.
1875- يىلى غۇلجا شەھىرىدىن راشىدىن، مەنسۇر قاتارلىق كىشىلەر يەتتەسۇ ئارقىلىق تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، «ئىلى مەكتەپ»تە زاھىت ئەپەندىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئارىئۆستەڭلىك تاھىر خەلپەت، موللا بىلال نازىمى، سېيىت مۇھەممەت قاشى، ئابدۇللا ھاپىزلار بىلەن بىللە مۇئەللىملىك قىلىدۇ. دەرسلىك مەزمۇنىلىرىنى قايتىدىن يېڭىلاپ، تىل، ھېساب، ئىسلام تارىخى، جۇغراپىيە، ئەخلاق، ئىملا، ئىنشا قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتىدۇ.
1875-يىلى تاتار مەرىپەتچىسى مۇھەممەدى ھاجى سالىخوف ياركەنتگە مەسچىد ۋە مەدرىسە سالدۇرۇپ، «ئۇسۇلى قەدىم» بويىچە بالا ئوقۇتىدۇ. ياركەنتلىكلەر ئۇنىڭ مەسچىدىنى «نوغاي مەسچىدى»، ئۇ ئاچقان مەدرىسەنى «نوغاي مەدرىسەسى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ 1880-يىلى ئوغلى ئابدۇراھماننى قازان شەھىرىگە ئەۋەتىپ، تاتار ئالىمى شاھابىدىن مارجانىي ئاچقان مەدرىسەدە، 1883-يىلىدىن كېيىن، جەدىدچە مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ. ئابدۇراھمان 1885-يىلى دادىسى ئاچقان مەدرىسەدە مۇددەرىسلىك قىلىدۇ ۋە كېيىنچە ئۇنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇپ، جەدىدچە دەرس ئۆتۈلىدىغان رۇشتى (يەتتە يىللىق) مەكتەپ شەكلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، ياركەنت خەلقى ئۇنى «ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللام»، «نوغاي داموللام» دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقۇرى بولغانلىقتىن، ئوقۇشنى تولۇق تاماملاپ، «ئېرشادنامە» ئالالايدىغانلار ساناقلىق ئىدى. قورغاس مازارلىق ئابدۇمۇتائالى كامالى، غۇلجىلىق ئاسىپئاخۇنۇم، چاپچاللىق ياقۇپباي، چۇلۇقايلىق ئەمرۇللا خەلپەتلەر مانا بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، خەلپەتلىك «ئېرشادنامە»سى ئالىدۇ.
1875-يىلى قورغاس مازارلىق غوجامبەردى خەلپەت جامائەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، كىچىك مازار كەنتى چوڭ كوچىسىدىكى ھاپىزباي مەسچىدىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۆت سىنىپلىق دىنىي مەكتەپ ئېچىپ، 60 نەپەر بالىنى ئوقۇتىدۇ. بۇ مەكتەپ «مازار مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ. مەكتەپتە دىنىي دەرسلەرگە ئانا تىل، ھېساب، ئىملا، ئىنشا، خۇشخەت، رەسىم، تەنتەربىيە قاتارلىق پەننىي دەرسلەر قوشۇپ ئۆتۈلىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپنى ھەقىقىي پەننىي مەكتەپكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 1895-يىلى ئوغلى ئابدۇللا غوجامبەردىنى سودىگەرلەرگە قوشۇپ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ.
1896-يىلى قورغاس مازارلىق ئەمىردىن خەلپەت ئالمۇتادا جەدىدچە مەكتەپتە ئوقۇپ ياركەنتتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان سېپىئايىم توختىيېۋاغا ئۆيلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قورغاس مازاردا مەخسۇس جەدىدچە قىزلار مەكتىپى ئېچىپ بېرىدۇ. سېپىئايىيم 30 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنى يىغىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى سىنىپقا ئايرىپ ئوقۇتىدۇ. قورغاس جامائىتى بۇ مەكتەپنى «قىزلار مەكتەپ» دەپ ئاتايدۇ. 1905-يىلى ئىستانبۇلدىكى پەننىي مەكتەپتە ئون يىل ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقان ئابدۇللا غوجامبەردى دادىسى قۇرغان «مازار مەكتەپ»نى تەرتىپكە سېلىپ، پەننىي دەرسلەرنى ئاساس قىلىدىغان جەدىدچە مەكتەپكە ئايلاندۇرىدۇ. 1910–يىلى ئەمىردىن خەلپەت بىر قېتىملىق سىرلىق ھارۋا ۋەقەسىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سېپىئايىم غوجامبەردى خەلپەتنىڭ ئەمرىگە ئۆتىدۇ. 1914- يىلى ئابدۇللا غوجامبەردى «مازار مەكتەپ» بىلەن ئۆگەي ئانىسى سېپىئايىم باشقۇرىۋاتقان «قىزلار مەكتەپ»نى بىرلەشتۈرۈپ، تۆت يىللىق پەننىي مەكتەپكە ئۆزگەرتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا «نىجات» مەكتەپ دەپ نام بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مۇنتىزىم سىنىپلارغا ئايرىلىپ، قۇرئان، ھەدىس شەرىف، ئىسلام ئومۇمى تارىخى، ئانا تىل، ھېساب، جۇغراپىيە، تەبىئەت، تارىخ، خۇشخەت، قول ئىشى، ئەرەپ تىلى، ئىملا، ئىنشا، كىشىلىك مۇئامىلە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ.
قەدىمكى «قارناق» شەھىرىنىڭ ئىزناسى قالغان قاينۇق خەلقى ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان مەرىپەتچىلىك ئەنئەنىسىنى ئۈزۈلدۈرمەيدۇ. 1800–يىللارنىڭ دەسلىپىدىلا، قاينۇقتىكى ئارىئۆستەڭ، چەجە، شەرباغدىن ئىبارەت ئۈچ يۈزلىك يېزا مەسچىدلىرىدە دەرسخانىلار ئېچىلىپ، كونىچە ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش ئىشلىرى جانلانغان ئىدى. بولۇپمۇ، 1850 – يىللاردىن كېيىن، قاينۇقتا ئىستىقامەت قىلغان مۇتەپپەكۇر شائىر ۋە مەرىپەتچى موللا ئەلەم شەھيارى (شاھبەگمۇ دېيىلىدۇ) ۋە ئۇنىڭ مۇھەممەت توختى قاتارلىق ئوغۇللىرى ھازىرقى قاينۇق جامىئە مەسچىد (بۇرۇنقى چەجە مەسچىد) قارمىقىدا، بىر قەدەر مۇكەممەل ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنى ئېچىپ، يىلىغا 150 نەپەرچە بالىنى ئوقۇتۇپ، قاينۇق ئەنئەنىۋىي مائارىپىنى گۈللەنگەندۈرىدۇ. 1875-يىلى مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىما مۇھەممەت باراتسوپى ھاجى جامىئە مەسچىدىنىڭ شىمالىغا كارىدورلۇق قىلىپ ئىككى ئېغىزلىق مەكتەپ سېلىپ، ئۆزى تەكلىپ قىلغان ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن بىللە دىنىي دەرسلەرگە چاغاتاي يېزىقى، ھېساب، ئەخلاق، خۇشخەت، ئىنشا قاتارلىق پەننىي دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتىدۇ. بۇ مەكتەپ «مۇھەممەت باراتسوپى مەكتىپى» دەپ ئاتىلىدۇ. 1885-يىلى مۇھەممەت باراتسوپى ھەج سەپىرىگە مېڭىش ئالدىدا، مەكتەپنى قىزى ھەمزىرىخانغا ئاتىمىراس قىلىپ قالدۇرىدۇ. غۇلجا شەھىرىدىن چىققان «قارىي داموللام» دېگەن كىشىنى ئوقۇتۇشقا مەسئۇل قىلىدۇ. 1886-يىلى مۇھەممەت باراتسوپى ھاجىنىڭ مەككىدە ۋاپات بولۇشى، قىزىنىڭ غۇلجىغا كۆچۈپ كېتىشى بىلەن مەكتەپنىڭ ئىشلىرى بىر مەھەل بىنورمال ھالەتكە چۈشۈپ، مەسچىد جامائىتىنىڭ باشقۇرىشىغا قالىدۇ. 1900-يىللاردىن كېيىن، مۇشۇ ئانا مەكتەپتە ئوقۇپ يېتىشكەن ئىسكەندەر داۋۇتبەگ ھاجى، نەمەخۇن ئىمام، پەتتار ئىمام، سادىق ھاجى، شېرىپ ئىمام، ئۆمەر ئىمام، مەسئۇد ئىمام، مەخپىر ئىمام، مۇختەر ھاجى، ئىمرەم قارى قاتارلىق زاتلار مەكتەپنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 1902-يىلى جامائەتنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن قاينۇق مەھەللىسىدىكى «مەيدان» دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنغا ئاستى-ئۈستى تاختايلىق، ئوتتۇرىسى كارىدورلۇق، بىر ئىشخانا، تۆت سىنىپى بار جەدىدچە مەكتەپ سېلىنىپ، چاغاتاي يېزىقى، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە، خۇشخەت، ئەخلاق، قاتارلىق پەنلەر ئاساس قىلىنىپ، جەدىدچە ئۇسۇلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. يېڭى ئېچىلغان بۇ مەكتەپ بىلەن بۇرۇنقى مەكتەپنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغانلىقتىن، بۇ مەكتەپ ئۇنىڭ شۆبىسى قىلىنىدۇ. بارلىق خىراجىتىنى قاينۇقتا بەگ بولغان ئىسكەندەر داۋۇتبەگ ھاجى ئۈستىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ئىككى مەكتەپ قاينۇق يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. 1905-يىلى رۇسىيەدىن قاينۇققا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان مەشۇر توختاخۇن دېگەن كىشى يۇرت ئەھلىنىڭ تەكلىپى بىلەن قاينۇقتىكى كونا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ ۋە رۇسىيەدىن ئەكەلگەن دەرسلىكلەر ئاساسىدا سىستېمىلىق دەرس ئۆتۈپ، كونىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. قازاندىن ھېساب، خۇشخەت، ئىملا، تارىخ، جۇغراپىيە، تەبىئەت، تەنتەربىيە ۋە ئەخلاق قاتارلىق دەرسلىكلەرنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ. بۇ دەرسلىكلەر «قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ»تە ساقلانماقتا.
سۈيدۈڭنىڭ كونا مائارىپ ئىشلىرى 1800-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا جانلانغان بولۇپ، 1877-يىلى ئابدۇراھمان مەخسۇم ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىنى مەكتەپ قىلىپ ئېچىپ، 55 نەپەر بالىنى جەدىدچە ئۇسۇلدا ئوقۇتىدۇ ۋە دىنىي دەرسلەرگە ئەرەب ئېلىپبەسى، چاغاتاي يېزىقى، ھېساب، خۇشخەت قاتارلىق دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتىدۇ. ئابدۇراھمان مەخسۇم شېئىرىيەت ئىلمىغا پىشىق كىشى بولغاچقا، يۇقۇرى يىللىق بالىلارغا ئەلىشىر ناۋائى ئەسەرلىرى ۋە بابۇرنىڭ دىنىي قانۇن-قائىدىلىرىنى بايان قىلىدىغان نەزمىلەرنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭغا شاگىرتى قاسىمئاخۇن خەلپىتىم يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ.
1887-يىلى سۈيدۈڭ جامائىتى «ئىلى مەكتەپ»تە دەرس بېرىۋاتقان تاھىر خەلپەتنى تەكلىپ قىلىپ، ئازاق مەسچىدى يېنىغا ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپتە 45 نەپەر بالىنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇتۇپ، ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، «باقى دۇنيا ھەققىدە قىسسە»، «ھەدىس- شېرىف» قاتارلىق دىنىي دەرسلەرگە چاغاتاي تىلى، ئەخلاقۇل نىزام، ئىملا – ئىنشا، خۇشخەت، ھېساب، چوت سوقۇش قاتارلىق دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتىدۇ. 1898-يىلى سۈيدۈڭ كۈرە جامائىتى مۇھەممەت ئىمىن لوزۇڭ، خۇدابەردى باي، سىدىق ئىمىن، غازى شاڭيو قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدىن سۈيدۈڭگە كەلگەن تاتار زىيالىيسى رەپىق ئەپەندى بىلەن ئايالى شەفىقە ئابىستايلارنى ئىززەت- ئېكرام بىلەن كۈرەگە تەكلىپ قىلىپ ، ئۇلارغا ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇلار دەسلەپ 60 نەپەر ئوغۇل- قىز ئوقۇغۇچىنى يىغىپ، جەدىدچە ئۇسۇلدا ساۋادىنى چىقىرىدۇ. دىنىي دەرسلەرگە ئانا تىل، ھېساب، ئىسلام تارىخى، قول ئىشى دەرسلىرىنى قوشۇپ ئۆتۈش بىلەن بىللە يەنە كەچلىك ساۋاد چىقىرىش كۇرسى ئېچىپ، 80 نەپەردىن ئارتۇق ساۋاتسىز چوڭلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىدۇ. بۇ مەكتەپ كۈرەدە كېيىن قۇرۇلغان «نۇرىيە» مەكتەپنىڭ ئۇلى بولۇپ قالىدۇ.
1902- يىلى سۈيدۈڭنىڭ تەرەققىيپەرۋەر مۆتىبەرلىرىدىن ئابدۇراھمان مەخسۇم، سەلەي ھاجى، تاھىر خەلپەتلەر كۈرەدە مۇتەئەسسىپلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ سۈيدۈڭگە قايتىپ كەلگەن رەپىق ئەپەندى، شەفىقە ئابىستايلارنى ئەتىۋارلاپ كۈتىۋالىدۇ. تاھىر خەلپەت ئاچقان مەكتەپنى يېڭىلاپ، ئۇلارغا تۆت سىنىپلىق جەدىتچە مەكتەپ ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇلار دەسلەپ 60 نەپەر بالىنى يىغىپ، يۇقۇرى- تۆۋەن سىنىپلارغا ئايرىپ، رۇسىيە مائارىپ پىروگراممىسى بويىچە، ئانا تىل، تۆت خانىلىق ھېساب، خۇشخەت، تەبىئەت، تارىخ، جۇغراپىيە، شېئىر، تەنتەربىيە دەرسلىرىنى ئۆتىدۇ. 1904- يىلى غۇلجا ئۈچدەرۋازا مەسچىد جامائىتى رەپىق ئەپەندى، شەفىقە ئابىستايلارنى «ئۈچدەرۋازا مەكتەپ»كە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئەكەتكەندىن كېيىن، بۇ مەكتەپ قاسىم قارى، ھارۇن ھاجى قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر سۈيدۈڭ مۆتىبەرلىرىنىڭ قوللىشىدا داۋاملىق ئېچىلىۋېرىدۇ. 1910–يىللاردىن كېيىن، مەكتەپ ئىشلىرى سەلەي ھاجى، ھوشۇر مۇھەممەت، باھاۋىدۇن خوجايوف قاتارلىق مەرىپەتسۆيەر زاتلارنىڭ قوللىشىدا داۋاملىشىدۇ.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بىر تۈركۈم زىيالىيلارنىڭ سۈيدۈڭگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە قېتىلىشى بىلەن ئوقۇيۇش سۈپىتى ئۆسۈپ، بۇ مەكتەپنىڭ پەننىي مەكتەپلىك خاراكتېرى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ. 1918– يىلى سۈيدۈڭ جامائىتى بۇخارادا ئوقۇپ كەلگەن زېرىدىن مەخسۇمنى تەكلىپ قىلىپ، ئازاق مەسچىدى يېنىدا ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ بەرگەن. ئۇ 100 نەپەرچە بالىنى يىغىپ، چاغاتاي تىلى، ھەپتىيەك، تۆت خانىلىق ھېساب، چوت سوقۇش قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتىدۇ. 1934–يىلى سۈيدۈڭنىڭ خەلقپەرۋەر ھاكىمى موللاھېلىمنىڭ قوللىشى، مەمەتقۇل ھاجى، تۆلەندى باي، ئەمەتخان نۇراجى، باھاۋىدۇن خوجايوف، ھوشۇر مۇھەممەت باشلىق سۈيدۈڭ مۆتىبەرلىرىنىڭ مەبلەغ چىقىرشى، بىناكارلىق ئۇستىسى ئىمىن پەرەڭنىڭ لايىھەلىشى بىلەن چىنىباغ مەسچىتى يېنىغا ئىككى قەۋەتلىك زامانىۋى مەكتەپ بىناسى سېلىنىدۇ. نەتىجىدە، ئوقۇغۇچى سانى 200 نەپەردىن ئاشقان مۇنتىزىم باشلانغۇچ مەكتەپ بارلىققا كېلىدۇ. مەكتەپتە يوقسۇللارنىڭ بالىلىرى سۈيدۈڭ جامائىتىنىڭ خەيرى–ساخاۋەت پۇلى بىلەن ھەقسىز ئوقۇتىلىدىغانلىقتىن، «خەيرىيە» مەكتەپ، دەپ ئاتىلىدۇ.
1879–يىلى غۇلجا ئۆزبېك جامائىتى خامۇش خەلپەمنىڭ باشچىلىقىدا، ئەنجان مەھەللىسى ئەتراپىدىن تېگىشلىك يەر سېتىۋېلىپ، توپا كېسەك قۇرۇلمىلىق «ئەنجان مەسچىدى» بىلەن بىر سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇرىدۇ. خامۇش خەلپەم مەسچىدنىڭ ئىمامى بولىدۇ ۋە خەلپەتلىك قىلىپ بالا تەربىيەلەيدۇ. ئۇ دەسلەپ 50 نەپەرچە بالىنى يىغىپ، كونىچە ئۇسسۇلدا ئوقۇتىدۇ. 1896-يىلى ئۆزبېك مۆتىبەرلىرىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن «ئەنجان مەسچىدى»نىڭ ئۇدۇلىغا ئالتە ئېغىزلىق «ئەنجان مەكتەپ» مەكتەپ سېلىىنىپ، ئۈچ ئېغىزى دەرسخانا، ئىككى ئېغىزى خەلپەتلەر ئۆيى، بىر ئېغىزى دالايىلخانا (قىرائەتخانا) قىلىنىدۇ. خامۇش خەلپەم تالىپلارغا «ھەفتىيەك»، «دالايىل» قاتارلىق دىنىي دەرسلەرگە ئانا تىل (ئۆزبېك تىلى)، ھېساپ، خۇشخەت قاتارلىق پەننىيلەشكەن دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتۈپ، جامائەتنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. 1909-يىلى غەينىدىن باي ئۆز مەبلىغى بىلەن «ئەنجان مەسچىد»نى يېڭىلاپ ياسىتىدۇ. يېڭىدىن ئۈچ سىنىپ سالغۇزۇپ، ئەسلىدىكى مەكتەپنى كېڭەيتىدۇ ۋە جەدىدچە ئۇسۇلدا دەرس ئۆتۈشنى پەيدىن-پەي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 1914-يىلىغا كەلگەندە، جېرجىس ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دەرسلىك مەزمۇنلىرى ئىسلاھ قىلىنىپ، دىنىي دەرسلەرگە ئانا تىل (ئۆزبېك تىلى)، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىملا دەرسلىرى قوشۇپ ئۆتۈلىدۇ. دەرسخانىلارغا دوسكا، پارتا-ئورۇندۇقلار سەپلىنىدۇ. مانا بۇ مەكتەپ كېيىنكى ئۆزبېك «نەمۇنە مەكتەپ»نىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ.
1890- يىلى خېلىل ئەپەندى، مەغپىر ئەپەندىلەر غۇلجا شەھىرىنىڭ توغرىكۆۋرۈك مەھەللىسىدە جەدىدچە ئۈچ سىنىپلىق «توغرىكۆۋرۈك مەكتىپى»نى ئاچىدۇ. 1920- يىلى بۇ ئورۇنغا ئىككى قەۋەت، تۆت سىنىپلىق مەكتەپ بىناسى سېلىنىپ، چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ئەخمەت ئەپەندى، مەرۇپ سەئىدى، مەرۇپجان ئەپەندى قاتارلىقلار بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. مەكتەپ نامى «ئۆرنەك مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ.
1894-يىلى رۇسىيەنىڭ قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتۈرگەن تاتار زىيالىيسى موللا ئىمىن ھەمەش چاپچال ناھىيە جاغىستاي يېزىسىنىڭ سېدە مەھەللىسىدە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، تىل، ئىملا، ئەخلاق، ھېساب قاتارلىق پەنلەرنى ئۆتىدۇ. بۇ مەكتەپ «سېدە مەھەللە مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ يىلى «رازىخان-مەزىخان مازىرى» مەسچىدىنىڭ ئىمامى قۇتبى ئىمام مەسچىد يېنىدا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ. 1901-يىلى موللا ئىمىن ھەمەش ۋاپات بولغانلىقتىن، رۇسىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىمىراخۇن ئۇنىڭ ئورنىدا دەرس ئۆتىدۇ. -1905يىلى ئىسكەندەر ھاپىز جاغىستايدىكى ئۆيىدە پەننىي دەرسلەرنى ئاساس قىلىدىغان بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ، غۇلجىدىن غارىپۇللا ئىسىملىك تاتار ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ بالىلارغا قوشۇمچە رۇس تىلىمۇ ئۆگىتىدۇ. بۇ مەكتەپ «ئۆي مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ. 1910-يىلى جاغىستاي جامائىتى جاغىستاي شاڭيوسىنىڭ باشلامچىلىقىدا يۈسۈپ مىراپ مازىرى يېنىغا ئىككى سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ ئاچىدۇ. بۇ مەكتەپكە كېيىنچە ئالمۇتادىكى «سوپى زارۋات مەكتىپى»نى پۈتتۈرگەن مىرا موللىنى ئوقۇتقۇچىلىققا قويغان. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا سېدە مەھەللىسىدىكى مەكتەپ 50 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار، ئۈچ سنىپلىق مۇنتىزىم مەكتەپكە ئايلىنىدۇ. قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تاھىر ئىمىننىياز ئىمىراخۇننىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. رۇسىيەدىن كەلگەن ھېزىزەم، توختاخۇن ۋاجىپ، ئوشۇر قاتارلىق زىيالىيلارمۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. شۇ يىلى ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، تىل، ھېساب، جۇغراپىيە، تەبىئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق پەننىي دەرسلەر ئاساس قىلىنىپ ئۆتۈلۈپ، ئەينى ۋاقىتنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە قىلىنىدۇ. 1916-يىلى غۇلجا شەھىرىدىن چىققان ئەيسا داموللام بۇ مەكتەپكە مۇئەللىملىك قىلىدۇ. 1918-يىلى ئىلى مەھكىمە شەرئىنىڭ بېسىمى بىلەن قاينۇققا يېنىپ چىققان ناسۇھا داموللام جاغىستايغا ماكانلىشىدۇ ۋە 1927-يىلى قىرغىزىستانغا چىقىپ كەتكىچە «ئوردا مەھەللە مازار مەكتەپ»تە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. 1932-يىلى جاغىستايدا «بىرلىك» مەكتەپ قۇرۇلىدۇ.
1895-يىلى ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم («خەلپەم ھەزرەت» مۇ دېيىلىدۇ) قازانچى مەھەللىسىدىكى ئەلا باي مەسچىدى يېنىدا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، ئايالى زۆھرە ئابىستاي بىلەن بىللە بالا ئوقۇتىدۇ. 1896-يىلى بۇ مەكتەپنى ئابدۇقادىر ئاقساقالنىڭ تۆتكۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى شەخسىي قورۇ-جايىغا كۆچۈرۈپ ، تۆت سىنىپلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئاچىدۇ. غۇلجا خەلقى بۇ مەكتەپنى «تائالىيە» مەكتەپ، دەپ ئاتايدۇ. خەلپەم ھەزرەت 1911-يىلى تېرەكمازار مەھەللىسىدىن ئايرىم قورۇ-جاي سېتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپ تېخىمۇ كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. خەلپەم ھەزرەت، زۆھرە ئابىستاينىڭ پائال تىرىشچانلىقى، تېيىپزات خەلپەت، ئەمرۇللا خەلپەت، داۋامىدىن خەلپەت ۋە چەتئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن زىيالىيلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار سېپىگە قوشۇلىشى بىلەن تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، رۇشتى (يەتتە يىللىق) مۇنتىزىم پەننىي مەكتەپكە ئايلىنىدۇ.
1896-يىلى چۇلۇقايلىق ئىبراھىم موللام ئۆز يېزىسىدا بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ، جەدىدچە ئۇسۇلدا بالا ئوقۇتىدۇ.
1897-يىلى ئارىئۆستەڭلىك قەمىردىن خەلپەت ئارىئۆستەڭ يېزىسىدا بىر سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ ئاچىدۇ.
1898-يىلى پەنجىملىك نەسىردىن داموللام پەنجىمدە ئىككى سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ ئاچىدۇ.
1899-يىلى غۇلجا تاتار جامائىتى «قازان مەدرىسەسى»دە مۇدەرسلىك قىلىۋاتقان دىنىي ئۆلىما ۋە مائارىپچى كەشفۇلئەسرار داموللام ھەزرەتلىرىنى غۇلجىغا تەكلىپ قىلىپ، تاشلەپكە بازىرى يېنىدىكى «تاتار مەسچىدى»گە ئىماملىققا قويىدۇ. بۇ زات قازان، ئاستىراخان، بۇخارالاردا ئىلىم تەھسىل كۆرگەن ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولۇپ، 1900-يىلى تاتار مەسچىتى يېنىغا ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ، تاتار ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنى جەدىدچە ئۇسۇلدا ئوقۇتىدۇ. غۇلجا خەلقى كەشفۇلئەسرار ھەزرەتنى «نوغاي داموللام»، ئۇ باشقۇرغان مەكتەپنى «نوغاي مەكتەپ» دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپتە دىنىي دەرسلەردىن باشقا ئانا تىل (تاتار تىلى)، ئەدەبىيات، ھېساب، ئىسلام ئەخلاقى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، سىلاۋيان ئېلىپبەسى قاتارلىق دەرسلەرمۇ ئۆتۈلىدۇ. مانا بۇ مەكتەپ توغرىلىق «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1900-يىلى9-ئاينىڭ27-كۈنىدىكى سانىغا غۇلجىدىن يېزىپ ئەۋەتىلگەن «يېڭى قۇرۇلغان بۇ مەكتەپ ئوقۇتۇشتا جەدىدچە ئۇسۇلنى قوللانغان.»(2) دېگەن خەۋەر بېرىلگەن.
1901-يىلى شەرىفىدىن ھاجى غابىتوف ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن سىنىپلار يېتىشمەي قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، «بەيتۇللا مەسچىدى» دەرۋازىسىنىڭ جەنۇبىغا تۆت سىنىپ، ئون نەچچە ھۇجرىلىق ياتاقلىق مەكتەپ سېلىپ بېرىدۇ. ئۇ «ئىلى مەكتەپ»نىڭ ئەسلىدىكى تۆت سىنىپى بىلەن قوشۇلۇپ، سەككىز سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپكە ئايلىنىدۇ. شەرىفىدىن ھاجى غابىتوف بۇ مەكتەپكە كەشفۇلئەسرار داموللىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز نەپەر ئوقۇتقۇچىنى سەپلەپ بېرىدۇ ۋە مەكتەپنىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۈستىگە زىممىسىگە ئالىدۇ. مەكتەپ نامىمۇ كەشفۇلئەسرار داموللامنىڭ نامى بىلەن «مەكتەبى كەشفىيە» دەپ ئاتىلىدۇ.
كۆرىۋاتقىنىڭلار ئاتاقلىق مائارىپچى ئابدۇلخەمىت ئابدۇلۋەكىلى ئەپەندى «مەكتەبى كەشفىيە»نىڭ 4–يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا تۇتقان «كۈندىلىك دەپتەر»نىڭ مۇقاۋىسى بىلەن دەپتەرگە قوشۇپ تۈپلەنگەن «ھەپتىلىك دەرس جەدۋىلى» نىڭ فوتۇ كوپىيەسى.
بۇ دەپتەر «ساباخ كىتابخانىسى» تەرىپىدىن 1905-يىلى قازاندا بېسىلغان بولۇپ، مۇقاۋىسىغا «ياشىماق ئۈچۈن بىلمەك، بىلمەك ئۈچۈن ئوقۇماق تېگىشلىكتۇر.» دېگەن ئەقلىيە سۆز يېزىلغان. دەپتەر ئىچىگە «مەكتەپ بالىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەبلەر»، «مەكتەب نىزاملىرى»، «بايرام قىلىشقا تېگىشلىك كۈنلەر جەدۋىلى» «ئوقۇغۇچىلار نەتىجە كۆرسەتكۈچى» ۋە تۈرلىك خەت- چەكلەرنىڭ ئۆلچەاملىك يېزىلىش ئۈلگىسىمۇ بېرىلگەن. دەپتەردىكى «ھەپتىلىك دەرس جەدۋىلى» تولىمۇ ئىلمىي ئىشلەنگەن بولۇپ، «قۇرئان»، «ئەدەبىيات»، «ھېساب»، «ئىلىم ھال»، «قىرائەت فەنىيە»، «تارىخ»، «جۇغراپىيە»، «ئىملا»، «ئىنشا»، «ھۆسنخەت»، ««شېئىر» قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈش تەرتىپى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن.
1903-يىلى غۇلجا شەھەر «سايبويى مەسچىدى» يېنىدا مەكتەپ ئېچىپ، بالا تەربىيەلەۋاتقان شاكىر خەلپەت، ئابدۇللا توقماقلار كەنجى قۇمنىڭ تەشەببۇسى، ياقۇپ دوكا، زاكىر باي، ھۈسەن باي، باھاۋىدۇن باي، بېشىر باي ھاجىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن مەسچىد يېنىغا ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ، دىنىي دەرسلەرگە ئانا تىل، ھېساب، چوت سوقۇش، خۇشخەت دەرسلىرىنى قوشۇپ بالا ئوقۇتىدۇ. شۇ يىلى شاكىر خەلپىتىم بەختكە قارشى ۋاپات بولغان. مەسچىد جامائىتى كەنجى قۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سۈيدۈڭدىكى تاتار زىيالىيسى رەپىق ئەپەندى بىلەن شەفىقە ئابىستايلارنى بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ. رەپىق ئەپەندىنىڭ كېلىشى بىلەن يەنە بىر سىنىپ سېلىنىدۇ. جەدىدچە مەكتەپلىك خاراكتېرى كۈچەيتىلىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرىلىدۇ. مەكتەپ ئورنى ئۈچدەرۋازا مەەللىسىدە بولغاچقا، «ئۈچدەرۋازا مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ . پەننىي دەرسلەرنى رەپىق ئەپەندى بىلەن شەفىقە ئابىستاي، دىنىي دەرسلەرنى ئابدۇللا توقماق ئۆتىدۇ. 1914-يىلىدىن باشلاپ، مەمتىلاخۇن سەئىدى 1924-يىلىدىن كېيىن، بۇ مەكتەپكە ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ. 1928-يىلى كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، مۇنتىزىم پەننىي مەكتەپكە ئايلاندۇرىلىدۇ. 1931-يىلى «ئۈمىد مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئارىلىقتا «ھۈسەينىيە مەكتەپ» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «ئۈمىد مەكتەپ» دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ.
1903-يىلى ياركەنتتىكى «نوغاي مەدرىسە»سىدە ئوقۇپ، خەلپەتلىك ئېرشادنامىسى ئالغان ئەمرۇللا خەلپەت دادىسى غوجامبەردى ئاخۇن ۋە ئۇستازى ئابدۇمۇتائالى خەلپەمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئانا يۇرتى چۇلۇقايغا چىقىپ، ئىبراھىم موللام 1896-يىلى ئاچقان دىنىي مەكتەپ ئاساسىدا، ئىككى سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ ئاچىدۇ.
1903-يىلى ئىستانبۇلدىكى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن يۈسۈپ خەلپەت قورغاس ناھىيە لوسىگوڭ يېزا ئويمەھەللە كەنتىدە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، 30 دىن ئارتۇق بالىغا ئېلىپبە، تىل، ئىملا، ھېساب، جۇغراپىيە، خۇشخەت قاتارلىق دەرسلەرنى بەرگەن. ئوقۇغۇچى سانى ئاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنى سەۋىيەسىگە قاراپ يۇقىرى- تۆۋەن سىنىپلارغا ئايرىپ ئوقۇتىدۇ. بۇ مەكتەپ «ئويمەھەللە مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ.
1905-يىلى خەلىچە ئابىستاي، غەزىز ئەبزى، غەينۇرە قاتارلىق تاتار ئوقۇتقۇچىلار قىزىلكۆۋرۈك يېنىدا (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ ئورنىدا) ئۈچ سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سەۋىيەسىگە قاراپ دەرىجىگە ئايرىپ ئوقۇتىدۇ.
1905-يىلى نىلقا سۇپتاي يېزىسىدىكى ئوننەچە ئائىلىك تاتار ئاھالىسى سۇپتاي ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشىدا بىر سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ ئاچىدۇ. شۇ يىلى نىلقا كونىبازار مەھەللە جامائىتىمۇ كونىبازار مەسچىتى يېنىغا ئىككى سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ قۇرىدۇ. 1913-يىلى تاتار مەرىپەتچى كەشفۇلئەسرار داموللا غۇلجىدىن سۇپتايغا چىقىپ شەخسىيلەرنىڭ ئۆيىدە بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئاچىدۇ ۋە دىنىي دەرسلەرگە ئانا تىل، ھېساب، جۇغراپىيە، تارىخ، تەنتەربىيە قاتارلىق پەننىي دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتىدۇ. كېيىنچە بۇ مەكتەپ ئىككى سىنىپلىق مەكتەپكە تەرققىي قىلىپ، «سۇپتاي مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ. 1919-يىلى نىلقا كونىبازار جامائىتى غۇلجا «ئۈچدەرۋازا مەكتەپ» تە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان تاتار زىيالىيسى رەپىق ئەپەندى بىلەن ئايالى شەفىقە ئابىستاينى نىلقىغا تەكلىپ قىلىپ ئەچىقىپ، «نىلقا ئۇيغۇر مەكتىپى» نى ئاچىدۇ. 1920- يىلى نىلقا ناھىيە ئۆزەن يېزا رۇس مەھەللە كەنتىدىكى رۇسلار ئىككى سىنىپلىق يېڭىچە مەكتەپ ئاچقان بولۇپ، بۇ مەكتەپ «نىلقا رۇس مەكتىپى» دەپ ئاتىلىدۇ.
1906- يىلى دادامتۇ يېزىسىدىكى غوجامبىراخۇن، ھوشۇر شاڭيو، ئايۇپ ئىماملار جامائەت ۋەخپىسىدىن ئىككى ئېغىز ئۆي ئاجرىتىپ، ئىككى سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ ئاچىدۇ ۋە قورغاس چىڭسىخوزىلىق گاھىت داموللامنى ئەكىلىپ، مۇئەللىملىككە قويىدۇ. كېيىن، بۇ مەكتەپ «دادامتۇ مەكتەپ» دەپ ئاتىلدۇ.
1907-يىلى دۆڭمازارنىڭ تار كەنتى خەلقى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ساۋادسىز قېلىۋاتقانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ، غىياسىدىن ھاكىمبەگ غوجىغا ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ بېرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ. ئۇ تار خەلقىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلۇق دەپ قاراپ، ئابدۇمۇتائالى خەلپەمنى ياراملىق شاگىرتلىرىدىن بىرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تاللاپ بېرىشكە بۇيرىيدۇ. خەلپەم ھەزرەت چۇلۇقايدا بالا ئوقۇتىۋاتقان ئەمرۇللا خەلپەتنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمرۇللا خەلپەت ئۇستازىنىڭ ھاۋالىسى ۋە ھاكىمبەگ غوجىنىڭ تەستىقى بىلەن شۇ يىلى تارغا چىقىپ جەدىدچە مەكتەپ ئاچىدۇ. 1908-يىلىغا كەلگەندە، ئىلگىرى دۆلەت ئىمام ۋە ئاجايىپ ئىماملار قولىدا ئوقۇپ چالا ساۋاد قالغان بالىلار ئۇ ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇپ تولۇق ساۋادلىق بولىدۇ.
1906-يىلى سۈيدۈڭ بازار ئىچى مەسچىدى جامائىتى ئالمۇتالىق پىدا خەالپەتنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ، مەسچىد قورۇسى ئىچىگە ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئاچىدۇ. 1908– يىلى سابىت داموللا ئۆز ئالدىغا ئۈچ سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ، دىنىي دەرسلەرگە ئېلىفبە، ھېساب، ئىنشا، جۇغراپىيە، تارىخ قاتارلىق پەننىي دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتىدۇ. 1910-يىلى پىدا خەلپەت كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىدا بازار ئىچى مەسچىدى يېنىغا (ھازىرقى قورغاس ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى جايلاشقان يەرگە) تۆت سىنىپلىق جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، 80 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. بۇ مەكتەپ «بازار ئىچى مەكتەپ»، 1916- يىللار ئەتراپىدا، بىر مەزگىل «چولپان» مەكتەپ، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاتار زىيالىيسى ھەسەن ئاقچۇرىن شۇ يىللاردا مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق سۈيدۈڭگە كەلگەن زىيالىيلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا سەپلىنىشى بىلەن تەرەققىي قىلىپ، ئانا تىل، ھېساب، تەبىئەت، جۇغراپىيە، تارىخ، خۇشخەت قاتارلىق دەرسلەر ئۆتىلىدىغان پەننىي پەكتەپكە ئايلىنىدۇ. 1925– يىلىدىن كېيىن، مۇنتىزىم باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلىدۇ. 1930– يىلى سۈيدۈڭ جامائىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىككى قەۋەتلىك مەكتەپ بىناسى سېلىنىپ، 1932– يىلى پۈتىدۇ ۋە سۈيدۈڭ «نەمۇنە مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدۇ.
1910-يىلى نوغايتۇلۇق ھەمراھ موللا، قاسىم موللىلار ئۆزىنىڭ ئۆيىدە مەكتەپ ئېچىپ، بالا ئوقۇتىدۇ. 1917-يىلى ئەلا شاڭيۇ، توختاخۇن بايلار ئۆز مەبلىغى ۋە نوغايتۇ جامائىتىنىڭ ياردىمىغا تايىنىپ، ئاستى- ئۈستىنى تاختايلىق قىلىپ تۆت سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇرىدۇ. 1919-يىلى يەنە بۇ سىنىپلارغا باغدات پاسونىدىكى ئىشىك ۋە ياۋروپاچە ئەينەكلىك دېرىزىلەرنى ئورناتقۇزىدۇ. ئۇنى پەننىي دەرسلەر ئاساس قىلىپ ئۆتىلىدىغان مەكتەپكە ئايلاندۇرۇپ، «ئىتتىپاق» مەكتەپ، دەپ ئاتايدۇ.
1910-يىلى ناسۇھا ئىمىن داموللام مىسىرنىڭ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ، غۇلجا شەھەر «سۇدەرۋازا مەسچىدى» يېنىدىكى ئۆيىدە ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئاچىدۇ. ئوغۇللارغا ئۆزى، قىزلارغا رەپىقىسى سەلىخە ئابىستاي دەرس بېرىدۇ. سىنىپلارغا پارتا- ئورۇندۇق سەپلەپ بېرىپ، ئېلىپبەنى دەپتەرگە يازدۇرۇپ مەشق قىلدۇرۇش، دوسكىغا چىقىرىپ بور بىلەن خەت يازغۇزۇشتەك يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ.
چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ئىلىنىڭ جەدىدچىلىك مائارىپ ئىسلاھاتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۈركىيەدە ئوقۇغان ئوقۇتقۇچىلار ‹ئوغۇللار مەكتىپى› نامىدىكى‹دارىلشەفقەت› مەكتىپىدە ئىستانبۇلدىكى مەكتەپلەرنىڭ پىروگراممىلىرى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا رۇس تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدۇ. مەسىلەن، 1910-يىلى سېلىم بەگ تۆۋەنكى مەسچىد يېنىدا ئۈچ سىنىپلىق مەكتەپ قۇرۇپ، رۇسىيەدە ئوقۇپ كەلگەن مىر موللىنى ئوقۇتقۇچىلىققا قويىدۇ.
1911-يىلى مەرىپەتپەرۋەر بېشىرباي ھاجى ئۆز مەبلىغى بىلەن غۇلجا بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ كەينىگە (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شىمالىدىكى چوڭ يول بويىغا) ئوتتۇرىسى كارىدورلۇق، ئىككى تەرىپىدە ئۈچتىن ئالتە سىنىپى بار قىزلار مەكتىپى سالدۇرۇپ، ياۋروپا پاسۇنىدا پارتا-ئورۇندۇق، دوسكا ياسىتىپ بېرىدۇ. دەرس بېرىشكە سېپىئايىم توختىيېۋا، خەلىچە ئابىستاي، غەزىز ئەبزى، غەينۇرە ئاپپاي قاتارلىقلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ.
1912-يىلى بۇخارادا يەتتە يىل ئوقۇپ كەلگەن نەسىردىن داموللا پەنجىم يېزىسىدا دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن پەننىي ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن «تۆۋەنكى مەسچىد مەكتىپى»نى ئېچىپ، پەنجىم يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالىدۇ.
يۇقۇرىقىلار ئىلىدا قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ پەقەتلا بىر قىسىمى، خالاس. دېمەك، مۇشۇلاردىن ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بالدۇر باشلانغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
ماقالىدا سادىر قىلىنغان ئىككىنچى چوڭ خاتالىق رۇسىيە زېمىنىدا يولغا قويۇلغان جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى بولغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ قانداق تارىخىي زۆرۈرىيەت ئاستىدا يولغا قويۇلغانلىقى، قانداق ئوڭۇشلۇق قەدەملەرنى باسقانلىقى، ئاخىرىدا يەنە قانداق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلمىي نۇقتىدىن توغرا، سىستېمىلىق شەرھىيلەپ بېرەلمەسلىكتە كۆرىلىدۇ.
بۈيۈك مەرىپەت سەركىسى ئىسمائىل بەگ غاسپىرالىنىڭ بىۋاسىتە تىرىشچانلىقى بىلەن يولغا قويۇلغان جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ئانا يۇرتىمىز يېڭى مائارىپنىڭ سىستېمىلىق يولغا قويۇلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بىز ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدە تارىخىي زۆرۈرىيەت ئاستىدا يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىي نۇقتىدا سىستېمىلىق شەرھىلەپ بېرىش ئۈچۈن، جەدىدچىلىك يولغا قويۇلغان روسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغان مۇقەررەر ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى زۆرۈر تاپتىم.
1854-يىلى پارتلىغان قىرىم ئۇرۇشى تۈركىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ غەلىبىسى چار رۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. چار پادىشاھ نىكولاي1 ئىچكى–تاشقى بۆھرانغا بوغۇلۇپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالىدۇ. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى شۇكى، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك تەلپۈنۈشى كۈچىيىپ، قارشىلىق ئۇلغۇيىدۇ. مەسىلەن، 1826- يىلىدىن، 1837-يىلىغىچە 19 قېتىم دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. 1860- يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 126 قېتىمغا، 1861- يىلىدا بولسا، 1176 قېتىمغا يېتىدۇ. 1850-، 1860-يىللىرى يۇقۇرىدىن-تۆۋەنگە قارىتىلغان بىر قېتىملىق ئىسلاھات يۈرگۈزۈلىدۇ. 1861-يىلى يانچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىنىدۇ. نەتىجىدە، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن يەرسىز نامرات دېھقانلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشچى بولۇپ، كاپىتالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئالغا سۈرىدۇ. 1862- يىلى تەخت ۋارىسى بولغان نىكولاي2 ئا. ن. گىروۋنىننى مائارىپ مىنىستىرىلىقىغا تەئىنلەيدۇ ھەمدە ئۇنى مائارىپ ئىسلاھاتىغا مەسئۇل قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق پايدىلىق ۋەزىيەتتە تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ھەرخىل مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تەسسىس قىلىپ، جەمئىيەتتە شەخسلەر ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھلار بەس-بەستە مەكتەپ قۇرۇش دولقۇنى قوزغىلىدۇ. 1864- يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە چار پادىشاھ ھاكىمىيىتى يەرلىك ھاكىمىيەتلەرگە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، شەخسلەرگە مىللىي مەكتەپ ئېچىش، ھەرقايسى تەبىقە پەرزەنتلىرى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ ۋاقتى ئۈچ يىل بولۇش، ئاياللارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىغا يول قويۇش، دارىئېلمۇئەللىمىن قۇرۇشقا ئىجازەت بېرىش مەسىلىلىرى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈپ، سىستېمىلىق پىلان، پىروگراممىلار مەيدانغا كېلىدۇ. 1865- يىلى چېرنەيېف تۈركىستان ۋىلايىتىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، تاشكەنتتە «تۈركىستان ۋىلايىتى» گېزىتىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. خۇدايارخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئەمىنبېكنىڭ ئاتىسىغا ئائىت تارىخىي بايانلىرىى ۋە ئۆزبېك شائىرى فۇرقەتنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى دەل مۇشۇ گېزىت ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. «تۈركىستان ۋىدومېستى» گېزىتىمۇ نەشر قىلىنىپ، خۇدايارخاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالاتىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن ئىدى.1869- يىلى رۇسىيەدىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن، رۇسىيە جەمئىيىتى دېموكراتىك ئىسلاھات دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. رۇسىيە زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن بىر قاتار يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز يۇقۇرىدا بايان قىلغان تارىخىي ئارقا كۆرىنىش ۋە ئىسلاھات مۇقەررەرلىكى تۈرتكىسىدە روياپقا چىققان بولۇپ، ئىسمائىل غاسپىرالى ئومۇملاشتۇرغان جەدىدچىلىك مېتودى ئاللىقانداقتۇر ۋاقىتلىق قىزغىنلىق سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان بولماستىن، بەلكى چار رۇسىيە زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن پايدىلىق تارىخىي پۇرسەتلەرنى غەنىمەت بىلىپ ئالدىن پۇختا تەييارلىق كۆرۈش ئاساسىدا يولغا قويۇلۇپ، ئىسمائىل غاسپىرالىدەك ئوت يۈرەك ئىسلاھاتچىلارنىڭ جانپىدالىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدە توسقۇنسىز تەرەققىي قىلغان ۋە پۈتكۈل رۇسىيە زېمىنىغا كېڭەيگەن چوڭقۇر قاتلاملىق ئىجتىمائىي ئىسلاھات ھەرىكىتى دولقۇنىغا ئايلىنىدۇ.
يالقۇن روزى ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ 1892-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كونىچە مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇسۇلى جەدىد (ئۇسۇلى سائۇتىيە) ئوقۇتۇش مېتودىنى يولغا قويۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ، چار رۇسىيەنىڭ تۈركىستاندىكى گېنىرال گوبېرناتورى ئە. ب. ۋىرىۋېسكېيغا مەكتۇب يازغانلىقى، گەرچە مەكتۇب جاۋابسىز قالغان تەقدىردىمۇ بۇ يولدا بەل قويىۋەتمەي، 1893-يىلى تاشكەنتكىچە بېرىپ مەكتەپ ئاچقانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغاندا، رۇس مىللەتچىلىرى ۋە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ شەپقەتسىز قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىش ئارزۇسىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارىشىمۇ تارىخىي ئەمەلىيەتكە پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
بىز ئىسمائىل بەگ غاسپىرالىنىڭ رۇسىيە زېمىنىدا جەدىدچە ئوقۇتۇش مېتودىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان ۋاقىتلىرىدىكى ئالاھىدە مەمۇرىي ئىمتىيازى ۋە ئىجتىمائىي سالاھىيىتىنى نەزەرگە ئالساق، ئۇنىڭ جەدىدچىلىكنى يولغا قويۇش جەريانىدا باسقان ئۇتۇقلۇق قەدەملىرى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.
رىزائىددىن بىن فەخرىددىنى «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1914-يىللىق 21-،24- سانلىرىدىكى «ئىسمائىل بەگ گاسپىرىنسكى» ناملىق ماقالىسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىسمائىل بەگ غاسفارالى 1879-يىلى باغچەساراي شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىپ، ئۇشبۇ لاۋازىمدا تۆت يىل تۇرىدۇ.»، «ئىسمائىل بەگ ‹تەرجىمان›گېزىتىگە ئىجازەت ئېلىش ئۈچۈن، پېتىربۇرگ شەھىرىگىچە باردى ۋە كۆپ رىيازەتلەرنى چەكتى.»(3) دېسە، فۇئاد توخماروف «مەكتەب» ژۇرنىلىنىڭ 1914- يىللىق 9- سانىغا بېسىلغان «ئىسمائىل بەگ جەمئىيەت ئەربابى ئىدى» ناملىق ماقالىسىدا، «‹رۇسىيە مۇسالمانلىرى ئىتتىپاقى›نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە راۋاج تېپىشىدا ئىسمائىل بەگنىڭ غەيرەت ۋە ئىجتىھاتىنىڭ تەسىرى بەك كۆپ بولدى. ‹ئىتتىپاق›نىڭ ھەممە قۇرۇلتىيىدا ئىسمائىل بەگ بار ئىدى ۋە كۆپ ۋاقىتلارغىچە ‹ئىتتىپاق›نىڭ رەئىسى بولغانىدى.»، «1907-يىلىدىكى مەشھۇر مەكەرجە قۇرۇلتىيىدا (رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقىنىڭ) ئىسمائىل بەگنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى، بەرگەن مەسلىھەتلىرى كۆپ يىللارغا قەدەر ئۆز تارىخىي قىممىتىنى يوقاتماي كەلدى. ئىسمائىل بەگنىڭ شۇ قېتىمقى مەكەرجە قۇرۇلتىيىدا كۆرسەتكەن پاراسىتى ۋە ماھىر تەدبىركارلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغانىدى. قۇرۇلتايدا ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالماي، ئىختىلاپ ئىلكىدە ئېتىرازلىشىپ قالغان، ياشانغانلار، ياشلار، ئوڭچىللار، سولچىللار بىر يەرگە جەم بولۇشقان بولسىمۇ، ئۈزۈلمەس بەس-مۇنازىرىگە چۆمگەن ئىدى. ئۆزئارا ھۆرمەتتە بولۇش، پىكىر مەسلەكلەرگە رىئايە قىلىشتەك قۇرۇلتاي كەيپىياتىمۇ كۆتۈرۈلگەنىدى. ئاشۇنداق باشباشتاقلىق ئىچىدە ئىككى تەرەپكە بۆلۈنگەن قۇرۇلتاي ئەھلىنىڭ دىققەت ئېتىبارى ۋە ئىخلاسىنى تارتىدىغان بىرلا كىشى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىسمائىل بەگ ئىدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ھەممە كىشى بېرىلىپ تىڭشايتتى. ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلاتتى. دېمەك، ئىسمائىل بەگ رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا داھىيلىق سالاھىيىتىنى ئاللىقاچان ھازىرلىغان جەمئىيەت ئەربابى ئىدى.»(4) دەيدۇ.
ئىسمائىل بەگ غاسپىرالى يۇقۇرىقىدەك سالاھىيەت ۋە ئىمتىيازىغا ئاساسەن گېزىت چىقىرىپ «مەتبۇئات ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، رۇسىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەر تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» تىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، سىستېمىلاشقان ئىدىيە ۋە پۇختا پىلان بويىچە ئىش باشلايدۇ. شۇڭا ئۇ جەدىدچىلىك مېتودىنى يولغا قويۇشتىن ئاۋۋال پېتىربۇرگقا بېرىپ چار رۇسىيە ھاكىمىيىتىدىن ئىجازەت ئالىدۇ ھەمدە «رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقى» نىڭ ھەيئەت رىياسىتى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ باش قازىسى شاھابىددىن مارجانىدىن گېزىت چىقىرىش ۋە ئۇسۇلى سائۇتىيەنى يولغا قويۇش ھەققىدە پەتىۋا ئالىدۇ. ئاندىن باغچەساراي شەھىرىدە مەكتەب ئېچىپ، ئۇسۇلى سائۇتىيە مېتودى بويىچە بالا تەربىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. «رەھبەرى ئىملا» («ئىملا يېتەكچىسى») قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ دەرس ئۆتىدۇ. ئۆكىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى غايىسى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، كېيىنكى بىر غايىسى دۇنيا مىقياسىدا بارلىققا كەلگەن سىياسىي ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار تۈپەيلى يەنىلا غايە پېتىچە قالىدۇ. ئۇ جەدىدچە مەكتەبلەرنى ماڭغۇزۇشتا ئىشنى ئوقۇتۇش مېتودىنى يېڭىلاشتىن باشلىغان بولسىمۇ، ئۇ باشلىغان جەدىدچىلىك بىر قېتىملىق يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى سۈپىتىدە ئېتىقاد، مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر قاتلاملىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى پەيدا قىلىدۇ.
تاتارىستانلىق پېداگوك ۋە تىل ئالىمى مۇھىدىن قۇربانغالىيېف (1941-1873) قازاندا نەشر قىلىنغان «مەكتەپ» ژۇرنىلىنىڭ 1914-يىللىق 9-سانىدىكى ماقالىسىدا، ئىسمائىل بەگ غاسپىرالىنىڭ جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشتا ئىشنى قانداق پۇختا قەدەم بىلەن باشلىغانلىقى ھەققىدە:
«ئىسمائىل بەگ 1883-يىلى باغچەسارايدا ‹نەمۇنە ئىپتىدائىيە›نامىدا مەكتەپ ئېچىپ ھەم بۇ مەكتەپكە رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خەلپەت ۋە مۇئەللىملەرنى يىغىپ، ئۇلارغا تامامەن يات بولغان مەكتەپ پىروگراممىلىرى بويىچە ئۇسۇلى جەدىدەسىنى ئەمەلىي رەۋىشتە ئۆگەتكەن. بۇ مەكتەپتە خەلپەت ۋە مۇئەللىملەر (ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا) ئالتە ئايلىق مۇساپىنى پاراخوت ۋە تۆمۈر يوللار بىلەن پەقەت ئالتە كۈندە بېسىپ تۈگەتكەندەك تېز تاماملايدۇ. بىز ئىككى يىلدا ئۆگىتىدىغان دەرسلەر مانا مۇشۇنداق ئۈنۈملىك ئۇسۇلدا ئوقۇتۇلسا، پەقەت ئالتە ئايدىلا ئىگەللىتىپ بولىنىدۇ. شۇ قېتىم يىغىلغان كۇرسانتلار يەنە ھېساب، جۇغراپىيە، تارىخ قاتارلىق يېڭى پەنلەردىنمۇ ساۋاق ئېلىپ قايتىدۇ. ئوقۇشقا كەلگەنلەردىن ھەق ئېلىنمايدۇ. بۇنىڭ پەقەت بىرلا ئالدىنىقى شەرتى بولۇپ، كۇرسانتلاردىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كېيىن، جەزمەن يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، ئەڭ كام بولغاندا ئۆزىگە ئوخشاش مۇئەللىمدىن ئىككىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى ھەققىدە ۋەدە ئېلىنغان ئىدى. ئەرەب يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى: 1) ئۇسۇلى ھەرفىيە (ھەرپ ئۆگىتىش)، 2) ئۇسۇلى مەدىيە (سۆز تومۇرى ياكى بوغۇم ئۆگىنىش)، 3) ئۇسۇلى سائۇتىيەدىن ئىبارەت بولغان. ئۆگىنىشنىڭ ئۈچ شەرتى: 1) ئاڭلاپ بىلىۋېلىش، 2) تەدرىجى بىلىۋېلىش، 3) زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ بىلىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىدى.»(5). دېگەنلەرنى تىلغا ئالىدۇ.
ئىسمائىل غاسپىرالى ئۆزىنىڭ مەرىپەتچىلىك ئىدىيەسىنى نەزەرىيىۋى رەۋىشتە سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە مۇلاھىزىلىرىنى بولغان گېزىت، كىتاب-ژۇرناللاردىن ئىبارەت ئەپچىل مەتبۇئات قورالى ۋاسىتىسىدە جانلىق تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، كىشىلەر ئېڭىنى ئاقارتىش خارەكتېرى كۈچلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇنى تەشەببۇس قىلىشقىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاجايىپ ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى روياپقا چىقارغان شەخس ئىدى. ئۇ جەدىدچىلىك ئىدىيەسىنى ئەڭ ئاۋۋال مەكتەپ- مەدرىسەلەردە پىداگوگېكىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ سىنايدۇ، ئومۇملاشتۇرىدۇ. بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا يېزىش ۋە ئوقۇشنى تەڭ ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى كونا ئۇسۇل بولغان ھەرپلەرنى پەقەت سۆز يىلتىزى ھەمدە مورفېمىلىق قوشۇمچىلارنى ئىپادە قىلىدىغان ئۆلۈك قېلىپ ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە نۇقۇل ماسكېلىش ئەندىزىسى ئىچىدە قارىلارچە يادلىتىش بىلەنلا چەكلىنىشتەك ئۈنۈمسىز ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىپ، يېزىقنى ھەرپ، تاۋۇش سىستېمىسى قانۇنىيىتى تەلىپى بويىچە ئىلمىي ئۆگىتىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مانا بۇ ساۋات چىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئاسانلاشتۇرۇشتىكى ئىلمىي مېتودىكا، پىداگوگېكىلىق ئىملا قائىدىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە تىل ئوقۇتۇشىنى ئۈنۈملىك يولغا قويۇشتىكى زور يېڭىلىق ۋە مۆجىزە ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا «ئۇسۇلى سائۇتىيە» يەنى «تاۋۇش ئۇسۇلى» دەپ نام بەرگەنىدى. ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنىڭ مېتودىكا جەھەتتىكى يېڭىلىقلىرى جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، «ئۇسۇلى جەدىدىيە» يەنى «يېڭىچە ئۇسۇل» دېگەن ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا «ئۇسۇلى قەدىمىيە» يەنى «قەدىمچە ئۇسۇل» دېگەن ئاتالغۇ بارلىققا كېلىپ، كونا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ خاس نامىغا ئايلىنىش بىلەن بىللە جەدىدچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنى قۇۋۋەتلىگىچىلەر ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەپدارلىرىنىڭ قارشى قۇتۇبىغا ۋەكىللىك قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئورتاق نامىغا ئايلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئاتالغۇلار يەنىمۇ ئاددىيلىشىپ، «جەدىدچە ئوقۇتۇش»، «قەدىمچە ئوقۇتۇش» شەكلىدە قېلىپلىشىپ خاس ئاتالغۇغا ئايلىنىدۇ. «جەدىد» سۆزىمۇ تەدرىجى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدىغان خاس ئۇقۇمغا ئايلىنىدۇ.
بىز بۇ ئىككى خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ كەمچىللىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇقۇمغا كېلىش ئۈچۈن، مۇھىددىن قۇربانغالىيېفنىڭ «ئىسمائىل گاسپىرىنسكى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن «ئىسمائىل گاسپىرىنسكى مۇئەللىم ۋە پىداگوك ئىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرىمىز.
«ئانا تىل-ئوقۇتىلىۋاتقان پەنلەر ۋە دەرسلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى سانىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە گاسپىرىنسكى زامانىغا قەدەر تۈركى تاتار تىلىمىز پۈتۈنلەي ئېتىبارغا ئېلىنمىدى ھەم ئەڭ قەدىمىي بولغان «ئۇسۇلى ھەرفىيە» ئەرەبى ئەلىفبە « ئەلىف، بى، تى، سى، جىم، خى…» دەپ ئوقۇتۇپ كېلىندى. بۇ ئۇسۇل بىلەن ئوقۇغاندا بالىلار ھەرفلەرنىڭ ئىسىملىرىنىلا، ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپلىرىنىلا يادلاپ كەلدى. نەتىجىدە بالىلار ھەرفلەر ئىسىملىرىنىڭ نېمىگە كېرەك قىلىنىدىغانلىقىنى، قانداق قوشۇپ ئوقۇتىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن، تالىپلار: بۇنداق كۆنۈكۈپ بولماس نەرسىلەرنى بىزگە يادلاتقۇزۇپ بىزنى نېمانچىلا ئازابلايسىلەر؟ دەپ قاقشايتتى. ۋەلھاسىل بۇ ئۇسۇل بىلەن ئوقۇتقاندا بالىلارنىڭ ئەقىل-زاكاۋىتىنى ئىشلەتكۈدەك ئورۇنمۇ چىقمايتتى. ئۇلار ئوقۇغاندا ناھايىتى كەلسە شۇ مۇئەللىمنىڭ تەلەپپۇزىنى تەقلىدەن دوراشقىلا تىرىشاتتى. بالىلار كىتابنى قولغا ئېلىپلا بارچە ھەرفلەرنىڭ ئىسىملىرىنى شۇنىڭدەك شەكىللىرىنى يادلايتتى. بۇ تەرىقىدە ئوقۇشنىڭ بالىلارغا نەقەدەر ئېغىر كېلىدىغانلىقى، ئاخىرى بېرىپ بالىلارنى يارامسىز ئادەم قىلىپ چىقىرىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى ئىسمائىل گاسپىرىنسكى جانابلىرىغا تولىمۇ ئايان ئىدى. بۇنداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا خاتىمە بېرىپ، مەرىپەتلىك مىللەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۇسۇلى سائۇتىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۈرى بولغان ‹سۆزلەرنى ئاۋازلارغا ئايرىپ، ئاۋازلاردىن سۆز قۇراپ، يېزىش بىلەن ئوقۇشنى بىر يولى تەڭ ئۆگىتىش› يەنى ‹تاۋۇشلارنى تەھلىل قىلىپ ئايرىش مېتودى بىلەن ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگىتىش› مەقسىتىدە 1888-يىلى ‹خوجائى سەبىيان› («سەبىيلەر خوجىسى») ناملىق ئەلىفبە تۈزۈلدى. بۇ ئەلىفبەنىڭ مەزكۇر ئۇسۇل بىلەن تۈزۈلگەنلىكىگە دەلىل سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى كەلتۈرىمىز: 1-مۇقەددىمىنىڭ 8-ماددىسىدا گاسپىرىنسكى مۇنداق دەيدۇ: ‹ھەر سۆزنىڭ ساداسى (تاۋۇشى) بويىچە ئوقۇسۇنلەر. يېزىقنىڭ گۈزەل ۋە ھۆسنلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئىملاغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ جەرياندا يازغۇزۇش، پەقەت ئوقۇتۇپلا قالماي، مەلىكە (ماھارەت) ھاسىل قىلدۇرىلىدۇ. بالىلارغا ھەرفلەر ساداسى ۋە شەكلىنى بىلدۈرۈشكىلا كۈچەپ كەتمەسلىك كېرەك.›. 3-دەرسنىڭ تەلىم–تەربىيە مەقسىتى بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىش بابىدۇر. ئوقۇتقۇچى: ‹بابا› دېگەن سۆزدە قانچە سادا (فونېما) ۋە ھەرف بار؟ دەپ سورىسا، ئوقۇغۇچى: تۆت ھەرف بار، بى، ئەلىف، بى، ئەلىف، دەپ، ئوقۇتقۇچى: م، ئا، ر، ت، ھەرفلىرى قوشۇلسا نېمە بولىدۇ؟ ئوقۇغۇچى: مارت بولىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
مانا بۇ يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىر يولى ئۆگىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىپ ئوقۇش ۋە زېھنىي قۇۋۋىتى، ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشلىتىشىگە زور مۇمكىنچىلىكلەر بېرىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن خەت ئوقۇتقاندا تاۋۇشلار ئوقۇغۇچىلارغا يات يوچۇن بولغان، ھەتتا چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ كەتمەيدۇ. بالىلار ئۇنى پۈتۈنلەي چۈشىنىپ ئوقۇيدۇ، مەڭگۈ ئۇنتۇمىغىدەك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرىۋالىدۇ.»(6)
ئىسمائىل غاسپىرالى «ئۇسۇلى سائۇتىيە»دىن ئىبارەت ئۈنۈملىك ئوقۇتۇش مېتودىنى ئەنە ئاشۇنداق يۈكسەك غايە، دادىل روھ بىلەن يولغا قويغان ۋە ئۇنى بىر قېتىملىق ئاكتىۋال يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى سۈپىتىدە كەڭ ئومۇملاشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى داھىيانە سالاھىيىتى ۋە كۈچلۈك ئىجتىمائىي تەسىرى «جەدىدچە ئوقۇتۇش» مېتودىنى پۈتكۈل رۇسىيە زېمىنىدا ئوڭۇشلۇق كېڭەيتىشىگە داغدام يول ئاچىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرشچانلىقى جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ رۇسىيە مائارىپ پىروگراممىسى بويىچە ماس قەدەمدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىلى تەۋەسىگىچە كېڭىيىشىگىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق تۇرسا ئىسمائىل غاسپىرالى ئۇلۇغ مەقسەتتە باشلىغان ئىشلارنىڭ مۇئەللىپ ئېيتقاندەك يېرىم يولدا توختاپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟
رىزائىددىن بىن فەخرىدىننىنىڭ «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1914-يىللىق 21-سانىدىكى «ئىسمائىل بەگ گاسپىرىنسكى» ناملىق ماقالىسىدا، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ «تەرجىمان» گېزىتى نەشر قىلىنلغان ئۈچ يىل مابەينىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلىغاندا قىلغان: «بۈگۈنگە قەدەر (1886-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە) رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقى خەيرلىك ئىشلار ئۈچۈن، ئۈچ مىليون رۇبلى ئىئانە توپلىدى ۋە مىڭغا يېقىن نىزاملىق مەكتەپلەر تەسسىس قىلىنىپ، ئۇسۇلى سائۇتىيە ئەمەلگە قويۇلدى. مۇتەرجىمانلار 300 پارچىگە قەدەر پەننىي ۋە ئەدەبىي رىسالىلەرنى نەشر قىلدۇردى. سەككىز شەھەردە نىزامغا مۇۋاپپىق خەيرىيە جەمئىيەتلىرى ئېچىلدى.»(7) دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن، 1897-يىلى تاتارىستاننىڭ قازان رايونى ئۆزىدىلا ساۋاتلىقلارنىڭ نىسبىتى 20 پېرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 1912-يىلى بۇ رايوندا قۇرۇلغان جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ سانى 1088 گە يېتىدۇ. دېمەك، «جەدىد» ئاتالغۇسى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى جەمئىيىتىدىكى بارلىق لېبرالىستىك ھەرىكەتلەر ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنىڭ ئالماش ئىسمىغا ئايلانغان.
ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ جەدىدچە مەكتەپلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسى ھەرگىزمۇ مۇئەللىپ قارىسىغا ھۆكۈم چىقارغاندەك، گوبېرناتور ئە. ب. ۋىرېۋىسكېينىڭ جاۋاب خەت يازماسلىقى، مۇستەملىكە سىياسەت ۋەياكى يەرلىك قاشاڭ ئاڭ- ئىدىيە ئىگىلىرىنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبلىك يوققا چىققان ئەمەس. يۇقۇرىدا بىز رۇسىيەنىڭ دېموكېراتىك ئىسلاھات يولىغا مېڭىشى ۋە رۇسىيە زېمىنىدا مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش دولقۇنىنىڭ پەيدا بولۇشىدەك تارىخىي مۇقەررەرلىكنىڭ ھەتتا چار پادىشاھنىڭ زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋېلىشىغا سەۋەبكار بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدۇق. ئىسمائىل غاسپىرالى كەبى قايتماس ئىرادىلىك مەرىپەتچىلەرنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنى چار پادىشاھ جېنىدا توسۇپ قالالمىغان يەردە ۋىرىۋېسكېيدەك بىرەر تېرىم گوبېرناتور ۋە تارىخنىڭ مۇقەررەر ئېقىمى تەرىپىدىن زەربىگە ئۇچراپ، ئاللىقاچان ئۇلى لىڭشىپ قالغان مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ توسۇپ قالالىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
بۇنىڭ توغرىلىقىنى تۆۋەندىكى پاكىتلاردىن تېخىمۇ ئېنىق كۆرىۋالالايمىز:
«نيۇئورلېئان (يېڭى ئورلېئان) ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئېدۋارد لاززېرىننىڭ ئېنىقلىمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇسۇلى جەدىد» تېز ئارىدا قىرىملىقلار ئىچىدە ۋە باشقا تۈركى خەلقلەر رايونلىرىدىمۇ كەڭ تارقىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. جەدىدچىلىكنىڭ تارىخىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان ئا. بېننگسېننىڭ نەتىجىلىك تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1916- يىللىرى رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تۈركى خەلقلەر ياشىغان يۇرتلاردا يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئېدىل-ئورال بويلىرى، كاۋكاز، سىبىر، تۈركىستان، قازاق دالالىرىدا بەش مىڭدىن ئارتۇق جەدىدچە مەكتەپ يەنى يېڭى ئوقۇتۇش مېتودىغا كۆچكەن مەكتەپلەر جۇشقۇن ھالدا ئىشلەپ تۇرغانىدى.» (8).
مانا بۇلار ئىسمائىل غاسپىرالى باشلىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىقلار سەۋەبلىك ئەسلا يوققا چىقمىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، يالقۇن روزى رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىسلاھاتچىلىقى دولقۇنىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ، مەدەنىي مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇش يولىغا ماڭغانلىقىدەك ھەقىقەتكە يۈزە قارىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە ھاكىمىيىتى خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش دەۋرىنىڭ ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى، مەدەنىيەت ئېڭى ئويغانغان پۇقرالارنى ئىدارە قىلىشنىڭ نادان ۋە قالاق پۇقرالارنى ئىدارە قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقۇرىقىدەك ئىلغار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويغان ئىدى.
مۇئەللىپ دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ ياۋۇزلۇق بىلەن ئىدارە قىلىشقا خۇشتار ياڭ زېڭشىنغا ئوخشايدۇ، دەپ قارىسا كېرەك، رۇس شوۋېنىزىم ئىدىيەسى بىلەن قوراللانغان ۋىرۋېرىسكىيدەك ئۆكتەم گوبېرناتورلارنىڭ دېموكراتىك سىياسەت يۈرگۈزۈشكە مايىللاشقان رۇسىيە ھاكىمىيەت ئاپىراتىدا ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ھەل قىلغۇچ نوپۇزغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يەتمىگەن. ئۇلار تەرغىپ قىلغان تاتارلارنى رۇسلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇپ، تارىخنىڭ ئەۋرەز قۇدۇقىغا تاشلانغانلىقىدەك ھەقىقەتنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەن.
ئويلاڭلارا. مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسى ئالاھىدە كۈچلىك تاتار خەلقىنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇم ۋە شەپقەتسىز ئاسسىمىلياتسىيە توزىقىدىن قۇتۇلۇپ، پۈتكۈل رۇسىيە تېررىتورىيەسىدىن ھالقىغان زېمىنلارغا يۇلتۇزدەك تارىلىپ مەرىپەت ئاچالىشى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ !؟ ئۇلارنىڭ تا ھازىرغىچە ئۆز تىل- يېزىقى ، مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، مۇكەممەل مىللەت گەۋدىسى سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىشىچۇ !؟
يالقۇن روزى گەرچە، تاتارلارنى ئۈزىل-كېسىل رۇسلىشىپ كەتتى، دېيىشكە پېتىنالمىغان بولسىمۇ، مەجبۇرەن رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ دەۋر ئېقىمى تەرىپىدىن ئاخىرى سۈپۈرۈپ تاشلىنىپ، نەتىجىسىز ئاياقلاشقانلىقىغا چىنپۈتمىگەن. ئىسمائىل بەگ غاسپىرالى باشلىغان جەدىدىزم ھەرىكىتىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى ئەتەي كۆرمەسكە سېلىپ، قىسمەنلىكنى ئومۇمىيلىق ئۈستىگە، سەپسەتىنى ھەقىقەت ئۈستىگە دەسىتىشتەك سەۋەنلىككە يول قويغان.
دېمەك، ئۇ پەقەت ئۆزىگە پايدىلىق بولۇشىنىلا كۆزلەپ توپلىغان تارىخىي ئەينەنلىك تۇيغۇسى ئاجىز ماتېرىياللارغا بەكرەك ئېتىبار بەرگەچكە، بۇ ماتېرىياللار ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنىڭ تارىخىي قىممىتىنى كۈچەيتمەكتە يوق، ئەكسىچە تېخىمۇ پۈچەكلەشتۈرىۋەتكەن. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم مەنتىقىي يەكۈنلەر تارىخنىڭ تەتۈر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «تەتقىقاتچى»لار ۋە تەتقىقات مەقسىتىگە ئاللىقانداق شۇم غەرەز يوشۇرۇنغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدىغان «ئىلىم ئەھلى»لىرىنىڭ جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي رولى ۋە ئىجابىي خاراكتېرىنى بۇرمىلايدىغان سۈيئىستىمال چۈشەنچىلىرىنى دەستەك قىلغانلىقتىن، مۇلاھىزە روھىدا تامامەن مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىلگەن ھۆكۈملەرگە مەھكەم يېپىشىۋېلىپ، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلىشتىن پەخەس بولالمىغان.
ماقالىدا سادىر قىلىنغان ئۈچىنچى چوڭ خاتالىق ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ياراتقان ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھەققىدە ئەستائىدىل پىكىر يۈرگۈزمەسلىك، ئۇلارنىڭ جەدىدچە مائارىپنى يولغا قويۇش جەھەتتە قانداق ئاۋانگارت روللارنى ئوينىغانلىقىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەسلىكتە كۆرىلىدۇ.
بىز ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئېتنىك مەنبەداشلىق جەھەتتىن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىر ئوق يىلتىزغا باغلىساقمۇ، ئۆزلىرى ياشىغان ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك زونا ۋە ئۆزگىچە گىرەلەشمە مەدەنىيەت ئاتموسفېراسى مۇھىتىدا ياشىغانلىقى سەۋەبلىك، كونكېرت رايون خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىيەت ئۆرنىكى ياراتقانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
ئۇلار ئىلى ۋە يەتتەسۇدىن ئىبارەت بۇ «جەننەت ماكان» دا ئۆچمەس مەدەنىيەت ئىزلىرى قالدۇرغان يوپبان، قاڭقىل، بايات، توخسى، چىگىل، ئىزگىل، چارۇق، ياغما قاتارلىق قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئېتنىك يىلتىز قىلغان بولۇپ، ياۋروپا–ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ باشقا زونىلىرىدىن كەلگەن ئىنسان تۈركۈملىرىنى ئۆز تەركىپىگە سىڭدۈرۈش، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن رەڭگا رەڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزلىرى ياراتقان مەدەنىيەت ئەسلى تىپىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش، تارىخنىڭ تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي بوران-چاپقۇنلىرى سەۋەبلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىدىن تىرىكچىلىك ئىمكانىيىتى ئىزدەپ چىققان قېرىنداشلىرى بىلەن ئۈزلىكسىز يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە، ھازىرقىدەك ھەم يەرلىك ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت خاسلىقىغا، ھەم روشەن گىرەلەشمە مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە مىللىي توپقا ئايلانغان ئىدى.
ئىلىنىڭ شانلىق مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، باتۇر، ئەقىل- پاراسەتلىك، خۇشچاقچاق ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخ بەخشەندە قىلغان دادىل ئەكىلىشپەرۋەرلىك روھىنى دەستۇر قىلىپ، سىرتنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى ئۆز مەدەنىيەت ئىستېمالى ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش، شۇ ئاساستا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەندىزىسى يارىتىش جەھەتلەردە ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن سۆيۈنىمىز.
ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تەپەككۇرى يېڭى مەدەنىيەت تەركىپلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىشى ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ توختاۋسىز زەرەتلەپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ھەر ۋاقىت زۆرۈر ئېنىرگىيە ۋە قان تولۇقلاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالمىغانلىقتىن، ئىلىىلىقلارنىڭ ئويغاق مەدەنىيەت تەپەككۇرى تارىخنىڭ قاباھەتلىك بوران– چاپقۇنلىرى ئەۋجىگە چىققان، جاھالەت پىرلىرى رېژىسسورلۇقىدا، ھەررەڭ-سەررەڭ مەنىۋى تراگېدىيەلەر ئوينىلىۋاتقان قاباھەتلىك زامانلاردىمۇ، ئۆز سەگەكلىكىنى يوقاتمىدى. ئىلى مەدەنىيىتىمۇ يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەبلىك «يىپەك يولى» سودىسى پەسكويغا چۈشكەن، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت دېئالوگى ئەجەللىك سېلىكىپ، تارىم ۋادىسى دەھشەتلىك غېرىبلىققا چۆككەن دەۋرلەردىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆزلۈك قىممىتى ۋە مۇستەھكەم مەۋجۇدلۇق ئاساسىنى ساقلاپ قېلىۋەردى.
لىللا گەپنى قىلساق، ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئانا دىيارىمىز تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ھەر قېتىملىق مەدەنىيەت ئىسلاھاتى دولقۇنلىرى ۋە مەرىپەت ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلىرىدە، باشتىن- ئاخىر تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە جاھان مەدەنىيىتى يۈزلىنىشىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىۋال دەۋر ئېقىمىنى يارىتىش جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناپلا قالماي، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش، قېلىپلىشىش، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش جەريانىدا ئاۋانگارت روللارنى ئوينىدى. دېمەك، بىز ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ئورنىنى زىبىز ئىنكار قىلالمايمىز.
شۇڭا، بىز ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئېتنىك مەنبەداشلىق جەھەتتىن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىر ئوق يىلتىزغا باغلىساقمۇ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك زونا ۋە ئۆزگىچە گىرەلەشمە مەدەنىيەت ئاتموسفېراسى مۇھىتىدا ياشىغانلىقى سەۋەبلىك، كونكېرت رايون خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىيەت ئۆرنىكى ياراتقانلىقىدەك رېئاللىقنىمۇ ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. شۇڭا، بىز ئىلى ۋە يەتتەسۇ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالتەشەھەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت خاسلىقى جەھەتتىكى ئورگىناللىقىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقارماسلىقىمىز، ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي قىسمەتلەرنىمۇ تامامەن ئوخشاش ئىدى، دەپ تۇرىۋالماسلىقىمىز لازىم.
يالقۇن روزى دەل مانا مۇشۇ مەسىلىگە سەل قارىغانلىقتىن، ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، مەدەنىي مائارىپ جەھەتتە ئوينىغان ئاۋانگارت رولىغا تارىخنىڭ ئوبيېكتىپ چىنلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، توغرا ۋە ئىجابىي باھا بېرەلمىگەن. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى تولىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلىۋەتكەن. ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرى تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ئۇلار ياشىغان زامان- ماكان، ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتكەن مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى قاتارلىق كونكېرت ئامىللار بىلەن زىچ باغلاپ تەتقىق قىلماستىن، قىسمەن شەرقشۇناسلار «قەشقەرىيە» دەپ ئاتىۋالغان ئۆزگىچە رايون تەۋەسىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىغا زورمۇ-زور چېتىپ تەھلىل قىلىپ، تارىخىي رېئاللىقتىن چەتنەش سەۋەنلىكىگە يول قويغان.
دەرۋەقە، ئۇ، ئەنگلىيەلىك س. د. فورسېيسنىڭ 1873- يىلى ھىندىستاندىن قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارغا كەلگەندە كۆرگەن كونىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدىكى يۈزە مەلۇماتىغا مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ، «مانا بۇ 19-ئەسىردىكى قەدىمچە مەكتەپ- مەدرىسەلەرنىڭ ئەھۋالىدىن يەتكۈزۈلگەن خېلىلا ئوبيېكتىپ مەلۇمات. ئومۇمەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ مەكتەپ، مەدرىسەلىرىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئاساسەن مۇشۇنداق ئىدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئومۇمەن، بۇ مەكتەپ-مەدرىسەلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسسۇلى ۋە دەرسلىك مەزمۇنى كونىچە ئىدى.» دېگەن تومتاق خۇلاسىگە كېلىدۇ.
ئۇنداقتا، ئىلى ۋە يەتتەسۇ رايونىنىڭ 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئىجتىمائىي ھالىتى، مەدەنىيلىشىش دەرىجىسى قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تامامەن ئوخشاشمىدى؟ ياق! ئەسلا ئوخشاشمايتتى.
ئەينى ۋاقىتتا، ئىلى ۋە يەتتەسۇ خەلقى چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ كۈچلىك تەسىر دائىرىسىدە ياشىغان بولۇپ، تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىي مائارىپ جەھەتتىمۇ ئۇنىڭ مەنىۋىي كونتىروللىقىدا تۇرىۋاتاتتى. سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مەدەنىيەت ئويغىنىشى جەھەتتە باشقا يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇخلىسا چۈشىگە كىرمەيدىغان ئامەتلىك دەۋرىگە قەدەم قويالىغان ئىدى. مەدەنىيەت تەپەككۇرىدىكى سەگەكلىك، يېڭىلىققا ئىنتىلىش جەھەتتىكى ئاكتىپلىق ۋە مەدەنىيەت ئەكىلىشپەرۋەرلىكى جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق روھىنى بوشاشتۇرمىغان بولۇپ، رۇسلار ۋە تاتارلار ئارقىلىق سىڭىپ كىرىۋاتقان ياۋروپا مەدەنىيىتى يېڭىلىقلىرىنى مەدەنىيەت ئىستېمالى ئېھتىياجى بويىچە ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، كېڭەيتىش جەھەتتىمۇ ئاۋانگارت رول ئويناۋاتاتتى.
ئىككى قېتىملىق «ئەپيۈن ئۇرۇشى»نىڭ توپ- زەمبىرەكلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنى ئاچقان بولسا، چار رۇسىيەنىڭ ھەدەپ شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىشى، بولۇپمۇ 1851-يىلى چىڭ سۇلالىسى بىلەن «جۇڭگو-روسىيە تارباغاتاي سودا نىزامنامىسى»نى ئىمزالىشى نەتىجىسىدە، رۇس، تاتار سودىگەرلىرىنىڭ ئىلىدىكى سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى كۆپىيىپ، ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئىلى رايونىغا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىق سىڭىپ كىرىشى كۈچەيدى. 1871-يىلى چار رۇسىيەنىڭ «ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىش» باھانىسىدە ئىلىنى بېسىۋېلىشى بىلەن مەزكۇر رايون خەلقلىرىنىڭ چار رۇسىيە ھاكىمىيەت ئەندىزىسى بويىچە ئىدارە قىلىنىش تەقدىرى ئايدىڭلىشىپ، ئىلىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىكى ئىسلاھات ۋە يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكەتلىرى پۈتكۈل رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مەركىزى ئۆلكىلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭىدىغان ھالەت بارلىققا كەلدى.
ئىلى خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپقا كۆچۈش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى تولىمۇ ئەگرى- توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندىكى ئىزدىنىشلىرى نوقۇل رۇس ۋە تاتارلارنىڭ تەييار مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىنى ئەكىلىپ بېرىشىنى كۈتۈش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەدەنىيەت ۋە مائارىپتا يېڭىلىققا كۆچۈش جەريانى تۇيۇقسىزلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. خۇددى تۆرەلمە ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاستا-ئاستا يېتىلىپ، ئاي-كۈنى توشقاندا دۇنياغا كۆز ئاچقاندەك ئىلىنىڭ يېڭى مەدەنىيەت ۋە مائارىپقا كۆچۈشىمۇ، يۇقۇرىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك تالاي قېتىملىق دادىل ئۇرۇنۇش، پىداكارانە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت تەييارلىق باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تولۇق ئەمەلگە ئاشقان.
مۇئەللىپنىڭ «ياندىكى موللام جا موللام، يىراقتىكى موللام داموللام» دېگەندەك نەدىكى ئاتام-ئانام كۆرمىگەن رۇسىيەلىك، ئەنگىلىيەلىك «چوڭام» لارنىڭ تېگى-تەكتىگە قانداق غەرەز يوشۇرۇنغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدىغان «مەلۇمات» لىرىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، جەدىدچىلىك باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىلىدا پەننىي مائارىپ مەۋجۇد ئەمەس ئىدى، دەپ ۋايساشلىرى ئۇنىڭ ئىلىنىڭ تارىخىي ئەھۋالىدىن تازا دېگەندەك خەۋەردار ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئۇيغۇر فولكلورشۇناس قادىر ھەسەنوف، ئايشەم شمىيېۋالار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1949-يىلى ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەل قوشاقلىرى» ناملىق كىتابتا، ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باتۇر سەركەردىسى، ئاتاقلىق خەلق قوشاقچىسى سادىر پالۋاننىڭ تارىخىي ئۇچۇر بېرىش قىممىتى يۇقۇرى مۇنداق بىر كۇبلېت قوشىقىنى كۆرىمىز:
مېنىڭ ئۈچ بالام بار،
چوڭى پەننامە ئوقۇيدۇ.
مېنى مويتۇڭزىدا چاپسا،
تېنىمنى قاغا چوقۇيدۇ.
رېئاللىستىك پۇرىقى كۈچلۈك، چىن ۋە جەڭگىۋار بولۇش سادىر پالۋان قوشاقلىرىنىڭ مۇھىم ئۇسلۇب خاسلىقى. بۇ قوشاقتا ئۇ چوڭ بالىسىنىڭ «پەننامە» دە ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتساق، پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئېيتىشنى ئۇنتۇمايدۇ. «پەننامە»نىڭ قارشىسىدا «دىننامە» ياكى «دىنىي مەكتەپ» ئاتالغۇسىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى پەرەز قىلساق، ئۇ مەكتەپنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم پەننىي مەكتەپ بولمىغان تەقدىردىمۇ، پەننىيلەشكەن بىلىملەر ئۆگىتىلىدىغان مەكتەپ ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.
قوشاقتا ئەكس ئەتكەن مويتۇڭزىدا چېپىلىشتىن ئەنسىرەش كەيپىياتىدىن سادىر پالۋاننىڭ يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان نارەسىدە بالىلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىۋالىمىز. دېمەك، بۇ قوشاق ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلاشتىن بۇرۇنراق يەنى 1850-يىللار ئەتراپىدا توقۇلغان. ئەگەر، قوزغىلاڭ پارتىلىغان 1864-يىلىدىن كېيىن توقۇلغان بولسا، زور قوشۇنغا سەركە بولۇپ ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ يۈرگەن سادىر پالۋاننىڭ ئۆز بېشىدىن ئەنسىرىشى بىھاجەت ئىدى.
ئەمدى مەن يالقۇن روزى ئەنگلىيەلىك س. د. فورسېيسنىڭ 1873-يىلى قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارنى تەكشۈرگەندە قىلغان سۆزلىرىنى دەستەك قىلىپ سورىغان «1866-يىللىرى ياركەنت، شەمەي، بۇخارا، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا يېڭى پەن-مائارىپ، ھۈنەر – سانائەت بىلىملىرى نېمىش قىلسۇن؟ مەكتەپ، مەدرىسەلەرنىڭ سەۋىيەسى قەشقەر تەۋەسىدىكى مەكتەپ، مەدرىسەلەرنىڭكىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىلى ۋادىسىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى كىم ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن؟» دېگەن تۈكى يوق سوئالىغا ئىشەنچىلىك تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمەكچى.
1865-يىلى چېرنەيېف تۈركىستان ۋىلايىتىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، تاشكەنتتە «تۈركىستان ۋىلايىتى» گېزىتى بىلەن «تۈركىستان ۋىدومېستى» گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىدەك پاكىتنى يادىڭلارغا سالغان ئىدۇق. ئوبدانراق ئويلاپ باقايلى. 1865-يىلى تۈركىستاندا مەدەنىي مائارىپىنىڭ ئالى شەكلى بولغان گېزىتلەر نەشر قىلىنغان تۇرسا، رۇسىيە تەسەررۇپىغا ئۆتۈپ بولغان ياركەنت، شەمەي، بۇخارا، تاشكەنت قاتارلىق يەرلەردە، 1866-يىللىرى مائارىپقا ئالاقىدار باشقا ئىسلاھاتلارنىڭ بارلىققا كەلمەسلىكى مۇمكىنمىدۇ ؟ 1873-يىلى پەقەت قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارنى تەكشۈرۈش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن ھېلىقى ئەنگلىيەلىك «چوڭام»نىڭ يازمىلىرى ئىلىدا يېڭىچە پەن – مائارىپ ئوچاقلىرىنىڭ «مەۋجۇد ئەمەسلىكى» گە تولۇق ئىسپات بولالارمۇ؟ بۇنىڭغا تارىخ ئۆزى جاۋاب بەرسۇن!
بىز 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ئىلىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىدا يەنە قانداق يېڭىچە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، رۇسىيەلىك شەرقشۇناس ئالىم ۋاسىلىي ۋاسىلىيىۋېچ رادلوف 1862-يىلى ئىلىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئاساسىدا يازغان «غۇلجىغا ساياھەت خاتىرىسى» دىكى «غۇلجا شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى يېزىلاردىكى تارانچىلارنىڭ تۇرمۇشىدەك نامرات، مۇشەققەتلىك ئەمەس ئىدى. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراتتى. بۇ قوۋم مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا كاپىتالىست، سودىگەر، دىنىي زاتلار يېتىشىپ چىققان، ھەتتا ئۇلار زورىيىپ كەلمەكتە، بەزى ئىشلار ئۇلارنىڭ دىتىغا ياقمىغان ئەھۋالدا ئەمەلدارلار بىلەن قارشىلىشالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلالايدۇ. بۇنداق چىنبارلىق (رېئال) شارائىتتا ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى.»، «غۇلجا شەھىرىدىكى تاتارلار (ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. تەرجىماندىن) قول–ھۈنەر سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى بىلەن مەشھۇر.»(9) دېگەن قۇرلارغا مۇراجىئەت قىلىمىز.
مانا بۇ پاكىت 1860-يىللاردىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىنتايىن قويۇق مەدەنىيەت ئاتموسفېراسىغا ئىگە ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتتىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، ئىلىدا كاپىتالىستىك مىللىي سودا-سانائەتنىڭ شۇ يىللاردىنمۇ بۇرۇنراق بارلىققا كەلگەنلىكى، دېموكراتىك ئاڭنىڭ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆسۈپ بارغانلىقىدەك ئەمەلىيەتتىنمۇ ئېنىق دالالەت بېرىدۇ. مانا بۇلار بۇ رايوندا بارلىققا كەلگەن « يېڭى پەن-مائارىپ، ھۈنەر– سانائەت بىلىملىرى» نىڭ مەھسۇلى بولماي، نېمە !؟
ماقالىنىڭ بېشىدا، قورغاس مازارلىق ئوت يۈرەك مائارىپچى زاھىت ئەپەندىنىڭ 1867-يىلى ئىلى ۋادىسىدا پەننىي مائارىپنى يولغا قويۇش تەشەببۇسىنى ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىنىي دەرسلەرگە دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقى، 1869-يىلى غۇلجا خەلقىنىڭ ئالاھىدە ئىززەت-ئېكرام بىلەن تەكلىپ قىلىشى بىلەن غۇلجىغا كىرىپ، «ئىلى مەكتەپ»نى تەرتىپكە سالغانلىقى، كونىچە مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقى ۋە ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئىلىم-مەرىپەت ئۈچۈن جانپىدالىق كۆرسىتىشنىڭ مەردانە ئۈلگىسىنى ياراتقانلىقى ھەققىدە توختالغان ئىدىم.
دېمەك، بىز ئوت يۈرەك مەرىپەتچى زاھىت ئەپەندىنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئۇل سالغان دادىل ئىسلاھاتچى ۋە ھەقىقىي مائارىپ پېشىۋاسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاشقا، ئۇ نام بەرگەن «ئىلى مەكتەپ»نى بولسا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تۇنجى بۆشۈكى، دېيىشكە ھەقلىق.
دېمەك، ئىلى خەلقىنىڭ كونىچە مائارىپنى يېڭىلاش، يېڭىچە مائارىپنى يولغا قويۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى 1870-يىللاردىن بۇرۇن باشلانغان. بۇنىڭغا زاھىت ئەپەندىگە ئوخشاش چەتئەلگە چىقىپ يېڭىچە مائارىپ بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش روھى تۈرتكە بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ يولدا كۆرسەتكەن جانپىدالىقلىرى گەرچە، ئەينى ۋاقىتتىكى جاھالەت ھامىيلىرى ۋە مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئىجابىي ھەرىكىتى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەش ئېڭىنى تاڭ ئالدىدىكى چاقماقتەك لەرزىگە سېلىپ، مائارىپ ۋە يېڭىلىققا كۆچۈش روھىنىڭ بۇ رايونىدا توسىۋالغۇسىز دەۋر ئېقىمىغا ئايلىنىشىنى تېزلەتكەن.
بىز زاھىت ئەپەندىگە ئوخشاش مەرىپەت پېشىۋالىرىنىڭ مەرىپەت ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى دادىل ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنىڭ كېيىنكىلەرنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىەسىدە نادانلىق ۋە خۇراپات ھامىيلىرى ئۈستىدىن ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە قىلغانلىقىدەك ئەمەلىيەتتىن، ئىلى ۋە يەتتەسۇ خەلقىنىڭ مەرىپەت كۈشەندىلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، يېڭىلىق، ئىلغارلىق، تەرەققىياتقا ئاتلىنىش يولىدىكى جانپىدالىقىنى يەنىمۇ ئوچۇق كۆرىۋالالايمىز.
رۇسىيەلىك ۋ. ئا. موئېسېيېف يازغان «رۇسىيە ۋە جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىياسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 131-بېتىدە، مۇنداق بۇلجىماس پاكىتلارنى يازىدۇ:
«1873-يىلى رۇسىيە غۇلجىدا قۇرغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 34 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 25 نەپىرى ئۇيغۇر بالىلىرى بولۇپ، پەقەت يەتتە نەپەرلا رۇس بالىسى بار. ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى رۇس پېداگوكى ۋاسىلىيېۋ بىلەن ئۇيغۇر قازى-كالانلار ئۈستىگە ئالغان. دوختۇرخانىلارنى قۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئېچىشتا پودپولكوۋنىك رېنتال ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى.
شۇ يىلى غۇلجىدا مەخسۇس تاناسىل كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان ياتاقلىق دوختۇرخانا ئېچىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇقرالار ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. سابىق ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئوردىسى ئىچىگە 50 نەپەردىن 70 نەپەرگىچە بىمار يېتىپ داۋالىنىدىغان چوڭراق بىر دوختۇرخانا ئېچىش پىلانلاندى. تىببىي ياردەمگە مۇھتاجلار ۋىراچ ۋە فىلدىشېرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇدۇللا بېرىپ، تىببىي ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ يەرنىڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ چېچەك كېسىلى ۋاكسىنىسى ئەملەش يولغا قويۇلدى.»(10)
1873-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان بۇ زامانىۋىي مەكتەپتە ياۋروپا مائارىپ ئەندىزىسى ۋە رۇسىيە مائارىپ پىروگراممىسى بويىچە دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلمىساقلا، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ جەدىدچىلىك ئىلىغا تەسىر كۆرسىتىشتىن ئوننەچچە يىل ئاۋۋال يولغا قويۇلۇپ بولغانلىقىدەك ھەقىقەتكە قەتئىي كۆز يۇممايمىز. «رۇس پېداگوكى ۋاسىلىيېف»نىڭ بۇ مەكتەپتە دەرس بەرگەنلىكىدەك پاكىتنىڭ ئۆزىلا، ئۇنىڭ پەننىي مەكتەپلىك خاراكتېرىنى بېكىتىشىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ.
يالقۇن روزى ماقالىسىدا، يەنە «غۇلجىدا 1870-يىللىرى تۈرلۈك پەننىي دەرسلەرنى ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بارمىدى؟» دېگەن گۇمانىي سوئالنىمۇ ئوتتۇرغا تاشلايدۇ. ئەگەر، بىز رۇسلار قۇرغان مەكتەپنىڭ يىلسېرى كېڭىيىپ، پەننىي بىلىملەر بىلەن قوراللانغان بىرنەچچە قارار ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ چىقىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتساقلا، ئىلىدا يېڭى مائارىپ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ بىمالال يېتىشىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوققا چىقىرالمايمىز. دېمەك، مۇئەللىپنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانى يوقىلاڭ ئەندىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ياۋروپانىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىگە كۆچۈپ بولغان رۇسلارنىڭ ئىلىدا پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قوراللانغان كىشىلەرگە مۇھتاج بولماسلىقى ئەقىلغا سىغامايدۇ-دە !
شۈبھىسىزكى، رۇسلار غۇلجىدا قۇرغان بۇ زامانىۋى مەكتەپنى يالغۇز ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭمۇ رەسمىي باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ساھەدە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ مۇشۇ پولاتتەك پاكىتقا ئاساسەن، غۇلجىدا زامانىۋى مەكتەپ بارلىققا كەلگەن 1873- يىلىنى ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭلا ئەمەس، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭمۇ باشلىنىش يىلى سۈپىتىدە خاتىرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يالقۇن روزىنىڭ «بۇ مەكتەپتە قازى-كالانلارمۇ دەرس بېرىدىغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ يېڭىچە مەكتەپ دېگىلى بولسۇن؟» دېيىشى تۇرغانلا گەپ. بىز رادلوفنىڭ «غۇلجىغا ساياھەت خاتىرىسى» دە يېزىلغان «مەسچىد ئىماملىرى بۇ رايوندىكى قانۇننى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئالىملار ئىدى.» دېگەن پاكىتقا ئېتىبار بەرسەكلا، بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ ئوبيېكتىپ جاۋاب بېرەلەيمىز.
ئەينى چاغلاردىكى ئىلى ۋە يەتتەسۇ ۋادىسى مائارىپى سەۋىيەسىنىڭ زادى قانداقلىقىنى تۆۋەندىكى تارىخىي پاكىتلاردىنمۇ ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:
«شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، غۇلجىدا جەدىدچە مائارىپ ئىسلاھاتى قەشقەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان، شۇنىڭدەك مائارىپنىڭ ئامما ئارىسىدىكى قاپلىنىش دائىرىسىمۇ بىر قەدەر كەڭ بولغان. بۇ نوقتا ئىسمايىل غاسپىرالىنىڭ «تەرجىمان گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «باغچا سارايدىن قەشقەرگە خەت»تە رۇشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇ خېتىدە قەشقەر مۇسۇلمانلىرىغا مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىلىق توققۇز تۈرلۈك كۆرسەتمە بەرگەن. ئۇنىڭ بىرىنچى تۈرلۈك كۆرسەتمىسىدە: «مەكتەپ قۇرۇشتا غۇلجا مۇسۇلمانلىرىدىن ئۆگىنىڭلار، جەدىد ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن غۇلجىغا بىر نەچچە ئادەم ئەۋەتىڭلار» دېيىلگەن. يەتتىنچى تۈرلۈك كۆرسەتمىسىدە يەنە تەكرار قىلىپ: «مەكتەپ قۇرۇش جەھەتتە قەشقەر بىر نەچچە ئادەم ئەۋەتىپ غۇلجىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشى كېرەك» دېيىلگەن. بۇنداق بولۇشىنى ئاساسلىقى غۇلجىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى مەركەزلىك ئورنى بەلگىلىگەن. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە شىنجاڭنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىلى سانغۇن مەھكىمىسىنى ئىلىنىڭ كۈرەدە قۇرۇپ چىققان. 1766-يىلى ئىلى سانغۇنى مىڭرۈي پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىلىدا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى خوشۇنلاردا بىردىن مەكتەپ قۇرۇپ چىققان.[1] بۇ ئارقىلىق ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مائارىپ يېڭىلىقلىرى غۇلجىدا تارقىلىشقا باشلىغان. 1871-يىلى رۇسىيە شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىغا قوراللىق بېسىپ كىرىپ، تاكى 1881-يىلىغىچە 10 يىل بېسىپ ياتقان. بۇ جەرياندا، ئۇلار مەدەنىيەت مائارىپ ئارقىلىق سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن، رۇس مەدەنىيىتىنى ئىلىدا يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىشقا ئورۇنغان، رۇس سودىگەرلەر ۋە دىپلومات خادىملىرى مەركىزى شەھەر غۇلجىدا جىددىي كۆپەيگەن.[2] 1900-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى «تەرجىمان گېزىتى» ئېلان قىلغان ئېنىق بولمىغان ستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، غۇلجىدا 170 نەپەردىن ئارتۇق قازان تاتارلىرى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.[3] رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىدىن باشقا، غۇلجا شەھىرىدە يەنە 89 نەپەر تۈرك (61 نەپەر ئەر، 28 نەپەر ئايال،جەمئىي 42 ئائىلە) بار ئىدى.[4] گەرچە ماتېرىيال قىس بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆز دۆلىتى خەلقلىرىنىڭ ئىدىيە قارىشىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەردىن خەۋەردار بولغان بولىشى ناھايىتى ئېنىق. غۇلجىدا رۇسلارنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە رۇس تىلى ئۆگىتىدىغان باشلانغۇچ مەكتىپىدىن بىرى قۇرۇلغان. 19-ئەسىردە غۇلجىدا ساياھەتتە بولغان يۇژىن سكيۇلېرنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن تەخمىنەن 30 نەپەر ئۆسمۈر بۇ مەكتەپكە ئوقۇغۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغان.[5] ئىلى رايونىدىن نۇرغۇن ياشلار رۇسىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىگە، ھەتتا تۈركىيە، ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە چىقىپ سودا قىلغان، پەننىي بىلىم ۋە تىل ئىگەللىگەن. غۇلجىدا مەدەنىيەت بىلىملىرى قوشۇمچە قىلىنغان دىنىي مەكتەپلەر ۋە رۇسىيە ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بويىچە دەرس سۆزلەيدىغان يېڭىچە مەكتەپلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان.[6] »(11)
قازاقىستان روند نەشرىياتى 2005-يىلى تۈزۈپ نەشر قىلغان «20-ئەسىر ناماياندىلىرى» ناملىق كىتابتا، ياركەنت شەھىرىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:
«ياركەنت شەھىرى قوينىدا كۆپلىگەن دۇكانلار ئېچىلىدۇ. يېڭى مەكتەپلەر بارلىققا كېلىدۇ. جۈملىدىن 1886-يىلى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال شەھەردە دەسلەپكى دوختۇرخانا سېلىنغان ئىدى. 1887-يىلى بىرقانچە تۈگمەن، خىش زاۋۇدى، ئىككى تېرە زاۋۇدى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى سېلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرىلىدۇ.»(12)
يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم ئۇقۇمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى دېمىسەكمۇ ئايان. مانا مۇشۇنداق زامانىۋىي مەكتەپكە قانداق سەۋىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ لازىم بولىدىغانلىقى، ئۇنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇغۇچى مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، يەنە قانچىلىغان مەكتەپلەرنىڭ ھاجەت بولىدىغانلىقى كۆپچىلىككە تېخىمۇ ئايان بولسا كېرەك. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئىلى ۋە يەتتەسۇ مائارىپىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دالالەت بېرىدۇ. بىز رادلوفنىڭ 1862-يىلى غۇلجا شەھىرىدە كاپىتالىستلارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى ھەققىدىكى بايانى بىلەن ياركەنت شەھىرىدە «ئىككى تېرە زاۋۇدى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىدەك پاكىتنىڭ ئۆزىلا، يالقۇن روزىنىڭ «1909-يىلىنى كاپىتالىستىك زامانىۋىي مىللىي سانائەتنىڭ بارلىققا كەلگەن يىلى سۈپىتىدە خاتىرىلەشنى، تەۋسىيە قىلىمەن» دېگەن ھۆكۈمىنى پۇتى يەرگە تەگمەس قىلىپ قويىدۇ.
شۇڭا، مەن ياركەنت شەھىرىدە تېرە زاۋۇدى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 1887-يىلىنى ئانا دىيارىمىزدا كاپىتالىستىك زامانىۋىي مىللىي سودا-سانائەتنىڭ رەسمىي بارلىققا كەلگەن يىلى سۈپىتىدە خاتىرىلەشنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.
يالقۇن روزى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ «1895-يىلى ئانتروپولوگ پايسېل ياركەنت شەھىرىدىكى 300 ئۇيغۇرنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە ئىچىدە بىرمۇ ساۋاتلىق ئادەمنى ئۇچراتمىغان.» دېگەن سۆزى ۋە نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «تارانچى تۈركلىرىدە مەدەنىيەت نۇرى بولغان چوڭراق كىتابخانا، قىرائەتخانا، خەيرىيە جەمئىيىتى دېگەندەكلەردىن ھېچ قايسىسى يوق. ئۇلارنىڭ نامىمۇ يوق. شۇنداقلا مۇنتىزم مەكتەپ، مەدرىسەگە كەلسەك، بۇرۇندىن قالغان مەكتەپ، مەدرىسەلەر بار دەپ ئاتالغان يۇرتلار بەك جىق بولۇپ، بۇلاردىن ھەقىقەتتە بىرسىمۇ رەتلىك مۇنتىزىم ئەمەس.» دېگەن سۆزىنى ئۆز مەۋقەسىگە بېقىندۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ: «ئۇ يىللاردا، ياركەنت شەھىرىنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، بىراۋلارنى جەدىدچە ئۇسۇلدا تەربىيەلەيدىغان ئىمكانىيەتنىڭ ھازىرلانمىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.» دېگەن بىر تەرەپلىمە ھۆكۈمنى تولىمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن چىقىرىۋېتىدۇ.
پايسېلنىڭ يۇقۇرىقى مەلۇماتىغا گۇمانىي نۇقتىدىن قاراش كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل ئۇسۇلدا نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بۇنىڭ «تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيتى رۇسلارنىڭ ياردىمىسىز يۈكسەلمەيدۇ» دىگەننى تەرغىپ قىلىدىغان رۇس شوۋېنىزم ئىدىيەسىنىڭ ھارام مېۋىسى ئەمەسلىكىگە كىممۇ ھۆددە قىلالىسۇن، دەيسىز !؟
ئالىم مۇراد ھەمرايېفنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ئەمما، ئانتروپولوگ پايسېلنىڭ «تەكشۈرۈش» نەتىجىسىدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىق. چۈنكى، ئۇنىڭ يالقۇن روزى ئەپەندى «شەرقشۇناسلىقنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمايلى» ناملىق ماقالىسىدە راسا سۆككەن «سەلبىي شەرقشۇناسلار»دىن بولۇپ چىقىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش تەس. ئەھۋال شۇنداقكەن، ئۇ ھېلىغۇ ئاددىي پۇقرالار ئىچىدىن بەش يۈز ئادەمنى تەكشۈرۈپتۇ، ھەتتا بەش مىڭ ئادەمنى تەكشۈرگەن تەقدىردىمۇ، بىرەر ساۋاتلىق كىشىنىڭ چىقماسلىقى قىلچە ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. مەسىلەن، 1919-يىلىدىكى «4-ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىنكى زور كۆلەملىك يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى دولقۇنى قوزغالغان جۇڭگودا ساۋاتسىزلار نىسبىتىنىڭ كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە يۇقۇرى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ئەينى ۋاقىتتا، مانا مۇشۇنداق ئېغىر ساۋاتسىزلىق قاپلىغان بىر مەملىكەتتە «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى» بىلەن «يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دەك ئالى مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقى زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ !؟
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «تارانچىلاردا مۇئەللىم ۋە مەكتەپ مەسىلىلىرى قانداق؟» ناملىق ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن بايىقى بايانلاردا پولاتتەك ھەقىقەت بارلىقى ئېنىق. ئۇ «تارانچى تۈركلىرى» ئارىسىدا مۇنتىزىم زامانىۋىي مەكتەپلەرنىڭ يوقلۇقىدىن ئۆكۈنۈش بىلەن بىللە «بۇرۇندىن قالغان مەكتەپ، مەدرىسەلەر بار دەپ ئاتالغان يۇرتلار بەك جىق» دېگەننى ئالاھىدە ئەسكەرتىشنىمۇ ئەستىن چىقارمايدۇ. بۇ يەردە ئۇ «چوڭراق كىتابخانا، قىرائەتخانا، خەيرىيە جەمئىيىتى دېگەندەكلەردىن ھېچ قايسىسى يوق. ئۇلارنىڭ نامىمۇ يوق.» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلاردا كىچىكرەك ياكى ئوتتۇرىھال كىتابخانا، قىرائەتخانىلارنىڭ مەۋجۇد بولۇش ئىمكانىيىتىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئۇنىڭ بايىقى سۆزىنىڭ ئاخىرىغا «ئېھتىمال، بەزى ئەپەندىلەر پالان- پالانى ئۇسۇل جەدىد مەكتەپلىرىنى كۆرسىتىپ، ئېتىراز قىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئېتىرازمۇ ھەقىقەت ئەمەس. بىر مەكتەپكە پارتا، دوسكا كىرىشى بىلەنلا، ئۇسۇل جەدىد مەكتىپى بولۇپ قالامدۇ؟ مۇئەييەن پىروگرامما بىلەن تەلىم-تەربىيە بېرىپ، بالىلارغا ئىسلام دىنى ۋە باشقا پەنلەردىن مەئىشەت، تارىختىن ئۆگىتىپ، قىسقىسى، ئۇلارنى دۇنيادا ياشاشقا بىر تۈرلۈك لاياقەتلىك كىشىلەردىن قىلىپ چىقىرىش لازىم بولسا، ئۇنداق مەكتەپ بىزدە يوق. بۇندىن كېيىن بولۇشىدىنمۇ ئۈمىد يوق. چۈنكى بىزدە ئۇسۇل جەدىد مەكتەپلىرىدە مۇئەييەن پىروگرامما يوق. ھەر بىر مۇئەللىم، ھەر بىر موللا ئۆزى بىلگەننى ئوقۇتىدۇ.»(13) دېگەن قۇرلارمۇ تىركەلگەن.
نەزەرغوجىنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى ئىلى ۋە يەتتەسۇ تەۋەسىدە جەدىدچە مەكتەپلەر بولسىمۇ، پېداگوگىكا قائىدىسى بويىچە تەربىيەلەنگەن ياراملىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كاملىقى ۋە بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالىغۇدەك مۇنتىزم دارىلمۇئەللىمىنلەرنىڭ بارلىققا كەلمەيۋاتقانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ «ئۇسۇل جەدىد مەكتەپلىرى»نىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئەسكەرتىشىدىن «مىللىي مائارىپىمىز پۈتۈنلەي تۈگەشتى» دېمەيۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالايمىز.
بىز مائارىپ دۆلەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش باشقۇرىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردىمۇ، ياراملىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كەملىكىدىن ۋايساۋاتقان تۇرساق، ئالىم مۇراد ھەمرايېفنىڭ 1895–يىللاردىكى ئىشلارنى شىپى كەلتۈرۈپ ئېيتقان بايىقى سۆزىنىڭ قانداقمۇ ئەجەبلەنگۈچىلىكى بولسۇن، دەيسىز !؟
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ يۇقۇرىقى ئۆكۈنىشلىك سۆزلىرىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق مۇنتىزىملىشىش تەلىپىدىن يىراقلىقىدەك ئەمەلىيەتنى بايقاش بىلەن بىللە، بۇ مەكتەپلەردە دوسكا، پارتا – ئورۇندۇق دېگەندەك زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدەك يېڭىلىقنىمۇ بايقايمىز.
باشقا گەپنى قويۇپ نەزەرغوجىدەك كاتتا زىيالىينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا نەزەر سالايلى.
