ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە ھەققىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلەر
ياقۇپ بەگ زامانىدا ئۇيغۇر دېيارىدا ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلئەزىزخان نامىغا خۇتبە ئوقۇلغان. ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق كىتابىنى ئوسمانلى خەلىپىسى ئابدۇلھەمىدخانغا ئارمىغان قىلغان.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ تۇپراقلىرىغا سەپەر قىلغان قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى تارىختىن بېرى ئاساسەن ئەدەبىي يوللار بىلەن يېڭىلىنىپ تەرىقەتچىلەر، ھاجىلار ۋە سودا كارۋانلىرىنىڭ ھىكايىلىرى بىلەن بېيىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىكى «غېرىپ سەنەم» داستانىدا دىيارباكىر شەھىرىنىڭ زىكىر قىلىنىشى بۇنىڭغا بىر مېسال بولۇپ ياڭراپ تۇرۇپتۇ. ياقۇپ بەگ زامانىدا دىيارىمىزدا ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلئەزىزخان نامىغا خۇتبە ئوقۇلغان. مۆھتەرەم تارىخچىمىز موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ غېرىپخانىسىدا مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ يېزىپ چىققان تارىخ كىتابىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مەھكۇم ۋەتىنىدىن تولىمۇ ئۇزاقتىكى تۈرك خەلىپىسى ئابدۇلھەمىدخانغا ئارمىغان قىلىپ «تارىخىي ھەمىدى» دەپ ئاتىغان. ئەپسۇسكى بۇ كىتابنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدىكى نەشىرى بۈگۈنگىچە يورۇق كۆرمەپتۇ. بۇ كىتاب ئەينى دەۋردە ئابدۇلھەمىدخاننىڭ قولىغا يەتمىگىنى ئازدەك، ئۇنىڭ بۈگۈنكى نەۋرىلىرىنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتمەپتۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئېرىشكەن ئانادولۇ تۈركلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتى 1883- يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان «تەرجىمان» ناملىق گېزىتكە تۇتىشىدۇ. جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ئىسمائىل غاسپىرالى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ گېزىت 35 يىل چىقىرىلىپ ئۇيغۇرلارغا ئۆزى ۋە تۈرك باغىرلىرى ھەققىدە ئەمەلىي مەلۇمات بەرگەن. مۇشۇ مەلۇماتلار تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلاردا زامانىۋى مائارىپنىڭ ئۇلى سېلىنغان. جەدىتچە (يېڭىچە) ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى قاناتلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش دائىرىسى كېڭەيگەن. مۇشۇنداق ئاخباراتلار نەتىجىسدە تۈرك توپراقلىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىش يولىدىكى «ئازادلىق ‹قۇتۇلۇش› ئۇرۇشى» غا ئۇيغۇرلار تارىم ۋادىسىدىن كېلىپ جانلىرىنى ئاتىغان. شۇ قېتىم قاتنىشالمىغانلىرى يىللارچە شېھىدلەرنى ياد ئېتىپ چاناققەلئە زىيارىتىگە بېرىشنى پەرز ھەجنى ئادا قىلغاندىن كېيىنكى بۇرچ بىلىپ، ئادا قىلىپ كەلگەن.
ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن باشقا، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزغا زامانىۋى مائارىپنى ئېلىپ كەلگەن ئەھمەد كامال ۋە دىيارىمىزدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا بارغان زىيالىيلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ تۈركلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بېيىتقان. ئەھمەد كامالنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىستانبۇلدا ئوقۇپ مىللەتنى ئاقارتىش يولىدا جان بەرگەن مەمتىلى ئەپەندىمۇ تۈركلۈك سۆيگۈسىنىڭ پەرۋىشكارلىرىدىن بولغانىدى.
20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ئەللىك يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جاھان يېڭىلىقلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بۇرۇنقى دەۋردىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تايىنىپ داۋام قىلدى. ئۇيغۇرلارغا يېڭى دۇنيا ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىككى مەنبەلىك بولۇپ بىرى جەدىتچىلىك تەشەببۇسچىلىرى چىقارغان «ۋاقىت»، «شۇرا» قاتارلىق گېزىتلەر ۋە قەشقەردىكى «ئاڭ»، ئۈرۈمچىدىكى «ئەرك» قاتارلىق زامانىۋى مەنىدىكى مەتبۇئاتلاردۇر. يەنە بىرى ماركىسىزم تەرغىباتچىلىرىنىڭ «شەرق ھەقىقىتى»، «قازاق ئېلى» قاتارلىق نەشىر ئەپكارلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» بولۇپ، تۈرلۈك ناملاردا غۇلجىدا بېسىلغان گېزىتلەردۇر. جەدىتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر چۈشەنچە دۇنياسىدىكى تەسىرى دىيارىمىزدا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تىكلەنگەندىن كېيىن ئەمەلىي كۈچ سۈپىتىدە ئاياقلاشقان. رۇسچىلاشقان ماركىسىزم تەرغىباتىنىڭ تەسىرى بولسا، تېخىمۇ ئومۇملاشقان. مەسىلەن، بۈگۈنكى ئۇيغۇرچىدا ۋېنگىرىيە، گىرېتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ناملىرى رۇسچە تەلەپپۇزى بويىچە ئۆزلەشكەن بولۇپ، تۈركچىدىكى ماجارىستان، يۇنانىستان ۋە ھوللاندا دېگەن بويىچە قوبۇللانمىغان. تۇنجى تۈركۈمدىكى چەت ئەلدە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە سوۋېت مەنبەلىك بولۇشىمۇ ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە تەسىرىنىڭ تەڭلا مەۋجۇدلىقىنى دەلىللەيدۇ. تەبىئىكى، سوتسيالىستىك ئۆزگەرتىشتىن كېيىن تۈركىيە تەسىرى ئىمكانسىزلاشقان.
2000 – يىللارغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى كوممۇنىستىك مەتبۇئاتنىڭ تەشۋىقاتىدىن، مائارىپتىن ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئوزۇقلىنىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارغا ئەسەرلىرى ئەڭ بۇرۇن يېتىپ كەلگەن نازىم ھېكمەت شىددەتلىك كوممۇنىستىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك پۇقرالىقتىن چىقىرىۋېتىلگەن. شۇڭا ئەزىز نەسىن، ساباھەتتىن ئەلى، نازىم ھېكمەت قاتارلىقلارنىڭ كوممۇنىستىك پىكىردىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىغا خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
ئەلۋەتتە، تۈركىيە رېئاللىقىنىڭ ئەدەبىي قاتلىرى سىياسىي مەۋقەلەردىن مۇستەسنا شەكىلدە ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىگە سۇنۇلمايمۇ قالمىغان. مەسىلەن، كەرىمە نادىر، رەشات نۇرى گۈنتەكىن، ياشار كامال قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن سۆيۈلگەن مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم تۈركلۈك مۇھەببىتى چوڭقۇر قەدىردانلىرىمىزدىن ئىدى. 1993-يىللىرى بولسا كېرەك، بېيجىڭدا ئېچىلغا بىر يىغىندا، تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم بىلەن باشقا بىر ئۇستاز ئوتتۇرىسىدا «ئۇيغۇر تىلى ئورتاق تۇركچىنىڭ بىر پارچىسىمۇ، ئەمەسمۇ؟» دېگەن مەزمۇندا مۇنازىرە بولغانىدى. تۇرسۇنئاي خانىم ئاشۇ مۇنازىرەدە، تۈركلەرنىڭ ئورتاق تىلغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئورتاقلىقنى كۈچلەندۈرۈش ۋە داۋام قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا تارىخى دەرسلىكىدە ئۆتۈلىدىغان «ئوسمانلى خەلىپىلىكى»، «مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بېيىتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتايدا يىللاردىن بېرى كۈندە يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىپ كېلىۋاتقان مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر پىروگراممىسىدىكى تۈركىيەگە ئائىت مەزمۇنلار ۋە باشقا گېزىت ژۇرناللاردىكى ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن يۈرگۈزۈلگەن تەشۋىقاتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ بېيىشىغا خۇرۇچ بولغان. خۇلاسىلىگەندە، تاكى 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرلاردىكى تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچە دېگىنىمىزدە ئاساسەن زىيالىيلار قاتلىمىدىكى چۈشەنچىنى كۆزدە تۇتىمىز.
2000 – يىللاردىن كېيىنكى تۈركىيە قىزغىنلىقى ئۇيغۇر تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاممىۋى ھاياجان بولۇپ، تەسىرى چوڭقۇر، دائىرىسى كەڭ ۋە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ئېقىم ھېسابلىنىدۇ.