You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇرىمىز

ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇرىمىز

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ۋايساپ، قاقشاپ، قېيداپ يۈرۈپ مائارىپنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىگە شاھىد بولدۇق. ئۆزگەرگىنى مائارىپلا ئەمەس، شۇ مائارىپنىڭ مەھسۇلاتى بولۇۋاتقان بالىلىرىمىز. ئۆزگەرگىنى مائارىپلا ئەمەس، دىيارىمىزدىكى تەبىئىي ۋە ئىنسانىي موھىتمۇ تۈپتىن ئۆزگەردى. مائارىپ ۋە موھىتتىكى بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزىمىزدىكى ۋە بالىلىرىمىزدىكى ئىپادىسىنى ئويلىشىپ بېقىش كۈندىلىك موھىملىقلار قاتارىدىن ئەلۋەتتە. بۇ ئىككى ئۆزگىرىشنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىڭ تەپەككۇرىدىكى ئورتاق ئىپادىسى ئىككى قۇتۇپلىشىش. جەمئىيەتتە كىملىكتىن مەنبەلەنگەن جىددىيلىك ۋە بۇ جىددىيىلىككە قارشى ئېلىنىۋاتقان شىددەتلىك تەدبىر كىملىكلەرنى تېخىمۇ رۇشەنلەشتۈرمەكتە. مەھەللەلىرىمىزدە بالىلارنىڭ خەنسۇچە كالدىرلىشىپ ئويناشلىرى قۇلاقلارنى كۆندۈردى. يات تىلنىڭ خىجىلچىلىقىنى، جاپاسىنى تارتقان بەزىلىرىمىز بالىلىرىمىزنىڭ راۋان چىققان خەنسۇچە تىلىدىن سۆيۈنگەنمۇ بولدۇق. ھەتتا بەزىلىرىمىز شۇلاردىن ئۆگەندۇق تەلەپپۇزلۇق سۆزلەشنى. ئۆزگەرگىنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلىلا بولمىدى، ئۆيىمىزدىكى تېلۋىزور قاناللىرى، كىتاب ئىشكاپلىرى، كىيىم ئىشكاپلىرى،  ھەتتا بالىلىرىمىزنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرىغىچە خەنسۇچىغا ئالماشتى. بىزگە ئىنتايىن تايىنى يوق كۆرۈنىدىغان تېلۋېزورر پروگرامملىرىغا بالىلىرىمىز سائەتلەرچە مەستخۇش بولۇپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولدى. مۇقاۋىسىدىن جىن شاياتۇنلار ھەققىدىكى قۇرۇق گەپلەردەك تۇيۇلىدىغان كىتابلارنى بالىلىرىمىز يوتقانلىرىغا يوشۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئىچكىرىدىكى ناخشا چولپانلىرىنىڭ كىيىنىشى، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئارزۇ تەلەپلىرى بالىلىرىمىزنىڭ دوراش ئوبىكتىغا ئايلاندى. بۇ ئىشلار جۇغلاشقانچە بالىلار بىلەن گېپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن «ھازىرقى بالىلار ئۆزگىرىپ كەتتى، ھەممە قىلىقى غەلىتە، بارغانچە خەقكە ئوخشاپ بىزگە ئوخشىماي قېلىۋاتىدۇ»، دەپ يەكۈن چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىزنى خەق ئەمەس بىز قىلىۋاتقان ئامىللار ھەققىدە ئويلاندۇق.

ئېسىمىزگە ئالدى بىلەن دىن ئاندىن توي ۋە ئۆلۈم كەلدى. بالىلار بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇلارنىڭ قانداق ئەقىدىگە ئەخشىدىغانلىقى، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ۋە جامائەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ كىملەر بىلەن بولىدىغانلىقى دىققەت تارتتى. نەتىجىدە بەزىلىرىمىز بالىلىرىمىزنىڭ قارشى تۇرۇشلىرىغا قارىماي ئۇيغۇرچە قوشۇپ ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەرگە يۆتكىدۇق، بەزىلىرىمىز ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىللە ئوينىسىمۇ ھىساپ دەپ، ئۇيغۇرلار ئاچقان كۇرۇسلارغا يولغا سالدۇق، بەزىلىرىمىز مىسىر، ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە ئىبەرتتۇق، يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ قارىلارغا تۇتۇپ بەرگىمىز كەلدى.  ھەتتا بۇ سەۋەپتىن كۈدە كۆپىلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ چىگرا ئاتلىغانلارمۇ كۆپ بولدى. ئېغىزدىن چىقىرالمىغان بىر ئەنسىرەش بار ئىچىمىزدە، ئۇ بولسىمۇ «مەن خەقتەك بولۇپ قالماي، بالام خەقكە ئوخشىمىسۇن».

ئۇنداقتا بىز كىم؟ كىملىكىمىز ئېنىق، بىلمەيدىغانلار بولسا ئاتسۇن ئۆزىنى چاڭجىياڭغا، نىلغا، فراتقا. يورۇڭقاشقا ئوخشىمايدىغان چاجىياڭ، تارىمغا قوشۇلمايدىغان نىل، تەكلىماكانغا قۇيۇلمايدىغان فرات دەريالىرى سۆزلەپ بېرىدۇ بىزنىڭ كىم ئەمەسلىكىمىزنى. ئۇيغۇرلۇقىمىزغا سىرىتتىن باققىنىمىزدا زامان ئامىلى ۋە يۇقارقى ئۆزگىرىشلەر بىر قىسىملىرىمىزنى تەپەككۇردا شۇنداق بىر تەلەيگە ۋە تەلەيسىزلىككە گىرىپتار قىلىپتۇ. تەلەيگە دېگىنىم، تەپەككۇرىمىزدىكى بىز-خەق چىگرىسىنىڭ ئېنىقلىنىشى ئارقىلىق ئۇيغۇرنى ئاسمىلاتسىيەدىن ساقلايدىغان پاسىلغا ئېرىشىپتۇق. تەلەيسىزلىك دېگىنىم مەسىلىلەرنى دائىم ئىككى قارشى قۇتۇپقا ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىدىكەنمىز. ئويلىرىمىز كۆپىنچە مۇتلەق چىقىشالمايدىغان ئىككى قۇتۇپنى چۆرگىلەيدىكەن. كاللىمىزدا ھەممە يېڭى نەرسە ياكى ھادىسىگە «قوبۇل ياكى رەت» تىن ئىبارەت ئىككىلا جاۋاپ ئورناپ ئويلىنىش، مەسلەھەت، مۇزاكىرەگە ئورۇن قالمايدىكەن، . . جاھاندىكى ئىشلارغىمۇ «بىز ياكى خەق» نوقتىسىدىن باھا بېرىكەنمىز، دېمەك قەلبىمىزگە بىر دوست-دۈشمەن لاگىرى ھۆكۈمرانكەن . بىر ۋەقە چىقىدىكەندە ئېسىمىزگە «ئۇيغۇرمۇ-خەنسۇمۇ» دېگەن سۇئال كېلىدىكەن. بۇندىن باشقا بىر يەردە ئۇرۇش بولسا ئۆلگىنى مۇسۇلمانلارمۇ كۇپپارلارمۇ دەپ سورۇلىدىكەن. يېقىندا بۇ تېخمۇ كېڭىيىپ «سۈننەتمۇ-بىدئەتمۇ»، «ھىجرەتمۇ-ئەمەسمۇ»، «سۇننىيمۇ-شىئەمۇ» دېگەندەكلەرمۇ پەيدا بولدى. بۇنداق مۇنازىرىلەر بىر قىسىم ئەسلىدىنلا تەپەككۇرسىز تۇرسا بەكرەك ساۋاپقا يېقىن بولىدىغان كىشىلىرىمىزگە گۇناھقا پېتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپتۇ.

 بەزىلىرىمىزنىڭ مىڭىسى مۇشۇنداق قارىمۇ قارشى قۇتۇپلار بىلەن شۇ قەدەر تەلۋىلەشتىكى، ھىچ بىر لوگىكىغا چۈشمەيدىغان بىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ دېگەن مۇنازىرە قوزغالدى. ئىنتايىن ئاز ساندىكى مەن مۇسۇلمان ئەمەس ئۇيغۇر دېگەنلەرمۇ بولدىيۇ ھارامغا ئاغىز سۈرمىدى، مەن ئۇيغۇر ئەمەس مۇسۇلمان دېگۈچىلەرمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ ھارغاندا ئۇيغۇر ئانىسى ئەتكەن ئۇيغۇر لەغمىنىنى يەپ ئارام تاپتى. ۋاقتى كەلگەندە شۇنى دېيىش كېرەك. تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئومۇمى ئىسىم بولغان مۇسۇلمان دېگەن سۆز بىلەن خاس ئىسىم بولغان ئۇيغۇر سۆزىنى قارىمۇ قارشى قويۇپ مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئادەم ئومۇمى ئىسىم، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى ئەر، ئايال، بالا…دېگەنلەر خاس ئىسىملار ئىپادىلىگەن مەنىلەرنى قاپسايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇسۇلمان ئومۇمى ئىسىم ئۇيغۇر، ئەرەپ، پارىس دېگەنلەر خاس ئىسىم. خۇددى بىر ئادەمدىن سەن ئەرمۇ ياكى ئادەممۇ دەپ سوراش قانچىلىك ماڭقۇرتلۇق بولسا، بىر ئۇيغۇردىن سەن ئۇيغۇرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ دەپ سوراش شۇنداق ئاڭقاۋلىقتۇر. ئەمدى ئارىمىزدىن بۇنى تەكرارلاريدىغانلار چىقماس، چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئېيتقاندەك مۇسۇلمان بىر قېتىم تىقىلغان تۆشۈككە قايتا پۇتىنى تىقمايدۇ، يەنى بىر قېتىم ئالدانغان ئىشتا قايتا ئالدانمايدۇ.

كىشىلەر كىملىكلەر بويىچە ئېنىق قۇتۇپلارغا ئايرىلغان جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان، ھەممە نەرسىگە ئىككى قۇتۇپلۇق نەزەردىن قارايدىغان ئائىلىلەردە يېتىشىۋاتقان بالىلىرىمىزمۇ قۇتۇپلۇق تەپەككۇر قىلىدىغان بۇ تەلەي ۋە تەلەيسىزلىككە گىرىپتار. دېمەك بىز قۇتۇپلاشقان جەمئىيەتتىن يۇقتۇرىۋالغان تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدىن بالىلارمۇ نىسىۋىسىنى ئالدى. ئۇلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى يېنىمىزدىكى چاغدا ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ، يېىنىمىزدىن ئايرىلغاندا، بولۇپمۇ ئىچكىرىگە بارغانلاردا ئۇلارنىڭ كىملىكىگە بولغان ئىھتىياجى ۋە كىملىكىنى ئىپادىلەش ئارزۇسى ئەڭ گەۋدىلىنىدۇ. ھازىرقى بالىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى خەنسۇچە ياكى ئۇيغۇرچە دەرسلىكمۇ قوشۇپ ئۆتۈلىدىغان خەنسۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئەمما ئۆتۈلىدىغان ئۇيغۇرچە دەرسنىڭ سالمىقى تۆۋەن. ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات ئۆتۈلسىمۇ تەرجىمە قىلىنغىنى كۆپ، تارىخمىزغا تۇتىشىدىغان كىلاسسىك ئەدەبىيات قىسمى، رىياللىقىمىزنى تەھلىل قىلىدىغان ئۇيغۇرغا خاس قىسمى يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا مائارىپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۇيغۇرلۇق بوشلۇقىنى تولدۇرالمايدۇ، كىملىكىنى تولۇق مەزمۇنلاندۇرالمايدۇ . ئۇلار ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىنىپ قەلبىدە مۇجەسسەملەپ بولالمىغاچقا ئىچكىرىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكى يات موھىتتا دائىم سورىلىدۇ، ئەسكەرتىلىدۇ. ئۇلاردا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچە تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئەقىسىگە بولغان چۈشەنچە، ئۆز تارىخىغا بولغان ئىپتىخار، ئەدەبىياتىغا بولغان مۇھەببەت،  مەدەنىيىتىگە بولغان ئىشەنچ شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كىملىك كىرزىسىغا پاتىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يادىروسى ۋە خەلقئارالىق ئىلمىنتى بولغان ئىسلام ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىكى تاللىشىغا ئايلىنىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇرنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلۇق داۋاسىدىن ۋاز كېچىپ خەلقئارالىق مۇسۇلمانغا ئايلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، ئىسلام ھەر خىل كۈچ، ئېقىم ۋە گورۇھلار تەرىپىدىن ھەر خىل ئىزاھلىنىدۇ. ئۈمىدسىزلىك، ئىشسىزلىق، جىددىيلىك، تەشۋىش قاپلىغان موھىتتىن كەلگەنلەر ئۈچۈن قانچە قاتتىق، قانچە ئاشقۇن چۈشەندۈرىۋاتقان ئىسلام شۇنچە توغرىدەك، دىندىكى بىردىنبىر يولدەك بىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوقۇشلىرىنى تاشلاپ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى ئەللەرگە ئاتلىنىدۇ. ئافغانىستانغا كەلگەن ۋە سۈرىيەگە كېلىۋاتقانلار ئىچىدە ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى مۇشۇ سەۋەپتىن. خەنسۇچە ئوقۇغانلار ئىچىدە خىرىستىيانلىقىنى تاللىغانلارنىڭ مەلۇم مۇددەت ئۇيغۇرچە ئوقۇغانلاردىن كۆپرەك بولۇشىمۇ يۇقارقى كىملىك كىرزىسى ۋە ئىھتىياجىدىن بولغان. ئۇيغۇر بولاي دېسە قەلبىدە ئۇيغۇرلۇق ئامىللىرى يېتەرلىك ئەمەس. خەنسۇ بولاي دېسە بولالمايدۇ ۋە بولغۇسى كەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلۇق-خەنسۇلۇق قۇتۇبىغا تەۋە بولمىغان ئۈچىنجى قۇتۇپ خىرىستىيانلىقنى تاللايدۇ.

 مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمىشە ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇردا ياشىماسلىقىنى،  بۇنداق خاراپلىق پاتقىقىغا يەنە پاتقۇزۇلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىم «مەن شىئەمۇ ئەمەس، سۇننىيمۇ ئەمەس، پەقەتلا مۇسۇلمان» دېگىنى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇرنىڭ دامىغا چۈشمىگەن ساغلام ئىددىيىسىنى ئەكىس ئەتكۈزدى. ئىنساننى دائىم ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلاش فاشىستلىق، زالىملىقتۇر. چۈنكى بىزنىڭ ئۇمۇ بولماي، بۇمۇ بولماي ئۈچىنجى بىرى بولۇش ئەركىنلىكىمىزمۇ بولۇشى كېرەك. ھەمدە بىزنىڭ ئۇمۇ ۋە بۇمۇ بولۇشتىن ئىبارەت ئىككىسىنى تەڭلا تاللاش ھوقۇقىمىزمۇ كاپالەتلىك بولۇشى كېرەك. بىزمۇ ئاڭلىق ھالدا «سەن سوپى مەن ۋاھابى، سەن ھىجرەتچى مەن سۈكۈناتچى، سەن سۈننەتچى مەن بىدئەتچى، سەن تاغچى مەن باغچى، سەن زىيالى مەن موللا» دېگەندەك سۈنئىي قارشىلاشتۇرۇلغان  ئۇقۇملاردىن قۇتۇلۇپ «مەن ھەم ۋاھابى ھەم سوپى دېيەلىشىمىز ياكى مەن ھىچ قايسىسى ئەمەس، پەقەت ئەلھەمدۇلىللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمان» دېيەلىشىمىز كېرەك. مەن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئىككى قۇتۇپلۇق رىياللىق ۋە شۇ سەۋەپتىن شەكىللەنگەن بۇخىل كېسەل تەپەككۇردىن ئازاپلىنىمەن. بۇ مىللەتنى ئۇيغۇر ياكى پۇستانى بولۇشنى تاللاشقا زورلىغانلار ئاڭقاۋ نائەھلىلەردۇر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top