ئەرەب باھارىنىڭ كاج تەقدىرى
تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر ناملىق پىروگراممىدىن ئەرەب باھارىنىڭ كاج تەقدىرى
تەخمىنەن بەش يىل ئىلگىرى «ئەرەب باھارى» دەپ ئاتالغان ئەرەب دۇنياسىدىكى ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتلەرگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ دولقۇنى تۇنىستا تۇنجى مىۋىسىنى بەردى. تۇنىسنىڭ جەنۇبىدا قوزغىلاڭ باشلىنىپ تەخمىن بىر ئايدىن كېيىن، 2011-يىلى 14-يانۋاردا تۇنىسنىڭ دېكتاتور پىرىزېدېنتى زەينەل ئابىدىن بىن ئەلى دۆلەتنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
تۇنىستا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ دولقۇنى مىسىر، لىۋىيە، يەمەن، بەھرەيىن ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتتى. دەسلەپتە بۇ قوزغىلاڭ دولقۇنى رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئوتتۇرشەرقنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە زور ئۈمىدلەرنى پەيدا قىلدى. بىراق، تۇنجى مىۋىسىدىن كېيىن رايوندا پالاكەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. مىسىردا خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۆكۈمەت تەخمىنەن 1 يىلدىن كېيىن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈۋېتىلدى. يۈزلەرچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە مىڭلارچە ئادەمنىڭ تۇرمىلارغا تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھەربىي ھاكىمىيەت قۇرۇلدى. دېكتورلار ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، لىۋىيە بىلەن يەمەن خەلقئارالىق تۈس ئالغان ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتتى. بەھرەيىندە باش كۆتۈرۈلگەن نامايىشلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن باستۇرۇلدى. سۈرىيەدە ھاكىمىيەتنىڭ غەيرى ئىنسانىي سىياسىتى سەۋەبىدىن يۈزمىڭلارچە ئۆلۈمىنى، مىليونلارچە ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا ۋە رايونلۇق تۈسىنى ئالغان ئۇرۇشقا سەۋەب بولدى.
نېمە ئۈچۈن يوللۇق تەلەپلەر بىلەن مەيدانغا كەلگەن قوزغىلاڭلار ياكى ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىن ھازىرقىدەك قالايمىقان ۋە تىراگېدىيەلىك ئەھۋالغا كېلىندى؟
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، چىرىكلەشكەن دېكتاتورلاردىن ئۆز ئالدىغا يالغۇز قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. ھەر قانداق ئىرادە بەلگىلىك فونكسىيەلەرنى ئادا قىلالايدىغان ئورگانلارنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە جەمئىيەتتە دۆلەتكە ئىشەنچ تۇغۇلۇشى نەتىجىسىدە ئوڭۇشلۇق ماڭالايدۇ. بولۇپمۇ، 2003-يىلى ئىراققا ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئېلىشقا تىگىشلىك ساۋاق ۋە ئىبرەتمۇ مۇشۇ بولۇشى كېرەك.
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دېكتورلاردىن قۇتۇلۇش مەقسىتى بىلەن يولغا چىققان خەلق قوزغىلاڭلىرى ئورگانلارنىڭ ۋە ئورگانلىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىدراك قىلماستىن ھەرىكەت قىلماقتا. شۇنىسى روشەنكى، دەسلەپتە دېكتاتورنىڭ ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇلۇشى پەقەت ئىشنىڭ مۇقەددىسىمىدۇر.
«ئەرەب باھارى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر ئىچىدە تۇنىس ھازىرغىچە پالاكەتتىن خالىي تۇرماقتا. تۇنىستا سىناق قىلىنغان ئۆتكۈنچى مۇساپىدە تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى دېيىشكە بولىدۇ.
بىرىنچىسى، تۇنىس ئارمىيەسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەسىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار سىياسەتتىن يىراق تۇرىدۇ ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى ئىجتىمائىي كىرزىس ۋە قالايمىقانچىلىقتىن ئىزدىمەيدۇ. ئىككىنچىسى، تۇنىس باشقا «ئەرەب باھارى» دۆلەتلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ناھايىتى كۈچلۈك ئاممىۋى جەمئىيەت ئورگانلىرىغا ئىگىدۇر. تۇنىستا 2013-يىلى يۈز بەرگەن سىياسىي سۈيقەستلەرنىڭ سىياسىي قۇتۇپلىشىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەندە ۋە ئاساسىي قانۇن كېڭەشلىرىدە روشەن ئېختىلاپلار كېلىپ چىققاندا ئاممىۋى جەمئىيەت ئورگانلىرى پەۋقۇلئاددە رول ئوينىغان. تۇنىستىكى نوپۇزلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، كارخانا خوجايىنلىرى تەشكىلاتى، ئادۋۇكاتلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ئورگانلىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى نەتىجىسىدە بەرپا قىلىنغان مەملىكەتلىك دىئالوگ گۇرۇھى زىددىيەت ئىچىدىكى سىياسىي قۇتۇپلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنى قايتىدىن داۋملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
ئۈچىنچى مۇھىم ئامىل بولسا، ئەن-نەھدا پارتىيەسىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە مۇھىم رول ئوينىشى ئىدى. 2011-يىلدىن ئىلگىرى پارتىيەنىڭ پائالىيىتى چەكلەنگەن ۋە پارتىيە رەئىسى سۈرگۈندىكى ۋاقتىدىمۇ، نەھدا پارتىيەسى ئۆزگە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىسلامىي ھەرىكەتلەردىن پەرقلىق ھالدا تۇنىستىكى باشقا سىياس كۈچلەر بىلەن دىئالوگ ئورنىتىش ۋە ئوخشاش مۇھىتتا ھەرىكەت قىلىش ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىدى. بۇ ئەھۋال، مەزكۇر پارتىيەنىڭ بىن ئەلدىن كېيىن تۇنجى سايلامدا تۇنجى سېكۇلار پارتىيە بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى ئاسان قىلغانىدى. 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدىن كېيىنمۇ مەغلۇبىيەتنى تەن ئېلىپ، سايلامدا ئۇتۇپ چىققان پارتىيە بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىپ كەلدى.
بىن ئەلى تۇنىستىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، 2011-يىلى مىسىردا ھۆسنى مۇبارەك تەختىن ئاغدۇرۇۋېتىلدى، شۇ يىلى ئۆكتەبىردە مۇئەممەر قەززافىي ئۆلتۈرۈلدى، 2012-يىلى فېۋرالدا يەمەندە پىرىزېدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بىر يىل ئىچىدە تۆت دېكتاتور ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلدى. شەكسىزكى، لىۋىيەدىن باشقىلىرى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى ھېسابلىناتتى. بىراق كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر بۇ غەلىبىگە ئېغىر زەربە بەردى.
2013-يىلى ئىيۇلدا مىسىردا يۈز بەرگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى. رەھبەرلىك ھەيئىتى بىلەن مىڭلارچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسى تۇرمىغا سولاندى ۋە قەتلى قىلىندى. لىۋىيە بىلەن يەمەن ئىچكى ئۇرۇش پاتىقىقىغا پاتتى. 2011-يىلدىن ئىلگىرى مۇبارەك پۈتۈن كۈچنى چاڭگىلىدا تۇتۇش ئۈچۈن قەستەن مىسىردا ئاجىز قۇرۇلمىنىڭ بولۇشىغا يول قويغانىدى. سىياسىي قۇرۇلمىدىن چىقىپ كەتكەن ئارمىيە بۇنىڭ يېگانە مۇستەسناسىدۇر. ھۆسنى مۇبارەك ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان سىياسىي بوشلۇقنى ئارمىيە تولدۇراتتى. يەمەن بىلەن لىۋىيەدە بولسا ھەم ئومۇمىي ئورگانلىشىش ھەمدە ئارمىيە ئورگان سۈپىتىدە مىسىرغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاجىز ئىدى. شۇڭا، دېكتاتورلار ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن ئارمىيە مىسىردىكىگە ئوخشاش فونكسىيەگە ئىگە بولالمىدى ۋە ھاكىمىيەت بوشلۇقى ھەر ئىككى دۆلەتنى ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى.
ئوخشاشلا ئەڭ كۈچلۈك ئۆكتىچىلەر بولغان بىراق دېكتورلار ھاكىمىيەتتە تۇرۇۋاتقان سۈرىيە ۋە بەھرەيىنگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىر-بىرلىرىدىن تامامەن پەرقلىق ئۆزگىرىشلەرگە سەھنە بولدى. بەھرەيىندە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قول تىقىشى بىلەن ئەل خەلىفە ئائىلىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. سۈرىيە بولسا ئېغىر پالاكەتكە يولۇقتى.
تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، ئىراقتا ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن كېيىن پەيدا بولغان تىراگىدىيەلىك مۇھىتتا باش كۆتۈرگەن دائېش دۆلەتنىڭ نوپۇزى قالمىغان يەرلەردە زېمىنلارنى تىزگىنلىۋالىدىغان ھالەتكە يەتتى.
يۇقىرىدا قىسقچە ئانالىز قىلىنغان كېيىنكى بەش يىلدىكى زور ۋەقەلەردىن شۇ خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇ: بىرىنچىسى، خەلق قوزغىلاڭلىرى ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بەزىدە بىر دېكتارتور ھاكىمىيەت ئالدىدا ئۇنىڭ ئاساسلىق غوللىرىنى تەۋرىتەلەيدىغان ياكى ئۇلىنى يىقىتىۋېتىلەيدىغان دەرىجىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىراق خەلق قوزغىلاڭلىرى ئارمىيەنىڭ كۈچ بوشلۇقىنى تولدۇرالايدىغان دەرىجىدە كۈچكە ئىگە بولغان ياكى دېكتارتور ھاكىمىيەتنىڭ مۇئەييەن خەلق كۈچىگە ئىگە بولغان ئەھۋالدا ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. خەلق كۈچىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئاجىزلاشتۇرغان ئەھۋاللاردىمۇ خەلق ھەرىكەتلىرى، كېلىپ چىقىدىغان كۈچ بوشلۇقىنى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك.
ئىككىنچىسى، بىر ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشتىن ئىلگىرى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان پىلان بولمىسا خەلق قوزغىلاڭلىرى كىرزىسنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن خەلق ھەرىكەتلىرى ئالاقە ئىچىدە بولۇشى، شۇنداقلا ئورتاق پايدا ئىچىدە مۇرەسسەلىشىش زېمىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تولىمۇ زۆرۈر.
تۆتىنچى، تەدرىجىلىك ۋە ئىسلاھاتچىلىق بولۇپمۇ قۇرۇلمىلىق ئورگانلار بولىغان جەمئىيەتلەردە رادىكال ئۆزگىرىشلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئۇسۇللاردۇر. ئەكسىچە، كېلىپ چىقىدىغان ھاكىمىيەت بوشلۇقى كىمنىڭ قولىدا قورال بولسا، شۇلار تەرىپىدىن تولدۇرۇلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
«ئەرەب باھارى»نىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بەزىلەر تەرىپىدىن «ئەرەب قىشى» دەپمۇ ئاتالماقتا. بۇ قاراش نەزەردىن ساقىت قىلغان نۇقتا شۇدۇر: ئەرەب باھارىغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ھەرىكەت ۋە داۋالغۇشلار تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئەمەس. دەسلەپتە ھەر قانداق بىر سىياسىي پىروگراممىدىن مەھرۇم بولسىمۇ بەزى يوللۇق ئىجتىمائىي تەلەپلەر بار. بۇلار كۈچلۈك تەلەپلەردۇر. بۇ تەلەپلەر ئورۇندالمىغان تەقدىردە، داۋاملىق ئىجتىمائىىي ھەرىكەتلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا «ئەرەب باھارى» دېگەن بۇ ئىجتىمائىي داۋالغۇش ھادىسىسى ئۆتكۈنچى ھادىسە بولۇشتىن بەكرەك سىجىللىققا ئىگە جەرياندۇر، دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.
مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى