تۈركىيەدىكى يۈرەك
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
تۈركىيەگە تېنىم ئۇچۇپ كەلگەن بولسىمۇ يۈرىگىم قوشتەك يۇلقۇنمىدى، چۈنكى ئۇ يەنىلا كۆكرەكتە، قەپەزدە ئىدى. خامۇش، غەمكىن، بىپەرۋا، تەمكىن باقاتتىم ھەممە نەرسىگە. قەلبىمدە بىر ئېغىرلىق بار ئىدى، مۇئامىلەمدە بىر سۇسلۇق، يۇرۇش-تۇرۇشۇمدا بىر بوشاڭلىق…، پەقەت دوستلىرىمنىڭ مېنى ساق سالامەت كۆرگەندىكى ھاياجىنىغا ماسلىشىپ كۈلۈشنى مەشىق قىلماقتا ئىدىم. ئەمما يالغۇز قالغىنىمدا تۇيغۇلىرىمنى ئاجايىپ بىر ئىزتىراپ، چەكسىز غېرىپلىق باساتتى. فورمىلىق، قوراللىق كىشىلەرنى كۆرسەملا سوغۇق تەرلەپ كېتەتتىم. ماشىنىلاردا پولىس دېگەن خەتنى ئوقۇغان چېغىمدا ئاغزىمدىكى گەپ، مىڭەمدىكى ئوي، پۇت قولۇمدىكى ھەرىكەت توڭلاپ ئۇيۇپ قالاتتى. تۈركىيەدە مىھمانخانىنىڭ ياتىقىنى ھەتتا تازىلىقچىمۇ بىسوراق چەكمەيدىكەن، بۇنىڭدىن ئالەمچە مەمنۇن بولدۇم، چۈنكى تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلسە ياكى تونۇمايدىغان نومۇردىن تېلىفون كەلسە يۈرىكىم سېلىپ كېتەتتى. بۇرۇن مەسجىدكە كىرسەم كۆڭلۈم ئەمىن تاپىدىغان، مانا ئەمدى ساقچىلارنىڭ تاپانچىلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇيۇقسىز يېنىمدا نامازغا تۇرۇشلىرى بۇنىمۇ بەربات قىلدى. شۇ چاغلاردا تۈركىيەدە ۋەزىيە جىددى بولۇپ «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ تېرورلۇق ھوجۇملىرى ۋە كورد خائىنلىرىنىڭ تەھدىتى مەۋجۇد بولۇپ كوچىلاردا ساقچىلار كۆپلەپ قالغانىكەن. گەرچە ئۇلار ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، چاخچاقلىشىپ يۈرسىمۇ ماڭا بۇ خۇشخۇيلۇقنىڭ كەينىگە بىر زەھەرخەندىلىك يوشۇرۇنغاندەك تىكىلىشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم.
ھېيىت كۈنى ئەتىگەندە بىر دوستۇم بىلەن سۇلتان ئاھمەد جامەسىگە نامازغا باردۇق. نامازغا كىرگىچە مەيداندا سېرىق لىنتا ئىچىدىكى دائىرىدە قوراللىرىنى قارماللاپ ئىختىيارى تۇرۇشقان ساقچىلارنى كۆرۈپ كۆزلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشدىن ئەنسىرەپ غىمىسسىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆچىرىتىگە كىرىپ كەتتىم. ماڭا نۆۋەت كەلگەندە قارىسام كىشىلەر ساقچىلارنىڭ سېرىق سىزىقلىرىنى دەسسەپ ئۇلارنى قىستاپ بىر چەتكە چىقىرىپ قويۇپتۇ. مەنمۇ جامائەتنىڭ ئارىسىدا قىستىشىپ قوراللىقلارغا قورقۇپ تۇرساممۇ يېقىنلاشتىم. كىرىشتە مېنى تەكشۈرمەكچى بولغان ساقچى چىرايىمغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ «نەرەلىسىن؟» دەپ سورىدى. ئۇيغۇرلۇقۇمنى، ۋەتىنىمنى دەپ بەردىم. ساقچى يېنىك قۇچاقلاپ «سىزى سەۋىيورۇز، باشىمىز ئۈستۈندە يەرىنىز ۋار. تۈركىيەيە خوش گەلدىنىز، بۇيرۇن» دەپ تەكشۈرمەيلا كىرگۈزىۋەتتى. بايا قۇچاقلاشقاندا بەدەنلىرىمگە تەگكەن قورال ئۇنىڭ مەيدىسىدە پۇلاڭشىپ تۇراتتى. ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم بىر قوراللىق ساقچىنى قۇچاقلاپ بېقىشىم بولغاچقا، بۇ قەدەر مۇمكىنسىز بىر ئىشنىڭ بۇنچە تېز ۋە ئادەتتىكىچە ئاياقلاشقانلىقىغا ئىشىنەلمىگەندەك مەڭدەپ قالدىم. توۋا ئەسلى قوراللىقلارمۇ كۈلسە، ئادەم بىلەن قۇچاقلاشسا بولدىكەنغۇ؟ شۇندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ قوراللىرىغا قوللۇرۇم تېگىشىپ تۇرسىمۇ بىخارامان تۇرۇشقا كۆندۈم، قۇرقۇنچمۇ سەل پەل يوقىغان بولدى. ئەسلى قورقۇشۇم مۇدھىش يۇقۇملۇق كەيپىياتتىن ئەمەس، نەتىجە سۈپىتىدىكى ئۆلۈمدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆلتۈرەلمەيدىغان خورلۇق، نەتىجىسىز داۋام قىلىدىغان ھاقارەت ۋە تۈگىمەس ئاھانەتتىن ئىدى.
يەنە بىر كۈنى بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىش كۆرۈشمەسىگە بارىدىغان بولدۇق. ئۇچراشماقچى بولغان كوچىدا ساقلاپ تۇرسام بىر ساقچى ماشىنىسى كېلىپ توختىدى. باشقا ئىشىم بولمىغاچقا پاراڭلىشاي دەپ كۈلۈمسىرەپ ساقچىغا بېشىمنى لىڭىشىتتىم. ئۇ يەر بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ نېمە قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە سورالدى. بىر ئۇنۋېرىستىتتە ئىشقا كىرىش ئۈچۈن مۇلاقاتقا كەلگەنلىكىمنى ئېيىتقىنىمنى بىلەرمەن «ھەممىڭلار تۈركىيەگە كېلىپ ئىش ئىزدەيدىكەنسىلەر، تۈركىيەدە ۋەتەنداشلارنىڭ يۈزدە ئاتمىشى ئىشسىز، سەن كەلسەڭ بىز قېرىنداش دەپ، سۈرىيەلىك كەلسە بىز مۇساپىر دەپ قايسىڭلارنى بېقىپ بولىمىز بىز. بېشىمىزنى ئاغرىتماي كېتىڭلار دۆلىتىڭلەرگە، ياردەم كېرەك بولسا ئۆزىمىز ئەۋەتىپ بېرىمىز…» دەپ قايناپلا كەتتى. ئاڭلاپ قاراپ تۇرسام ھىچ گېپى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، مەنمۇ گېپىنى بۆلۈپلا « ماڭا قارا بەي ئەفەندى. مەن سېنىڭ دۆلىتىڭگە ياردەم ئالغىلى، تىلەنگىلى، پاناھلىق سورىغىلى كەلمىدىم. مەن بۇ يەرگە قانۇنلۇق ۋىزا ئېلىپ، يانچۇقۇمنى دوللارغا تولدۇرۇپ خەجلىگىلى كەلدىم. بۇ ئۇنۋېرىستىت ئادەم ئالىمىز، كېلىپ كۆرۈشسۇن دېگەچكە كەلدىم. تۈركىيەدە ئىشسىزلىق ئېغىرلىقىدىن خەۋىرىم بار، ئۇلار بىلىمسىز، تېخنىكىسىز بولغاچقا ئىشسىز، لېكىن ئۇلارنى تەربىيەلەيدىغانغا ئاشۇنداق ئۇنۋېرىستىت ۋە مەندەك ئوقۇتقۇچى بولمىسا بۇ ئىشسىزلىق بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ.» دېدىم قىزىشىپ. ساقچى بەلكىم مەندىن بۇ قەدەر كەسكىن بىر جاۋاپنى كۈتمىگەن بولسا كېرەك، مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى. شۇ ئارىدا پاراڭلىرىمىزنى ئاڭلىغان باشقا بىر كىچىكرەك ساقچى يېنىمىزغا كەلدى ۋە مېنى چەتكىرەك تارتىپ « بۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ئاكا، تۈرك ئەمەس ئۇ!» دېدى. ساقلاۋاتقان دوستۇممۇ كەلدى، دە ماشىنىدىن چۈشمەيلا سورىدى.
-ساقچىدىن تويمىغاندەك يەنە شۇلارنىڭ قېشىدا تۇرىسىزغۇ؟
-يېڭىسىنىڭ تەمى باشقىچىمىكىن دەپ تېتىپ باقاي دېدىم. زاكۇنلاشتىم، يەڭدىم تېخى.
– ماشا ئاللاھ، نەدە يوغىنىغان يۈرەك بۇ سىزدىكى، تۈركىيەگە كېلىپ بىر ئاي بولماي.
-تۈركىيەدە يوغىنىغان يۈرەك، تۈركىيەدە.
ھەر قېتىم شۇ ئىشلارنى ئويلىسام ھېلىقى ساقچى بالىنىڭ «تۈرك ئەمەس ئۇ!» ئېسىمگە كېلىدۇ. مەن بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىنى مىللىتىگە قاراپ باھا بېرىدىغان سەۋىيەدىكى ئادەم بولمىساممۇ ئۇنىڭ شۇنى دېگەن چاغدىكى ئەستايىدىلىقىدىن سۆيىنىمەن. ئۆز مىللىتىنى بۇ قەدەر سۆيگەن، مىللىتىنىڭ شەرىپىگە بۇ قەدەر مەسئۇلىيەتچان بولغان بىر كىشىدە ھاياتقا، دۇنياغا مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت ئۆكسۈك بولمايدۇ.