ئۇيغۇرلاردا ھۆكۈمدارلارغا كىتاپ تەقدىم قىلىش ئادىتى
ئىمىن تاجى تۇرگۈن
كىتاب –ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى يېزىق، قەغەز ۋە مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىنسانلار ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەت يېزىقسىز دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ تارىختا «تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋر» دەپ ئاتالدى. يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا مۆجىزىلەرنىڭ بىرى سانىلىدۇ. چۈنكى يېزىق ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئەجداتلىرىنىڭ تارىخىلىرىنى خاتىرلەشكە ۋە ئەۋلادلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇچۇرلۇق قىممىتىگە ئىگە بولغان پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىشقا باشلىغان. مەتبەئە تېخنىكىسى بارلىققا كەلمىگەن شارائىتتا، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تاش ئابىدىلەرگە، قىيا تاشلارغا ۋە غارلارغا ئۆزلىرىنىڭ يېزىقى ئارقىلىق تارىختىن خەۋەردار قىلىپ كەلگەن. مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن كىتابلارنىڭ سەھىپىسى، مەزمۇن يەتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولۇش جەھەتتە ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئىگە بولدى. ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى تۈركىي تىللىق مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يېزىق ئىجاد قىلىش ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش جەھەتتە باشقىلارغا قارىغاندا ناھايىتى زور تارىخى تەرەققىياتلارغا ئىگە بولغان. شۇڭا دۇنيادىكى تۈركلوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۇستازى دەپ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تەرىپلەيدۇ. مەسىلەن، زەكىي ۋەلىدىي توغان «ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا قۇۋۋەتلىكرەك، مەدەنىيەتلىرىمۇ يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تىلى باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۈچۈن ئەدەبىي تىل بولۇپ كەلگەن»①دەپ باھا بەرگەن. ئېلىمىز ئالىمى چېڭ سولۇ بولسا «شەرقى ئاسىيانىڭ تاغلىق ئۆلكىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ھېچقايسىسى غەربى ياۋروپا ئالىملىرىنى ئۇيغۇرلاردەك ئۆزىگە تارتالمىغان»② دەپ، شەمسىدىن ساقى بولسا «قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تەرەققىياتتا ئەڭ ئالدىغا كەتكەن خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا ئورتاق ئەدەبىي تىل ئىدى» ③دەپ باھا بەرگەن.
ئۇيغۇرلار يېزىقنى نىسبەتەن بۇرۇن ئىجاد قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئاچقان مەدەنىي مىلللەتلەرنىڭ بىرى. ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇقىيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ ۋە ئىسراپىل يۈسۈپلەر تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق يېزىق تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان»④. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىدا سوغدىلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. يەنى ئۇيغۇرلار سوغدى ھەرپلىرى ئاساسىدا ئۆزلىرىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلغان.
مىلادى 8-7 – ئەسىرلەردە مۇڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇرخۇن ۋە سېلىنگا دەريالىرى ۋادىلىرىدا تىكلەنگەن مەڭگۈ تاشلارنى تۈرك-ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى كىتابنىڭ نەمۇنىلىرى دېيىشكە ھەقلىقمىز. گەرچە ئۇلار قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل تاشلارغا ئويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆك تۈرك خانلىق(744-552- يىللار) ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ (840-744-يىللار) سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربى يۈرۈش ۋە قەبىلىلەر يۆتكىلشىدەك بىر قاتار مۇھىم ساھەلەر بويىچە بىزگە ناھايىتى مۇھىم ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان«قەغەزسىز كىتابلاردۇر». بۇلار ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن (ئەڭ بۇرۇن تىكلەنگەنلىرى مىلادى 580-يىلىدىن باشلىنىدۇ، ئەڭ كېيىن دېگەنلىرى 820-يىللىرى تىكلەنگەن. مۇشۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇلارنى رەسمىي ئوقۇپ يەشكەن ۋاقىت 1893-يىلىغىچە بولغان ناھايىتى ئۇزۇن دەۋر كۆزدە تۇتۇلىدۇ) بايقىلىشى ۋە يىشىپ ئوقۇلۇشى دۇنيا تۈركلوگىيە تەتقىقاتىغا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىپ بەرگەن. مانا مۇشۇ مەڭگۈ تاشلار يەتكۈزگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق تارىخشۇناسلار تۈرك ۋە ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت سەمەرىلىرىدىن خەۋەردار بولۇشتەك ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشتەك پۇرسەتكە ئىرىشەلىگەن. 1959-يىلى 12-ئايدا گەنسۇ-شنجاڭ تاشيولى كېڭەيتىپ ياسالغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇزىينىڭ ئارخېئولوگلىرى تۇرپان ناھىيىسىنىڭ يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى سىڭگىم بۇددا خارابىلىقىدا تاشيول قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ قېزىش-تازىلاش ئېلىپ بارغان. ئەينى ۋاقىتتا 2-نۇمۇرلۇق ئىزدىن قەدىمكى ئۇيغۇرچە لوغەتنىڭ 11 پارچە كەمتۈك ۋارىقى تېپىلغان⑤. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ لوغەت پارچىسىنىڭ 9-ئەسىرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىققان»⑥.
بىز ئالدىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك قەغەز ۋە مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ بارلىققا كېلىشى كىتابلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچ ئالدىنقى شەرت ئىدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەزچىلىكى ۋە مەتبەئە تېخنىكىسى قايسى ۋاقىتلاردى باشلانغان دېگەن مەسىلە ئالدىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىدىن ئىبارەت.
ئەنئەنىۋىي كۆز قاراش بويىچە قەغەز ئەڭ دەسلەپ مىلادى 89-يىلىدىن مىلادى 105-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ياشىغان سەيلۇن تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ھەم مىلادى 105-يىلى سەيلۇننىڭ بۇ ئىجادىيتى شەرقى خەن سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ تارتۇقلىشىغا ئىرىشكەن دەپ قارىلىدۇ. دەرھەقىقەت ، ھازىرچە قەغەزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلكىتە ئىجاد قىلىنىپ، ئاندىن ئوتتۇرا شەرق ۋە غەرب دۇنياسىغا تارقالغانلىقىدە پاكىتنى ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما يېقىنقى دەۋردە ئارقا-ئارقىدىن بايقالغان ئارىېئولوگىيەلىك تىپىلمىلار بۇرۇنقى ئەنئەنىۋىي كۆز قاراشقا گۇمانىي سۇئال قويدى. شىئەندىكى بىيچاڭ خارابىسىدىن تېپىلغان غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان قەغەز پارچىلىرىنىڭ سەيلۇن ئىجاد قىلغان قەغەزنىڭ يىل دەۋرىدىن 200 يىل بۇرۇن ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى»⑦. ئۇنىڭدىن باشقا 1933-يىلى خۇاڭ ۋېنبى شىنجاڭنىڭ لوپنۇر رايۇنىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان قەدىمكى قەبرىدىن غەربى خەن سۇلالسى پادىشاھى شۈەندى دەۋرى بولسا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 73-يىلىدىن 49-يىلىغىچە بولۇپ، لوپنۇردىن تېپىلغان بۇ قەغەزلەرنىڭ يىل دەۋرى سەيلۇن ئىجاد قىلغان قەغەزنىڭ يىل دەۋرىدىن 100 يىل بۇرۇن ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى»⑧. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، تارىم ۋادىسىدىكى ئەجداتلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا قەغەز ياساشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسى ھەققىدىمۇ ئۇيغۇر ئالىمى ياسىن ھوشۇر ئەپەندى تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭدىن ئېلىپ كىتىلگەن يازمىلارنى ۋە مەتبەئە بويۇنلىرىنى(بۇلارنىڭ ھەممىسى پارىژدا ساقلانماقتا، ئالىم ياسىن ھوشۇر بۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ پارىژدىكى بىر نەچچە يىللىق تەتقىقاتى داۋامىدا ئىسپاتلاپ چىققان) تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىنى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا ئىجاد قىلىپ بۇنىڭ بىلەن ھەر خىل كىتابلارنى بېسىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىغان»⑨. مانا مۇشۇ خىلدىكى مەتبەئە تېخنىكىسى بىلەن يېزىلغان ۋە بېسىلىپ چىققان كىتابلار دۇنخۇاڭ ۋە تۇرپاندا كۆپلەپ ساقلانغان بولۇپ، بۇلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بېشىدا شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن چەتئەل ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ ئېلىپ كېتىشى بىلەن چەتئەللەردىكى كۈتۈپخانا، مۇزىي ۋە باشقا تەتقىقات ئورگانلىرىدا ساقلانماقتا. تۇرپاندىكى مەتبەئە تېخنىكىسى ھەققىدە تۈركىيە ئالىمى شىناسى تېكىن مۇنداق دېگەن :« شۇ ۋاقىتتا ئېدىقۇتتا بىسىلغان كىتابلارنىڭ سەۋىيىسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى»⑩
كىتاب سوۋغا قىلىش – ئىنسانلار تارىخىدا ئۇزۇندىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئۇزۇن تارىخىقا ئىگە. كىتاب باشقا سوۋغىلارغا ئوخشىمايدۇ، كىتابلار ئارقىلىق ئىنسانلار ناھايىتى زور نەپ ۋە لەززەتلەرگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ جەھەتتە دار كىتابنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ شائىر فىردەۋسى 30 يىل بۇ كىتابنى يېزىپ (ئۆزىنىڭ «شاھنامە» ناملىق ئەسىرىنى دېمەكچى) ئىراننى قۇتقۇزۇپ قالدىم دەپ ئېيتقان. دېمىسىمۇ بۇ كىتابتا خاتىرلەنگەن ئىران ۋە تۇران خەلقلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشلىرى خاتىرلەنگەن. ئىراننى قۇتقۇزۇپ قالدىم دېگىنى بۇ كىتابتا شۇ دەۋردىكى ئىرانىيلارنىڭ تارىخى خاتىرلىنىش ئارقىلىق ئەۋلادلارغا بۇ ھەقتىكى تارىخى ناھايىتى ئىنىق قالدۇرۇلغانلىق كۆزدە تۇتۇلغان.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مەدەنىيەت ئەرباپلىرى ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق يېزىپ چىققان ئىلمىي ئەمگىكىنى شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلارغا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى بىر تەرەپتىن ئەبەدىي مۈلۈك قىلىپ ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ۋە ئەۋلادلارنى ئۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىشنى ئۆزىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس ۋەزىپە دەپ قارىغان ھەمدە بۇ ئادەتنى خېلى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىق ئەمگەكلىرىنى ھۆكۈمدارلارغا تەقدىم ئېتىشىنى نوقۇل ماددى مەنپەئەت نوقتىسىدىن تەھلىل قىلساق بىر تەرەپلىمىلىككە يول قويغان بولىمىز. مېنىڭچە ئۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنىڭ ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈپ ئەبەدىي ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇ دەۋرلەردە بۈگۈنكىدەك تەرەققى قىلغان نەشرىياتلار بارلىققا كەلمىگەن. كىتابلارنىڭ كەڭ دائىرىدە خەلق ئاممىسىنىڭ قولىغا يىىتىپ كىلىشى ۋە ئۇلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ بەھىرلىنىشى ناھايتى تەسكە توختايدىغان بىر دەۋردۇر. شۇنداق شارائىتتا كىتاب كۆچۈرۈشنى مەخسۇس كەسپىي ئادەت قىلغان ۋە خۇدا يولىدا ساۋابلىق ئىش دەپ قارالغان. پۈتۈكچىلەر كىچە-كۈندۈز مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ كىتابلارنى قوليازما ھالەتتىن كۆچۈرۈپ تارقاتقان. ئۇلارنى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى كاتتا ئەزىمەتلەر دەپ سۈپەتلىمەي تۇرالمايمىز ،ئەلۋەتتە. گابائىن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ پۈتۈكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق يازغان : «قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىنىي كىتابلارنى كۆچۈرۈش ئۇلۇغ ساۋابلىق ئىش(قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا دېيىلگەن) دېگەن چۈشەنچىسىدىنمۇ بۇنى بايقاش مۇمكىن. (چۈنكى دىنىي كىتابلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىناتتى). خۇددى يايلاق تۈركلىرى ئەجەل تېشىنىڭ ئىقتىدارى ئۆلگۈچىگە ئۆتىدۇ دەپ ئىشەنگەنگە ئوخشاش قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىدىمۇ دىنىي كىتابلارنى كۆچۈرۈشنىڭ ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. بۇددا ۋە مانى دىنىي كىتابلىرىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلىرىنىڭ ئاخىرىغا ھەمىشە خاتىمە يېزىلاتتى. خاتىمىدە دائىم مۇنداق گەپلەر ئۇچرايدۇ، كۆچۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ بىرىنجى ساۋابى ئالدى بىلەن خان سارىيىغا، ئاندىن مەرھۇم ئاتا-ئانىلارغا ، ئاندىن قالسا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلەرگە بولسۇن»⑪.
ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇدكاشىغەرى ۋە ئۇنىڭ شاھ ئەسىرى «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»
تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئەڭ دەسلەپ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزىنىڭ شاھ ئەسىرى «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» نى ئەينى دەۋردىكى ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27-خەلىپسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان.
ئاپتۇر مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ، ئۇ تەخمىنەن 1008-يىلى تۇغۇلۇپ (ئىلگىرىكى كىتابلاردا 1005-يىلى تۇغۇلغان دەپ قەيت قىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى، بۇ ھەقتە ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرە پائالىيىتىنى ئەزىزانە قەشقەردە 2005-يىلى ئۆتكۈزۈپ داغدۇغا بىلەن خاتىرلىگەن. چەتئەللەردە بولسا 1008-يىلىنى ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يىلى دەپ قارايدۇ. 2008-يىلى تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈرمەنىستان قاتارلىق ئەللەردە بىر نەچچە قېتىم خاتىرلەش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكىتىمزنىڭ بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدىمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بىرىلدى ھەمدە مۇشۇ يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» نىڭ تولۇق ئېندىكىسلىق نۇسخىسى ئىشلەندى) 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ كەڭ دالا-سەھرالىرىنى ئايلىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن 1058-يىلى قەشقەردىن يولغا چىقىپ 15 يىلغا يېقىن دالا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ شاھانە ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. مىلادى 1072-يىلىدىن 1076-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى-ئاخىىر بولۇپ 4 قېتىم تۈزۈتۈپ ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەر باغدادتا خەلىپىلىكنىڭ 27-سى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلىنغان. ئاپتۇر ئۆز ئەسىرىنىڭ بېشىدىلا بۇ كىتابنى ئۇنىڭغا تەقدىم ئېتىش ۋە بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مۇدداسى سۈپىتىدە ئەبەددىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ ئۇلۇغ تەڭرىگە سىغىنىپ بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» دەپ ئات قويدۇم، بۇ كىتابنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنىدا ئولتۇرغان ھاشىم ئۇرۇغىدىن ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىدىن يولباشچى بولغان خوجىمىز، ئىگىمىز، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللا ھەزرەتلىرىگە ئارمىغان قىلدىم»⑫ دەپ يازغان.
ئاپتۇر يۇقىرقى ئەسىرىدىن باشقا يەنە «تۈركىي تىللارنىڭ نەھۋىگە ئائىت جەۋھەرلەر » ناملىق يەنە بىر پارچە ئەسەرنى يازغانلىقىنى تىلغا ئالغان»⑬. بۇ كىتاب تا ھازىرغىچە بىرەر يەردە بايقالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق. بۇ ئىھتىمال ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈشتەك قارا دولقۇندا كۆيۈپ كۈلگەن ئايلانغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
بۇ ئەسەر 11-ئەسىردىن بۇرۇنقى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، پەلسەپىۋى كۆز-قاراشلىرى، تىبابەتچىلىكى ھەربى ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى، مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيلىك جايلىشىشى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن بىزنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇزاق قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ مەھمۇد قەشقەرى ياشىغان دەۋرگىچە بولغان يىراق قەدىمكى تارىخنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان شېئىر-قوشاقلار، رۇبائىي، مەرسىيە، ماقال-تەمسىللەر ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەردىن مۇپەسسەل مەلۇمات بىرىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»- تۈركىي سۆزلەر ئەرەبچە بىلەن ئىزاھلانغان لوغەتتۇر.
ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىل تەكشۈرۈش ئەمەلىيىتى داۋامىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن. ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياغ كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چېگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ، ئوبدان تەرتىپكە سىلىپ چىقتىم»⑭.
بۇ ئەسەرنى ئىبراھىم مۇتئىي باشچىلىقىدىكى ئالىملار 1981-يىلى 1-تومىنى، 1983-يىلى 2-تومىنى، 1884-يىلى 3-تومىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان. ھازىرغىچە 10 نەچچە خىل چەتئەل تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى نەشىرى قىلىنىپ تارقىتىلدى.
بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ شاھ ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ»
يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-1018-يىللىرى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يەنە بىر مەدەنىيەت مەركىزىي بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرىنى ئۇ ئۇزۇن مۇددەت توپلىغان ھاكىمىيەت باشقۇرۇش بىلىملىرى ۋە تەجىربىلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇ قاراخانىيلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، قاتمال قۇرۇلمىلارنى ئىسلاھ قىلىش، قانۇن –تۈزۈملەرنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ئەسەردۇر. ئۇ بۇ ئەسىرىنى 1070-يىلى پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى قاراخانىيلارنىڭ خانى ھەسەن بۇغراخانغا نورۇز سوۋغىسى سۈپىتىدە سوۋغا قىلغان»⑮. بۇنىڭدىن باشقا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 1080-يىلى ۋە 1082-يىلى «قامۇس»، «سىياسەتنامە» قاتارلىق ئەسەرلەرنىمۇ يازغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ»⑯.
ئاپتۇر ئەسىرىنىڭ بېشىدا «ئەڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتىم، مەن سىلەر ئۈچۈن شۇنچە مۇشەققەت چىكىپ، ھاياتلىق ئۇلۇڭلارنى پۇختىلىۋىلىشىڭلار ئۈچۈن ئىش-ھەركەت ۋە يولۇڭلارنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرىمنى سىلەرگە مىراس قالدۇرۇدۇم، ھەر قاچان يولۇڭلاردىن ئازماي ئۇشبۇ يول بىلەن ماڭغايسىزلەر، بۇ دۇنيانى ئىزدىسەڭلارمۇ يول مۇشۇ، ئۇ دۇنيانى ئىزدىسەڭلەرمۇ يول مۇشۇ» ⑰دەپ ئۆزىنىڭ كىتابىنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىنى قەيت قىلغان.
بۇ ئەسەر قايسى ئەل پادىشاھلىقىغا، قايسى ئېقلىمغا يەتسە ئۇزلۇقى ۋە پەۋقۇلاددە گۈزەللكىدىن شۇ ئەلنىڭ ھېكىملىرى بىلەن ئالىملىرى ىوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك ئات ۋە لەقەم بەرگەن. چىنلىقلار «ئەدەبۇل مۈلۈك»(ئەمىرلەرنىڭ ئەدەب-قائىدىلىرى)، ماچىن ھېكىملىرى «ئاينۇل مەلىكە»(مەملىكەت دەستۇرى)، مەشرىقلىقلەر «زىننەتۇل ئۇمىرا»(ئەمىرلەر زىننىتى)، ئىرانلىقلار «شاھنامەئىي تۈركىي» دەپ ناملارنى بەرگەن. يەنە بەزىلەر «پەندىنامە مۈلۈك»(ئەمىرلەرگە نەسھەت)، تۇرانلىقلار «قۇتادغۇ بىلىگ»(بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان»⑱.
بۇ ئەسەرنى ئەھمەت زىيائى قاتارلىق ئالىملار 1984-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.ھازىرغىچە بۇ ئەسەرنىڭ 6-7 خىل تىلدىكى تەرجىمە نۇسىخىسى نەشىر قىلىندى.
ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ۋە ئۇنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسىدا) ناملىق ئەسىرى
قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئەينى دەۋر ئەدەبىي تىلى ـــ «خاقانىيە تىلى» (ئەسەردە بۇ تىل قەشقەر تىلى دەپ ئاتالغان) دا يېزىلغان ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى) ناملىق ئەسەر قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئەبىي مىراسلار قاتارىدا مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ سانىلىدۇ.
ئەسەرنىڭ كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدىن «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» كۆچۈرگەن 15-ئەسىردە ئۆتكەن تۆمۈرىيلەر خانلىقىنىڭ ئەمىرلىرىدىن بىرى بولغان بۈيۈك ئەمىر ئارسلان خوجا تارقان تەرىپىدىن داستاننىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە تەرىقىسىدە قوشۇپ قويۇلغان بىر پارچە شېئىرىدىن ئەدىبنىڭ يۈكنەك دېگەن يەردىن ئىكەنلىكى، دادىسىنىڭ ئىسمى مەھمۇد يۈكنەكى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» دېگەن ئەرەبچە نام بىلەن ئاالغانلىقى ھەمدە ئەسەر تىلىنىڭ «قەشقەر تىلى» بىلەن يېزىلغانلىقى مەلۇم.
تارىخى مەنبەلەردە يۈكنەك شەھىرىنىڭ سەمەرقەند ئەتراپىغا جايلاشقانلىقى مەلۇم. ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى 12-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىن 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەسەرنى 1484-يىلى شەيخزادە ئابدۇلرازاق كۆچۈرۈپ ساقلىغان نۇسخىسىغا ئاساسەن نەجىپ ئاسىم بۇنى 1915،1916 ۋە 1934-يىللىرى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلدۇرغان.
بۇ داستان پەندى-نەسھەت تېمىسىدىكى ئەسەر بولۇپ، 14 باپتىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان 11 چوڭ مەسىلە چۈشەندۈرۈلگەن.
ئەينى ۋاقىتتا قاراخانىيلار سۇلالىسى شەرق ۋە غەربى قىسىملارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەمدە 12-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ بەزىدە قىتانلارغا بەزىدە خارازىم خانلىقىغا قارام ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. فېئودال تەپرىقچىلىق، بۆلۈنمىچىلىك، ئۇرۇش ئاپەتلىرى، قاششاقلىق، جاھالەت ۋە باشقا قاتمۇ-قات زۇلۇملار بۇ ئەدىبنى ئادالەت، ھەققانىيەت ۋە خەلقپەۋەرلىك ئىدىيەلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنى ئادالەتكە، ئىنساپقا ۋە ئىنسانى ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى تۇرغۇزۇشقا چاقىرىش نىيىتىدە بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىققان ھەمدە يېزىپ بولۇپ قاراخانىيلارنىڭ بېگى مۇھەممەد داد ئىسپەھسالارغا تەقدىم قىلغان»⑲
چوس گىخودزېر ۋە ئۇنىڭ «گىرامماتىكا» ناملىق كىتابى
چوس گىخودزېر 14-13-ئەسىرلەردە ياشىغان ئۇيغۇر تىلشۇناسى ۋە ئالىمى. ئۇ شىنجاڭدىن يۇەن سۇلالىسى ئوردىسىغا جەلپ قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارغا ئىگە بىلىم ئىگىسى، تەدبىرلىك سىياسىئون، دانا مۇتەپەككۇر، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن تىلشۇناس ۋە ئالىم سۈپىتىدە تونۇلغان ھەمدە «دۆلەت ئۇستازى» دېگەن پەخىرلىك نامغا ئىگە بولۇپ، ئوردىدا ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن.
چوس گىخودزېر قۇبلايخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن «گىرامماتىكا» ناملىق بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇڭغۇل تىلىنىڭ گىرامماتىكا قائىدىلىرى بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب ئارقىلىق مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇزىنى توغرىلاش قائىدىلىرىگە ئاساس سېلىنغان. ئۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا تاتاتۇڭا تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان مۇڭغۇل يېزىقىنى بىر قەدەر سىسىتېمىلىق ئىسلاھ قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇرۇنقى يېزىقتىن پەرقلەندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن «يېڭى مۇڭغۇل يېزىقى» دەپ ئاتالغان ھەمدە مۇڭغۇل ئەدەبىي تىلىنى قىلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
ئەنسارى ۋە ئۇنىڭ «نادىر نوملار يەشمىسى»، «نەسىرنامىدىن پارچىلار»، «نەسىرنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»،« دورا ئۆسۈملۈكلەر» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ئەنسارى يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر تەرجىمىشۇناس بولۇپ، تەخەللۇسى «گوباۋ»(دۆلەت گۆھىرى) ئىدى.
«يۇەن سۇلالىسى يېڭى تارىخى» نىڭ 192-جىلىدىدا دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بېشبالىقتا ئولتۇرۇشلۇق بۇددىست ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا بۇددا نوملىرىنى ئوقۇغان ۋە كۇڭزى تەلىماتلىرىنى پىششىق ئۈگەنگەن. مۆڭكۆ خان تەختكە ئولتۇرغان يىللىرى (مىلادى 1251-يىللىدىن 1259-يىلىغىچە) ئوردا تەرىپىدىن ئىلمىي خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغان.
يۇەن شىزو (قۇبلايخان) تەختكە ئولتۇرغان يىلى (1260-يىلى ) ئەنسارى تەرجىمە قىلغان ئون جىلىدلىق بۇددا نومى «نادىر نوملار يەشمىسى» نى قۇبلايخانغا تەقدىم قىلغان. قۇبلايخان ئۇنى ئوردىنىڭ كاتىباتلىق، تىلماچلىق ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان. ئالدىنقى سۇلالىلەرنىڭ تەجىربىە-ساۋاقلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن ، قۇبلايخان ئۇنى يەنە مەخسۇس تارىخى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا بويرۇغان.
ئۇ دەسلەپ بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن «نەسىرنامىدىن پارچىلار» نالىق كىتابنى خەنزۇچىدىن مۇڭغۇلچىغا تەرجىمە قىلغان. ئىككىنجى قېتىمدا يەنە «جىنگۈەن يىللىرىدىكى مۇھىم سىياسى ئىشلار» ناملىق كىتابنى تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتابنىڭ مۇڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى قۇبلايخان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى مۇڭغۇل-ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ، بەلكى ھەكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تەجىرىبە-ساۋاق يەكۈنلەشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە «ئىبرەتنامە» ناملىق كىتابنى تەرجىمە قىلىپ قۇبلايخانغا سوۋغا قىلغان. بۇ كىتابتا ئىلگىرىكى سۇلالىلەردىكى دىۋان بەگلىرى بىلەن ۋەزىر-تۆرىلەرنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا كۆرۈلگەن چارە-تەدبىرلەر بايان قىلىنغان . ئەنسارى بۇ تەرجىمە ئەسىرىنى قۇبلايخانغا ھاكىمىيەت باشقۇرۇشقا پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئەنسارىنىڭ ئوردا ئىچىدىكى تەسىرىمۇ خېلى يۇقىرى بولغاچقا، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارلاشقان ۋە قەلەمكەشلەر ئارىسىدا يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىگە بولغان.
كېيىنكى ۋاقىتلار ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي يەنە سىماگۇاڭنىڭ «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» ناملىق تارىخى ئەسەرنى، تېبابەتچىلىككە ئائىت ئەسەرلەردىن «كۆپ ئۇچرايدىغان قىيىن كىسەللىكلەر دەستۇرى»، «دورا ئۆسۈملۈكلەر» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ قۇبلايخانغا سوۋغا قىلغان»⑳.
ئۇ 1293-يىلى ۋاپات بولغىچە مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋە ئىمىي تەرجىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان.
مىرزا ھەيدەر كوراگان ۋە ئۇنىڭ »تارىخى رەشىدىي» ناملىق ئەسىرى
مىرزا ھەيدەر كوراگان 1550-يىلى تاشكەنتتە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەت ھۈسەيىن كوراگان تاشكەنت ۋە ئورتا تۆپە ھاكىمى بولغان. ئاتىسى 1508-يىلى شايبانىخان تەرىپىدىن ھىراتتا ئۆلتۈرۈلگەندە، ئۇ بۇخاراغا قېچىپ كەلگەن ۋە بۇ يەردە ۋاقىتلىق پاناھلانغان.
ئۇ 1513-1509-يىللىرى نەۋرە ئاكىسى بابۇر شاھنىڭ ھوزۇرىدا بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا بابۇر بىلەن سەمەرقەنت ۋە بۇخارالارغا قارىتا ئېلىپ بىرىلغان بىر قانچە قېتىملىق ھەربى يۈرۈشلەرگە قاتناشقان. ئۇ 1513-يىلى سەئىدىخاننىڭ يېنىغا كەلگەن بولۇپ تاكى سەئىدىىان ۋاپات بولغان 1533-يىلىغىچە بولغان 20 يىلدا سۇلتان سەئىدىخان بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا بىللە بولغان.
سۇلتان سەئىدىخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئابدۇرەشىدخان تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇرەشىدخان ئاقسۇنىڭ ھاكىمى ئىدى. دادىسىنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال يەكەنگە كەلگەن. ئابدۇرەشىدخان يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى كېلىپ تەختكە ئولتۇرغىنى ياخشى دېگەن مەسلىھەتنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگۈچىلەر مىرزا ھەيدەر ۋە ئۇنىڭ تاغىسى سەئىد مۇھەممەت مىرزىلارنىڭ خانلىق تەختكە ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئېنىسى ئېسكەندەر خاننى ئولتۇرغۇزۇشنى قەستلەپ، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈۋاتقان بولسا كېرەك دەپ خاننى ئىشەندۈرگەن. شۇنىڭ ئابدۇرەشىدخان ھەق-ناھەقنى سۈرۈشتۈرمەستىنلا ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا چىققان سەئىد مۇھەممەت مىرزا ۋە بىر قانچە ئوردا ئاقساقاللىرىنى قەتىل قىلغان. مۇشۇنداق شارائىتتا ،مىرزا ھەيدەر يەكەندىن چىقىپ كەشمىرگە كەتكەن.
ئۇ 1546- 1541- يىللىرى كەشمىردە تۇرغان يىللىرىدا «تارىخى رەشىدىي » ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان. ئاپتۇر ئەسلى بۇ كىتابنى ئابدۇرەشىدخانغا بىغشلاش ۋە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ يۇقارقىدەك بىر قاتار سىياسى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمىغان.
بۇ ئەسەرنىڭ بىر نۇسىخسى ھازىر لىنىنگىرات، تاشكەنتتىكى بىر قېسىم مۇزىي ۋە كۈتۈپخانىلاردا ساقلانماقتا. ھازىرغىچە بۇنىڭ 7 خىل تىلدىكى تەرجىمە نۇسخسى نەشىر قىلىندى.
مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى ۋە ئۇنىڭ «سىدىقنامە» ناملىق ئەسىرى
مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى 18-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇرى بولۇپ، 1715-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ ئىلىم ئىزدەش يولىدا ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر مەدرىسلىرىدە ئوقۇپ ئەرەب، پارس تىللىرىنى پىششىق ئۈگەنگەن. قانۇن، ئەدەبىيات ېە ئىسلامىيەت پەنلىرى بويىچە ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمى بولۇپ تونۇلغان.
ئۇ شەرق ئەللىرى مەدەنىيىتىنىڭ نەمۇنىلىرىنى ئۈگۈنۈش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئىران ئالىمى قابۇس ئىبنى ۋەشىمىگىرنىڭ ئۆز ئوغلى كىلانىشاھقا ۋەسىيەت ئورنىدا يېزىپ قالدۇرغان «قابۇسنامە» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇشقان. بۇ ئەسەرنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆزىمۇ شۇ ماۋزۇدا بىرەر ئەسەر يېزىشنى پىلانلاپ، خەلق ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ ماتېرىيال توپلاش مەقسىتىدە قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى ئارىلاپ يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ تىلى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان. نەتىجىدە شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ھاكىمى مۇھەممەت ئىبراھىم بەگ ئىبنى كىپەك بەگ ئغلىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە ياردىمى بىلەن 1785-يىلى «سىدىقنامە» نامىدا ئاتالغان دېداكتىك ئەسىرىنى يېزىشقا باشلاپ 1787-يىلى تاماملىغان.
بۇ ئەسەر دېداكتىك خاراكتېردىكى ئەسەر بولۇپ، 44 باپتىن تۈزۈلگەن. مەزمۇنى تولىمۇ كەڭ دائىرىدە بولۇپ، سىياسەت، پەلسەپە، قانۇن، ئەدەبىيات، دىن، ئەخلاق، تۇرمۇش ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ئىلىم-پەننىڭ ھەممە ساھەسىگە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بىرىلغان.
مۇھەممەت ئېۋەز بىن مەۋلانە سەدىرىدىن قاراقاشى ۋە ئۇنىڭ «مەجمۇئەتۇل ئەھكام» ناملىق ئەسىرى
شائىر مۇھەممەت ئېۋەز قاراقاشى مەۋلانە سەدىرىدىن قاراقاشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 18-17-ئەسىرلەر ئارىلىقىدا قاراقاشنىڭ ھازىرقى ماڭلاي يېزىسى تەۋەسىدىكى مۇغاللا كەنتىدە ياشاپ، ئۆمرىنى ھەر قايسى پەنلەر ئىجتىھاتى ۋە تەتقىقاتى بىلەن ئۆتكۈزگەن.
ئۇ ئىلىمسۆيەر ئاتىسىنىڭ بىۋاستە تەربىيلىشى ۋە ئائىلىسىدىكى قويۇق ئىلمىي كەيپىيات مۇھىتىدا ئەتراپلىق ئۆسۈپ يىتىلگەن شائىر ۋە ئالىمدۇر. دادىسى مەۋلانە سەدىرىدىن قاراقاشى ئىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان ۋە ئۆزىمۇ ئۆمرىنى ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم بولغاچقا، ئوغلىنى تەربىيلەشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ ئۆزى ئوغلىنى بىۋاستە تەربىيەگە ئېلىپ، دىنىي ئىسلامنىڭ مۇقەددەس ئەھكاملىرىدىن تارتىپ تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي ھېساب، ئىلمىي نۇجۇم،
يەتتە ئېقلىم، توققۇز ئەفلاك…. » لارغىچە يىتەرلىك تەربىيەگە ئىگە قىلغان. ئاتىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى نەتىجىسىدە ئۆزى ئۈگەنگەن ئىلىملەر بويىچە ئۇ زېھنى ئۆتكۈر ئالىم بولۇپ يىتىلگەن.
ئۇنىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىدىن «مەخدۇم ئەزەم»، «تەزكىرەئىي خوجا ئىسھاق» قاتارلىق تارىخى ئەسەرلىرى ۋە «مەجمۇئەتۇل-ئەھكام» ناملىق كالىندارچىلىق ۋە ئىلمىي نۇجۇمغا ئائىت ئەسىرى، شۇنداقلا بىر قېسىم شېئىرلىرى مەلۇم. «مەخدۇم ئەزەم»، «تەزكىرەئىي خوجا ئىسھاق» قاتارلىق تارىخى ئەسەرلىرى 18-17-ئەسىرلەردە شىنجاڭدا بولۇپ ئۆتكەن زور سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەقەلەر ۋە تارىخى شەخسلەر توغرىسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىنىڭ «تەزكىرەئىي ئەزىزان» دېگەن كىتابلىرى بىلەن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ كەم يېرىنى تولۇقلايدۇ.
ئاپتۇرنىڭ «مەجمۇئەتۇل-ئەھكام» ناملىق ئەسىرى ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، فىزىئولوگىيە ۋە ئەخلاق قاتارلىق پەنلەرنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى مۇشۇ ساھەگە ئائىت ئىلىملەرنى توپلىغان مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن. ئاپتۇر بۇ ئەسەرنىڭ بېشىدىلا مۇنداق يازغان: « بۇ پېقىر خاكسار، پەرىشان رۇزىگەر مۇھەممەت ئەۋەز ئىبنى مەۋلانە سەدىرىدىن قاراقاشى ….. بىر كەلىمە ھۇكەما ئەھۋالىدىن ۋە تارىخ، ھېساب، جەمەل، توققۇز ئەفلاك، يەتتە ئېقلىم، ئاجايىبات ۋە غارايىباتى ئالەم، شەھەرلەر، قەلئەلەر، ئىلمىي ھەندەسە ۋە نۇجۇم، ئىلمىي ھەيئەت مۇقەددىماتى ئىلمىي ھېساب، پاراسەت ۋە ھۈكۈمدىن جەمئىي قىلىندى ۋە ‹مەجمۇئەتۇل-ئەھكام› دەپ ئات قويۇلدى» دەپ يازغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدىن ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاتاقلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى پىششىق ئۈگۈنۈپ تەتقىق قىلغانلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاپتۇرنىڭ بۇ ئەسىرى شۇ زامان ئۇيغۇر تەبىئىي پەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنجى قول ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.
ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى ئەينى ۋاقىتتىكى قاراقاش ھاكىمى مىرزا شاھباز بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىپ چىققان ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان. بۇ ئەسەر ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا ساقلانماقتا. قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق بۇ ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلىغان.
موللا مۇھەممەت تۆمۈر قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ «كەلىلە دەمىنە» ناملىق تەرجىمە ئەسىرى
موللا مۇھەممەت تۆمۈر قەشقەرى 18-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق تەرجىمان ۋە ئەدىبلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ ئەرەب، پارس تىللىرنى ناھايىتى ياخشى ئىگىلىگەن تەرجىمە ئۇستازى، مەشھۇر خەتتات ۋە ئۆز دەۋرىنىڭ مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولۇپ تونۇلغان.
ئۇ ھىندى پەيلاسوپى بىد باي بىرەھىمنىڭ «كەلىلە دەمىنە» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا بۇ ئەسەرنىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى بەھىرلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارزۇسى تۇغۇلغان ۋە بۇ ئىشقا ھىجىرىيەنىڭ 1131-يىلى تۇتۇش قىلىپ پارسچە تەرجىمە نۇسخسىدىن تەرقىمە قىلىشقا باشلىغان.
بۇ پەلسەپىۋىي – پىكىر مۇلاھىزىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈگۈچى مەسەل خارەكتىرلىك ھىكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتۇر ئۇنىڭدا تۈرلۈك جانۋارلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ھاياتى، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ۋە زىدىيەتلىرىنى بايان قىلىش شەكلى بىلەن كىشىلىك جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي جەريانى، پادىشاھلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈرلۈك گورۇھ ۋە تەبىقىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ۋە ھىلىگەرلىك، ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
موللا مۇھەممەت تۆمۈر قەشقەرىنىڭ بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشغا شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ھۆكۈمدارى مۇھەممەت ئىمام بەگ سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئاپتۇر ئۆز تەرجىمىسىنى «ئاسار ئىمامىيە» دەپ ئاتىغان. ئەسەرنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسى تەرجىماننىڭ ئۆز قەلىمى ئارقىلىق يازغان نۇسخىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تەرجىماننىڭ يۈكسەك قەلەم ماھارىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
موللا مۇھەممەت تۆمۈر قەشقەرى بۇ ئەسەردىن باشقا يەنە پارس يازغۇچىسى ھۈسيىن كاشىفىنىڭ «ئەخلاقۇل مۇھىسىنىن» ناملىق ئەسەرنى پارسىچىدىن تەرجىمە قىلغان.
موللا سىدىق يەركەندى ۋە ئۇنىڭ «نەسىرىي مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىنگە» ناملىق ئەسىرى
موللا سىدىق يەركەندى 19-18-ئەسىرلەردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى ۋە يازغۇچىسىدۇر. ئۇ «نەسىرىي مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىنگە» ناملىق ئەسىرىبىلەن مەشھۇردۇر. يازغۇچى بۇ ئەسەرنى 1808-يىلى يەكەندە يازغان بولۇپ، نەۋائىينىڭ «خەمىسە» ناملىق شېئىرىي داستانىنى نەسىرىي شەكىلدە رومان قىلىپ تۈزۈپ چىققان. ئاپتۇرغا بۇ ئىشنى ئەينى ۋاقىتىكى يەكەن ھاكىمى مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىن بەگ تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپتۇر بۇ ئەسەرگە «نەسىرىي مىرزا مۇھەممەت ھۈسەيىنگە» دەپ نام بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىنغان. ئۇنىڭغا «خەمىسە» نىڭ «ھەيرەتۇل ئەبرار»، «لەيلى-مەجنۇن»، «سەددىي ئىسكەندەر» قاتارلىق داستانلار كىرگۈزۈلگەن.
مۇھەممەت سادىق قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ «تەزكىرەئىي ئەزىزان» ناملىق ئەسىرى ۋە «تارىخ تەبەرى» ناملىق تەرجىمە ئەسىرى
مۇھەممەت سادىق قەشقەرى 19-18-ئەسىرلەر ئارىلىقدا ياشىغان ئاتاقلىق تارىخشۇناس ، ئالىم ۋە يازغۇچى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار يوق. پەقەت ئۇنىڭ «تەزكىرىئىي ئەزىزان»(ئۇلۇغلار تەزكىرىسى)، «زۇبدەتۇل مەسائىل»(دىنىي مەسىلىلەر جەۋھىرى)،«تەزكىرەئىي ئەسھابۇل كەھىب» ناملىق ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنى ۋە ئۆز دەۋرىدە بەك شۆھرەت تاپقانلىقىدىن خەۋەردار بولالايمىز.
ئۇنىڭ «تەزكىرىئىي ئەزىزان»(ئۇلۇغلار تەزكىرىسى) ناملىق ئەسىرى 1771-يىلى يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنى يېزىشقا ئەينى دەۋردىكى قەشقەر ھاكىمى مىرزا ئوسمان بەگنىڭ ئانىسى رىھىمخان ئاغچا دەۋەت قىلغان ۋە يېزىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىنغان.
1840-يىلى ئۇ يەنە «زۇبدەتۇل مەسائىل»(دىنىي مەسىلىلەر جەۋھىرى) ناملىق ئەسىرىنى يازغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە 1846-يىلى ئەرەب تارىخشۇناسى تەبەرىنىڭ «تارىخ تەبەرى» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلغان ۋە بىر قانچە باپلارنى قوشۇپ » تارىخى ئىسكەندىرىيە ۋە تاجىنامە شاھى» ناملىق ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە يېزىشقا قەشقەر ھاكىملىرىدىن ئېسكەندەر بەگ تەشەببۇس قىلغانلىقتىن ئەسەر ئۇنىڭ نامىغا بىغىشلانغان ۋە ئۇنىڭغا سوۋغا سۈپىتىدە بىرىلگەن.
ئابدۇرېھىم نىزارى ۋە ئۇنىڭ «مۇھەببەت داستانلىرى» ناملىق ئەسىرى
ئابدۇرېھىم نىزارى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى ۋە ئاتاقلىق رىئالىزىمچى شائىرى. ئۇ 1770-يىلى قەشقەر بۇلاقبېشى مەھەلىسىدە كىچىك قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر مەدرىسلىرىدە ئوقۇپ ئەرەب، پار تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ۋە ئەرەب، پارس ئەدەبىياتى پىشىۋالىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشقا باشلىغان.
ئۇ ئۆمرىنىڭ 60 نەچچە يىلىنى ئوقۇش، ئوقۇتۇش، كاتىپلىق ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن. زوھۇردىن ھېكىمبەگ 1830-يىلى ئۇنى ئوردىسىغا ئېلىپ كاتىپلىق خىزمىتىگە تەيىنلىگەن. بۇ خىزمەتنى ئۇ 10 نەچچە يىل قىلغان. ئۇ 1837-يىلىدىن كېيىن «مۇھەببەت داستانلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشىپ 1838-يىلى تاماملىغان. ئەسەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، «رابىئە-سەئىدىن»،«ۋامۇق-ئوزرا»،«مەھزۇن-گۈلنىسا»،«پەرھات-شىرىن»،«لەۇلى-مەجنۇن» قاتارلىق داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شائىر بۇ ئەسىرىنى تۇرپان ۋالىيىسى پىردۇننىڭ تەكلىپى بىلەن قەشقەردىن تۇرپانغا بېرىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇنى زوھۇردىن ھېكىمبەگ تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى نەۋائىيىنىڭ «خەمىسى» سىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەڭ چوڭ شېئىرىي داستاندۇر.
ئابدۇرېھىم نىزارى بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1839-يىللىرى زوھۇردىن ھېكىمبەگنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن «دۇررۇل نىجاد»(نىجادلىق ئۈنچىلىرى) ناملىق ئەسەرنى يازغان. ئەسەر سۇئال –جاۋاب شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، سۇئال مۇدىر خۇدبىن ناملىق سەلىبىي ئوبرازنىڭ ئېغىزىدىن بېرىلىپ جاۋاب مۇقبىل رۇشەندىل ناملىق ئىجابىي پىرسۇناژ ئېغىزىدىن ئېلىنغان. ئەسەر تۈۈزۈلۈشى نەسىرىي-نەزىم شەكلىدە بولۇپ، ئومۇمىي كىتاب 88 سۇئالغا . 92 جاۋاب بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
تۇردى نازىم غېرىبى ۋە «كىتاب غېرىب» ناملىق ئەسىرى
تۇردى نازىم غېرىبى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 19-ئەسىردىكى مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1802-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ ئابدۇرېھىم نىزارى بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن. نىزارى ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقى ۋە ئىقتىدارىنى بايقاپ، ئۇنى خەتتاتلىق ئىشلىرىغا سالغان ۋە كېيىنرەك ئۇنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ كاتىپلىقىغا قويغان.
ئۇ 1837-يىلى ھۇردىن ھېكىمبەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «كىتاب غېرىب» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان. بۇ ئەسەر 2150 مىسرادى بېيىتتىن تۈزۈلگەن شېئىرىي ماقالە بولۇپ، 36 ماۋزۇ، 58 سۇئال-جاۋاب بىلەن تۈزۈلگەن.
موللا نىياز خوتەنى ۋە ئۇنىڭ «قىسەسۇل غەرايىپ» ناملىق ئەسىرى
موللا نىياز خوتەنى- ئۇ 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1777-يىلى تۇغۇلغان ۋە 20 نەچچە يىشىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجاىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە فىئودالىزىمغا قارشى روھ جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇ ئۆمرىدە كۆپلىگەن نەزمە، تارىخ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ،دەۋرىمىزگىچە يېتپ كەلگەن 2080 مىسرالىق تارىخى داستانى «تەزكىرەئى ئىمام زەبىبۇللا»، «ئەرزنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن باشقا «قىسەسۇل غەرايىپ» ناملىق ئەسىرى بار.
شائىرنىڭ «قىسەسۇل غەرايىپ» ناملىق ئەسىرى خوتەن خانى ئابدۇلئەزىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ بىرىنجى قېسىمىدا، نوھ ئەلەيھىسالامدىن باشلاپ چىڭگىزخانغىچە، ئىككىنجى قىسىمىدا، چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى نەسەبى، تۇغۇلۇشى ۋە جەڭ قىرغىنچىلىقى، ئۈچىنجى قىسىمىدا، ھومايۇن پادىشاھنىڭ نەسەبى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر، قىسسەلەر ۋە رىۋايەتلەر بايان قىلىنىغان. بۇ كىتابنىڭ ئەسلى قوليازمىسى گۈيجۇ ئۆلكىلىك كۈتۈپخانىدا ساقلانغان بولۇپ، بەزى جايلىرى ئۆچۈپ كەتكەچكە ئوقۇش بىر قەدەر قىيىن. 1994-يىلى بۇ ئەسەرنى ئاپتۇنۇم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى نەشىرگە تەييارلاپ ئىچكى قېسىمدا تارقاتقان.
مۆجىزى ۋە ئۇنىڭ «تەۋەرراخى مۇسقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) ناملىق مۇزىكىغا ئائىت ئەسىرى
مۆجىزى خوتەندە ئۆتكەن شائىر ۋە مۇزىكانت بولۇپ، تۇغۇلغان يىلى ئېنىق ئەمەس. ئۇ 1855-1854-يىللىرى «مۇزىكانتلار تارىخى» ناملىق ئەسەرنى يازغان.
ئۇ فېئودال دىنىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن تارىخىتا كۆمۈلۈپ قالغان مۇزىكا ئالىمى ۋە شائىر ئاماننىساخان نەفىسىنى تارىخىتىكى 17 نەپەر مۇزىكا پېرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ زور ھۆرمەت بىلەن خەلققە تونۇشتۇرغان ۋە قىدىرخان ياركەندىنىڭ نادىر مۇزىكا ئالىمى، تەڭداشسىز ناخشىچى ۋە ئۇستا شائىر ئىكەنلىكىنى،راۋاب بىلەن ئەشئارنى كەشپ قىلغانلىقىنى، «ۋىسال» ناملىق بىر مۇقامنى ئىجاد قىلغانلىقىنى، مۇزىكا ئىلىمىي توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغانلىقىنى، «دىۋان قىدرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بارلىقىنى، يەكەن خانلىقىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر پادىشاھى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ كىچە-كۈندۈز ئايرىلمايدىغان ئەڭ يېقىن كىشىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىران، ئىراق، تەبرىز،خارازىم، بەلخ، شىراز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شاگىرتلىرىى بولۇپ ئۇلارغا مۇزىكا دەرسى ئۆتكەنلىكىنى يازغان»(22). بۇ ئەسەر بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىدا يېزىلغان تۇنجى ئىلمىي ئەسەر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىز ئەينى دەۋر ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مۇزىكىسىنى تەتقىق بىرىنجى قول ماتېرىياللارغا ئىگە بولالايمىز.
بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن ھاكىمى ئەلشىر بەگنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يېزىلغان ۋە يېزىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىنغان.
ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ۋە ئۇنىڭ «ئىلى تارىخى» ناملىق ئەسىرى
ئىمىنجان باھاۋۇدۇن-ئىلىدىكى پەننى مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى، ئىجتىھادلىق تارىخچى ۋە ئۇيغۇر فولكلور بايلىقىنى رەتلەپ، قازغۇچى بولۇپ، 1897-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ سۇ دەرۋازا مەھەلىسىدە تۇغۇلغان. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، 1903-يىلىدىن 1908-يىلىغىچە غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى تائالىيە مەكتەپتە ئۆز زامانىسىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق ئۆلىماسى ئابدۇ مۇتائالى خەلپەمنىڭ قولىدا، ئاندىن «خانىقا مەكتەپ» تە ئوقۇغان. 1916-يىلى ئۇ جەمئىيەتتىكى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئۆزىنىڭ خىراجىتى بىلەن خۇنخاي مازارغا تۇنجى قېتىم «ئاقارتىش مەكتىپى» نى ئېچىپ ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
ئۇ مائارىپ ئىشلىرى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي يەنە ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى تارىخ تەتقىقاتىغىمۇ بىغىشلاپ ئىلى تارىخى ۋە باشقا تارىخى تېمىلار بويىچە ئىزدەنگەن ۋە «ئىلى تارىخى»، «موختەرەمە تارىخى»،«ئىسلام خەلىپىلىرى ۋە سۇلتانلىرى تارىخى»،«مۇسۇلمان ئۆلىمالار تارىخى»، «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللەر توپلىمى؛ قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
ئۇ «ئىلى تارىخى» ناملىق ئەسىرنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمغا ئۆز قولى تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئارمان قىلغان. ئەپسۇس ئۇ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمايلا 1948-يىلى 2-مارتتا 51 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا بۇ ئەسىرىنى ئوغلى ئابدۇرىشىت ئىمىنغا تاپشۇرۇپ بۇنى ئەخمەتجان قاسىمىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان. ئابدۇرىشىت ئىمىن بۇ كىتابنى ئەخمەتجان قاسىمىغا تەقدىم قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان خېتىدە : «ئۆلكىلىك ھككۈمەتنىڭ رەئىسى، شىنقاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتىپاقىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى جانابلىرىغا ھۆرمەت بىلەن بۇ ئېلتىماسنى يېزىشىمدىكى مەقسەت بۇ ئەسەر ـ «ئىلى تارىخى» نى ئاتىمىز ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ئوغلى تەرىپىدىن 1948-يىلى 28-يانۋاردا يېزىلىپ پۈتكەن ئىدى. ئاتام ئەسەرنىۇ ئاخىرقى نۇسىخسىنى ماڭا كۆچۈرۈپ، رەتلەپ چىقىشنى تاپشۇرغان ئىدى. مەن كۆچۈرۈش ھازىرلىقىدا تۇرغان ۋاقتىمدا ئاتام كۆز يۇمدى. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا « مەن بۇ تارىخنى يېزىشنى مۇشۇ يەردە توختاتتىم، بۇ كىتابنى رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى جانابلىرىغا ئۆز قولۇم بىلەن تەقدىم ئەتمەكچى ئىدىم، ئۇ كىشى سەرپ قىلغان 22 يىللىق ئۆمرۈمنى زايا قىلماس دەپ ئىشىنەتتىم، بىراق مەن بۇ ئارزۇيۇمغا يىتەلمىدىم. ئەمدى مېنىڭ ئورنۇمدا سەن تەقدىم قىلارسەن دەپ ۋەزىيەت قالدۇرغان ئىدى، ھازىمىز، قازىمىز بىر تەرەپ بولغاندىن كېيىن كۆچۈرۈپ، رەتلەپ 1949-يىلى 1-يانۋارغا ئۈلگۈرتتۈم، مۇشۇ يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ كىتابنى ۋەسىيەت بويىچە سىز رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى جانابلىرىغا تەقدىم قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەلۋەتتە، جانابلىرىنىڭ بۇ كىتابنى ئاتام مەرھۇم ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندەك قوبۇل قىلىشلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.
ئىھتىرام ئىلە ۋەسىيەت بويىچە تەقدىم قىلغۇچى:
ئابدۇرىشىت ئىمىن تارىخ
1949-يىلى 1-يانۋار» دەپ يازغان.)
«ئىلى تارىخى» ناملىق بۇ ئەسەر ئاپتۇرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخ تەتقىقاتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇ 18-19-ئەسىر شىنجاڭ تارىخى جۈملىدىن ئىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە بولغان قىممەتلىك ئەسەردۇر. بۇنىڭ شاپىگىرافتا بېسىلغان نۇسخىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا ساقلانماقتا.
يېغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب مەدەنىيىتى تەرەققى قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر ئاپتۇرلار ئۆزى يازغان كىتابنى قىممەتلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە خەلقنىڭ قولىغا ساق-سالامەت يېتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن ئەۋلادلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شۇ ۋاقىتنىڭ پادىشاھلىرىغا، ھۆكۈمالىرىغا ۋە يۇرت چوڭلىرىغا سوۋغا قىلىش قىلىش بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە داۋاملاشقان. ئۇيغۇر ئاپتۇرلارنىڭ ئۆز ئەسىرىنى شۇ ۋاقتتىكى پادىشاھ، ھاكىم ۋە يۇرت چوڭلىرىغا سوۋغا قىلىشىنى بىر خىل مەمەدانلىق ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىپ بىرەر نەپكە ئېرىشىش يولىدا ئەمەس ، بەلكى ئىنسانى روھ ۋە خەلقچىللىق مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆز ئەسىرىنىڭ ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئەبەدىي ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىش، يوقۇلۇپ، يىرتىلىپ ياكى خەلقنىڭ قولىغا يېتىپ بارالماسلىقىدىن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت ئىلىم سۆيەر ۋە خەلچللىق روھىدىنىڭ نامايەندىسىدىن ئىبارەت. ئۇلار بۇ جەھەتتە ئۇلار ھىچقانداق شەخسي مەقسەت ۋە باشقا تەمەدە بولمىغان.
نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاپتۇرلار ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزىنىڭ كېندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى، ئانا يۇرتتىكى ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا –ئانىسى ياكى يۇرتتىكى ئەزىز خەلقىگە ۋە ياكى بىرەر خاتىرە كۈنلەرگە (دۆلىتىمىز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ مانچە يىللىقىغا بىغىشلاش شەكلىدە) بىغشلاش ۋە ئۇلارنى خاتىرلەش شەكلىدە ئۆز ئەسەرلىرىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئىزاھاتلار:
③① روس ئالىملىرى كوللىكتېپ تۈزگەن: «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قېسقىچە تارىخى» (ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمىسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىلى نەشرى، 25،36-بەتلەر.
② چېڭ سولۇ: « ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلى، 1989-يىللىق 2-سان، 101-بەت.
④ ئابدۇقىيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984-يىلى نەشرى، 23،1-بەتلەر.
⑤⑥ قۇربان ۋەلى : «تارىخى يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتى، 1986-يىلى نەشىرى، 11، 16-بەتلەر.
⑦⑧ مۇيىڭ : «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى قەغەزچىلىكى»، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1979-يىللىق 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانى (خەنزۇچە)
⑨ ياسىن ھوشۇر، شى جىنبو : «ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلى، 1998-يىللىق 1-سان، 184.بەت.
⑩ شىناسى تېكىن: ‹‹ قەدىمكى تۈركلەردە كىتاب، قەغەز ۋە تامغىلار››، تۈركىيە ئىستانبۇل نەشرىياتى، 1993-يىلى نەشرى، 13-بەت.(يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ۋە ئابدۇبەسىر شۈكۈرىلەر يازغان ‹‹مەدەنىيەت كارۋانلىرى›› ناملىق كىتابتىن (2005– يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان) ۋاستىلىك سېتات ئالدىم)
⑪ ئاننا مارىيا فون گابائىن: قارا قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى»، «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1980-يىللىق 3-سان، 58-بەت.
⑫⑬⑭ مەھمۇت قەشقەرى: تۇركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىلى نەشرى، 3،34-بەتلەر.
⑮⑯⑰⑱ يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: «11-ئەسىر ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيەسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى، 10،18،85،337-بەتلەر.
⑲ ۋ.ۋ. بارتولد (روسىيە): «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەر تارىخىدىن ئون ئىككى لىكسىيە» (ئۇيغۇر سايرانى روسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان، ھەبىبۇللا خۇجا لەمجىنى نەشىرگە تەييارلىغان)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 208-بەت.
⑳ ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، ئابدۇرازاق توختى: «يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى، 121 ،125-بەتلەر.
(21) ئابدۇللا سۇلايمان : «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» (ئەدەبىيات-سەنئەتكە ئائىت قېسىمى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى، 165-بەت.
(22) موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى: «تەۋارىخى مۇسقىيۇن»(ئەنۋەر بايتۇر ۋە خەمىت تۆمۈرلەر نەشىرگە تەييارلىغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىلى نەشرى، 2.بەت.
پايدىلانمىلار :
1. مەھمۇت قەشقەرى: تۇركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىلى نەشرى.
2. ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، ئابدۇرازاق توختى: «يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى.
3. ھاجى ئەخمەت: «دېڭىز ئۈنچىلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1989-يىلى 12-ئاي 2-نەشرى،
4. يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: «11-ئەسىر ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيەسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى.
5. ئابدۇللا سۇلايمان: «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار»(ئەدەبىيات-سەنئەتكە ئائىت قېسىمى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى.
6. ئابدۇشۈكۈر ئىمىن باھاۋۇدۇن تارىخ: «مەرىپەتچىنىڭ ئەمگىكى خەلق مىراسىدۇر»، «مىراس» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 5-سانى.
بۇ ماقالە «مىراس» ژورنىلىنىڭ 2011 – يىللىق 3 – سانىغا بېسىلغان.