ئىسلام دىنى مىسىردا
مىسىر ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىتئەنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، زامانىسىدا ۋېزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغانىدى. خەلىپە ئۆمەرنىڭ تەستىقى بىلەن مەشھۇر ئەرەب سەركەردىسى ئەمرۇ ئىبنى ئاس مىلادىيە 639- يىلى تۆت مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ پەلەستىندىن ئەسكەر تارتىپ مىسىرغا كىرگەن، 643- يىلىغىچە مىسىرنى تامامەن ئىستىلاھ قىلىپ بولغان. مىسىرنىڭ «ئاسانلا ئىستىلا بولۇپ كېتىشى» دىكى سەۋەب يەرلىك خەلقنىڭ ۋېزانتىيىلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نەپرەتلىنىشىدىن بولغان، ئەمرۇ ئىبنى ئاس مىسىرغا ئەسكەر تارتىشى بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ، ۋېزاتىيە ئارمىيىسى ئۈستىدىن تىزلا غالىب كەلگەن. ئەرەبلەر مىسىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە يەرلىك خەلق قىپتىلارنىڭ دىنىي ئىتىقادى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان، گرىك تىل- يېزىقى بىلەن قىپتى تىل- يېزىقى داۋاملىق رەۋىشتە ھۆكۈمەت خەت- ئالاقە ئىشلىرىدا قوللۇنىلىۋەرگەن، نۇرغۇنلىغان قىپتىلار ھاكىمىيەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان.
8- ئەسىردە. ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنىنى يولغا قويۇش ۋە تارقىتىش باشلانغان. 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەرەب تىلى ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولغان. ئىسلام دىننىڭ ئومۇملىشىشى تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئەرەبلەر مىسىرنى ئىستىلاھ قىلغاندىن كېيىن بىرقىسىم خرىستىئان جەمئىيەت- تەشكىللىرىنىڭ ۋە شەخسلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ ئالغان، ھەمدە شۇنداق يەر- زېمىننىڭ بىر قىسىمىنى ئارمىيىدىكى سەركەردە- سەرۋازلارغا ۋە مەسجىدلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەندى. يەردىن ئايرىلغان دېھقانلار دۆلەت ئىگىلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئورتاقچىلىرىغا ياكى ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ياللانمىلىرىغا ئايلىنىپ قېلىشى جەمئىيىتىنىڭ فىئوداللىشىشىنى تىزلەتكەنىدى. 9- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، مىسر باغداتتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىدا ئىلگىرى–ئاخىرى بولۇپ، تولۇن سۇلالىسى، ئىخشىدىيە سۇلالىسى، فاتىمىيە سۇلالىسى، ئەييۇبى سۇلالىسى ۋە مەملۇك سۇلالىسى قاتارلىق سۇلالىلەر روياپقا چىقتى. فاتىمىيە سۇلالىسى گۈللەنگەن دەۋرىدە، يەرئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالغانىدى. ئەييۇبى سۇلالىسى ۋە مەملۈك سۇلالىسى دەۋرىدە مىسر ئارمىيىسى بىر تەرەپتىن شەرقتىن كەلمىش موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىرىنى چىكىندۈرۈپ، مىسىرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەربتىن كەلمىش ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ، ئىسلام دىننىڭ شان- شەرىپىنى مۇھاپىزەت قىلغانىدى. مىسرمۇ ھەم پەيدىن- پەي ئىراقنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئوسمانلى تۈركلىرى مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان.
1) مۇسۇلمانلارنىڭ مىسىردا قۇرغان سۇلالىلىرى
(1) تولۇن سۇلالىسى: (968- 905) مەزكۇر سۇلالە ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە تۈركلەر مىسىردا بەرپا ئەتكەن يەرلىك بۆلۈنمە ھالەتتىكى سۇلالە بولۇپ «ئىبنى تولۇن سۇلالەسى» دەپمۇ قويۇلىدۇ. سۇلالەنى بەرپا قىلغۇچى مىسر باش ۋالىيسى ئەھمەد بىننى تولۇن (884- 835) دۇر. بىننى تولۇن تۈرك بولۇپ، ئابباسىيلار سۇلاىسى ئوردىسىدىكى تۈرك مۇھاپىزەتچى قىسىملارنىڭ قوماندانى بولغان، كېيىن مىسىر باش ۋالىيسى ياقاباقنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 868- يىلى ئىبنى تولۇن بويرۇققا بىنائەن پەخرى ۋالىلىيقنى ئۆتكۈزىۋېلىپ، مەمۇرى، ھەربىي ۋە دىنىي ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئالقىنىغا ئالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي خەلىپە تەيىنلەپ ئىبەرتكەن باجگىردىن پۈتكۈل مىسىرنىڭ باج ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ، ھەريىللىق باج كىرىمىنى دۆلەت خەزىنىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئىبنى تولۇن ئارمىيە، يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆزىگە ساداقەتمەنلىك قەسەميادى قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەرجۈمە نامىزىدا ئۆز نامىنى خەلىپە نامى بىلەن قوشۇپ خۇتبىدە ئوقۇشنى يولغا قويىدۇ. خەلىپە مۇختادىر ئۇنىڭغا ئەسكەر تەشكىللەپ پەلەستىننىڭ ۋالىيسىغا جازا يۈرۈشى قىلىشنى بويرۇيدۇ. بۇ قوشۇن تۈرك قۇللار ۋە نېگىر قۇللارنى يادرو قىلىپ قۇرۇلىدۇ، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئەسكەر سانى يۈزمىڭغا يېتىپ، ئىبنى تولۇن ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى ھەم چەتكە كېڭەيمىچىلىك قېلىشنىڭ كۈچلۈك قۇرالىغا ئايلىنىدۇ. 877- يىلى سۈرىيەنىڭ باش ۋالىيسى ۋاپات بولىدۇ، بۇ پۈرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئىبنى تولۇن سۈرىيەنى ئىگىلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ 16يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىش (884- 868) جەريانىدا جاسارەت بىلەن يېڭلىق يارىتىپ، سۇچىلىقنى راۋاجلانـدۇرۇپ، قولھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىغا مەدەت بېرىپ، دۆلەت خەزىنىسىنى تەرتىپكە سېلىپ، باجنى كېمەيتىپ، بىرقەدەر زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشىپ، خەزىنە مولچىلىق، جەمئىيەت يۈكسەلگەن ھالەتكە يەتكەن. دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن دېڭىز پىلوتى قۇرغان، ئۇ، پەلەستىننىڭ ئاقىيا ۋە ئىسكەندىرىيە پورتلىرىنى دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلغان، قاھىرەنىڭ شەرقىي تەرىپىگە يېڭىدىن گىدايىر قەلئەسىنى قۇرۇپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتكەن. ئۇ قاھىرە كونا شەھىرىنى قايتىدىن رەتلەپ، رىمۇنت قىلغۇزغان، ئوردا- مەھكىمە، سودا ساراي، قۇناق ساراي سالغۇزۇپ، يوللارنى ياسىتىپ، پايتەختنى يېپ- يېڭى قىياپەتكەكىرگۈزگەنىدى. ئۇ ئىسلام مائارىپ- مەدەنىيەتىنىڭ تەرەققىياتىغا يار- يۆلەك بولغان، خەزىنىدىن پۇل ئاجرىتىپ مەكتەپ، مەسجىد، شىپاخانە، كۈتۈپخانە قاتارلىقلارنى ياسىتىپ، قاھىرە بىلەن دەمەشىقنىڭ ئىلىم، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرگەنىدى. ئۇ 120 مىڭ دىنار ئاجرىتىپ ئىبنى تولۇن جامەسىنى سالغۇزغان، جامەنىڭ تۆت تەرىپىنى بەھەيبەت بېزەپ، مەسجىد تاملىرىغا «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى كۇفى خەت نۇسخىسىدا ئويما نەقىش قىلىدۇرغان، جامەنىڭ خىش- كېسەك، لىم- تۈۋرۈك ۋە قۇببە- مۇنارلىرىغىچە ئاجايىپ نەپىس ۋە سەلتەنەتلىك بولۇپ، بۇجامە تاكى مۇشۇ كۈنلەرگىچە ساقلىنىپ، ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇنەۋۋەرلىرىدىن بىرى بولۇپ تۇرماقتا. 884- يىلى، ئۇنىڭ ئوغلى ئۇمراۋى (884- 895 كىچە تەختتە بولغان) ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ئەسكەر تارتىپ چىقىپ، دەمەشىق ۋە مىسۇپۇتامىيە ۋالىيلىرى قوزغىغان ئاسىيلىق غەلىيانلىرىنى تېنجىتقان. 886- يىلى ئۇمراۋى ئابباسىيە خەلىپىسى بىلەن شەرتنامە تۈزۈشتى، ئۇمراۋى خەلپىنىڭ دىنى جەھەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتراپ قىلىپ، خەزىنىگە مۇئەييەن مىقداردا ئولپان تاپشۇرىدىغان بولدى، خەلىپە ئۇنى مىسىر ۋە سۈرىيەنىڭ ئەمىرى قىلىپ بېكىتتى. ئۇمراۋى ھاكىمىيەت يۈرۈگۈزگەن مەزگىللەردە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، دۆلەت كۈچىنى خورۇتۇش قاتارلىقلار سۇلالىنىڭ چىرىكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنىڭ ئوغلى ۋارىس بولغاندىن كېيىن ئىختىدارسىز كالۋا چىقىپ قالدى، سۇلالە مۇنقەرزلىككە يۈزلەندى. 904- يىلى قەرمەتلەر سۈرىيەگە ھوجۇم قىلدى، دەمەشىق ئاھالىسى خەلىپەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى، خەلىپە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ سۈرىيە، پەلەستىنلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ مىسىرغىچە قىستاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلىپە دېڭىزچى قىسىملارنى سىتسىلىيەدىن نېل دەريا ئۈچ بۇرجەك رايونىغاھوجۇم قىلىپ كىرگۈزدى. تولۇن سۇلالىسى مۇنقەرز بولدى، ئابباسىيلار سۇلالىسى مىسىرغا قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.
(2) ئىخشىدىيە سۇلالىسى: (969- 935) مەزكۇر سۇلالە ئابباسىيە دەۋرىدە مىسىردىكى تۈرىكلەر قۇرغان يەرلىك فېئودال خانلىقتۇر. 935- يىلى مۇھەممەد بىننى توغىز (935- دىن946- گىچە تەختتە) قۇرغان. مۇھەممەد بىننى توغىز ئوتتۇرا ئاسىيا پەرغانەلىك تۈركلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى. بوۋىسى بىلەن ئاتىسى خەلىپە ئوردىسىدا مەنسەپلەردە بولغان. 935- يىلى خەلىپە ئىبنى توغىزنى مىسىرنىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە ۋە باج يىغىش ھوقۇقلىرىنى ئىنئام قىلغان. ئۇ ۋالىلىيققا ئولتۇرغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئارمىيىنى كېڭەيتىش، غەلىيانلارنى بېسىقتۇرۇشلارغا بەكمۇ ئەھمىيەت بەردى، ئەسكەر چىقىرىپ سۈرىيە ۋە پەلەستىننى قايتۇرىۋالدى، ھەمدە، ھىجاز رايونىنى تەسىر دائىرىسىگە ئالدى، مەككە، مەدىنەدىن ئىبارەت ئىككى مۇقەددەس جاينى ئەسكەر چىقىرىپ ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلشقا باشلىدى. ئۇنىڭ شۇ قاتارلىق تۆھپىلىرىنى تارتۇقلاش ئۈچۈن خەلىپە ئۇنىڭغا قەدىمكى پارىس خانلىرىنىڭ نامى بولغان «ئىخشىد» ئونۋانىنى بەردى. مانا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گەرچە نامدا ئىخشىدىيە خانلىقى خەلىپىلىككە تەۋە بولۇپ، خەزىنىگە ئولپان تاپشۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە نىسبىي مۇستەقىل ھالەتتە بولۇپ تۇردى. ئىبنى توغىز سۇلالىنىڭ دېھقانچىلىق، قولھۈنەرۋەنچىلىك، سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، سۈرىيە، پەلەستىن مەككە ۋە مەدىنە قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىدارە قىلىشدا بولدى. 946- يىلى ئىبنى توغىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئىلگىرى- كېيىن ئەمىرلىككە ئولتۇردى، ئەمما بۇ مەزگىلدە ھوقۇق ئوردىدىكى ئاغۋاتلاردىن ئەييۇب مىسكىن كافورنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ مەزگىلدە، ئارمىيە قۇرۇلىشى ھەسسىلەپ كۈچەيتىلدى، مۇسۇل ھەمىدان سۇلالىسىنىڭ سۈرىيەگە قىلغان قۇراللىق ھوجۇملىرىنى كۆپ قېتىم قايتۇرۇپ، شىمالىي ئافرىقىدىكى پاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق زور كۆلەملىك ھوجۇمىغا قايتارما زەربە بېرىپ، سۇلالە تېررىتورىيەسىنىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ قالغان. ئاخىرقى ئەمىر ئەبۇ فەۋالىز ئەھمەد تەختكە چىققاندا ئەمدىلا ئون بىر ياش ئىدى، بۇ مەزگىلدە تۈرك سانغۇنلار بىلەن نېگىرسانغۇنلارنىڭ ھوقۇق تالىشىشى بەكمۇ ئەردەپ كەتكەنلىكتىن دۆلەت مۇنقەرزلىككە تايىن بولغان. 969- يىلى، پاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ ئالىي قوماندانى جەۋھەر زورقوشۇن باشلاپ مىسىرغا ھوجۇم قىلدى، ئىخشىدىيەسۇلالەسى مۇنقەرز بولدى.
(3) پاتىمىيە سۇلالىسى : (1171- 909) مەزكۇر سۇلالە ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلامىيەت شىئە مەزھىپىنىڭ شىمالىي ئافرىقا ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە قۇرغان فېئوللىق خانىدانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ توغ- ئەلەم ۋە كىيىمـلىرىلىرىنىڭ يېشىل رەڭدە بولغانلىقىدا قاراپ، جۇڭگو تارىخى مەنبەلىرىدە «يېشىل داشىلار»دەپ ئاتالغان، غەرىب تارىخى ئەسەرلىرىدە «جەنوبىي سالاسىن ئىمپىېرىيىسى»دەپ ئاتالغانىدى. ئابباسىيلار سۇلاىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر قىسىم شىئەلەر بېسىم ۋە زىيانكەشلىكلەرگە پايلىماي كوللېكتىپ رەۋىشتە شىمالىي ئافرىقىغا كۆچكەنىدى. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يەمەندىكى شىئەلەرئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ باش سەردارى ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەيىن مەككىدە ھەجتاۋاپ قىلىۋېتىپ، شىمالىي ئافرىقادىكى بەربەرلەر قەبىلىسىدىن ھەج تاۋاپقا كەلگەنلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، بەربەرلەر ئۇلارنى يۇرتىغا بېرىشقا ئىلتىماس قىلىدۇ، ھەمدە ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ باش ئاپپاراتلىرىنىڭمۇ بېرىشىغا قوشۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇلار بىلەن بىرلىكتە تونىسقا كېلىدۇ، چىتام قەبىلىسىنىڭ ئارىسىدا ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىلىرىنى تارقىتىدۇ. غايىب بولغان ئىمام كېيىن «مەھدى» سالاھىيىتى بىلەن پانىيغا چۈشىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغۇلۇپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي تەرتىپنى پاچاقلاپ تاشلاشقا چاقىرىدۇ، باراۋەر، ھەققانىي ئىسلامىيەت قۇرىدۇ، دەپ داۋراڭ سالىدۇ. ئەقىدە تارقىتىش جەريانىدا ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەيىن كەڭ ئىخلاسمەن مۇرتلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشىپ، بىر قۇراللىق تەشكىلات قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، يەرلىكتىكى سىياسىي، دىنىي داھىيغا ئۆزگىرىدۇ. ئىمامىيە مەزھىپىنىڭ ئىمامى بولمىش سەيىد ئىبنى ھۈسەيىن ئەغلەپ سۇلالىسى ئەمرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىغانلىقتىن، 902- يىلدىن باشلاپ ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەيىن بەربەرقوشۇنلىرىنى قۇراللىق قۇزغۇلاڭ كۆتۈرۈشكە قوزغاپ، ئەغلەپ سۇلالىسىنىڭ ھەرقايسى جايلاردا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا قاقشاتقۇچ زەربىلەر بېرىدۇ. 909- يىلى 3- ئايدا، بەربەرلەرپايتەخت قەرەيۋان (بۈگۈنكى كاپروۋان) نى ئىگىلەپ، ئەغلەپ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ، سەئىد بىننى ھۈسەيىننى تۇرمىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ، ھەەمدە ئىمام قىلىپ تىكلەيدۇ. سەئىد ئۆزىنى شىئە مەزھىپىنىڭ يەتتىنچى ئىمامى دەپ ئاتايدۇ، «ئىمام ئۇبەيدۇللاھ مەھدى» دېمەكنى ئۆزىنىڭ ئۇرانى قىلىدۇ. سەئىد ئۆزىنى ھەزرەت ئەلى ۋە پەيغەمبەر قىزى پاتىمەنىڭ ئەۋلادى دېگەنلىكتىن قۇرۇلغان ئۇشبۇ سۇلالىمۇ «پاتىمىيەلەر سۇلالىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. سەئىدى دەسلەپ قەرەيۋاننى پايتەخت قىلىدۇ، 920- يىلى پايتەختنى مەھدىيارغا كۆچۈرىدۇ، بۇ شەھەر قەرەيۋاننىڭ ئالاھەزەل 25 كېلومېتر شەرقىي جەنوبىيدىكى تونىس دېڭىز ياقىسىدا.
سەئىد تەختكە چىققاندىن كېيىن سياسىي جەھەتتىن ئابباسىيلار سۇلالىسى بىلەن قاتتىق قارشىلاشـتى. دىنىي جەھەتتىن شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە تارماق پىرقىسىنىڭ ئەقىدىلىرىنى دۆلەت مەسلىكى قىلدى، ئەلى ۋە سەئىد خەلپىنىڭ ئىسمىنى جۈمە ناماز خۇتبىسىگە قوشۇپ ئوقۇتۇپ، ئىسمى جىسمىغا مۇناسىپ بولغان ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ داھىيسى بولۇپ قالدى. ھەربىي جەھەتتە، تەرەپ- تەرەپتە ئۇرۇش قوزغىدى، ئىچكى تەرەپتىن ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەيىننىڭ يۈرۈشلىرىنى باستۇرسا، تاشقى تەرەپتىن دۆلەت زېمىنىنى ئۆزلىكسىز كېڭەيتىپ، ئالجىرىيە، ماراكەش، لىۋېيە ۋە سىتسىلىيە ئارىلىغىچە قولغا كىرگۈزدى، كۆپ قېتىم مىسىرغا ھوجۇم قىلىپ، پاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس ھازىرلىدى. 934- يىلى سەئىد ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسلىق قىلغۇچى داۋاملىق رەۋىشتە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى، ھەربىي فىلوتلىرى دېڭىزنى توغرا كېسىپ ئۆتۈپ، ئىتالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە دېڭىز ياقىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ گېنويەنى ئىگىلىدى.969- يىلى، كاتتا سانغۇن جەۋھەر (992- ؟) 100مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن مىسىرغا يۈرۈش قىلىپ، ئىخشىدىيە سۇلالىسنى تەسلىم قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قاراملىقىدىكى پەلەستىن، سۈرىيە ۋە ھىجاز قاتارلىق رايونلارنى پاتىمىيە سۇلالىسى خەرىتىسىگە كىرگۈزدى. 970- يىلدىن 972- يىلىغىچە فوستاتنىڭ شىمالىي ئەتىراپىدا يېڭى شەھەر قاھىرەنى تەمىر قىلدى، 972- يىلى، يەنە مەشھۇر جامە ئەزھەر مەسجىدىنى ياساتتى. 973- يىلى 6- ئايدا، خەلىپە مۇئىز پايتەختنى قاھىرەگە كۆچۈرۈپ، سۇلالىنىڭ سىياسىي مەركىزىنى مىسىرغا يۆتكىدى.
10- ئەسىنىڭ ئاخىرلىرى خەلىپە مۇئىز (975- يىلدىن 996- يىلغىچە تەختتە) دەۋرىدە، پاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ بىر مەھەل پاختكى ئوڭدا ئۇچۇپ كەتتى، سىياسىي جەھەتتە يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ جەنوبىي قىرغاقلىرىدىن، يەمەن، دەمەشىق، ۋە ھىجاز قاتارلىق رايونلار تەسىر دائىرىسدە بولۇپ، دۆلەت خەرىتىسى ئاسىيا، ئافرىقادىن ئىبارەت ئىككى قىتئە ئاتلىغان زور قۇدرەتلىك ئىسلام دۆلىتى بولۇپ قالدى. ئابباسىيلار سۇلالىسى ۋە ئسپانىيەدىكى ئۇمەۋىييەلەر سۇلالىسى بىلەن تاقارىشىپ تۇرىدىغان ھالەتكە يەتتى. مۇئىزنىڭ ئوغلى ئەبۇ ئەلى مەنسۈرنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە (1021- 996) دىنىي رادىكاللىقنى يولغا قويدى. ئۇ سىرتقا قارىتا خرىستىئان مۇرتلىرىغا ۋە يەھۇدىي دىن مۇرتلىرىغا زىيانـكەشلىك قىلىش بويرۇقىنى چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ پەقەت ئېشەك مېنىشى، قارا رەڭلىك كىيىم كىيىشىگىلا روخسەت قىلىندى، ھەمدە بىرقىسىم خرىستىئان چىركاۋلىرىنى بۇزدۇرۋەتتى. ئىچكى قىسىمغا قارىتا، مۇسۇلمانلار ئىسلام شەرىئەتلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، زىياپەت، مۇزىكا ھەتتا شاھمات ئويناش، نىل دەرياسىغا چۈشۈپ سەيلى قىلىشلارمۇ چەكلەندى. بۇلارنىڭ تاشيانىدا ئۇ، ئۆكتەملىشىپ ۋەزىرلەرگە خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىدىغان بولۇپ قالدى، ھەتتا بىر يۈرۈش ئەسەبىي سىياسەتلەرنى چىقاردى، مەسلەن، بازارنى چەكلەش، دۇكان، تۈگمەنلەرنىڭ كۈندۈزى تىجارەت قىلىشىنى چە كلەش، مولدۇزلارنىڭ ئاياللار ئايىغىنى تىكىشنى چەكلەش دېگەندەك. ئۇ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ سۈرىتى مۇبەددىلىمەن دەپ جارسېلىپ، مۇتلەق ھۆكۈمران بولۇشقا تەمشىلىپ باقتى. خوجا قانداق مۇلازىم ھەم شۇنداق، دېگەندەك ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىغا ماس ھالدا، ۋەز- تەبلىغ ئېيتقۇچىلار، تۈرك ۋائىزى ئەل دەرازى باشچىلىقىدىكى بىرقىسىم ئىسمائىلىيەچىلەر تەرەپ- تەرەپتىن گۇپپاڭچىلىق قىلىشىپ، خەلىپە ئەبۇ ئەلى مەنسۇرنى «راستىنلاتىرىك ئەۋلىيا» قىلىپ قويۇشتى، ئاتالمىش «درۇزىيە مەزھىپى» شۇنىڭدىن كېلىپ چىقتى. ئەبۇ مەنسۇردىن كېيىن پاتىمىيە سۇلالىسى زاۋاللىققا يۈزلەندى. 11- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئالجىرىيە بىلەن تونىس مىسىردىن ئايرىلدى، سەلجۇق تۈركلىرى ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ، 1071- يىلى ئېروسالىمنى ئىگىلىدى، 1076- يىلى دەمەشىقنى قولىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نومىنلار سىتسىلىيە ئارىلىنى ئىگىلىدى، ئافرىقا قىئەسىنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى يۇتۇۋېلىشقا باشلىرىدى، پاتىمىيە سۇللىسى يەر ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەھلى قۇدرەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى، پەلەستىن بىلەن سۈرىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرى ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. ئەھلىسەلىپ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، پاتىمىيە سۇلالىسى سۈننىيي مەزھەپتىكىلەردىن ياردەم سورىدى، كۇرد شاركۇ ئەسكەر باشلاپ ياردەمگە كەلدى. 1171- يىلى، پاتىمىيە سۇلالىسى سالاھىددىن ئەييۇب تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى، شۇنىڭ بىلەن مىسىردا سۈننىي مەزھەپتىكىلەرنىڭ ھاكىمىيىتى قايتا تىكلەندى.
(4) ئەييۇب سۇلالىسى: (1250- 1171) بۇ سۇلالە مىسىر ۋە سۈرىيە رايونلىرىدا كۇردلار قۇرغان ھا- كىمىيەتتۇر. مەزكۇر سۇلالىگە ئاساس سالغۇچى ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب تارىخىدىكى مەشھۇر ھەربىي ئالىم، سىياسىئون سالاھددىن ئەيۇبىدۇر. (1171- يىلدىن1193- يىلىغىچەتەختتە) سۇلالىنىڭ دائىرىسى شەرقتە تېگرىس دەرياسىغىچە، غەربتە نېل دەرياسىغىچە بولغان. ھۆكۈمرانلىق دەۋرى گەرچە يۈزيىلغا يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شەرققە يۈرۈش قىلغان ئەھلىسەلىپ ئارمىيسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن تارىختا پارلاق ئىز قالدۇرغان. 1187- يىلدىن 1189- يىلغىچە، سالاھىدىن قوماندانلىق قىلغان مۇسۇلمان قوشۇنلىرى مۇقەددەس شەھەر ئېرۇسالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسى تاپىنى ئاستىدىكى سۈرىيە بىلەن پەلەستىننىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىنى ئازاد قىلدى، ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، چىكىندۈرۈپ دېڭىز بوغىزىدىكى تارچۇق رايونلارغا قىستاپ ئاپاردى. ئەييۇبى سۇلالىسىدە سۇلتان مەمۇرى ۋە ھەربىي ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى ئەڭ ئالىي داھىيدۇر. مەركەزدە ئەڭ ئالىي ئەدلىيە ئورگىنى تەسىس قىلىنغان، سۇلتان باش قازىنى تەيىنلەپ پۈتۈن مەملىكەتتە شەرىئەتنىڭ جارىيلىقىنى باشقۇرىدۇ. دىنىي جەھەتتە، سۇلالە سۈننىيي مەزھىپى ئەقىدىلىرىنى تۇتقا قىلىدۇ. سۇلتان ئۆزىنى ئىسلامىيەتنىڭ ھامىيسى دەپ ئاتايدۇ، سۇلالە خەلپىنىڭ دىنىي داھىيلىق ئورنىنى ھۈرمەتلەيدۇ، مۇقەددەس جايلاردىن مەككە، مەدىنە ۋە يىرۇسالىم قاتارلىقلاردىكى دىنىي قۇرۇلۇش، ئىمارەتلەرنى قوغداش، رىمۇنت قىلىش، دۆلەت خەزىنىسىدىن زور مىقداردا دىنىي مەبلەغ ئاجرىتىپ مۇقەددەس جايلارنىڭ دىنىي پائالىيىتىگە ياردەم بېرىدۇ. سۈننىيي مەزھىپى ئەقىدىسى ۋە تەلىماتلىرىنى جارى قىلش ئۈچۈن سالاھىدىن بويرۇق چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مەسجىدلەرنى سۈننىييلەردىن چىققان ئاقساقاللارغا ئىدارە قىلغۇزغانىدى، ئەزھەر دارىلفۇنۇ ۋە باشقا مەكتەپلەرنىڭ مۇددەرىسلىكىنى سۈننىيي مەزھەپتىكى ئىلمى تەھۋىدلەر ۋە تۆت چوڭ مۇتەككەللىمۇنلار تەلىماتلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىشلەر يولغا قويۇلغانىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دارىلئاجىزىن، دارىلىتام ۋە مۇساپىرخانىلەر قۇرۇلغان بولۇپ، زىيارەتلەردە بولۇۋاتقان رىيازەت چەككۈچى سۈننىيي دەرۋىشلەرنى كۈتۈۋالاتتى، سوپىلارنىڭ ئەقىدە تارقاتقۇچى، تەبلىغچى ۋائىزلارغا، شاگىرت تەربىيىلىگۈچىلەرگە، ھەمدە ھەرقايسى خانىقا، تۈنەكخانىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ۋەخپە يەرلەر بەخشەنـدە قىلىناتتى. مىسىر ۋە سۈرىيەدىكى خرىستىئان تائىپىلەرگە كەڭ قوللۇق سىياسەت قوللۇنىلـغانىدى، ئۇلارنىڭ چىركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلەردە دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشلىرىگە روخسەت قىلىناتتى. قاھىرە، دەمەشىق، ھىجاز، يەمەن قاتارلىق جايلاردا مۇستەقىل ھالدا ياكى مەسجىد، جامەلەرگە يانداشقان ھالدا مەدرىسە، ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئېچىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تاماق، ياتاق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشنى يولغا قويۇلغان، پەقەت دەمەشىقنىڭ ئۆزىدىلا ئالىي ئوقۇش يۇرتىدىن20سى بولغان. نۇرغۇنلىغان ئوقۇش يۇرتى مەدرىسەلەر ئىچىدە قاھىرەدىكى شافىئى مەدرىسەسى ئەڭ مەشھۇر ئىدى. ئەزھەر دارىلفۇنۇنى ھەم كېڭەيتىپ تەمىر قىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشقا ئېرىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ مەركىزى بولۇپ قالغان. شۇڭا، ئەييۇبى سۇلالىسىنى قەدىمكى مىسىر ۋە ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنى قوغدىغۇچى دېيىش تامامەن يوللۇقتۇر.
(5) مەملۇك سۇلالىسى: مەزكۇر سۇلالە ئالىدىنقى مەزگىل (1390 1250) كېيىنكى مەزگىل (1517- 1382) دەپ ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. سۇلالە مىسر ۋە سۈرىيەدىكى ياقا يۇرتتىن كەلگەن قۇللار قۇرغان ئىسلام ھاكىمەيىتىدۇر. «مەملۇك» ئەرەپچىدە «قۇل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە بولۇپ، «قۇللارسۇلالىسى» مەنىسىدىمۇ ئىستىمال قىلىنىپ كەلگەن. سۇلالىنى قۇرغۇچسى بەيبەرەس (1273- 1277) ئالدىنقى مەزگىلدىكى مەملۇكلەر ئاساسەن تۈركلەر، ۋە ئەييۇبى سۇلالىسى خەلىپىسى سالىھ ئەييۇبى (1249- 1240يىللارتەختتە) سېتىپ ئېلىپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق قۇللارئىدى، ئۇلار مۇھاپىزەتـچى قوشۇن بولۇش سۈپىتىدە نېل دەرياسىدىكى ئارالدا تۇراتتى، مىسىر تەلەپپۇزىدا نېل دەرياسى «بەھرەيىن» دېيىلىپ، مەملۇكلار قېدىمدا «ھاۋزىلىق قۇللار» دېيىلىپ قالغانىدى. كېيىنكى مەزگىللەر دە، مەملۇكلار ئاساسەن كىچىك ئاسىيالىقلار بولۇپ، ئەسلىدىكى مەملۇكلارنى ئالدىنقى سۇلتان گىل ئاۋى (1290- 1279يىللارتەختتە) نىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن ئىدى. ئالدىنقى مەملۇكلار سۇلالىسى ھەربىي جەھەتتىن ئىككى زور غەلىبىگە ئىرىشكەن، بىرى زېمىننى موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىرى تۆمۈر تۇياقلىرىنىڭ غالجىرلىق بىلەن چەيلىشىدىن توساپ قالغان، يەنە بىرى، ئەھلىسەلىپنىڭ ياۋۇز كۈچلىرىنى تۈگەل يوقۇتۇپ، مىسىرنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب- ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىنى قوغداپ قالغان. مەملۇكلار سۇلالىسىنىڭ كېيىىنكى مەزگىلدىكىسى بولسا، ھەربىي جەھەتـتىكى ئۇ- تۇقلىرى كۆپ ئەمەس پەقەت سىپروس ئارىلىنى بويسۇندۇردى. ئۇلار شۇلار بىلەن بىرقاتاردا ئىككى چوڭ تەھدىتكە دۈچ كەلگەن، بىرى، تۆمۈرلەڭ (1404- 1336) تاجاۋۇزى، تۆمۈرلەڭ ئارمىيىسى 1380- يىلدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، كىچىك ئاسىيا، ئافغانىستان، پارىس، ئىراق قاتارلىقلارنى ئىشغال قىلغان، 1393- يىلى باغداتنى بېسىۋالغان، 1401- يىلى ئەنقەرەدە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىگە زەربە بەرگەن، سۇلتان بايەزدⅠ (1402- 1389) نى ئەسىرگە ئېلىپ، كىچىك ئاسىيا، جەنوبىي ئاسىياقاتارلىق رايونلارنى سۈپۈرۈپ ماڭغانىدى. ئىككىنچىسى بولسا، يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئوسـمانلى ئېمپىرىيىسى ئىدى. بايەزد Ⅱ (1512- 1480) نىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە مىسىر قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرىغان، سەلىم Ⅰ نىڭ زامانىسىدا پارىس ئىراق، سۈرىيە ۋە مىسىرلار ئىلگىرى- ئاخىرى ئوسمانلى ئېمپىرىيەسىنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كەتكەن. مەملۇك سۇلالىسى ئىسلامىيەت سۈننىيي مەزھىپىنىڭ ئىتـىقاد ئەقىدىلىرىنى دۆلەت ئىتقادى قىلغان، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچۈلىكى شافىيى مەزھىپى تەلىماتىنى تەن ئالغان سۇلالەدۇر.
2. ئىلىم– پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى
پاتىمىيە سۇلالىسى ئەرەب شەرق ئىسلامىيەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە يۈكسەلدۈردى، پەن- تەتقىقات ئىشلىرىگە مەدەت- مۇكاپاتلار بېرىپ، مائارىپنى تەرەققى قىلىدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى روناق تاپقۇزۇپ، ئىلىم- پەننى گۈللەندۈرگەن. 972- يىلى قاھىردە ئەزھەر جامەسى قۇرۇلۇپ، دىنى ئالىي ئوقۇش يۇرتىغا تەرەققىي قىلىدۇرۇلغانىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار بۇ يەرگە كېلىپ ئىلىم ئىزدەش بىلەن مەشخۇل بولاتتى، ئەھلى ئىستداتلار ئەلۋەك يېتىشىپ چىققان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئىسلامىيەت شىئە مەزھىپى ئەقىدە ۋە ئىلىم- ئىرپان مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغانىدى. خەلىپە مۇئىز (996- 975يىلغىچە) قاھىرەدە خانلىق كۈتۈپخانىسىنى قۇرغان، ساقلانمىش كىتاب 200 مىڭغا يەتكەن، كۆپ مىقداردا تۈرلىكچە يازما جاۋھىراتلار ساقلانغان، بۇلار ئىچىدە پەقەت «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئالتۇن يالىتىلغان قوليازما نۇسخىسىلا 2400 دانىگە يەتكەن. 1005- يىلى، خەلىپە ئەبۇ ئەلى مەنسۇردەۋرىدە يەنە «پاراسەت قەسىرى» (ئىلىم- پەن سارىيى) تەسىس قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلاردا مەشھۇر ئالىم- ئەللامەلەر تەكلىپ قىلىنىپ پەن تەتقىقاتلا ئېلىپ بېرىلاتتى، ئىسلام شەرىئەتى، ئىلمىي فەلەكىيات (ئاستىرونومىيە)، تىببى ئىلىم قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھاكىمە، مۇتائىلىلەر قىلىناتتى. بۇ مەزگىلدە، مىسىردا تالايلاپ مەشھۇر ئاستىرونۇم، ئەل سىميا (فىزىكا)، ئىلمىي بەسەرىيات (ئوپتىكا)، تىبابەت، ۋە كۆز كىسەللىكلەر ئالىم مۇتىخەسىسلىرى ھازىرلانغانىدى، ئەلى ئىبنى يۇنۇس تۈزگەن «ھاكىم بىئەمىروللا زىجىنگانى»، ئىبنى ھۇسامنىڭ «كىتابۇل نۇر» قاتارلىق ئەسەرلەر بولغان.
ئابباسىيلارسۇلالىسى ئىلىم- مەدەنىيەتنى داۋاملىق گۈللەندۈردى. سالاھىددىن پەقەتلا نۇرغۇنـلىغان ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ سىياسىي ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇرۇپ قالماي، بەلكى، يەنە ئۇلار بىلەن دائىم ئىلمى مەسىللەر ئۈستىدە تۈرلىك مۇھاكمىلەرنى ئېلىپ باراتتى. ئۇ چاغلاردا، ھۆكۈمەت مەمۇرىيىتىگە مەسئول قازى فادىل رەتلىگەن مەمۇرىيەت ئىشلارخاتىرىسى بىلەن ھاكىمۇل ئەخبار، كاتىـبول ئۈمەرا ئىمائىددىن تۈزگەن «ئېرۇسالىمنىڭ پەتھى قىلىنىشى»، سالاھىددىننىڭ كاتىبى قوشۇمچە ئررۇسالىمنىڭ ئەسكەرىي قازىسى باھائىددىن شەددات تۈزگەن «قىسسەئۇل سالاھىددىن»، مول بىلىم، كۆپ ئىختىدار ساھبى ئالىم ئابدۇللا لەتىپىنىڭ «مىسىرنى ئۆز كۆزىدە كۆرگۈچى» قاتارلىق ئەسەرلەر جاھانغا مەشھۇردۇر. بۇلاردىن باشقا، سالاھىددىن سالجۇقىلار سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى نىززامۇل مۈلكتىن كېيىنكى ئىسلامىيەت ئالىي مەكتەپلەرنى بۈيۈك قۇرغۇچىلارنىڭ ئىككىنچىسىدۇر. سالاھىدىن دەۋرىدە قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەر يا مۇستەقىل قىلىپ ئېچىلغان، يا مەسجىد، جامەلەرلەرگە يانداشقان مەدرىسەلەردىن بولغان، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تەمىناتنى يولغا قويۇپ، نەززامىيە دارىلئۇلۇم تۈزۈمىنى قوللانغانىدى. سالاھىددىن مەككە بىلەن مەدىنەدىن ئىبارەت ئىككى مۇقەددەس ئورۇن جايلاشقان ھىجازنى، ئۈچىنچى مۇقەددەس جاي ئېرۇسالىم جايلاشقان، مىسىر، قاھىرە ۋە ئىسكەندەرىيە پورتى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئەرەب- ئىسلام مەدەنىيەت مائارىپىنى زو تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگەن. سالاھىدىن يەنە خەستەخانە (دوختۇرخانە) لار ئاچقان، ئېرۇسالىمدىكى ئەقسا مەسجىدىنى رىمونت قىلغۇزغان، قانال قازدۇرغان، يول ۋە دامبىلارنى ياساتقان.
ئەمما مەملۇك سۇلالىسى شەرقتە موڭغۇل زور قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇش، غەربتە ئەھلىسەلىبنىڭ قالدۇقلىرى بىلەن ئېلىشىش بىلەن بولۇپ كەتكەچكە، ھەربىي ئىشلارجەھەتتىكى تۆھپىلىرى پارلاق، بىراق، ئىلىم، مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۇنچىۋالا ئەمەس، ئاپىرىدە قىلالىغانلىرى كۆپ ئەمەس، بۇ ساھادىكى ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەرەب ئەنئەنىۋى تىبابىتى، مىمارچىلىق سەنئىتى، ئىجتىمائىي ئىلىملەرقاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن قاھىرەدە مەنسۇر شىپاخەنىسى (1284- يىل) ئېچىلىپ، ئۇنىڭدا تەجرىبەخانە، ئاپتىكا، تارماق شىپاخانە، ھاممام ۋە تەپ كېسىلى، گلاخوما، تولغاق قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىمارلىرىنى ئايرىپ داۋالاش بالنسىتلىرى بولغان، ئەر- ئايال سېسترالار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئەر- ئايال بىمارلارنى كۈتكەن. شىپاخانە باشلىقى ئەلى ئىبنى نەفىسى (1288 – ؟) نىڭ دوختۇرلۇق ماھارىتى يۇقىرى ئىدى، ئۇنىڭ «دىۋانول تىب، تەفسىرولجەرراھ» ناملىق ئەسىرىدە قان ئايلىنىش جەريانىنى مۇپەسسەل يورۇتۇپ بەرگەن، بۇ مۇۋەققپەقىيەت ئىسپانىيىلىك سېۋىتاسنىڭ شۇ مەزمۇندىكى ئەسىرىدىن 250يىل ئىلگىرى بولغان. 12- ئەسىرىدىن 13- ئەسىرگىچە مىسىر ۋە سۈرىيەنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى ساھەسىدە ئالىملار ئەلۋەك، نەتىجىلەرمول بولغانىدى، جۈملىدىن ۋەكىللىك ئەسەلەردىن ئىبنى ناجىد (1188- ؟) نىڭ «كۆزكېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە رىتىسپلىرى» يەنە، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسلىدە ئاقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپراتىسىيە قىلالايدىغان ئىبنى ئەلى مۇھسىننىڭ «كۆزگە تېمىتىلىدىغان دورىنىڭ تولۇق ئۆنۈمى»ناملىق ئەسىرى، سالاھىددىن ئىبنى يۈسۈپنىڭ «كۆرۈش سېزىمى ۋەكۆزكېسەللىك ئوپراتىسىيىسى ئاساسلىرى»قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. مەملۇك دەۋرىدە ئەرەب مىمارلىق بەدئىيەتى يۈكسەك ۋاخىنىلەرگە كۆتۈرۈلگەن، مەسجىدلەرنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ لاھىيىلىنىشى، پەشتاق، گۈمبەزلەرنىڭ يورۇق، كۆركەم بولۇشلىرى، بىزەكچىلىكـلىرى، بولۇپمۇ رەڭگى تۈرلىك تاشلارنى گىرەلەشتۈرۈپ تىزىشتىكى بىزەك ئۇسۇلى، سۈت رەڭلىك تاش (ستالاتىت) لاردا ھەيۋەتـلىك ئەگمە تورۇسلۇق گۈمبەزلەرنى چىقىرىشلىرى، گىئومېترىك نەقىشلەر، ئەرەب كۇفە نۇسخىسىدىكى ھۈسىنىخەتلەر بۇ دەۋر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاساسى بەلگىسى بولۇپ قالغان. ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە تالىق بولغان نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇشلار، مەسىلەن، مەسجىد، مەدرىسە، مازار، قاتارلىقلار كېيىنلكىلەر تەرىپىـدىن مۇھاپىزەت قىلىپ، ساقلاشلىرى ئارقىلىق تا شۇكۈنلەرگىچە ساقلانماقتا، بىزنى شۇ قاتارلىق مىمار چىلىق سەنئىتىنىڭ نادىرانە ئۈلگىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە نائىل قىلغان. ئىجتىمائىي پەنلەر جەھەتتە، ئىبنى خەللىكان (1282- 1211) نىڭ ئەسىرى «مەشھۇر كىشىلەر قىسسەلىرى» دە865 نەپەر مۇسۇلمان ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرى خاتىرلەنگەن، مەزمۇنى توغرا، پاساھەتلىك بولغان. ئەبۇ فدا (1332- 1273) ياشلىق مەزگىلىدە ئەھلىسەلىپ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان، ھەمدە كېيىن ئوفتېسىربولغان، «يەر- ناملار لۇغىتى»، «ئىنسانىيەت تارىخى ئاساسى نوقتىلىـرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. بۇلار ئىچىدە «ئىنسانىيەت تارىخى ئاساسى نوقتىلىرى» ناملىق ئەسەردە ئەرەبلەرنىڭ جاھالەت دەۋرى، قەدىمىي بەنى ئىزرائىل، پارىسى، رىمدىكى مىللەتلەر بايان قىلىنىپ تاكى 1329- يىلغىچە ۋەقەلەربايان قىلىنغان، تارىخى ماتېرىياللىق قىممىتىگە ھەم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان ئەسەردۇر. ھەنبەلىيە مەزھىپىنىڭ مۇتەككەلىمۇنى ئىبنى تەيمىيە (1328- 1263) دەمەشىق ھەنبەلىيە مەزھىپى ئىلمى تەھۋىد مەكتىپىدە مۇدەررىسلىك قىلغان ھەم مەزكۇرپىرقىنىڭ شەيىخى بولغان، ۋە قاھىرە ناسىر دارىلفونۇندا دەرس بەرگەن. ئۇنىڭ «نىكاھتىن تالاق مەسىللىرى مۇھاكىمەسى»، «دۆلەت ھاكىمىيتى ۋە شەرىئەت»، «خىرىستىئانلار ئىتىقادىنى ئۆزگەرتكۈچىلەرگە توغرا جاۋاب»، «ئىبنى تەيمىيە شەرىئەت پەتىۋالىرىدىن توپلام» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.18- ئەسىردە، تەيمىيەگە ۋارىسلىق ئېتىپ، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا ۋەھھابىي كەسكىن ئەنئەنىۋى ئىتىقاد ئەقىدىسىنى تارقاتتى، ھەم ۋەھھابىيلەر مەزھەپى بولۇپ شەكىللەندى. بۈگۈنكى كۈندە ئىبنى تەيمىيە ئىسلامىيەت ئەسلى تەرىقەت ئىلمىي تەھۋىدىنىڭ بوۋىسى دەپ قارىلىدۇ. ئەھمەدمەقرىزى (1442- 1364) ئەدەبىيات، تا- رىخ، ماتېماتىكا، قاتارلىقلارغا ناھايىتى پىششىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسىر «مىسىر تەزكىرەسى» دە مىسىرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىيىتى، شەخسـلەر تەپسىلى بايان قىلىنغان، «مىسىر تارىخشۇناسلىقىنىڭ گۈلتاجى» دەپ تەن ئېلىنغانىدى.