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف 1887-يىلى غالجاتتا تۇغۇلغان. بىز ئۇنى سەككىز ياشتا مەكتەپكە كىردى، دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ئۇ 1895-يىلى رەسمىي غالجاتتىكى جەدىدچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان بولىدۇ. غالجاتنىڭ 1871-يىلىدىن بۇرۇن ئىلىغا تەۋە يېزا ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە ئايدىڭ. غالجاتتىن ئىبارەت چەت–ياقا يېزىدا جەدىدچە مەكتەپ بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، ئەينى ۋاقىتتا يەتتەسۇ ۋە ئىلى مائارىپىنىڭ خېلى يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دالالەت بېرىدۇ. روشەنكى، يالقۇن روزى پەقەت ئۆز مۇدىئاسىغا پايدىلىق پاكىتلاردىنلا نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ھەممىلا قەلەمكەش ئۇنىڭدەك ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىۋەرسە، ھەقىقەتنىڭ بىرلا تەرىپى تارازا باسىدىغان ئىلىم تەڭپۇڭسىزلىقى روي بەرمەمدۇ !؟
مەن يالقۇن روزى بۇرادەرنى نەزەرغوجىنىڭ 1914-يىلى يازغان «تارانچى تۈركلىرىنىڭ ھاياتى» ناملىق ماقالىسىدىكى «تارانچى يېزىلىرى قىشنى بەك جىم-جىت ئۆتكۈزىدۇ. ھېچ بىر ھەرىكەت يوق، ياشلىرى ئوقۇيدۇ. چوڭ كىشىلەر ئاپتاپقا يىغىلىپ، بەسلىشىپ، بەھۇزۇر كۈن ئۆتكۈزىدۇ. كېچىنى بولسا ئۇلار، ئومۇمىي تۈركىستانلىقلارغا ئوخشاش، مەشرەپ، نەغمە-ناۋا، ئويۇن كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇششاق بالىلارنىڭ بەزىلىرى مەكتەپكە ماڭىدۇ ۋە قايسىلىرى كۈنىنى ئوشۇق ئويناپ ئۆتكۈزىدۇ. باشقا ئىش يوق.»، « بەينەل ئەھلى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ گېزىت-ژۇرناللار ‹ۋاقىت›، ‹تەرجىمان›، ‹يۇلتۇز›، ‹شۇرا›، ‹تۈرك يۇرتى› بۇلارنىڭ مۇشتەرىلىرى جىق. ئەندى ‹ئايال› ژۇرنالىنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ تۇرىدۇ. تارانچىلار ئارىسىدا ھېچ قارشىلىقسىزلا قوبۇل قىلىنىپ، كونا مەكتەپلەرنىڭ ھەمىسى دېگۈدەك ئۇسۇل جەدىد مەكتەپلىرىگە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ بىر چوڭ قۇسۇرلىرى بولۇپ، ئوچۇق، مۇھىم، ئۇلۇغ مەقسەتكە يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە، مۇنتىزىم ئەمەس.»(14) دېگەن قۇرلارنى ئەستائىدىل ئانالىز قىلىپ بېقىشقا ئۈندەيمەن.
نۇشىرۋان يائوشېف «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 1915-يىلى 17-ئۆكتەبىر سانىغا بېسىلغان «ئالتەشەھەر مۇسۇلمانلىرى ۋە مەكتەپ» ناملىق ماقالىسىدا، «مەيلى ئالتەشەھەر، مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار بولسۇن، ئىپتىدائىي تەلىم- تەربىيەگە پەقەت ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بۇ خەلق ھەمىشە مەكتەپلەرگە تۆۋەن كۆز بىلەن قارايدۇ. بۇ تەرەپلەردىكى خەيرىيەتچى بايلار ئېغىزىدا ‹خانىقا، مەسچىد، مازار ۋە قارىيخانا، ئۆزلىرى يېتىشقا گۈمبەز سېلىش› نىلا ياخشى ئىش دەپ زىكرى قىلىشىدۇ. مەكتەپ دېگەننى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ. زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، مەسچىد يېنىغا مەسچىد، مەدرىسە يېنىغا مەدرىسە، گۈمبەز ۋە قارىيخانىلارنى قوشلاپ ھەم ئۈستىلەپ سېلىشقان. ئەمما، بۇ مۇئەسسەسەلەرگە قارىغاندا، مىللەتنىڭ ئېھتىياجى نەچچە ھەسسە چوڭ، تۆھپىسى كۆپ بولغان مەكتەپلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە قىزىققۇچىلاردىن بىرىمۇ يوق. شەھەر ئىمارەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى مەسچىد- مەدرىسە، خانىقا ۋە قارىيخانا، گۈمبەز ۋە مازارلاردىن ئىبارەت بولۇپ، يەرنىڭمۇ يېرىمى مەزكۇر مۇئەسسەسەلەرگە ۋەخپە قىلىپ بېرىلگەن. ئالتەشەھەر (غۇلجا بۇنىڭ سىرتىدا) نىڭ ئىچىدە بالا ئوقۇتقۇلى بولغۇدەك تەرتىپلىك ۋە مۇنتىزىم بىرمۇ مەكتەپ يوق.» (15) دېگەنلەرنى يازىدۇ.
ئۇ يەنە «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1915 – يىل 1 – سېنتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان «ئارتۇش تەسىراتى» ناملىق ماقالىسىدا، «لېكىن يېرىنىڭ ئازلىقىدىنمۇ، ئىلىم-تېخنىكا يوقلۇقتىنمۇ؟ ئىشقىلىپ، ئارتۇش خەلقى ئومۇمەن مۇھتاجلىقتا ياشايدۇ. تۇرمۇشى بەك بىچارە. ياخشى ئۆيلەردە تۇرۇش، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىش، نوچى ئاتلارغا مىنىش، مەززىلىك تائاملارنى يېيىش، ئوقۇش-ئوقۇتۇشتەك سائادەتلەردىن مەھرۇم قالغان. خار ۋە زەبۇن ھالەتتە ياشايدۇ. تاپاۋىتى ئاز، بىراق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى خېلى قىممەت. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بۇ يەردە ئانا بالىغا، بالا ئانىغا قاراشمايدۇ. قىيامەت كۈنىدەك ھەركىم ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاۋارە.»(16) دېگەن قۇرلارنى يازىدۇ.
ئۇنىڭ «غۇلجا بۇنىڭ سىرتىدا» دەپ ئەسكەرتىش بېرىشدىنلا، ئىلى مائارىپىنىڭ ئالتەشەھەر مائارىپىدىن ئۈستىنلىكىنى ھېس قىلىمىز.
1916- يىلى شىمالىي مىلىتارستلار ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن مالىيە خادىمى سالاھىيىتىدە شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن شې بىننىڭ «شىنجاڭغا ساياھەت خاتىرىسى» دىكى ئىلىغا ئائىت مەلۇماتلاردا، «سودىدا ئىشلىتىلىدىغان ھېسابات دەپتەرلىرى، چوت، پۇل، پاكتور-تالونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رۇس پاسونىدا ئىكەن. بازارلاردا رۇسىيە ماللىرى سېتىلىدىكەن، رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئادەت-يوسۇن، قائىدىلىرى قوللىنىلىدىكەن. قىسقىسى، جۇڭگونىڭكىگە ئوخشايدىغان بىرەرمۇ شەيئى تېپىلمايدىكەن. ھالىمىزغا ۋاي!»(17) دېگەن قۇرلار چېلىقىدۇ.
مانا بۇلار ئىلى ۋىلايىتى چار رۇسىيە تەسەررۇپىدىن قۇتۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي باشقۇرۇشىغا ئۆتكىنىگە 30 نەچچە يىللار بولغان دەۋردىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئەينەن ئىنكاسى. بۇنىڭدىن بىز ئىلى ۋادىسىنىڭ ئەينى يىللارغىچە، رۇسىيە سىياسىي تۈزۈلمىسى تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى، ئىلىدا رۇس مەدەنىيىتى تەسىرىنىڭ يەنىلا مۇتلەق ئۈستۈنلىكتە تۇرىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.
جاڭ داجۈن «شىنجاڭنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق 70 يىلى» ناملىق كىتابىدا، «ياڭ زېڭشىن 1915 – يىلى 24 –دېكابىر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى خەلق قۇرغان خەنزۇچە مەكتەپلەر (ئۇيغۇر بالىلىرىغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاپتوردىن) دەرسلىكلەر ئىچىدىكى رۇس تىلى دەرسلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ياڭ زېڭشىن قەشقەر ۋالىسىغا يېڭىشەھەردىكى خەلق قۇرغان خەنزۇچە مەكتەپ دەرسلىكىدىن رۇس تىلى دەرسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى بۇيرۇقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ‹باشلانغۇچ مائارىپى مەجبۇرىيەت مائارىپى. ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ مەكتەپ ئېچىش ئىشلىرى خىراجەتنى يەرلىك مۆتىۋەر سودىگەر ئاقساقاللارنىڭ ئىئانە قىلىشى بىلەن قوزغالدى. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئامبىلى ما شاۋۋۇ بۇ ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال تەشەببۇس قىلدى. باھاۋىدۇن باي قاتارلىق ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىنىڭ سېخىيلىك بىلەن ئىئانە قىلىشى نەتىجىسىدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ۋە ھۆكۈمەت نازارەتچىلىكىدىكى خەنزۇچە ئوقۇتىلىدىغان، قوشۇمچە ساۋات چىقىرىدىغان مەكتەپتىن ئىككىسى قۇرۇلدى.»، «شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار خەنزۇچە ئوقۇشنى خالىمايدۇ. بۇنىسى ئېنىق. ئۇيغۇرلار قۇرغان مەكتەپلەر تۆۋەن ۋە يۇقۇرىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ئوقۇش ئورۇنلىرىنى ‹مەكتەپ› دەپ ئاتىشىدۇ. بۇنداق مەكتەپلەرنى كۆپىنچە ئاخۇنلار قۇرىدۇ. ئۆتىلىدىغان دەرسلەر مۇنداق: 1–ئىسلام شەرىئىتى، 2–تىلاۋەت ۋە تەپسىر، 3–ھەفتىيەك، 4–قۇرئان كەرىم، 5–سوپى ئاللايار (دىنىي شېئىر)، 6–ناۋائى، 7–خوجا ھافىز. يۇقۇرىقى يەتتە دەرسنىڭ ئالدىنقى تۆتى ئەرەپچە، بەشىنچى، ئالتىنچىسى تۈركچە، يەتتىنچىسى پارسچە. خەلپەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن قالاق بولۇپ، ئۆلۈك يادلاشنىلا تەكىتلەپ، چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىشنى تەكىتلىمەيتتى.»، «يۇقۇرى دەرىجىلىك مەكتەپلەر كۆپىنچە بايلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. كۆلىمى چوڭ، ئەسلىھەلىرى ھەرھالدا تولۇق. تالىپلار ياتاقلىرى بار بولۇپ، چەت جايلارنىڭ تالىپلىرىمۇ قوبۇل قىلىناتتى. ئاساسەن دىنىي مەزمۇندىكى دەرسلەر ئوقۇتىلاتتى. يەنى مۇھەممەد ئەللەيھىسسالامنىڭ تەرجىمەھالىدىن سىرت ئەرەب تىلى، پارس تىلى ئۆگىتىلەتتى. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۆلۈك بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەن تالىپلار خەت ئالاقە ھۆججىتىنىمۇ تۈزەپ يازامايتتى. مەكتەپ پۈتتۈرۈش يىلىنىڭ ئېنىق مۇددەت چېكى بولمايتتى. تالىپلار 20–30 يىل ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، پەقەت بىر تۈركۈم دىنىي زات بولۇپ يېتىشىپ چىقاتتى. ئۇلاردا ئەمەلىي بىلىمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. مىنگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بايلىرى پەرزەنتلىرىنى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىرىپ ئوقۇتتى. مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭدا يېڭىچە (جەدىدچە) مەكتەپلەرنى ئاچتى. لېكىن بۇنداق يېڭى مەكتەپلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى.» دېگەنلەرنى يازىدۇ. زېڭ ۋېنۋۇنىڭ ‹جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تارىخى› ناملىق يازىدۇ. كىتابىدىكى مەسئۇت سابىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ يېزىلغان: «مەن 1915–يىلى تۈركىيىدىن ۋەتەنگە قايتىپ يۇرتىمىزدىكى قالاقلىق، قاششاقلىقنى تۈگىتىش مەقسىتىدە ‹تۇران› مەكتىپىنى قۇرسام، ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى.» دېگەننى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، يەنە «مىنگگونىڭ 4–يىلى (1915– يىلى) كۇچارلىق ئۇيغۇر بېيى نۇشىرۋان ئىسىملىك تاتارنى تەكلىپ قىلىپ، مەخپىي رەۋىشتە مەكتەپ ئاچقان بولۇپ، بۇ مەكتەپنىمۇ ھۆكۈمەت تاقىۋەتكەنىدى.» دېگەنلەرنى يازىدۇ. تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ مەكتەپ قۇرۇشىنىڭ چەكلىنىشى ھەققىدە توختالغاندا، «1916– يىلى 14–ئاۋغۇست ياڭ زېڭشىن ھەرقايسى جايلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قوشۇمچە مەكتەپ قۇرۇشىنى چەكلىدى. ئەينى چاغدىكى يەكەن ھاكىمى ليۇ رېنتەننىڭ مەلۇم قىلىشىچە: يەكەن ناھىيەلىك سودا–سانائەت شىركىتىنىڭ ئىنژىنېرى ياقۇپ تۈركىيەلىك بولۇپ، سودا–سانائەت مەكتىپى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن، دىنىي مۇناسىۋەت تۈپەيلى دىققىتىمىزنى قوزغىغان. ياڭ زېڭشىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مائارىپ ئىشلىرى ھۆكۈمىتىمىز ئىچكى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. قۇدرەت تاپقان ئەللەرمۇ مائارىپ ھوقۇقىنى ھەرگىز چەتئەللەرگە تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. جۇڭگومۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. چەتئەللىكلەر جۇڭگوغا كېلىپ مەكتەپ ئېچىشتا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى شەرت. پۇقراۋىي مەكتەپلەر چەتئەللەردىن خالىغانچە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشىغا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەلىكلەر بىلەن چەنتۇ پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىر. ئۇلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا مەكتەپ ئېچىشىغا يول قويۇلسا قارىماققا بىلىم ئۆگىتىپ، خەلق مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرىۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە دىن ئارقىلىق چەنتۇ پۇقرالىرىنى قايمۇقتۇرۇش مەقسىتى مائارىپ ئىچىگە يوشۇنغان. چەنتۇ پۇقرالىرى بىلىمدە بېكىنمە يول تۇتىدۇ. دىنىي ئېتىقادى كۈچلىك. ئەگەر تۈركىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلسا، ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. بۇلتۇر قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىلىك چەنتۇ باي سودىگەر باھاۋىدۇن باي مەكتەپ ئېچىپ، تۈركىيەلىك ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلغانلىقىنى يەرلىك ئەمەلدارلار بىلمەپتىكەن، چاررۇسىيە كونسۇلى بۇنى تىمىسقىلاپ بىلىۋالغان ۋە تېلېگرامما ئارقىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنى خەۋەرلەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپنىمۇ تاقىدۇق.» دېگەنلەرنى يازىدۇ.
نۇشىرۋان يائوشېفنىڭ «ئالتەشەھەر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابىدا، «دۇنيادا كاشغەر خەلقىدەك ئاڭسىز، پىكىرسىز نادان ۋە چېچىلاڭغۇ خەلق بولمىسا كېرەك. بۇلار ناچار ئىشلارنىنىڭ ھەممىسىدە بار، ئەسكى ئىش ئۈچۈن ئىتتىپاق بولىدۇ. ئەمما، ئومۇم ئۈچۈن پايدىلىق، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئەمرانى ئىشلارغا كەلگەندە مۇناسىۋېتى بۇزىلىدۇ. ئارىسىغا شەيتانلار كىرىپ قىسىلىدۇ. خەلق بىر توپ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياخشى بىر ئىشقا كىرىشەلمەيدۇ. قىلاي دېسە، ئۇ ئىشقا پۇتلىكاشاڭ بولغۇچى، توسىغۇچىلارمۇ چىقماي قالمايدۇ.
مەسىلەن، ئۆتكەن يىل باھائىددىن مۇسابايېفلارنىڭ ھىممەت ۋە غەيرەتلىرى سايىسىدە، ئارتۇش يېزىسىدا ئىپتىدائىي مەكتەپ مۇئەللىملىرىنى يېتىشتۈرىدىغان بىر مەكتەپ ئېچىلغانىكەن ۋە شۇ مەكتەپتىن بىرنەچچە نەپەر مۇئەللىم يېتىشىپ چىقىپ، كاشغەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بالىلارنى ئوقۇتۇشقا باشلىغانىدى. لېكىن، بۇ مەكتەپلەرمۇ خۇسۇسەن ئارتۇشتىكى ‹دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد› ئۇزاق داۋاملىشالمىدى.»، «‹تەرجۇمان› گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۈسەيىنباي مۇسابايېف جانابلىرى چىندىن بىر مۇئەللىم ئەكەلدۈرۈپ ئارتۇش يېزىسىدا بىر مەكتەپ ئاچقان. بۇ مەكتەپ بىر يېرىم يىل داۋامىدا بىرنەچچە نەپەر ئىپتىدائىي مەكتەپ مۇئەللىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقارغان. 1334–يىلى (مىلادىيە 1916–يىلى) ئۇ مۇئەللىملەردىن ئىككىسىنى كاشغەرگە ئېلىپ كېلىپ يۇقۇرىدىكى مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسلىرى بىلەن ئىككى مەكتەپ ئېچىلدى. بۇ چاغدا مەنمۇ كاشغەردە ئىدىم. مەكتەپ ئېچىلىشى بىلەن كاشغەرنىڭ نوپۇزلۇق بايلىرىدىن ئۆمەرئاخۇن بۇ ئىشقا قارشى چىقتى. سەۋەبى: مۇسابايېفلارنىڭ ئابرۇي قازىنىپ كېتىپ ئۆمەر بايدىن ئېشىپ كېتىشىدىن قورققان بولسا كېرەك. نىھايەت، ئۆمەر باي جانابلىرى مەزكۇر مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئۈستىدىن: ‹بۇ ئىش ئالتەشەھەردە ئىستىقلال دەۋاسى يولىدىكى بىر خىزمەتتۇر›، دەپ ھۆكۈمەتكە چاققان. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئەھمەت كامال ئەپەندى ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىنى تەقىپ قىلىشتى. ئەھمەت كامال ئەپەندى پېكىندىكى (بېيجىڭدىكى) گېرمانىيە ئەلچىسىدىن خەۋەر كەلگەنگە قەدەر (75 كۈن) مەھبۇس بولۇپ تۇردى. تەپتىش قىلىش ئارقىلىق مەكتەپنىڭمۇ، جەمىئىيەتنىڭمۇ سىياسىي ئىش ئەمەس، بەلكى ئىلمىي ئىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا بەزى مەكتەپلەر يەنە ئېچىلدى. جەمىئىيەتمۇ ئۆز يولىدا داۋام قىلىدىغان بولدى. پەقەت، ئەھمەت كامال ئەپەندىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى ۋە ئېچىلغان مەكتەپلەردە چىنچە ئوقۇتۇش شەرت قىلىندى.»، «ئالتەشەھەر مۇسۇلمانلىرى تېخى تەرەققىي قىلغىنى يوق. ئىلىم ۋە مائارىپ، زىرائەت، تىجارەت ۋە سانائەت ئىشلىرى بىر ياقتا تۇرسۇن، بۇ يەردە تېخى ئىپتىدائىي مەكتەپلەرمۇ يوق. خەلق بەك نامرات. تىلەمچىلەر ھەدەپ كۆپىيىپ تۇرىدۇ. تاھارەت ۋە تازىلىققا رىئايە قىلمايدۇ. يېگەن ئاش-تاماقلار، ئىچكەن سۇلار، تۇرۇۋاتقان ئۆيلەر، كىيگەن كىيىم-كېچەكلەر، يېتىۋاتقان يەرلەرنىڭ ھەممىسى زىيانلىق ئۇسۇلدا ئىشلىنىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاغرىق-سىلاق ھەدەپ كۆپىيىپ تۇرىدۇ. يېتىمخانا، شىپاخانىلار سېلىنمايدۇ. ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى ئائىلە ئىشلىرىدىكى بۇزۇقچىلىقتۇر، ئايمۇ ئاي خوتۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ھەمىشە داۋام قىلىپ تۇرىدۇ. ھاجەتمەنلەر ئەزىز بالىلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. روھانىيلار بۇ ئىشلارغا يول قويىدۇ، دىن ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىمۇ يول قويىدۇ. قازىلار قۇرساق بالاسى بىلەن ئاۋارە. ئانا تىلى يوقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. مازارلاردىن مەدەت تىلەش ھەدەپ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، مىللەت تەرەققىي قىلىپ ئۆسۈش ئەمەس، تەتۈرىسىچە كەينىگە قاراپ ھالاكەت ئازگىلىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.
توغرا. مۇسابايېفلاردەك مىللەتنىڭ ناچار ئەھۋالىنى چۈشىنىپ يېتىپ، چىن مەنىسىدىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات چارىلىرىگە كىرىشكۈچىلەرمۇ بار. لېكىن، بۇ پەقەت بىرلا كىشى. ھەرقانچە پىداكارلىق كۆرسەتسىمۇ، پۈتكۈل كاشغەر خەلقىنى، كاشغەر بالىلىرىنى تەربىيەلەپ بولۇش بۇ كىشىگە ئېغىر كېلىدۇ.» ، «ئىپتىدائىي (باشلانغۇچ) مەكتەپلەرنىڭ لازىملىقى ھەققىدە بۇ خەققە جىق سۆزلىگەن بولساممۇ، تاشقا ياغقان يامغۇردەك قىلچە تەسىر قىلمىدى. گەپ چۈشەندۈرۈش تەس كەلگەچكە، ئۆرنەك قىلىش ئۈچۈن كۇچاردا بىر مەكتەپ ئېچىپ، بالىلارنى ئوقۇتۇشقا باشلىغانىدىم، لېكىن سۆز بىلەن قايىل قىلالمىغىنىمدەك، ئەمەلىي ئىش–ھەرىكەت بىلەنمۇ بىر نەرسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمىدى.»، «بۇ يەردە ئىلىم ۋە مائارىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىلەرمۇ يوق. مەكرتەپ مەدرىسەلىرى، مەسچىد ۋە خانىقالىرى خارابە ھالىدا. تورۇس-شىپىلىرىنى تور باغلىغان، ئىچىگە كىرىپ ناماز ئوقۇغىدەك ھالى يوق، چاڭ–توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان.
بۇ يەردە مەكتەپلەردە ئوقۇش مۇددىتى يەتتە – سەككىز يىل بولۇپ، شۇ ئەسنادا ‹ھەپتىيەك،‹نامە ھەق›،‹چاھار كىتاب،‹خوجا ھاپىز›، ئەلشىر ناۋائى ۋە بېدىلنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇتىلىدۇ.
مەدرىسەلەردە ئوقۇش مۇددىتى 20 – 30 يىل بولۇپ، ئەئۇزۇ، بىسمىللاھ بەھسى، ‹شەرھى ئابدۇللا›، ‹شەرھى موللا›، ‹شەرھى ۋەقايە› ۋە بۇلارنىڭ ھاشىيەلىرى ئوقۇتۇلىدۇ.» ، «ھازىرقى مەكتەپلەرنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. قەيەردە تاشلاندۇق ئۆي بولسا مەكتەپ شۇ. قەيەردە بىرەر سوپى ۋە دەرۋىش بولسا شۇ ئوقۇتقۇچى. بالىلار تۆت ئەتراپىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆيلەردە لاي – توپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. بايۋەتچىلەر ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ تېگىگە پاخال سېلىنغان بولۇپ، بالىلار تۇخۇم باسۇرىۋاتقان توخۇدەك پاخال ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ.» (18) دېگەن مەزمۇنلار جاڭ داجۈننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنلار بىلەن بىردەك.
مانا بۇ نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف «شۇرا» قاتارلىق ژۇرناللارغا «ئۇيغۇر بالىسى» تەخەللۇسى بىلەن ماقالە يېزىپ، ئىلى ۋە يەتتەسۇ مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە نامايان قىلىۋاتقان، ئۆز مىللەتداشلىرىنى مىللىي كىملىكى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىۋاتقان چاغلاردىكى ئالتەشەھەر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك ھالىتى.
ئېيتىڭلارا. ئالتەشەھەردىكى بۇ پاجىئەلىك ھالەتنى مىللىي كىملىك تۇيغۇسى ۋە زامانىۋىي مائارىپ ئېڭى ئاللىقاچان ئويغىنىپ بولغان ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇش مەنزىرىسىگە قانداقمۇ تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن!؟ يۇقۇرقىلار ئوخشاش زامان، ئوخشاشمىغان ماكاندا ياشاۋاتقان بىر قېرىنداش خەلقنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيەت ئېڭى جەھەتتە تۈپتىن پەرق قىلىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى يۈزدە يۈز ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ!؟
بىز ئالتەشەھەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى بۇ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئىلى ۋە يەتتەسۇ ۋادىسىنىڭ 20–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدىكى مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرى راۋاجلانغان ھالىتىگە ئەمەس، بەلكى زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك مەكتەپ ۋە كاپىتالىستىك سودا-سانائەت ئاللىقاچان بارلىققا كەلگەن 1886-،1887- يىللاردىكى ھالىتىگە سېلىشتۇرۇپ باقساقمۇ، ئىلى ۋە يەتتەسۇ ۋادىسى مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارنىڭكىدىن قەتئىي تۆۋەن تۇرمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. يالقۇن روزى چالىكۆرەڭلىك بىلەن چورتلا كېسىپ ئېيتىۋەتكەن «مەكتەپ، مەدرىسەلەرنىڭ سەۋىيەسى قەشقەر تەۋەسىدىكى مەكتەپ، مەدرىسەلەرنىڭكىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىلى ۋادىسىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى كىم ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن؟» دېگەن گەپلەرنىڭ كەمسۇندۇرۇش پۇرىقى كۈچلۈك، ئەمما قىلچە پاكىت ئاساسى يوق قۇرۇق گەپلەر ئىكەنلىكى مانا مەن، دەپلا ئايان بولىدۇ.
بىز جاڭ داجۈن بىلەن نۇشېرۋان يائوشېفنىڭ بايانلىرىدىن ئاكا–ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ئالتەشەھەردە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىش يولىدىكى ئارزۇسىنىڭ پەقەت جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر مەھەل ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما، تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي توسالغۇلارغا ئۇچراپ يوققا چىققانلىقىنى ۋە بىردە داۋاملىشىپ، بىردە توختاپ ئىزچىل تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئۇنداق بولمىسا، بۇ مەكتەپلەر ھېلىھەم مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىغان بولاتتى.
مۇشۇ ئەمەلىيەتتىن بىز مۇسابايېفلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ سودا-تىجارىتىنى نېمە ۋەجىدىن ئاتۇشتا ئەمەس، ئىلىدا تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، زامانىۋىي تېرە زاۋۇتىنى ئالتەشەھەر تەۋەسىدە قۇرماستىن، ئەكسىچە غۇلجىدا قۇرغانلىقىدىكى نېگىزلىك سەۋەبنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىۋالالايمىز. كېسىپ ئېيتىش مۇمكىنكى، بۇنىڭدا ئىلىنىڭ مىللىي سودا – سانائەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئەڭ باپ كېلىدىغان «جەننەت ماكان» بولۇشىدەك ئوبيېكتىپ ئامىل مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، ئىلى خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقۇرى، يېڭىلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىش روھىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدەك سۇبيېكتىپ ئامىلمۇ ئىنتايىن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
نۇشىرۋان يائوشېفنىڭ بايىقى كىتابىدىكى، «چىندا ئىلى بىلەن ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى خېلى ياخشى. يېقىنقى يىللاردا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئوبدانلا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. ئەمما، ئالتەشەھەردىكى تۇرپان، كۇچار، ئاقسۇ، كاشغەر، ياركەنت ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئىقتىسادىي ئىشلاردىمۇ، ئىلمىي ئىشلاردىمۇ بەك ئاستا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. شەھەرلىرى، مەكتەپ ۋە مەدرىسەلىرى، ئومۇمى تۇرمۇشى ۋە مەئىشەتلىرى پۈتۈنلەي قەدىمىي پېتىچە كېتىۋاتىدۇ. ھەر شەھەردە ئىككى– ئۈچتىن ئوچۇق پىكىرلىك زاتلار بولسىمۇ، ئىككى – ئۈچ ئەسىردىن بېرى كاردىن چىققىپ كەتكەن بىر مىللەتنى ئورنىدىن قوپۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار يېتىشمەيدۇ.»(19) دېگەن مەزمۇنلار بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
يالقۇن روزى ماقالىسىدا، يەنە «باھاۋىدۇن باي ئىلىدىكى ئەڭ كاتتا مەسچىد بەيتۇللا مەسچىدىنىڭ بېقىنىدا ‹پۈتۈنلەي پەننىي دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپ› قۇرسا مەدرىسە ئۆلىمالىرى قاراپ تۇرارمۇ؟ ‹نېمىشقا دىنىي دەرس ئۆتمەيسەن› دەپ سورىماسمۇ؟ ياكى باھاۋىدۇن باي ئاتىئىزمچىمۇ؟» دېگەندەك رېتورىك سوراقلارنى سورايدۇ. بۇ يەردە ئۇ، باھاۋىدۇن باينىڭ بەيتۇللا مەسچىدى يېنىدا مەكتەپ ئاچقانلىقىنى ئىنكار قىلىش بىلەنلا قالماي، ئىلى خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپقا تۇتقان ئاكتىۋال مۇئامىلىسىنىمۇ بىراقلا يوققا چىقارماقچى بولىدۇ.
ئىلى ئۇيغۇرلىرىدا «مۇسۇلمان بار يەردە مەسچىد بار، مەسچىت بار يەردە مەكتەپ بار» دېگەن ئوبرازلىق گەپ بار. بىز رادلوفنىڭ 1862– يىلىدىكى غۇلجا دىنىي زاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېيتقان «مەسچىد ئىماملىرى بۇ رايوندىكى قانۇننى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئالىملار ئىدى.» دېگەن سۆزى بىلەن 1873– يىلى رۇسلار غۇلجىدا قۇرغان زامانىۋىي مەكتەپتە قازى–كالانلارنىڭ دەرس بەرگەنلىكىدەك پاكىت، ئىلى خەلقىنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن مەكتەپ مائارىپىدىن ئىبارەت ئىككى مەنىۋىي ئەڭگۈشتەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن، بىرى كەم بولسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەنلىكىنى پەملەيمىز. ئايانكى، ئىلىدا قۇرۇلغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەكتەپلەرنىڭ مەسچىدلەرگە يانداش ئېچىلغانلىقى، ئۇنى ئاچقۇچىلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك دىنىي زاتلار ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتمۇ، يالقۇن روزىنىڭ بايىقى رېتورىك سوراقلىقرىغا قايماقتەك جاۋاپ بولالايدۇ.
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «تارانچى تۈركىلىرىنىڭ ھاياتى» ناملىق ماقالىسىدا، 20 يىل ئىلگىرىكى رەسم-قائىدىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىپ بارغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ ئېيتققان «مەسىلەن، بۇلاردىن بىرى يېڭى يىلنى، نورۇز بايرىمىنى قارشى ئېلىش ئىدى. ھەممە ئۈچۈن ئۇنىڭدا بەخت – سائادەتكە ئېرىشىش ئۈمىدى بولغانلىقتىن، ئومۇمىي ئاھالە، خوتۇن- قىزلار، بىر مەيدانغا يىغىلىپ، بۇ يىلنىڭ ھەممە ئۈچۈن قۇتلۇق يىل بولۇشىنى تىلەيتتى. پۈتكۈل ئاھالە تەرىپىدىن بايرامغا مۇناسىپ مىللىي ئويۇنلار ئوينىلاتتى. موللىلارمۇ ئۇنىڭغا خوش-شادلىق بىلەن ئىشتىراك قىلاتتى.»(20) دېگەن سۆزلىرىمۇ بايىقى سۆزىمىزنىڭ دۇرۇسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
بەرھەقكى، ئىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئاساسلىق دىنىي زاتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك قاھىرە، ئىستانبۇل، قازان، ئوفا، باغچەساراي، بۇخارا، ياركەنت قاتارلىق شەھەرلەردە ئىلىم تەھسىل كۆرۈش جەريانىدا نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن ھەمدە غۇلجىدىكى تەرەققىيپەرۋەر تاتار مۇئەللىملەردىن جەدىدچە تەربىيە ئېلىش نەتىجىسىدە، ئاڭ ۋە ئىدىيە جەھەتتە خېلى بۇرۇن ئويغانغان كىشىلەردىن بولۇپ، «مەدەنىي- مائارىپ يۈكسەلمىسە، مىللەت يۈكسەلمەيدۇ.» دېگەن ھەقىقەتنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەن ئىدى. مۇئەللىپ مانا بۇ ئەمەلىيەتنى ئەستائىدىل ئانالىز قىلىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دىنىي ئېتىقاد مۇھىتى بىلەن قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد مۇھىتىنى تامامەن ئوخشاش ئىدى، دەپ قارىۋالغان.
1934- يىلى كۈزدە، «ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» قارمىقىدىكى سانائىينەفىسە زىيا سەمەدىنىڭ «قانلىق داغ» دىرامىسىنى جالالىدىن يەھيارى رېژىسسورلىقىدا سەھنىلەشتۈرىدۇ. دىراما قويۇلۇش ئالدىدا ھۆكىمەت دائىرلىرى دىرامىنى قويغۇزماسلىق ئۈچۈن، مەھكىمە شەرئىگە بېسىم ئىشلىتىدۇ. سانائىينەفىسە مەسئۇللىرى ئويۇن مەزمۇنىنىڭ دىنغا قارشى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەھكىمەئى شەرئىينىڭ قازىسى ئاسىپاخۇنۇمدىن پەتىۋا سورايدۇ. ئاخۇنۇم ئۇلارغا پەتىۋا بېرىش ئۈچۈن، ھاكىمبەگ غوجا قاتارلىق جامائەت مۆتىبەرلىرى بىلەن بىللە كېلىپ دىرامىنى كۆرىدۇ. ئويۇن ئاخىرلىشىپ، ئارتىسلار تاماشىبىنلارنىڭ تەلىپى بويىچە سەھنىگە قايتا چىققاندا، ئۆز ئوغلى قېييۇمبەگ غوجىنىڭمۇ رول ئالغانلىقىنى كۆرگەن ھاكىمبەگ غوجا خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىپ كېتىدۇ. ئاسىپئاخۇنۇم بولسا: «مەن بۇ ئويۇندا ئىسلامغا مۇخالىپ بىرەر سۆز-ھەرىكەتنىڭ بارلىقىنى بايقىمىدىم. جامائەت ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارە قويۇلسا بولىدۇ.» دەپ پەتىۋا بېرىدۇ ۋە بۇ ئويۇنغا ئەرلەرنىڭلا كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ «نامەھرەم بولىدۇ» دېگەن شىكايەتتىن قورققانلىقىنى ئاڭلاپ: «بۇنداق ياخشى ئويۇننى خوتۇن – قىزلارمۇ كۆرۈپ ئىبرەت ئالمىقى جاھىزدۇر. ئەرلەر ئىتتىن قورقمىغاندىكىن ئاخشىمى، ئاياللار كۈندۈزى كۆرسۇن!» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ.
توي-تۆكۈنلەردە باغاق يېزىشنىڭ قانداق مەدەنىيلەشكەن تۇرمۇش ئادىتىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولسا كېرەك. 1926-يىلى 29- نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە بېسىلغان تۆۋەندىكى بىر پارچە «تەكلىپنامە» (ئەسلى «دەۋەتنامە» دەپ يېزىلغان) ئابدۇلخەمىت ئابدۇلۋەكىلى ئەپەندى جەمەتىدە شۇ پېتىچە ساقلانماقتا.
بۇ تەۋەررۈك تەكلىپنامە ئىنتايىن ئۆلچەملىك بېسىلغان بولۇپ، «دەۋەتنامە. ئىززەتلىك ھۈسەين قارابايېف. شەنبە كۈنى سائەت 10دا، خانىمىزگە خەتنە تويغا ئىلتىفات قىلىشلىرىنى ئىلتىماس قىلىمىز. ئېھتىرام ئىلە: نەسرىدىن شەمشىدىن ۋە زەينىدىن بىن ھاجى غەينىدىن.» دەپ يېزىلغان. يان تەرىپىدىكى «جۇڭخۇا مىنگو 10 – يىل جامادى ئەۋۋەل» دېگەن خەتلەردىن ئۇنىڭ ئانا نۇسخىسىنىڭ 1921 – يىلى بېسىلغانلىقى ئايان.
مانا بۇ «تەكلىپنامە» دىن ئىلىدا باغاق ۋە تەكلىپنامە يېزىش ئادىتىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئومۇملاشقانلىقىنى چۈشىنىۋالىمىز. شۇنداقلا، يېڭى مائارىپ ئېلىپ كەلگەن مەدەنىي تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىنىڭ ئىلى خەلقىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيلىشىش دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتە، قانچىلىك ئاكتىۋال رول ئوينىغانلىقىنىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتىمىز.
مەزكۇر ماقالىدا يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغان ئۈچ چوڭ خاتالىقتىن باشقا تارىخىي خاتالىقلارمۇ ئاز ئەمەس. سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن بىرنەچچىسىنىلا تىلغا ئالىمەن:
مۇئەللىپ «ئىككىنچى خىل قاراش» تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مۇسابايېفنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باھاۋىدۇن باي 1870-يىلى ياركەنتكە چىقىپ، تاتارلار ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن» دېگەن مەسىلىنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە خېلى ئورۇنلۇق گەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، «1881- يىلىدىن ئىلگىرى يوق شەھەرنى شىپى كەلتۈرۈپ ماقالە- ئەسلىمىلەرنى يېزىش، توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ يېزىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. » دېيىش ئارقىلىق ياركەنت شەھىرىنىڭ 1881-يىلىدىن ئىلگىرى «مەۋجۇد ئەمەسلىكى»دەك «پاكىت» نى قارىسىغىلا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بىز ۋاسىلى ۋاسىلىيېۋىچ رادلوفنىڭ «غۇلجا ساياھەت خاتىرىسى»دىكى «ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇ بولدىكى، دەريانىڭ شىمالىدىكى سولۇنلار مەھەللىلىرىگە بارالمىدىم. زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يۇرتلارنى شەھەر-بازار دەپ ئاتايدىكەن.» ، «ئۇلار يېزا-كەنتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككىسىنىڭ بىرىنى ياركەنت، يەنە بىرىنى ئاقكەنت دەيدىكەن»(21) دېگەن قۇرلاردىن 1862-يىلى ياركەنت ۋە ئاقكەنتتىن ئىبارەت شەھەر ھالىتىدە كۆلەملەشكەن ئىككى يۇرتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئۇقىمىز. بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1881-يىللارنىڭ ئەينەن خاتىرىسى بولغان «كۆچ-كۆچ» قوشاقلىرىغا يۈزلىنەيلى:
ئەلنىڭ ئالدى يەتكەندۇ،
ياركەنتنىڭ بازارىغا.
تاۋاپ قىلىپ ئۆتۈڭلار،
قورغاسنىڭ مازارىغا.
بۇ قوشاقتا، «ياركەنتنىڭ بازارىغا» دېگەن سۆز ئارقىلىق ياركەنتنىڭ شەھەرلەشكەن يۇرت ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتتىن بېشارەت بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇ شەھەر دەرىجىسىگە توشمىسا، بۇ سۆز «ياركەنتنىڭ بازارى» دېيىلمەستىن «ياركەنت بازىرى» دەپ ئېلىنغان بولاتتى. بەلكىم بۇنى «قاپىيە ئېھتىياجى بىلەن شۇنداق ئېلىنغان» دېگۈچىلەرمۇ چىقار. ئەمما تۆۋەندىكى تارىخىي پاكىت بىزنى بۇ گۇماندىن تامامەن خالاس قىلىدۇ.
چوقان چىڭگىزوۋېچ ۋەلىخانوفنىڭ «ئالتەشەھەرگە سەپەر» ناملىق كىتابىدىنىڭ غۇلجىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلىكىدە:
«1856-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى.
بىز يولبويى كۆلىمى كىچىك توپ-توپ ئورمانلىق، ئېرىق-ئۆستەڭ ئارىلىرىدىن ئۆتۈپ ماڭدۇق. ھەيدەلگەن يەر ۋە دېھقانلارنى ھېلىدىن ھېلىغا ئۇچرىتاتتۇق. بەزىدە قورۇق ئىگىلىرىنىڭ ئوڭچە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىمۇ ئۇچرىتاتتۇق. بىز شىبە زەنگىسى- پولك مايورى تۇرىدىغان ياركەنت، چىغان شەھەرلىرىنى ئوڭ تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ، ئاقكەنتكە قاراپ ئۇدۇل يۈرۈپ كەتتۇق. » (22) دېگەن قۇرلار ئۇچرايدۇ.
مانا بۇ پاكىت يالقۇن روزىنىڭ «1881-يىللاردىن بۇرۇن ياركەنت شەھىرى قۇرۇلمىغان» دېگەن خاتا ھۆكۈمىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ، ياركەنت شەھىرىنىڭ 1850-يىللاردىمۇ مەۋجۇدلۇقىدەك ھەقىقەتنى يۈزدە يۈز ئىسپاتلايدۇ.
يۇقۇرىدا، بىز ياركەنت شەھىرىنىڭ 1886- ،1887-يىللاردىكى مەدەنىيلەشكەن ھالىتىدىن خەۋەردار بولغان ئىدۇق. دەرۋەقە، بۇ نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ «تارانچىلاردا مۇئەللىم ۋە مەكتەپ مەسىلىسى قانداق؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان 1911-يىلىدىن 26 يىل بۇرۇنقى ئىشلار. ئەگەر، ياركەنت شەھىرى 1881-يىلىدىن كېيىن بىنا قىلىنغان بولسا، مەزكۇر شەھەردە، 1886- ، 1887-يىللاردىكى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن ھايات مەنزىرىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولاتتىمۇ !؟
يالقۇن روزى ئابدۇللا بوبىنىڭ 1917-يىلى غۇلجىدىن رۇسىيەگە كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى «ئابدۇللا بوبىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن غۇلجا تاتارلىرىغا ئاقساقال قىلىپ بەلگىلەنگەن فازىلجان يۇنىچىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقى » غا باغلاپ تەھلىل قىلىدۇ ۋە بۇ تۇترۇقسىز پەرىزىنى بىز ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئابدۇللا بوبىنىڭ شەخسىي خاتىرىسىدىكى خۇسۇسىي ئاداۋەت پۇرىقى كۈچلۈك ۋايساشلىرىغا تايىنىپ ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ.
دېمەك، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۇرانىدىن «ئابدۇللا بوبىنى غۇلجىدىن فازىلجان ئاقساقال يەكلەپ كەتكۈزىۋەتكەن» دېگەن مەنا چىقىدۇ. بۇ يەردە مەسىلىنىڭ تىغ ئۇچى ئىلى تاتارلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋۋەر ئاقساقىلى فازىلجان يۇنىچىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە تاقىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرنەچچە ئېغىز لىللا گەپ قىلىپ قويۇشنى راۋا كۆردىم.
مىرقاسىم گوسمانوفنىڭ «يېپىلمىغان كىتاب» ناملىق كىتابىنىڭ 90-بېتىدە فازىلجان ئاقساقالنىڭ ئابدۇللا بوبى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رولى ھەققىدە مۇنۇلار يېزىلغان:
«ئەمما ئادىللىق ئۈچۈن شۇنى ئېيتىشقا تېگىشلىكمىزكى، ئىمتىيازىغا مۇناسىپ ھالدا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش مەسئۇلىيىتىگە ئىگە ۋە رۇسىيە گىراژدانى سۈپىتىدە، رۇسىيە كونسۇلىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا مەجبۇر بولىۋاتقان فازىلجان ئاقساقال بىلەن ئابدۇللا بوبى ئارىسىدا بەزىبىر زىددىيەتلەرنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقى ئايان. بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى، نوقۇل بوبىنىڭ ئەسكەرتكىنىچە، ئاقساقالنىڭ رېئاكسىئونلىقىدىن ئەمەس، مېنىڭچە، ئۇنىڭ (ئابدۇللا بوبىنىڭ) سالامەتلىكىنى (ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدى. ئاپتوردىن) ئويلاپ ئېھتىيات بىلەن باشقۇرۇشقا ئۈمتۈلگەنلىكى ھەمدە تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئىگە، ماكسىمالىست تەبىئەتلىك بوبىنىڭ قىزىققانلىقى، تەرسالىقىدىن كېلىپ چىقىىدىغان ئېھتىماللىقلارنى ئويلاشقانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك خىزمەت ئۇسۇلى، ئىككى تۈرلۈك تاكتىكىنىڭ بىردەكلىكىدىن ئىزدەش كېرەك. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، فازىلجان يۇنىچىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تىرىشچانلىقى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى توغرا چۈشەنمىگەن بولىمىز. بىرىنچىدىن، غۇلجىدا ھەقىقىي زامانىۋىي تاتار مەكتىپىنىڭ ئېچىلىشى، ئۇنىڭ بىناسىنىڭ سېلىنىشىغىچە بولغان ھەممە ئىشلار فازىلجان ئاقساقالنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشقۇرۇلغان. ئىككىنچىدىن، غۇلجا تاتار جامائىتىنىڭ ئۇيۇشۇپ، مەكتەپ-مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇزاق يىل خىزمەت قىلىشىدا ئالدى بىلەن ئاقساقالنىڭ ئىجتىھاتچانلىقى، يەكدىللىقى زور روللارنى ئوينىغان. ئۈچىنچىدىن، غۇلجا تاتار ياشلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى چەتئەللەرگە (رۇسىيە، تۈركىيە، گېرمانىيەلەرگە) ئەۋەتىپ ئوقۇتۇش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنىڭ بىرى دەل ئەل ئىچىدە ئابرۇيلۇق فازىلجان ئاقساقالدۇر. تۆتىنچىدىن، جامائەتنىڭ پايدىلىنىشىنى كۆزلەپ، ئۆز ئۆيىدە شەخسىي كىتاپخانا ئېچىش ئارزۇسىنى تۇنجى قېتىم فازىلجان ئاقساقال ئەمەلگە ئاشۇرغان. بەشىنچىدىن…
خەير. بۇلارنى ساناپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، ئۇنىڭ مەنىۋىي سۈپىتىنى ۋە ئەدەپ – ئەخلاقىنى چاقنىتىدىغان مۇنۇ دوكۇمېنتقا تايانغىنىمىز دۇرۇستەك قىلىدۇ. بۇ دوكۇمېنت فازىلجان يۇنۇچىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدىن ئىبارەت.»(23) دېگەن قۇرلار بار.
مەزكۇر «ۋەسىيەتنامە»نىڭ تەپسىلاتى ئابدۇۋەلى مۇقىيىت ئەپەندىنىڭ «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 30-سانىغا بېسىلغان «بىر پارچە ۋەسىيەتنامىدىن ئەينى دەۋرگە نەزەر» ناملىق ماقالىسىدا بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، تەكرارلىمايمەن.
1913-يىلى چار رۇسىيە ژاندارمىلىرىنىڭ تەقىپلىشىدىن بېشى ئېلىپ قاچقان ئابدۇللا بوبى پازىلجان ئاقساقال باشلىق ئىلىدىكى تاتار جامائەتچىلىكىنىڭ باشپاناھ بولۇشى بىلەن ئايالى ھۆسنفاتىمە ۋە قىزىنى سىدىتكەلەرنى ئېلىپ، غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. كەشفۇلئەسرار داموللا باشقۇرىۋاتقان تاتار مەكتىپىنى كېڭەيتىپ، 1914-يىلى ئىككى قەۋەتلىك «مەكتەبى نۇر» قىزلار مەكتىپى بىلەن «نۇر كىتابخانىسى»نى قۇرىدۇ. ئوغۇللار سىنىپىنى قوشۇمچە ئېچىپ، ئۇنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە ئايلاندۇرىدۇ.
«بوبى مەدرىسەسى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى مۇھەممەت مەھدىيېف ئابدۇللا بوبىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ھارپىسىدا رۇسىيەگە كېتىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇنىڭ قىزى غەلىيەگە يازغان مۇنۇ خېتىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ:
«خەلقئارا ۋەزىيەتنى دائىم كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن. رۇسىيەدە ئىنقىلابنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بۇ مۆلچەرىمنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا ئىمانىم كامىل. يېقىن كەلگۈسىدە شۇنداق كاتتا ھۈرىيەتلەر بولغۇسى. بىر ئۇلۇغ سائادەتلىك، خۇشاللىنارلىق كۈنلەر تۇغۇلغۇسى. بىز ئويلاپ باقمىغان زور ئىمتىيازلار بىزگە قۇچاق ئاچقۇسى، بىز زارىقىپ كۈتكەن ئاشۇ مىنۇتلار ئاخىرى يېتىپ كەلدى. قىزىم غەلىيەكەي، يۇرتىمىزدا قىزلار مەدرىسەسى ئاچىمەن. بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ، ئۇنى دارىلمۇئەللىمىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن. ئۇنىڭدا رۇسچە لىسانى مۇكەممەل ئوقۇتىمەن . ئەنە شۇل ۋاقىتتا ھەممىمىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى، بەك سۆيۈنەرلىك ھايات كەچۈرىدىغانلىقىمىمىزنى ئويلىغىنىمدا، بارچە ھەسرەتلىرىم ۋە كۆرگەن ئېغىرچىلىقلىرىمنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتمەن، يۈرىكىم شادلىق ئىسكەنجىسى ئىلكىدە سوقىدۇ. كۆڭلۈم مەمنۇنلۇقتىن ئاۋۇنىدۇ. ھەسرەتلىرىم كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئىسسىق ياشلىرىم يۈزلىرىمنى يۇيىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەسرەت يېشى ئەمەس، بەلكى سۆيۈنىش ۋە شادلىق ياشلىرىدۇر. »(24).
فازىلجان يۇنىچى مەشھۇر جامائەت ئەربابى سالاھىيىتىدىلا ئەمەس، ئۇلۇغ ئاتا سۈپىتىدىمۇ ئۇلۇغلاشقا مۇناسىپ كىشى. چۈنكى، ئۇنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش يولىدىكى تىرىشچانلىقى جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسىدىن قېلىشمايدۇ. مەسىلەن، سابىق «ئىلى شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى ھەبىب يۇنۇچىدەك نامدار ژۇرنالست، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ پولكوۋنىكى ئايتۇغان يۇنۇچىدەك جەڭگىۋار ئىنقىلابچى، سابىق شىنجاڭ ئىنستىتوتى فىزىماتىكا فاكولتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئېرىك يۇنۇچىلار دەل ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. شۇڭا، بىز ئابدۇللا بوبىنىڭ كېسەللىك ئاسارىتىدە مېجەزى چۇسلىشىپ، پسىخىك بىنورماللىق ھالىتىدە تۇرىۋاتقاندا يازغان، شەخسىي ئاداۋەت پۇرىقى كۈچلۈك خېتىگە ئاساسلىنىپلا، ئاقساقالنى ئەيىپلىيەلمەيمىز. دېمەك، ئابدۇللا بوبىنىڭ غۇلجىدىن كېتىش سەۋەبىنى فازىلجان ئاقساقالغىلا دۆڭگەش ئاقىلانىلىق ئەمەس.
يالقۇن روزى «يېپىلمىغان كىتاب»نىڭ ئاپتورى مىرقاسىم گوسمانوفنى تىلغا ئالغاندا، ھېچ ئىككىلەنمەيلا «تاتارىستانلىق ئاكادېمىڭ مىرقاسىم گوسمانوف» دەۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مىرقاسىم گوسمانوف 1934- يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، «تاتار مەكتەپ» ۋە «رۇس گىمنازىيەسى» دە ئوقىغان، 1955- يىلى قانۇنلۇق رەسمىيەت بىلەن تاتارىستانغا چىقىپ كەتكەن، 2006- يىلى قازاندا كۆز يۇمغان ئىدى.
ئۇ باشقا ئاپتورلارغا جەدىدچىلىكنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە «دەرس» بېرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭمۇ تېخىمۇ كەسكىن خاتالىقلارغا يول قويغانلىقىنى سەزمەيلا قالىدۇ. مەسىلەن، ئالاقىدار تارىخىي پاكىتلارنى تولۇق دەلىللەپ كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويغان ۋاقىتىنى خاتا ھالدا «1884-يىلى» دەپ يېزىپ، ئۇنىڭ جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان ۋاقتى بىلەن «تەرجىمان» گېزىتىنى چىقارغان ۋاقتىنى ئىلگىرى-كېيىن قىلىپ قويىدۇ.
تاتارىستانلىق ئەدەبىياتشۇناس ۋە سىياسىي ئوبزورچى جامال ۋەلىدى جامالىدىن ئوغلى (1932-1887) رۇسچە يازغان «ئىسمائىل بەي گاسپىرىنسكى» ناملىق ماقالىسىدا «ئۇ 1883- يىلى باغچەسارايدا نەمۇنە-ئۈلگە بولارلىق مەكتەپ ئاچتى ۋە ‹خوجائى سەبىيان›(‹سەبىيلەر خوجىسى›) ناملىق ئېلىپبە كىتابنى تۈزدى.» (25) دەيدۇ.
ئۇ گەرچە «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ نەشر چىققان ۋاقىتنى «1883-يىلى» دەپ توغرا يازغان بولسىمۇ، كونكېرت ئاي-كۈنىنى ئەسكەرتمەيدۇ. 1915-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «ئىسمائىل گاسپىرالى ئالبومى» ناملىق توپلامدىكى «ئىسمائىل بەگنىڭ مۇختەسەر تەرجىمەئى ھالى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا: «‹تەرجىمان›نىڭ 1-سانى 1883-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چىققانىدى.»(26) دەپ يازسا، رىزائىددىن بىن فەخرىددىنى «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1914- يىللىق 21-، 24- سانلىرىغا چىققان «ئىسمائىل بەگ گاسپىرىنسكى» ناملىق ماقالىسىدا: « ‹تەرجىمان› گېزىتىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى مىلادىيە 1883-يىلى 10-ئاپرېل ۋە 15-جامەدىئەل ئاخىرىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغانىدى.» (27) دەپ تېخىمۇ ئوچۇق مەلۇمات بېرىدۇ.
يالقۇن روزى ئىسمائىل بەگ غاسپىرالىنىڭ شاگىرتى، ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىدچىلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى داھىيسى مەھمۇد خوجا بېھبۇدى (1919-1875) نىڭ ئىسمىنى «مەھمۇد خوجا بەھبۇدى» دەپ خاتا ئاتايدۇ. بېھبۇدى سۆزىنىڭ پارسچە مەنىسى «مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى» بولۇپ، ئەگەر «بەھبۇدى» دەپ ئېلىنسا، ئۇ ئاڭلىتىدىغان مەنامۇ تۈپتىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
ئۇ يەنە نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنى سۈپەتلىگەندە، «ئۇيغۇر جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم باشلامچىلىرىدىن بىرى» دېگەن سۆزنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئاغزىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ نەزەرغوجىنى 1927-يىلى ئىنىسى ئابدۇمېجىت روزىباقىيېفقا تونۇشتۇرغاندا ئېيتقان «خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان پېشقەدەم ئەدىب، دېموكرات»،(28) «تاتارلارنىڭ ئورىنبۇرگدا چىقىدىغان ‹شۇرا› ژۇرنىلىدا ۋە باشقا ژۇرناللار سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى رۇسىيەدىكى تۈركىي خەلقلەرگە تونۇشتۇرغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى»(29) دېگەن باھاسى ناھايىتى لىللا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئابدۇمېجىت روزىباقىيېفنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى»، «ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى، ئىجتىھاتلىق تارىخچى»(30) دېگەن باھالىرىنى قوشۇش ئەڭ مۇۋاپپىق.
مۇئەللىپنىڭ «1870- يىللاردا باھاۋىدۇن باي تۇغۇلمىغان ياكى تۇغۇلغان بولسىمۇ ئېغى يوق ئىشتان كىيىپ يۈرگەن گۆدەك چاغلىرى ئىدى.» دېگەن گەپلىرىگە كۆڭۈلنى غەش قىلغۇدەك ئاتىكارچىلىق سىڭگەن. مۇسابايېفلار جەمەتىدىكىلەر بوۋىسى ھۈسەن باينى «1844- يىلى تۇغۇلۇپ، 1926- يىلى ۋاپات بولغان.» دەپ قارىسا، باھاۋىدۇن باينى «1851- يىلى تۇغۇلۇپ، 1928- يىلى ۋاپات بولغان.» دەپ قارايدۇ. مەزكۇر جەمەت ئىلىدىكى كاتتا ۋە مەرىپەتلىك جەمەتلەردىن بولۇپ، ئۇلار ئىچىدە قېيۇم مۇسابايېف، سابىت مۇسابايېف، مەجىت مۇسابايېف، جاۋۇت مۇسابايېف، تەلئەت مۇسابايېف، ئەنۋەر مۇسابايېفلاردەك زېرەك زاتلار چىققان. ئولارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى خاتا دەپ بېرىشى ناتايىن. چۈنكى، ھەرقانداق مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ يېشى ئۇ ئۆلۈپ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلىشتىن بۇرۇن ئېنىقلىنىدىغان، ھەتتا تۆھمەت يېشىمۇ شاھىدلارنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزىلىدىغان تۇرسا، ئۇستىخان ئىگىلىرىنىڭ سۆزىنى قانداقمۇ يالغانغا چىقارغىلى بولسۇن ؟!
ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار ئىجتىمائىي تەسىرى كۈچلۈك كاتتا كىشىلەر. بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ مىنگو دەۋرى ئارخىبلىرىدىن چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئەستائىدىل ئويلاشمىساق، بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشتا سالماق بولمىساق بولمايدۇ. گەرچە يالقۇن روزى ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ئەخمىقانە پەرىزىگە تايىنىپ ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە كىتابخانلارنى قايىل قىلغۇدەك ئىسپات كۆرسەتمەيدۇ. بۇ يەردە مەن مۇسابايېفلار جەمەتىنىڭ كەتمىنىنى چاپماقچى ئەمەس. ھۈسەن باي ۋە باھاۋىدۇن بايلار نەسەب جەھەتتىن مەزكۇر جەمەتكە تەۋە بولسىمۇ، جەمىئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بەدىلىگە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە كىشىلەر. مۇئەللىپنىڭ باشقىلارنىڭ نەسەبى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەندە ئىلمىي قەلەمكەشلىك سۈپىتىنى ساقلاپ، ئىنسانىي ئەخلاققا يات ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇبادا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى غەزەب بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ « بوۋىمىزنىڭ يېشى ھەققىدە پالان- پۇستان دېيىشكە نېمە ھەددىڭ؟ » دەپ تاناۋىنى تارتسا، زادى نېمە دېگۈلۈك !؟
ئەمدى يالقۇن روزى تىلغا ئالغان غۇلجىلىق ھاجى سوفى مەسۇم ئەپەندى ھەققىدىكى بايانلارغا كېلەيلى.
ماقالىدا، ئۇ، بىر قارىماققا ھاجى سوفى ئوغلى مەسۇم ئەپەندىنى «بۇ ئادەم ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىدىكى تۆھپىسى ئەڭ زور پېشىۋا مائارىپچىلارنىڭ بىرىدۇر.» دەپ ئۇلۇغلىغاندەك كۆرىنىدۇ ۋە ئۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ خېلى ساۋابلىق ئىش قىلغاندەك تەسىرات بېرىدۇ. ئەمما، تازا سەگەكلىك بىلەن تەپەككۇر يۈرگىزىدىغان بولساق، بۇ «ساۋاب»نىڭمۇ تۈۋى تۆشۈك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. دەرۋەقە، ئۇ «مېھنەت»تىن «مىننەت»نى ئەلا بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، مەسۇم ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار» غۇلجىدا ئاچقان «مەكتەبى ھۈسەينىيە»نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكى ۋە ھۈسەيىن مۇسابايېفنىڭ تۈرتكىسىدە ئاۋۋال تاتارىستاننىڭ باغچەساراي شەھىرىگە، ئاندىن تۈركىيەگە بېرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىدەك پاكىتنى مەقسەتلىك پەش قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزى كۆككە كۆتۈرگەن «پېشىۋا مائارىپچى» لىق سۈپىتىنى بىراقلا يەرگە ئۇرىدۇ. مانا بۇ مۇئەللىپنىڭ «مۇسابايېفلار بولمىسا، ئىلىدا يېڭى مائارىپ باشلانمايتتى» دېگەن بىمەنە قاراشنى «ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈگرىتىش» ھىيلىسى بىلەن بازارغا سالغانلىقى بولماي، نېمە!؟
روشەنكى، مۇئەللىپننىڭ قاتمال تەپەككۇرى «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ‹پاتېنت ھوقۇقى› پەقەت ئاتۇشلۇقلارغىلا خاس، مەيلى قايسى يۇرت مائارىپى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باشلانغان ۋاقتى ئاتۇشنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك!» دېگەندىن ئىبارەت تار يۇرتۋازلىق ئىدىيەسى چەمبىرىكىگە بەنت بولغانلىقتىن، گويا سۇن مايمۇن تاڭ راھىبىنىڭ «چەمبىرەك ئەپسۇنى»دىن قۇتۇلالمىغاندەك بۇ خەتەرلىك ئىدىيە چەمبىرىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
يالقۇن روزى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلانغانلىقىغا تۈرتكە بولغان بايراقدار مەرىپەتچىلەرنى بىرمۇ بىر يىقىتىپ تاشلاشنى ماقالىسىنىڭ ئاساسلىق مەۋقەسى قىلغاچقا، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ كۆتۈرۈپ ماڭغان زاھىت ئەپەندى، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم قاتارلىق پېشىۋا مەرىپەتچىلەرنى بىرمۇ- بىر يىقىتىپ تاشلاپ، ئىلى مائارىپىنى مەنىۋىي تۈۋرۈكسىز قالدۇرۇش غەرىزىگە يەتمەكچى بولىدۇ.
بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان «ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان» ناملىق بۇ ماقالە يالقۇن روزىنىڭ شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى» ناملىق كىتابىغىمۇ بېرىلدى. ئۇنىڭغا 1902-يىلى ۋە 1904-يىلى يېزىلغان مەسۇم ئەپەندىگە ئالقىدار ئىككى پارچە خەت كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خەتنىڭ بىر پارچىسى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مائارىپ نازىرى جەلالىدىن تەرىپىدىن مەسۇم ئەپەندىنىڭ «نەمۇنە تەرەققىي مەكتىپى»دە ئوقۇش ئىلتىماسى ئاساسىدا سۇلتانلىق باش كاتىپىغا، يەنە بىر پارچىسى مەسۇم ئەپەندى تەرىپىدىن ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ نامىدىن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلھەمىدكە يېزىلغان.
مانا بۇ ئىككى پارچە خەت مەسۇم ئەپەندىگە ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن، چاغاتاي يېزىقىنى قېنىق بىلىدىغانلارغا ئوقۇتۇپ باقماقچى بولدۇم. ئۈچ نەپەر كىشىگە ئايرىم- ئايرىم ئوقۇتۇش ئارقىلىق يالقۇن روزى تەمىنلىگەن بۇ ئىككى پارچە خەتنىڭ «فوتو نۇسخىسى» بىلەن ئۇ بىزگە سۇنغان «يەشمە نۇسخىسى»نىڭ مەزمۇن جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشاشمايدىغانلىقى ۋە «يەشمە نۇسخىسى»دىكى ئالاقىدار يىلنامىلەرنىڭ «فوتو نۇسخىسى» دا ئەسلا مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى بايقاپ، ھاڭ- تاڭ قالدىم.
ئەگەر، بۇ ئىككى پارچە خەتنىڭ مۇئەييەن مەقسەتتە جۆندەپ يېزىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، 1980-يىللاردا ئاتالمىش «تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر شائىرى كەكمەنىرنىڭ خەنزۇچە يازغان شېئىرى» نامىدا ئويدۇرۇپ چىقىلىپ، مەتبۇئات ساھەسىدە قارا يۇمۇر پەيدا قىلغان شېئىر سەتچىلىكى ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتملىق مەتبۇئات سەتچىلىكنىڭ چۈمپەردىسى ئېچىلماي قالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئايرىم ماقالە يېزىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقتىن، تەپسىلىي مۇلاھىزەمنى كېيىنگە قالدۇرىمەن.
قېنى، ئەمىسە، ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كېلەيلى.
ئەيساجان مۇسا، ئىمىن ئىبراھىملارنىڭ «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 4-سانىدىكى «ئىلى يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى توغرىسىدا قىسقىچە بايان» بايان ناملىق ماقالىسىدا، «شۇ يىللاردا ئىلىدىكى ياشلار ئىچىدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ بىر قىسىملىرى ھۈسەيىن ئەپەندى باشچىلىقىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا ماڭغان. يەنە بىر قىسىم ياشلارنى باھاۋىدۇن باي ئۆز مال- مۈلكىنىڭ زاكات پۇلى ھېسابىغا تۈركىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. چەتكە ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ ئالدى 1913-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتىپ كېلىپ، ئۆز كەسپى بويىچە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىشلىدى. بىر قىسىمى بەيتۇللا مەسچىدى يېنىدىكى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ مەكتەپكە ‹ھۈسەينىيە مەكتىپى› دەپ نام بېرىلدى. كېيىن ‹ئىلى مەكتەپ›كە ئۆزگەرتىلدى.» دېگەن قۇرلار ئۇچرايدۇ.
ئىمىن ئىبراھىم، ئەدھەم ئابدۇمېجىتلارنىڭ «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 11-سانىدىكى «تۇنجى مەرىپەت بۆشۈكى ‹ئىلى مەكتەپ› توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدىمۇ، «باھاۋىدۇن باي شۇ يىللاردا، بىر قىسىم ياشلارنى ئۆز مال-مۈلكىنىڭ زاكات پۇلى ھېسابىغا تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقارغان. ئۇلارنىڭ ئالدى 1913-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ ‹ئىلى مەكتەپ›تە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. شۇ مەزگىلدە، بۇ مەكتەپنىڭ نامى بىر مەزگىل‹ھۈسەينىيە مەكتەپ› دەپ ئاتالغانىدى. كېيىن، يەنە ‹ئىلى مەكتەپ› دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.» دېگەن قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز.
بۇنىڭدىن بىز خەلپەت زاھىت ئەپەندى نام بەرگەن «ئىلى مەكتەپ» نىڭ 1913-يىلىدىن كېيىن، بىر مەزگىل «ھۈسەينىيە مەكتەب» ئاتالغانلىقىدەك تەخمىنى ئۇچۇرغا ئېرىشسەكمۇ، ئەمما، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىلىدا «مەكتەبى ھۈسەينىيە» ئاتىلىدىغان بىرەر مەكتەپنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئائىت ئۇچۇرغا زادىلا ئېرىشەلمەيمىز.
قېيۇم مۇسابايېفنىڭ (باھاۋىدۇن باي مۇسابايېفنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇغان ئوغلى) 1984-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە يېزىپ تاپشۇرغان مۇنۇ ماتېرىيالى بايىقى گۇمانىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ:
«باھاۋىدۇن مۇسابايېف 1906-يىلى قەشقەر ئۈستىنئاتۇش ئېكساق كەنتىدىن تۇرسۇن ئەپەندى، قەشقەر شەھىرىدىن قادىر ئەپەندى، مۇھىدىن ئەپەندى، غۇلجا شەھىرىدىن مەسئۇد ئەپەندى، ئابدۇراھمان ئەپەندى، غۇلجا تۇرپانيۈزىدىن مەسۇم ئەپەندى، غۇلجا شەھىرىدىن سەئىد ئەپەندى بوتابايوف قاتارلىق بىرقانچە ياشلارنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، لىۋاننىڭ بېيرۇت شەھىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەنىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىستانبۇل، بېيرۇت شەھەرلىرىدە تۈركچە، فرانسۇزچە، ئىنگلىزچە ئوقۇش بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق، تەنتەربىيە، سىپورت، دوختۇر قاتارلىق كەسپلەرنى ئوقۇپ 1913- يىلى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن. جۇڭگودا شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، سۇن جۇڭشەن ئەپەندى زوڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ئېچىلغان خەنزۇچە تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتەپلىرىگە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئوقۇش خىراجەتلىرىنى تۆلەپ، خەنزۇچە ئوقۇتقانىدى. مەسىلەن، بۇلاردىن ئازادلىقتىن كېيىن، 1960-يىللارغىچە تەرجىمان بولۇپ، غۇلجا شەھىرىدە خىزمەت قىلغان داۋۇت موللا، قەشقەر ئاتۇش ئېكساق يېزىسىدىن مەرھۇم نىيازى، مەھەممەت قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ. 1913-يىل تۈركىيە ئىستانبۇل، لېۋان بېيرۇتلاردىن مېدىتسىنا ئىنستىتوتى، سىفەن مەكتىپى، بېيرۇتتىكى ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە كوللەژ قاتارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ غۇلجا، قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن مەسئۇد ئەپەندى، ئابدۇراھمان ئەپەندى، مەسۇم ئەپەندى، قادىر ئەپەندى، جېرجىس ھاجىلارنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ، غۇلجىدا «دەرنەك» مەكتىپى ئىسىملىك باشلانغۇچ مەكتەپ تەشكىل قىلغانىدى. قوشۇمچە تىياتىر ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلارنى تەشكىللەپ، مەدەنىي مائارىپنى تەشۋىق قىلغان جاھالەت، نادانلىقنى تەنقىد قىلىدىغان پېسىلارنى (سەھنە ئەسىرىنى) ئويناپ چىققانىدى. شۇ ۋاقىتتىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ چېقىمچىلىقى نەتىجىسىدە ئەكسىيەتچىل ئەمەلدارلار مەكتەپنى ياپتۇرۇپ، ئابدۇراھمان ئەپەندى، مەسئۇد ئەپەندى، جېرجىس ھاجىلارنى قۇمۇلغا پالىغانىدى. شۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى غۇلجا شەھىرىدىكى سىفەن شۆيۈەننىڭ ئورنىغا 1912-يىلى باھاۋىدۇن مۇسابايېف مۇسابايېفلارنىڭ خىراجىتى بىلەن بىر مەكتەپ ياسىتىپ، مەكتەپنىڭ نامىنى «مەكتەپ قورۇ» دەپ ئاتىغانىدى. بۇ مەكتەپتە 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇلغانىدى. بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى يېتىم بالىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ تاماق، كىيىم-كېچەك، دەفتەر-قەلەم قاتارلىق ھەممە خىراجەتلىرىنى مۇسابايېفلار قامداپ بەرگەنىدى. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان بالىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ، قوشۇمچە تېرە زاۋۇدىدا ھېساباتچى، شورنىك، پىرىيومچىك، سېلىسار، توكار، تېرە ئىشلەپچىقىرىدىغان تېخنىكقا ئوخشاش كەسىپلەرنى ئىگەللەپ چىققانىدى. مەسىلەن، بۇلاردىن غۇلجىا مۇندىن ئۈچ-تۆرت يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ساۋۇت ئاكام بىلياڭخاڭ (بىلياڭخاڭ ئەمەس، بىليانخان. چۈنكى، ئۇ بىليانىسكى دېگەن رۇس سودىگەر بىلەن لاپقۇتلىشىپ تىجارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئاتالغان. ئاپتوردىن) سايۇزغا چىقىپ كەتكەن زۇنۇن تېيىپوف، ئابدۇرۇپ موللام، سانائەت نازارىتىدە جۇرېن بولۇپ ئىشلىگەن (ھازىر بۇ كىشى تۆرت-بەش يىل بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتتى) ئاتۇش ئېكساقلىق شاۋۇدۇن ئاكاملارنى مىسالغا ئالساق بولىدۇ.»
بۇنىڭدا، مۇسابايېفلار 1912–يىلى ئاچقان مەكتەپنىڭ « مەكتەپ قورۇ » دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، مەسۇم ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ 1913-يىلى تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ، مۇسابايېفلار غۇلجىدا تەشكىل قىلغان «دەرنەك» مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭدىن بۇرۇن غۇلجىدا «مەكتەبى ھۈسەينىيە» نامىدىكى جەدىدچە مەكتەپنىڭ بارلىقى، مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقى پەقەتلا تىلغا ئېلىنمايدۇ. قېيۇم مۇسابايېف مۇسابايېفلار جەمەتىدىن چىققان ئەڭ كاتتا زىيالىي تۇرۇقلۇق ئۆز جەمەتىگە مۇناسىۋەتلىك مانا مۇشۇنداق مۇھىم ئۇچۇرنى ئۇنتۇپ قېلىشى، ئەجدادلىرى قۇرغان مەكتەپلەرنى ئەسكە ئالالماسلىقى ئەقىلگە سىغارمۇ !؟
گۈلسۈم سەلەي خانىمنىڭ «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» 18- سانىدىكى «ئىلىنىڭ مەدەنىي ئاقارتىش تارىخىدىن سۆز» ناملىق ماقالىسىدا: « 1920- يىلى مەسۇم ئەپەندى غۇلجا شەھىرىدە ‹دەرنەك› مەكتىپى نامىدا ئاقارتىش مەكتىپى ئاچىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا پەننىي دەرسلەرنى ئوقۇتىدۇ. جۈملىدىن ھۆسنخەت، رەسىم، تەنتەربىيە، دەرسلىرىنى تەسسىس قىلىدۇ. كېيىنچىرەك تېخىمۇ كۆپ پەنلەر ئۆتىلىدۇ.
چەتئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن ئەپەندىلەر خەلق مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش، ئىلىم-پەن ئەھلىنى يېتىشتۈرۈش يولىدا ھارماي- تالماي، ئېگىلمەي-سۇنماي كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا بەزى مۇتەئەسسىپ قارا كۈچلەر ‹جەدىدچە كالتە قۇيرۇقلار كۆپىيىپ كەتتى› دەپ ئۆسمۈرلەرنىڭ پەننىي بىلىم ئېلىشىغا قارشى چىقىپ، مەسۇم ئەپەندىنىڭ ‹دەرنەك مەكتىپى›نى يېپىشقا قىستايدۇ. مەسۇم ئەپەندى يۇرت ئىچىدە ئىناۋەتلىك، قابىلىيەتلىك، مەرىپەتپەرۋەر زىيالىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىلىم –مەرىپەت يولىدىكى ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىلىم-پەن، مائارىپنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، كۆپ ساندىكى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مەسۇم ئەپەندى قۇرغان ‹دەرنەك› مەكتىپى ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىدى. بۇ مەكتەپتە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلىنىپ يېتىشتۈرۈلدى. شۇ زامانلاردا ئىسمائىل خەلپەت دېگەن كىشى ‹دەرنەك مەكتىپى›نى مەدھىيەلەپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغان ئىدى:
بۇ مەكتەپ بېغىدا ئېچىلدى گۈل ئەترە رەيھان،
غۇلجا شەھرىدە خۇشبۇي ھىدى سۈردى دەۋران.
1930- يىللىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ‹دەرنەك مەكتىپى› تاقالدى.» دېگەن پاكىتلىق قۇرلار بار. ئۇنىڭدا، مەسۇم ئەپەندىنىڭ 1920- يىلى «دەرنەك» مەكتىپىنى نامىدا مەكتەپ ئاچقانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، ئەمما، غۇلجا ۋە ئاتۇشتا «مەكتەبى ھۈسەينىيە» دېگەن مەكتەپنىڭ بار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمەيدۇ.
تارىخىي يازمىلاردىن ئايانكى، 1924- يىلى غۇلجىدا ئاتاقلىق مەرىپەتچى ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇفنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەسلىدىكى «ئۈچدەرۋازا مەكتەپ» ۋە «ئۈمىد» مەكتەپلەر ئاساسىدا، بىر زامانىۋىي پەننىي مەكتەپ بارلىققا كەلگەن ئىدى. ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسۇف 1935-يىلى 4-ئايدا، شېڭ شېسەي ھاكىمىيىتى ئۈرۈمچىدە ئاچقان «ئاۋام قۇرۇلتىيى»دىن قايتىۋېتىپ، كەڭسايدا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، غۇلجا جامائىتى ھەسىنەم پالتىبايوف، نەسرۇللا بايلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەرھۇمنىڭ مەكتەپكە سىڭدۈرگەن تۆھپىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى «ھۈسەينىيە مەكتىپى»گە ئۆزگەرتىدۇ.
يۇقۇرقىلارنى تارىخنىڭ چىنلىق مەنتىقىسى بويىچە ئەستائىدىل ئانالىز قىلىپ كۆرسەك، يالقۇن روزى «مۇتلەق ھەقىقەت» سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىققان «ئاكا–ئۇكا مۇسابايېفلار 1899-يىلى ئۈستىنئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان.» دېگەن قاراشنىڭ تازا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ھەتتا ئۇنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئاتۇشتىن باشلانغان» دېگەن بىرتەرەپلىمە قاراشنى زورۇقۇپ «ئىسپاتلاش» مەقسىتىدە ئويدۇرۇپ چىقىلغان «پاكىت» بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.
مائارىپتىكى يېڭىلىق ئىزچىللىق ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە ئۆز ئۆزىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ. «1899–يىلى ئېكىساقتا جەدىدچە مەكتەپ قۇرۇلغان » دېگەن قاراشقا ماقۇل دەپمۇ تۇرايلى. ئەمما مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئېچىلا-ئېچىلمايلا تاقىۋېتىلگەنلىكى ۋە تەرەققىيات ئىزچىللىقىنى ساقلىيالمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق بىر ئېقىننىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولىدىغانلىقى ئېنىق. باشلىنىش نۇقتىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئېقىننىڭ ئۇلغىيىپ ئەزىم دەرياغا ئايلىنالمايدىغانلىقى كۆپچىلىككە تېخىمۇ ئايان بولسا كېرەك. نۇشىرۋان يائوشېفنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە بىرمۇ ئىپتىدائىي مەكتەپنىڭ يوقلىقى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە باشقا پولاتتەك پاكىتلار ئېكساقتا قۇرۇلغان بۇ مەكتەپنىڭ ئىزچىل مەۋجۇد بولۇش ئاساسىنى ساقلىيالمىغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلىشىمىزغا يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆز تەرەققىيات ئىزچىللىقىنى ساقلىيالىغان بولسا نۇشىرۋان يائوشېف كەلگەن 1915- يىللارغىچە سۆزسىز مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىغان ۋە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىغا ئايلىنالىغان بولاتتى. مانا بۇ تارىخىي ئەمەلىيەت بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولالمايدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.
ئىلىدا قۇرۇلغان پەننىي مەكتەپلەر گەرچە تارىخنىڭ تۈرلىك بوران-چاپقۇنلىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇق ئاساسى ۋە تەرەققىيات ئىزچىللىقىنى يوقىتىپ قويمىغان. مەسىلەن، زاھىت ئەپەندى نام بەرگەن «ئىلى مەكتەپ» بىلەن ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم قۇرغان «تائالىيە» مەكتەپلەرنىڭ ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگىچە مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، بۇ سۆزىمىزنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
دېمەك، ئىلىدا پەننىي مەكتەپلەرنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەنلىكى، مۇستەھكەم ئاساس، پۇختا قەدەم، كۆلەملەشكەن ھالەتتە ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىغا ئايلىنالىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەت ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاتۇشتىن ئەمەس، ئىلىدىن باشلانغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
قېنى ئەمىسە ئىلىدىكى ئانا مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلغان يىل تەرتىپىگە ۋىجدان كۆزىدە سىنچىلاپ قاراپ باقايلى:
غۇلجا شەھىرىدىكى «بەيتۇللا مەكتەپ» (1823-يىلى)، «ئىلى مەكتەپ» (1869-يىلى)، رۇسلار قۇرغان «غۇلجا مەكتەپ» (1873-يىلى) ، قورغاس مازاردىكى «مازار مەكتەپ» (1875-يىلى)، چاپچالدىكى «قاينۇق مەكتەپ» (1883-يىلى)، توغرىكۆۋرۈكتىكى «ئۆرنەك» مەكتەپ (1890-يىلى)، چاپچال جاغىستايدىكى «سېدە مەھەللە مەكتەپ» (1894-يىلى)، «ئەلاباي مەسچىد مەكتەپ» (1895-يىلى)، چىلپەڭزىدىكى «چىلپەڭزە مەكتەپ» (1895-يىلى)، قورغاس مازاردىكى «قىزلار مەكتەپ» (1896-يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «ئەنجان مەكتەپ» (1896-يىلى)، غۇلجا ناھىيەسىدىكى «چۇلۇقاي مەكتەپ» (1897-يىل)، «ئارىئۆستەڭ مەكتەپ» (1897- يىلى)، «پەنجىم مەكتەپ» (1898-يىل)، غۇلجا شەھىرىدىكى «تائالىيە» مەكتەپ (1898-يىلى)، «نوغاي مەكتەپ» (1899-يىلى)، سۈيدۈڭدىكى «بازار ئىچى مەكتەپ» (1900-يىلى)، غۇلجىدىكى «مەكتەبى كەشفىيە» (1901-يىلى)، «ئۈچدەرۋازا مەكتەپ» (1903-يىلى)، قورغاس لوسىگۇڭدىكى «ئويمەھەللە مەكتەپ» (1903-يىلى)، چاپچال جاغىستايدىكى «ئۆي مەكتەپ» (1905-يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «قىزىلكۆۋرۈك مەكتەپ» (1905-يىلى)، «ناغرىچى مەكتەپ» (1906-يىلى)، «دادامتۇ مەكتەپ» (1909-يىلى)، سۈيدۈڭدىكى «چولپان» مەكتەپ (1910–يىلى)، «نوغايتۇ مەكتەپ» (1910- يىلى)، چاپچالدىكى «جاغىستاي مەكتەپ» (1910- يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «قىزلار مەكتىپى» (1911-يىلى)، «مەكتەپ قورۇ» (1912–يىل)، پەنجىمدىكى «تۆۋەنكى مەسچىد مەكتىپى» (1912-يىلى)، نىلقىدىكى «سۇپتاي مەكتەپ» (1913-يىلى)، «تاتار مەكتەبى نۇر» (1914-يىلى)، قورغاس مازاردىكى «نىجات» مەكتەپ (1914-يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «خانىقا مەكتەپ» (1915-يىلى)، «تۇران» مەكتەپ (1915–يىلى)، نىلقىدىكى «كونىبازار مەكتەپ» (1916-يىلى)، غۇلجا ناھىيەسىدىكى «سۇلتانئۇۋەيىس مازار مەكتەپ» (1917-يىل)، كۈنەستىكى «بەشتۆپە مەكتەپ» (1918-يىلى)، دۆڭمازاردىكى «تار مەكتەپ» (1918-يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «رۇس مەكتەپ» (1918-يىلى)، نوغايتۇدىكى «ئىتتىپاق» مەكتەپ (1919-يىلى)، نىلقىدىكى «نىلقا ئۇيغۇر مەكتىپى» (1919-يىلى)، « رۇس مەكتەپ» (1919-يىلى)، تېكەستىكى «قوۋا مەكتەپ» (1920-يىلى)، توققۇزتارادىكى «ئۇتتۇربۇلاق مەكتەپ»(1920- يىلى)، غۇلجا قارىدۆڭدىكى «ئىقبال» مەكتەپ (1920-يىلى)، «خەنزۇ مەكتەپ» (1920-يىلى)، «دەرنەك مەكتەپ»(1920- يىلى)، «روشەن مەكتەپ» (1923-يىلى)، چاپچالدىكى «خۇنخاي مەكتەپ»(1925-يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «ھەرمباغ مەكتەپ» (1924-يىلى)، «تاتار مەكتەپ»(1927-يىلى)، «سايرامىيە» مەكتەپ (1928- يىلى)، تۇرپانيۈزىدىكى «تۇرپانيۈزى مەكتەپ» (1930-يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «ئۈمىد» مەكتەپ(1931-يىلى)، «ئۆزبېك نەمۇنە مەكتەپ» (1932-يىلى)، جاغىستايدىكى «بىرلىك» مەكتەپ (1932-يىلى)، غۇلجا ناھىيەسىدىكى «سامىيۈزى مەكتەپ» (1932- يىلى)، سۇيدۈڭدىكى «نەمۇنە» مەكتەپ (1932- يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «ئايدۆڭ مەكتەپ»(1933-يىلى)، «مۇرات» مەكتەپ (1933-يىلى)، «خەنزۇ مەكتەپ»(1933-يىل)، سۈيدۈڭدىكى «خەيرىيە مەكتەپ»(1934-يىلى)، غۇلجىدىكى«خەيرىيە» مەكتەپ (1934-يىلى)، «ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيەسى» (1935-يىل)، «ئايخان مەكتەپ» (1935-يىلى)، كۈرەدىكى «نۇرىيە» مەكتەپ (1935-يىلى)، كۈنەس تالدىدىكى «تۇران» مەكتەپ (1935-يىلى)، ئارالتۆپىدىكى «رۇس مەكتەپ» (1935-يىلى)، قاش بەشيۈزىكى «قارىباغ مەكتەپ» (1935-يىلى)، «سېپىل مەكتەپ» (1936-يىلى) موڭغۇلكۈرەدىكى «ئۇيغۇر مەكتەپ» (1936-يىل)، غۇلجا شەھىرىدىكى «گىمنازىيە مەكتەپ» (1936-يىلى)، «ياردەم مەكتەپ» (1936-يىلى)، غۇلجا شەھىرىدىكى «شەرق» مەكتەپ (1937-يىلى)، سۇيدۈڭدىكى «يېڭى قەدەم» مەكتەپ (1937-يىلى) قاتارلىقلار.
بىر رايون مائارىپىنىڭ گۈللىنىش مەنزىرىسىگە ئىلمىي ۋە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم شۇ رايون مائارىپىنىڭ ناماياندىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى، ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ تۈرىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ھەمدە مانا بۇ مەكتەپلەردىن يېتىلىپ چىققان ئىختىساسلىقلارنىڭ سانى ھەم ساپاسىنى ئىستاتېستىكا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسىلەن، ئىلى خەلقى ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭ يۈز نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھەرقايسى پەنلەرگە ئائىت تۈرلۈك يېزىقلاردىكى دەرسلىكلەر ۋە دەرسخانا سىرتىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان كىتاب، گېزىت- ژۇرنال، پەن- تېخنىكىغا ئائىت ئىلمىي قوللانمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە مىڭ پارچە ماتېرىيالنى بىباھا مىراس ۋە تارىخنىڭ قىممەتلىك شاھىدى سۈپىتىدە ساقلاپ كەلمەكتە.
«20- ئەسىر ناماياندىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ 36-بېتىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىسمائىل تاھىروفنىڭ يەتتەسۇدىكى يۇرتى چېلەكتىن غۇلجىغا كېلىپ، ئابدۇللا بوبى ئاچقان «مەكتەبى نۇر»دا ئوقۇغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، «غازى ھاجى ئىسمائىلنى يېڭىچە ئوقۇشقا بېرىشكە مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە مەڭسۇر (ئىسمائىلنىڭ دادىسى) نىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغانلىقتىن كۆپچىلىككە مۇراجىئەت قىلىدۇ. جامائەتچىلىك بىر ئاز پۇل يىغىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاتا- ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بالىنى (ئىسمائىلنى) غۇلجىغا، رۇسىيەدىن ئىنقىلابىي پائالىيىتى ئۈچۈن قوغلانغان ئابدۇللا بوبى ئاچقان تاتارچە مەكتەپكە ئەۋەتىدۇ.»(31) دېگەن قۇرلار ئۇچرايدۇ.
بىز مانا مۇشۇ پاكىتتىن ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭ ئانا دىيارىمىزغىلا ئەمەس، يەتتەسۇ تەۋەسىگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە چىنپۈتىمىز.
ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي غۇلجىغا كېلىپ، ئابدۇللا بوبىنىڭ قولىدا ئوقۇشنى ئارمانلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئابدۇللا بوبى (1917-1871) ئاتاقلىق پېداگوك بولۇپلا قالماي، قولىدا راۋرۇس قەلەم توختايدىغان ئاقارتقۇچى ۋە ئەدىب ئىدى. ئۇنىڭ «بوبى مەدرىسەسى تارىخى»، «تەئەددۇدى زەۋجاتى ھىفزىىسسىھھاتە تەتبىق»، «تەرەققىئى فۇنۇن دىنسىزلىقى مۇجۇپمۇ؟»، «ھەقىقەت ياخۇد دوغرۇلۇق»، «تاتارچە خۇتبە ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟»، «زامانى ئىجتىھاد مۇنقەرىزمۇ – ئەمەسمۇ؟» قاتارلىق كىتابلارنى يازغانلىقى ۋە مۇھەممەت ئابدۇھنىڭ «تەۋھىد» كىتابىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەنلىكى مەلۇم. دېمەك، ئۇ ئالىملىق شەرتى ھازىرلىغان مەرىپەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ 1913-يىلى تاتارىستان «مائارىف» كىتابخانىسى تەرىپىدىن قازاندا نەشر قىلىنغان «قىرائەت فەنىيە» («پەننى ئوقۇش») ناملىق خىمىيە تەجرىبە كىتابى غۇلجىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى بۇ سۆزىمىزنى تەستىقلايدۇ.
ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن، تىللاردا داستان بولغىدەك شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئىلى يېڭى مائارىپى ئەسىردىن ئۇزاق شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا پۈتۈنسۈرۈك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، مۇستەھكەم ئاساستا شەكىللىنىشى، سىستېمىلىق يوسۇندا تەرەققىي قىلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كېلىشىدە ئۇلتاشلىق رول ئوينىغان.
يۇقۇرى سەۋىيەلىك مەدەنىي مائارىپ سىستېمىسى بولمىسا، يۇقۇرى ساپالىق ئىختىساس ئېگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. سان ئۆزگىرىشىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئەڭ ئەقەللىي پەلسەپەۋىي ساۋات. سان ۋە ساپا جەھەتتىن كىشىنى قايىل قىلكغۇدەك ناماياندىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەت بىزگە جەدىدچە مائارىپ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن يېڭى مائارىپنىڭ ئىلى ۋە يەتتەسۇ ۋادىسىدا قانچىلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى ۋە قانداق مول مېۋە بەرگەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
تۆۋەندە، مەن ئەنە شۇلار ئىچىدىكى ناماياندا خاراكتېرلىك شەخسلەرنىڭ مۇبارەك نامىنى ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن:
دۆلەت ۋە ئۆلكە رەھبەرلىرى: ۋېلىباي يولداشېف (1916-1836) چار رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئابدۇللا روزىباقىيېف (1938-1897)، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك رەھبىرى بولغان، سىياسىي- ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، ئىسمائىل تاھىروف (1937-1900) تۈركىستان سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى بولغان، ياقۇپ روزېن (1978-1905) سوۋېت ئىتتىپاقى شەرق ئەللىرى بۆلۈمى مەركىزىى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، ئىسمائىل يۈسۈپوف (1914-) قازاقىستان كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان، مەسئۇد سابىرى (1951-1888) شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان، ئوسمان خوجايېف (1970-1898) ئۆزبېكىستان مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان، ئەخمەتجان قاسىمى (1949-1914) شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، ئابدۇللا زاكىروف (1982-1914) ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، تۇرسۇن رەخىموف (1986-1912) سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان، ئابلەت ئابدۇرېشىت (1942-) ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، مېجىت ناسىر (1938-) ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، پاشا ئېشان (1938-) ش ئۇ ئار سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، ئابدۇللا ئىزباقىيېف (1990-1914) قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، مەروپ مەمەتوف (1983-1901) ئۆزبېكىستان رادىئو تېلېۋىزىيە كومىتېتېنىڭ رەئىسى بولغان، خېلەم خۇدايبېردىيېف (2004-1918) ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، سەييارە سەيدىۋاققاسېۋا (1942-) سوۋېت قارىقالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى بولغان، روبېرت تۇردىيېف (2000-1939) دېپلومات، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان، دىئاس ھاسانوف (1991-1942) دىپلومات، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، ئابدۇلئەھەت خوجايېف (1942-) دوكتور، دىپلومات، ئۆزبېكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش كاتىبى بولغان.
ئاكادېمىكلار: ئەزىز ئىسلامجانوۋىچ نارىنبايېف (1924-) پىروفېسسور، دوكتۇر، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، غوجاخمەت سەدۋاققاسوف (1991-1929) دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى، ماخمۇت ئەبەيدۇللايېۋىچ ئابدۇراخمانوف (1936-) پىروفېسسور، دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى سوتسئالوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى، ماھمۇتجان ھەۋەيدۇللايېۋىچ ئابدۇللايېف (1934-) دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادېمىكى، مۇراتبېك كەرىموۋىچ ھەمرايېف (1983-1936) س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، رەخىمجان ئاۋۇتوف (1999-1936) پىروفېسسور، دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن) (1938-) شائىر، ژۇرنالىست، ئامېرىكا كالفورنىيە خەلقئارا ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، يارمۇھەممەت مۇبارەكوف (1999-1944) ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېخنولوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى، تۇرغان قۇربانوۋىچ سوپىيوف (1942-) مېدىتسىنا پەنلىرى پىروفېسسورى، دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېدىتسىنا پەنلىرى ئاكادېمىكى، ھوشۇر ئىسلام (1942-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ھاكىمجان ئارۇپوف (1962-) ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، خەلقئارالىق ئىنفورماتسىيە پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى.
دوكتور، پىروفېسسور، دوتسېنتلار: بۇرھان قاسىموف (1938-1902) سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئابدۇسېمەتوف رابېك (1986-1915) مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، قارىبايېۋا ساھىپجامال (1921-) مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تۇغلۇقجان تالىپوف (1925-) فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئىدۋارت رەخىموف (1930-) دوكتور، پىروافېسسور، قاپىيە ئابدۇللايېف (1932-) پېروفېسسور، دامېر ساتتاروف (1934-) دوكتور، مامىدوۋا فىلورا (1940-) مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، رۇسلان روزىباقىيېف (1941-) مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تېمۇر يالتاشېف (1956-) تېخنىلوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئامېرىكا كالفورنىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئابدۇرېشىت ئەلىيېف (1934-) فىزىماتېكا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، ئابدۇلئەزىز ئابدۇللايېف (1936-) دوكتور ھەم پىروافېسسور، تېلمان ساتتاروف (1940-) تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تامارا ئەلباقىيېۋا (1941-) مۇزىكا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، بەھرامجان گىلاۋدىنوف (1942-)، ئارخېتىكتورىيە پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، ئالېكساندىر رەخىموف (1943-) يادرو فىزىكا پەنلىرى دوكتورى، موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، خەمىت تىلاشېف (1944-) دوكتور ھەم پىروفېسسور، كىلارا رەخىموۋا (1939-) مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، شەرىپىدىن ئۆمەر (1995-1932) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى، تۇردى ئوسمان (1938-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يادرو فىزىكا پەنلىرى پىروفېسسورى، مۇھەممەتجان سادىق (2012-1936) ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى، شۈكۈرخان زەيدۇن (1939-) شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى پىروفېسسورى، ئابدۇلھەي مۇھەممىدى (تولۇق ئىسمى مۇھەممىدوف ئابدۇلھەي زاكىر ئوغلى) (1946-1901) تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، دوتسېنىت، مامىدوف مەرۇپ (1966-1901) ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، ئەرشەم ھىدايەت تولۇق ئىسمى ئەرشىدىن ھىدايەت (1951-1906) تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، سالىھبايېف خەمىت سالىھ ئوغلى(1970-1909) دوتسېنت، روزىباقىيېف ئابدۇمېجىت ئەكبەر ئوغلى (1910-) بىئولوگىيە پەنلىرى دوتسېنتنى، مۇخامېدىۋا مەريەم (1946-1910) تارىخ پەنلەر دوكتۇر نامزاتى، دوتسېنت، تۇرغانوف مىرغىياسىدىن (1987-1911) تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، ئايشەم شەمىيېۋا (1978-1912) تىلشۇناسلىق پەنلىرى دوتسېنتى، ئەيسىراخۇن دەرام (1966-1912) ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، غوجامبەردىيېف ۋاھاپ (1988-1912) مېدىتسىنا پەنلىرى دوتسېنتى، نىيازوف باھاۋىدۇن (1975-1912) بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتور نامزاتى، دوتسېنت، تۇرسۇنوف ئەخمەتجان (1967-1920) ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور دوتسېنتى، ئىسمائىلىۋا ئازادگۈل (1925-)، تېخنىلوگىيە پەنلىرى دوتسېنتى، ساتتار سالىخ (1992-1926) ھايۋانات پەنلىرى دوتسېنتى، ئابابەكرى ئىسلام (1936-) ماتېماتىكا پەنلىرى دوتسېنتى، قۇببەس يولداش (1938-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پەنلىرى دوتسېنتى، ئەخمەتجان ئەسقەرى (2000-1938) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىق پەنلىرى دوتسېنتى قاتارلىقلار.
مەرىپەتچىلەر: خەلپەت مەۋلانىدىن (1810-1738)، خەلپەت قاھاۋىدىن (1888-1786)، يۈسۈپ خەلپەت، ئابدۇقادىر خەلپەت، خەلپەت زاھىت ئەپەندى (1871-1845)، خەلپەت غوجامبەردى ھاجىم (1939-1848)، موللائىمىن ھەمەش (1849-1901)، ئابدۇراھمان مەخسۇم (1935-1855)، كەشفۇلئەسرار داموللا (1858-1957) ۋە رەپىقىسى ئامىنە ئابىستاي، تاھىر خەلپەت (1953-1860)، خامۇش خەلپەم، خەلپەت ئەمىردىن ھاجىم (1917-1862)، مەنسۇر خەلپەت (1900-1865)، ئىمىر داموللام (1929-1866)، ئابدۇمۇتائالى خەلپەم (1960-1867) ۋە رەپىقىسى زۆھرە ئابىستاي، تاھىر ئىمىننىياز (1947-1869)، ئابدۇللا بوبى (1922-1871)، سېپىئايىم توختىيېۋا (1934-1872)، ئاقموللا خەلپەت (1948-1880)، ئايخان ئانا (1942-1882)، ئابدۇللا غوجامبەردى (1883-1956)، مەمتىلاخۇن سەئىدى (1962-1884)، مەسۇم ئەپەندى، رەپىق ئەپەندى ۋە رەپىقىسى شەفىقە ئابىستاي، شاكىر خەلپەت، ئابدۇللا توقماق، پىدا خەلپەت، مۇھەممەت باراتسوپى، مەشۇر توختاخۇن، ھەسەن ئاقچۇرىن، يۈسۈپ خەلپەت، قاسىمئاخۇن ئوسمان خەلپەت (1931-1886)، ئەمرۇللا خەلپەت (1954-1887)، ناسۇھا ئىمىن (1944-1888)، ھارۇن ھاجى، داموللا رازىيېف (1952-1889)، رەيھان خەلپەت (1944-1895)، سوپى زارۋات (1922-1890)، ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف (1935-1890)، ئابدۇراھمان شادى (1937-1894)، ئىمىنجان باھاۋىدۇن (1948-1897)، سەيدۇللا خەلپىتىم، ئەسقەر قارى، ھاكىم ئەپەندى، ھاشىر رازاق، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندى، ھاشىر گۆھەرباقى، شەمشىدىن مۇھەممەتنۇرى، گابىتوف شېرفىدىن، مەرۇپ سەئىدى (1940-1898)، تېيىپزات تاھىرى (1947-1901)، ئابدۇلخەمىت ئابدۇلۋەكىلى (1995-1902)، مەشىر روزىيېف (1982-1902)، زەينەپ گابىتوۋا (1984-1905)، ئەزىم سۇچەكوف (2008-1895)، خەمىت سەئىدى (1964-1906)، مالىك بېكتېمىروف، ئابدۇسالام ئەسقەرى (1972-1909)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (1958-1909)، ھەسەل ئەپەندى تۆلەگەن (1955-1910)، ئۆمەرجان گۆلەم (1968-1913)، نۇرمۇھەممەت يۈسۈپى (1994-1920)، ھۈسەيىن رەشىتوف (1995-1922)، زەينىدىن يۈسۈپ (1987-1924)، كېۋىر نىياز (2001-1921)، ئىمىنجان يۈسۈپ (1998-1921)، ئاسىم مەسۇم ئەپەندى (2007-1922)، ھاكىم جاپپار (2002-1925)، مەسئۇد ئىسمائىل (1971-1925) قاتارلىقلار.
يازغۇچى- شائىرلار: نىزامىدىن ئاخۇنۇم، موللا بىلال نازىمى (1900-1823)، سېيىت مۇھەممەت قاشى (1905-1820)، ئابدۇللا ھاپىز (1956-1875)، ئارۇپ قاسىمى (1936-1887)، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف (1951-1887)، نامەت خەلپەت (1962-1888)، پاشا غوجا ھاكىمبەگ (1962-1893)، مەرۇپ سەئىدى (1942-1898)، ئايۇپ مەنسۇرى (1942-1902)، ئۆمەر مۇھەممىدى (1931-1906)، ھېزىم ئىسكەندەروف (1970-1906)، مۆمىن ھەمرايېف (1955-1907)، نەسرۇللا قارى فەرھەتى (1997-1907)، نۇر ئىسرائىلوف (1953-1910)، ئابدۇرېھىم يۈسۈپى (1974-1911)، زۇنۇن قادىرى (1989-1911)، ئىبراھىم نورۇز (1971-1911)، (1974-1911)، خېلىل ساتتارى (1943-1912)، قادىر ھەسەنوف (1912)، ئەنۋەر ناسىرى (1945-1914)، زىيا سەمەدى (2000-1914)، نۇرمۇھەممەد بوساقوف (1946-1914)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (1958-1914)، ئىسمائىل ساتتاروف (1944-1916)، جامالىدىن بوساقوف (1987-1918)، داۋۇت تۇرەخمەتوف (1978-1918)، لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1945-1922)، ئابدۇرېشىت ئىمىن (1949-1922)، تۇرسۇن قاھارى (2008-1924)، ھېزمەت ئابدۇللىن (1986-1925)، يۈسۈپ ئىلياس (1999-1925)، تېيىپجان ھادى (1989-1925)، باتۇر ئەرشىدىنوف (1926-)، خېلىل ھەمرايېف (1993-1928)، ئىلىيا بەختىيا (1987-1932)، تېيىپجان ئېلىيېف (1989-1930)، ئەلقەم ئەختەم (1922-)، زوردۇن سابىر (1998-1937) ، ئىسرائىل ئېبراگىموف (1934-)، پاتىگۈل سابىتېۋا (1936-)، ئەخمەتجان ھاشىرى (1938-) قاتارلىقلار.
ھەربىي سەپتىكىلەر: سوۋېت ئارمىيەسى گېنېرالى راۋېل تۇرسۇنوف، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف، گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسخاقوف، گېنېرال مايور زاھىر ساۋدانوف، گېنېرال مايور مۇزەپپەر ئابدۇللايوف، گېنېرال مايور ئىبراھىم سۇلايمان، گېنېرال لېيتنانت مامىتوف تۇرسۇن، پولكوۋنىك ئابدۇرېھىم ھەسەنوف، پولكوۋنىك غېنى باتۇر، پولكوۋنىك رەخىمجان سابىر ھاجىيوف، پولكوۋنىك ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيوف، پولكوۋنىك ئاۋاكرى ناسىروف، پولكوۋنېك قاھار شارىپوف، پولكوۋنېك رۇستەم دۇگاشوف، پولكوۋنىك مۇناجىدىن باراتوف، پولكوۋنىك مىرغىياس ياقۇبوف، پودپولكوۋنىك سالاھىدىن سىدىق، پودپولكوۋنىك ئابلاخان، پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان ياسىنوف، ئاۋىئاتسىيە باش ئىنژىنېرى رۇشىدىن كىچىكوف، ئاۋىئاتسىيە ئىنژىنېرى ئابدۇكېرىم ئابدۇشۈكۈروف، باشلامچى ئۇچقۇچى ئابدۇخېلىل زەيناۋىدىنوف ، ئۇچقۇچى ياقۇب پەرھاتوف قاتارلىقلار.
سەنئەتكارلار: ئاتاقلىق مۇقامشۇناس روزى تەمبۇر، قازاقىستان كومپوزىتورلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، مۇزىكا پەنلىرى پىروفېسسورى قۇددۇس غوجامياروف، قازاقىستان خەلق ئارتىسى، موسكۋا بالىشوي تىياتىرىنىڭ دىرېژورى، مۇزىكا پەنلىرى پىروفېسسورى غەزىز دۇگاشېف، سەنئەت تەتقىقاتچىسى يۈسۈپجان غاپپاروف، غۇلجا سانائىينەفىسەنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن مەتتاھىر ھەسەن، ئابدۇنەبى ماناپوف، گۈلسۈم ئىسمائىلوۋا، سەيدۇللام رەخمىتۇللام (ئىسكىروپكىنى شىنجاڭغا تۇنجى ئەكىرگۈچى)، نۇرمۇھەممەت ناسىروف، ئاتاقلىق رېژىسسور جالالىدىن يەھيارى، ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇۋەلى جارۇللايېف، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتورلاردىن: زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامى، ئابلىكىم ئابدۇللا، ئوسمانجان ئۆمەر، غىياسىدىن بارات، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن كومپوزىتور سېلىماخۇن زەينالوف، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ناخشىچى پاشا ئېشان، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلاردىن: ئەيسا ئىبراگىموف، سۇلتانمۇرات ئەزىموف، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلاردىن: غۇلام جەلىلوف، ئاسقارجان ئاكباروف، سەيدەكرەم تۆلىگەنوف، قازاقىستان خەلق ئارتىسلىرىدىن: جالال ئاسىموف، ئەخمەت شەمىيېف، رۇقىيە ساتتاروۋا، ئايتۇرغان ھاسانوۋا قاتارلىقلار.
تارىخ تارىخ ياراتقۇچىلارنى ئۇنتۇمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك نامى تارىخنىڭ ئالتۇن قۇرلىرىغا مەڭگۈ مۆھۈرلەنگۈسى. يۇقۇرىدا مەن سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن ئىلى مائارىپىنىڭ گۈللەپ- يشنىشى ئۈچۈن، قىممەتلىك يۈرەك قېنىنى سەرپ ناماياندا خاراكتېرلىك كىشىلەرنىڭنامىنىلا تىلغا ئالالىدىم. بۇلار پەقەت تارىخ پاراۋۇزىنىڭ ئەڭ پىداكار رولچىلىرى، خالاس. ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش بەسى مۈشكۈل.
خەلق يەنىلا ھەقىقىي قەھرىماندۇر. مائارىپتىكى ئويغىنىش ۋە يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئىدىيەۋى ئويغىنىش، يېڭىلىققا ئىنتىلىش ھەرىكىتى تۈرتكىسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىزچىل تەرەققىيات مۇساپىسىغا قەدەم قويۇشى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئەنە ئاشۇ ئوبيېكتىپ مەنتىقىسىدىن مۇستەسنا بولغان ئەمەس، ئەلۋەتتە.
بىز ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي مائارىپ جەھەتتىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىدىكى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇلار ھايات كەچۈرگەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك ساپاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن ئالاھىدە گىرەلەشمە مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشىنىڭ مۇھىم رولىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق.
مانا بۇ خىل ئالاھىدە مۇھىت ئىلى خەلقىنىڭ ئاڭ ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ئويغىنىشنى ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاساس يارىتىپ بەرگەن ھەمدە ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلىنىشى ۋە مۇستەھكەم ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان.
دېمەك، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىلىنىڭ شەھەر، يېزا- قىشلاقلىرىغىچە تەڭلا ئەۋج ئېلىپ، كۈچلىك مەدەنىي مائارىپ ھەرىكىتى دولقۇنىغا ئايلىنالىشىدا ئەنە ئاشۇنداق مۇستەھكەم ئاممىۋىي ئاساس ۋە قويۇق ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ئاتموسفېراسى ۋە ئىدىيە-ئاڭ جەھەتتىكى ئىلغارلىق ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇنىڭ توسقۇنسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى مائارىپ ۋە مەدەنىيلىكنى قەدىرلەيدىغان ئىلى خەلقىنىڭ بىردەك قوللىشى ۋە ئۇلار ئىچىدىن چىققان مەرىپەت پېشىۋالىرىنىڭ پائال ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز.
ئىلى خەلقى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىدى، تىللاردا داستان بولغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتتى. شۇڭا، بىز ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭ ئەسىردىن ھالقىغان شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدا پۈتۈنسۈرۈك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، مۇستەھكەم ئاساستا شەكىللىنىشى، سىستېمىلىق يوسۇندا تەرەققىي قىلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كېلىشىدە ئۇلتاشلىق رول ئوينىغانلىقىدەك ھەقىقەتكە زىبىز كۆز يۇمالمايمىز. چۈنكى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىغا ئوبيېكتىپ ۋە ئىلمىي باھا بەرگەنلىك يالغۇز ئىلى مائارىپىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئادىل ھەم ۋىجدانەن باھا بەرگەنلىكتۇر.
خۇلاسە كالام شۇكى، ئىلىدا يېڭى مائارىپ 1850-يىللاردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن پەننىيلەشكەن مائارىپ ئاساسىدا بىخ سۈرگەن، 1867–يىلى قورغاس مازارلىق زاھىت ئەپەندىنىڭ دىنىي دەرسلەرنى دادىل ئىسلاھ قىلىپ پەننىي دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتۈشى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن، 1873-يىلى رۇسلارنىڭ غۇلجىدا ياۋروپا مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە مۇنتىزىم پەننىي مەكتەپ ئېچىشى بىلەن رەسمىي باشلانغان، 1883-يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى قوزغىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىجابىي تەسىرىدە يەنىمۇ سىستېمىلاشقان، خەلپەم ھەزرەت، مەسۇم ئەپەندى قاتارلىق مائارىپ پېشىۋالىرىنىڭ ئىزچىل جانپىدالىق كۆرسىتىشى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان كەشفۇلئەسرار داموللا، ئابدۇللا بوبى قاتارلىق تاتار مەرىپەتچىلىرىنىڭ جانكۆيەرلىك بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ساغلام تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ مۇنتىزىم ھالەتكە كەلگەن ھەمدە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ۋە كېيىنكى تۈرلىك يېڭىلىقلار داۋامىدا زورىيىپ، ئۈزۈلمەس مائارىپ ئېقىنى دولقۇنىغا ئايلانغان ۋە ئانا دىيارىمىز يېڭى مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى، مۇنتىزىملىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان.
مەن ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىي پاكىتلار ۋە دوكمېنتلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلىدىن باشلانغان، دېگەن ئىلمىي قاراشنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشاشمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1)،(2)،(3)،(4)،(5)،(6)،(7)،(8)،(25)،(26)،(27)– كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «ئىسمائىل بەگ گاسپىرىنىسكى» ناملىق كىتاب، تاتارىستان جېيېن نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى، 2006-يىل، قازان.
(9) ،(21) – ۋاسىلى ۋاسىلىيېۋىچ رادلوف، «ئىلىغا ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق ماقالە، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 3-سان، غۇلجا، پولات بۇرھان تەرجىمىسى.
(10) – ۋ. ئا. موئېسېيېف، «رۇسىيە ۋە جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىياسىدا» ناملىق كىتاب، رۇسىيە تارىخ نەشرىياتى، 2000 – يىل، رۇسچە نەشرى، موسكۋا.
(11) ـ رەھمىتۇللا ھەسەن، «چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى» ناملىق ماقالە، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى،ئۇيغۇرچە، 2013-يىللىق 2– سان، ئۈرۈمچى.
(12)،(31) ـ كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «20 ـ ئەسىر ناماياندىلىرى» ناملىق كىتاب، قازاقىستان روند نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 2005-يىل، ئالمۇتا.
(13)،(14)،(20)،(22)، (28)،(29)،(30)– نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف، «يورۇق ساھىللار» ناملىق كىتاب، قازاقىستان جازۇشى نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1991-يىل، ئالمۇتا.
(15)،(16)،(18)،(19) ـ نۇشرىۋان يائوشېف، «قەشقەر مەكتۇپلىرى»، «مىللەتلەر نەشرىياتى»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 2013-يىل، بېيجىڭ.
(17) – شې بىن، «شې بىننىڭ ‹شىنجاڭغا ساياھەت خاتېرىسى› دىن ئۈزۈندىلەر»، «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» ، 19- سان، پولات بۇرھان تەرجىمىسى.
(22) – چوقان چىڭگىزوۋىچ ۋەلىخانوف، «ئالتەشەھەرگە سەپەر»، ئالمۇتا ئاتا مۇرا نەشرىياتى، قازاقچە نەشرى، 2006-يىل، 133-بەت.
(23) – مىرقاسىم گوسمانوف، «يېپىلمىغان كىتاب»، تاتارىستان كىتاب نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى، 1996-يىل، قازان .
(24) ـ كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «ئۆچمەس ئوتلار لاۋۇلدايدۇ» ناملىق كىتاب، تاتارىستان كىتاب نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى، 2006-يىل، قازان.
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى