«ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
2016 – يىلى 15 – ماي ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» سائەت 12:00 دە ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرستېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسى يىغىن زالىدا باشلاندى.
ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن پىروفېسسور ھۈليا كاساپئوغلۇ چەنگەل، پىروفىسسور كەمال ئەرئاسلان، دوتسېنت ئەرسىن تەرەس، دوتسېنت ئادەم ئۆگەر، يارەمچى دوتسېنت مەتتۇرسۇن بەيدۇللا، پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ياردەمچى دوتسېنت راھىلە قەشقىرى قاتارلىق ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ، خوجا ئەھمەت يەسەۋى، ئەلىشىر نەۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىلەر ھەققىدىكى ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
يىىغىن كۈن تەرتىپى بۇيىچە ئالدى بىلەن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بەرگەن فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرستېتى ۋە قۇتادغۇبىلىك ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىلدى.
ئېچىلىش نوتۇقىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان: «ئۇيغۇلار تارىختا كۈچلۈك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، شانلىق تارىخ ياراتقان بىر مىللەت. بۈگۈن بىز ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىن بەش كىشىنى خاتىرىلەيمىز. بۇ مۇتەپەككۇرلار بىزگە دۆلەتنى قانداق قۇرۇش، قانداق باشقۇرۇش، بىر مىللەتنىڭ تىلىنى قانداق قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يولىنى ئۆگەتكەن؛ يەنە ۋەتەن – مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا جانىنى پىدا قىلغان كىشىلەردۇر. بىز بۇلارنى بۈگۈنكى ئىلمىي پائالىيىتىمىزدە خاتىرىلەش ئارقىلىق، يېڭى ئەۋلات ئۇيغۇر ياشلىرىغا بۇ تارىخى بەش كىشىنىڭ مىللىي روھىنى بەخىش ئېتىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباسنىڭ تەبرىك سۆزى ۋە سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتۇر ئابلەت تۇران ئەپەندىمۇ بۇ تارىخى شەخىسلەر ھەققىدە سۆز قىلىپ، ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاڭلاپ ۋە ئوقۇپ چوڭ بولغانلىقىنى، بۈگۈن بۇ شەخىسلەرنى خاتىرىلەشنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە يىراق – يېقىندىن كېلىپ قاتنىشىپ بەرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
غازى ئۇنىۋېرستېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پىروفېسسور ھۈليا قاساپئوغلۇ سۆز قىلىپ، ھەرقېتىم مۇنبەرگە چىققاندا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىدىن نەقىل ئالماي چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بەش مىسرالىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە يىغىنغا ئۇتۇق تىلىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئەگە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى ئىلمىي پائالىيەتتە خاتىرىلىمەكچى بولغان كىشىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋى مىراسلارنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ئورتاق بولغان مىراسلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى كامال ئەرئارسلان سۆز قىلدى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارقالغان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى ئورتاقلىق ۋە ئوخشىماسلىقلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنمىغانلىقىنى، تۈرك تىلىدىكى 30 غا يېقىن شىۋە ئۈستىدە تەتقىقات قىلىپ، تۈرك تىل گىرامماتىكىسى كىتابى چىقىرىش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە تۈرك دۇنياسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرلىكتە كۆپلەپ تىرىشىشى كىرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئېچىلىش نۇتىقىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ تۇنۇتۇش فىلىمى قۇيۇلۇپ، ئاكادىمىيەنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئەمگىكى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تونۇشتۇرۇش فىلىمى
https://youtu.be/O2qEvfIPgCE
يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە پروففېسور ھۈليا قاسساپئوغلۇ چەنگەل خانىم يىغىن باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.
تۇنجى بولۇپ، پىروفېسسور كامال ئەرئاسلان «ئەلشىر نەۋائىنىڭ خىزمەتلىرى‹ دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكىلاتىنى سۇندى. پروففېسورى كامال ئەرئارسلان سۆزىدە ئەلشىر نەۋائىنىڭ پۈتۈن تۈرك خەلقلىرى ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىشقا تىگىشىشلىك شەخىس ئىكەنلىكىنى، پەقەت شەرقى تۈرك خەلىقلىرىلا ئەمەس، باشقا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بولغان سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى، تۈركى خەلىقلەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى قوغداپ قېلىشتا تۆھپىسى ناھايتى چوڭ ئەرباب ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ يەنە يىللاردىن بۇيان نەۋائى توغۇرلۇق ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ناھايتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن چىقىش قىلىپ تۇتۇپ ئىزدىنىشكە تىگىشىشلىك بەكمۇ كۆپ تېمىلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە يەنە نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەرنى تۇللۇقلاش لازىملىقىنى تىلغا ئالدى.
ئىككىنجى بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈم باشلىقى دوتسېنت ئەرسىن تەرەس «تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ چاقنىغان يۇلتۇزى ئەلشىر نەۋائى» دىگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
دوتسېنت ئەرسىن تەرەس سۆزىدە كىلاسسىك چاغاتاي ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى بولغان ئەلشىر نەۋائىنىڭ بالىلىق ھاياتىدىن باشلاپ ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە بىئوگرافىسىنى قىسقىچە بايان قىلدى. ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى ئەدەبىيات ساھەسىدە ناھايتى چوڭ تەسىر، تۈرك تىللىرىنىڭ ئەرەپ – پارىس تىللىرى بىلەن بەيگىگە چۈشەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا تۈركچىدىكى سۆز بايلىقىنىڭ ئەرەپ – پارس تىللىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋە مەنە ئىپادىلەشتە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان دەپ ئوتتۇرغا قويدى، شۇنداقلا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مىساللارنى كەلتۈردى. ئەلشىر نەۋائىنىڭ 30 غا يېقىن ئەسەر يازغانلىقىنى، بىز بىلمەيدىغان ئەسەرلىرىنىڭمۇ بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى. ئەلشىر نەۋائى تۈركچىنى ئەينى ۋاقىتتا تەرەققىي قىلغان پارسچىغا سېلىشتۇرۇشقا جاسارەت كۆرسەتكەن. ئەلشىر نەۋائى پارسچە ئەسەر يېزىش مودا بولغان دەۋردە، ئۆز ئەسەرلىرىنى تۈركچە يېزىپ ياشلارغا چوڭ ئۈلگە بولغان. ئەلشىر نەۋائىنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسىدە نۇرغۇن سۆز ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكى، بەزى ئىپادىلەرنى ئۇيغۇرچە تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈردى.
دوتسېنت ئەرسىن تەرەسنىڭ لىكسىيەسىدىن كېيىن، نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتى تۈرك خەلق بىلىملىرى بۆلۈمى دوتسېنتى ئادەم ئۆگەر «ئۇيغۇرلاردا ھېكمەت ئېيتىش ئادىتى ۋە چاغاتايچە يېزىلغان دىۋانى ھېكمەت نۇسىخىسى ھەققىدە» ناملىق لىكسىيەسىنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر يېزىلىرىدا ئىلمى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغا دوتسېنت ئادەم ئۆگەر خوجا ئەھمەت يەسەۋى ھەققىدە توختۇلۇپ، 2016 – يىلى ب د ت پەن – مەدەنىيەت كومىتېتىدە «ئەھمەت يەسەۋى يىلى‹ دەپ ئېلان قىلىندى. ئەھمەت يەسەۋى بۈگۈنكى قازاقىستان چېگرالىرى ئىچىگە جايلاشقان «سايرام ›دېگەن يەردە دۇنياغا كەلگەن. ئەھمەت يەسەۋى يەتتە يېشىدا ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئاچىسى تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلۈپ قاتارغا قوشۇلغان. سەمەرقەند ۋە بۇخاراغا بېرىپ يۈسۈپ خانىدانىدىن تەلىم ئالغان. كېيىنچە يېسە شەھىرىگە قايتقان. 4 مىڭدىن ئارتۇق مۇرىتىنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئانادولۇ رايونىدا چوڭ تەسىرگە ئىگە ھاجى ۋەلى بەكتاشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى دېدى. خوجا ئەھمەت يەسەۋىنىڭ ئانادولونىڭ ئىسلاملىشىشىدا (تەسەۋۇپ ئىسلامىنىڭ تارقىلىشىدا) ئوينىغان رولى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى تەسىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغا تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسەن ئەھمەد يەسنەۋىنىڭ تۇغۇلغان يېرى ۋە مىللى كىملىكى مەسىلىدە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئەھمەت يەسنەۋىنىڭ ھىكمەتلىرىنىڭ ھىكمەت ئېيتىش ئادىتى شەكىلدە ئۇيغۇرلار ئارىسدا كەڭ تارقالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلارنى ئەنئەنە سۈپىتىدە ھېلىغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆزى ئىزدىنىش داۋامىدا سۈرەتكە ئېلىۋالغان سىن ھۈججەتلىرى ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە كۆرسەتتى.
سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرىدە شاھيار ناھىيەسى تويبولدى يېزىسىدىن جەننەتخان قۇشناجىم ئەھمەت يەسەۋى ھەققىدە ھىكمەت سۆزلىدى. بۇ كۆرۈنۈش ئەنگلىيەلىك بىر ئايال تەتقىقاتچى تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دوتسېنت ئادەم ئۆگەر بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «12 – ئەسىردىن 21 – ئەسىرگىچە بۇ ھېكمەت ئېيتىش ئەنئەنىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بايقالغان ۋە دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان ھېكمەت نۇسخىلىرى بار. بۇلاردىن بىرى شىۋېتسىيەدىكى لۇند ئۇنىۋېرستېتىدا ساقلانماقتا. ئەلۋەتتە، شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مىڭلارچە يازما ئەسەرلەر بار.
قەشقەر ساما ئۇسسۇلى، دولان مەشرىپىدىكى ساما ئۇسسۇلى ۋە ئانادولۇ ئالەۋى ساما ئۇسۇللىرىغا مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرۈنۈشىلىرىنى كۆرسەتتى.
ئادەم ئۆگەر چاغاتاي دەۋرىدە يېزىلغان ۋە غەرب ئېكىسپىدىتسىيەچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئەسەرلەر تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھېكمەت ئېيتىش ۋە ساما ئۇسسۇللىرى بىلەن ئانادولۇدىكى ھاجى ۋەلى بەكتاشى ئۇسۇللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ تەتقىق قىلىنىشى كېرەك بولغان ئايرىم تېما.
ئەھمەت يەسەۋى ئەسەرلىرىدىكى تىل قايسى تىل ئىدى، تۇغۇلغان جايى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باي ناھىيەسى سايرام يېزىسىمۇ ياكى قازاقىستان تۈركىستان رايونىدىكى سايرام يېزىسىمۇ؟ چۈنكى فۇئات كۆپرۈلۈ كۈچلۈك بىر دەلىل بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سايرام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»
يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروففېسور ھۈليا قاسساپئوغلۇ چەنگەل خانىم «تۈرك مەدەنىيەت تارىخى ۋە قۇتاغۇبىلىك» دىگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
ھۈليا خانىم لىكسىيەسىدە تۈرك- ئسلام مۇھىتىنىڭ دەسلەپتىكى ۋاقىتلىرىدا مەيدانغا كەلگەن بۈيۈك ئىككى ئەسەر قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ شۇ دەۋىرگە ئائىت مەدەنىيەت ۋە تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. ھۈليا خانىم سۆزىدە بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ پەرىقلىق بىر نەچچە خىلدا ئېلان قىلىنغان تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ، بۇلاردىن ئۇيغۇرچە تەرجىمسىنىڭ ئەڭ ياخشى چىققانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئەھمەد زىيائى قاتارلىق يىتۈك شائىرلار ئىكەنلىكىنى، سۆز ئىبارە ئىشلىتىشكە ماھىرلىقى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىدىكى شىئىرى تىلغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
پروففېسور ھۈليا قاسساپئوغلۇ چەنگەل خانىم يەنە مۇنۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. «قۇتادغۇ بىلىك بۈگۈنكى سىياسىي بىلىم دېگەن مەنىنى، لۇغەت مەنە جەھەتتىن بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1870 – يىلى ھ. ۋامبىرىي قۇتادغۇ بىلىكنىڭ تۈركلەرنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ، دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئائىت ئەسەر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئۈچ نۇسىىسى بار، پەرغانە، ھىرات، قاھىرە نۇسخىسى بار.
قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە ئەزەرىچە تەرجىمىلىرىنى بىر – بىرىگە سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا، قايسى سۆزلەرنىڭ بۈگۈن قايسى سۆزگە ئورۇن ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
قۇتادغۇ بىلىكنىڭ تىلى خاقانىيە تۈركچىسى بولۇپ، بۇ تىل 7 – 8 – ئەسىرلەر ئارىسىدا ئورخۇن ۋادىسدا ئورخۇن تۈركچىسىدۇر ۋە 9 – 15 – ئەسىرلەر ئارىسىدا تۇرپان، قۇمۇل ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەڭ رايونلىرىدا قوللىنىلغان تۈركچىدۇر.
قۇتادغۇ بىلىكنى بۈگۈنكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا ئۆزلەشتۈرگەنلەر ئەخمەت زىيائى ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە ئوخشاش شائىرلار بولغانلىقى ئۈچۈن پەرغانە نۇسخىسىغا سادىق قالغان. قازاقچە، قىرغىزچە نۇسخىلىرىدا بولسا، ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن.»
يىغىننىڭ بىرىنجى بۆلۈمى ئاخىرىدا، پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئىلمىي دوكلاتلىرىنى سۇنغان تۈرك تەتقىقاتچىلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى داۋام قىلدى. يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئۈستىگە ئالدى.
بۇ بۆلۈمدە، ئاۋۋال فاتىخ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمىئىيەتشۇناسلىق بۆلۈمى ياردەمچى دوتسېنتى مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا «ئەلشىر نەۋائىنىڭ ھاياتى، ئىدىيسى ۋە ئەسەرلىرى» دىگەن تىمىدا توختالدى.
دوكتۇر مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا دوكىلاتىدا ئەلشىر نەۋائىنىڭ تۇغۇلىشىدىن ۋاپاتىغىچە بولغان ھاياتى، ياشىغان ۋە پائالىيەت كۆرسەتكەن رايۇنلىرى ھەققىدە تەپسلى مەلۇمات بېرىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئەلىشىر ناۋائى ئىنسان ئۆمرىنى باھار، ياز، كۈز ۋە قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسلىگە ئايرىغان بولۇپ، ئەسەرلىرىدە بۇ قاراشلىرى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خەمسە ناملىق ئەسىرى 53 مىڭ مىسرالىق داستانى بولۇپ، بۇ ئەسىرى ئارقىلىق تۈرك تىلىدىكى مۇشۇنداق چوڭ ھەجىمدە ئەسەر يازغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىي ئىجادىيىتى بىلەن كۆرستىپ بەرگەن ۋە ئەسىرىدە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ دۇئالىرىدا ئۆزىنى ياد ئېتىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە فارابى ۋە يۇنان پەلسەپىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. نەۋائى ئۆزىنىڭ بەدىئى ئەسەرلىرى ئارقىلىق كېيىنكى دەۋر ئەدىپلىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، يېقىنىقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نايامەندىلىرى بولغان نازىمى ۋە تەجەللىلەر بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا نەۋائى ئەسەرلىرى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدا دىراممىلاشتۇرۇلۇپ سەھنىلەردە ئوينالغان. بۈگۈنكى زامان ئەدىبلىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئەھمەد زىيائىلار ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.»
ئارقىدىن ئىككىنچى بولۇپ، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شىئىرلىرىدە ئىجتىمائىي تەنقىد» دىگەن تېمىدا ئىلمى دوكىلات بەردى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت دوكىلاتىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «باردۇر» ۋە «ئىستىمەس» ناملىق شىئىرلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ شىئىرلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولغان مەنىۋىي ئىللەتلەرنى قامچىلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمىليەتتە كۈچلۇك مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى جەھەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاي قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «باردۇر‹ دېگەن شېئىرىدە مىللىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭ مىللىيەتچىلىكى بىلەن بىر مۇناسىۋەت بارمۇ، زىتلىق بارمۇ؟
«ئۇيغۇر‹ دېگەن تەخەللۇس ھەرگىزمۇ تەسادىپىيلىق بىلەن قويۇلغان ئەمەس. ئا. ئۇيغۇر مىللىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلققە زۇلۇم سالغان ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىنى، ئادالەتسىزلىكلەرنى شېئىرى مىسرالىرىدا تەنقىد قىلغان.
ئۇ شېئىرلىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.
ئا. ئۇيغۇرنىڭ «باردۇر‹ دېگەن شېئىرىدا، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن تەنقىد قىلغان ئىللەتلەر، ھازىرمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ بار بولۇپ، بۇلار مەرەز ئىللەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
تاتار شائىرى ئابدۇللاھ توقايمۇ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئوخشاش نۇقسان – ئىللەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئا. ئۇيغۇر ئابدۇللاھ توقاينىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىللەتلەرنى تەنقىد قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى تەنقىد قىلغىنى مىللىيەتچىلىكى بىلەن ھەرگىزمۇ زىت ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە سۆيگەنلىكىدىن بولغان.»
ئارقىدىن يازغۇچى ۋە تىل تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى يەڭگىللىكلەر» دىگەن تېمىدا دوكىلات بەردى.
ئۇ دوكلاتىدا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارغا ۋە تەتقىقاتلارغا باھا بەردى. ئۇ بۇ مەسىلىلەردە كۆرۈلگەن مەسىلە ۋە خاتالىقلار ئۈستىدە توختالدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ماكسىم گوركىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەمەس، بەلكى ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار شائىرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمھالىدا ئۇنى روسىيەدە ئوقۇغان دىيىلگەن يىللاردا ئەمىليەتتە ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايۇنىدىن ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلمىغانلىقى ھەققىدە پاكىت بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
دوكلاتىدا ئا. ئۇيغۇر ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارغا ۋە تەتقىقاتلارغا باھا بەردى. ئۇ بۇ مەسىلىلەردە كۆرۈلگەن مەسىلە ۋە خاتالىقلار ئۈستىدە توختۇلۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
ئا. ئۇيغۇر ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيە مەسىلىسى: خىتاي ئەدەبىياتىنى 1949 – يىلدىن بۇرۇنقى ئەدەبىياتنى دېموكراتىيە ئېقىمىدىكى ئەدەبىيات دەيدۇ ۋە ئا. ئۇيغۇرنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈپ قويغان. ئۇنداقتا. ئا.ئۇيغۇر كىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ گوركىينىڭ تەسىرىگە ئەمەس، بەلكى تاتار شائىرى ئابدۇللاھ توقاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئېنىق. مەسىلەر باردۇر دېگەن شېئىرى. ئا. ئۇيغۇرنىڭ دوستى بىر خاتىرىسىدە، نامىق كامالنىڭ بىيىتىنى ئېيتىپ بەرگەن دېمەك بۇنىڭدىن بىز، ئۇنىڭ نامىق كامالنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئا. ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى غەزەل شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىن نەۋائىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى، ھەتتا فۇزۇلى ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
باردۇر دېگەن شېئىرىنىڭ ئىككى خىتايچە نۇسخىسى بار.
ئا. ئۇيغۇر نېمە ئۈچۈن ياد ئېتىلىدۇ؟ چۈنكى ئا. ئۇيغۇر تەنقىد قىلغان ئىللەتلەر، رېئاللىقلار تا ھازىرغىچە ئۆزگەرمەي كېلىۋاتىدۇ. قىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ياد ئېتىلىۋاتىدۇ.
شۇڭا، مەن «ئا. ئۇيغۇرنىڭ ئۇزۇن ياد ئېتىلمەسلىكى’نى ئۈمىد قىلىمەن. يەنى ئۇ تەنقىد قىلغان ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جەمىئىيەتنى شائىر يازغۇچىلار ئۆزگەرتمەيدۇ، بەلكى سىياسىيونلار، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلەر ئۆزگەرتىدۇ. چىقىمچىلىقنى تۈگىتىدىغان تۈزۈم، چىقىمچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدىغان ھاكىمىيەت بولمىغىچە چىقىمچىلار ھەرگىزمۇ تۈگىمەيدۇ.»
ئاخىردا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوتسېنت دوكتور راھىلە قەشقەرى «بىر مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى» دىگەن تىمىدا ئىلمى دوكىلاتىنى سۇندى.
راھىلە قەشقەرى دوكىلاتىدا مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ شائىرلىق، مائارىپچىلىقى، كومپوزىتورلۇقى، ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە باشقا سۈپەتلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئەمما مۇتەپەككۇرلۇقى توغرىسىدا تەتقىقاتلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ دوكىلاتىدا مۇتەپەككۇر: سۆزىنىڭ ئىلمىي مەنىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىنى نىشان قىلغانلىقىنى، پىلانلىق ۋە سىستىمىلىق ھالدا ئۇقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈش، مەكتەپ سالدۇرۇش، شېئىرلىرىنى مارش قىلىپ ئۆگىتىش، ئون مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىشتەك مۇھىت ئاسراش پائالىيىتىنى تەشكىللەش، شۇنداقلا ئائىلەلەرگە ئىدىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ ئىدىيسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىنى، شېئىرلىرىدىكى ئىدىيە ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن بىر مۇتەپەككۈر دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى:
«مەمتىلى تەۋپىقنىڭ شائىرلىقى، مائارىپچىلىقى، كومپوزىتورلۇقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى تەتقىق قىلىندى. ئەمما مۇتەپەككۇرلۇقى توغرىسىدا تەتقىقاتلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قىلىش ئىستىداتىغا ئىگە بولغان كىشى – مۇتەپەككۇردۇر.
مەمتىلى ئەپەندى 1901- يىلى ئاتۇش بويامەتتە تۇغۇلغان. ئانىسى پاتەم خېنىمدۇر. 1914-يىلى تۈركىيەدىن ئاتۇشقا بارغان ئەھمەت كامالنىڭ سىنىپىدا ئوقۇغان.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىش مەقسىتىنى تۆۋەندىكى سۈت ئۇيقۇدا دېگەن شېئىرىدىكى مىسراسىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
يىراقلارغا سەپەر قىلدىم،
مىللەتنىڭ شادلىغىن ئىزدەپ.
رىيازەتكە بېرىپ بەرداش،
مەرىپەت نۇرىنى كۆزلەپ.
مەمتىلى ئەپەندى 1930- يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە ئوقۇغان ۋە ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلىگەن. ئەمما تۈركىيەدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى تېپىلمىدى. 1933-يىلى ۋەتەنگە قايتقان. 1935 -يىلى 300 زىيالى بىلەن بىرگە تۈرمىدە ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە جەسىتىگە بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.»
مەمتىلى ئەپەندى ئەپەندىنىڭ مۇتەپەككۇرلۇقىنى شېئىرلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، نادانلىقتىن پەقەت «بىلىم‹ ئارقىلىقلار قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان بولغان مۇتەپەككۇرلۇقى تۆۋەندىكىلەردۇر:
ئالدى بىلەن خەلقنى جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلاش ۋە ئىنچىكە پىلانلاش؛
ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئېچىش؛
مەكتەپ ئېچىش؛
ئىزچىلار ئەترىتى قۇرۇش؛
يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا تەييارلاش؛
شېئىرلىرىنى مارش قىلىپ ئۆگىتىش؛
قىز-ئاياللار ئۈچۈن چوكانلار سىنىپى قۇرۇش؛
ئونمىڭ تۈپ كۆچەت تىكىش؛
ئائىلىلەرگە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەش؛
يۇقىرىقىدەك ئەمەلىي پائالىيەتلىرىدىن مۇتەپەككۇرلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
خۇلاسە: مەمتىلى تەۋپىق، شائىر، كومپوزىتور، تەشكىللىگۈچى، مائارىپچى، كۈرەشچان ۋە مەپكۈرەچى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى ئاخىرىدا، پىروفېسسور دوكتور كامال ئەرئاسلان ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئىلمىي دوكلاتلىرىنى سۇنغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.
ئارقىدىن قۇتاتغۇبىلىگ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيىتى رەئىسى ئابدۇغېنى قۇتۇبى سۆز قىلىپ، بۇ قېتىم ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ھەر ۋاقىت ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
يىغىن ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى يېپىلىش نوتۇقى سۆزلەپ، بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، دوكىلات سۇنغان بىلىم ئىگىللىرىگە ۋە بۇ يىغىننى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تۈرك قېرىنداشلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيىتتى.
ئۇ نوتۇقىدا، «بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، بەش مۇتەپەككۇرنى ئۇيغۇرغا تەۋە قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ مىللەتچىلىك قىلغانلىقىمىز ئەمەس. بۇ مۇتەپەككۇرلار بارلىق تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەرگە مەنسۇپ. بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرغا تەۋە قىلىشىمىز – دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا تارىختىكى شانلىق مەدەنىيەت، ئىش- ئىزلىرىدىن ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە: «ئۇيغۇلار تارىختا كۈچلۈك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، شانلىق تارىخ ياراتقان بىر مىللەت. بۈگۈن بىز ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىن بەش كىشىنى خاتىرىلىدۇق. بۇ مۇتەپەككۇرلار بىزگە دۆلەتنى قانداق قۇرۇش، قانداق باشقۇرۇش، بىر مىللەتنىڭ تىلىنى قانداق قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يولىنى ئۆگەتكەن؛ يەنە ۋەتەن – مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا جانىنى پىدا قىلغان كىشىلەردۇر. بىز بۇلارنى بۈگۈنكى ئىلمىي پائالىيىتىمىزدە خاتىرىلىدۇق‹ دېدى.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمى