You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ۋاقتى ئۆتكەن ئىللەتچىلىك

ۋاقتى ئۆتكەن ئىللەتچىلىك

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردا 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە باشلانغان، تەسىرى چوڭقۇر ۋە كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئەدەبىيات. ئۇنىڭغا تەۋە ئەسەرلەرنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئومۇمى ئالاھىدىكى ژانىرسىزلىق. بۇنداق ئەسەرلەر مەتبۇئاتلاردا بوبلىستىك ماقالىلەر دېيىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ روسچە سۆزنىڭ ئاممىۋىي يازما، سىياسى ئوبزۇر دېگەن مەنىلىرى باركەن. ئىللەتچى ئەسەرلەرنى ئەگەر ژانىرغا ئايرىشقا توغرا كەلسە ئەدەبىي خاتىرە ياكى ئىپىك نەسىرگە تەۋەلىرى كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن. ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نى بايراق قىلىپ يۈكسەلگەن بولۇپ يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق گۈللىنىش تارىخىغا، ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندە ئوتتۇز مىڭغا يېقىن ئوقۇرمەنگە ئىگە. (بۇ سان شۇ يىللاردىكى مەزكۇر ژورنالنىڭ تىراژى) بۇ ئەدەبىيات ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن چاۋاكلانغان بولۇپ، ئەسەرلەر مەتبۇئات ۋە ئۈن-سىندە كەڭرى تارقىتىلغان. ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئېيتىشىچە «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» تىن قالسا ئەڭ كۆپ تارقالغان ئەسەر ھىساپلىنىدىكەن. ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى كىنوچىلىق ۋە ناخشا ساھەسىگە قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ ئۆمەرجان ئالىم، ئابدۇللاھ ئابدۇرەھىمنىڭ بۇ ھەقتە ناخشىلىرى بار.

ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ زىيارەت خاتىرىسى، ساياھەتنامە ۋە ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە يېزىلغانلىرىدا مەزمۇنەن دائىم بىر خىل قېلىپ بار. يەنى، ئاپتۇر زىيارەت قىلغان يەرگە ئۇيغۇرلار بارغان، ياكى تۇرۇپ قالغان بولىدۇ. دەسلەپتە شانلىق تارىخى ياكى كۈنىمىزدىكى ناتىۋانلىقى ۋە ياكى مىھمانلىقى سەۋەبلىك قالتىس ھۆرمەتلىنىدۇ. ئاندىن مەينەتلىكى سەۋەبلىك ياتاق ئالالمايدۇ، ياكى ئۆي ئىجارە ئالالمايدۇ، تەرتىپسىزلىكى سەۋەبلىك باشقىلارنى بىئارام قىلىدۇ، ھورۇنلۇقى سەۋەبلىك نامراتلىشىدۇ، ئىشتىن قالىدۇ، تۈرلۈك قالاقلىقىلىرى سەۋەبلىك ھوقۇقسىز قالىدۇ. بۇ قېلىپ ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» دىن باشلانغان بولۇپ تاكى مەن يېقىندا كۆرگەن «تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى باقامدۇ» دېگەن يازمىغىچە ئوخشاش ئىزچىللاشقان. بۇ يەردە پەقەت ھىكايىچى ۋە ھىكايە توقۇلغان جاي ۋە مەزمۇن پەرقلىق بولغان بىلەن يەتكۈزۈلمەكچى بولغىنى ئوخشاشلا «بىز ئەسلى شانلىق تارىخنىڭ ۋارىسلىرى ئىدۇق، ھازىر خەتەرلىك ئىللەتلەرگە چۆكۈپ قالدۇق. بېشىمىزغا كېلىۋاتقان پىشكەللىكلەرنىڭ سەۋەبچىسى پەقەتلا ئىللەتلىرىمىزدۇر» دېگەندىن ئىبارەت. ئىللەتىچىلىك ئەدەبىياتىدىكى يازغۇچىلاردا ئۆزىنى ئاۋامدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويۇپ ھۆكۈم قىلىش ئېغىر، ھۆكۈملىرىدە ھىسسىيلىق قويۇق، ئىزچىللىق ئاز، ئىلمىيلىك تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەسىلەن ت. ئېلىيۇپنىڭ

 شاكىلى مېغىزى بار ھەر نەرسىنىڭ،

ئەي ئەقىل شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ.

دەپ يازغىنىغا قاراپ «مىللەتنىڭمۇ شاكىلى بار» دېگىلى بولمايدۇ.  يەنە مەسىلەن، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئەدەبىيات مىللەتنى پاكىزلەيدىغان سوپۇن»، ئادىل تۇنىيازنىڭ «خەلقىمىزدىكى ئاڭنىڭ يېرىم دىنى ئاڭ، يېرىمى جىنسىي ئاڭ» دېگەنلىرىنى پاكىتقا ئاساسەن چىقىرىلغان، ئەقلى مۇلاھىزىدىن ئۆتكەن دېيەلمەيمىز. يازغۇچىلاردىكى بۇنداق  قېلىپ، پوزىتسىيە ۋە ھۆكۈملەرمۇستەملىكە خەلقلەر ئەدەبىياتىدا دائىم كۆرۈلىدىكەن.

بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۆزىنى، جەمئىيەتنى، تەبىئەتنى، ئىلاھىيەتنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشتە نۇرغۇن ئىلىملەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بولغان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئەڭ كۆپ زەرەتلەپ كېلىۋاتقىنى پەقەتلا تەبلىغ ۋە ئەدەبىياتتۇر. بولۇپمۇ يېقىنقى ئوتتۇز يىلدا مەتبۇئاتلارنىڭ ئەڭ خېرىدارلىق سەھىپىسىنى تەشكىل قىلغان ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئەجەللىك تەسىر كۆرسەتتى. مىللەتنىڭ خاسلىقىنى، ئادەتلىرىنى ئىنكار قىلىش، بارلىق ئوڭۇشسىزلىقلارنى مىللەتتىكى «ئىللەتلەر» دىن كۆرۈش، مىللەتنى قارا قويۇق ئەيىپلەشلەر كۆندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى، مەسىلەن، ھازىر مەيلى سارتىراچ ياكى باققال بولسۇن  ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇشقىنىغا يولۇققان ھامان دەرھال «زادى بىز خەق پېتىشمايمىز» دەپ ئۈلگۈرىدۇ. بىرەرسى بىر ئىشنى بىجىرەلمىسە بىجىرىپ بەرمىگۈچىنىڭ مىللىتىنى بىلىۋېلىپلا «بىز خەق بىر بىرىمىزگە كۆيۈنمەيمىز» دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بىر قاتناش ھادىسىنى كۆرگەن يولۇچى شوپۇرنىڭ مىللىتىنى سوراپلا «زادى بىز خەق قائىدىگە ئەمەل قىلمايمىز» دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ. كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلار دوختۇرخانىغا بېرىپ مىللەتنىڭ ساغلاملىق ئېڭىدىن قاقشىسا، دىسكوخانىغا كىرىپ ياشلارنىڭ ئويۇنپەزلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ، بىرى چەتئەلدىن كېلىپ ئۆرپ-ئادىتىمىزنى سۆكسە، يەنە بىرى ئىچكىرىدىن كېلىپ يۈرۈش تۇرىشىمىزنى تەنقىد قىلىدۇ. تەرىقەتچىلىرى «مىللەت بىزنى ئىنكار قىلغاچقا خاراپ بولغان» دېسە، تەقۋادارلىرى نامازنى تەك ئەتكەچكە مۇشۇ كۈنگە قالغان دېيىشىدۇ. ھىجرەتچىلىرى ئۇيغۇرنى مۇسۇلمان بولالمايۋاتىدۇ دەپ ساراسىمىگە چۈشسە، ئاللىكىملەر مۇسۇلمانلىشىپ كەتتى دەپ جىددىيلىشىدۇ. ئازراق تارىخ بىلىدىغانلىرى «ئىللەت» لىرىمىزنىڭ تارىخقا چاتسا، ئانچە مۇنچە دىندىن خەۋەردارلىرى ئادەتلىرىمىزنى بىدئەتكە بۇرايدۇ. ئىچىنارلىق يېرى ئۇيغۇرلار تەنقىدلىنىۋاتقان مۇشۇنداق سورۇنلاردا ئۆزىنى ئۇيغۇر بىلىدىغانلار خۇددى ھەقىقەت يەتكۈزىلىۋاتقاندەك  قول باغلاپ تۇرىدۇ ياكى كۆپىنچە دوست تارتىشىدۇ. دېمەك، ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى ھەم كىشىلەرنى مىللەتنىڭ ئىللەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى، ھەمدە بەزى لاياقەتىسز كىشىلەرنىڭ قولىغا ئوپىراتسىيە پىچىقىنى تۇتقۇزدى. نەتىجىدە ئۇلار«كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە»، «ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەس» دەپ شۇئار توۋلىشىپ ھەممە يەردە «ئىللەت» ئوپىراتسىيەسىگە تۇتۇش قىلىشتى.

ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى رىقابەتتە پايدىسىز ئورۇنغا مەھكۇم خەلقىمىزنى مىللىي ئىستىقبالدىن گۇمانلاندۇردى ۋە ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۈمىدسىزلىك ۋەتەندىكى ۋە مۇساپىرەتتىكى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنى ھالاكەتكە غەرق قىلدى. مەسىلەن، مۇشۇ كۈنگىچە ئامېرىكىدا ئۆلىۋالغان ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىكى مىللەتتىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۇيغۇرلارغا ئارىلاشماسلىق. ۋاھالەنكى، ئاشۇ ئۇيغۇردىن بىزار بولغانلارنى يەنە شۇ «ئىللەتلىك» ئۇيغۇر قائىسىدىنى قىلىپ يەرلىككە قويدى. ماڭا ئەڭ ئىچىنارلىق تۇيۇلغىنى بۇ مۇسۇبەتتىن خەۋەردار بەزىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇردىن قاچقىنىنى مىللەتتىكى «ئىللەت»كە دۆڭگەپ ئاقلاشلىرى بولغان ئىدى. ئۈمىدسىزلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇردىن يىراقلىشىپ ياتلارغا يېلىنىشلىرىغا، ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە تىلىنىشلىرىگە، تىلىدىن، دىنىدىن ۋاز كېچىپ خەقنىڭ باغرىغا سىغىنىشلىرىغا سەۋەپ بولماقتا. بەزىلەر گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن باردى كەلدى قىلىپ ياشاۋاتقاندەك قىلغان بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە ئۆگەتمەي، ئۇيغۇرغا يېقىنلاشتۇرماي، قائىدە يوسۇنلاردىن ئايرىپ تەربىيەلەشلىرى ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان مىللەتتىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. ھازىر بىر قىسىم ئۆلىمالار ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنى ئىللەتلىك ئاتا ئانىلىرىدىن ئايرىپ چەتئەللەردە تەربىيەلەش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرلىرى ھەتتا ئىللىتى يۇقۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئىشلىتىشنىمۇ خالىمايدىكەن. بۇنداق ئويدىكىلەرنى 2011-يىلى زىيالىلار ئارىسىدا ئۇچراتقان ئىدىم، شۇلارمۇ بالىلارنى ئىللەتلىك ئاتا ئانىلىرىدىن ئايرىپ ئۈرۈمچىدە تەربىيەلەشنى تەۋسىيە قىلغانىدى. بۇنداق پىكىردىكىلەر بىلەن ۋەتەندىكى مەكتەپلەرنى ياتاقلىقلاشتۇرۇش تەشەببۇسچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ پىكىردە مەلۇم  ئورتاقلىقلىرى دىققەت قىلىنىشى كېرەك. ئورتاق سەۋەپ ئۇيغۇرلۇقتىن راھەتسىزلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە گۇمانلىنىشتۇر. ئورتاق مەقسەت بولسا ئۇيغۇرنى ئۆزگەرتىش.

ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىرىگە ئىشىنىش ئومۇملاشقانلىقى ئۈچۈن بەزى زىيالىلارنىڭ  پەزىلەتسىزلىكى يېپىلىپ ھىكمەت سانالماقتا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەخسى نۇقسانلىرىنى مىللەتلەشتۈرۈپ قۇتۇلۇشقا تىرىشماقتا. تۆھپىكارلىرىمىزدىن بەزى زىيالىلارنىڭ خېرىدارسىز يالغۇز قېلىشى، بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكى، قىسمەنلەرنىڭ قىتىغورلىقى سەۋەبلىك نەزەردىن چۈشىشى ئەسلى نورمال ھادىسە. چۈنكى ئۇلارمۇ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلىك يېتىشسىزلىكلەرگە مەھكۇم ۋە بەندىلىك نۇقسانلىرىدىن خالى ئەمەس. ھالبۇكى، ئۇيغۇر بەرگەن ھۆرمەتنىڭ ئىدارىنىڭ مۇئاشىدەك يىلسىرى ئۆسمەيدىغانلىقىغا كۆنەلمىگەن ئايرىم زىيالىلار بۇنى مىللەتتىكى ھەسەتخورلۇققا، ئىتىپاقسىزلىققا، گورۇھۋازلىققا باغلاپ ئۆزىنى ئاقلاۋاتىدۇ. مىللەتتە ئەجەللىك ئىللەتلەرنىڭ بارلىقىغا چىنپۈتكەن قوللىغۇچىلارمۇ ئۇشبۇ زاتلارنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى ئىبرەت ئەمەس ھىكمەت دەپ تونۇپ، مىللەتنى زىيالىلارنىڭ قىممىتىنى تونۇماسلىقتا ئەيىپلىمەكتە. بەزى ئەدىپلەر ئۆزى ئەپلەپ ئادەم بولالماي كەينىدىن «ئۇيغۇر بولماق تەرس» دېگەندەك شىئېرلارنى يېزىپ، خۇددى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىكلا ئادەم بولالمايۋاتقاندەك ئالدىمىزدا ئۆمچەيمەكتە.

ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە بىردىن ئىللەت كۆزەينىكىنى ھەدىيە قىلغان بولغاچقا مىللىتىمىزگە خاس بولغان ئەقىدىدىن تارتىپ، تىل-يېزىق، قىلىق-قىياپەت، خۇي-مىجەز، ئۆرپ-ئادەت…ھەتتا كىيىم –كېچەككىچە ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە نۇقسان بولۇپ كۆرۈلمەكتە. نەتىجىدە ئىللەتلىك كىشىلەر ئۆزىنى يالغۇز ئەمەستەك، ئەيىپكارلىق ئۇيات ئەمەستەك، ئۇيغۇر بولغاچقا نۇقسانلىق بولۇشى تەبئىيلىكتەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىدە مەۋجۇد بولغان كىشىلىك ئەيىپلەرنى مىللىي نۇقسانغا بۇراپ پاناھلانماقتا. مەسىلەن، مەن دائىم قىزىل چىراقتا توختاپ قالسام دوستلىرىمنىڭ «بىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۆتۈۋېرىمىز» دەپ چاخچاق قىلىشقانلىرىنى ئاڭلايمەن. ھەتتا بەزىلەر قائىدىگە خىلاپ يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشنى «ئۇيغۇرچە ئۆتۈش» دەپ قويىدۇ. ھازىر توختاملاشمىغان سودا ئۇيغۇرچە سودا، ساختىلىق ئارىلاشقان مۇئامىلە ئۇيغۇرچە مۇئامىلە، تەرتىپسىز قىلىنغان ئىش ئۇيغۇرچە ئىش، ئەمەل قىلىنمايدىغان ۋاقىت ئۇيغۇرچە ۋاقىت، ۋاپا قىلىنمايدىغان ۋەدە ئۇيغۇرچە ۋەدە، پىلان-تەرتىپسىز ياشاش ئۇيغۇرچە ياشاش، ھورۇن-ئىزلەنڭگۈ تۇرمۇش ئۇيغۇرچە تۇرمۇش، ئالدى-كەينى ئويلىشىلماي قارا قويۇق قىلىنغان تىجارەت ئۇيغۇرچە تىجارەت، ئىلمىي بولمىغان قالايمىقان باشقۇرۇش ئۇيغۇرچە باشقۇرۇش، ئاكادېمىك ئۆلچەمدە يېزىلمىغان ماقالە ئۇيغۇرچە ماقالە دەپ ئاتىلىپ بارلىق قالاقلىقلارنىڭ ماركىسىغا ئۇيغۇر چاپلىنىدىغان ھالغا كەلدى.

مەيلى قانداق ئىزگۈ ئارزۇ بىلەن باشلانغان بولسۇن، ياكى قانداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە، ۋە ياكى ئىجابىي نەتىجىلەرگە سەۋەپ بولغان بولسۇن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىغا چېكىت قويىدىغان ۋاقىت بولدى. ھازىر مىللەت ئەيىپلىكمۇ ئەيىپسىزمۇ دەپ تالىشىش خۇددى 80-يىللاردا ئەۋج ئالغان ئامىن دەپ توۋلامدۇق توۋلىمامدۇق، رەسىمگە چۈشەمدۇق چۈشمەمدۇق، نامازنى دوپپىلىق ئوقۇمدۇق دوپپىسىزمۇ دېگەنلەرگە ئوخشاشلا  ۋاقتى ئۆتكەن بىر ئىش . شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، زامانىۋىيلىق قوقاسلىرىغا دەسسەپ كېتىۋاتقان بۇ خەلقنىڭ يۈرىكى ئەمدى ئوپىراتسىيە كۆتۈرەلمەيدۇ. روھىي تۈۋرۈكلىرىگە يۆلىنەلمەيۋاتقان بۇ قەۋم ئۆرە بولۇش ئۈچۈن يۆلەك بولىدىغانلارغا، تىك ياشاش ئۈچۈن تىرەك بولىدىغانلارغا مۇھتاج. زورلىنىپ- زورۇقۇپ، تىركىشىپ- تىترەپ ئاران ياشاۋاتقان بۇ مىللەتتىن جاھان غالىپلىرىنىڭ ئۆلچىمىدە ياشاشنى كۈتۈش ئادالەتىسزلىك. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇرغا كېرىكى تەنقىدلىك قامچا ئەمەس. مىھىرلىك قۇچاقتۇر. مۇشۇ كۈنلەردە ئاللاھ ھىكمەت بىلەن ئۇيغۇر قىلىپ ياراتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئاتلىق بۇ سۆيۈملۈك ئانىسغا يەنە تىل ئۇزارتىشى، قول شىلتىشى ۋە ئاغىز پۈرۈشتۈرىشى لەنەتكە لايىقتۇر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top